تەراۋىھ نامىزى قانچە رەكەت ئوقۇلىدۇ؟

تەراۋىھ نامىزى قانچە رەكەت ئوقۇلىدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، تەراۋىھ نامىزى قانچە رەكئەت ئوقۇلىدۇ؟ بەزىلەر 8 رەكئەت، بەزىلەر 20 رەكئەت ئوقۇيمىز دەيدىكەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلدىكى: «ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﺪﯨﻦ ﻛﯧﭽﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺳﻮﺭﯨﯟﯨﺪﻯ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ئەلەيھىسسالام: ‹ﻛﯧﭽﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺗﺘﯩﻦ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﺎﻣﺪﺍﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﺴﺎڭلار، ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ ﺋﻮﻗﯘڭلار، ﺋﯘ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯﻟﯩﺮىڭلارنى ﺗﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ› ﺩﯦﺪﻯ».(1)

قاسىم ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، نەبىي ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ: «ﻛﯧﭽﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺗﺘﯩﻦ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ، ﺑﯩﺮ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻦ، ﺋﯘ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯﻟﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺗﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ» ﺩﯦﮕﻪﻥ. ﻗﺎﺳﯩﻢ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: «ﺑﯩﺰ ﺋﻪﻗﻠﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ بېرى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ۋىتىرنى ﺋﯜﭺ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ. ۋىتىرنى ﺑﯩﺮ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ ﺋﻮﻗﯘﺳﯩﻤﯘ، ﺋﯜﭺ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ ﺋﻮﻗﯘﺳﯩﻤﯘ ﮪﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﺪﻩ ﻛﻪﯕﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﺭ، ﻣﻪنچە ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻨﯩﻼ ﻗﯩﻠﺴﺎ ھېچقىسى يوق».(2)

ھافىز ئىراقىي رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «ئىككى رەكئەتتىن، ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇلىدۇ» دېگەن سۆزىنى مۇنداق ئىزاھلىغان: «بۇنىڭدىن مەقسەت قىلىنغىنى: ساننى بېكىتمەستىن ھەر ئىككى رەكئەتتە بىر سالام بېرىشتۇر. شۇڭا، بۇنىڭ ئارقىدىن: ‹تاڭ ئېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىسەڭ› دېگەن. دېمەك، بۇ سان بەلگىلىۋالماي ئوقۇيالىغىنىچە ھەر ئىككى رەكئەتتە بىر سالام بېرىپ ئوقۇيدۇ دېگەنلىك. پەقەتلا تاڭ ئېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەندىلا كېچىلىك نامازنىڭ ۋاقتى تارىيىپ ئاخىرقى تۈگەنچى رەكئەتنى ئوقۇۋېلىشى مۇئەييەنلىشىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ۋىتىردۇر. مانا بۇ بارلىق ئالىملار چۈشەنگەن مەزمۇندۇر».(3)

شەيخ ئۇسەيمىن ئېيتىدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا مەلۇم سان بېكىتىپ بەرمىگەن. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئەھۋالى سان بەلگىلەشنى تەقەززا قىلاتتى. چۈنكى، سورىغۇچى كېچىلىك نامازنىڭ سانىنىمۇ، سۈپىتىنىمۇ بىلمەيتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۈپىتىنى بەلگىلەپ، سان توغرىسىدا گەپ قىلمىغاندىن كېيىن ساندا كەڭچىلىك بارلىقى مەلۇم بولدى».(4)

يۇقىرىقى ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما قاتارلىق ساھابەلەرمۇ ئەنە شۇنداق چۈشەنگەن. بىر كىشى ئۇنىڭدىن ۋىتىر توغرىسىدا سورىغىنىدا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «مەن خۇپتەن ئوقۇپ بولغىنىمدىن كېيىن ئىككى رەكئەتتىن، ئىككى رەكئەتتىن خاھلىغانچە ناماز ئوقۇيمەن. ئۇخلىماقچى بولغىنىمدا بىر رەكئەت ئوقۇسام، ئوقۇغانلىرىمنى تاق قىلىپ بېرىدۇ. كېچىسى قوپۇپ ناماز ئوقۇماقچى بولسام بۇرۇن ئوقۇغان ۋىتىر نامىزىمنى بىر رەكئەت ئوقۇپ جۈپلىۋېتىپ ئاندىن ئىككى رەكئەتتىن ئىككى رەكئەتتىن خاھلىغانچە ناماز ئوقۇيمەن. توختىماقچى بولغىنىمدا بىر رەكئەت ئوقۇسام، ئوقۇغانلىرىمنى تاق قىلىپ بېرىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازنىڭ ئاخىرىنى تاق قىلىشقا بۇيرۇغان». بۇنى ئاڭلىغان بىرسى ئۇنىڭدىن: ئېيتىپ بەرسىلىچۇ، ئۇخلاشتىن ئاۋۋال ۋىتىر ئوقۇۋالغان بولسام، كېيىن كېچىسى ئويغىنىپ تاڭ ئاتقىچە ۋىترىمنى جۈپلەپ ئوقۇۋەتسەم قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ: «ھېچ گەپ بولمايدۇ. بەك ياخشى بولىدۇ» دېدى. سەئىد ئىبنۇلھارىس ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇشۇ ھەقتە سورىغىنىدا ئۇ جاۋابەن: «تاڭ ئېتىپ قېلىشتىن ياكى ئۇخلاپ قېلىشتىن ئەنسىرىمىسەڭ، جۈپلىۋېتىپ خاھلىغانچە ناماز ئوقۇپ، ئاندىن ۋىتىر ئوقۇغىن. بولمىسا، بۇرۇن ئوقۇغان ۋىترىڭنى ھېساب قىلىپ ئۈستىگە جۈپ ئوقۇغىن» دېگەن.(5)

ئۇرۋە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «ﻣﻪﻥ نەبىي ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ تۆشىكىدە ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﻐﺎ ياتقىنىمدا، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﻣﻪﻥ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺘﺘﻰ. ۋىتىر ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﺎﺗﺘﻰ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ۋىتىر ﺋﻮﻗﯘﻳﺘﺘﯩﻢ» دېگەن.(6)

ئەمر ئىبنى ئەبەسە سۇلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:

— ئى رەسۇلۇللاھ! كېچىنىڭ قايسى ۋاقتىدىكى ئىبادەت بەك مەقبۇل بولىدۇ؟ ـ دەپ سورىسام، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— كېچىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدىكى. شۇڭا، سەن بۇ ۋاقىتتا ئوقۇيالىغىنىڭچە ناماز ئوقۇغىن! چۈنكى، بۇ نامازغا مالائىكىلەر ھازىر بولىدۇ ۋە دەپتەرگە يازىدۇ، كېچىنىڭ ئاخىرىنى بامداتقا ئۇلاپ، تاڭ ئاتقاندىن كېيىن بامدات نامىزىنى ئوقۇغىن.(7)

يەنە بىر رىۋايەتتە راۋىي مۇنداق دەيدۇ:

— ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ تائالاغا بەكرەك يېقىن بولغىلى بولىدىغان مۇئەييەن بىرەر ۋاقىت بارمۇ؟ ـ دەپ سورىسام، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئاللاھ تائالا بەندىگە ئەڭ يېقىن بولىدىغان ۋاقىت كېچىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدۇر. ئەگەر قادىر بولالىساڭ، شۇ سائەتتە ئاللاھ تائالانى زىكرى قىلىدىغانلاردىن بولغىن، چۈنكى كېچىدىكى نامازغا مالائىكىلەر ھازىر بولىدۇ، ـ دېدى.(8)

بۇ سەھىھ ھەدىسلەردە كېچىدىكى نامازنىڭ رەكئەت سانىغا ئاخىرقى چەك قويمىغان بولۇپ، قانچە رەكئەت ئوقۇشنى كىشىنىڭ ئىختىيارىغا قويغان. بۇ ئىنتايىن ئېنىق. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىنى ئەڭ توغرا چۈشەنگەن ساھابە ۋە تابىئىنلاردىن تەركىب تاپقان سەلەفلىرىمىز شۇنداقلا مەشھۇر ئىماملار شۇنداق ئازادە چۈشەنگەن ۋە تەراۋىھ تامىزىنى ۋىتىر بىلەن قوشۇپ قانچە رەكئەت ئوقۇشتا ئوخشاش قاراشتا بولمىغان. بەزىلەر 41 رەكئەت، بەزىلەر 39 رەكئەت، بەزىلەر 23 رەكئەت، بەزىلەر 13 رەكئەت، يەنە بەزىلەر 11 رەكئەت ئوقۇلىدۇ، دەپ قارىغان. مانا بۇ سەلەفلىرىمىزنىڭ چۈشەنچىسى.

ئىمام تىرمىزىي ئېيتىدۇ: «ئەھلى ئىلىملەر رامازان كېچىسى ئوقۇلىدىغان نامازنىڭ سانىدا ئىختىلاپلاشقان. بەزىلىرى ‹ۋىتىر بىلەن قىرىق بىر رەكئەت ئوقۇيمىز› دېگەن. بۇ مەدىنە ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشى بولۇپ، مەدىنەدە ئۇلار مۇشۇ بويىچە ئەمەل قىلىدۇ. ئەھلى ئىلىملەرنىڭ كۆپچىلىكى ئۆمەر، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن ۋە ئۇلاردىن باشقا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىدىن رىۋايەت قىلىنغان يىگىرمە رەكئەت دېگەن قاراشنى تۇتقاندۇر. بۇ سۇفيان سەۋرىي، ئىبنى مۇبارەك ۋە شافىئىيلارنىڭمۇ قارىشىدۇر. شافىئىي: ‹مەن چوڭ بولسام يۇرتىمىز مەككەدە كىشىلەرنىڭ يىگىرمە رەكئەت ئوقۇغانلىقىنى كۆرگەن› دېگەن. ئەھمەد: ‹بۇ ھەقتە تۈرلۈك سان رىۋايەت قىلىنغان. لېكىن، بىر سان بېكىتىلمىگەن› دېگەن. ئىسھاق: ‹ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغىنى بويىچە قىرىق بىر رەكئەت ئوقۇشنى تاللايمىز› دېگەن».(9)

ئالدى بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قانچە رەكئەت ئوقۇغانلىقىغا قاراپ باقايلى:

ئابدۇراھمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئەبۇ سەلەمە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ رامازاندىكى تەھەججۇد نامىزى قانداقتى؟» دەپ سورىغاندا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىدىن خەۋەر بەرگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامازاندا بولسۇن، باشقا چاغلاردا بولسۇن، ئون بىر رەكئەتتىن زىيادە ئوقۇمايتتى، ئالدى بىلەن تۆت رەكئەت ئوقۇيتتى، سەن ئۇ نامازنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە ئۇزۇنلۇقىنى سورىمايلا قوي، ئاندىن يەنە تۆت رەكئەت ئوقۇيتتى، بۇ نامازنىڭمۇ مۇكەممەللىكى ۋە ئۇزۇنلۇقىنى سورىمايلا قوي، ئاندىن (بىر ئاز ئۇخلىۋېتىپ) ئۈچ رەكئەت ۋىتىر ئوقۇيتتى. (بىر قېتىم) مەن:

— ئى رەسۇلۇللاھ! ۋىتر ئوقۇشتىن ئىلگىرى ئۇخلاملا؟ — دېسەم:

— ئى ئائىشە! مېنىڭ كۆزۈم يۇمۇلغان بىلەن، قەلبىم ئۇخلىمايدۇ، — دېگەنىدى».(10)

ئىمام بۇخارىي «سەھىھ»ىدە «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەھەججۇدىنىڭ قانداقلىقى ۋە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كېچىدە نەچچە رەكئەت ئوقۇيدىغانلىقى» دېگەن بابتا مۇنداق رىۋايەت قىلغان:

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كېچىدىكى نامىزى ئون ئۈچ رەكئەت ئىدى».(11)

مەسرۇق رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەھەججۇد نامىزى توغرۇلۇق سورسام، ئۇ زات: ‹بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىدىن باشقا يەتتە، توققۇز ۋە ئون بىر رەكئەت ئوقۇيتتى› دېدى».(12)

قاسىم ئىبنى مۇھەممەد رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېچىدە ئون ئۈچ رەكئەت ئوقۇيتتى. بۇنىڭ ئىچىدە بىر رەكئەت ۋىتر بىلەن بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىمۇ بار ئىدى» دېگەن.(13)

ئىمام بۇخارىي يەنە مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ:

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى: «ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﻣﻪﻥ ﮪﺎﻣﻤﺎﻡ ﻣﻪﻳﻤﯘﻧﻪﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﻗﻮﻧﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ، پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ئەلەيھى ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪم ﻛﯧﭽﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮقىسىمىدا ئۇخلىغاندىن كېيىن، يېرىم كېچە بولاي دېگەندە (ياكى ئۇنىڭدىن بالدۇرراق ياكى كېيىنرەك) ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯧﺴﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﻮﻧﺎ تۇﻟﯘﻣﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘﺩا ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ ﺗﺎﮪﺎﺭﻩﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ — ئەمر بۇ تاھارەتنى يەڭگىللىتىپ ۋە ئازلىتىپ (ھەر ئەزانى بىر قېتىمدىنلا يۇغاندەكلا يەڭگىل) سۈپەتلىدى — ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﺗﯘﺭﺩﻯ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼھتەﻙ ﺗﺎﮪﺎﺭﻩﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺳﻮﻝ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﺩﯗﻡ — سۇفيان: بەلكى ‹سول يېنىدا تۇردۇم› دېگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن، دېدى — ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻮﯓ ﺗﻪﺭىپىگە يۆتكەپ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺋﯚﺯﻯ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻠﻪنگۈچە ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻳﺎﺗﺘﻰ ﯞﻩ ﻳﯧﻨﯩﻚ ﭘﯘﺷﯘﻟﺪﺍﭖ ﺋﯘﺧﻼﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﯘﺋﻪﺯﺯﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﯟﯨﺪﻯ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﻣﯘﺋﻪﺯﺯﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ تۇرۇپ، ﺗﺎﮪﺎﺭﻩﺕ ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻨﻼ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺩﻯ».(14)

ئۇرۋە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېچىدە ئون ئۈچ رەكئەت ئوقۇيتتى. ئاندىن بامداتنىڭ ئەزىنىنى ئاڭلىغاندا، يەڭگىل ئىككى رەكئەت ئوقۇيتتى» دېگەن.(15)

زەيد ئىبنى خالىد ئەلجۇھەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، «مەن بۇ كېچە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نامىزىغا قاراپ چىقىمەن» دەپ كۆزەتتىم. قارىسام يەڭگىل ئىككى رەكئەت ئوقۇدى. ئاندىن راسا ئۇزۇن ئىككى رەكئەت ئوقۇدى. ئاندىن ئىككى رەكئەت ئوقۇدى. بۇ ئىككى رەكئەت ئىلگىرىكى ئىككى رەكئەتتىن قىسقىراق. ئاندىن ئىككى رەكئەت ئوقۇدى. بۇ ئىككى رەكئەت ئىلگىرىكى ئىككى رەكئەتتىن قىسقىراق. ئاندىن ئىككى رەكئەت ئوقۇدى. بۇ ئىككى رەكئەت ئىلگىرىكى ئىككى رەكئەتتىن قىسقىراق. ئاندىن ئىككى رەكئەت ئوقۇدى. بۇ ئىككى رەكئەت ئىلگىرىكى ئىككى رەكئەتتىن قىسقىراق. ئاندىن تاق رەكئەت ئوقۇدى. ئاشۇلارنىڭ ھەممىسى ئون ئۇچ رەكئەت.(16)

يۇقىرىقىلاردىن مەلۇم بولىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېچىلىك نامازنى ئون بىر رەكئەتتىن ئاشۇرۇپ ئون ئۈچ رەكئەتمۇ ئوقۇغان. بۇ ھېچ قانداق ئېھتىماللىقى يوق ئېنىق ئىشتۇر.

ئەمدى ھەزرىتى ئۆمەر بىلەن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالارنىڭ زامانىدا قانچە رەكئەت ئوقۇلغانلىقىغا قاراپ باقايلى:

سائىب ئىبنى يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رامازاندا جامائەتنى ئۇبەي ئىبنى كەئب بىلەن تەمىم ئەددارىي ئىككىيلەننىڭ ئىماملىقىدا يىگىرمە بىر رەكئەت ئوقۇشقا توپلىغان. ئۇلار يۈز ئايەتتىن ئوقۇپ تاڭ ئاتاغا يېقىن قايتىشاتتى.(17)

بەزى رىۋايەتلەردە «يىگىرمە ئۈچ رەكئەت» دەپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ۋىتىرنىڭ ئاز – كۆپلۈكىگە باغلىق. بۇ رىۋايەتلەر سەھىھ ئىسناد بىلەن كەلگەندۇر.

يەنە بىر رىۋايەتتە سائىب ئىبنى يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زامانىدا جامائەت رامازاندا كېچىسى يىگىرمە رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى. ئۇلار قۇرئاندىن يۈز ئايەتلىك سۈرىلەرنى ئوقۇيتتى» دېگەن.(18)

يەنە بىر رىۋايەتتە ئۇ: «ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ زامانىدا جامائەت رامازاندا كېچىسى يىگىرمە رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى. ئۇلار يۈز ئايەتتىن ئوقۇيتتى. ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زامانىدا قىيامدا ئۇزۇن تۇرغانلىقتىن ھاسىلىرىغا تايىنىۋېلىشاتتى» دېگەن.(19)

يۇقىرىقى رىۋايەت يىگىرمە رەكئەت ئوقۇشنىڭ ھەزرىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زامانىدىمۇ داۋاملاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

يەنە بىر رىۋايەتتە سائىب ئىبنى يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زامانىدا كېچىسى يىگىرمە رەكئەت بىلەن ۋىتىر ئوقۇيتتۇق» دېگەن.(20)

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كىشىنى رامازاندا جامائەتكە ئىمام بولۇپ يىگىرمە رەكئەت ئوقۇشقا بۇيرۇغان. يەنە شۇتەير ئىبنى شەكەل ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن بولۇپ، ئۇ رامازاندا يىگىرمە رەكئەت بىلەن ۋىتىر ئوقۇغان.(21)

ئابدۇلئەزىز ئىبنى رۇفەي رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رامازاندا مەدىنەدە جامائەتكە ئىمام بولۇپ يىگىرمە رەكئەت ئوقۇپ، ئۈچ رەكئەت ۋىتىر ئوقۇيتتى.(22)

يەنە ئەبۇلخۇسەيب: «سۇۋەيد ئىبنى غەفەلە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىزگە رامازاندا ئىمام بولۇپ، تۆت رەكئەتتىن بەش قېتىم، جەمئىي يىگىرمە رەكئەت ئوقۇپ بېرەتتى» دېگەن.(23)

يەنە ساھابەلەردىن ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبى بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەئىد ئىبنى ئەبۇلھەسەن ۋە ئىمران ئەلئەبدىي قاتارلىق بىرقانچە تابىئىنلار بىلەن رامازاندا جامائەتكە يىگىرمە رەكئەت ئوقۇپ بېرىپ، كېيىنكى يېرىمىدا قۇنۇت ئوقۇغان. ئۇلار «قۇرئان»نى ئىككى قېتىم تامام قىلاتتى.(24)

يەنە ئەتاﺋ ئىبنى ئەبى راباھ بىلەن ھەسەن بەسرىي: «ئۇلار (ساھابەلەر) رامازاندا يىگىرمە رەكئەت ئوقۇپ، ۋىتىرنى ئۈچ رەكئەت ئوقۇيتتى» دېگەن.(25)

ئىبراھىم نەخەئىي: «كىشىلەر رامازاندا بەش قېتىم ئارام ئېلىپ ئوقۇيتتى. مەلۇمكى، ھەر تۆت رەكئەتتە بىر ئارام ئېلىنىدۇ. بۇنىڭدىكى جەمئىي سان يىگىرمە رەكئەت بولىدۇ.(26)

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ساھابەلەر تەراۋىھنى يىگىرمە رەكئەت ئوقۇغان. ئۇلار سۈننەتنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغانلار ئىدى. بۇ شۇ چاغدىكى ساھابە ۋە تابىئىنلار تەرىپىدىن تەراۋىھنى يىگىرمە رەكئەت ئوقۇسا بولىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن ئىجمائسىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يىگىرمە رەكئەت ئوقۇغانلىقىنىڭ ئىسپاتلانمىغانلىقى يىگىرمە رەكئەت ئوقۇسا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يىگىرمە رەكئەت ئوقۇشنى چەكلىمىگەن، ئەكسىچە، راشىد خەلىفەلىرىنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشكە بۇيرۇغان. ئۇنداق بولغان ئىكەن، يىگىرمە رەكئەت ئوقۇشمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى بىلەن يولغا قويۇلغان بولىدۇ.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە مەندىن كېيىنكى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىنغان راشىد خەلىفەلەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار، ئۇنى چىڭ تۇتۇڭلار، قولدىن بەرمەڭلار» دېگەن.(27)

تابىئىنلارمۇ ساھابە كىراملارغا ئەگىشىپ يىگىرمە رەكئەت ئوقۇغان بولۇپ، يىگىرمە رەكئەت ئوقۇغانلىقى ئىبنى ئەبى مۇلەيكە، ئەلھارىس ئەلھەمەدانىي، ئەبۇلبەختەرىي، سەئىد ئىبنى ئەبۇلھەسەن، ئىمران ئەلئەبدىي، ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبۇبەكرى، ئەلى ئىبنى رەبىئە ۋە سەئىد ئىبنى جۇبەير قاتارلىق تابىئىنلاردىن سەھىھ ھالەتتە كەلگەندۇر.(28)

ئىمام شافىئىي ھەزرەتلىرىمۇ: «مەن چوڭ بولۇپ يۇرتىمىز مەككەدە مۇشۇنداق يىگىرمە رەكئەت ئوقۇيدىغانلىقىنى كۆرگەنمەن» دېگەن.(29)

يەنە تابىئىنلاردىن ئابدۇراھمان ئىبنى ئەسۋەدنىڭ قىرىق رەكئەت ئوقۇپ يەتتە رەكئەت ۋىتىر ئوقۇغانلىقى، ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز بىلەن ئەبان ئىبنى ئوسمان دەۋرىدە مەدىنەدە كىشىلەرنىڭ ئوتتۇز ئالتە رەكئەت ئوقۇپ ئۈچ رەكئەت ۋىتىر ئوقۇغانلىقى كەلگەندۇر.(30)

بۇ سەلەفلىرىمىزنىڭ يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئوقۇسا جائىز دەپ قارايدىغانلىقىنى، بىدئەت دېمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭدا كەڭچىلىك بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ ھەدىسىمۇ قانچە كۆپ رەكئەت ئوقۇسا بولىدىغانلىقى كۆرسىتىدۇ: «‏كىمكى ﺭﺍﻣﺎﺯﺍﻥ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺋﻪﺟﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﺎﻟﻼﮪﺘﯩﻦ ﺳﺎﯞﺍﺏ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﮔﯘﻧﺎﮪﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ».(31)

ئەبۇ مىجلەز رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇسامە ئىبنى زەيد ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار: «كېچىنىڭ دەسلىپىدە ۋىتىر ئوقۇساڭ، كېيىن ناماز ئوقۇشقا تۇرساڭ خاھلىغانچە ناماز ئوقۇپ بولۇپ بىر رەكئەت بىلەن جۈپلىۋېتىپ ئاندىن ۋىتىر ئوقۇغىن» دېگەن.(32)

يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ساھابە كىراملار، تابىئىنلار ۋە مۇجتەھىد ئىماملار كېچىنىڭ نامىزىنى خاھلىغانچە كۆپ ئوقۇسا بولىدۇ دېيىشتە بىردەك ئىتتىپاق. بۇلارغا ئاساسەن ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، شافىئىي، ئەھمەد، سەۋرىي، داۋۇد قاتارلىق ئىماملىرىمىز ۋىتىردىن باشقا يىگىرمە رەكئەت ئوقۇشنى تاللىغان بولۇپ، ئىمام مالىكتىن كەلگەن بىر قاراشتىمۇ يىگىرمە، ئىبنۇلقاسىم رىۋايەت قىلغان يەنە بىر قاراشتا ئۈچ رەكئەت ۋىتىردىن باشقا ئوتتۇز ئالتە رەكئەت ئوقۇشنى تاللىغان.(33)

زەئفەرانىي ئىمام شافىئىينىڭ: «بۇنىڭدا تۆۋەن ياكى ئاخىرقى چەك يوق. چۈنكى، بۇ نەفلە. ئەگەر قىيامنى ئۇزۇن، رەكئەتنى ئاز قىلسا ياخشى، مەن شۇنى ياقتۇرىمەن. رۇكۇ – سەجدىلەرنى كۆپ قىلسا ھەم ياخشى» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان.(34)

ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئالىملار كېچىلىك نامازدا بەلگىلەنگەن سان ياكى چەك يوقلۇقىغا، ئۇنىڭ نەفلە ئىكەنلىكىگە ئىجماﺋ قىلغاندۇر. شۇڭا، خاھلىغانلار قىيامدا ئۇزۇن تۇرۇپ، رەكئەت سانىنى ئازايتىدۇ. خاھلىغانلار رۇكۇ – سەجدىلىرىنى كۆپەيتىدۇ» دېگەن.(35)

قازى ئىياز: «بۇنىڭدا كېمەيتىۋەتسە ياكى ئاشۇرۇۋەتسە بولمايدىغان بىر چەك يوق ئىكەنلىكىدە، كېچىنىڭ نامىزى قانچە كۆپ ئوقۇسا ئەجرى شۇنچە ئارتۇق بولىدىغان پەزىلەتلىك ئەمەللەردىن ئىكەنلىكىدە ئىختىلاپ يوقتۇر. ئىختىلاپ بولغىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىلغىنى ۋە ئۆزىگە تاللىغان ساندىدۇر» دېگەن.(36)

ئىمام نەۋەۋىي بىلەن ھافىز ئىراقىيلارمۇ بۇنىڭغا قوشۇلۇپ بۇ سۆزنى قازى ئىيازدىن نەقىل قىلغان.(37)

ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئېيتىدۇ: «رامازاندىكى تەراۋىھ نامىزىدىمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئەييەن بىر سان بېكىتمىگەن بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى رامازاندا بولسۇن باشقا چاغدا بولسۇن ئون ئۈچ رەكئەتتىن ئارتۇق ئوقۇمايتتى. لېكىن، رەكئەتنى ئۇزۇن سوزۇپ ئوقۇيتتى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ساھابە – تابىئىنلارنى ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىماملىقىدا جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇشقا يىغقاندا ئۇ جامائەت بىلەن يىگىرمە رەكئەت ئوقۇپ ئاندىن ئۈچ رەكئەت ۋىتىر ئوقۇغان. رەكئەت سانىنى ئاۋۇتقانلىقى ئۈچۈن قۇرئاننى يەڭگىلرەك ئوقۇغان. چۈنكى، بۇ جامائەتكە نىسبەتەن بىر رەكئەتنى ئۇزۇن ئوقۇغاندىن يەڭگىلرەك چۈشەتتى. ئۇندىن كېيىن سەلەفلەردىن بىر قىسمى قىرىق رەكئەت ئوقۇپ، ئۈچ رەكئەت ۋىتىر ئوقۇغان. يەنە بەزىلەر ئوتتۇز ئۈچ رەكئەت ئوقۇپ، ئۈچ رەكئەت ۋىتىر ئوقۇغان. بۇنىڭ ھەممىسى جائىز. رامازاندا مۇشۇلارنىڭ قايسىبىرىنى تۇتۇپ تەراۋىھ ئوقۇسا ياخشى قىلغان بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئەۋزىلى ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىشتۇر. بىر رەكئەتتە ئۇزۇن تۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلار بولسا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى رامازان بىلەن باشقا چاغلاردا ئوقۇغاندەك ئون رەكئەت ئوقۇپ ئارقىدىن ئۈچ رەكئەت ۋىتىر ئوقۇش ئەۋزەل. ئەگەر جامائەت ئۇنداق ئۇزۇن تۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان بولسا، يىگىرمە رەكئەت ئوقۇش ئەۋزەل. بۇ كۆپىنچە مۇسۇلمانلار ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان ئىش بولۇپ، بۇ ئون بىلەن قىرىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئوتتۇرھالدۇر. قىرىق ياكى ئۇندىن كۆپرەك ئوقۇسىمۇ جائىز بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھېچبىرى مەكرۇھ بولمايدۇ. ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا ئىماملاردەك بىرقانچە ئىماملار بۇنى ئېنىق ئىپادىلىگەندۇر. كىم رامازاندىكى كېچىلىك نامازدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مۇئەييەن بىر سان بېكىتىلگەن، بۇنىڭدىن ئارتۇق ياكى كەم قىلسا بولمايدۇ، دەپ ئويلاپ قالسا، خاتا ئويلىغان بولىدۇ».(38)

ئىمام شەۋكانىي: «تەۋارىھ دەپ ئاتالغان نامازنى مۇئەييەن رەكئەتكە باغلىۋېلىش، ئۇنىڭغا مەخسۇس سۈرە – ئايەتلەرنى بېكىتىش ھەققىدە سۈننەتتە كۆرسەتمە كەلمىگەن» دەيدۇ.(39)

دېمەك، يىگىرمە رەكئەت ئوقۇش ھەزرىتى ئۆمەر، ئەلى، ئۇبەي ئىبنى كەئب، تەمىم ئەددارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ مۇھاجىر ۋە ئەنسارلاردىن تەركىب تاپقان ساھابە ۋە تابىئىنلار بىلەن بىللە ئوقۇغان رەكئەت سانىدۇر. ئىلگىرىكى ساھابە ۋە تابىئىنلار، شۇنداقلا مۇجتەھىد ئىماملار سەككىز رەكئەتتىن ئارتۇق ئوقۇشنىڭ جائىزلىقىغا ئىجماﺋ قىلغان بولۇپ، سەككىز رەكئەتتىن ئارتۇق ئوقۇشنى بىدئەتكە چىقارغان دەۋرىمىزدىكى بەزىلەر سەلەفنىڭ يولىنى تۇتمىغان، مۇسۇلمانلار ئىجمائسىغا قارشى چىققان، كەڭ ئىشنى تارايتىۋەتكەن بولىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن بىر رەكئەتتە ئۇزۇن تۇرۇپ ئوقۇسا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوقۇغاندەك ۋىتىر بىلەن ئون بىر رەكئەت ياكى ئون ئۈچ رەكئەت ئوقۇسا ياخشى، ئۇزۇن تۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلمىسە، ساننى ئاۋۇتۇپ يىگىرمە رەكئەت قىلىپ قىسقىراق ئوقۇسا بولىدۇ. بۇنىڭدا كەڭچىلىك بار. ھەر كىشى ئۆزىنىڭ غەيرىتى، تاقىتىگە قاراپ ئوقۇسا بولىدۇ. دىيارىمىزدىكى مەسجىدلىرىمىزدە باشقا كۆپلىگەن ئىسلام دىيارلىرىدا ئوقۇغاندەك ئادەتتە يىگىرمە رەكئەت ئوقۇلىدۇ. ھەربىر رەكئەتكە بىر بەتتىن ئوقۇپ يىگىرمە رەكئەتتە بىر پارە، ئوتتۇز كۈندە «قۇرئان» باشتىن – ئاخىر بىر قېتىم تامام بولغان بولىدۇ. بۇ ئىنتايىن مۇۋاپىق نورمال مىقدار. بۇ ئوقۇش يەڭگىل كەلگەنلەر ئۆيىدە تېخىمۇ كۆپ ئوقۇۋالسا، ئېغىر كەلگەنلەر بىر قىسمىنى ئوقۇپ قايتىپ ئارام ئالسا بولىدۇ. لېكىن، ئۆزئارا تالاش – تارتىش قىلماسلىق لازىم.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 13 – رامازان / م. 2011، 13 – ئاۋغۇست

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 49 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————–
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (990)؛ «مۇسلىم»، (749).
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (993)؛ «مۇسلىم»، (749).
3. ھافىز ئىراقىي: «تارھۇتتەسرىب»، 3/72.
4. شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن: «ئەششەرھۇل مۇمتىئ»، 14/26.
5. مەرۋەزىي: «مۇختەسەرۇ كىتابىلۋىتر»، 1/123؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 2/481.
6. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (997)؛ «مۇسلىم»، (512).
7. «ئەبۇ داۋۇد»، (1277). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
8. «نەسائىي»، (572). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
9. «تىرمىزىي»، 3/170.
10. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1147)؛ «مۇسلىم»، (738).
11. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1138)؛ «مۇسلىم»، (764).
12. «بۇخارىي»، (1139).
13. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1140)؛ «مۇسلىم»، (724).
14. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (183)؛ «مۇسلىم»، (763).
15. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1170)؛ «مۇسلىم»، (736).
16. «مۇسلىم»، (765).
17. «ئابدۇرراززاق»، (7730). بۇنى رىۋايەت قىلغان ئىمام ئابدۇراززاقنىڭ ئەما بوپ قېلىشى بىلەن ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ھەققىدە گەپ قىلغانلار خاتالاشقۇچىلاردۇر. چۈنكى، بۇ رىۋايەت ئۇنىڭ كىتابىدا كەلگەن. بارلىق مۇھەددىسلەر ئۇنىڭ كىتابىدا رىۋايەت قىلغانلىرىنىڭ ئەما بوپ قېلىشى بىلەن تەسىرگە ئۇچرىمايدىغانلىقىدا ئىتتىپاق. ئىمام ئەھمەد: «ئۇنىڭدىن ئەما بوپ قالغاندىن كېيىن ئاڭلىغان بولسا زەئىف. كىتابلىرىدىكىسى سەھىھ» دېگەن. قاراڭ: سەخاۋىي: «فەتھۇلمۇغىس»، 3/376.
18. بەغەۋىي: «ئەلجەئدىييات»، (2887). سەنەدى «سەھىھ».
19. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (4393). مۇھەققىق نەيمەۋىي ھىندىي («ئاسارۇسۈنەن» 2/54): «راۋىيلىرى ئىشەنچلىك» دېگەن.
20. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇسسۇغرا»، 1/235. سائىب ئىبنى يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتىنى ئىمام نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ» بىلەن «ئەلخۇلاسە» دېگەن كىتابلىرىدا، شۇنداقلا ئىمام زەيلەئىي «نەسبۇررايە»دە، ئىمام ئەينىي «ئۇمدەتۇلقارىي»دا ۋە ئىبنۇلمۇلەققىن «ئەلبەدرۇل مۇنىر»دا «سەھىھ» دېگەن. قاراڭ: زەيلەئىي: «نەسبۇررايە»، 2/154. شەيخ ئالبانىي ئون بىر رەكئەتنى يالغۇز رىۋايەت قىلغان مۇھەممەد ئىبنى يۈسۈف رىۋايەتىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، يىگىرمە رەكئەت دېگەن رىۋايەتنى «شاز» دەپ تۇرۇۋالغان. ھالبۇكى، يىگىرمە رەكئەت رىۋايەتىنى باشقا يەنە يەزىد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى خەسىفە، ئەلھارىس ئىبنى ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبى زۇباب قاتارلىق ئىككى ئىشەنچلىك راۋىيمۇ سائىبتىن ئوخشاش رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئالبانىينىڭ بۇ قىلغىنى باشقا ئىككى ئىشەنچلىك راۋىي ئوخشاش رىۋايەت قىلغاننى «شاز» دەپ، يالغۇز رىۋايەت قىلغاننى «شاز» ئەمەس دەۋېلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ھەدىس ئىلمى قائىدەسىگە خىلاپتۇر. چۈنكى، قائىدەدە ئىشەنچلىك راۋىي يالغۇز رىۋايەت قىلغىنى «شاز» بولىدۇ. ئىشەنچلىك راۋىيلار بىلەن ئوخشاش رىۋايەت قىلغىنى «شاز» بولمايدۇ. مۇھەممەد ئىبنى يۈسۈف ئون بىر رەكئەتنى يالغۇز رىۋايەت قىلىپ، يىگىرمە رەكئەتنى باشقا راۋىيلار بىلەن ئوخشاش رىۋايەت قىلغان. شۇنداقتىمۇ، ئون بىر رەكئەتنى دەسلەپكى ئەھۋال، يىگىرمە رەكئەت كېيىنكى ئەھۋال دەپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ھەر ئىككى رىۋايەتنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش مۇمكىن.
21. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (7680 – 7681)؛ بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (4396). بۇ رىۋايەت راۋىيسى ئەبۇلھەسنائنى بەزى مۇھەددىسلەر مەجھۇل دېگەن بولسىمۇ، ئىمام مۇسلىم ۋە تىرمىزىيلار ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئەلھەسەن ئىكەنلىكى بايان قىلغان. ئىمام تىرمىزىي ئۇنىڭ قۇربانلىق ھەققىدىكى بىر ھەدىسىنى «ھەسەن»، دېگەن. ھاكىم ئۇنىڭ قۇربانلىق ھەققىدىكى بىر ھەدىسىنى «سەھىھ» دېگەن ۋە: «ئەبۇلھەسناﺋ بولسا ئەلھەسەن ئىبنى ئەلھەكەم ئەننەخەئىي» دېگەن. ئەبۇلھەسناﺋ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زامانىدا كۇفەدە ياشىغان بولغاچقا، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئۇچرىشىشى مۇمكىن بولغاندىن كېيىن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بىۋاسىتە رىۋايەت قىلىشى مۇمكىن ئىش. قاراڭ: «ئەلمۇستەدرەك»، 4/255؛ «تىرمىزىي»، (1495). دېمەك، ھەزرىتى ئەلىدىن كەلگەن رىۋايەتنى يوللىرىنىڭ كۆپلىكى بىلەن «ھەسەن» دېيىشكە بولىدۇ. ئىمام بەيھەقىي شۇتەير رىۋايەتى بىلەن ھەزرىتى ئەلىدىن كەلگەن رىۋايەتنى كۈچلەندۈرگەن.
22. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (7684). بۇ سەنەدى «سەھىھ»، لېكىن «مۇرسەل» رىۋايەت بولۇپ، باشقا نۇرغۇن شاھىدلىرى بىلەن «ھەسەن» دەرىجىگە ئۆرلەيدۇ.
23. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (4395). سەنەدى «سەھىھ».
24. ئىبنى ئەساكىر «تاريخۇ ئىبنى ئەساكىر»، 36/13. سەنەدى «سەھىھ».
25. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (7688 – 7681). سەنەدى «سەھىھ».
26. ئىمام ئەبۇ يۈسۈف: «ئەلئاسار»، (211). سەنەدى «سەھىھ».
27. «ئەھمەد»، (17184)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (4607)؛ «تىرمىزىي»، (2676). تىرمىزىي: «بۇ ھەسەن، سەھىھ ھەدىس» دېگەن. ئىبنۇلمۇلەققىنمۇ («ئەلبەدرۇل مۇنىر»، 9/582) «سەھىھ» دېگەن.
28. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (7683 – 7691).
29. «تىرمىزىي»، 3/170.
30. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (7687 – 7689).
31. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (37)؛ «مۇسلىم»، (759).
32. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (6728). سەنەدى «سەھىھ».
33. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/152؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4/38 ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/456.
34. ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلئىستىزكار»، 2/78.
35. ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلئىستىزكار»، 2/78.
36. قازى ئىياز: «ئىكمالۇل مۇئلىم»، 1/71.
37. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 6/19؛ ھافىز ئىراقىي: «تارھۇتتەسرىب»، 3/44.
38. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 22/272.
39. ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 3/64.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ