ئىلگىرىكى دەۋرلەردە ئىسلام دىيارلىرىدا ئەھلى كىتاب (يەھۇدىي – ناسارالار) ۋە مۇشرىكلاردىن تەركىپ تاپقان (ھەرقايسى) جامائەلەر ئۆز ئەقىدىلىرى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ساقلاپ ياشايتتى. بۇ ئەھۋال بەزى كىشىلەرنى بىئارام قىلاتتى. بولۇپمۇ ئاممىۋى ئەدەپ – ئەخلاققا سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلسە، كىشىلەر (بىئارام بولۇپ) بۇنىڭغا قارىتا نېمە قىلىشىمىز كېرەك، دەپ سورىشاتتى.
ئىمام بۇخارىي «سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى»نىڭ «(كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە) ئىجازەت سوراپ كىرىش» دېگەن بابىدا سەئىد ئىبنى ئەبۇلھەسەننىڭ ھەسەنگە: «ئەجەملەرنىڭ ئاياللىرى كۆكرەكلىرى ۋە باشلىرىنى ئوچۇق قويۇپ يۈرۈشىدۇ» دېگەندە، ھەسەننىڭ ئۇنىڭغا: «كۆزۈڭنى تارتقىن» دەپ ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىنى ئوقۇغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ﴿مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ساقلىسۇن﴾(24/«نۇر»: 30).
مەن بۇ سۆزنى ئىمام بۇخارىيدىن نەقىل قىلغان چېغىمدا بەزى ياشلار تۇرالماي چۇرقىرىشىپ مۇنداق دېدى:
— بىزنىڭ ئۆگەنگىنىمىز بۇنداق ئەمەس، مۇنداق: كوچىلاردىكى يېرىم – يالىڭاچ ياكى ياسانچۇق ئاياللار كىشىلەرنى گۈزەللىكلىرى بىلەن سېھىرلەيدۇ. فىقھىشۇناسلار: سېھرىگەرلەر ئۆلتۈرۈلىدۇ، دېگەن. شۇڭا، بۇنداق ئاياللارمۇ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ھەتتا پاھىشە قىلغانلىقى ئاشكارا بولغان ئاياللارنى سۇلتاننىڭ رۇخستىسىز ئۆلتۈرسە بولىدۇ…
— ئۆمرۈمدە ئاڭلاپ باقمىغان گەپكەن بۇ! ھېچ بىر زاماندا ھېچقانداق بىر فىقھىشۇناسنىڭ بۇنداق بىر پەتۋا ياكى قىياسىنى ئوقۇپ باقماپتىمەن! بۇ، فىقھىي ئىجتىھاد ئەمەس، تاققا – تۇققا قاراشكەن… !!
— ئۇنداقتا، كوچىلارنىڭ كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك شەرمى – ھاياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان دەرىجىدە فىتنە – پاسات كۆرگەزمىسىگە ئايلىنىپ قېلىشى سىزنى خۇش قىلامدۇ؟
— بۇ ھېچبىر مۇئمىننى خۇش قىلمايدۇ. لېكىن، بۇ مەسىلىنىڭ چارىسى سىز دېگەندەك (كىشىلەرنىڭ) ھاياتىغا تاجاۋۇز قىلىش بىلەن بولمايدۇ. تەلىم – تەربىيە، گۈزەل نەمۇنە، كىشىلەرنى كۆنۈپ قالغان ئىشلاردىن قول ئۈزدۈرۈشتىكى ئىلمى ئۇسلۇب ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى رازى بولۇپ، سۆيۈپ تۇرۇپ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ئىچ – ئىچىدىن قايىل بولۇشى دېگەنلەر قېنى؟ (ئۇلارنى نەدە ئىشلىتىمىز؟) سىلەر ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ خاراكتېرلىرىنى ۋە مۇھىتلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرىنى راستىنلا بىلمەيۋاتىسىلەر! قۇلۇپنى ئاچقۇچ ئىشلەتمەيلا، سۇندۇرۇپ، بۇزۇپ بولسىمۇ ئاچماقچى بولۇۋاتىسىلەر!
— بۇ قانداق گەپ؟ بىز پەقەت بۇزۇقچىلىقلارنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتىمىز…
— ھىندىستاندىكى ئاياللار ئۆرپ – ئادىتى بويىچە بەللىرى ئوچۇق بولغان ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيىدۇ. ياۋرۇپادىكى ئاياللارمۇ ئۆرپ – ئادىتى بويىچە باشلىرى، بەزىدە پۇت – قوللىرى ئوچۇق كىيىملىرىنى كىيىدۇ. ئۆرۈپ – ئادەتلىرى بويىچە بۇنداق ئەنئەنىۋىي كىيىملەرنى كىيگەنلەرنىڭ ھەممىسى بۇزۇقچىلىق قىلىش ياكى فىتنە – پاسات تارقىتىشنى مەقسەت قىلمايدۇ. بەلكىم، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى (بۇنداق ئەنئەنىۋىي كىيىملىرىنى) مەزكۇر يامان ئىشلارنى مەقسەت قىلماستىن كىيگەن بولۇشى، يەنە بەزىلىرى مەقسەت قىلىپ كىيگەن بولۇشى مۇمكىن. توغرا ئىش بولسا ئالدى بىلەن ئەقىدىنى تارقىتىپ ئاندىن ئەقىدە ئاساسلىرى ئۈستىگە ئەخلاق ۋە يۈرۈش – تۇرۇشنى قۇرۇپ چىقىشتۇر. ئەقىدە دېگەن ئۇر – چاپ پەتۋالىرى ۋە كىشىلەرنىڭ ھاياتى بىلەن ھېسابلاشماسلىق بىلەن تارقىتىلمايدۇ.
— بىز يولدىن چىقىپ كەتكەن جەمئىيىتىمىزنى ئوڭشىماقچىمىز!
— ئەمىسە، سىلەر بىز باشقىلارنىڭ ھاياتىنى قەدىرلەپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىغا ئېتىبارسىز قارايمىز دېمەكچىمۇ؟ ئەگەر سىلەر ئىسلامىي دەۋەتنى گۈزەل بىر شەكىلدە ئېلىپ بارالمىساڭلار، ئۇنى گۈزەل شەكلىدە ئېلىپ بارالايدىغان كىشىلەرگە قويۇپ بېرىڭلار! قاراقچىلارنىڭ لوگىگىسى فىقھى دېيىلمەيدۇ. ھە دېسىلا باشقىلارنى گۇناھ بىلەن ئەيىبلەش بۇ دىنغا كۆيۈنگەنلىك بولمايدۇ.
ئۇلار بىلەن ئارامدا ئەنە شۇنداق سۆھبەتلەر بولدى.
شەيخ مۇھەممەد غەززالىينىڭ «ئاچچىق ھەقىقەت» ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمىدە: بېشارەت