ئاللاھنىڭ ئېيى بۇ رامىزان(6)

ئاللاھنىڭ ئېيى بۇ رامىزان(6)

(مۇبارەك رامىزان ئېيىدىكى ئالاھىدىلىكلەر ۋە ئەھكاملار)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ئىپتار بىلەن سوھۇرلۇقنىڭ ۋاقتى ۋە قائىدىلىرى

ئىپتار

ئىپتار دېگەن «ئېغىز ئېچىش» دېگەنلىك بولۇپ، روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئىپتار قىلىش ۋاقتى كۈن پېتىش بىلەن كىرىدۇ. جانابىي ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەپ بۇيرۇغان: ﴿ئاندىن كەچ كىرگۈچە روزا تۇتۇڭلار!﴾(1).

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ›كېچە ماۋۇ تەرەپتىن كېلىپ، كۈندۈز ماۋۇ تەرەپتىن كەتسە ۋە كۈن ئولتۇرسا، روزا تۇتقۇچىنىڭ ئىپتار قىلىش ۋاقتى كىرگەن بولىدۇ‹ دېگەن»(2).

بۇ كۈن پېتىش بىلەن ئىپتار قىلسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بارلىق مۇسۇلمانلار «كۈن پېتىش بىلەن ئىپتار ۋاقتى كىرىدۇ» دەپ قارىغان. ئادەتتە، بۇ ناماز شامنىڭ ۋاقتىنىڭ كىرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، شۇڭا، كۆپىنچە جايلاردا ناماز شامنىڭ ئەزىنى ئىپتار ۋاقتىنىڭ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مۇئەززىن ئەزان ئوقۇشتا كېچىكىپ قالغان تەقدىردە، ياكى مەسجىد يوق جايلاردا، ياكى ئەزان ئاڭلانمايدىغان جايلاردا كۈن پاتقاندا ئىپتار قىلسا بولىدۇ. كۈن پاتقانلىقىنى ئۆزى كۆزى بىلەن كۆرسىمۇ بولىدۇ ياكى باشقا ئىشەنچلىك بىرىنىڭ خەۋىرىگە تايانسىمۇ بولىدۇ ۋە ياكى سائەت ۋە كالېنداردەك باشقا ئالامەتلەرگە ئاساسەن «كۈن پاتتى» دەپ كۆڭلى خاتىرجەم بولۇشى بىلەن بولىدۇ.

كۈن پېتىش بىلەن ئىپتار ۋاقتى كىرگەن ئىكەن، ئىپتار قىلىشقا ئالدىراش مۇستەھەپ، كېچىكتۈرۈش مەكرۇھ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىلەر ئىپتارنى قىلىشقا ئالدىراپ تۇرسىلا سالامەت بولىدۇ»(3).

يەنە باشقا ھەدىسلەردە كۈن پاتقان ھامان ئىپتار قىلىشقا ئالدىراشنىڭ سۈننەتكە ئەگەشكەنلىك ئىكەنلىكى، يەھۇدىي – ناسارالارنىڭ ئىپتارنى بەك كېچىكتۈرۈپ سۈننەتكە خىلاپلىق قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. شۇڭا، ئىپتارنى كېچىكتۈرۈش ئەھلى كىتابقا ئوخشاپ قالغانلىق بولىدۇ.

بىراق ھاۋا تۇتۇق كۈنلەردە ئالدىراپ كەتمەي كۈن پاتىدىغان ۋاقىت بولغانلىقىنى ئېنىقلاپ، ئاندىن ئىپتار قىلىش كېرەك. ھازىرقى دەۋرىمىزدە سائەت بۇ مەسىلىنى ھەل قىلدى، لېكىن ھەر كۈنى بىر ياكى ئىككى مىنۇت ئىلگىرى – كېيىنلىك پەرقى بولۇشى كۆزدە تۇتۇلىشى كېرەك.

كۈن پاتقان ياكى پاتمىغانلىقىدا ئىككىلىنىپ قالسا ئىپتار قىلماي تۇرۇش كېرەك. چۈنكى، كۈن پاتقانلىقىغا كەسكىن بىر ئالامەت بولمىسا، ۋاقىتنىڭ تېخى كۈندۈز ئىكەنلىكى ئېنىق بولۇپ تۇرۇۋېرىدۇ.

ئىپتار تامىقى تەييار بولسا ئىپتار قىلىۋېتىپ، ئاندىن ناماز شامنى ئوقۇش ياخشى ۋە مۇستەھەپتۇر. ياكى يەڭگىل ئىپتار قىلىۋېلىپ، ئاندىن ناماز ئوقۇپ بولۇپ، تاماق يېسە بولىدۇ.

ئىبنى شىھاب ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ناماز شام ۋاقتىدا كەچلىك تاماق تەييار بولۇپ قالسا، ئاۋۋال شۇنىڭ بىلەن باشلاڭلار، كەچلىك تامىقىڭلارنى يېمەي ئالدىراپ كەتمەڭلار»(4).

ئىپتار قىلىشتىن بۇرۇن (شۇنداقلا كۈن بويى) دۇئا قىلىش مۇستەھەپتۇر. چۈنكى، روزا تۇتقۇچىنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولىدىغان دۇئالاردىندۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «چوقۇمكى، روزىدارنىڭ ئىپتار قىلغاندا رەت قىلىنمايدىغان بىر دۇئاسى بولىدۇ»(5).

بۇ ھەدىستىكى «ئىپتار قىلغاندا» دېگەن ئىبارە ئىپتار قىلىشتىن بۇرۇن دېگەننىمۇ، ئىپتار قىلىپ بولغاندىن كېيىن دېگەننىمۇ بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، ھەر ئىككى ۋاقىت دۇئا قىلىدىغان ۋاقىتتۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئۈچ كىشىنىڭ دۇئاسى قۇرۇق قايتۇرۇلمايدۇ: روزىدارنىڭ ئىپتار قىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا، ئادالەتلىك ھاكىمنىڭ ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ»(6).

بۇ ھەدىستىكى «ئىپتار قىلغۇچە» دېگەن ئىبارە ئىپتار قىلىشتىن بۇرۇنقى چاغنى، بەلكى پۈتۈن كۈندۈزنى كۆرسىتىدۇ. ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىبارە روزىدارنىڭ دۇئاسىنىڭ كۈندۈزنىڭ دەسلىپىدىن ئاخىرىغىچە مۇستەھەپلىكىنى تەقەززا قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ شۇ چاغلارنىڭ ھەممىدە ›روزىدار‹ دەپ ئاتىلىدۇ»(7).

ئىپتار قىلغاندا، ئۆزى بىلگەن، مەزمۇنى ياخشى دۇئالارنى قىلسا بولىدۇ. ئۆزىگە، بالا – چاقىلىرىغا، ئاتا – ئانىسىغا، دوست – يارەنلىرىگە ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا دۇئا قىلسا ياخشى بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابىلەر قىلغان تۆۋەندىكى مەزمۇنى مول دۇئالارنى قىلىشتۇر:

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دۇئا قىلغان: «ذَهَبَ الظَّمَأُ وَابْتَلَّتْ الْعُرُوقُ وَثَبَتَ الْأَجْرُ إِنْ شَاءَ اللَّهُ»(ئۇسسۇزلۇق تۈگەپ، تومۇرلار نەملىنىپ، روزا تۇتقاننىڭ ئەجرى يېزىلدى، ئىنشائاللاھ)(8). بۇنىڭ ئىپتار قىلىپ بولغاندا قىلىنغان دۇئالىقى ئېنىق.

ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بالىلىرىنى توپلاپ مۇنداق دۇئا قىلغان: «اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ بِرَحْمَتِكَ الَّتِي وَسِعَتْ كُلَّ شَيْءٍ أَنْ تَغْفِرَ لِي» (ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھەممە نەرسىنى قاپلىغان كەڭ رەھمىتىڭ بىلەن مېنىڭ گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشىڭنى سورايمەن!)(9)

«اللَّهُمَّ لَكَ صُمْتُ وَعَلَى رِزْقِكَ أَفْطَرْتُ» (ئى ئاللاھ! سەن ئۈچۈنلا روزا تۇتتۇم، سېنىڭ بەرگەن رىزقىڭ بىلەن ئىپتار قىلدىم)(10).

ئىپتار قىلغاندا، تېپىلسا، خورما بىلەن ئېغىز ئېچىش مۇستەھەپ، تېپىلمىسا، باشقا مېۋە ياكى سۇ بىلەن ئىپتار قىلسىمۇ بولىدۇ.

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئوقۇشتىن ئىلگىرى بىر قانچە ھۆل خورما بىلەن ئىپتار قىلاتتى. ئەگەر ھۆل خورما بولمىسا، قۇرۇق خورما بىلەن ئىپتار قىلاتتى. ئەگەر ئۇمۇ بولمىسا، بىر قانچە يۇتۇم سۇ بىلەن ئىپتار قىلاتتى»(11).

لېكىن، «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈچ تال خورما بىلەن ياكى ئوتتا پىشۇرۇلمىغان نەرسە بىلەن ئىپتار قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى» دېگەن ھەدىس(12) بولسا ئاجىز ھەدىس بولۇپ، شۇنداق نەرسىلەر بىلەن ئىپتار قىلىشنىڭ ئەۋزەللىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەرەب يېرىم ئارىلىدا كىشىلەرنىڭ داستىخانلىرىدا كەڭرى بار بولغان مېۋە خورما بولغاچقا، باشقا جايلاردا خورما تېپىلسا خورما بىلەن ئىپتار قىلىش ئەۋزەل؛ خورما تېپىلمىسا، ئاللاھتائالا نېمەت قىلىپ بەرگەن باشقا تاتلىق ۋە شېرىن مېۋىلەر بىلەن ئىپتار قىلىش، بولمىغاندا، سۇ بىلەن ئىپتار قىلىش ياخشى. چۈنكى، خورما قاتارلىق شېرىن مېۋىلەردىكى شېكەر ماددىسى ئاشقازانغا كىرىش بىلەنلا ئۇدۇل قانغا ئۆتۈپ، بارلىق مۇسكۇللارغا كۈچ پەيدا قىلىدۇ. ئۇزۇن بىر كۈن ئوزۇقسىز قالغان كىشى تېزلىكتە ماغدۇرىغا كېلەلەيدۇ، شۇنداقلا ئاشقازانمۇ باشقا يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشقا تەييارلىنىدۇ.

ھازىرقى تېببىي تەتقىقاتلارمۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىپتار قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. تەتقىقاتلاردىن يەكۈنلىشىچە، روزا تۇتقان ئادەم بەدىنىدە يىغىۋالغان شېكەر ماددىلىرىنى ئۇزۇن بىر كۈن روزا تۇتۇش ئارقىلىق خورىتىۋەتكەندىن كېيىن قاندىكى شېكەر ماددىسى نورمال ئۆلچەمدىن تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، روزا تۇتقان كىشىدە ئاجىزلىق، ھۇرۇنلۇق ۋە كۆزى قاراڭغۇلىشىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، جىسمىمىز تېزلىكتە ئۆز ھالىتىگە قايتىشى ئۈچۈن ئىپتار قىلغاندا شېكەر ماددىسى مول ئوزۇقلۇق بىلەن ئېغىز ئېچىش زۆرۈردۇر.

سۇ بىلەن ئىپتار قىلىشمۇ تېببىي تەتقىقاتچىلار تەۋسىيە قىلغان ئىش. چۈنكى، سۇ ئاشقازان ۋە ئۈچەي يوللىرىنى تازىلايدۇ، ئىنسان تەبىئىتىنى نورماللاشتۇرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ سۇ بىلەن ئىپتار قىلىشقا «چۈنكى، سۇ پاكىزلىغۇچىدۇر» دەپ سەۋەبىنى بايان قىلغان.

 

سوھۇرلۇق

سوھۇرلۇق دېگەن سۆز «سەھەر» دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، كېچىنىڭ ئاخىرىدا تاڭ ئېتىشتىن ئىلگىرى سەھەر ۋاقتىدا يېيىلىدىغان يېمەكنىڭ ئىسمىدۇر. مەيلى كۆپ بولسۇن ياكى ئاز بولسۇن سوھۇرلۇق بولىدۇ. ھېچ بولمىغاندا، بىرەر يۇتۇم سۇ بولسىمۇ سوھۇرلۇق ھېسابلىنىدۇ.

سوھۇرغا ئويغىنالماسلىق ئادەتتە، كۆپ يۈز بېرىدۇ. جەمئىيىتىمىزدە «سوھۇرلۇق يېمەي قالسا روزا ھېساب بولمايدۇ» دېگەن خاتا چۈشەنچە مەۋجۇت. ئۇلار سوھۇرلۇقنى روزىنىڭ شەرتى دەپ چۈشىنىۋالغاندەك قىلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، سوھۇرلۇق يېيىش شەرت ئەمەس، بەلكى سۈننەتتۇر. قازى ئىياز: «بارلىق فەقىھلار بىردەك ئىجما قىلدىكى، سوھۇرلۇق يېيىش مۇستەھەپتۇر، ۋاجىپ ئەمەس». ئىمام ئىبنۇل مۇنزىرمۇ مۇستەھەپلىكىگە ئىجما بارلىقىنى ئېيتقان(13).

ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿تاكى سىلەرگە تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى، تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار!﴾ دېگەن(14). ئاللاھتائالا بۇ ئايەتتە تاڭ يورۇغانغا قەدەر يەپ – ئىچىشنى مۇباھ قىلغان.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سوھۇرلۇق يېيىشكە بۇيرۇغان ۋە سوھۇرلۇقتا بەرىكەت بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئىسلام ئۈممىتىنى ئەھلى كىتابتىن ئايرىيدىغان بەلگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سوھۇرلۇق يەڭلار، چۈنكى سوھۇرلۇقتا بەرىكەت بار» دېگەن(15).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «بىزنىڭ روزىمىز بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ روزىسى ئوتتۇرىدىكى پەرق _ سوھۇرلۇقتۇر» دېگەن(16). ۋە يەنە مۇنداق دېگەن: «سوھۇرلۇق يەڭلار. چۈنكى، ئۇ ھەقىقەتەن بەرىكەتلىك تاماقتۇر»(17).

قەتادە ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن سوھۇرلۇق يەپ بولۇپ، بىرئازدىن كېيىنلا بامداتقا تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان. قەتادە مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئەنەسكە:

_ ئىككىيلەن سوھۇرلۇق يەپ بولغان ۋاقىت بىلەن بامداتقا تۇرغان ۋاقىتنىڭ ئارىلىقى قانچىلىك ئىدى؟  _  دېسەك، ئۇ:

ــ ئەللىك ئايەت ئوقۇغانچىلىك ۋاقىت ئىدى،  _  دېدى»(18).

بۇ ھەدىسلەردىن سوھۇرلۇق يېيىشنىڭ ۋە ئۇنى بامداتقا يېقىن ۋاقىتقىچە كېچىكتۈرۈشنىڭ سۈننەتلىكى چىقىدۇ(19).

شۇنداق بولغاچقا، بىر كىشى كېچىچە ئويغاق تۇرۇپمۇ سوھۇرلۇق يېمىسە، روزا تۇتۇش نىيىتى بار بولغاچقا، ئۇ كۈن پاتقۇچە روزا تۇتسا روزىسى توغرا بولۇۋېرىدۇ. بۇ كۈننىڭ قازاسى كەلمەيدۇ، پەقەتلا سۈننەتنى تەرك قىلغان بولىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن، روزا تۇتماقچى بولغان كىشى بامداتقا ئەزان ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئويغانسا، ئاخشامقى ياكى رامىزاننىڭ دەسلىپىدىكى رامىزان تۇتۇش نىيىتى بويىچە روزىنى سۇندۇرماي داۋاملاشتۇرۇۋەرسە بولىدۇ. سوھۇرلۇق يېيەلمەيمەي قالغانلىقى روزىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. چۈنكى، سوھۇرلۇق يېيىش روزىنىڭ شەرتى ئەمەس.

ئەكسىچە ئەھۋالدا، تاڭ يورۇپ بامدات ۋاقتى كىرىپ بولغاندىن كېيىن روزىسىنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋاجىپ. بىر نەرسە يەپ – ئىچسە روزىسىنى بۇزغان بولىدۇ.

مەلۇمكى، سوھۇرلۇق ۋاقتى كېچىنىڭ يېرىمىدىن تاڭ يورۇغانغا قەدەر بولىدۇ. سوھۇرلۇق ئەڭ ئاز دېگەندە، بىر يۇتۇم سۇ ياكى بىر تال خورما بىلەنمۇ بولىدۇ. چوقۇم تولۇق بىر ۋاخ تاماق بولۇشى شەرت ئەمەس.

سوھۇرلۇق يېيىش روزىدارنىڭ ئىبادەت ۋە دۇنيا ئىشلىرىدا ھالسىزلىنىپ قالماسلىقى ۋە جىسمىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈندۇر.

ئالىملار بۇ بەرىكەتنى بىرقانچە تۈرلۈك ئىزاھلىغان:

1. بىر يۇتۇم سۇ ياكى بىر تال خورما چاغلىق ئازغىنە يېمەك – ئىچمەك بىلەن سوھۇرلۇق يېگەن تەقدىردە، ئۇنىڭغا بەرىكەت بېرىلىپ، روزا تۇتۇشقا، كۈندۈزى ئىشلەشكە، جىسمىنىڭ ساغلام بولۇشىغا ياردىمى زور بولىدۇ.

2. سوھۇرلۇق يېگۈچى سوھۇرلۇق سەۋەبىدىن ئادەتتە، ئۇخلاپ قالىدىغان پەزىلەتلىك ۋاقىتتا زىكىر، دۇئا، ئىستىغپار ۋە ناماز قاتارلىق ئىبادەتلەرگە، شۇنداقلا روزا تۇتۇش نىيىتىنى يېڭىلاشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ. نەتىجىدە، ئاخىرەتتە ئەجىرنى ئارتۇق ئالالايدۇ. ئەھلى كىتابقا زىت ئىش قىلىپ، سۈننەتنى تۇتۇشنىڭ ئۆزىمۇ ئەجىرنى زىيادە قىلىدۇ.(20)

بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، روزىنى باشلاش ۋاقتى ئەزانغا باغلىق ئەمەس، بەلكى تاڭ يورۇشقا باغلىق. ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿تاكى سىلەرگە تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى، تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار!﴾ دېگەن.(21)

ئەگەر مۇئەززىن ئەزاننى تاڭ يورۇغاندا توۋلىسا، ئەزاننى ئاڭلىغان ھامان سوھۇرلۇقنى توختىتىش لازىم. ئەگەر ئەزاننى تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن توۋلايدىغان بولسا، ئەزاننى ئاڭلىسىمۇ تاڭ يورۇغۇچە يەپ – ئىچسە بولىدۇ. ئەگەر تاڭ يورۇدىمۇ، يورۇمىدىمۇ شەك قىلىپ قالسا، جەزملەشتۈرگىچە يەپ – ئىچسە بولىدۇ. بەزى ئالىملار: «ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش تۇتىدۇ» دېگەن.(22)

ئىسلام دىنىمىز كەڭچىلىك ۋە ئاسانچىلىق دىنىدۇر. ئىبادەتلەردە ئاسانچىلىق بولسا داۋاملىشىدۇ، ئۇنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىش ئۈزۈلۈپ قېلىشىغىلا سەۋەب بولماستىن، بەلكى، تېخى ئاللاھنىڭ دىنىغا قوشۇمچە بىر نەرسە كىرگۈزۈۋالغانلىق دائىرىسىگە كىرىدۇ.

دېمەك، سوھۇرلۇقنى ئەزان ئوقۇلۇشتىن يېرىم سائەت ياكى بىر سائەت بۇرۇن توختاتسىمۇ بولىدۇ، ئەزان ئوقۇلغاندا توختاتسىمۇ بولىدۇ. تاماق يەۋاتقاندا ئەزان ئوقۇلغان بولسا تامىقىنى يەۋېلىپ، ئاندىن توختىسا بولىدۇ. بۇلار يۇقىرىقى ھەدىسلەردىن مەلۇم. ئەسرى سائادەتتىكى نۇرغۇن ساھابە ۋە تابىئىنلارمۇ تاڭ ئېتىشقا يېقىن سوھۇرلۇق يېيىش ھەققىدە كەڭرى يول تۇتقان. شۇڭا، «سوھۇرلۇقنى تاڭ ئېتىشتىن بەك بۇرۇن توختىتىش كېرەك» دەۋالغانلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كۆرسەتمىسىگە زىت ئىش قىلغان بولىدۇ.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى ئارقا – ئارقىدىن ئۇلاپ روزا تۇتقان بولسىمۇ، ئۈممىتىنى ئارقا – ئارقىدىن ئىككى كۈننى ئۇلاپ روزا تۇتۇشتىن توسقان.(23)

بۇ ھەدىسكە ئاساسەن، بەزى ئالىملار بۇنداق ئۇلاپ روزا تۇتۇشنى «ھارام» دېسە، يەنە بەزىلەر: «مەكرۇھ» دەپ قارىغان. بەزىلەر: «قۇدرىتى بولسا جائىز» دەپ قارىغان. يەنە بەزىلەر ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئۇلاپ روزا تۇتماڭلار. قايسىبىرىڭلار ئۇلاپ روزا تۇتماقچى بولسا ئىپتارلىق يېمەي، سوھۇرلۇققىچە ئۇلىسۇن» دېگەن(24) سۆزىگە ئاساسەن «سوھۇرلۇقتىن سوھۇرلۇققا قەدەر ئۇلىسا بولىدۇ، بىر كۈندىن ئارتۇق ئۇلىسا بولمايدۇ» دەپ قارىغان.(25)

نىيەت مەسىلىسىگە كەلسەك، رامىزان ئېيىدا مۇسۇلمان كىشى رامىزاننى بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ تولۇق تۇتۇشنى نىيەت قىلىدىغان بولغاچقا، ھەر كېچىسى نىيەتنى يېڭىلىمىسىمۇ بولىدۇ. پەقەتلا بىر كىشى سەپەر ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن روزا تۇتماي كېلىۋاتقان بولسا، روزا تۇتاي دېسە كېچىسى نىيەت قىلىشى لازىم بولىدۇ. سوھۇرغا ئويغىنالماي قالغان ئەھۋالدا ئاخشامقى نىيىتى ھېساب بولىدۇ. ئەلۋەتتە، نىيەتنى دىلىدا قىلىدۇ، ئاغزاكى قىلىپ يۈرمەيدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئەسىردىن كېيىن ئۇخلاپ قېلىپ تاڭ يورۇغاندىن كېيىن ئويغانغان بولسا، روزىسى توغرا بولىدۇ.

 

غەربىي ياۋروپادا سوھورلۇق ۋە ئىپتار ۋاقتى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، غەربىي ياۋروپادا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار يازلىق ۋاقىتنىڭ ئوخشاش بولۇشى ھەمدە ئۇ دۆلەتلەردە روزا تۇتۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى، كۈن پېتىش ۋاقتىنىڭ كېيىن بولۇشى سەۋەبلىك سوھۇرلۇق ۋە ئىپتار ۋاقتىنى مەككە ۋاقتى ياكى ئىتالىيەنىڭ رىم ۋاقتىنى قوللىنىپ روزا تۇتسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ:

بارلىق ھەمدۇسانا جانابىي ئاللاھقا بولسۇن. شۇنداقلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە تاكى قىيامەتكىچە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ياۋروپانىڭ غەربى ۋە شىمالىدىكى كۈندۈز ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن ياكى كېچە ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن بولىدىغان دىيارلاردا ياز ئايلىرى بەزىدە كېچە پەقەتلا 2 – 3 سائەت بولىدۇ. روزا تۇتىدىغان كۈندۈز 21 – 22 سائەت بولىدۇ. قىش ئايلىرىدا ئەكسىچە بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، مەككىدە 15 سائەت روزا تۇتىدىغان چاغلاردا جەنۋە بىلەن پارىژ شەھەرلىرىدە 18 يېرىم سائەت روزا تۇتۇلىدۇ. بېرلىندا 19 سائەت، فىنلاندىيەنىڭ شىمالىدىكى ئولو شەھىرىدە 23 سائەتكە يېقىن روزا تۇتۇلىدۇ.

شىمالىي قۇتۇپتا بولسا كۈندۈز سوزۇلۇپ بىر قانچە ئاي بولۇپ كېتىدۇ. بەزى جايلاردا ئالتە ئاي كۈندۈز، ئالتە ئاي كېچە بولىدۇ. بۇ دىيارلاردىكى مۇسۇلمانلار روزا تۇتۇش ۋە ئېغىز ئېچىشتا ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغان بولغاچقا، ئالىملار بۇ ھەقتە ئىزدەنگەن. ئالىملارنىڭ قاراشلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. سەئۇدى ئەرەبىستان ئالىملىرىنىڭ كۆپچىلىكى: «بىر كۈن ئىچىدە كېچە بىلەن كۈندۈز ئايرىلىپ تۇرىدىغان دىيار بولسا، كۈندۈز ئۇزۇن بولسۇن ياكى قىسقا بولسۇن كۈندۈزدە روزا تۇتۇش لازىم. تۇتالماي قىينىلىپ قالىدىغانلار كېيىنچە، قىينالمايدىغان كۈنلەردە قازاسىنى قىلىۋالسا بولىدۇ» دەپ قارىغان. ئەمما، كۈندۈز بىر قانچە ئاي، كېچە بىر قانچە ئاي سوزۇلۇپ كېتىدىغان بولسا، «مەككە ۋاقتىغا ياكى ئاشۇ دىيارلارغا ئەڭ يېقىن كېچە – كۈندۈز ئايرىلىپ تۇرىدىغان جاينىڭ ۋاقتىغا مۆلچەرلەپ ئېغىز ئاچىدۇ» دەپ قارىغان.(26)

بۇ قاراشقا ئاساسەن، كېچە بىر سائەت بولسىمۇ بىر سائەت ئىچىدە ئىپتار بىلەن سوھۇرلۇق يەۋېلىپ، قالغان 23 سائەتتە روزا تۇتۇش لازىم. ئەمما، ئالتە ئاي كېچە، ئالتە ئاي كۈندۈز بولىدىغان جايدا مەككە ياكى ئۆزىگە ئەڭ يېقىن نورمال ۋاقىتلىق دۆلەت ۋاقتىنى ھېسابلاپ ناماز ئوقۇسا، روزا تۇتسا بولىدۇ.

2. «ئەزھەر پەتىۋا كومىتېتى» ۋە ئەزھەر ئالىملىرى: «يۇقىرىقىدەك دىيارلاردا سائەتنى مۆلچەرلەپ تۇرۇپ، كۈن ئاسماندىكى چاغ بولسىمۇ ئېغىز ئاچسا بولىدۇ» دەپ قارىغان.(27)

شەرىئەت كۆزلىگەن مەقسەتلەرنى ئالدىمىزغا ئەكېلىپ تۇرۇپ قارايدىغان بولساق، ئىككىنچى قاراش مۇۋاپىق كۆرۈنىدۇ. شەرىئەت ئىنساننى قىيناشنى كۆزلىمەيدۇ. بەش ۋاخ نامازنى يېرىم سائەت ئىچىگە يىغىپ قويۇش ياكى بىر سائەت روزا تۇتۇپ، 23 سائەت ئېغىز ئېچىش ياكى ئەكسىچە قىلىش شەرىئەت كۆزلىگەن مەقسەتلەرنى قولغا كەلتۈرمەيدۇ. تېببىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، 18 سائەتتىن زىيادە روزا تۇتۇش نورمال ھالەتلەردە ئىنسان بەدىنىگە زىيانلىق بولىدۇ. ئىنسان بەدىنىگە زىيان ئۇرۇش شەرىئەت كۆزلىگەن ئىش ئەمەس. ۋاقىتنىڭ بىنورمال بولۇشى ۋاقىت چەك – چېگراسى يوقاپ كەتكەن ئەھۋالغا ئوخشاش.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەججال ھەققىدە توختالغان، نەۋۋاس ئىبنى سەمئان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «بىز:

ــ ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇ زېمىندا قانچىلىك تۇرىدۇ؟  –  دەپ سورىساق، رەسۇلۇللاھ:

ــ قىرىق كۈن. بىر كۈن بىر يىلدەك، بىر كۈن بىر ئايدەك، بىر كۈن بىر ھەپتىدەك، ئاندىن قالغان كۈنلىرى سىلەرنىڭ كۈنلىرىڭلاردەك،  –  دېدى. بىز:

ــ ئى رەسۇلۇللاھ! بىر يىلدەك ئاشۇ بىر كۈندە بىزگە بىر كۈنلۈك ناماز كۇپايە قىلامدۇ؟ –  دېسەك:

ــ ياق، ئۇنىڭغا ۋاقىت مۆلچەرلەڭلار،  –  دېدى».(28)

ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ: « ›ئۇنىڭغا ۋاقىت مۆلچەرلەڭلار‹ دېگەننىڭ مەنىسى: ھەر كۈنى تاڭ ئاتقاندىن كېيىن پېشىن بولغۇچىلىك ۋاقىت ئۆتسە، پېشىننى ئوقۇڭلار. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەسىر بولغۇچىلىك ۋاقىت ئۆتسە ئەسىرنى ئوقۇڭلار. ئۇنىڭدىن كېيىن شام بولغۇچىلىك ۋاقىت ئۆتسە شامنى ئوقۇڭلار، خۇپتەنمۇ شۇنداق. دېمەك، ئاشۇ ئۇزۇن كۈن ئاخىرلاشقۇچە بامدات، ئاندىن پېشىن، ئاندىن ئەسىر، ئاندىن شام، ئاندىن خۇپتەن ئوقۇيدۇ. شۇنداق قىلىپ بىر يىللىق نامازنىڭ ھەممىسى ۋاقتىدا ئورۇندالغان پەرزلەر بولغان بولىدۇ».(29)

بۇنىڭغا ئاساسەن، بىر كۈندۈز بىر سوتكىدىن ئارتۇق داۋاملىشىدىغان دىيارلاردا بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە، مەككىگە ياكى ئەڭ يېقىن نورمال ۋاقىتلىق شەھەر ۋاقتىغا قاراپ روزا تۇتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا كۈن ئاسماندىكى چاغدا ئىپتار ۋاقتى بولۇپ قالسىمۇ ئىپتار قىلىۋېرىدۇ. بۇنىڭغا بارلىق ئالىملار ئىتتىپاق.

كېچە بىلەن كۈندۈز بىر سوتكا ئىچىدە كېلىدىغان شەھەرلەردە ئەھۋالغا قارايدۇ. روزا تۇتۇش ۋاقتى 17 – 18 سائەت ئەتراپىدا بولۇپ، بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولسا، روزىنى كۈن پاتقۇچە نورمال تۇتۇۋېرىدۇ. ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولسا مەسىلەن، 19 – 21 سائەت روزا تۇتىدىغان بولسا، ئاشۇ دىيارلاردا ياشايدىغان مۇسۇلمانلار ۋاقىتنىڭ ئۇزىراپ كەتكەنلىكىدىن بەكلا قىينىلىپ كېتىدىغان بولسا، تۆۋەندىكى ئىككى ئىشنىڭ بىرىنى قىلسا بولىدۇ:

1. مەككە مۇكەررەمە ۋاقتىنى ھېساب قىلىش. مەككىدە قانچە سائەت روزا تۇتۇلىدىغان بولسا، مەسىلەن، 14 سائەت روزا تۇتۇلىدىغان بولسا، تۇرۇۋاتقان دىياردا تاڭ ئاتقان چاغدا روزىنى باشلاپ، سائەتكە قاراپ تۇرۇپ 14 سائەت ئۆتكەندە ئېغىز ئېچىپ ئىپتار قىلسا بولىدۇ. بۇ چاغدا كۈن تېخى پاتمىغان بولسىمۇ مەيلى.

2. كېچە بىلەن كۈندۈز نورمال بولىدىغان ئەڭ يېقىن دىيارنىڭ ۋاقتىنى ھېساب قىلىش. مەسىلەن، ئىتالىيە دېسەك، ئۇ يەردە قانچە سائەت روزا تۇتۇلىدىغان بولسا، مىسالغا 12 سائەت روزا تۇتۇلىدىغان بولسا، تۇرۇۋاتقان دىياردا تاڭ ئاتقان چاغدا روزىنى باشلاپ، سائەتكە قاراپ تۇرۇپ 12 سائەت ئۆتكەندە ئېغىز ئېچىپ ئىپتار قىلسا بولىدۇ. بۇ چاغدا كۈن تېخى پاتمىغان بولسىمۇ مەيلى. لېكىن، بۇ ئىككىنچى قاراش بويىچە، ئەڭ يېقىن نورمال دۆلەت دەپ بىرەر دۆلەتنى بەلگىلەش تەس بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، شەھەرلەرنىڭ مەركىزى بولغان مەككىنى ئاساس قىلىش قولايراق. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

داۋامى بار.

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

—————————————-
1. «بەقەرە» سۈرىسى، 187 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
2. سەھىھەين: «بۇخارى»، 1954 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1100 – ھەدىس.
3. سەھىھەين: «بۇخارى»، 672 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 557 – ھەدىس.
4. سەھىھەين: «بۇخارى»، 1957 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1098 – ھەدىس.
5. «ئىبنى ماجە»، 1753 – ھەدىس. «ھەسەن» دەپ باھالانغان.
6. «تىرمىزى»، 3598 – ھەدىس. تىرمىزى ۋە ھافىز ئىبنى ھەجەر «ھەسەن» دەپ باھالىغان.
7. «ئەلمەجمۇ»، 6/396.
8. «ئەبۇ داۋۇد»، 2357 – ھەدىس. ئالبانى «ھەسەن» دەپ باھالىغان.
9. «ئىبنى ماجە»، 1753 – ھەدىس. ھافىز ئىبنى ھەجەر «ھەسەن» دەپ باھالىغان.
10. «ئەبۇ داۋۇد»، 2358 – ھەدىس. بۇ مۇرسەل ھەدىس بولۇپ، ئابدۇلقادىر ئارنائۇت «الأذكار» تەھقىقىدە: «ئۇنى كۈچلەندۈرىدىغان باشقا رىۋايەتلەر بار» دېگەن.
11. «ئەبۇ داۋۇد»، 2356 – ھەدىس. ئالبانى «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن.
12. «مۇسنەدى ئەبۇ يەئلا»، 3305 – ھەدىس.
13. «ئۇمدەتۇل قارى»، 10/300؛ «نەيلۇل ئەۋتار»، 4/303.
14. «بەقەرە» سۈرىسى، 187 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
15. سەھىھەين: «بۇخارى»، 1923 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1095 – ھەدىس.
16. «مۇسلىم»، 1096 – ھەدىس.
17. «نەسائى»، 2164 – ھەدىس؛ ئالبانى «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
18. سەھىھەين: «بۇخارى»، 576 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1097 – ھەدىس.
19. «ئۇمدەتۇل قارى»، 5/73.
20. «ئۇمدەتۇل قارى»، 10/302.
21. «بەقەرە» سۈرىسى، 187 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
22. «ئەلمۇغنى»، 3/54.
23. «سەھىھەين: «بۇخارى»، 1860 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1102 – ھەدىس.
24. «بۇخارى»، 1963 – ھەدىس.
25. «ئۇمدەتۇل قارى»، 1172.
26. «فتاوى اللجنة الدائمة»، 10/114، «هيئة كبار العلماء»، 1398/4/12 – كۈنىدىكى 61 – نومۇرلۇق قارار. «ئىسلام دۇنياسى ئىتتىپاقى»غا تەۋە «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيىسى» 1402/4/10 – كۈنىدىكى 3 – نومۇرلۇق قارارغا قارالسۇن. لېكىن، مەجمەئنىڭ بۇ قارارى بىردەك ئىتتىپاق بىلەن ئەمەس، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ ماقۇللىقى بىلەن ئېلىنغان. ئاز سانلىق بۇ قارارغا قوشۇلمىغان.
27. «ئەزھەر پەتىۋا كومېتىتى»، 1983/4/24 – كۈنىدىكى پەتىۋا بىلەن 1982/5/26 – كۈنىدىكى پەتىۋا. «شەيخ جادۇل ھەق پەتىۋالىرى»، 1 – توم، 539 – بەتكە قارالسۇن.
28. «مۇسلىم»، 2937 – ھەدىس.
29. «شەرھى سەھىھى مۇسلىم»، 18/66.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز