ئاللاھنىڭ ئېيى بۇ رامازان(5)

ئاللاھنىڭ ئېيى بۇ رامازان(5)

(مۇبارەك رامىزان ئېيىدىكى ئالاھىدىلىكلەر ۋە ئەھكاملار)
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

كېسەللەر، ياشانغانلار، ھامىلىدارلار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار روزا تۇتمىسىمۇ بولامدۇ؟

 

1. كېسەل

جانابىي ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېگەن: ﴿كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا، باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خاھلايدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 185).

بۇ ئايەتكە ئاساسەن، كېسەل كىشى رامازاندا پەرز روزىسىنى تۇتمىسىمۇ بولىدۇ، بارلىق ئالىملار بۇنىڭغا بىرلىككە كەلگەن.

لېكىن، بۇ ئايەتتە بۇ كەڭچىلىكنىڭ قايسى دەرىجىدىكى كېسەلگە بېرىلگەنلىكى بايان قىلىنمىغان. بەزى ئالىملار: «ھەرقانداق كېسەل رۇخسەت دائىرىسىگە كىرىدۇ» دەپ قارىغان بولسىمۇ، كۆپچىلىك ئالىملىرىمىزنىڭ بايان قىلىشىچە، «رامازاندا روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ» دەپ رۇخسەت قىلىنىدىغان كېسەلنىڭ ئۆلچىمى شۇكى، روزا تۇتۇش بىلەن كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدىغان، ياكى ساقىيىشى كېچىكىدىغان، ياكى قىينىلىپ قالىدىغان، ياكى تۇرمۇشىنى قامدايدىغان كەسپىنى قىلالماي قالىدىغان كېسەللەردۇر. چۈنكى، كېسەللىكلەر ئوخشاش بولمايدۇ. بارماق ئاغرىقى ياكى كىچىككىنە يارىدەك بەزى كېسەللەر روزا تۇتۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. يەنە ئىچ سۈرۈش ۋە ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە ئوخشاش بەزى كېسەللىكلەرگە روزا تۇتۇش پايدا قىلغاچقا، دوختۇر ئۇلارغا روزا تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇنداق كېسەللىكلەر ئۈچۈن روزا تۇتماسلىققا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. چۈنكى، بۇنداق كېسەللىكلەرگە روزا تۇتۇش زىيان قىلماستىن، بەلكى پايدا قىلىدۇ.

روزا تۇتۇشتىن زىيان كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەرگە بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن رۇخسەت قىلىنىدۇ. شۇنداقلا روزا تۇتسا كېسەل بولۇپ قالىدىغان ساق كىشىلەرنىڭمۇ كېسەل ئادەمگە ئوخشاش روزا تۇتماسلىق رۇخسىتى بار، بۇنىڭغا بەزى ئالىملار رۇخسەت قىلغان. جانابىي ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 29). ھەتتا بەزىلەر: «روزا تۇتسا ئېغىر كېسەل بولىدىغان ياكى ئۆلىدىغان بولسا روزا تۇتۇشى ھارام بولىدۇ» دېگەن، يەنە بەزىلەر: «ئۇنداق ئەھۋالدا روزا تۇتۇشى مەكرۇھ» دېگەن.

روزىنىڭ پايدا قىلىش ياكى زىيان قىلىشىنى دوختۇر بەلگىلەيدۇ ياكى كېسەل ئۆزىنىڭ تەجرىبىسى ۋە ھېس قىلىشى بىلەن بىلىدۇ. بىر كىشىگە ئىشەنچلىك دوختۇر «روزا تۇتسىڭىز سىزگە زىيانلىق» دېگەن بولسىمۇ، بۇنىڭغا قارىماي روزا تۇتۇۋالسا، روزىسى توغرا بولىدۇ. لېكىن، جانابىي ئاللاھنىڭ كەڭچىلىكىنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ياخشى قىلمىغان بولىدۇ. ئەگەر روزا تۇتۇشىدىن كېسىلى يامانلىشىپ، ئېغىر زىيان كېلىپ چىقىدىغانلىقى ئېنىق تۇرۇپ، يەنىلا روزا تۇتىمەن دەپ كاجلىق قىلسا، بۇنداق قىلىشى ھارام بولىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ ئۇنى ئۆزىنى ئازابلاشتىن ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشتىن توسقان: ﴿ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 29). جانابىي ئاللاھ ئۇنىڭ ئۆزىنى قىيناپ ئازابلىشىغا موھتاج ئەمەس.

يۇقىرىدا «كېسەل كىشى رامازاندا روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ» دېدۇق. ئۇنداقتا روزا تۇتمىسا نېمە قىلىشى كېرەك؟ كېيىن ئۇنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ ياكى فىديە بېرىپ باشقىلارنى غىزالاندۇرامدۇ؟

كېسەل ئىككى خىل بولىدۇ: بىرىنچىسى، ۋاقىتلىق كېسەل. يەنى بەزىدە كىشى ئۇشتۇمتۇت كېسەل بولۇپ قېلىپ بىر مۇددەت داۋالانغاندىن كېيىن ساقىيىپ كېتىدۇ. بۇنداق ساقىيىپ كېتىدىغان ھەمدە داۋالىغىلى بولىدىغان كېسەللەر ساقايغاندىن كېيىن رامازاندا تۇتالمىغان روزىلىرىنىڭ ئورنىغا باشقا كۈنلەردە روزا تۇتۇشى كېرەك. ئاللاھ تائالامۇ: ﴿باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن﴾ دەپ بۇيرۇغان. بۇنىڭغا ئاساسەن، پۈتۈن رامازاندا بىر ئاي روزا تۇتالمىغان بولسا، كېيىن بىر ئاي قازاسىنى تۇتىدۇ. ئون كۈن تۇتالمىغان بولسا، ئون كۈن قازاسىنى تۇتىدۇ. بىر كۈن تۇتالمىغان بولسا، بىر كۈن قازاسىنى تۇتىدۇ.

ئىككىنچىسى، ساقايماس كېسەل. بۇ ساقىيىشىدىن ئۈمىد يوق، داۋاملىق كېسەل ھالىتىدە يېتىپ كېتىدىغان، داۋاملىق دورا ئىستېمال قىلىپ تۇرىدىغان كېسەللەر بولۇپ، بۇنداق كېسەلگە گىرىپتار كىشىلەر ياشانغان كىشىلەرگە ئوخشاشلا روزا تۇتمايدۇ ھەم قازاسىنىمۇ قىلمايدۇ. پەقەتلا تۇتالمىغان ھەربىر كۈن ئۈچۈن بىر پېقىرنىڭ قورسىقىنى ئوتتۇرھال ئىككى ۋاقىت تاماق بىلەن تويغۇزىدۇ ياكى بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، قورسىقىنى تويغۇزغۇدەك نەق پۇل بەرسىمۇ بولىدۇ. كۆپرەك بەرسە تېخىمۇ ياخشى.

ئەگەر بىر كىشى ساق ھالەتتە روزا تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن شۇ كۈنى كۈندۈزدە ئۇشتۇمتۇت كېسەل بولۇپ قالسا، روزىسىنى بۇزۇۋەتسە بولىدۇ. بۇزغانغا كەففارەت كەلمەيدۇ، كېيىن ساقايغاندا قازاسىنى قىلسا بولىدۇ. ساقايماس كېسەل بولۇپ قالغان بولسا، شۇ كۈن ئۈچۈن بىر مىسكىننى تويغۇزسا بولىدۇ.

 

2. ياشانغانلار

روزا تۇتسا قىينىلىپ قالىدىغان ياشانغان كىشىلەر روزا تۇتماي، ھەربىر كۈن ئۈچۈن بىر مىسكىننىڭ قورسىقىنى تويغۇزسا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خاھلايدۇ، تەسلىكنى خاھلىمايدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 185).

يەنە ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «ياشانغان قېرى كىشىگە روزا تۇتماسلىققا رۇخسەت قىلىندى، ئۇ ھەربىر كۈننىڭ ئورنىغا بىر مىسكىننى غىزالاندۇرىدۇ، قازاسىنى قىلمايدۇ»(1).

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ساناقلىق كۈنلەردە روزا تۇتۇش پەرز قىلىندى. سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا، تۇتالمىغان كۈنلەرنىڭ قازاسىنى باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، ئۇلارنىڭ (كۈنلۈكى ئۈچۈن) بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىديە بېرىشى لازىم. كىمكى فىديەنى ئارتۇق بەرسە، بۇ ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر بىلسەڭلار قىيىنچىلىقلارغا قارىماي روزا تۇتۇش سىلەر ئۈچۈن ياخشىراقتۇر﴾(2/«بەقەرە»: 184).

ئەتا: «ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە كۆرسەتكەندەك، ھەرقانداق كېسەل سەۋەبىدىن روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ» دېگەن. ھەسەن بەسرىي بىلەن ئىبراھىم ئىككىيلەن بالا ئېمىتكۈچى بىلەن ھامىلىدار ئاياللار ھەققىدە: «ئۆزلىرىگە ياكى بالىلىرىغا مالاللىق يېتىپ قېلىشتىن قورقسا، روزا تۇتماي كېيىن قازاسىنى قىلسا بولىدۇ. ئەمما، ياشىنىپ قالغان بوۋاي كىشى روزا تۇتۇشقا بەرداشلىق بېرەلمىسە فىديە بېرىدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ ياشىنىپ قالغان چاغدا بىر ياكى ئىككى يىل ھەر كۈنى بىر مىسكىنگە نان، گۆشلەرنى فىديە بېرىپ روزا تۇتمىغان» دېگەن(2).

يەنە ئىمام بۇخارىينىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «جانابىي ئاللاھنىڭ: ﴿روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، ئۇلارنىڭ (كۈنلۈكى ئۈچۈن) بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىديە بېرىشى لازىم. كىمكى فىديەنى ئارتۇق بەرسە، بۇ ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر﴾(2/«بەقەرە»: 184) دېگەن سۆزى ياشانغان، قېرى كىشىلەر ۋە شۇلارغا ئوخشىغان كىشىلەر ھەققىدە چۈشكەن»(3).

يېقىنقى ۋە ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى بەزى ئالىملار (مۇھەممەد ئەبدۇھ رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدەك) داۋاملىق ئېغىر ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق تىرىكچىلىك قىلىدىغان (مەسىلەن، ئىسسىق ھاۋادا كۆمۈر كانلىرىدا ياكى تونۇر ئالدىدا، قۇرۇلۇشتا، كۈن بويى ئاپتاپتا ئىشلەيدىغانلاردەك، مۇددەتسىز كېسىلگەنلەردەك)، ئۇ ئىشىنى كېچىدە قىلالمايدىغان ھەمدە ئۇ ئىشتىن باشقا تىرىكچىلىكمۇ قىلالمايدىغان نامرات ئىشچىلارنى ياشانغان كىشىلەرگە ۋە داۋاملىق كېسەل ياتىدىغان كىشىلەرگە قىياس قىلغان ۋە ئۇلار روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ قارىغان. (4)

بۇلاردىن بەزىلەر: «فىديە بېرىدۇ» دېسە، يەنە بەزىلەر: «بىر يىل ئىچىدە شارائىتى يار بەرگەندە قازاسىنى تۇتىدۇ» دېگەن. بۇلار: «ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق قىينىۋەتكەن كىشى ئەھۋالىغا قاراپ ئېغىز ئېچىۋېتىشىنىڭ ۋاجىبلىقى ياكى جائىزلىقىدا كېسەل كىشىگە ئوخشايدۇ. روزا تۇتۇشتىن مەقسەت كىشىنى قىيناش ئەمەس، بەلكى تەربىيەلەشتۇر» دېگەن.

باشقا ئالىملار: «ئېغىر ئىشلارنى قىلىدىغانلار روزا تۇتۇشقا بۇيرۇلغانلاردىن بولۇپ، ئۇلار كېسەل ياكى سەپەردىكى كىشىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، ئۇلار سوھۇرلۇق يەپ، روزا تۇتۇپ قوپۇشى لازىم. قايسىبىرى كۈندۈزى بەرداشلىق بېرەلمەي ئېغىز ئېچىۋېتىشكە مەجبۇر بولسا، ئېغىز ئېچىۋېتىپ، كۈننىڭ قالغان قىسمىدا روزىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، كېيىن قازاسىنى قىلىۋالىدۇ. بەرداشلىق بېرەلىگەنلەر روزىسىنى بۇزماي داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن. مۇشۇ قاراش توغرا قاراشتۇر(5).

 

3. ھامىلىدار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئايال

ھامىلىدار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئايالغا كەلسەك، ھەدىستە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: «ئاللاھ تائالا سەپەر ئۈستىدىكىلەرگە روزا تۇتماسلىق ۋە نامازنى قەسىر قىلىپ (قىسقارتىپ) ئوقۇش رۇخسىتىنى بەرگەن، ھامىلىدار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئايالغا روزا تۇتماسلىق رۇخسىتىنى بەرگەن»(6).

يەنە بۇ ھەقتە ھەزرىتى ئىبنى ئابباس ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالار: ھامىلىدار ۋە ئېمىتكۈچى ئاياللار بالىلىرىدىن ئەنسىرىسە، روزا تۇتماي فىديە بېرىدۇ» دېگەن. (7)

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن بارلىق ئالىملار: «ئۇلار قىينالسا روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ» دېگەن. لېكىن، روزا تۇتۇش سەۋەبلىك قورساقتىكى ياكى ئېمىۋاتقان بالىنىڭ ئاغرىپ قېلىشى ياكى ئۆلۈپ كېتىشىدىن ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ ئاغرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن تەقدىردە، كۆپىنچە ئالىملار: «ئۇلار روزا تۇتماي باشقا چاغدا ئورنىغا قازاسىنى قىلىۋالسا بولىدۇ» دېگەن.

قورساقتىكى ياكى ئېمىۋاتقان بالىنىڭ ئاغرىپ قېلىشى ياكى ئۆلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن تەقدىردە، بەزى ئالىملار: «ھەربىر كۈن ئۈچۈن بىر مىسكىننىڭ قورسىقىنى تويغۇزسا بولىدۇ، قازاسىنى قىلمايدۇ» دېگەن. كۆپچىلىك ئالىملار: «قازاسىنىلا قىلىدۇ» دېگەن. يەنە بەزىلەر: «ھەم مىسكىننىڭ قورسىقىنى تويغۇزىدۇ ھەم قازاسىنى قىلىدۇ» دېگەن. يەنە بەزى ئالىملار: «ھېچقايسىسىنى قىلمايدۇ» دېگەن(8).

كىشى بۇ قاراشلارنىڭ قايسىسىنى ئۆز ئەھۋالىغا مۇناسىپ كۆرسە ياكى شۇ كىشىگە قايسى قاراش قولاي بولسا شۇنى قىلسا بولىدۇ. مەسىلەن، بەزى ئاياللار كېيىن قازاسىنى قىلىدىغان پۇرسەت تاپالايدۇ، بۇلار مىسكىننىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ كېيىن قازاسىنى قىلىۋەتسە ياخشى بولىدۇ. ئارقىمۇئارقا قورساق كۆتۈرۈپ بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار قازاسىنى قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. شۇڭا، بۇلار مىسكىننىڭ قورسىقىنى تويغۇزسىلا بولىدۇ. نامرات كىشىلەر مىسكىننىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇشنىڭ ئورنىغا ئۆزى قازاسىنى تۇتۇۋالسا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ئاسانلىقنى خاھلايدۇ، قىيىنلىقنى خاھلىمايدۇ.

شۇنچە ئاسانلىقلارنى ئاتا قىلغان جانابىي ئاللاھ ھەربىر ئىنساننىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىدۇ، قىيامەت كۈنى ھەربىر كىشى تاپشۇرۇلغان ئىبادەتلەردىن سورىلىدۇ، ھېساب بېرىدۇ. شۇڭا، ھەربىر كىشى ئاللاھتىن قورقۇپ، يوقىلاڭ باھانە – سەۋەبلەر بىلەن پەرز ئىبادەتلەرنى قىلىشتىن قاچماسلىقى، ئەمما ھەقىقي ئۆزرە ۋە زۆرۈرىيەت بولسا ئاللاھنىڭ كەڭچىلىكىنى قوبۇل قىلىپ كاجلىق قىلماسلىقى كېرەك.

 

رامازاندا تۇتالماي قالغان روزىسىنىڭ قازاسىنى يەنە بىر رامازان كىرگۈچە تۇتالمىغان بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟

بىر كىشى رامازاندا ئۆزرە بىلەن بولسۇن ياكى ئۆزرىسىز بولسۇن، پەرز روزىنى تۇتالمىغان ياكى بۇزۇۋەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قازاسىنى قىلماقچى بولسا، روزا ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ كېلەر يىلى رامازان كېلىپ بولغۇچە بۇ ئىشقا ئالدىرىشى، ھەرگىزمۇ سەل قاراپ كېچىكتۈرمەسلىكى لازىم. چۈنكى، ئىنسان ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىۋالماستىن ئۆلۈپ كېتىپ قالسا، بوينىدا ئادا قىلىنمىغان پەرز قالغان بولىدۇ. ئەمما، يەنە بىر رامازان كىرگۈچە كېچىكتۈرسە گۇناھ بولمايدۇ. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ رامازاندا تۇتالمىغان روزىلىرىم بولاتتى، شەئبان ئېيى كەلگەندىلا ئاندىن ئۇ كۈنلەرنىڭ قازاسىنى تۇتالايتتىم»(9).

ھافىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ: «يۇقىرىقى ھەدىستە رامازاننىڭ قازاسىنى ئۆزرىلىك ياكى ئۆزرىسىز كېچىكتۈرۈشنىڭ جائىزلىقىغا دەلىل باردۇر. ناۋادا ئۇنداق قىلىش جائىز بولمايدىغان بولسا ئىدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئىزچىل ئۇنداق قىلمىغان بولاتتى»(10).

يەنە بىر رامازان كىرگۈچە ئىلگىرىكى رامازاندا تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلمىغان بولسا، بەزى ئالىملار: «ئىككىنچى رامازاندىن كېيىن قازاسىنى قىلىش بىلەن بىللە فىديە تۆلەيدۇ» دېگەن. يەنى بىر مىسكىنگە بىر ۋاقىت ياكى ئىككى ۋاقىت تاماق ئېلىپ بەرسە بولىدۇ. بۇلار بەزى ساھابەلەرنىڭ سۆزى ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىگە تايانغان. يەنە بىر قىسىم ئالىملار: «قازاسىنى قىلسىلا كۇپايە، فىديە تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ» دېگەن.

ئىبراھىم نەخەئىي: «رامازان روزىسىنىڭ قازاسىنى كېلەر رامازان كەلگۈچىلىك كېچىكتۈرگەن ئادەم ھەر ئىككى رامازاننىڭ روزىسىنى تۇتىدۇ» دېگەن ۋە «ئۇ ئادەمگە تاماق فىديە بېرىش ۋاجىب ئەمەس» دېگەن.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇرسەل سەنەد بىلەن، يەنە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن: «ئۇ تاماق فىديە بېرىشى كېرەك» دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئىمام بۇخارىي مۇنداق دەيدۇ: «جانابىي ئاللاھ تاماق فىديە بېرىشنى دېمىگەن، پەقەتلا ﴿تۇتالمىغان كۈن سانى بويىچە باشقا كۈنلەردە تۇتۇۋالسۇن﴾ دېگەن». (11)

بۇنىڭغا ئاساسەن، چوقۇم ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك. ئەمما، فىديە بېرىشكە كەلسەك، بەرسە ئەۋزەل، بەرمىسە ھېچ گەپ يوق. چۈنكى، بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھېچبىر كۆرسەتمە كەلمىگەن.

سانىغا كەلسەك، قانچە كۈن تۇتالمىغان بولسا، شۇنچە كۈن قازاسىنى قىلىدۇ. ئەمما، قانچە كۈن روزا تۇتالمىغانلىقىدا ياكى قانچە كۈننى بۇزۇۋەتكەنلىكىدە شەك قىلىپ قالغان تەقدىردە، كۆڭلى خاتىرجەم بولۇش ئۈچۈن مۇمكىنقەدەر كۆپرەك روزا تۇتسا ياخشى.

بىرقانچە كۈن ئارقىمۇئارقا تۇتالمىغان ياكى بۇزۇۋەتكەن بولسا، بۇ كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلغاندا ئارقىمۇئارقا تۇتۇشى ياخشى. ئەمما، كۈن ئارىلاپ تۇتسىمۇ بولىدۇ(12).

﴿كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا، تۇتالمىغان كۈن سانى بويىچە باشقا كۈنلەردە تۇتۇۋالسۇن﴾ دېگەن ئايەتتىمۇ ئۈزۈلدۈرمەي تۇتۇشنى شەرت قىلمىغان.

ئىبنى ئابباس ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار: «رامازان قازاسىنى بىر كۈندىن ئايرىپ تۇتسىمۇ بولىدۇ» دېگەن(13).

 

رامازاندا تۇتالماي قالغان روزىسىنىڭ قازاسىنى تۇتماي تۇرۇپ نەفلە روزا تۇتسا بولامدۇ؟

كۆپچىلىك ئالىملار: «رامازاننىڭ قازاسىنى تۇتۇپ بولغۇچە ئازادە ۋاقىت بولسا، نەفلە روزا تۇتۇش جائىز» دەپ قارايدۇ، مۇشۇ قاراش كۈچلۈك. چۈنكى، رامازاننىڭ قازاسىنى تۇتۇۋېلىش يىلبويى كەڭرى قويۇۋېتىلگەن. ئاشۇرا كۈنىدە ياكى شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنىدە تۇتۇش ۋاقتى مۇئەييەن بولغاچقا، تۇتۇۋالمىسا قولدىن كېتىدۇ. بۇ خۇددى پەرز نامازنىڭ ۋاقتى كەڭرى بولغاچقا، ئالدىدا سۈننەت ناماز ئوقۇغاندەك جائىز ئىش. بۇنىڭغا ئاساسەن، قازا روزىسىنى تۇتۇپ بولغۇچە نەفلە روزا تۇتسا گۇناھ بولمايدۇ.

﴿كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا، تۇتالمىغان كۈن سانى بويىچە باشقا كۈنلەردە تۇتۇۋالسۇن﴾ دېگەن ئايەتمۇ قازاسىنى قىلىش ۋاقتىنى بەلگىلىمەي مۇتلەق كەلگەن. بۇمۇ تۇنجى پۇرسەتتە تۇتۇشى ۋاجىب ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ رامازاندا تۇتالمىغان روزىلىرىم بولاتتى، شەئبان ئېيى كەلگەندىلا ئاندىن ئۇ كۈنلەرنىڭ قازاسىنى تۇتالايتتىم»(14). ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئارىلىقتا نەفلە روزىلارنى تۇتۇشى ئېنىق. ئەلبەتتە، قازا روزىنى تۇتۇشقا ئالدىراش كېرەك. چۈنكى، پەرز نەفلىدىن ئاۋۋالقى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا، يەنە بىر رامازان كىرىشكە ئاز قالغان ئەھۋالدا، پەرز روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇۋېلىش لازىم.

 

مېھماندارچىلىق سەۋەبىدىن نەفلە روزىنى بۇزۇۋېتىش

نەفلە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە كۆپ ھەدىسلەر كەلگەن. مەسىلەن:

سەھل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «جەننەتتە رەييان دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىشىك بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئۇ ئىشىكتىن پەقەت روزىدارلارلا كىرىدۇ. ئۇ ئىشىكتىن ئۇلاردىن باشقىسى كىرمەيدۇ. ›روزا تۇتقۇچىلار قەيەردە؟‹ دېيىلسە، ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشىدۇ – دە، ئۇ ئىشىكتىن ئۇلاردىن باشقا ھېچكىم كىرمەيدۇ. روزا تۇتقۇچىلار كىرىپ بولغاندا ئىشىك تاقىلىپ قېلىپ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم كىرمەيدۇ»(15).

ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «كىمكى ئاللاھ يولىدا (جىھاد قىلىۋاتقاندا) بىر كۈن روزا تۇتسا، ئاللاھ ئۇنىڭ يۈزىنى دوزاختىن يەتمىش يىل يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇ» (16).

نەفلە روزا دېگىنىمىزدە، پەرز ياكى ۋاجىب بولمىغان روزا مەقسەت قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىگە سۈننەت، مۇستەھەب ۋە تەرغىب قىلىنغان بارلىق روزىلار كىرىدۇ. نەفلە روزا تۇتقان كىشى مېھماندارچىلىق سورۇنلىرىغا تەكلىپ قىلىنىپ قالسا ئەھۋالغا قاراپ تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشنىڭ بىرىنى تاللىسا بولىدۇ:

بىرىنچىسى، مېھماندارچىلىققا بارماي ئۆزرە ئېيتىپ روزىسىنى تۇتۇۋېرىش.

ھافىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ: «چاقىرىلغۇچى ئۆزرە ئېيتسا، ساھىبخانغىمۇ ئۇنىڭ تاماق يېمەي كېتىشى ئېغىر كېلىدىغانلىقى ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان سەۋەب تۈپەيلى ئۇنىڭ ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلسا، بۇ ئۇنىڭ بارماسلىقى ئۈچۈن ئۆزرە ھېسابلىنىدۇ»(17).

ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «بىرىڭلار روزىدار ھالەتتە تاماققا چاقىرىلسا، مەن روزىدار دېسۇن»(18).

ئىمام ئەبۇبەكرى ئەلجەسساس مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نەفلە روزا تۇتقان كىشى بىلەن پەرز روزا تۇتقان كىشىنى ئايرىمىغان»(19).

ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەدىستىكى ›مەن روزىدار دېسۇن‹ دېگەن كۆرسەتمىنى ›ئۆزرە ئېيتىش ۋە ئەھۋالىنى بايان قىلىش‹ دەپ چۈشىنىمىز. ئەگەر ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلىپ، مېھماندارچىلىققا كەلمەسلىكىگە رۇخسەت قىلسا بارمىسىمۇ بولىدۇ. رۇخسەت قىلمىسا بېرىشى لازىم بولىدۇ. روزا بارماسلىققا ئۆزرە بولالمايدۇ. لېكىن، بارسا چوقۇم تاماق يېيىشى كېرەك ئەمەس. روزىدارلىقى بىرنەرسە يېمەسلىكىگە ئۆزرە بولىدۇ»(20).

بۇ ئەھۋالدا روزىدارلىقىنى ئېيتسا رىيا بولمايدۇ. چۈنكى، ئالىملىرىمىزنىڭ ئېيتىشىچە: «بۇ ھەدىس يەنە شۇنى كۆرسىتىدۇكى، بىرەر ئېھتىياج تېپىلغاندا ناماز ۋە روزا قاتارلىق نەفلە ئىبادەتلەرنى باشقىلارغا كۆرسەتسە ھېچ گەپ بولمايدۇ. ئېھتىياج تېپىلمىسا يوشۇرۇش مۇستەھەب بولىدۇ»(21).

«نەفلە ئىبادەتلەرنى يوشۇرۇش مۇستەھەب بولسىمۇ، بارمىسا ساھىبخاننىڭ كۆڭلى ئاغرىپ قالماسلىق ئۈچۈن، بۇ ھەدىس بارالمايدىغان مېھماننى ›مەن روزىدار‹ دەپ ئۆزرە ئېيتىشقا بۇيرۇغان»(22).

ئىككىنچىسى، مېھماندارچىلىققا بېرىپ بىرنەرسە يېمەي روزىسىنى تۇتۇۋېرىش.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىرىڭلار تاماققا چاقىرىلسا بارسۇن، ئەگەر ئۇ روزىدار بولسا دۇئا قىلىپ قويسۇن، روزىدار بولمىسا تاماق يېسۇن»(23).

ناﻓﯩﺌ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما تويغا چاقىرىلسا روزىدار بولسۇن ياكى بولمىسۇن بارماي قويمايتتى. روزىدار بولۇپ قالسا دۇئا قىلىپ، بەرىكەت تىلەيتتى. روزىدار بولمىسا، تاماق يەيتتى(24).

ئۇبەيدۇللا ئىبنى ئەبى يەزىد دەيدۇكى، «ئاتام ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانى چاقىرغان ئىدى، ئۇ كېلىپ ئولتۇردى. تاماق كەلتۈرىلىۋىدى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما قولىنى ئۇزۇتۇپ: ›ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ئېلىڭلار! ‹دەپ بولۇپلا قولىنى تارتىۋېلىپ: ›مەن روزىدار‹ دېدى»(25).

روزىدار تاماق يېمەيدىغان تۇرۇپ مېھماندارچىلىققا بېرىشنىڭ بىرقانچە تۈرلۈك پايدىسى بار بولۇپ، مەسىلەن، مېھمان ساھىبخانغا دۇئا قىلىدۇ. ساھىبخانمۇ مېھماننىڭ بەرىكىتىگە ئېرىشىدۇ. مېھمان بىلەن سورۇنى زىننەتلىنىدۇ. مېھماننىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن پايدىلىنىدۇ. بەزى مېھمانلار كەلمىسە، ساھىبخاننىڭ يۈزى چۈشۈپ كېتىدىغان بولسا، مېھماننىڭ كېلىشى بۇنى توسۇپ قالالايدۇ. بارمىغان تەقدىردە، يۇقىرىقىلار قولغا كەلمەيدۇ. ساھىبخاننىڭ دىققىتى چېچىلىپ بىئارام بولىدۇ(26).

ئۈچىنچىسى، مېھماندارچىلىققا بېرىپ بىرنەرسە يەپ روزىسىنى بۇزۇۋېتىش.

مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «بىر كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنىڭ يېنىمغا كىردى ۋە:

— يېگۈدەك بىرەر نەرسە بارمۇ؟ — دەپ سورىدى، بىز:

— يوق، ـ دېگەن ئىدۇق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئۇنداق بولسا مەن (بۈگۈن) روزا تۇتىمەن، — دېدى. باشقا بىر كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېنىمغا كىرگەندە:

— ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ھەيس (خورما، سېرىقماي ۋە قۇرۇتتىن ھازىرلانغان) تامىقى بار، — دېگەن ئىدىم:

— كەلتۈرۈڭ، مەن ئەتىگەن (نەفلە) روزا تۇتۇۋالغان ئىدىم، — دېدى ۋە تاماقتىن يېدى(27).

ئۇممۇ ھاﻧﯩﺌ رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتىم، بىر قاچىدا ئىچىملىك كەلتۈرۈلدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭدىن ئىچكەندىن كېيىن ماڭا سۇنۇپ بەردى، مەنمۇ ئىچتىم. ئاندىن:

— مەن گۇناھ قىلىپ سالدىم، ماڭا مەغپىرەت تەلەپ قىلغان بولسىلا، — دېگەن ئىدىم:

— نېمە گۇناھ قىلدىڭىز؟ — دەپ سورىدى.

— روزىدار تۇرۇپ بۇنى ئىچىپ سالدىم، — دېدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— قازا روزىمىدى؟ — دەپ سورىدى.

ـ ياق، — دېسەم:

ـ ئۇنداقتا ھېچنېمە بولمايدۇ، — دېدى.

يەنە بىر رىۋايەتتە «نەفلە روزا تۇتقۇچى ئۆزىگە ئۆزى خوجىدۇر. خاھلىسا روزىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، خاھلىسا روزىسىنى بۇزۇۋېتەلەيدۇ» دېگەن(28).

ئىمام شەۋكانىي يۇقىرىقى ھەدىسلەر ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەدىسلەر نەفلە روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئېغىز ئاچسا، بولۇپمۇ، مۇسۇلمانلاردىن بىرەرسى چاقىرغان مېھماندارچىلىقتا بولسا ئېغىز ئاچسا جائىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ»(29).

ئەلبەتتە، مېھماندارچىلىق روزىدارنىڭ نەفلە روزىسىنى بۇزۇۋېتىشكە ئۆزرە بولالايدۇ. بۇنىڭدا روزىدار ساھىبخان بولسۇن ياكى مېھمان بولسۇن ئوخشاش. چۈنكى، بەزىدە ساھىبخان مېھمىنىنىڭ تاماق يېمىگەنلىكىدىن كۆڭلى يېرىم بولۇشى، بىئارام بولۇشى مۇمكىن. بەزىدە مېھمان ساھىبخاننىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماق يېمىگەنلىكىدىن كۆڭلى يېرىم بولۇشى ياكى بىئارام بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندىكى بۇ ھەدىسمۇ شۇنى كۆرسىتىدۇ:

ئەبۇ جۇھەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سالمان بىلەن ئەبۇددەردائنى قېرىنداش قىلىپ قويغان ئىدى. سالمان ئەبۇددەردائنى يوقلاپ كېلىپ، ئەبۇددەردائنىڭ ئايالى ئۇممۇددەردائنىڭ كىيىنىشتە ئۆزىنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇممۇددەردائغا: «نېمە بۇ تۇرقىڭىز؟» دېگەن ئىدى، ئۇممۇددەرداﺋ: «قېرىندىشىڭىز ئەبۇددەردائنىڭ دۇنياغا ھاجىتى يوق» دېدى. ئاندىن ئەبۇددەرداﺋ كېلىپ سالمانغا تائام راسلىدى. سالمان ئەبۇددەردائغا: «سەنمۇ يېگىن» دېگەن ئىدى، ئەبۇددەرداﺋ: «مەن روزا تۇتۇۋالغان، سەن يېگىن» دېدى. سالمان: «سەن يېمىگۈچە مەنمۇ يېمەيمەن» دېگەن ئىدى، ئەبۇددەرداﺋ يېدى. كېچىنىڭ ئاۋۋىلىدا ئەبۇددەرداﺋ تۇرماقچى بولغان ئىدى، سالمان: «ئۇخلا» دېدى، ئەبۇددەرداﺋ ئۇخلىدى. سەل تۇرۇپ ئەبۇددەرداﺋ يەنە تۇرماقچى بولىۋېدى، سالمان: «ئۇخلا» دېدى. كېچىنىڭ ئاخىرى بولغاندا سالمان: «ئەمدى تۇر» دېدى. ئىككىسى ناماز ئوقۇپ بولغاندا، سالمان ئۇنىڭغا: «رەببىڭنىڭمۇ سەندە ھەققى بار، نەپسىڭنىڭمۇ سەندە ھەققى بار، ئەھلىڭنىڭمۇ سەندە ھەققى بار. شۇڭا، ھەربىر ھەق ئىگىسىگە ئۆز ھەققىنى بېرىشىڭ كېرەك» دېدى. ئەبۇددەرداﺋ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ بۇ ئەھۋالنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سالمان راست ئېيتىپتۇ» دېدى(30).

يۇقىرىقى ھەدىستە سالمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مېھمان ئىدى. ئۇنىڭ چىڭ تۇرۇۋېلىشى نەتىجىسىدە ساھىبخان ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نەفلە روزىسىدىن ئېغىز ئېچىۋەتكەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ۋەقەدىن ۋاقىپ بولغاندىن كېيىن «سالمان راست ئېيتىپتۇ» دەپ، سالمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىلغىنىنى توغرا تاپقان(31).

خەرەشە ئىبنۇلھۆر مۇنداق دەيدۇ: بىز ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھۇزۇرىدا ئىدۇق. ئالدىغا تاماق كەلتۈرۈلگەن ئىدى، ئۇ سورۇندىكىلەرگە: «يەڭلار» دېدى. ئۇلارنىڭ ھەربىرى: «مەن روزىدار» دەپ تۇرۇۋالغان ئىدى، ئۇ ئۇلارنىڭ ئېغىز ئېچىۋېتىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋېلىپ، ئاخىرى ئۇلار ئېغىز ئېچىۋېتىشتى(32).

ئەتاﺋ دەيدۇ: «مەن سالمان ئىبنى مۇسادىن: ›بۇرۇن كىشىلەر مېھمانلىرى ئۈچۈن ئېغىز ئېچىۋېتەمتى؟‹ دەپ سورىسام، ئۇ: ›ھەئە‹ دېگەن»(33).

ھەسەن بەسرىي روزىدار كىشىنىڭ ئۆيىگە مېھمان كېلىپ قالسا ئېغىز ئېچىۋېتىپ، ئورنىغا بىر كۈن قازاسىنى تۇتۇۋېلىشقا رۇخسەت قىلاتتى(34).

يۇقىرىقىلاردىن نەفلە روزا تۇتقان كىشىگە مېھماندارچىلىق سەۋەبىدىن ئېغىز ئېچىۋېتىشكە رۇخسەت بارلىقى، ئەھۋالغا قاراپ ئۈچ ئىشتىن ئەڭ مۇناسىپ بىرىنى تاللىشى مەلۇم بولىدۇ.

ئىمام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دەيدۇ: «ئەڭ مۇۋاپىق قاراش شۇكى، روزىدار ھالەتتە تويغا بارسا، ئەگەر تاماققا ئېغىز تەگمىسە ساھىبخاننىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدىغان بولسا، تاماق يېگىنى ئەۋزەل. ساھىبخاننىڭ كۆڭلى يېرىم بولمايدىغان بولسا، روزىسىنى تاماملىغىنى ئەۋزەل. ساھىبخانمۇ «تاماق يېسىلە» دەپ، يېمەي تۇرۇۋالغان مېھماننىڭ كۆزىگە كىرىۋالسا بولمايدۇ. چۈنكى، ھەر ئىككى ئىش جائىزدۇر»(35).

ئەگەر ئېغىز ئېچىۋېتىشنى تاللىغان تەقدىردە، ھەنەفىي ۋە مالىكىي ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە ئورنىغا بىر كۈن قازاسىنى تۇتۇۋېلىشى ۋاجىب بولىدۇ. بۇ قاراش كۈچلۈك بولۇپ، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئەلى، ئىبنى ئابباس، جابىر، ئائىشە ۋە ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملاردىن، شۇنداقلا ھەسەن بەسرىي، سەئىد ئىبنى جۇبەير قاتارلىق تابىئىنلاردىن رىۋايەت قىلىنغان(36).

ئەگەر روزىدار رامازاننىڭ قازاسىنى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ۋاجىب روزىنى تۇتۇۋاتقان ئەھۋالدا مېھماندارچىلىققا دۇچ كېلىپ قالسا ئېغىز ئېچىۋېتىشى ھارام بولۇپ، بۇ ئىشىدىن تەۋبە قىلىشى، ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىشى ۋە ئورنىغا بىر كۈن روزا تۇتۇشى ۋاجىب بولىدۇ.

ئىمام ئىبنى قۇدامە مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى رامازاننىڭ قازاسىنى تۇتۇۋاتقان ياكى مۇئەييەن بىر كۈن روزا تۇتۇشنى ياكى مۇتلەق بىر كۈن روزا تۇتۇشنى نەزر قىلىپ تۇتۇۋاتقان ۋەياكى كەففارەت روزىسى تۇتۇۋاتقان، ئومۇمەن، ۋاجىب روزا تۇتۇۋاتقان بولسا، ئۇ روزىنى بۇزۇۋېتىش جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ روزا تۇتۇشى بىلەن بۇ كۈن روزا تۇتمىسا بولمايدىغان كۈن ئورنىدا بولۇپ كەتكەن. بۇنىڭدا ئالىملار ئوتتۇرىسىدا ئوخشىمىغان قاراش يوق، ئەلھەمدۇلىللاھ!»(37).

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

 

جۇنۇبلۇقتىن يۇيۇنۇپ بولغۇچە تاڭ ئېتىپ قالسا روزا توغرا بولامدۇ؟

جۇنۇبلۇق ھەيز ياكى نىپاس سەۋەبىدىن بولىدۇ، بۇ ئاياللاردىلا كۆرۈلىدۇ. بۇندىن باشقا جىنسىي مۇناسىۋەت، ئۇخلىغاندا (ئېھتىلام بولۇش) ياكى ئويغاق چاغدا شەھۋەت بىلەن مەنىي چىقىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن بولىدۇ. بۇ ئەر ۋە ئاياللاردا ئوخشاش كۆرۈلىدۇ.

ھەيزدار ياكى نىپاسدار ھالەتتە تاڭ ئاتسا روزا تۇتۇش ھارام بولىدۇ. ئايال كىشى شۇنداق ھالەتتە روزا تۇتسا روزىسى توغرا بولماسلىق بىلەن بىرگە گۇناھ ئىش قىلغان بولىدۇ. لېكىن، تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن قان پۈتۈنلەي توختاپ بولسا، ئاندىن تاڭ ئاتقاندىن كېيىن يۇيۇنسا، بۇ ئەھۋالدا روزىسى توغرا بولىدۇ. چۈنكى، روزا تۇتۇش ئۈچۈن يۇيۇنۇش شەرت ئەمەس، ئەمما ناماز ئوقۇش ئۈچۈن يۇيۇنۇشى شەرت.

ئەمما، ھەيز ۋە نىپاستىن باشقا ئەر ۋە ئاياللاردا ئورتاق كۆرۈلىدىغان باشقا بارلىق جۇنۇبلۇقلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەسىلەن، جىمادىن ياكى ئېھتىلامدىن كېيىن يۇيۇنۇشتىن بۇرۇن تاڭ ئېتىپ قالسا روزا توغرا بولىدۇ.

ئابدۇرراھماننىڭ ئوغلى ئەبۇبەكرى رىۋايەت قىلىدۇكى، ئاتام ئىككىمىز ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا كىرسەك، ئۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېھتىلام بولۇپ قالغانلىقىدىن ئەمەس، جىمادىن جۇنۇب ھالىتىدە تاڭ ئاتقۇزۇپ، ئاندىن روزا تۇتۇۋېرىدىغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىمەن» دېدى. كېيىن ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا كىرسەك، ئۇمۇ شۇنداق دېدى(38).

يەنە ھەزرىتى ئۇممى سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللىرى بىلەن بىللە بولۇپ، جۇنۇب ھالىتىدە تاڭ ئاتقۇزۇپ، غۇسۇل قىلىپ روزا تۇتۇۋېرەتتى». يەنە بىر رىۋايەتتە «قازاسىنى قىلمايتتى» دېگەن سۆزنى ئارتۇق ھالەتتە رىۋايەت قىلغان(39).

بۇ ھەدىس تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى بىلدۈرىدۇ:

1. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەزىدە يۇيۇنمىغان ؤاقتىدا، جۇنۇب ھالىتىدە تاڭ ئېتىپ قالاتتى، (ياكى بامداتقا ئەزان چىقىپ قالاتتى) شۇنداق ھالەتتە روزا تۇتۇۋېرىپ ئاندىن يۇيۇناتتى، روزىسىنى داۋاملاشتۇراتتى، قازاسىنى قىلمايتتى.

2. بۇ رامازان روزىسى بولسۇن، باشقا چاغلاردىكى روزا بولسۇن، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئومۇمىي بىر ھۆكۈم. ئىمام ئىبنى كەسىر مۇنداق دېگەن: «بۇ تۆت ئىمامنىڭ، شۇنداقلا ئىلگىرى ۋە كېيىنكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر»(40).

3. كېچىدە جىما ياكى ئېھتىلامدىن جۇنۇب بولۇپ قالغانلارنىڭ روزىسى توغرا بولىدۇ.

4. جىمادىن بولغان جۇنۇبلۇقتا يۇيۇنۇشتىن بۇرۇن روزا تۇتسا توغرا بولغان ئىكەن، باشقا تۈرلۈك جۇنۇبلۇقتا يۇيۇنۇشتىن بۇرۇن روزا تۇتسا ئەلبەتتە توغرا بولىدۇ.

5. بۇ مەسىلىدە رامازان روزىسىدەك پەرز روزا بىلەن باشقا ۋاجىب، نەفلە روزىلار ئوخشاش.

6. رامازان كېچىلىرىدە تاڭ ئېتىشتىن سەل بۇرۇنلا بولسىمۇ جىما قىلىشقا بولىدۇ.

7. جىما قىلىۋاتقان چاغدا تاڭ ئېتىپ قالسا (ياكى بامداتقا ئەزان ئوقۇلۇپ قالسا) دەرھال توختىشى كېرەك. توختىۋالسا قازاسىنى قىلىش ياكى كەففارەت بېرىش كەتمەيدۇ. بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى. بىر قىسىم ئالىملار: «توختىۋالسىمۇ قازاسىنى قىلىش ۋە كەففارەت بېرىش ۋاجىب بولىدۇ» دېگەن.

جانابىي ئاللاھنىڭ: ﴿روزا كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى﴾، ﴿ئەمدى ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان پەرزەنتنى تەلەپ قىلىڭلار، تاكى تاڭ يورۇغانغا قەدەر يەپ – ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگۈچە روزا تۇتۇڭلار!﴾ (2/«بەقەرە»: 187) دېگەن ئايەتىمۇ جۇنۇبلۇق ھالەتتە روزا تۇتۇپ، ئاندىن يۇيۇنۇۋالسا بولىدىغانلىقىغا دەلىل بولىدۇ. چۈنكى، تاڭ يورۇغانغا قەدەر جىما مۇباھ بولىدىكەن، روزا تۇتقان كىشى يۇيۇنمىغان ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزۇپ قېلىشى چوقۇم. شۇڭا، ئۇنىڭ روزىسى توغرا بولۇۋېرىدۇ، جۇنۇبلۇق روزا تۇتۇشقا توسالغۇ بولالمايدۇ.

داۋامى بار.
«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

————-
1. «سۈنەنۇددارەقۇتنىي»، 2/205؛ «ئەلمۇستەدرەك»، 1607). دارەقۇتنىي ۋە ھاكىملار «سەھىھ» دېگەن.
2. «بۇخارىي».
3. «بۇخارىي»، (4505).
4. «فىقھۇسۈننە»، 1/328.
5. «شەيخ بىننى باز پەتۋالار توپلىمى»، 15/245.
6. «ئەھمەد»، 20341)؛ «ئىبنى خۇزەيمە»، (2043).
7. «ئەبۇ داۋۇد»، (2318)؛ «مالىك»، (678).
8. ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 4/318.
9. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1950)؛ «مۇسلىم»، (1146).
10. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 4/191.
11. «بۇخارىي»، «رامازاننىڭ قازاسىنى قاچان قىلىدىغانلىقى» دېگەن باب.
12. ئىمام نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6/384؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/43.
13. «سۈنەنۇددارەقۇتنىي»، 2/193، ئىسنادى سەھىھ.
14. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1950)؛ «مۇسلىم»، (1146).
15. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1896)؛ «مۇسلىم»، (1152).
16. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2840)؛ «مۇسلىم»، (1153).
17. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 9/247.
18. «مۇسلىم»، (1150).
19. جاسساس: «ئەھكامۇل قۇرئان»، 1/297.
20. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 8/28.
21. «ئەۋنۇل مەئبۇد»، 7/96.
22. موللا ئەلى قارىي: «مىرقاتۇلمەفاتىيھ»، 4/401.
23. «مۇسلىم»، (1431).
24. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (14311).
25. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (14312).
26. «ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 9/247.
27. «مۇسلىم»، (1154).
28. «تىرمىزىي»، (731، 732). ئىمام نەۋەۋىي بىلەن ھافىز ئىبنى ھەجەر «ھەسەن» دېگەن.
29. ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 4/358.
30. «بۇخارىي»، (6139).
31. ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 6/269؛ تەھانەۋىي: «ئىئلائۇسسۈنەن»، 9/161.
32. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (9703).
33. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (9704).
34. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (9705).
35. «ئەلفەتاۋا ئەلكۇبرا»، 4/558.
36. ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 11/79.
37. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/45.
38. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1925)؛ «مۇسلىم»، (1109).
39. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1931)؛ «مۇسلىم»، (1109).
40. «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 1/224.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ