(مۇبارەك رامىزان ئېيىدىكى ئالاھىدىلىكلەر ۋە ئەھكاملار)
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
قانچىلىك سەپەردە روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ؟ سەپەردىكى كىشىنىڭ روزا تۇتقىنى ئەۋزەلمۇ ياكى تۇتمىغىنىمۇ؟
كۆپچىلىك ئالىملار 85 كىلومېتىر ئارىلىقنى سەپەر ئۆلچىمى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، بۇ بەزى ساھابەلەرنىڭ سۆزىگە ئاساسەن ياكى قىياس بىلەن بېكىتىلگەن ئارىلىقتۇر. شۇڭا، ئادەتتە 85 كىلومېتىرغا يېقىن ئارىلىقىنى ئۆلچەم قىلساق بولىدۇ.
بۇ ئارىلىق ئۆيدىن ھېسابلانمايدۇ، بەلكى تۇرۇۋاتقان كەنت ياكى رايون سىرتىغا چىققاندىن باشلاپ، يەنە بىر شەھەر ياكى رايون سىرتىغا بارغۇچە بولغان ئارىلىق ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئىككى شەھەر ئارىلىقى 85 كىلومېتىردىن ئېشىشى لازىم.
بۇنىڭغا ئاساسەن، ئەڭ ئاز دېگەندە 85 كىلومېتىرغا يېقىن ئارىلىققا سەپەر قىلغان كىشى سەپەردىكى كىشىنىڭ ھۆكمىنى ئالىدۇ. بۇ ئارىلىقنى ئايروپىلان، پاراخوت ياكى پويىزدەك هەرقانداق قاتناش قورالى بىلەن قىسقا ۋاقىتتا بېسىپ بولسىمۇ مەيلى.
سەپەر قىلىپ بىر جايدا 15 كۈنگىچە تۇرماقچى بولسا، سەپەردىكى كىشىنىڭ ھۆكمى داۋاملىشىدۇ. 15 كۈندىن كۆپ تۇرماقچى بولسا سەپەردىكى كىشى ھېسابلانمايدۇ. ئەمما، بىر جايغا بېرىپ 15 كۈنگىچە تۇرۇشنى نىيەت قىلماي، ئۇ يەردىن «يا ئەتە، يا ئۆگۈن كېتىمەن» دەپ ئىشى پۈتمەي، قانچىلىك ئۇزۇن تۇرۇپ كەتسىمۇ سەپەردىكى كىشىنىڭ ھۆكمىنى ئالىدۇ.
سەپەردىكى كىشى رامازاندا پەرز روزىنى تۇتماي، كېيىن بىر يەردە مۇقىم تۇرغاندا قازاسىنى تۇتۇۋالسا بولىدۇ. فىديە ياكى كەففارەت كەلمەيدۇ(1).
جانابىي ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېگەن: ﴿كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا، تۇتالمىغان كۈن سانى بويىچە باشقا كۈنلەردە تۇتۇۋالسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خاھلايدۇ، سىلەرگە تەسلىكنى خاھلىمايدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 185).
بۇ ئايەتى كەرىمىدە جانابىي ئاللاھ ئېغىز ئېچىشنى سەپەر قىلىشقا باغلاپ قويغان بولغاچقا، جاپا – مۇشەققەتلىك سەپەر بولسۇن ياكى جاپاسىز دەپ قارالغان سەپەر بولسۇن، روزا تۇتماسلىق رۇخسىتى ھەرقانداق سەپەرگە چۈشىدۇ. ناۋادا جاپا – مۇشەققەتكە باغلاپ قويغان بولسا ئىدى، ھىممەتلىك ياكى كاج كىشىلەر ھەرقانچە جاپا تارتىپ قىينالسىمۇ «بۇ ھېچقانچە جاپا ئەمەس» دەپ تۇرۇۋالغان، باھانە ئىزدەيدىغانلار كىچىككىنە بىر جاپانى كۆرسىمۇ «قىينىلىپ قالدىم» دەپ روزا تۇتماسلىققا باھانە قىلىۋالغان بولاتتى – دە، كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى بەكلا ئېگىز – پەس بولۇپ كەتكەن بولاتتى(2).
جانابىي ئاللاھ بەندىلىرىگە رەھمەت قىلىپ، بۇ قولايلىقنى ئاتا قىلغان. چۈنكى، ئاللاھ بەندىلىرىنى قىيناشنى خاھلىمايدۇ. ئادەتتە ئايروپىلان بىلەن قىلغان ھەرقانچە قولاي سەپەرمۇ قىيىنچىلىقتىن خالىي ئەمەس. يولغا چىققان كىشى كۆپىنچە جىددىيلىشىپ، ھەرئاندا بىرەر ئاۋارىچىلىققا دۇچ كېلىشتىن ئەندىشە قىلىپ تۇرىدۇ. چېگرىدىن ئۆتۈشتە ئەنسىرىگىنىدەك، ماشىنىسىنىڭ بۇزۇلۇپ قېلىشىدىنمۇ ئەنسىرەيدۇ. بۇ جەھەتتىن، ھەرقانداق راھەت سەپەرمۇ مۇشەققەتتىن خالىي بولمايدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سەپەر دېگەن ئازابتۇر. ئۇ سەۋەبلىك يېيىش – ئىچىش، ئارام ئېلىشىڭلار تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا، سەپەرگە چىققان ئادەم مەقسىتى ھاسىل بولغان ھامان ئائىلىسىگە ئالدىرىسۇن»(3).
دېمەك، سەپەردىكى كىشىنىڭ رامازاندا روزا تۇتۇش ياكى كېيىن قازاسىنى قىلىۋېلىشتا ئىختىيارلىقى بولىدۇ. ساھابەلىرىمۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە سەپەرگە چىققاندا بەزىلىرى روزا تۇتقان، بەزىلىرى تۇتمىغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزا تۇتقانلارنىمۇ، تۇتمىغانلارنىمۇ ئەيىبلىمىگەن.
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن سەپەر قىلاتتۇق. روزا تۇتقانلار تۇتمىغانلارنى، تۇتمىغانلار تۇتقانلارنى ئەيىبلىمەيدىغان ئىدى»(4).
لېكىن، سەپەردە قاتتىق قىينىلىپ قالىدىغان كىشىنىڭ روزا تۇتۇشى ھارام بولىدۇ.
سەپەردە روزا تۇتماسلىق رۇخسىتى بار تۇرۇقلۇق بەزىلەر: «مەن جاپا تارتىپ قالمايدىكەنمەن، بەرداشلىق بېرەلەيدىكەنمەن» دەپ روزا تۇتسا بولامدۇ ياكى تۇتماسلىقى كېرەكمۇ ياكى ھەر ئىككىلىسىنى قىلىشقا بولسا، قايسىسى ئەۋزەل؟
ئالىملار بۇ ھەقتە ھەر خىل قاراشلاردا بولغان بولۇپ، بەزىلىرى «روزا تۇتماسلىق ئەۋزەل» دېسە، يەنە بەزىلىرى «تۇتۇش ئەۋزەل» دېگەن. يەنە بەزىلەر: «ئىككى ئىشنىڭ قايسىسى ئۇنىڭغا قولاي بولسا، شۇنى قىلىش ئەۋزەل» دېگەن. چۈنكى، بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن ھەمراھلىرى بىلەن بىللە روزا تۇتۇش روزا تۇتماسلىقتىن قولايراق بولۇشى مۇمكىن. يەنە بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن روزا تۇتماسلىق قولايراق بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، قايسىسى قولاي بولسا، شۇ ئەۋزەل بولىدۇ. بۇ ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز، مۇجاھىد ۋە قەتادە قاتارلىق سەلەفلەرنىڭ قارىشىدۇر. يەنە بەزى ئالىملار: قايسىسىنى خاھلىسا شۇنى قىلسا بولىدۇ، دەپ قارىغان. ھەمزە ئىبنى ئامىر ئەلئەسلەمىي دېگەن بىر ساھابە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە:
— ئى رەسۇلۇللاھ! مەن بىر تۆگىچى. تۆگەمنى كىراغا بېرىپ، سەپەر قىلىپ تۇرىمەن. بەزىدە سەپەر قىلغىنىمدا مۇشۇ رامازان ئېيىغا توغرا كېلىپ قالىدۇ. مەن ياش بولغاچقا، سەپەردىمۇ روزا تۇتالايمەن. مەن روزا تۇتماي كېچىكتۈرۈپ، بوينۇمدا قەرز قالغىنىدىن روزا تۇتۇۋەتسەم ماڭا ئاسانراق بولىدۇ، دەپ قارايمەن. شۇڭا، ئى رەسۇلۇللاھ! روزا تۇتسام ئەجرىم كاتتا بولامدۇ ياكى ئېغىز ئاچساممۇ؟ – دېگەندە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا:
— قايسىسىنى خاھلىساڭ، شۇنى قىل، ئى ھەمزە! – دېگەن(5).
ھازىرقى زامان ئالىملىرىمىزدىن ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىنىڭ تەپسىلىي بايان قىلىشىچە، بەزىبىر ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتقاندا سەپەردە روزا تۇتۇش ئەۋزەل بولىدۇ، يەنە بەزىبىر ئەھۋاللاردا روزا تۇتماسلىق ئەۋزەل بولىدۇ.
تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا سەپەردە روزا تۇتۇش ئەۋزەل:
1. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن «كېيىن قازاسىنى قىلالمايمەن» دەپ ئەنسىرىگەن ئەھۋالدا.
2. سەپەر ئۈستىدە بىر جايدا تولۇق ئارام ئېلىپ، بىرنەچچە كۈن راھەت تۇرالايدىغان ئەھۋالدا.
3. ئايروپىلان ئۇچقۇچىلىرى، پاراخوت كاپىتانلىرى، شوپۇرلار ۋە پويىز كۈتكۈچىلىرىدەك خىزمىتى داۋاملىق سەپەر قىلىپ تۇرۇشنى تەقەززا قىلىدىغان كىشىلەر روزا تۇتۇشتا قىينىلىپ قالىدىغان ئەھۋالدا. چۈنكى، ئۇلار كېيىنچە، قازاسىنى قىلىدىغان پۇرسەت تاپالماسلىقى مۇمكىن.
تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا سەپەردە روزا تۇتماسلىق ئەۋزەل:
1. روزا تۇتسا قاتتىق قىينىلىپ قالىدىغان بولسا. مەسىلەن، قاتتىق ئىسسىقتا قۇرۇقلۇقتا سەپەرگە چىققان كىشى قىينىلىپ قالىدۇ. ياكى ئايروپىلاندا شەرقتىن غەربكە قاراپ سەپەرگە چىققان كىشىگە نىسبەتەن كۈندۈز ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزىراپ كېتىپ قىينىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، روزا تۇتۇش مەكرۇھ بولۇپ قالىدۇ. بەلكى روزا تۇتۇش قاتتىق قىيناپ، روزا تۇتقان كىشىگە كېسەللىك ئېلىپ كېلىدىغان بولسا ھارام بولۇپ كېتىدۇ.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەردە كىشىلەرنىڭ توپلىشىۋالغانلىقىنى ۋە بىر ئادەمگە سايە چۈشۈرۈپ بېرىلگەنلىكىنى كۆرۈپ: «بۇ نېمە ئىش؟» دەپ سورىدى. كىشىلەر: «روزا تۇتقان كىشى ئىكەن» دېيىشىۋېدى، رەسۇلۇللاھ: «سەپەردە روزا تۇتۇش ياخشى ئەمەس» دېگەن(6).
2. سەپەردىكى كىشى باشقىلارغا خىزمەت قىلىشى كېرەك بولۇپ قالغان بىر ئەھۋالدا، روزا تۇتسا ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلالماي، باشقىلارغا ئېغىرچىلىق سېلىپ قويىدىغان بولسا.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز (بىر سەپەردە) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە ئىدۇق. ئارىمىزدىكى ئەڭ كۆپ سايىغا ئېرىشكەنلەر كىيىملىرى بىلەن سايىدىغانلار ئىدى. روزا تۇتقانلار ھېچقانداق بىر ئىش قىلمىدى، ئەمما روزا تۇتمىغانلار تۆگىلەرنى سۇغىرىشقا ئاپاردى، خىزمەت قىلدى، تاماق ئەتتى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بۈگۈن روزا تۇتمىغانلار تولۇق ئەجىرىنى ئېلىپ كەتتى» دېدى(7).
3. سۈننەتنى ياشارتىش مەقسىتىدە بولسا. چۈنكى، كىشىلەردە «سەپەردە روزا تۇتۇشقا بولمايدۇ، سەپەردە دىيانىتى سۇسلار روزا تۇتمايدۇ» دېگەندەك خاتا قاراشلار بولغان بولسا، ئالىملار كىشىلەرگە سەپەردە روزا تۇتماسلىقنىڭمۇ سۈننەتتە بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن روزا تۇتماي، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىنى كىشىلەرگە چۈشەندۈرۈپ قويسا ياخشى بولىدۇ. بەلكى، روزا تۇتماسلىق مەكرۇھ دەپ قارايدىغان بولسا، روزا تۇتۇشى ھارام بولىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى مېنىڭ تۇتقان يولۇمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇ مەندىن ئەمەس» دېگەن(8).
دېمەك، دىن ئەھكاملىرىنى پەرزنى پەرز، سۈننەتنى سۈننەت، رۇخسەتنى رۇخسەت ھالەتتە ئەينەن ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك. مۇستەھەب ياكى رۇخسەتنى ۋاجىب، مۇباھنى پەرز قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ.
4. ھەمسەپەرلىرى روزا تۇتمايدىغان بولسا، جامائەتتىن ئايرىلىپ چىقىۋالماسلىقى ۋە رىيا قىلىپ سالماسلىقى ئۈچۈن روزا تۇتماسلىقى ئەۋزەل.
5. قوماندان روزا تۇتماسلىققا بۇيرۇغان بولسا. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككەگە يۈرۈش قىلغاندا كىشىلەرگە روزا ئېغىر كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆزى ئېغىز ئاچقان ۋە ساھابەلەرنىمۇ ئېغىز ئېچىشقا بۇيرۇغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: «بەزىلەر روزا تۇتتى» دېيىلگەندە، رەسۇلۇللاھ: «ئۇلار ئاسىيلار، ئۇلار ئاسىيلار» دېگەن(9).
يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن، سەپەردىكى ھەربىر كىشى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ روزا تۇتسا ياكى تۇتماي كېيىن قازاسىنى قىلىۋالسا بولىدۇ.
سەپەردىكى كىشى «روزا تۇتۇپ، كۈندۈزدە قىينىلىپ قالىدىكەنمەن» دەپ، روزىنى بۇزۇپ، ئېغىز ئېچىۋەتسىمۇ گۇناھ بولمايدۇ(10).
يۇقىرىقى ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق قىلغان ۋە ساھابەلەرنى شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغان، ئېغىز ئېچىشنى رەت قىلىپ تۇرۇۋالغانلارنى «ئاسىيلار» دېگەن.
لېكىن، مۇقىم ھالەتتە تۇرغان كىشى روزا تۇتۇپ قوپقاندىن كېيىن كۈندۈزدە سەپەر قىلىپ قالسا، كۆپچىلىك ئالىملار «ئېغىز ئاچسا بولمايدۇ» دېگەن. ئىمام ئەھمەد قاتارلىق بىر قىسىم ئالىملار «ئېغىز ئاچسا بولىدۇ» دېگەن. بۇ قاراش ھەزرىتى ئەنەس ۋە باشقا بىرقانچە ساھابەلەردىن رىۋايەت قىلىنغان سەھىھ ھەدىسلەرگە تايانغان(11).
شۇڭا، روزا تۇتقان ھالەتتە كۈندۈزى سەپەرگە چىقىپ قالغان كىشى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، يۇقىرىقى تەپسىلاتنى كۆزدە تۇتۇپ، روزىنى سۇندۇرماي داۋاملاشتۇرسىمۇ بولىدۇ ياكى روزا تۇتمىسا ئەۋزەل بولىدىغان ھالەتتە بولسا، ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشى بويىچە روزىسىنى سۇندۇرۇۋەتسىمۇ بولىدۇ، گۇناھ بولمايدۇ. پەقەتلا رامازاندىن كېيىن قازاسىنى قىلىۋالسا بولىدۇ.
بەزى ئالىملار: «سەپەر قىلماقچى بولغان كىشى سەپەرگە ئاتلىنىپ، تۇرغان يۇرتتىن چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئېغىز ئاچسا بولىدۇ، تۇرغان يۇرتتىن چىقىشتىن بۇرۇن ئېغىز ئاچسا بولمايدۇ» دەپ قارىغان بولسىمۇ، باشقىلار «سەپەرگە چىقماقچى بولغان كىشى يۇرتتىن چىقىشتىن بۇرۇن ئېغىز ئاچسا بولىدۇ» دېگەن. چۈنكى، ھەزرىتى ئەنەس ئىبنى مالىك سەپەر كىيىمىنى كىيىپ، تۆگىسىگە مىنىشتىن بۇرۇن ئېغىز ئېچىۋەتكەن ۋە «بۇ سۈننەت» دەپ ئاندىن تۆگىسىگە مىنىپ كەتكەن. بۇ ھەدىسنى ئىمام تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان. يەنە ئەبى بەسرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭمۇ كېمىسى قوزغىلىشتىن بۇرۇن ئېغىز ئاچقانلىقىنى ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. ئىمام ئىبنۇلقەييىم ۋە ئىمام شەۋكانىيلارمۇ مۇشۇ قاراشنى تەرجىھ قىلغان(12).
يۇرتىغا ئەسىردىن بۇرۇن يېتىپ بارىدىغان سەپەردىكى كىشى شۇ كۈنى روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ. بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى. ھازىرقى ئالىملارمۇ مۇشۇ قاراشنى تەرجىھ قىلماقتا. لېكىن، ئىمام ئەھمەد «روزا تۇتۇشى كېرەك» دېگەن.
بىر يۇرتتا رامازاننى تۈگىتىپ بولغان كىشى ھېيت كۈنى سەپەر قىلىپ، باشقا بىر يۇرتقا بارسا، ئۇ يۇرتتىكىلەر تېخى روزا تۇتۇۋاتقان بولسا، ئۇلار بىلەن بىللە روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ.
كىمكى بىر يۇرتتا روزا تۇتۇپ، كېيىن باشقا بىر يۇرتقا بېرىپ، رامازاننى داۋاملاشتۇرغان بولسا، ئۇ يەردە ھېيت بولغان تەقدىردە، ئىككى يۇرتتا جەمئىي تۇتقان روزا كۈنلىرى 29 كۈندىن ئاز بولسا، ئۇ كىشى ئاشۇ يۇرتتىكىلەر بىلەن بىللە ھېيت قىلىۋېتىپ، ھېيتتىن كېيىن روزا تۇتقان كۈنلەر 29 بولغۇچە روزا تۇتۇپ تولۇقلايدۇ. چۈنكى، ھىجرىيە يىلنامىسىدا بىر ئاي 29 كۈندىن كەم بولمايدۇ.
كىمكى بىر يۇرتتا 30 كۈن روزا تۇتۇپ، 30 – كۈنى باشقا بىر يۇرتقا بارغان بولسا، ئۇ يۇرتتىكىلەر روزا تۇتقان بولسا، تۇتقان روزىسى 30 كۈندىن ئېشىپ كېتىدىغان بولسىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە روزا تۇتۇشى، ھېيتنى ئۇلار بىلەن بىللە قىلىشى كېرەك(13).
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «روزىنى ئامما بىلەن تەڭ تۇتۇش، روزا ھېيتنىمۇ، قۇربان ھېيتنىمۇ ئامما بىلەن تەڭ قىلىش كېرەك»(14).
ئايروپىلاندا سەپەر قىلغان كىشى روزا تۇتقان بولسا، جەمئىي روزا تۇتقان ۋاقىت 20 سائەتتىن ئېشىپ كەتسىمۇ ياكى بەش سائەتتىن قىسقا بولسىمۇ، ئۆزى ئۇچۇۋاتقان ئاسماندىكى كۈننىڭ پېتىشىغا قاراپ ئىفتار قىلىدۇ. زېمىندا تۇرغانلارغا نىسبەتەن كۈن پاتقان بولسىمۇ، ئۇ ئاسماندا ئېگىزلىكتە بولغاچقا، كۈن ئۇنىڭغا نىسبەتەن پاتمىغان بولسا، ئىفتار قىلماي تۇرىدۇ. تاڭ يورۇشتىن كۈن پاتقۇچە روزا تۇتۇش ھەققىدە كەلگەن ئومۇمىي دەلىللەر شۇنى كۆرسىتىدۇ.
بىر يۇرتتا كۈن پاتقان بولسا، ئېغىز ئېچىپ بولغاندىن كېيىن ئايروپىلان ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان چاغدا قۇياشنى كۆرگەن بولسا، شۇنداقلا كۈن پېتىپ بولغاندىن كېيىن غەرب تامان ئۇچۇپ بىر يۇرتقا بارسا، ئۇ يۇرتتا تېخى كۈندۈز بولغان بولسا، روزا تۇتۇشقا قايتمىسىمۇ بولىدۇ.
رامازان ئېيىدا كۈندۈزدە ئاشخانا ئېچىشقا بولامدۇ؟
رامازان ئېيىدا روزا تۇتۇش ئىسلامنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى بولۇپ، جانابىي ئاللاھ ئۆزرىسى يوق مۇسۇلماننى بۇ ئايدا روزا تۇتۇشقا بۇيرۇغان. كۆپچىلىك ئالىملار بۇ ئايدا روزا تۇتمىغان (ياكى روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن) مۇسۇلماننى «ئاسىي» ھېسابلاپ، ئىسلامنىڭ بىر چوڭ ئاساسىغا سەل قارىغانلىق جەھەتتىن تاياق ۋە تۈرمىگە سولاش بىلەن جازالىنىدۇ، قازاسىنى تۇتۇشى ۋاجىب، دەپ قارىغان.
رامازاندا ئۆزرىسىز روزا تۇتماسلىق ئاسىيلىق بولىدىكەن، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان كىشىمۇ ئاسىيلىققا شېرىك بولغان بولىدۇ. ھارامغا ئېلىپ بارغان ئىشمۇ ھارام بولىدۇ. روزا تۇتمىغان ئادەمگە ئۆز رازىلىقى بىلەن تاماق تەقدىم قىلىش ئۇنىڭ بۇ ئاسىيلىقىغا رازى بولغانلىقنى بىلدۈرىدۇ.
ئېغىز ئېچىش ھالال ۋاقىتتا ئىستېمال قىلىنىدىغان يېمەك – ئىچمەكلەرنى ساتىدىغان دۇكىنى بار كىشىلەرنى توسۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئاسىيلىقنى كۆز ئالدىدا كۆرمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭدىن يېمەك – ئىچمەك سېتىۋالغان كىشىلەر ئۇ يېمەكلىكلەرنى ئىفتار ۋاقتى كەلگەندە ئىستېمال قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا، كىشىلەرگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ۋە ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئۇلارنى توسىماسلىق كېرەك. بىرەر كىشى بۇنداق دۇكانلاردىن يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ، كۈندۈزدە يېسە، گۇناھ پەقەت يېگۈچىگىلا بولىدۇ، ساتقۇچىغا بولمايدۇ.
ئەمدى يېمەك – ئىچمەك شۇ جايدا ئىستېمال قىلىنىدىغان ئاشخانا، رېستوران، چايخانا ياكى تۈرلۈك يېمەك – ئىچمەك دۇكانلىرىغا كەلسەك، بۇ ئورۇنلاردا رامازان ئېيىنىڭ كۈندۈزىدە يېمەك – ئىچمەك يەپ – ئىچىلىدىغان ۋە بۇ يەردە ئۆزرىسىز روزا تۇتماي يەپ – ئىچكەنلەر بولسا، ئۇلارغا يېمەك – ئىچمەك سېتىش ۋە سۇنۇش ھارام بولىدۇ. بۇنداق قىلمىش ئاسىيلىققا ياردەم قىلىش ۋە قولايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش بىلەن بىللە بۇ ئۇلۇغ مۇبارەك ئاينىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغانلىق، شۇنداقلا روزا تۇتۇۋاتقان مۇسۇلمانلارغا ئازار بەرگەنلىك بولىدۇ.
خېرىدارلار ئىچىدە ئۆزرىلىكلەر كۆپ بولۇپ، مەسىلەن، ئۈرۈمچىدىكى ياكى ئىچكىرى ئۆلكىلەر شەھەرلەردىكى ۋەياكى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان قەشقەر ۋە خوتەندەك بەزى شەھەرلەرنىڭ قاتناش بېكەتلىرى ئالدىدىكى ئاشخانىلاردەك كۆپىنچە سەپەردىكى كىشىلەر كېلىدىغان ئاشخانىلاردا ياكى دوختۇرخانىلار ئالدىدىكى كېسەل ۋە ئۆزرىلىك بىمارلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاشخانىلاردا بولسا، كۈندۈزدە ئاشخانىنى ئاچماي كېچىدە مۇلازىمەت قىلىش ئەۋزەل. چۈنكى، بۇنداق سورۇنلاردا كۈندۈزدە مۇلازىمەت قىلىش كىشىلەرنى روزا تۇتماسلىققا تەشۋىق قىلىپلا قالماستىن، بەلكى رامازان ئېيىنى ئۇلۇغلايدىغان مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ نامىغا داغ كەلتۈرىدۇ. بۇ يەردە ئەۋزەل دېگىنىمىز، مەخسۇس بۇنداق ئۆزرىلىكلەرگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئاشخانا ئاچقانلارغا گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن ئومۇمىي ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، كۈندۈزدە ئاچمىغىنى ئەۋزەل، دېگەنلىك بولىدۇ.
ئۇنداق بولغان ئىكەن، خوجايىنلارنىڭ رامازان كېلىشتىن بۇرۇن ئىش – ئوقەتنى تازا تىرىشىپ قىلىۋېلىپ، رامازان كىرگەندە باشقا چەكلەنمىگەن مۇناسىپ ئىش – ئوقەت بولسا قىلىپ، بولمىسا، ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغىنى تۈزۈك. دۇكىنىنى كۈندۈزدە ئاچمىغىنى بىلەن پۈتۈن كېچە ئېچىۋالسا بولىدۇ.
مۇسۇلمانلار دىيارىدا كافىرلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاشخانا ئېچىشقا قەتئىي بولمايدۇ. بۇ رامازاننىڭ ھەققى – ھۆرمىتىنى قوغداش، مۇسۇلمانلارغا ئازار بەرمەسلىك، باشقىلارنى ئېغىز ئېچىشقا قىزىقتۇرماسلىق ئۈچۈندۇر.
ئەمما، رامازاننىڭ كۈندۈزىدە ئاشخانا ئېچىپ كافىرلارغا يېمەك – ئىچمەك مۇلازىمىتى قىلسا، بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، گۇناھكار بولمايدۇ. چۈنكى، كافىرلاردىن شاھادەت ئېيتمىغۇچە روزا تۇتۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ. يەنە بىر قىسىم ئالىملار «كافىرلارمۇ تائەت – ئىبادەتلەرگە بۇيرۇلغان» دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، ئاشخانا ئاچقۇچى گۇناھكار بولىدۇ دەپ قارىغان، بۇ قاراش جانلىق ۋە كۈچلۈك(15). شۇڭا، بۇ قاراش بويىچە رامازاننىڭ كۈندۈزىدە كافىرلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاشخانا ئاچماسلىقنى تەرجىھ قىلىمىز ۋە ئاچماسلىق ئەۋزەل دەيمىز.
ئومۇمەن، يېمەك – ئىچمەك مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى ئىختىيارى ھالەتتە ئېچىپ رامازاننىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغان، مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەن كىشىلەرگە قارىتا، مۇسۇلمانلار جامائىتى نەپرەت ۋە نارازىلىق پوزىتسىيىسىدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى تەنقىد قىلىشى ۋە سۆكۈشى، شۇنداقلا ئۇلارغا چىرايلىقچە نەسىھەت قىلىشى ۋە چۈشەندۈرۈشى كېرەك. بۇنىڭغا پىسەنت قىلماي ئاشخانا ئېچىۋەرگەنلەرگە قارىتا، ئۇ ئاشخانىدىن بىرنەرسە ئالماي، باشقىلاردىن ئېلىپ نارازىلىقىنى ئىپادىلىسە بولىدۇ.
بىراق ھازىر يۈز بېرىۋاتقاندەك رامازان ئېيىنىڭ كۈندۈزىدە ئاشخانا ئېچىشقا زورلانغان ئەھۋالدا، ئاشخانا ئىگىلىرى غەيرەت بىلەن ئاچماي تۇرالىسا ئەڭ ياخشىسى شۇ. لېكىن، جەرىمانە ۋە باشقا جازالار ھەقىقىي زورلاش شەرتىگە چۈشىدىغان دەرىجىدە ئېغىر بولسا، ئاچماسلىققا باشقا چارە تاپالمىسا ئاچسا گۇناھ بولماس، ئىنشائاللاھ. چۈنكى، ئۇلار بۇ ئەھۋالدا مەجبۇردۇر. بىز يۇقىرىدا ھەقىقىي مەجبۇر بولۇپ قېلىش شەرتلىرىنى بايان قىلدۇق.
ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا – ئانامنىڭ تۇتالمىغان روزىلىرىنى ئۇلارنىڭ ئورنىدا تۇتسام بولامدۇ؟
مەلۇمكى، روزا تۇتۇش ناماز ئوقۇشقا ئوخشاش بەدەن بىلەن ئورۇندىلىدىغان ئىبادەت بولۇپ، ئەسلىدە بۇ ئىبادەتلەرنى ھەربىر كىشى ئۆزى ئورۇندىشى كېرەك. بۇ سەۋەبتىن، كۆپچىلىك ئالىملار: «خۇددى بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ ئورنىدا ناماز ئوقۇپ قويسا بولمىغىنىدەكلا، ئۇنىڭ ئورنىدا روزا تۇتۇپ قويسىمۇ بولمايدۇ» دېگەن. بۇ قاراشقا بىنائەن، ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا – ئانىڭىزنىڭ بىرىنىڭ بىر كۈن تۇتالماي قالغان پەرز روزىسى ئۈچۈن بىر مىسكىنگە ئىككى ۋاقىت تاماق يېگۈزۈپ قورسىقىنى تويغۇزسىڭىز بولىدۇ. بەزى ئالىملار: «مېيىت ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ۋەسىيەت قىلغان تەقدىردە، مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى دائىرىسىدە مىسكىنگە تاماق بېرىدۇ» دېسە، بەزى ئالىملار: «ۋەسىيەت قىلمىغان تەقدىردىمۇ، مىراستىن مىسكىنگە تاماق بەرسە بولىدۇ» دەپ قارايدۇ.
ساھابە – كىراملاردىن ئائىشە، ئىبنى ئۆمەر ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن سەھىھ سەنەد بىلەن: «بىر كىشى يەنە بىر كىشى ئۈچۈن ناماز ئوقۇپ قويمايدۇ. بىر كىشى يەنە بىر كىشى ئۈچۈن روزا تۇتۇپ قويمايدۇ» دېگەن مەزمۇننى تەكىتلەپ، تاماق يېگۈزۈپ قويسا بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن بايانلار بار بولۇپ، باشقا ساھابەلەردىن باشقىچە قاراش كەلمىگەن. بۇ سەۋەبتىن، كۆپچىلىك ئالىملار «روزا تۇتۇپ قويسا بولىدۇ» دېگەن سەھىھ ھەدىسلەرنى ئەمەلدىن قالغان دەپ چۈشەنگەن.
يەنە بىر قىسىم ئالىملار: «ئورنىدا روزا تۇتۇپ قويسا بولىدۇ» دېگەن. بۇ قاراشقا ئاساسەن، ئاتا – ئانىڭىزنىڭ تۇتالمىغان روزىسىنى ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئورنىدا تۇتسىڭىز بولىدۇ. روزا تۇتۇپ قويالمايدىغان تەقدىردە، ئاندىن مىسكىنگە تاماق بەرسىڭىز بولىدۇ.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
— ئى رەسۇلۇللاھ! مېنىڭ ئانام ئۆلۈپ كەتتى، ئۇنىڭ گەدىنىدە بىر ئايلىق تۇتالمىغان روزىسى بار ئىدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن مەن روزا تۇتۇپ قويسام بولامدۇ؟ – دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ھەئە، بولىدۇ. ئاللاھنىڭ قەرزى ئادا قىلىنىشقا ھەممىدىن ھەقلىقتۇر، – دېگەن(16).
يەنە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى گەدىنىدە قازا روزىسى قېلىپ ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن تۇغقىنى تۇتۇپ قويىدۇ.»(17)
بەزى ئالىملار: «روزىسىنى تۇتۇپ قويىدىغان كىشى يېقىن تۇغقىنى بولۇشى شەرت» دەپ قارىغان، بەزى ئالىملار: «يات مۇسۇلمان تۇتۇپ قويسىمۇ بولىدۇ» دېگەن. تۇغقانلىرىنىڭ ئۇنىڭ روزىسىنى تۇتۇپ قويۇشىنى ئىمام شافىئىي قاتارلىق بەزى ئالىملار: «ۋاجىب ئەمەس، مۇستەھەب» دېسە، يەنە بىر قىسىم ئالىملار: «ۋاجىب» دېگەن(18).
شۇنداقلا ئىنسان ئۆزى پەرز ھەج قىلىپ بولغان بولسا، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئورنىدا ئۇلارنىڭ قىلالمىغان ھەجلىرىنى قىلىپ قويسا بولىدۇ. ئۇلارغا يەنە دۇئا قىلىش، ئىستىغپار ئېيتىش، ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك سىلە – رەھىملەرنى قىلىش، ۋەسىيەتلىرىنى ئورۇنداش، «قۇرئان» ئوقۇپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن ياخشىلىق قىلسىڭىز بولىدۇ.
ناماز ئوقۇمايدىغان كىشىنىڭ روزىسى توغرا بولامدۇ؟
شەكسىزكى، مۇسۇلمان كىشى ئىسلام پەرز قىلغان ناماز، روزا، زاكات ۋە ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرنى ئۆزرىسىز قىلماي قالسا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ئىبادەتلەر ئىسلامنىڭ ئاساسلىرىدۇر. قىلماسلىققا ئۆزرىسى يوق تۇرۇپ بۇ پەرزلەرنىڭ بىرىنى قىلمىغان كىشىنى بەزى ئالىملار: «پاسىق» دېسە، بەزى ئالىملار: «كافىر» دەپمۇ ھۆكۈم قىلغان. ناماز بولسا ئىسلامدىكى ئەڭ مۇھىم پەرز. نامازغا سەل قاراپ، ھۇرۇنلۇق قىلىپ ئوقۇمىغان كىشى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە تانمىغان ھالەتتە بولسا، ئەڭ كۈچلۈك قاراشقا ئاساسەن پاسىق ھېسابلىنىپ، ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار قىلغان بولىدۇ.
ناماز ئوقۇمىغان كىشىنى بەزى ئالىملار: «كافىر» دەپ قارىغاچقا، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئۇنىڭ تۇتقان روزىسى پايدىسىز بولىدۇ(19).
ئەمما، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ئەمەل – ئىبادەتلەردە شەرت قىلىنغىنى ئىمان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىخلاس بىلەن تۇتقان روزا… قاتارلىق ئىبادەتلىرى توغرا بولىدۇ. چۈنكى، شاھادەت ئېيتىشتىن باشقا ناماز قاتارلىق يۇقىرىقى تۆت پەرزنىڭ ھەربىرى ئۆز ئالدىغا ئايرىم پەرز بولۇپ، كىمكى ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئادا قىلمىسا، ئۇنىڭ ئىمانى قۇرۇق دەۋادىن باشقا نەرسە ئەمەس. كىمكى ئۇنىڭ بىرىنى قىلىپ، يەنە بىرىنى قىلمىسا، قىلمىغان نىسبىتى بويىچە ئىسلام ئاساسىنى بەرپا قىلمىغان بولىدۇ، قىلغان پەرز بىلەن بۇرچىنى ئادا قىلغان بولىدۇ. لېكىن، بىرىنى قىلىپ، يەنە بىرىنى قىلمىغان ئەھۋالدا، ئىمانى ئاجىز ۋە دىيانىتى سۇس بولغان بولىدۇ.
ناماز روزىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغاچقا، ناماز ئوقۇماي روزا تۇتقان كىشى ئەڭ مۇھىم ئىبادەتنى تاشلاپ قويۇپ، ئۇنىڭدىن تۆۋەنرەك ئىبادەتنى قىلغان بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر كۆپىنچە روزا تۇتۇش جەمئىيەتتە مىللىي ئادەت بولۇپ قالغاچقا، روزا تۇتىدۇ. ئاللاھقا ئىخلاس قىلىپ روزا تۇتىدىغان كىشى ئەلبەتتە روزىدىن مۇھىمراق بولغان نامازنىمۇ ئوقۇيدۇ. ئەمما، روزا بىلەن نامازنىڭ ئەھمىيەت جەھەتتىكى پەرقىنى بىلمەي، ئىسلام كۆرسەتمىلىرىدىن تولۇق خەبەردار بولالمىغان كىشى ئۈچۈن ئېيتقاندا، روزىنى ئىخلاس بىلەن تۇتسا ئاللاھ قوبۇل قىلىدۇ. ئۇنداق كىشىلەرگە نامازنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.
ئاللاھ تائالا كىشىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. قانچىلىك ياخشى ئەمەل قىلغان بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئەجىر ۋە ساۋاب بېرىدۇ، ئادا قىلمىغان پەرز ئۈچۈن گۇناھكار بولىدۇ. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دەيدۇ: ﴿چوڭ – كىچىك بارلىق ئىشلار خاتىرىلەنگەندۇر﴾(54/«ئەلقەمەر»: 53). ﴿كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ، كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ﴾(99/«زەلزەلە»: 7، 8).
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: ›قىيامەت كۈنى بەندىنىڭ ئەمەللىرىدىن بىرىنچى بولۇپ سورىلىدىغىنى نامازدۇر. ئەگەر ئۇ ئادەمنىڭ نامىزى كامىل بولغان بولسا، قۇتۇلىدۇ ۋە نىجات تاپىدۇ. ئۇنداق بولمىسا، پۇشايمان قىلىدۇ ۋە زىيان تارتىدۇ. ئەگەر پەرزدىن بىرنەرسە كېمىيىپ قالسا، ئاللاھ تائالا: ›بەندەمنىڭ نەفلە ئىبادىتىگە قاراپ بېقىڭلار! ‹ دەيدۇ. ئۇ بەندىنىڭ نەفلە ئىبادىتى بار بولسا، ئۇنىڭ بىلەن پەرزدىن كەملەپ قالغان يەرلىرى تولۇقلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەندىنىڭ قالغان ئەمەللىرىنىڭ سۈرۈشتۈرۈلىشىمۇ مۇشۇ رەۋىشتە داۋاملىشىدۇ‹»(20).
ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ›ئاللاھ بەندىلىرىگە بەش ۋاقىت نامازنى پەرز قىلدى، كىمكى بۇ نامازلارنىڭ ھەققىنى تولۇق بېرىپ جايىدا ئادا قىلسا، ئاللاھنىڭ ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزۈش ۋەدىسى بار. بۇ نامازلارنى (جايىدا) ئادا قىلمىغان كىشىنى ئاللاھ جەننەتكە كىرگۈزۈشكە ۋەدە قىلمىدى. ئۇنداق كىشىنى ئاللاھ خاھلىسا ئازابلايدۇ، خاھلىسا (گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىپ) جەننەتكە كىرگۈزىدۇ‹ دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان»(21).
بۇ يەردە رامازاندا ناماز ئوقۇماي روزا تۇتىدىغانلار ياكى باشقا چاغدا يىلبويى ناماز ئوقۇماي، پەقەت رامازاندىلا روزا تۇتۇپ، ناماز ئوقۇيدىغانلارغا شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، ناماز دېگەن ھەربىر ئەقلى – ھوشى جايىدا مۇسۇلمان بالاغەتكە يەتكەن كۈندىن تارتىپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بارغانغا قەدەر ئادا قىلىشى كېرەك بولغان، مەيلى كېسەل ياكى قورقۇنچ ھالىتىدە بولسۇن ۋەياكى سەپەر ئۈستىدە بولسۇن، ھېچقاچان ئۇنىڭدىن ساقىت بولمايدىغان، قىيامەت كۈنى ئەڭ بۇرۇن ھېسابى سورىلىدىغان ئىنتايىن مۇھىم پەرزدۇر. ئاللاھ تائالا «قۇرئان»نىڭ كۆپلىگەن ئايەتلىرىدە ئۇنىڭغا بۇيرۇغان. ناماز ئوقۇش بىلەن ئاللاھنى ياد ئېتىشنى، نامازنىڭ نۇرغۇن يامان ئىشلاردىن توسۇپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا ئۇنى ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھنىڭ بەيتى بولغان مەسجىدتە جامائەت بىلەن ئادا قىلىشنى تاپىلىغان. شۇڭا، مۇسۇلمان كىشى ئاللاھقا ئىشەنگەن ئىكەن، ئاللاھنىڭ بۇيرۇغان بارلىق پەرزلىرىنى تولۇق ئادا قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشى كېرەك.
داۋامى بار.
«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»
1. ئىمام نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6/260؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/12.
2. «ئەلفۇرۇق»، قەرافى، /2/ 283.
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1804)؛ «مۇسلىم»، (1927).
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1947)؛ «مۇسلىم»، (1116).
5. «ئەبۇ داۋۇد»، (2403)؛ ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 4/305.
6. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1946)؛ «مۇسلىم»، (1115).
7. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2890)؛ «مۇسلىم»، (1119).
8. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5063)؛ «مۇسلىم»، (1401).
9. «مۇسلىم»، (1114). يۇقىرىقى مەزمۇنلار ئىمام قەرداۋىينىڭ پەتۋاسىدىن ئازراق قىسقارتىپ ئېلىندى.
10. ئىمام نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6/260؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/13؛ ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 4/305.
11. ئىمام نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6/260.
12. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/13؛ ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 4/312.
13. ئىمام نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6/276.
14. «تىرمىزىي»، 697)، ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
15. نەۋەۋىي: «شەرھۇ مۇسلىم»، 1/198.
16. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1953)؛ «مۇسلىم»، (1148).
17. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1851)؛ «مۇسلىم»، (1147).
18. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/219؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 11/59.
19. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/65؛ ئىمام نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 3/17؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 24/81.
20. «تىرمىزىي»، (413). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
21. «ئەبۇ داۋۇد»، (1420). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.