تەشەھھۇدتىكى كۆرسەتكۈچ بارماق ئىشارىتىنىڭ شەكلى

تەشەھھۇدتىكى كۆرسەتكۈچ بارماق ئىشارىتىنىڭ شەكلى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئىشارەت قىلىشنىڭ ئەڭ توغرا شەكلىنى بايان قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز. بۇنىڭدا تۆۋەندىكى شەكىللەردىن قايسىسى ئەڭ ئەۋزەل.

1. تەشەھھۇدتىكى «ئاللاھتىن باشقا ھەق ئىلاھ يوقتۇر» دېگەن يەرگە كەلگەندە باش بارماقنى چىقىرىپ، ئارقىدىنلا چۈشۈرۈۋېلىش.

2. تەشەھھۇدتا ئىشارەت قىلىپ، دۇرۇت، دۇئالارغا كەلگەندە چۈشۈرۈۋېلىش.

3. تەشەھھۇدتا، دۇرۇت، دۇئالاردا باشتىن – ئاخىر تاكى سالام بەرگىچە ئىشارەت قىلىپ تۇرۇش.

4. چىقىرىش بىلەن تەڭ مىدىرلىتىش.

5. ياكى يۇقىرىقىلاردىن باشقا، ئىشارەت قىلماي قولنى يوتىنىڭ ئۈستىدە قويۇپلا ئولتۇرۇش.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

نامازدا تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا بارماق بىلەن ئىشارەت قىلىشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكىدە، ئىشارەتنىڭ كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن بولىدىغانلىقىدا تۆت مەزھەپ ئىماملىرى بىردەك ئىتتىپاق. بۇ ئىشارەت ئىككى رەكەتتىن كېيىنكى تەشەھھۇدتىمۇ، تۆت رەكەتتىن كېيىنكى ئاخىرقى تەشەھھۇدتىمۇ بولىدۇ.

لېكىن، ھەدىسلەردە بىرقانچە خىل ئىشارەت قىلىش ئۇسۇلى رىۋايەت قىلىنغان بولغاچقا، ئالىملار قايسى توغرا ياكى قايسى ئەۋزەل دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپلاشقان.

ھەنەفىي مەزھەپ ئىماملىرىدىن كەلگەن توغرا قاراشتا تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا ئالىقاننى يوتىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، كۆرسەتكۈچ بارماقتىن باشقا بارماقلارنى يىغىۋالىدۇ. ئىمام مۇھەممەد مۇنداق دېگەن: «چىمچىلاق بىلەن نامسىز بارماقنى تۈگۈپ، ئوتتۇرا بارماق بىلەن باش بارماقنى چەمبەر شەكلىدە قىلىدۇ، كۆرسەتكۈچ بارماقنى كۆتۈرۈپ ئىشارەت قىلىدۇ». بۇ قاراش ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭمۇ، ئىمام ئەبۇ يۈسۈفنىڭمۇ قارىشىدۇر. يەنە ھەنەفىي مەزھەپتىكى كېيىنكى بەزى ئالىملار: ئىشارەت قىلمايدۇ، دەپ قارىغان بولۇپ، بۇ ئەقلىي ۋە نەقلى دەلىللەرگە خىلاپتۇر. يەنە بەزى ھەنەفىي مەزھەپ ئالىملىرى: «لا ئىلاھە» دېگەن چاغدا بارماقنى كۆتۈرۈپ، «ئىللەللاھ» دېگەندە چۈشۈرىدۇ، دەپ قارىغان.(^1])

مالىكىي مەزھەپ قارىشىدا، ئوتتۇرا بارماقتىن تارتىپ چمچىلاق بارماققا قەدەر ئۈچ بارماقنى تۈگۈپ، كۆرسەتكۈچ بارماقنى كۆتۈرىدۇ، باش بارماقنى ئوتتۇرا بارماق تەرەپكە ياتقۇزىدۇ، كۆرسەتكۈچ بارماقنى مىدىرلىتىش ياكى مىدىرلاتماسلىقتا ئىختىلاپ بار. كۈچلۈك قاراشتا ئاستى – ئۈستىگە ئەمەس، ئوڭ – سول تەرەپكە تەشەھھۇدنى ئوقۇپ بولغىچە مىدىرلىتىدۇ. دۇئا باشلىغاندا چۈشۈرىدۇ.(2)

شافىئىي مەزھەپتىكى مەشھۇر قاراشتا ھەممە بارماقلىرىنى تۈگۈپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلىدۇ. باش بارمىقىنى يا كۆرسەتكۈچ بارمىقىنىڭ ئاستىغا تېرەيدۇ ياكى ئوتتۇرا بارمىقىنىڭ يېنىغا تەگكۈزۈپ تۇرىدۇ. يەنە بىر قاراشتا: ئوتتۇرا بارماقتىن تارتىپ چىمچىلاق بارماققا قەدەر ئۈچ بارماقنى تۈگۈپ، كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن باش بارماقنى تۈگمەي قويىدۇ. ئۈچىنچى قاراشتا چىمچىلاق بىلەن نامسىز بارماقنى تۈگۈپ، ئوتتۇرا بارماق بىلەن باش بارماقنى چەمبەر شەكلىدە قىلىدۇ، كۆرسەتكۈچ بارماقنى كۆتۈرۈپ ئىشارەت قىلىدۇ. بۇ ئۈچ قاراشنىڭ ھەممىسىدە كۆرسەتكۈچ بارماقنى «لا ئىلاھە» دېگەندە كۆتۈرۈپ «ئىللەللاھ» دېگەندە چۈشۈرىدۇ. بارماقنى مىدىرلىتىش ياكى مىدىرلاتماسلىقتا قاراش ئوخشاش ئەمەس.(3)

ھەنبەلىي مەزھەپتە: چىمچىلاق بىلەن نامسىز بارماقنى تۈگۈپ، ئوتتۇرا بارماق بىلەن باش بارماقنى چەمبەر شەكلىدە قىلىدۇ، كۆرسەتكۈچ بارماقنى كۆتۈرۈپ ئىشارەت قىلىدۇ. كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى ھەر قېتىم ئاللاھنى زىكىر قىلغاندا كۆتۈرۈپ ئىشارەت قىلىدۇ. ئۇنى ئۇيان – بۇيان ياكى ئېگىز – پەس مىدىرلىتىپ يۈرمەيدۇ. يەنە ئىمام ئەھمەدتىن باشقا قاراشلارمۇ كەلگەن.(4)

نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا كۆزقاراش ئوخشاشماسلىقى كېلىپ چىققان دېگەندە ھەدىسلەردە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش – ئىزلىرىدىن ئىسپاتلانغىنى كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئىشارەت قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا تەپسىلاتلاردا ھەدىسلەر ئوخشاش ئەمەس، بەزى ھەدىسلەرنى سەھىھ دەپ باھالاشتىمۇ ئالىملارنىڭ قارىشى ئوخشاش ئەمەس.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بىلەن ئىككى شاگىرتى تۇتقان: چىمچىلاق بىلەن نامسىز بارماقنى تۈگۈپ، ئوتتۇرا بارماق بىلەن باش بارماقنى چەمبەر شەكلىدە قىلىدۇ، كۆرسەتكۈچ بارماقنى كۆتۈرۈپ ئىشارەت قىلىدۇ. دېگەن قاراش ھەدىسكە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

ئەمما، ھەنەفىي مەزھەپتىكى كېيىنكى بەزى ئالىملارنىڭ: ئىشارەت قىلمايدۇ، ياكى: «لا ئىلاھە» دېگەن چاغدا بارماقنى كۆتۈرۈپ، «ئىللەللاھ» دېگەندە چۈشۈرىدۇ، دېگەن قارىشىمۇ ھەدىسكە ماس كەلمەيدۇ.

مالىكىي مەزھەپ قارىشىدىكى مىدىرلىتىش ھەققىدە كەلگەن بىرلا ھەدىس بولۇپ، بۇ ھەدىسنى بەزى ئالىملار «ئاجىز» دېسە، يەنە بەزىلەر «سەھىھ»، دەپ قارىغان. سەھىھ دېگەن قاراشنى ئالسا مىدىرلاتسا بولىدۇ. ئاجىز دېگەن قاراش بويىچە ئىش قىلسا مىدىرلاتمايدۇ.

شافىئىي مەزھەپنىڭ: كۆرسەتكۈچ بارماقنى «لا ئىلاھە» دېگەندە كۆتۈرۈپ «ئىللەللاھ» دېگەندە چۈشۈرىدۇ، دېگەن قارىشىغىمۇ سەھىھ ھەدىستىن دەلىل يوق.

ھەنبەلىي مەزھەپنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى ھەر قېتىم ئاللاھنى زىكىر قىلغاندا كۆتۈرۈپ ئىشارەت قىلىدۇ، دېگەن قارىشىغا سەھىھ ھەدىستىن دەلىل يوق.

سەھىھ ھەدىسلەردە كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلىش كەلگەن. مەسىلەن، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلغان» دەپ رىۋايەت قىلغان.(5)

يەنە بىر رىۋايەتتە: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلىپ، باش بارمىقىنى ئوتتۇرا بارمىقىغا قويغان» دەپ رىۋايەت قىلغان.(6)

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتىدە: «باش بارمىقىدىن كېيىنكى بارمىقىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئىشارەت قىلغان» دەپ كەلگەن.(7)

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئەللىك ئۈچ شەكلىدە تۈگۈپ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلغان» دەپ كەلگەن.(8)

ئەللىك ئۈچ شەكلى: چىمچىلاق بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى ئىككى بارماقنى تۈگۈپ، كۆرسەتكۈچ بارماقنى كۆتۈرۈپ، باش بارماقنى كۆرسەتكۈچ بارماقنىڭ تېگىگە تەگكۈزىدۇ.(9)

يەنە بىر رىۋايەتتە: بارماقلىرىنىڭ ھەممىنى تۈگۈپ باش بارمىقىدىن كېيىنكى بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلغان، دەپ كەلگەن.(10)

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ شاگىرتى ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئىمام مالىكتىن «ئەلمۇۋەتتا» كىتابىنى رىۋايەت قىلىپ يۇقىرىقى ھەدىسنى رىۋايەت قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: «بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىلغىنىنى تۇتىمىز. بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ قارىشىدۇر».(11)

ۋائىل ئىبنى ھۇجر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قىلغان رىۋايەتتە: ئىككى (چىمچىلاق بىلەن نامسىز) بارماقنى تۈگۈپ، (ئوتتۇرا بارماق بىلەن باش بارماقنى) ھالقا قىلىپ، كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئىشارەت قىلغان.(12)

مانا مۇشۇ ھەدىسلەردە كەلگەن بويىچە كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى كۆتۈرۈپ، باشقا بارماقلىرىنى يۇقىرىقىدەك تۇتسا، باشقا بارماقلىرىنى يىغىپ تۇتۇش ياكى ھالقا قىلىش ياكى ئەللىك ئۈچ شەكلىدە تۇتۇشنىڭ قايسىبىرىنى قىلسا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاشۇنداق ھەر خىل شەكىلدە قىلغان بولغاچقا، سەھىھ ھەدىسكە ئۇيغۇن، توغرا ۋە ئەۋزەل بولۇۋېرىدۇ.

يەنە ئىمام نەۋەۋى دەيدۇ: «ئىشارەت قىلغان بارمىقىدىن باشقا يەرگە قارىماسلىق سۈننەت بولۇپ، بۇ ھەقتە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان «سەھىھ» ھەدىس بار».(13)

ئىمام ئەھمەدمۇ شۇنداق ھەدىس رىۋايەت قىلغان بولۇپ، بۇنى شەيخ ئالبانى «ھەسەن» دەپ باھالىغان.(14)

ئەمما، ئىشارەتنى سالام بەرگىچە داۋاملاشتۇرامدۇ ياكى تەشەھھۇدتىن كېيىن توختىتامدۇ؟ بارماق ئۇچىنى قىبلىگە قارىتامدۇ ياكى سەل ئوڭ ياكى سولغا ئۇدۇللامدۇ؟ بارمىقىنى تىك تۇتامدۇ ياكى سەل ئېگىپ تۇتامدۇ؟ مىدىرلاتسا ئوڭ ياكى سولغا مىدىرلىتامدۇ ياكى ئاستى – ئۈستىگىمۇ؟ تېز مىدىرلىتامدۇ ياكى ئاستىمۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېھتىماللىق، ھەممىسى سۈكۈت قىلىنغان ئەھۋاللار. شۇڭا، شەرىئەت تەپسىلىي بايان قىلماي سۈكۈت قىلغان بۇنداق ئىشلارنى بەك تۈجۈپىلەپ كەتمەي، ئازادە قويۇپ بېرىش لازىم.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
2011. 6.6

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 56 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. «فتح القدير»، 1/313.
2. «القوانين الفقهية»، 1/46 «حاشية الدسوقي»، 1/251.
3. «المجموع»، 2/416 – 417.
4. «المغني»، 1/314.
5. «مۇسلىم»، 579 – ھەدىس.
6. «مۇسلىم»، 579 – ھەدىس.
7. «مۇسلىم»، 580 – ھەدىس.
8. «مۇسلىم»، 580 – ھەدىس.
9. بۇ ئەرەبلەر ھېسابلاشتا ئىشلىتىپ كەلگەن بىر ئۇسۇل بولۇپ، باش بارماقنى كۆرسەتكۈچ بارماقنىڭ تېگىگە تەگكۈزۈپ ئەللىكنى، باشقا ئۈچ بارماقنى تۈگۈش ئارقىلىق ئۈچنى ئىپادىلەيدۇ. «تحفة الأحوذي» 2/158. «عون المعبود» 3/167.
10. «مۇسلىم»، 580 – ھەدىس.
11. «موطأ»، 144 – ھەدىس.
12. «ئەبى داۋۇد»، 726 – ھەدىس؛ «نەسائى»، 1188 – ھەدىس. ئالبانى «سەھىھ» دېگەن.
13. «شرح صحيح مسلم»، 5/82.
14. «مسند أحمد»، 6000 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ