ھېيت نامىزىنىڭ قازاسى قانداق قىلىنىدۇ؟

ھېيت نامىزىنىڭ قازاسى قانداق قىلىنىدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھېيت نامىزىغا ئۈلگۈرەلمىگەنلىك سەۋەبىدىن ھېيت نامىزىنى ئوقۇيالمىغان بولسا قازاسىنى قانداق ئوقۇيدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ھېيت نامىزىنىڭ ھۆكمى ئالىملاردىن كەلگەن بىر قاراشتا سۈننەتى مۇئەككەدە، بىر قاراشتا ۋاجىب، بىر قاراشتا پەرز كۇپايە. لېكىن، ۋاجىب دېگەن قاراش دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈك.(1)

بۇنىڭغا ئاساسەن بۇ نامازنى گەدىنىدىن ساقىت قىلىش، گۇناھكار بولماسلىق ئۈچۈن ۋاقتىدا ئادا قىلالمىغان كىشى قازاسىنى قىلىۋەتكەن تۈزۈك.

ھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتى كۈن چىقىپ 20 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن باشلىنىپ پېشىنغىچە، يەنى كۈن قايرىلغۇچە بولۇپ، جامائەتكە ئۈلگۈرەلمىگەن كىشى مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە يالغۇز ياكى جامائەت بولۇپ ئوقۇۋالسا ۋاقتىدا ئادا قىلىپ ئوقۇغان بولىدۇ. پېشىندىن كېيىن ئوقۇسا قازا قىلغان بولىدۇ.

مەئمەر رىۋايەت قىلىدۇكى، قەتادە: «روزا ھېيت كۈنى ھېيت نامىزىغا ئۈلگۈرەلمىگەن كىشى ئادەتتە ئىمام ئوقۇغاندەك ئوقۇيدۇ» دېگەن. مەئمەر: «بىر كىشى روزا ھېيت كۈنى ياكى قۇربان ھېيت كۈنى خۇتبە ياكى ھېيت نامىزىغا ئۈلگۈرەلمىگەن بولسا، كېيىن كېلىپ ئىككى رەكئەت ئوقۇيدۇ» دېگەن.(2)

ئىمام شافىئى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئېيتىدۇ: «ئىمام بىلەن بىللە ھېيت نامىزى ئوقۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەن كىشى ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقان چاغدا كەلسە، ئولتۇرۇپ خۇتبە تىڭشايدۇ. ئىمام خۇتبىدىن بىكار بولغاندىن كېيىن ھېيت نامىزىنى شۇ جايىدا ياكى ئۆيىدە ياكى يولىدا تەكبىر سانىمۇ ئوخشاش، ئەينەن شەكىلدە لېكىن، خۇتبىسىز ئوقۇۋالىدۇ. ھېيت نامىزى ئوقۇي دەپ كېلىپ جامائەتنىڭ نامازدىن يانغانلىقىنى كۆرگەن كىشى خاھلىسا جامائەت ناماز ئوقۇغان جايغا بېرىپ ھېيت نامىزىنى ئوقۇۋالىدۇ، خاھلىسا قايتىپ كېتىپ خاھلىغان جايدا ئوقۇۋالىدۇ».(3)

ھېيت نامىزىنىڭ قازاسىنى قىلىش ياكى قىلماسلىقتىمۇ ئالىملار ئوتتۇرىسىدا كۆزقاراش ئوخشاش ئەمەس. ئىمام مالىك ۋە ئىمام ئىبنى تەيمىييە قاتارلىق بەزى ئالىملار قازاسى قىلىنمايدۇ، دەپ قارايدۇ. باشقىلار قازاسى قىلىنىدۇ، دەپ قارايدۇ. قازاسىنى قىلىۋېتىشنى بەزى ئالىملار سۈننەت، بەزى ئالىملار ئىختىيار دەپ قارايدۇ، بەزىلەر جامائەت بىلەن ئوقۇيالماي قالغان بولسا جامائەت بىلەن قازا قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ.(4)

دەلىل جەھەتتىن قازاسى قىلىنىدۇ، دېگەن قاراشتىكىلەرنىڭ دەلىلى كۈچلۈك.

ھەدىستە كېلىشىچە: شەۋۋالنىڭ ئېيى تۇتۇق بولغانلىقتىن ساھابەلەر ئاي كۆرەلمەي روزا تۇتقان ئىدى. كەچقۇرۇن بىر كارۋان كېلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئاينى ئاخشام كۆرگەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى روزىلىرىنى بۇزۇپ ئېغىز ئېچىۋېتىشكە، ئەتىسى ئەتىگەندە چىقىپ ھېيت نامىزى ئوقۇشقا بۇيرىدى.(5)

ئىمام شەۋكانىي ئېيتىدۇ: «بۇ ھەدىس ھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتكىچە ھېيتلىقى ئېنىق بولمىغان ئەھۋالدا ئىككىنچى كۈنى ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغانلىقىغا دەلىلدۇر».(6)

يەنە بىر ھەدىستە ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، «ﺑﯩﺰ پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﺎﺗﺘﯘﻕ، ئۇ زات ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﻻﻗﺸﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ، ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ:

— ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﯗﯕﻼﺭ؟ (ﻧﯧﻤﻪ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯘ؟) — ﺩﯦﯟﯨﺪﻯ، ﺋﯘﻻﺭ:

— ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﻗﺎپتۇﻕ، — ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ،

— ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﯕﻼﺭ، ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﯖﻼﺭﺩﺍ ﺗﻪﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﯕﻼﺭ، ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﻩﻟﯩﮕﯩﻨﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ئوﻗﯘﯕﻼﺭ، ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﯟﯦﻠﯩﯖﻼﺭ! — ﺩﯦﺪﻯ».(7)

بۇ ھەدىسنىڭ باشقا رىۋايەتلىرىدە: «ئۈلگۈرەلىگىنىڭلارنى ئوقۇڭلار، ئۆتۈپ كەتكىنىنى قازا قىلىڭلار» دېگەن.

دېمەك، بىرەر ئۆزرە تۈپەيلى ھېيت نامىزىنى ۋاقتىدا پېشىنغىچە ئادا قىلالمىغان كىشى ئەتىسى ئەتىگەندە قازاسىنى قىلىپ ئوقۇيدۇ.

ئۇنداقتا قازاسىنى قىلغاندا قانچە رەكئەت ئوقۇيدۇ؟

بەزى ئالىملار جامائەت بىلەن قانداق ئوقۇيدىغان بولسا شۇنداق ئىككى رەكئەت ئوقۇيدۇ، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئالىملار ئارتۇق تەكبىرلەرنى قىلماي تۆت رەكئەت ئوقۇيدۇ، دەپ قارايدۇ.

ئىككى رەكئەت ئوقۇپ قازاسىنى قىلىدۇ، دېگەن قاراشتىكىلەرنىڭ دەلىلى:

ﺋﻪﻧﻪﺱ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﻟﯩﻚ «ﺯﺍﯞﯨﻴﻪ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺟﺎﻳﺪا تۇرغاندا ﺋﺎﺯﺍﺩﮔﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ئىبنى ئەبى ﺋﯘﺗﺒﻪﻧﻰ (ئىماملىققا) ﺑﯘﻳﺮﯗﭖ، خوتۇن – ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ، ﺷﻪﮪﻪﺭ ﺋﺎﮪﺎﻟﯩﺴﯩﺪﻩﻙ ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﺩﻩﻙ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ. ﺋﯩﻜﺮﯨﻤﻪ: «يېزىلىقلار ﮪﯧﻴﺖ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ، بەئەينى ﺋﻪﻣﯩﺮ (ﺷﻪﮪﻪﺭ ﺋﺎﮪﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ) ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ» ﺩﯦﮕﻪﻥ. ﺋﻪﺗﺎﺋ: «ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻐﺎ ﺋﯜلگۈرﻩﻟﻤﯩﺴﻪ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ» ﺩﯦﮕﻪﻥ.(8)

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نەۋرىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇبەكرى بوۋىسى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ تاف دېگەن جايدىكى تۇرالغۇسىدا بولغىنىدا ئۆزى تەۋە بولغان شەھەردە ھېيت نامىزىغا قاتناشمىغان بولسا، بالىچاقىلىرىنى، ئازادگەردە – قۇللىرىنى يىغىپ ئازادگەردىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ئۇتبەنى بۇيرۇسا، ئۇ ئۆيدىكىلەرگە ئىمام بولۇپ شەھەر ئاھالىسى ئوقۇغان نامازدەك ئوقۇپ بېرەتتى.(9)

ئارتۇق تەكبىرلەرنى قىلماي تۆت رەكئەت ئوقۇيدۇ، دېگەن قاراشتىكىلەرنىڭ دەلىلى:

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «كىمكى ھېيت نامىزىغا ئۈلگۈرەلمىسە، تۆت رەكئەت ئوقۇسۇن» دېگەن.(10)

بۇنى ھافىز ئىبنى ھەجەر بىلەن ھافىز ئىبنى رەجەب «سەھىھ» دېگەن. بەزى ئالىملار «زەئىف» دېگەن بولسىمۇ بىراق بۇ ھەدىس بىرقانچە يول بىلەن رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، بىر يولنى «زەئىف» دېگەن بىلەن باشقا يوللارنىڭ بەزىسىنىڭ ئىسنادى «سەھىھ»تۇر. مەسىلەن، شەيخ ئالبانىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى : «ئەلئىرۋاﺋ» دېگەن كىتابىدا «شەئبىي ئىبنى مەسئۇدتىن ئاڭلىمىغان» دەپ بىر يولنى «زەئىف» دېگەن. سەئىد ئىبنى مەنسۇر سۈنەنىدە كەلگەن سەنەدنى ئىمام ئىبنۇلمۇنزىر «ئەۋسات» دېگەن كىتابىدا: «مۇتاررىف بىزگە  شەئبىيدىن سۆزلەپ بەردىكى، ئۇ مەسرۇقتىن، ئۇ ئىبنى مەسئۇدتىن» دەپ بايان قىلغان. بۇ سەنەد «سەھىھ»تۇر. دېمەك،  شەئبىيدىن رىۋايەت قىلىنغان يول «زەئىف» بولغىنى بىلەن مەسرۇقتىن رىۋايەت قىلىنغان يول «سەھىھ». ئۇندىن باشقا بۇنى كۈچلەندۈرىدىغان بىرقانچە ئوخشاپ كېتىدىغان رىۋايەتلەر بار.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئورنىغا بىر كىشىنى تەيىنلەپ ئۇنى تۆت رەكئەت ئوقۇشقا بۇيرۇغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.(11)

يۇقىرىقىلاردىن مەلۇم بولىدۇكى، ھېيت نامىزىغا ئۈلگۈرەلمىگەن بىر جامائەت بولسا، جامائەت بولۇپ پېشىنغىچە ئىككى رەكئەت ئەينەن ئوقۇۋالىدۇ. پېشىنغىچە ئوقۇمىغان ئەھۋالدا ھېيتنىڭ 2 – كۈنى ئەتىگەندە قازا قىلىپ ئوقۇۋالسا بولىدۇ. يالغۇز بىر كىشى بولسىمۇ بولىدۇ. يالغۇز ئوقۇغاندا تۆت رەكئەت ياكى ئىككى رەكئەت قىلىپ قازا ئوقۇسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. بۇنىڭدا ساھابە كىراملاردىن كەلگەن رىۋايەتلەر بولغاچقا، كەڭچىلىك بار.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 12 – زۇلھەججە / م. 2011، 8 – نويابىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 45 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. ئىبنۇلھۇمام: «فەتھۇلقەدىر»، 2/71؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 5/1 – 4؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2/111.
2. «ئابدۇرراززاق»، (5716). سەنەدى سەھىھ.
3. ئىمام شافىئىي: «ئەلئۇم»، 1/240.
4. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/159؛ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2/111.
5. «ئەھمەد»، (20603)؛ «ئىبنى ماجە»، (1653). ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەي، دارەقۇتنىي، خەتتابىي، بەيھەقىي ۋە نەۋەۋىيلەر «سەھىھ» دېگەن. قاراڭ: زەيلەئىي: «نەسبۇررايە»،2/212؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 6/107.
6. ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 3/382.
7. «بۇخارىي»، (635).
8. «بۇخارىي»، «نەبىي ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﮪﻠﻰ ئىسلامنى كۆزدە تۇتۇپ: «ﺑﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮪﯧﻴﺘﯩﻤﯩﺰ!»([8]) ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻐﺎ ئۈلگۈرەلمىگەنلەر، شۇنداقلا ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ، ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﻰ (بىتاب) ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﯩﺮﺍﻕ يېزا – ﻛﻪﻧﺘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ كىشىلەرنىڭمۇ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ» دېگەن باب.
9. تاھاۋىي: «شەرھۇ مەئانىل ئاسار»، 4/348 سەنەدى ھەسەن.
10. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (5799)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (9532).
11. ئىمام ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 6/308.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ