(1318ھ ~ 1405 ھ)
(1900 م ~ 1984 م)
ئىسمائىل ئىبنى قاسىم ئىبنى مۇھەممەد كاشغەرىي ئاتا مىراس ناۋايلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئائىلىدە ھىجرەتنىڭ 1318-يىلى دۇنياغا كەلگەن. ئۇ دەسلەپكى ساۋادىنى مەھەللىسىدىكى خۇسۇسىي مەكتەپلەردە چىقارغان. كېيىن تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچلىرىنى رەسمىي تۈزۈمدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇغان. ھىجرىيە 14-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغا كەلگەندە قەشقەر شەھرىدە داۋاملىق يۇقىرىلاپ ئوقۇغان. كېيىنكىلەرنىڭ بايانىچە ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ فەقىھ، غازى، شېھىت، مەرىپەتپەرۋەر ئىسلاھاتچى ئالىم ئابدۇقادىر داموللام، شەيخ مەھمۇد ئاخۇن داموللام قىزىلبويى، ئابدۇللاھ ئاخۇن داموللام، ھىجرىيە 1367-يىلى مەدىنە مۇنەۋۋەردە ۋاپات بولغان شەيخ، ئەللامە ھاشىم ئاخۇن داموللام قاتارلىق پەزىلەتلىك ئىلىم ساھىبلىرىدىن ئىلىم ئالغان. ئۇ ئوقۇغان دەرسلەر مورفولوگىيە، گىرامماتىكا، نۇتۇق، ئستىلىستىكا، ئەرەب ئەدەبىياتى، پارس ئەدەبىياتى، ھەر خىل پەنلەرگە ئائىت قائىدە-پىرىنسىپلار، تەپسىر، ھەدىس قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۆزىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇغان ۋاقىتلىرىدىن سىرت دىنى ئالىي مائارىپ ئورۇنلىرى ۋە شەخىسلىرىدە توپتوغرا ئالتە يىل ئوقۇغان. ئوقۇش جەريانىدا ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش تەلىپىنى قاندۇرۇش ۋە تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ناۋايخانىدا دادىسىغا ياردەملەشكەن. ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ خېلى بالدۇرلا قەشقەر شەھرىدىكى بىر خۇسۇسىي ئوقۇتۇش ئورنىدا بالىلارغا ئۇزۇن مۇددەت دەرس بەرگەن ئىكەن. ئۇ ھىجرىيە 1341-يىلى دىنى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزگەن. ئوقۇغۇچى ۋاقتىدىلا شەھەردىكى مەلۇم بىر ئەنئەنىۋىي ئوقۇتۇش ئورنىدا نازارەتچى ۋە ئوقۇتقۇچى بولغان. ھىجرىيە 1342-يىلى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ كاتىپلىقغا ۋە تەپتىش ۋە نازارەتچىلىك كومىتېتى چىقارغان قارارلارنى تەكشۈرۈپ، شۇ ۋاقىتتىكى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا سۇنىدىغان ھوقۇققا ئىگە بولغان كومىتېت سىكىرتارلىق ھەيئىتىنىڭ قارار قىلىشى بىلەن تەپتىش ۋە نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1360-يىلىغىچە ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي ۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئىلىم-مەرىپەت ساھەسىدە خىزمەت قىلغان. 1360-يىلىدىن 1372-يىلى سالامەتلىكى يار بەرمەسلىك تۈپەيلى ئىستېپا بەرگۈچە قەشقەر شەھرىدە «ئۇيغۇر خەلق ئىتتىپاقى» نىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن بىر مەزگىل ئۆيىدە تۇرۇپ، ئاندىن ناۋايلىق كەسپىنى داۋاملاشتۇرغان. ئەمما، بالا-چاقىلىرى ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بولغاچقا يېشى چوڭىيىپ قالغانلىقتىن ناۋايلىقنى تاشلاپ تاكى 1379-يىلىغىچە شەخسىي كۇتۇپخانىسىغا بېكىنىپ ئولتۇرغان. بۇ كۇتۇپخانىدىكى كىتابلار شۇ ۋاقىتتىكى مەلۇم ئەھۋاللار سەۋەبلىك چېچىلىپ كەتكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ دىنى كىتابلار توغرىسىدىكى مۇتالىئەلىرى ۋە پىكرىي مۇلاھىزىلىرىنى ئۈزۈپ قويمىغان. ئۇ ئەدەپ-ئەخلاق بابىدا ياخشى ئۈلگە ئىدى. كۆپچىلىك ئۇنى ئۇنىڭ جەمئىيەتكە قىلغان خىزمىتى، ئىلىم-مەرىپەت ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسى، دىنى مەجبۇرىيەت ياكى مىللىي بۇرچ ۋە ياكى ئۆز قوۋمى ۋە خەلقىگە خىزمەت قىلىش دەپ قارىغان ئىشلارنى بىر باشقا ئېلىپ چىقىشتىكى ھارماس-تالماس چىدامچانلىقى، قىلغان ئىشلىرى، دېگەن سۆزلىرىدىكى سەمىمىيلىكى، ئىشەنچلىكلىكى ئىش-پائالىيەتلەردىكى ئاكتىپلىقى، تەجرىبىسىنڭ مول، ئەقىل-ئىدراكىنىڭ ساپ ۋە ئۆتكۈرلۈكى، كەمتەرلىكى، كۆرۈنۈشىنىڭ يېقىملىق، كىيىم-كىچىكىنىڭ رەتلىك، قىياپىتىنىڭ سالاپەتلىكلىكى، چېھرىدىن خۇش-تەبەسسۇم كەتمەيدىغان، گەپ-سۆز ۋە مۇئامىلىلىرىدە سېلىق-سىپايە ۋە كەسكىن، ناتىق ئىكەنلىكى، قايىل قىلارلىق، دەلىل-پاكىتلىق سۆزلەيدىغانلىقى سەۋەبلىك ھۆرمەت قىلاتتى.
ئاللاھ تائالادىن ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلىشىنى، ئۇنىڭغا مول مۇكاپاتلارنى ئاتا قىلىشىنى، ئارىمىزدا ئۇنىڭدەك پەزىلەتلىك كىشىلىرىمىزنى كۆپەيتىپ بېرىشىنى تىلەيمىز.
ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا 1404-يىلى ھەج پەرزىنى ئادا قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلدى. ئۇ ھەج پەرزىنى ئادا قىلىپ بولغىچە بالا-چاقىلىرى بىلەن پېقىرنىڭ ئاددىي تۇرالغۇسىغا جايلاشقان ئىدى. ھەج پەرزىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالا ئۇنى يۇرتىغا ساق-سالامەت بېرىۋېلىشقا نېسىپ قىلدى. 1405-يىلى رامىزاننىڭ ئالتىنچى كۈنى قەشقەردە بالا-چاقىلىرى يېنىدا ۋاپات تاپتى.
رەھمەتلىك داموللا ھاجىمغا ئاللاھ رەھمەت قىلغاي!
ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەت قاسىم ئەمىننىڭ «الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى» تەرجىمە قىلدى.