مەسجىد بولمىغان نامازگاھلاردا «تەھىييەتۇل مەسجىد» ئوقۇلامدۇ؟

مەسجىد بولمىغان نامازگاھلاردا «تەھىييەتۇل مەسجىد» ئوقۇلامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، يەرلىك مۇسۇلمان جامائىتى بولمىغان بىر رايوندا، شۇ يەرگە ۋاقىتلىق ئولتۇراقلاشقان مۇسۇلمان جامائىتى بىر ئورۇنغا يىغىلىپ جۈمە نامىزى ئوقۇغاندا، گەرچە ناماز ئوقۇلغان ئورۇن مەسجىد بولمىسىمۇ تەھىييەتۇل مەسجىد نامىزى ئوقۇشى كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

مەسجىد ئاللاھنىڭ بەيتى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىرنەچچە ئەھكامدا نامازگاھلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. مەسجىدلەر بىرەر شەخسنىڭ ئىلكىدە بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿مەسجىدلەر ئاللاھقا خاستۇر﴾(72/«جىن»: 18) دېگەن.

شۇڭا، مەسجىدتىن باشقا بەزىدە جامائەت يىغىلىپ ناماز ئوقۇلىدىغان مەيدان ياكى بىرەر بىنادىكى، مەكتەپلەردىكى، ئىدارىلاردىكى ئورۇنلار، مەسجىدنىڭ ھۆكمىنى ئالمايدۇ.

بۇنداق جايلاردا ئادەتتە مەسجىدتە چەكلىنىدىغان ئېلىم – سېتىم قاتارلىق بەزى ئىشلارغا يول قويۇلىدۇ، ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئادەتتە مۇسۇلمانلار ئاز بولغان بەزى جايلاردا شۇ يەرگە ۋاقىتلىق ئولتۇراقلاشقان مۇسۇلمان جامائىتى بىرەر ئۆي ياكى دۇكان ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان جايلارنى تەييارلاپ ياكى كافىرلاردىن ۋاقىتلىق ئىجارىگە ئېلىپ ئۇنىڭدا ھېيت ياكى جۈمە ھەتتا بەش ۋاقىت نامازلارنى جامائەت بولۇپ ئوقۇيدىغان ئەھۋاللار بار. بۇ ئورۇنلار پەقەتلا تېگىدىن سېتىۋېلىنىپ ئاللاھ ئۈچۈن ۋەقفە قىلىنغاندىلا ئاندىن مەسجىد ھۆكمىنى ئالىدۇ.

مەسجىد ھۆكمىنى ئالمىغاندىن كېيىن بۇنداق جايلاردا ناماز ئوقۇشقا كىرگەن چاغدا تەھىييەتۇل مەسجىد نامىزى ئوقۇلمايدۇ. چۈنكى، بۇ جايلار مەسجىد ھۆكمىدە ئەمەس.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسجىدكە كىرگەن كىشىنى ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇغان.

ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ: «بىرىڭلار ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﻛﻪ ﻛﯩﺮﺳﻪ، ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺳﯘﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻥ.(1)

لېكىن، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى: «پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺑﯩﻼﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻭﺯا ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﻮﻗﯘﺩﻯ، ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ – ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻣﯩﺪﻯ».(2)

يۇقىرىقى دەلىللەر مەسجىدتىن باشقا نامازگاھلاردا تەھىييەتۇل مەسجىد نامىزى ئوقۇلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىمام شەۋكانىي ئېيتىدۇ: «ناماز ئوقۇلىدىغان تۈزلەڭلىك مەسجىد ئەمەس. شۇڭا، ئۇنىڭغا تەھىييەتۇل مەسجىد نامىزى ئوقۇش يوق».(3)

«سەئۇدى ئەرەبىستان لەجنە دائىمە» پەتۋالىرىدا كېلىشىچە: «مەسجىدكە جامائەت تولۇپ كەتكەن چاغدا كەلگەن كىشى ئېھتىياج كۆرۈلگەنلىكتىن مەسجىد سىرتىدا جۈمە ۋە باشقا پەرز ۋە نەفلە نامازلارنى ئىمامنىڭ نامىزىغا ئەگىشىپ ئىقتىدا قىلالايدىغان بولسىلا مەسجىدكە ئەڭ يېقىن يولدىكى جايدا تۇرۇپ ئوقۇسا ئىمامنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئۆتۈۋالماسلىق شەرتى بىلەن جائىز بولىدۇ. لېكىن، بۇ ئورۇنغا مەسجىد ھۆكمى بولمايدۇ».(4)

بۇنىڭغا ئاساسەن مەسجىد تولۇپ كەتكەنلىكتىن مەسجىد سىرتى ۋە ئەتراپىدىكى كوچىلاردا، يوللاردا، مەيدانلاردا، بىنالاردا ناماز ئوقۇغان ئەھۋالدىمۇ تەھىييەتۇل مەسجىد نامىزى ئوقۇلمايدۇ.

مەسجىدتىن باشقا نامازگاھلاردا توپلىشىپ جامائەت ناماز ئوقۇغان ئەھۋالدا جامائەت شەكىللىنىدۇ، ناماز ئوقۇغۇچىغىمۇ جامائەت نامىزىنىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ. «سەھىھەين»دىكى ھەدىسلەرنىڭ ئومۇم لەۋزى شۇنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن:

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﻟﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﻮﻗﯘﻟﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﯨﻦ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﻪ ﺋﺎﺭﺗﯘقتۇر» ﺩﯦﮕﻪﻥ.(5)

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﺑﻪﺵ ﺩﻩﺭﯨﺠﻪ ﺋﺎﺭﺗﯘقتۇر» دېگەن.(6)

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 16 – زۇلھەججە / م. 2011، 12 – نويابىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 44 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (444)؛ «مۇسلىم»، (714).
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (989)؛ «مۇسلىم»، (884).
3. ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 3/86.
4. «لەجنە دائىمە پەتۋالىرى» 6/221، 1319 – نومۇرلۇق پەتۋا.
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (645)؛ «مۇسلىم»، (650).
6. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (646)؛ «مۇسلىم»، (649).

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ