تارماق مەسىلىلەردە تالاش - تارتىش قىلىشنىڭ خەتىرى

تارماق مەسىلىلەردە تالاش – تارتىش قىلىشنىڭ خەتىرى

مەن بىر كۈنى كىشىلەرنىڭ ئىككى تەرەپ بولۇپ، بىر مەسىلىنى كەسكىن تالاش – تارتىش قىلىۋاتقانلىقىغا شاھىد بولدۇم. ئۇلارنىڭ بىر تەرەپتىكىلىرى ئىمامنىڭ كەينىدە «ئامىن»نى ئىچىدە دېيىشنى توغرا دەپ قارىسا، يەنە بىر تەرەپتىكىلىرى ئۈنلۈك دېيىشنى توغرا دەپ قارايتتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەندىن بۇ تالاش – تارتىشنى ئاخىرلاشتۈرۈش ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلدى. مەن ئۇلارغا (جاۋابەن) دېدىمكى، «ئامىن» دېيىش دۇئا قىلغانلىقتۇر. دۇئادا مۇھىم بولغىنى ئاللاھقا يالۋۇرۇش ۋە ئۈمىدۋار بولۇشتۇر. ئەگەر كىشى دۇئادا قاتتىق ھاياجانلىنىپ كەتسە، ئاۋازى ئۈنلۈك چىقىپ كېتىدۇ. ئۆزىنى (ئاللاھ ئالدىدا) خار تۇتۇش غالىب كەلسە، ئاۋازى تۆۋەن بولىدۇ. دېمەك، بۇ ئىككى ئىش (ماھىيەتتە) ئوخشاشتۇر.

— بىز ھېچنەرسىنى چۈشىنەلمىدۇققۇ — دېدى (سۆزۈمنى) ئاڭلاۋاتقانلاردىن بىرى كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ.

— شۇنداق، سىلەر چۈشىنەلمەيسىلەر! چۈنكى، سىلەر مەندىن بۇ كەسكىن تالاش – تارتىشنى پۈۋلەۋاتقان ۋە سىلەرنى بىر – بىرىڭلارغا قارشى دۈشمەنلەشتۈرۈۋاتقان ئاسىي شەيتاننى رازى قىلىدىغان بىر جاۋابنى كۈتۈۋاتىسىلەر. ئەگەر فىقھىي جەھەتتىن جاۋاب بېرىشىم كېرەك بولسا، شۇنى بىلىڭلاركى، «ئامىن»نى ئىچىدە دېيىشمۇ، ئۈنلۈك دېيىشمۇ ئالىملارنىڭ كۆزقارىشىدۇر. ھەر ئىككىلا كۆزقاراشنىڭ شەرىئەتتىن دەلىلى بار ئەجىر بېرىلىدىغان ئىشتۇر، ئىنشائاللاھ.

ئىككى تەرەپنىڭ ئادەملىرى يېنىمدىن نارازى بولغان ھالدا قايتىپ كېتىشتى. ئەمما، مەن ئۇلارنىڭ يېنىمدىن كەتكەنلىكى ئۈچۈن راھەت ھېس قىلماقتا ئىدىم. توغرىسىنى ئېيتقاندا، مەن بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئىبادەت روھى ۋە ناماز ئەخلاقىدىن يىراقلاشتۇرۇۋاتقان ئاڭ – ساپا قەھەتچىلىكىدىن تېخىمۇ يۈكسەك بىر سەۋىيەگە يەتكۈزىدىغان سەۋرچان بىر تەربىيەچىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى (چوڭقۇر) ھېس قىلماقتا ئىدىم.

ھەقىقەتەنمۇ مەزكۇر فىقھىي تالاش – تارتىشى بولسا ئاۋامنى مەشغۇل قىلىدىغان، فىتنە – ئىغۋالارغا ئوت ياقىدىغان، ئەدەب – ئەخلاقلارنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ۋە ئاللاھ تائالا ئۇلاشقا بۇيرىغان مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈپ تاشلايدىغان نەچچە ئونلىغان ئوخشاشلىرىنىڭ بىر مىسالىدۇر، خالاس.

بۇنىڭغا ئوخشاش تارماق مەسىلىلەردىكى تالاش – تارتىشلار ماڭا خۇددى مېدىتسىنا كىتابلىرىدا مىڭ ھەسسە چوڭايتىلىپ، ئاستىغا پالان كېسەلنىڭ مىكروبى دەپ يېزىپ قويۇلغان ھالەتتە بىزلەرگە كۆرسىتىلىدىغان باكتېرىيەلەرنىڭ سۈرەتلىرىگە ئوخشاشتەك كۆرۈنىدۇ.

بۇنىڭغا ئوخشاش سۈرەتلەرنى بىلىش مەقسىتىدە چوڭايتىپ كۆرسىتىش چۈشىنىشلىك بىر ئىش، ئەلبەتتە. ئەمما، بەزى ئالىملارنىڭ كۆزقاراش ۋە چۈشەنچىلىرى ئارىسىدىكى پەرقلەرنى چوڭايتىپ، خۇددى ئۇلارنى ئۈممەتلەرنىڭ بىر – بىرىگە يېقىن كەلمەيدىغان ھەقىقەتلىرىدەك كۆرسىتىشىنى نېمە دەپ چۈشەنگۈلۈك؟! بۇنىڭ مۇسۇلمان جەمئىيىتمىزگە بولغان تەسىرى ھەقىقەتەن تولىمۇ خەتەرلىكتۇر. چۈنكى، ئۈممەتلەر ئەدەب – ئەخلاقسىز گۈللىنەلمەيدۇ، ئەدەب – ئەخلاقلىق بولۇش كېرەك بولغان نۇرغۇنلىغان ئورۇنلارنى بۇنداق ساختا چوڭايتىشلار قاپلىغان، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئاۋام خەلق راستچىللىق، ئامانەتدارلىق، ۋاپادارلىق ۋە شەرمى – ھايا قاتارلىق پەزىلەتلەرنى شەكىللەندۈرۈش ئورنىغا ئۆزلىرى ئەجرى ۋە ساۋابى ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ كاتتا دەپ قارىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغان.

ئۇلارنىڭ بۇنداق قارىشى ھەقىقەتتىن يىراق بولغان خاتا چۈشەنچىدۇر. چۈنكى، ئەخلاقنىڭ يوقۇلۇشى مۇناپىقلىقنىڭ يامرىشى، پاساتچىلىقنىڭ تارقىلىشى، شۇنداقلا ئۈممەتنىڭ ھالاكىتى… دېمەكتۇر.

مېنىڭ نەزەرىمدە مەزھەب تەرەپپازلىق ئوتىنى ياندۇرۇش ئىلگىرى خەلق ئاممىسىنى ئىسلام دۆلىتىنى ۋەيران قىلغان خاتالىقلارنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە سىياسىي تەنقىدتىن يۈز ئۆرۈتىدىغان سۇيىقەستلىك پىلان ئىدى. قارىغاندا، بۇ پىلان ھېلىھەم ئىجرا قىلىنىۋاتقاندەك قىلىدۇ!

 

شەيخ مۇھەممەد غەززالىينىڭ «ئاچچىق ھەقىقەت» ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى.

تەرجىمىدە: بېشارەت

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ