(ھ. 1291– 1360/ م. 1874 – 1941)
شەيخ ئىسمائىل ئىبنى ئۆمەر ئىبنى مۇھەممەد قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق پەيزىۋات ناھىيەسىدە ئەزالىرى ئاساسلىقى دېھقانچىلىق، قوشۇمچە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھال ئەھۋالى نورمال ئائىلىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بولۇپمۇ دادىسى ئۆمەر ئاخۇننىڭ خۇتبە ۋە ۋەز – تەبلىغ ئاڭلاش ئۈچۈن جامەگە كۆپ بېرىشى تۈپەيلى ئىلىم – مەرىپەت ئىگىلىرىنى بولۇپمۇ ئەمەلىي خىزمەت قىلىۋاتقان مەشايخ ۋە ئۆلىمالارنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوغلى ئىسمايىلنى بالا ۋاقتىدىلا قەشقەر شەھرىدىكى بىر مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىدۇ. بۇ زېرەك بالا «قۇرئان»نىڭ كۆپ قىسمىنى يادلاپ، تەجۋىد بىلىملىرىنى پۇختىلىغاندىن كېيىن رەسمىي ئوقۇشنى باشلايدۇ. دەسلەپ فارس تىلىدا يېزىلغان ئەرەب تىلىنىڭ مورفولوگىيسى توغرىسىدىكى «بىدان» دېگەن كىتابتىن باشلىغان. ئاندىن ئەرەب تىلىنىڭ قائىدىلىرى، فىقھ ۋە ئىمام نەۋەۋىينىڭ «قىرىق ھەدىس» دېگەن كىتابىغا ئوخشاش ھەدىس توغرىسىدىكى باشقا كىتابلارنى ئوقۇيدۇ. كۈچلۈك قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسىدە ئۈزلۈكسىز باش چۆكۈرۈپ ئۆگەنگەنلىكتىن ئوبدانلا ئىلمىي ھاسىلاتلارغا ئىگە بولىدۇ. كېيىن يىراقنى كۆرەر، ئىلىمگە ئاشىق بىر ئۇستاز ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ بىر قوللۇق يېتەكلەيدۇ. بىر نەچچە يىل ئۆتە – ئۆتمەيلا شەيخ ئىسمائىل ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىچىدىكى قابىلىيىتى بار ئوقۇغۇچى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇ تۆۋەندىكى دەرسلەرنى ئوقۇغان: تەفسىر، ھەدىس ۋە ئۇلارنىڭ پىرىنسىپلىرى، ھەنەفىي ئۇسۇلفىقھىسى ۋە فىقھىسى، ئۆلىمالار مەنزىللىرى، ئەرەب تىلى، مورفولوگىيەدىكى تۈرلەش قائىدىلىرى، گىرامماتىكا، فارس ئەدەبىياتى، مىراس، ئىستىلىستىكا، ماۋارائۇننەھرى ئۆلىمالىرى ئادەتتە دەرسلىك قىلىپ كەلگەن مەنتىق قاتارلىقلار.
ئۇ ھىجرىيە 1325 – يىلى «ئىجازە»گە ئېرىشكەن ۋە ئوقۇ – ئوقۇتۇشتىن باشقا ئىش قىلماسلىققا بەل باغلىغان. ئۇ ھىجرىيە 1360 – يىلى 35 ياشقا كىرە – كىرمەيلا قەشقەر شەھرىدە ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ۋاپاتى ئانا يۇرتى پەيزىۋاتتا بولغان ۋە شۇ جايغا دەپنە قىلىنغان دەپمۇ قارىلىدۇ.
ئاللاھ تائالا بۇ زاتقا رەھمەت قىلسۇن!
ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.