شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى(4)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

قۇربانلىق مالنى بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاشنى ئۇنتۇپ قالسا قانداق بولىدۇ؟

قۇربانلىق مالنى بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ نامىنى «بىسمىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئاتايمىز. «راھمانىرراھىم»نى قوشمايمىز. چۈنكى، بۇنداق بوغۇزلاش ئەھۋالى ئۇنداق دېيىشكە مۇناسىپ كەلمەيدۇ.

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، «بىسمىللاھ» دەپ ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاش ۋاجىپ بولۇپ، قەستەن دېمىسە مالنىڭ گۆشىنى يېيىشكە بولمايدۇ. ئەگەر دېيىشنى ئۇنتۇپ قالسا، قۇربانلىقنىڭ گۆشى ھالال بولۇۋېرىدۇ. چۈنكى، ئۇنتۇش دېگەن ئىنساندا كۆپ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. شەرىئەتتە مۇشەققەت كۆتۈرۈۋېتىلگەن. ئەگەر دېيىشنى بىلمىگەنلىكتىن دېمىگەن بولسا، ياكى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن دېمىگەن بولسا، گۆشى ھالال بولمايدۇ. ([1])

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ئۇنتۇپ قالسا كېرەك يوق» دېگەن. ئىمام بۇخارىي ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئاللاھنىڭ نامى ئاتالماي بوغۇزلانغان مالدىن يېمەڭلار، بۇ ئەلۋەتتە، يولدىن چىقىپ كېتىشتۇر﴾([2]) دېگەن سۆزىنى مۇنداق دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن: «ئۇنتۇپ قالغۇچى بولسا ›يولدىن چىقىپ كەتكۈچى‹ دەپ ئاتالمايدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: ›ئۇنتۇپ قالسا كېرەك يوق‹ دېگەن»([3]).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «ئاللاھ تائالا مەن ئۈچۈن ئۈممىتىمدىن خاتالىقنى، ئۇنتۇپ قېلىشنى ۋە زورلانغان ئىشنى كەچۈرۈۋەتكەن» دېگەن([4]).

ئالىملارنىڭ ئىچىدە «بوغۇزلىغاندا ›بىسمىللاھ‹ دېيىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئەھۋالدا مالنىڭ گۆشىنى يېيىشكە بولمايدۇ» دەيدىغانلارمۇ، «ئۇنتۇپ ياكى قەستەن دېمىسىمۇ ھالال بولىدۇ» دەيدىغانلارمۇ بار. لېكىن، يۇقىرىقىسى ئايەتنى چۈشىنىشتە ساھابىنىڭ سۆزىگە تايانغان ۋە كۆپچىلىك ئالىملار تاللىغان كۈچلۈك قاراشتۇر.

«بىسمىللاھ» دېمەي، ئۇنىڭ ئورنىدا «لا ئىلاھە ئىللەللاھ»، ياكى «سۈبھانەللاھ»، ياكى «ئەلھەمدۇللىللاھ» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن ئاللاھنى زىكىر قىلىپ مال بوغۇزلىسا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە گۆشى ھالال بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئىبارىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنى ئاتاش دائىرىسىگە كىرىدۇ. لېكىن، ئەڭ ياخشىسى ۋە سۈننەت بولغىنى «بىسمىللاھ، ئاللاھۇئەكبەر» دېيىشتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە «بىسمىللاھ»دىن باشقا زىكىرنى دېسە بولمايدۇ، دەپ قارايدىغان ئالىملارمۇ بار([5]).

ئەلۋەتتە، ياراتقۇچى بولغان ئاللاھ زىكىر قىلىنسا، ھەربىر مەخلۇقتا ھاياجانلىنىش پەيدا قىلىدۇ. ئۆلۈم ئالدىدا مەخلۇق ئاللاھقا يۈزلىنىپ تېخىمۇ ھاياجانلىنىدۇ ۋە بۇ ھاياجان قاننى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. نەتىجىدە، قاندىكى مىكروب تۆۋەنلەپ، گۆشى تېخىمۇ زىيانسىز بولىدۇ. بەزى ئىلمىي تەتقىقاتلارغا كۆرە، ئوخشاش ئۇسۇلدا بوغۇزلانغان چارۋا ماللاردىن ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ بوغۇزلانغانلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتىماي بوغۇزلانغانلىرى ئوتتۇرىسىدا پەرق كېلىپ چىققان. مالنى بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاش مالنىڭ ئەزالىرى ۋە مۇسكۇللىرىدا پەيدا قىلغان ھاياجان مالنىڭ جىسمىدىن ئەڭ كۆپ مىقداردا قاننىڭ چىقىپ كېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىسمى ئاتالمىسا، قاننىڭ بىر قىسمى ئۇنىڭ جىسمىدا قالىدۇ ۋە تۈرلۈك مىكروبلارنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە كۆپىيىشىگە يول ئاچىدۇ، شۇنداقلا ھالال گۆشكە قارىغاندا تېز پۇرايدۇ. مانا بۇ پەرق ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿شۇڭا، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرگۈچىلەر بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى يەڭلار﴾([6]) دېگەن ئايىتى بىلەن ﴿ئاللاھنىڭ نامى ئاتالماي بوغۇزلانغان مالدىن يېمەڭلار، بۇ ئەلۋەتتە، يولدىن چىقىپ كېتىشتۇر﴾([7]) دېگەن ئايىتىدە ئېنىق كۆرۈلىدۇ.

 

قۇربانلىق مالدىن تىرىك ۋاقتىدا پايدىلىنىشقا بولامدۇ؟

ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىغا ئاساسلانغاندا مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ:

1. قۇربانلىق مالنىڭ سۈتى قوزىسى، ياكى موزىيى، ياكى بوتىلىقىدىن ئاشقان تەقدىردە، سېغىپ پايدىلانسا بولىدۇ. ئاشمىسا ياكى ساغقانغا مالغا ياكى قوزىسىغا زىيان قىلىدىغان بولسا، ياكى قۇربانلىق مال ئورۇقلاپ كېتىدىغان بولسا جائىز بولمايدۇ.

2. قۇربانلىق مالنىڭ يۇڭىنى، تۈكلىرىنى كېسىپ پايدىلانغان تەقدىردە، قۇربانلىق مالغا زىيان يەتمەيدىغان ياكى ئورۇقلاپ كەتمەيدىغان بولسا، كېسىپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

چۈنكى، يۇقىرىقى ئەھۋاللار ئاللاھ تائالانىڭ «ھەج» سۈرىسى، 36 – ئايەتتىكى ﴿ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن پايدا باردۇر﴾ دېگەن سۆزىدىكى «پايدا»نىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، قۇربانلىقنىڭ تېرىسىنى ئۆزى ئىشلەتسە بولغاندەك، يۇقىرىقىدەك پايدىلىنىشقا بولىدۇ. ﴿ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ياكى قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، بەلكى تەقۋادارلىقىڭلار يېتىدۇ.﴾([8])

3. زۆرۈر تېپىلغاندا قۇربانلىق مالنى مىنىشكە بولىدۇ. ئېھتىياج بولسا يۈك توشۇپ پايدىلىنىشمۇ، ھارۋا سۆرىتىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەدىيە قۇربانلىق تۆگىسىنى ھەيدەپ كېتىۋاتقان بىر كىشىنى كۆرۈپ:

ــ ئۇنى مىنىۋال، ــ دېدى. ئۇ كىشى:

ــ بۇ ھەدىيە قۇربانلىق تۆگە، ــ دېگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ ئۇنى مىنىۋال، ــ دېدى. ئۇ كىشى:

ــ بۇ ھەدىيە قۇربانلىق تۆگە، ــ دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى قېتىمدا:

ــ ئۇنى مىنىۋال، ۋاي ئىسىت ساڭا! ــ دېدى([9]).

يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەگەر مىنىشكە مەجبۇر بولۇپ قالساڭ، باشقا ئۇلاغ تاپقۇچە مۇۋاپىق رەۋىشتە مىنگىن» دېگەن([10]).

 

قۇربانلىققا ئاتىغان مالنىڭ بوغۇزلاشتىن بۇرۇن قوزىلىغان قوزىسىنىڭ ھۆكمى نېمە؟

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا، قۇربانلىققا ئاتىغان مال بوغاز بولسۇن ياكى ئۇندىن كېيىن بوغاز بولغان بولسۇن، ئىشقىلىپ بوغۇزلاشتىن بۇرۇن قوزىلىغان قوزىسىنىڭ ھۆكمى قۇربانلىق مالنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاش. يەنى، ئۇ ئانىسى بىلەن بىللە قۇربانلىق قىلىنىدۇ.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيتتى: «ھەدىيە قۇربانلىق تۆگە بوتىلاقلاپ قالسا، بوتىلىقى تاكى ئانىسى بىلەن بىللە بوغۇزلانغۇچە بىرەر نەرسىدە ئېلىپ مېڭىلىدۇ. ئەگەر ئۇنى ئېلىپ ماڭغۇدەك نەرسە بولمىسا، ئانىسىنىڭ ئۈستىگە ئارتىپ ئېلىپ مېڭىلىدۇ»([11]).

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا يېڭى موزايلىغان بىر ئىنەكنى ئەكېلىپ، ئۇنى قۇربانلىق قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندا، ھەزرىتى ئەلى ئۇنىڭغا: «ئۇنىڭ سۈتىدىن پەقەت موزىيىدىن ئاشقىنىنىلا ئىچكىن، قۇربان ھېيت كۈنى كەلگەندە ئۇنى موزىيى بىلەن بىللە يەتتە كىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلساڭ بولىدۇ» دېگەن([12]).

بۇ ھەقتە يۇقىرىقى ئىككى ساھابىدىن كەلگەن ھۆكۈمگە مۇخالىپ كەلگەن بىرەر دەلىل يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە قوزىسى مالنىڭ بىر پارچىسىدىن ئىبارەت. شۇڭا، ناۋادا قوزىسىنى سېتىۋېتىپ قالسا، پۇلىنى سەدىقە قىلىۋېتىدۇ.

ئىمام سەرەخسى مۇنداق دەيدۇ: «قۇربانلىق مال بوغۇزلىنىشتىن بۇرۇن تۇغۇپ قالسا، بالىسىمۇ ئانىسى بىلەن بىللە بوغۇزلىنىدۇ. چۈنكى، قان ئېقىتىش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىش ھۆكمى ئانىسىدىن بالىسىغىمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ، ئۇ يېڭى تۇغۇلغان ۋە يېشىغا توشمىغان مال قۇربانلىققا يارىمايدىغان بولسىمۇ، ئانىسىغا تەۋە بولۇپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئانىسىدا قۇربانلىق شەرتى تېپىلغانلىقى ئۇنىڭغىمۇ يېتەرلىك بولىدۇ. بۇ سودىدا ئانىسىغا تەۋە بولغانغا ئوخشاش. ئەگەر ئۇنى بوغۇزلىماي سېتىۋەتسە، پۇلىنى سەدىقە قىلىۋېتىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدىمۇ ئاللاھقا قۇربانلىق قىلىنىش مەزمۇنى بولغاچقا، ئۇنىڭ پۇلىنى ئۆزى ئىشلىتىش ھەققى بولمايدۇ»([13]).

 

قۇربانلىققا ئاتىغان مالنى باشقا مالغا ئالماشتۇرۇشقا بولامدۇ؟

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا، قۇربانلىققا ئاتىغان مالنى بوغۇزلاشتىن بۇرۇن ئۇنىڭدىن ياخشىراق مالغا ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، بىر مالنى قۇربانلىققا ئاتاپ سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى سېتىۋېتىپ ئورنىغا باشقا بىر مالنى ئالماقچى بولسا، ئالماقچى بولغان مال بۇرۇنقىسىدىن ياخشىراق بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولۇپ قالسا، ئىككىسىنىڭ قىممىتى ئارىسىدىكى پەرقنى سەدىقە قىلىۋېتىشى كېرەك. بۇنىڭدىكى پەرقنى بەلگىلەشتە باھاغا قارىمايدۇ، بەلكى ئىككىسىنىڭ قىممىتىگە قارايدۇ. ئەمما، بۇرۇنقىسىغا ئوخشاش مال بولسا، ئالماشتۇرغاننىڭ پايدىسى بولمىغاچقا، جائىز بولمايدۇ.

دېمەك، ياخشىراققا، نامراتلارغا پايدىلىقراققا، گۆشى كۆپرەك چىقىدىغانغا ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئاز بىر قىسىم ئالىملارنىڭ قارىشىدا، قۇربانلىققا ئاتىغان مالنى بوغۇزلاشتىن بۇرۇن باشقا مالغا ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ([14]).

 

قۇربانلىق قىلماي قۇربانلىق مالنىڭ پۇلىنى سەدىقە قىلسا بولامدۇ؟

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈك بولغان قارىشىدا، قۇربانلىققا مال بوغۇزلىماي، مال ئالىدىغان پۇلنى نامراتلارغا سەدىقە قىلسا قۇربانلىق ئادا بولمايدۇ. گۆش سېتىۋېلىپ، نامراتلارغا تارقىتىپ بەرسىمۇ، ھەتتا تىرىك قوي سېتىۋېلىپ، سەدىقە بەرسىمۇ قۇربانلىق ئوخشاشلا ئادا بولمايدۇ. قىلغىنى پەقەتلا ئادەتتىكى سەدىقە بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئىبادەت قان ئېقىتىشتىن ئىبارەت.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿(كەئبىگە ھەدىيە قىلىنىدىغان) تۆگىلەرنى سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىن قىلدۇق، ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن پايدا باردۇر. شۇڭا، ئۇلارنى قاتار قىلىپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ، ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىڭلار. بېقىنلىرى يەرگە تەگكەندە، ئۇنىڭدىن ئۆزەڭلارمۇ يەڭلار، قانائەتچان موھتاج ۋە سائىلغىمۇ يېگۈزۈڭلار. سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ، ئۇلارنى بىز سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ياكى قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، بەلكى تەقۋادارلىقىڭلار يېتىدۇ. ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئەھكاملىرىغا يېتەكلىگەنلىكىدىن ئۇنى ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنى سىلەرگە ئاشۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش بېشارەت بەرگىن.﴾([15])

ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «چۈنكى، بوغۇزلاش بىلەن قان ئېقىتىشنىڭ ئۆزى ئالاھىدە مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئىبادەت ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرىدە ناماز بىلەن بىللە تىلغا ئېلىنغان: ﴿پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن﴾.([16]) ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم)دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەت – ئىبادەتلىرىم) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر﴾.([17]) دېمەك، ھەربىر شەرىئەتتە ناماز بىلەن قۇربانلىق باردۇر. باشقا بىر ئىبادەت ئۇنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ھەج تەمەتتۇ ياكى ھەج قىران قىلغاندا قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئورنىغا قۇربانلىقنىڭ پۇلىنىڭ نەچچە ھەسسىسىنى سەدىقە بەرسىمۇ، ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرالمايدۇ. قۇربانلىقمۇ شۇنداق»([18]).

دېمەك، كەئبىگە ھەدىيە قىلىنىدىغان قۇربانلىق، ھېيت قۇربانلىقى ۋە ئەقىقە قاتارلىقلار دىننىڭ ئالامەتلىرى، شوئارلىرى ۋە بەلگىلىرىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدۇر. ئەگەر قۇربانلىققا مال سويماي، نامراتلارغا پۇل ياكى گۆش تارقىتىپ بېرىش ئەۋزەل بولىدىغان بولسا ياكى قۇربانلىقنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان بولسا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەلۋەتتە شۇنداق قىلغان بولاتتى.

 

سول قولدا مال بوغۇزلىسا دۇرۇس بولامدۇ؟

بوغۇزلاشتا قان ئېقىتىش شەرت بولغاچقا، ئوڭ قولدا بوغۇزلاش كېرەك ئەمەس، ئەمما مۇستەھەپتۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن، سول قولدا بوغۇزلانغان مالنىڭ گۆشى ھالال. سولخاي كىشىلەرنىڭ سول قولىدا بوغۇزلىغىنى ئەۋزەل، چۈنكى ئۇلار ئوڭ قولىدا بوغۇزلىغىنىدا مالنى قىيناپ قويىدۇ.

 

قۇربانلىق بىلەن ئەقىقە ئۇدۇل كېلىپ قالسا قۇربانلىق ئەقىقىگىمۇ ھېساب بولامدۇ؟

ھەر ئىككىسىگە قۇربى يەتسە، ئەلۋەتتە، ھەر ئىككىسىنى قىلغىنى ئەۋزەل. بىرىنىلا قىلماقچى بولسا، بۇ ئەھۋالدا ھەر ئىككىسىنى نىيەت قىلىپ قۇربانلىق قىلسا، خۇددى مەسجىدكە كىرىپ، پەرزگە ئۈلگۈرگەن كىشىگە نىسبەتەن پەرز ناماز تەھىييەتۇل مەسجىد نامىزىغىمۇ ھېساب بولغىنىدەك، «تەمەتتۇ» ياكى «قىران» ھەج قىلغان كىشى قۇربان ھېيت كۈنى بىر قوي بوغۇزلىسا، ھەج قۇربانلىقىغىمۇ، ھېيت قۇربانلىقىغىمۇ ھېساب بولغىنىدەك، بۇ قۇربانلىق ھەم قۇربانلىققا، ھەم ئەقىقىگە ھېساب بولىدۇ. يەنى، ئىككى قان بىرلىشىپ كېتىدۇ. بۇ ھەنەفىي مەزھىپى بىلەن بەزى تابىئىنلارنىڭ قارىشى. شۇنداقلا ئىمام ئەھمەدتىن كەلگەن بىر قاراشتۇر. سەلەفلەردىن ھەسەن بەسرى، ئىبنى سىيرىن، قەتادە ۋە ھىشام قاتارلىقلار: «قۇربانلىق قىلىنسا ئەقىقىگىمۇ ھېساب بولىدۇ» دېگەن([19]).

بۇ قاراشقا ئاساسەن، ھېيت كۈنى بالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنىڭ 7 – كۈنىگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا، قۇربانلىق قىلىپ ئەقىقىنىمۇ نىيەت قىلسا، ھەر ئىككىسىگە ھېساب بولىدۇ. بۇ خۇددى ھېيت كۈنى جۈمە كۈنىگە كېلىپ قالسا، ئىككىسىگە بىر غۇسلى قىلسا كۇپايە بولغىنىدەك بىر ئىش.

ئىككىنىڭ بىرىنى نىيەت قىلاي دېسە، قۇربانلىق ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى، قۇربانلىق قىلىش ۋاجىپ، ئەقىقە بولسا سۈننەت. ئەگەر قۇربانلىق قىلىش ۋاقتى بىلەن ئەقىقە قىلىش ۋاقتى ئىلگىرى – كېيىن كەلسە، بۇرۇن كەلگىنىنى قىلىدۇ.

 

قۇربانلىق قىلىشنىڭ دەسلەپكى ۋاقتى قاچان؟

بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن ھېيت نامىزىدىن ئىلگىرى قۇربانلىق قىلغان كىشىنىڭ قۇربانلىقى قۇربانلىققا ھېساب بولمايدۇ. ھېيت نامىزىدىن كېيىن قۇربانلىق قىلغان كىشىنىڭ قۇربانلىقى قۇربانلىققا ھېساب بولىدۇ.

جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن قۇربان ھېيت كۈنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە ئىدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ›كىمكى ھېيت نامىزىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن قۇربانلىق قىلغان بولسا، ئورنىغا باشقا قۇربانلىق قىلسۇن. كىمكى تېخى قۇربانلىق قىلمىغان بولسا، قۇربانلىق قىلسۇن‹ دېگەن»([20]).

دېمەك، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم داۋاملىق ھېيت نامىزىدىن كېيىن قۇربانلىق قىلغان، باشقىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغان. ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن قۇربانلىق قىلغان كىشىنىڭ قۇربانلىقى قۇربانلىققا ھېساب بولماي، گۆش ئۈچۈن بوغۇزلىغان مال بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان شەھەر – يېزىلاردىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن قۇربانلىق قىلىشنىڭ دەسلەپكى ۋاقتى ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ، خۇتبىسى سۆزلىنىپ بولغاندىن كېيىن بولىدۇ. ھېيت نامىزى ئوقۇلمايدىغان يېزىلار ۋە چۆل – جەزىرىدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن، قۇربانلىق قىلىشنىڭ دەسلەپكى ۋاقتى ئۇلارغا ئەڭ يېقىن شەھەر – يېزىدىكى ھېيت نامىزى بىلەن خۇتبىسى ئوقۇلۇپ بولغۇدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بولىدۇ. قۇربان ھېيت نامىزى ئادەتتە، كۈن چىقىپ 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئوقۇلىدۇ. دېمەك، چۆل – جەزىرىدىكى كىشىلەر مۇشۇنىڭغا قاراپ مۆلچەرلەپ، «ناماز ئوقۇلۇپ، خۇتبە سۆزلىنىپ بولدى» دەپ خاتىرجەم بولغاندا، ئاندىن قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ.

 

قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئەۋزەل ۋاقتى قاچان؟

بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا، قۇربانلىق كۈنى يەنى، ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ھېيت نامىزى ۋە خۇتبىسىدىن بىكار بولغان چاغ قۇربانلىق ۋاقتىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر.

بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزا ھېيت كۈنى ناشتا قىلماي نامازغا ماڭمايتتى، قۇربان ھېيت كۈنى نامازدىن قايتمىغۇچە ناشتا قىلماي، قۇربانلىقىدىن يەپ ناشتا قىلاتتى»([21]).

دېمەك، ئەڭ ئەۋزىلى ھېيت نامازدىن كېيىن قىلىش، ئۇندىن كېيىن قانچە بۇرۇن بولسا شۇنچە ياخشى، كۈندۈزى قىلالمىسا كېچىسى قىلسىمۇ بولىدۇ.

 

قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى قاچان؟

بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ھېيتنىڭ تۆتىنچى كۈنى كۈن پېتىش بىلەن قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى ئاخىرلاشقان بولىدۇ. يەنە بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى كۈن پېتىش بىلەن قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى ئاخىرلاشقان بولىدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، مۇمكىنقەدەر تۆتىنچى كۈنىگىچە كېچىكتۈرمەسلىك لازىم.

 

كېچىسى قۇربانلىق قىلسا بولامدۇ؟

ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا، كېچىسى قۇربانلىق قىلسا مەكرۇھمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ھەقتە سەھىھ بىر چەكلىمە يوق ھەمدە ﴿ئىنسانلار ئارىسىدا ھەجگە چاقىرىپ جاكارلىغىنكى، ئۇلار كاتتا مەنپەئەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى ۋە مەلۇم كۈنلەردە ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن پىيادە ۋە ئورۇق تۆگىلەر بىلەن يىراق يوللارنى بېسىپ كەلسۇن﴾([22]) دېگەن ئايەتتىكى «مەلۇم كۈنلەر»نىڭ ئىچىگە كېچىلەرمۇ كىرىدۇ. شۇڭا، قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى كېچسى چىراغلار بىلەن يورۇتۇلغان بىر جايدا ئېنىق كۆرۈپ تۇرۇپ، قۇربانلىقىنى بوغۇزلىسا بولىدۇ.

———————————————————————-
([1]) «التمهيد»، لابن عبد البر، 22/302؛ «بدائع الصنائع»، 5/46؛ «المدونة»، 3/54؛ «المغني»، 9/293.
([2]) «ئەنئام» سۈرىسى، 121 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([3]) «بۇخارى»، «بوغۇزلىنىدىغان مالغا ›بىسمىللاھ‹ دېيىش ۋە قەستەن دېمىگەن ئادەم توغرىسىدا» بابى.
([4]) «سنن ابن ماجه»، 2043 – ھەدىس. ئالبانى «سەھىھ» دەپ باھالىغان.
([5]) «حاشية ابن عابدين»، 6/301؛ «حاشية الدسوقي»، 2/107؛ «الإنصاف»، 10/399.
([6]) «ئەنئام» سۈرىسى، 118 – ئايەت.
([7]) «ئەنئام» سۈرىسى، 121 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([8]) «ھەج» سۈرىسى، 37 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([9]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 1689 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1322 – ھەدىس.
([10]) «مۇسلىم»، 1324 – ھەدىس.
([11]) «موطأ»، 846 – ھەدىس.
([12]) «سنن البيهقي الكبرى»، 18974 – ھەدىس؛ «البدر المنير»، 9/329. ئىبنۇل مۇلەققىن «سەھىھ» دەپ باھالىغان.
([13]) «المبسوط»، للسرخسي، 12/14.
([14]) «المغني»، 9/357.
([15]) «ھەج» سۈرىسى، 36، 37 – ئايەتلەر.
([16]) «كەۋسەر» سۈرىسى، 2 – ئايەت.
([17]) «ئەنئام» سۈرىسى، 162 – ئايەت.
([18]) «تحفة المودود»، 1/65.
([19]) «مصنف ابن أبي شيبة»، 5/116؛ «مصنف عبد الرزاق»، 4/331؛ «حاشية ابن عابدين»، 6/326؛ «تحفة المودود»، 1/87؛ «الإنصاف» 4/111.
([20]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 5562 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1960 – ھەدىس.
([21]) «مسند أحمد»، 23034 – ھەدىس. ئىبنۇلقەتتان «سەھىھ» دېگەن.
([22]) «ھەج» سۈرىسى، 27، 28 – ئايەتلەر.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز