ئاللاھنىڭ ئېيى بۇ رامىزان(3)

ئاللاھنىڭ ئېيى بۇ رامىزان(3)

(مۇبارەك رامىزان ئېيىدىكى ئالاھىدىلىكلەر ۋە ئەھكاملار)

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

روزىنى قانداق ئىشلار سۇندۇرىدۇ؟ قانداق ئىشلار سۇندۇرمايدۇ؟

روزا تۇتۇشتىكى مەقسەت ۋىجداننى سەگەكلەشتۈرۈش، ئىنسان نەپسىنى تاۋلاش ۋە چىداملىق قىلىپ تەربىيەلەش ۋە نەتىجىدە تەقۋادارلىقنى يېتىلدۈرۈشتۇر. بۇ سەۋەبتىن، كىشى روزا تۇتقاندا سەھەر ۋاقتىدىن باشلاپ تاكى كۈن پاتقانغا قەدەر شەھۋەت، يېمەك – ئىچمەك ۋە شۇ دائىرىگە كىرىدىغان باشقا بارلىق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن چەكلىنىشى كېرەك.

روزىنى كەسكىن بۇزىدىغان بەزى ئىشلار بار، كەسكىن بۇزمايدىغان بەزى ئىشلارمۇ بار. بۇزۇش ياكى بۇزماسلىقىدا ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش بولمىغان ئىشلارمۇ بار. تۆۋەندە روزىنى بۇزىدىغان ۋە بۇزمايدىغان نەرسىلەرنى بىر – بىرلەپ بايان قىلىمىز.

 

روزىنى بۇزىدىغان ئىشلار

1. روزىدار ھالەتتە جىما قىلىش

ئاللاھتائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ﴿روزا كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر. ئاللاھ ئۆزۈڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارنى ئالدىغانلىقىڭلارنى (يەنى، روزا كېچىسىدە يېقىنچىلىق قىلغىنىڭلارنى) بىلدى. ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى، سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى بۇندىن كېيىن رامىزان كېچىلىرىدە ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە پۈتكەننى تەلەپ قىلىڭلار! تاكى سىلەرگە تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى، تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار!﴾(1).

بۇنداق ئەھۋالدا، بارلىق ئالىملارنىڭ نەزىرىدە روزىسىنى بۇزغان بولىدۇ ۋە بۇ سەۋەبتىن، ئۇ كىشى گۇناھكار بولىدۇ. ئۆزرىسىز ئېغىز ئاچقان بولغاچقا، شۇ كۈنى كەچكىچە روزا تۇتقاندەك داۋاملاشتۇرىدۇ. رامىزاندىن كېيىن بىر قۇل ئازاد قىلىشتەك ئېغىر كەفارەت بېرىشى كېرەك بولىدۇ. ئەمما، ھازىر قۇل ئازاد قىلىش بولمىغاچقا، ئارقا – ئارقىدىن ئىككى ئاي روزا تۇتۇپ قازاسىنى قىلىدۇ. ئىككى ئاينى ئارقا – ئارقىدىن تۇتۇشى شەرتتۇر. بۇ ھەدىستە ئېنىق بېكىتىلگەن. ئارىلىقتا رامىزان ياكى ھېيت كۈنلىرى ۋە تەشرىق كۈنلىرىدەك روزا تۇتۇش چەكلەنگەن كۈنلەر كىرىپ قالسا، ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ئۇنداق قىلالمىسا 60 مىسكىننىڭ قورسىقىنى ئىككى ۋاخ تاماق بىلەن تويغۇزىدۇ. بۇ كەفارەت مۇشۇ تەرتىپ بويىچە بولىدۇ. باشتىكى تۈرنى قىلالمىغاندا كېيىنكى تۈرگە يۆتكىلىدۇ. بەزى ئالىملار: «ئايالغىمۇ ئەرگە ئوخشاش كەفارەت كېلىدۇ» دېگەن بولسىمۇ، بەزىلەر تۆۋەندىكى ھەدىسكە ئاساسەن، ئايالغا كەلمەيدۇ، دەپ قارىغان(2).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئىدۇق، بىر ئادەم كېلىپ:

ــ ئى رەسۇلۇللاھ! ھالاك بولدۇم،  –  دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ ساڭا نېمە بولدى؟  –  دېگەن ئىدى، ئۇ ئادەم:

ــ مەن روزا تۇتقان تۇرۇقلۇق ئايالىمغا يېقىنچىلىق قىلىپ قويدۇم،  –  دېدى. رەسۇلۇللاھ:

ــ ئازاد قىلغۇدەك قۇل تاپالامسەن؟  –  دېۋىدى، ئۇ ئادەم:

ــ ياق،  –  دېدى. رەسۇلۇللاھ:

ــ ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتالامسەن؟»  –  دېگەن ئىدى، ئۇ ئادەم:

ــ ياق،  –  دېدى. رەسۇلۇللاھ:

ــ ئاتمىش مىسكىنگە تائام بېرەلەمسەن؟  –  دېگەن ئىدى، ئۇ ئادەم:

ــ ياق،  –  دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۈكۈت قىلدى. بىز شۇنداق سۈكۈتتە ئولتۇراتتۇق، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىر سېۋەت خورما كەلدى. رەسۇلۇللاھ:

ــ سوئال سورىغان كىشى قېنى؟  –  دېگەن ئىدى، ئۇ ئادەم:

ــ مانا مەن،  –  دېدى. رەسۇلۇللاھ:

ــ بۇنى ئېلىپ سەدىقە قىل  –  دېۋىدى، ئۇ ئادەم:

ــ مەندىنمۇ پېقىرراق كىشىگىمۇ، ئى رەسۇلۇللاھ؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەدىنىنىڭ ئىككى سايلىقىنىڭ ئارىلىقىدا مېنىڭ ئائىلەمدىنمۇ پېقىرراق بىر ئائىلە يوق،  –  دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قوزۇق چىشلىرى كۆرۈنگىدەك دەرىجىدە كۈلۈپ كېتىپ، ئاندىن:

ــ بۇنى ئەھلىڭگە يېگۈزگىن  –  دېدى»(3).

مەزكۇر ھەدىستە ھۆكۈمنى بايان قىلىش زۆرۈر تۇرۇقلۇق، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئايالغا كەفارەت كېلىدىغانلىقى ھەققىدە گەپ – سۆز قىلمىغان. ئەمما، ئايالغا كەفارەت كەلمىگەن بىلەن شۇ كۈننىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك، ئەلۋەتتە.

ئەر شۇ كۈننىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟ ئەلۋەتتە قازاسىنى قىلىدۇ. ئەگەر كەفارەت بېرىشتە ئارقا – ئارقىدىن ئىككى ئاي روزا تۇتۇشنى تاللىغان بولسا، كەفارەتتىن تاشقىرى ئۇ كۈننىڭ قازاسىنىمۇ بىر كۈن قىلىدۇ. لېكىن، بۇ كۈننى ئىككى ئايغا قوشۇپ ياكى ئىككى ئاي بىلەن ئارقا – ئارقىدىن ئۈزۈلدۈرمەي تۇتۇشى كېرەك ئەمەس. بۇ بىر كۈننىڭ قازاسىنى ئايرىم قىلىۋالسىمۇ بولىدۇ.

ئۇ كۈننىڭ قازاسىنى قانداق شەكىلدە قىلىشتا ئالىملارنىڭ قارىشى ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما قازاسى قىلىنىدىغانلىقىدا تۆت مەزھەپ ئىتتىپاقتۇر. چۈنكى، ئۇ پەرز روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن بولغاچقا، نامازغا ئوخشاشلا قازاسىنى قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ. كەفارەت بولسا گۇناھى ئۈچۈن، قازاسىنى قىلىش بولسا بۇزۇۋەتكەن كۈننىڭ ئورنى ئۈچۈندۇر. يەنە سەپەر ياكى كېسەللىكتەك ئۆزرىلىك ھالەتتە ئېغىز ئېچىۋەتكەن كىشىنىڭ روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك بولسا، ئۆزرىسىز قەستەن بۇزۇۋەتكەن كىشى ئەلۋەتتە قازاسىنى قىلىشى كېرەك بولىدۇ. يەنە يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ سەئىد ئىبنى مۇسەييەبتىن كەلگەن «مۇرسەل»(4) رىۋايىتىدە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ كىشىنى ئورنىغا بىر كۈن روزا تۇتۇپ، قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇغان ۋە: «ئۇنىڭ ئورنىغا بىر كۈن تۇتقىن ۋە ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن» دېگەن(5).

فىقھى ئالىملىرى سەئىد ئىبنى مۇسەييەبنىڭ «مۇرسەل» رىۋايىتىنى دەلىل سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشىدۇ. ﴿تۇتالمىغان كۈن سانى بويىچە باشقا كۈنلەردە تۇتۇۋالسۇن﴾ دېگەن ئايەتمۇ بۇنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىدۇ(6).

شەيخ ئالبانى مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەت شۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ رامىزاندا جىما قىلىپ سالغان كىشىنى قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇغان ھەدىسى ھافىز ئىبنى ھەجەر ئېيتقاندەك تۈرلۈك يوللىرى بىلەن سەھىھتۇر. ئۇ يوللارنىڭ بىرى سەھىھ مۇرسەلدۇر»(7).

كەففارەتنىڭ تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:

1. بىر قۇل ئازاد قىلىش. ئەمما، ھازىرقى دەۋرىمىزدە بۇ ئىش يوق.

2. قۇل ئازاد قىلالمىغان كىشى ئارقا – ئارقىدىن ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى كېرەك. ناۋادا بىر ياكى ئىككى كۈن قالغاندا ئۈزۈۋەتسە، يەنە يېڭىدىن باشلىشى كېرەك بولىدۇ.

3. كېسەللىك ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن ئارقا – ئارقىدىن ئۇلاپ ئىككى ئاي روزا تۇتالمىغان كىشى 60 مىسكىننى غىزالاندۇرۇشى كېرەك. ھەر بىرىنى ئوتتۇرھال ئىككى ۋاخ غىزالاندۇرسىمۇ ياكى بەزى ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە، بىر مىسكىننى 60 كۈن غىزالاندۇرسىمۇ بولىدۇ ۋە ياكى ئۇنىڭ قىممىتىگە باراۋىرىنى بەرسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، 60 مىسكىننى غىزالاندۇرۇش ئەۋزەل.

يۇقىرىقى كەفارەت تەرتىپى بەزى ھەدىسلەردە شۇ تەرتىپ بويىچە كەلگەنلىكى ئۈچۈن، بەزى ئالىملار: «بىرىنچىسىنى قىلالمىغان كىشى ئىككىنچىسىنى قىلسا، ئىككىنچىسىنى قىلالمىغان كىشى ئۈچىنچىسىنى قىلسا بولىدۇ. ھەممىنى قىلالايدىغان تۇرۇپ، خالىغان بىرىنى تاللاپ قىلىۋالسا بولمايدۇ» دېگەن. يەنە بەزى ئالىملار: «خالىغان بىرىنى قىلسا بولۇۋېرىدۇ» دېگەن.

ئەمما، بىر كىشى سەپەر ئۈستىدە تۇرۇپ روزا تۇتقان بولسا، بۇ روزىنى جىما ياكى يېمەك – ئىچمەك بىلەن بۇزۇۋەتكەن بولسا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ئۇنىڭغا كەفارەت كەلمەيدۇ، پەقەت كېيىن قازاسىنى تۇتۇۋالسىلا بولىدۇ.

جىمادىن باشقا سۆيۈش ۋە تۇتۇش قاتارلىق ئىشلار يېڭى توي قىلغانلار ياكى ياشانغان بولسىمۇ ئۆزىنى تۇتالمايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن مەكرۇھ بولىدۇ. ئۆزىنى تۇتالايدىغانلارغا نىسبەتەن مۇباھ بولىدۇ. ئەمما، سۆيۈش ۋە قۇچاقلاشنىڭ ئاخىرى جىما ياكى مەنىي چىقىش بىلەن ئاخىرلاشسا، يۇقىرىقىدەك قازاسىنى قىلىش ۋە كەفارەت بېرىش كېلىدۇ. شۇڭا، ئۆزىنى تۇتالمايدىغان ياكى يېڭى توي قىلغانلار مۇمكىنقەدەر رامىزان كۈنلىرىدە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. بولمىسا، بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرى جىماغا ئېلىپ بارىدۇ – دە، قازاسىنى قىلىش بىلەن كەفارەت بېرىش ۋاجىپ بولۇپ قالىدۇ.

لېكىن، بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، جىما ئۆتكۈزمەي سۆيۈش ۋە قۇچاقلاش قاتارلىق ئىشلار ئارقىلىق مەنىي چىقىپ كەتكەن بولسا قازاسىنىلا قىلىدۇ، كەفارەت كەلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ ئىشلاردا كەفارەت بېرىش كۆرسىتىلمىگەن.

جىما قىلىۋاتقاندا ئەزان چىقىپ ياكى تاڭ ئېتىپ قالسا دەرھال مۇناسىۋەتنى توختىتىش كېرەك. بولمىسا، كۈندۈزدە جىما قىلغان بولىدۇ – دە، قازاسىنى قىلىش بىلەن كەفارەت بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ.

رامىزاننىڭ باشقا بىر كۈنىدە يەنە بىر قېتىم جىما قىلىپ، روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن كىشىگە قايتىدىن كەفارەت ۋاجىپ بولىدىغانلىقىغا ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق. شۇنداقلا بىر كۈندە بىرقانچە قېتىم جىما قىلغان بولسا، كېيىنكى جىما روزىسى بۇزۇلۇپ بولغان چاغدا قىلىنغاچقا، پەقەت بىرلا كەفارەت كېلىدىغانلىقىغا بىردەك ئىتتىپاق. ئەگەر رامىزاننىڭ بىر كۈنىدە جىما قىلىپ، تېخى كەففارىتىنى بەرمەي تۇرۇپ، باشقا بىر كۈنىدە قايتا جىما قىلغان بولسا، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە: «بىرلا كەفارەت بېرىدۇ» دېگەن. كۆپچىلىك ئالىملار: «ھەربىر كۈنگە بىر كەفارەت بېرىدۇ» دېگەن(8).

رامىزان ئېيىدىن باشقا ئايدا روزىدار ھالەتتە ياكى رامىزاندا تۇتالمىغان كۈن ئۈچۈن قازا روزا تۇتۇۋېتىپ ياكى كەفارەت روزىسىنى تۇتۇۋېتىپ، جىما قىلىپ سالغان كىشىگە كەفارەت كەلمەيدۇ. چۈنكى، بۇنىڭ ھۆرمىتى رامىزان ئېيىنىڭ ئۇلۇغلۇق ھۆرمىتىدەك ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەفارەت بېرىش دېگەن رامىزان كۈنى روزىسىنى جىما بىلەن بۇزغان كىشى ھەققىدە كەلگەن. بۇنىڭدا ئالىملار ئىتتىپاق(9).

ئەگەر رامىزاندا روزىدارلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ جىما قىلىپ سالغان بولسا، ھەنەفىي مەزھىپى، شۇنداقلا كۆپلىگەن مۇھەققىق ئالىملار تەرجىھ قىلغان قاراشتا، ئۇنىڭ روزىسى توغرا، بۇزۇلمايدۇ. كەفارەتمۇ، قازامۇ كەلمەيدۇ. بۇ خۇددى يادىدا يوق يەپ – ئىچكەنگە ئوخشاش(10).

2. روزا تۇتقان كۈنى كۈن پاتقانغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا ھەيز كېلىپ قالسا ياكى تۇغۇپ قالسا روزا بۇزۇلىدۇ، كېيىن ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىپ، ئورنىغا بىر كۈن تۇتۇۋالسا بولىدۇ، كەفارەت بېرىش كەتمەيدۇ، گۇناھ بولمايدۇ.

3. قەستەن يەپ – ئىچىش، تاماكا ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چېكىش ۋە ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش، قول بىلەن ياكى قۇچاقلاش بىلەن مەنىي چىقىرىش. بۇنداق ھالەتتە، روزىنى سۇندۇرۇش بىلەن گۇناھكار بولىدۇ، شۇنداقلا رامىزاندىن كېيىن ئورنىغا قازا روزا تۇتۇشى كېرەك بولىدۇ، ئەمما كەفارەت كەلمەيدۇ.

4. ئېغىز ئارقىلىق ئىستېمال قىلىنغان دورىلار. بۇنداق ئەھۋالدا، گۇناھ بولمايدۇ، كەفارەتمۇ كەلمەيدۇ، لېكىن كېيىن قازاسىنى تۇتىدۇ.

5. ناماز ئوقۇماسلىق، غەيۋەت، گەپ توشۇش، نامەھرەم ئاياللارغا قاراش، ھارام ناخشىلارنى تىڭشاش قاتارلىق بارلىق گۇناھلار بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، روزىنى بۇزۇۋېتىدۇ. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە، بۇزمايدۇ. لېكىن، ئۇ ھەممىسىنىڭ بىردەك قارىشىدا، روزىنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىدۇ.

6. روزا تۇتقان ھالەتتە روزىسىنى بۇزۇۋېتىشنى نىيەت قىلىپ قالسا، روزىسىنى بۇزىدىغان باشقا بىر ئىش قىلمىسىمۇ روزىسى بۇزۇلىدۇ. چۈنكى، ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق.

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن، مۇسۇلمان كىشى تۇتقان روزىسىنى ئاسرىشى، ئۇنى بۇزىدىغان ئىشلاردىنلا ئەمەس، ئەجرىنى، ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىدىغان ھەرقانداق قىلمىشلاردىن ساقلىشى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە رامىزان ئېيىنىڭ ھەققى – ھۆرمىتىنىڭ ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى بىلىشى لازىم. چۈنكى، ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلماسلىق چوڭ گۇناھلاردىندۇر.

 

روزىنى بۇزمايدىغان ئىشلار

1. روزا تۇتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ روزىنى بۇزىدىغان ئىشلارنى قىلىش

كىشىلەر كۆپىنچە رامىزاننىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە روزا تۇتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ كۈندۈزدە بىر نەرسە يەپ – ئىچىپ قالىدۇ. كېيىن ئۆزىنىڭ روزا تۇتقانلىقىنى، بۇ ئاينىڭ رامىزان ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇ كىشى ھەرقانچە كۆپ نەرسە يەپ – ئىچىپ سالغان بولسىمۇ روزىسىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىشى كېرەك. چۈنكى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ روزىسى سۇنۇپ كەتمەيدۇ. قازاسىنى قىلىشمۇ كېرەك ئەمەس، كەفارەتمۇ كەلمەيدۇ. ئەمما، يەپ – ئىچىۋاتقان ئەسنادا روزىدارلىقى ئېسىگە كەلسە يەپ – ئىچىشنى دەرھال توختىتىشى ۋە ئېغىزىدىكىنى چىقىرىۋېتىشى لازىم.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «(روزىدار تۇرۇپ) ئېسىدە يوق يەپ – ئىچىپ سالسا، روزىسىنى بۇزۇۋەتمەي تاماملاۋەرسۇن، چۈنكى ئۇنىڭغا ئاللاھ يېگۈزگەن ۋە ئىچكۈزگەندۇر»(11).

«ئۇنىڭغا ئاللاھ يېگۈزگەن ۋە ئىچكۈزگەندۇر» دېگەننىڭ مەنىسى شۇكى، ئاللاھتائالا ئۆزىنىڭ مەرھەمىتى ۋە مېھرىبانلىقىدىن ئۇ كىشىگە روزا تۇتقانلىق ھالىتىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، يېمەك – ئىچمەك بەرگەن. ئىمام تىرمىزىينىڭ رىۋايىتىدىمۇ: «بۇ بولسا ئاللاھ ئۇنىڭغا ئەۋەتكەن رىزىق، ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك ئەمەس» دېيىلگەن(12).

ھەدىسلەر ئۇنتۇپ قېلىپ بىر نەرسە يەپ – ئىچكەن كىشىنىڭ روزىسىنىڭ سۇنمايدىغانلىقىنى، روزىنى تاماملاۋېرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا قازاسىنى قىلىشنىڭ ياكى كەفارەت بېرىشنىڭ كېرەك ئەمەسلىكىنى ئېنىق بايان قىلغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «روزىسىنى بۇزۇۋەتمەي تاماملاۋەرسۇن» دېگەن سۆزى روزىسىنىڭ بۇزۇلمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ناۋادا قازاسىنى قىلىشى ۋاجىپ بولسا، بۇنى ۋاقتىدا ئەسكەرتىپ قويغان بولاتتى. ئەلۋەتتە، بۇ ئاللاھتائالانىڭ بەندىلىرىگە مېھرىبانلىقى ۋە ئۇلارغا ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەنلىكىدىندۇر. جانابىي ئاللاھنىڭ ئادالىتىمۇ قەستەن قىلمىغان ئىشنى سۈرۈشتە قىلماسلىقنى تەقەززا قىلىدۇ.

بۇنىڭغا يەنە جانابىي ئاللاھنىڭ بۇ سۆزلىرىمۇ دالالەت قىلىدۇ: ﴿مەقسەتسىز ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتمايدۇ، قەستەن ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، جازا بېرىشتە ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر﴾(13).

﴿مەقسەتسىز قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، لېكىن دىلىڭلاردا مەقسەت قىلغىنىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ﴾(14).

﴿سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن دىلىڭلار مەقسەت قىلغان بولسا گۇناھ بار. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾.(15)

سەھىھ ھەدىستە ئىسپاتلىنىشىچە، ﴿پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئۇنتۇپ قالساق ياكى سەۋەنلىك قىلىپ سالساق، بىزنى جازاغا تارتمىغايسەن﴾(16) دېگەن دۇئانى جانابىي ئاللاھ ئىجابەت قىلىۋەتكەن(17).

ئەتا: «روزا تۇتقۇچى بۇرنىغا سۇ ئالغاندا سۇ ئىختىيارسىز گېلىدىن كىرىپ كەتسە كېرەك يوق» دېگەن. ھەسەن بەسرى: «روزا تۇتقۇچىنىڭ گېلىغا چىۋىن كىرىپ كەتسە، روزىسى سۇنمايدۇ» دېگەن. ھەسەن بەسرى بىلەن مۇجاھىد: «روزا تۇتقۇچى ئۇنتۇپ قېلىپ جىما قىلىپ سالسا، ئۇنىڭغا ھېچ گەپ بولمايدۇ» دېگەن(18).

بۇ ھۆكۈم مەيلى رامىزاندىكى پەرز روزا بولسۇن، ياكى نەپلە بولسۇن، ياكى قازا بولسۇن ۋە ياكى نەزىر روزا بولسۇن، روزىنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

2. مەجبۇرلىنىپ، زورلۇق بىلەن روزىنى سۇندۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىش

بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ھەقىقىي مەجبۇرلاش، ھەقىقىي زورلاش دېگەن زورلىغۇچى تەھدىت سالغان ئىشنى قىلالايدىغان بولۇشى، جاننى ئېلىش، بىرەر ئەزاسىنى كېسىش، ئىپپىتىگە تېگىش، قاتتىق ئۇرۇش، تۈرمىگە سولاپ قويۇش، ئاتا – ئانا ۋە ئايالىدەك يېقىنلىرىغا ئەزىيەت يەتكۈزۈش، پۈتۈن ئىقتىسادىنى مۇسادىرە قىلىش، باشقا ئىش تاپالمايدىغان كىشى ئۈچۈن ئىشتىن قوغلاشقا ئوخشاش كىشىگە ئىنتايىن ئېغىر كېلىدىغان بىر ئىش بىلەن تەھدىت سېلىشى، مەجبۇرلانغان كىشىنىڭ بۇ تەھدىتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئېغىز ئېچىۋېتىشتىن باشقا چارە تاپالمىغان بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ.

ناۋادا ھەقىقىي خەۋپ بولماي، قۇرۇق تەھدىتكە، ئېغىز بىلەن تەنقىدلەشكە، تىللاشقا ئۇچراش، خىزمەتتە دەرىجىسى ئۆستۈرۈلمەسلىك ئېھتىماللىقى بولۇش، ئازغىنە جەرىمانە تۆلەش، خىزمەتتىن قوغلىنىدىغان بولسىمۇ باشقا خىزمەت تاپالايدىغان بولۇش ۋە ئېغىر ئىشلار بىلەن تەھدىت سېلىنىپ مەجبۇرلانغان تەقدىردە، تەھدىتنى ئىجرا قىلالمايدىغان بولۇش قاتارلىقلار ھەقىقىي مەجبۇرلاش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. بۇ ئەھۋاللاردا رۇخسەت يوق، ئەلۋەتتە.

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، ئىككىنچى تۈرلۈك مەجبۇرلاش شەرىئەت ھېسابقا ئالىدىغان مەجبۇرلاش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. شۇڭا، بۇنداق يوقىلاڭ ئەندىشە، ياكى كىچىككىنە تاپا – تەنە ۋە ياكى ئازغىنە مەنپەئەتنى دەپ ئاللاھ پەرز قىلغان روزىنى بۇزۇۋېتىشكە، ياكى روزا تۇتماسلىققا رۇخسەت يوق.

بىرىنچى تۈرلۈك مەجبۇرلاش شەرىئەت ھېسابقا ئالىدىغان مەجبۇرلاش بولۇپ، بۇنىڭغا دۇچ كەلگەن كىشىگە بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا، روزىسىنى بۇزۇۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، بۇزمايمەن دەپ چىڭ تۇرۇشى ئەۋزەل بولۇپ، بۇ ئىش ھەنەفىي مەزھىپى ئالىملىرىنىڭ نەزىرىدە جىھادنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، كېسەل ياكى سەپەردىكى چاغدا روزا تۇتقان بولسا بۇزۇۋېتىشى لازىم.

مۇبادا يۇقىرىقىدەك ئېھتىماللىقلار بولسا، ئالدى بىلەن كېچىدە سوھۇرلۇق يەپ، روزا تۇتۇپ قوپۇشى كېرەك. مەجبۇرلاشقا ئۇچرىغاندا ئاندىن يۇقىرىقى ئۆلچەم بىلەن مەجبۇرلىنىش ھۆكمىگە كىرىدۇ. بەلكىم شۇ كۈن مەجبۇرلانماي ياكى مەجبۇرلىنىشقا ئۇچرىماي ئۆتۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن.

مەجبۇر بولغان كىشىگە جانابىي ئاللاھ ھارامنى ئىستېمال قىلىشقا رۇخسەت قىلغاندۇر. ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان نەرسىلەرنىڭ پاكلىرىدىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىدىغان بولساڭلار، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە پەقەتلا ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى ۋە ئاللاھتىن باشقىسىغا بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى. كىمكى مەجبۇر بولۇپ، كۆڭلى خالىمىغان ياكى چەكتىن ئاشمىغان ھالدا يېسە، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ﴾(19).

يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿كىمكى ئاچلىقتا، گۇناھقا كۆڭلى مايىل بولماستىن مەجبۇر بولۇپ قالسا، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئىنتايىن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مېھرىباندۇر﴾(20).

ئاللاھ يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿ئېيتقىنكى، ماڭا ۋەھىي قىلىنغان ئەھكاملار ئىچىدە، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىستېمالى ئۈچۈن، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان مال، ياكى تۆكۈلگەن قان، ياكى چوشقا گۆشى _  چۈنكى، ئۇ ھەقىقەتەن نىجىستۇر _  ياكى ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھارام مالدىن باشقىنى ھارام كۆرمەيمەن. كىمكى مەجبۇر بولۇپ، كۆڭلى خالىمىغان ياكى چەكتىن ئاشمىغان ھالدا يېسە، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مېھرىباندۇر﴾(21).

يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿شۇڭا، ئاللاھنىڭ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال، پاك يېمەكلىكلەردىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە پەقەتلا ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى ۋە ئاللاھتىن باشقىسىغا بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى. كىمكى مەجبۇر بولۇپ، كۆڭلى خالىمىغان ياكى چەكتىن ئاشمىغان ھالدا يېسە، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مېھرىباندۇر﴾(22).

شۇنداق، ھەقىقىي مەجبۇرلانغان ئەھۋالدا ئېغىز ئېچىۋېتىشكە رۇخسەت، بۇنىڭ بىلەن روزىسى سۇنمايدۇ. بۇ مەسىلىدە ھەنەفىي ۋە مالىكىي مەزھەپ ئالىملىرى «روزىسى سۇنىدۇ، قازاسىنى قىلىدۇ، ئەگەر چىداپ يەپ – ئىچمىسە مۇجاھىدلار ساۋابىغا ئېرىشىدۇ. لېكىن، كېسەل كىشى ياكى سەپەر ئۈستىدىكى كىشى زورلانسا ئېغىز ئېچىۋېتىشى لازىم» دېگەن بولسىمۇ، مەن «روزىسى سۇنمايدۇ، قازاسىنى قىلمايدۇ» دېگەن شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىنى ئالدىم.(23)

چۈنكى، مەجبۇرلىغان ئەھۋالدا ئىختىيارلىق يوقاپ كېتىدۇ. بۇ ئۇنتۇپ قېلىشتىنمۇ ئېغىر. ھالبۇكى، ئۇنتۇپ قالغان كىشىنىڭ روزىسى سۇنمايدۇ. كۇپۇر سۆزنى قىلىشقا زورلانغان كىشى كاپىر بولمىغىنىدەك، روزىنى بۇزۇشقا زورلانغان كىشىنىڭمۇ روزىسى سۇنمايدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن، دىيارىمىزدىكى كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ئېغىز ئاچمىسا، خىزمەتتىن ياكى مەكتەپتىن قوغلىۋېتىش بىلەن زورلىغان ئەھۋالدا، باشقا ئىش ياكى ئوقۇش تېپىپ روزىنى بۇزمىسا ئەۋزەل. تاپالمىسا، تەھدىتتىن قۇتۇلغۇدەك مىقداردا يەپ – ئىچسە روزىسى سۇنمايدۇ، ئۇنىڭغا گۇناھمۇ بولمايدۇ.

ئەمدى، روزا تۇتۇپ قوپقاندىن كېيىن كۈندۈزدە يۇقىرىقىدەك بېسىملار بىلەن مەجبۇرىي يەپ – ئىچكەن بولسا، روزىسى سۇنمايدۇ. ئۇ كىشى خۇددى ئۇنتۇپ قېلىپ بىرەر نەرسە يەپ – ئىچىپ سالغاندەكلا روزىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىشى كېرەك. «روزام بەرىبىر بۇزۇلۇپ بولدى» دەپ، كۈن پاتقۇچە يەنە بىرەر نەرسە يەپ – ئىچىپ يۈرمەسلىكى لازىم. كېيىن يەنە قايتا مەجبۇرلانمىغاچقا، كۈن پاتقۇچە بىرەر نەرسە يەپ – ئىچمەسلىك ئارقىلىق رامىزاننىڭ ھۆرمىتىنى قىلىشى كېرەك.

مەجبۇرلاشقا دۇچار بولىدىغان خىزمەتچىلەر بۇنداق قىيىنچىلىقلارغا يولۇقماسلىقى ئۈچۈن ھەرخىل چارىلارنى قىلسا بولىدۇ. مەسىلەن، رامىزاندا بىر ئاي ياكى بىرنەچچە كۈن خىزمەتتىن رۇخسەت سورىيالايدىغان بولسا رۇخسەت سورىسا بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ياتاقتا ياتماي، تۇغقان ياكى تونۇشلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، رامىزاننى ئۆتكۈزۈۋالالايدىغان بولسا شۇنداق قىلسا بولىدۇ. قانداقلىكى بولمىسۇن، ئىنساننىڭ ئەھۋالىنى ئاللاھ بىلىپ تۇرىدۇ. زورلانمىغان ئەھۋالدا يوقىلاڭ ئېھتىماللىقلارنى باھانە قىلىپ، ئاللاھ پەرز قىلغان روزىنى تۇتماسلىق ياكى بۇزۇۋېتىش بىلەن ئاللاھنى گوللىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ھەربىر كىشى ئۆزىنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ئويلىشى مۇھىم.

 

3. سۇغا چۆمۈلۈش ۋە يۇيۇنۇش

سەھىھ ھەدىسلەردە كېلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ روزا تۇتقان ھالدا بېشىغا سۇ تۆككەن ۋە يۇيۇنغان.

روزىدار ھالەتتە كۈندۈزى جۇنۇپلۇقتىن يۇيۇنۇش، ياكى مۇستەھەپ بولغان غۇسلى – تاھارەت ئېلىش، ياكى تازىلىق قىلىپ يۇيۇنۇش ۋە ياكى سالقىنداپ يۇيۇنۇش قاتارلىق بارلىق يۇيۇنۇشلار ئوخشاش. يۇقىرىقى ئەھۋاللاردا گېلىدىن سۇ ئۆتۈپ كەتمىسىلا سۇغا چۆمۈلۈش ياكى يۇيۇنۇش بىلەن روزا سۇنمايدۇ.

سەھىھ ھەدىسلەردە كېلىشىچە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزا تۇتقان ھالدا بېشىغا سۇ تۆككەن ۋە يۇيۇنغان. سەلەفلىرىمىزمۇ يۇيۇنغان ۋە كىيىملىرىنى نەمدەپ سالقىندىغان. بىز بۇ مەسىلىنى ئايرىم پەتىۋادا دەلىللىرى بىلەن تەپسىلىي بايان قىلدۇق(24).

 

4. سۈرمە سۈرتۈش

داۋالىنىش ئۈچۈن بولسۇن ياكى ياسىنىش ئۈچۈن بولسۇن، سۈرمە سۈرتۈش روزىغا تەسىر قىلمايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ روزىنى بۇزىدىغانلىقىغا دائىر شەرىئەتتە بىرەر كۆرسەتمە كەلمىگەن. ئادەتتە يامغۇر سۈيى ياكى باشقا بىرنەرسىلەر كۆزگە كىرىپ كەتسىمۇ روزىغا تەسىر قىلمايدىغان بولغاچقا، سۈرمىمۇ تەسىر قىلمايدۇ. .ساھابە- تابىئىنلارنىڭ كۆپ قىسمى روزىدار ھالەتتە سۈرمە سۈركەشنى يامان كۆرمەيتتى(25).

 

5. ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان كىشى ئايالىنى سۆيسە ۋە قۇچاقلىسا روزا بۇزۇلمايدۇ. ئۆزىنى تۇتالمايدىغانلار ئۈچۈن مەكرۇھ دەپ قارالغان.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزا تۇتقان ھالىتىدىمۇ ئاياللىرىنى سۆيەتتى ۋە قۇچاقلايتتى. ئۇ ئۆزىنى ئەڭ تۇتۇۋالالايدىغىنىڭلار ئىدى».(26)

 

6. بارلىق ئوكۇللار

مۇسكۇلغا ياكى تومۇرغا بولسۇن، غىزا خاراكتېرىدىكى ئوكۇل بولسۇن ۋە ياكى دورا خاراكتېرىدىكى ئوكۇل بولسۇن ھەممىسى ئوخشاش. چۈنكى، بۇلار ئادەتتىكى ئېغىز ئارقىلىق جىسىمغا كىرمەيدۇ. لېكىن، بەزى ئالىملار گىلۇكوزىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا قىلىپ، «روزىنى سۇندۇرىدۇ» دەپ قارىغان.

 

7. ئازراق قان ئېلىش

قان ئالدۇرۇش روزىنى سۇندۇرمايدۇ، ئەمما ئىنساننى ئاجىزلىتىۋېتىدىغان دەرىجىدە كۆپ قان ئېلىش مەكرۇھ دەپ قارىلىدۇ. جىددىي ئەھۋال بولمىسا، قان ئالدۇرۇشنى كېچىگە توغرىلاش تېخىمۇ ياخشى. جىددىي دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغاندا كېسەلگە رۇخسەت بولغاچقا، ئېغىز ئېچىۋەتسىمۇ بولىدۇ. قان ئالدۇرۇۋېتىپ، روزىسىنى داۋاملاشتۇرسىمۇ بولىدۇ.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىلەن ئىكرىمە: «روزىنىڭ سۇنۇشى چىققاندىن ئەمەس، كىرگەندىن» دېگەن. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما روزا تۇتقان ھالدا قان ئالدۇراتتى، كېيىن ئۇنداق قىلماي كېچىسى قان ئالدۇرىدىغان بولغان. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېچىسى قان ئالدۇرغان. سەئىد، زەيد ئىبنى ئەرقەم ۋە ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ روزىدار ھالەتتە قان ئالدۇرغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. بۇكەير ئۇممۇ ئەلقەمەدىن: «بىز ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىدا روزىدار ھالەتتە قان ئالدۇراتتۇق، ئۇ توسۇمايتتى» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان(27).

ئىكرىمە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزىدار ھالىتىدە قان ئالدۇرغان»(28).

شۇئىبە رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «مەن سابىت ئەلبۇنانىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: ›ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: سىلەر روزا تۇتقۇچىنىڭ قان ئالدۇرۇشىنى يامان كۆرەمتىڭلار؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ: روزا تۇتقۇچى ئاجىزلاپ كەتمىسىلا يامان كۆرمەيتتۇق، دېگەن‹». شۇئىبە بىر رىۋايەتتە: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا» دەپ سۆزلەپ بەرگەن(29).

ھەسەن بەسرى نۇرغۇن ساھابىلەردىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «قان ئالغۇچى ۋە قان ئالدۇرغۇچىنىڭ روزىسى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان بولۇپ، بۇ ھەدىسنى كۆپچىلىك ئالىملار «مەنسۇخ» دەپ چۈشەنگەن. ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بىلەن ئىمام تاھاۋى «مەلۇم ئىككى كىشى قان ئالدۇرۇۋېتىپ غەيۋەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ›روزىسىنىڭ ساۋابى يوق‹ دېگەن مەنىدە شۇ ئىككىسىگە قارىتا روزىسى بۇزۇلدى دېگەن» دەپ چۈشەنگەن(30).

 

8. ئېغىز – بۇرنىنى چايقاش

ئېغىز – بۇرنىنى چايقىغاندا گېلىدىن سۇ ئۆتۈپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىشى كېرەك. مەقسەت قىلماستىن گېلىغا سۇ ئۆتۈپ كەتسە ھېچ گەپ يوق.

 

9. تۈكۈرۈكىنى يۇتۇش، بەلغەمنى يۇتۇش، پىشۇرغان تاماقنى ۋە ئالماقچى بولغان يېمەكلىكنى تېتىپ بېقىش، بالىلارغا بىر نەرسە چايناپ بېرىش، خۇش پۇراقلارنى پۇراش

تۈكۈرۈكىنى، شۆلگىيىنى يۇتۇپ قالسا روزىغا تەسىر يەتمەيدىغانلىقىدا ئالىملاردىن باشقىچە قاراش يوق. ئەمما، بەلغەمنى تۈكۈرۈۋېتەلىسە تۈكۈرىۋېتىدۇ. تۈكۈرىۋېتەلمەي يۇتۇپ سالسا، روزىنى بۇزمايدۇ. تاماقنىڭ تۇزىنى تېتىپ بېقىشمۇ يۇتۇپ سالمىغان تەقدىردە، روزىغا تەسىر قىلمايدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن شۇنداق كەلگەن(31). بالىلارغا بىر نەرسە چايناپ بېرىشمۇ يۇتۇپ سالمىغان تەقدىردە، روزىغا تەسىر قىلمايدۇ. گۈل – چېچەك ۋە خۇشپۇراقلارنى پۇراشمۇ روزىنى سۇندۇرمايدۇ.

 

10. جىمادىن كېيىن ياكى ھەيز توختىغاندىن كېيىن يۇيۇنماي تۇرۇپ، روزىغا نىيەت قىلىش

بۇنداق ئەھۋالدا، روزا سۇنمايدۇ. نىيەت قىلىپ، ئاندىن يۇيۇنۇپ، بامدات ئوقۇيدۇ.

 

11. ياندۇرۇش

بەزى ئالىملار: «ئىختىيارسىز ياندۇرسا روزا بۇزۇلمايدۇ، قەستەن ياندۇرسا ئاندىن بۇزۇلىدۇ» دەپ قارىغان ۋە بۇ ھەقتە تىرمىزى ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان «ئۆزلۈكىدىن قۇسۇۋەتكەن كىشىگە روزىسىنىڭ قازاسى كەلمەيدۇ، قەستەنلىك بىلەن قۇسقان كىشى قازاسىنى تۇتىدۇ» دېگەن ھەدىسنى سەھىھ دەپ قارىغان(32).

ئەمما، ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈشىمىزچە، بۇ ھەدىس ئاجىزدۇر. ئىلگىرىكىلەردىن ئىمام بۇخارى، ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇد قاتارلىق چوڭ مۇھەددىسلار بۇ ھەدىسنى بىرنەچچە سەۋەبتىن ئاجىز دېگەن(33). شۇڭا، باشقا ئالىملارنىڭ «مەيلى قانداق ياندۇرسۇن، ياندۇرۇش بىلەن روزا سۇنمايدۇ» دېگەن قارىشى كۈچلۈكتۇر. سەلەفلەردىن ئەبۇ ھۇرەيرە، ئىبنى ئابباس، ئىكرىمە قاتارلىقلار، يەنە ئىمام بۇخارى بىلەن بەزى مالىكىي ئۆلىمالار شۇنداق قارىغان.

 

12. ئېھتىلام بولۇش

روزىدار ئېھتىلام بولسا، روزىسىغا تەسىر يەتمەيدۇ. چۈنكى، ئېھتىلام كۆرۈش، ئۇنىڭ قولىدىكى ئىش ئەمەس. ئىختىيارلىق بولمىغاچقا، ئۇخلاۋاتقاندا گېلىدىن بىر نەرسە كىرىپ كەتكەنگە، مەجبۇرىي بىر نەرسە ئىچكۈزۈلگەنگە ئوخشايدۇ(34).

 

13. «تاڭ ئاتمىدى» ياكى «كۈن پېتىپ بولدى» دەپ ئويلاپ قېلىپ ئېغىز ئېچىش

ناۋادا بۇنداق قىلىپ، كېيىن ئۇنداق ئەمەسلىكى ئىسپاتلانسا روزىسى بۇزۇلمايدۇ. بۇ بەزى سەلەفلەرنىڭ قارىشى بولۇپ، بۇنى ئىمام ئىبنى تەيمىيە تاللىغان(35). بۇ قاراش كۈچلۈك. چۈنكى، ئۇنتۇش ۋە سەھۋەنلىك ئەپۇ قىلىنىۋېتىدىغان بۇ خىل ئىبادەتتە خاتا ئويلاپ قېلىشنىڭ ئەپۇ قىلىنىشى قۇرئان ۋە ھەدىس روھىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنداق ئەھۋالدا، قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن، كۆپچىلىك ئالىملار «قازاسىنى قىلىشى كېرەك» دەپ قارىغان بولغاچقا، قازاسىنى قىلىۋېتىش ئېھتىيات جەھەتتىن مۇستەھەپتۇر.

«ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» ھىجرىيە 1418 – يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 23 – 28 – كۈنلىرى جىددە شەھىرىدە ئاچقان 10 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا تېببىي خادىملار بىلەن فەقىھلەرنىڭ تەتقىقاتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، تۆۋەندىكى ئىشلارنىڭ روزىنى سۇندۇرمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن:

1. كۆزگە، بۇرۇنغا، قۇلاققا تېمىتىدىغان، ياكى چايقايدىغان ۋە ياكى پۈركۈيدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش (ئەلۋەتتە، گالغا يېقىن بېرىپ قالغان تەقدىردە، يۇتۇۋەتمەسلىك شەرتى بىلەن) .

2. تىل ئاستىغا قويىدىغان تابلېتكىلار (گالغا يېقىن بېرىپ قالغان تەقدىردە، يۇتۇۋەتمەسلىك شەرتى بىلەن).

3. ئاياللارنىڭ ئالدى تەرىپىگە سېلىنىدىغان دورىلارنى، چايقايدىغان سۇيۇقلۇقلارنى ئىشلىتىش، دىياگنوز قويۇش ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئەينىكى ياكى بارماق كىرگۈزۈش

4. تەكشۈرۈش ئەينىكى ياكى ئۈزۈك قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈش.

5. ئەر ياكى ئايالنىڭ سۈيدۈك يولىغا كىرگۈزۈلىدىغان نەيچە، دۇربۇن، رەسىمگە تارتىش ئۈچۈن سايىدىتىدىغان رەڭ، دورا ۋە دوۋساق يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرىنى ئىشلىتىش.

6. چىشنى تېشىش، ئېزىق چىشنى قومۇرۇۋېتىش، چىش تازىلاش، مىسۋاك ياكى چىش چوتكىسى ئىشلىتىش (گالغا يېقىن بېرىپ قالغان تەقدىردە، يۇتۇۋەتمەسلىك شەرتى بىلەن).

7. ئېغىزنى غار – غار قىلىپ چايقاش، ئېغىزغا پۈركۈيدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش (گالغا يېقىن بېرىپ قالغان تەقدىردە، يۇتۇۋەتمەسلىك شەرتى بىلەن).

8. كاسىغا ياكى مۇسكۇلغا ۋە ياكى تېرە ئاستىغا ئۇرىدىغان ئوكۇللارنى ئىشلىتىش (ئوزۇقلۇق خاراكتېرىدىكى سۇيۇقلۇق ياكى ئوكۇللارنى ئىشلىتىش بۇنىڭ سىرتىدا).

9. كىسلورود (ئوكسىگېن) سۈمۈرۈش.

10. بىمارنى ناركوز قىلىش ئۈچۈن گازلارنى ئىشلىتىش (سۇيۇقلۇق ئۇرمىغان تەقدىردە).

11. تېرە سۈمۈرۈشى ئارقىلىق بەدەنگە كىرىدىغان خىمىيەۋى ماددىلار قوشۇلغان ياغ، ماي، مەلھەم ۋە چاپلاق دورىلارنى ئىشلىتىش.

12. يۈرەك ۋە باشقا ئەزالارنى سۈرەتكە ئېلىش ياكى داۋالاش ئۈچۈن تومۇرغا ئىنچىكە نەيچە كىرگۈزۈش.

13. ئۈچەي ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەزالارنى تەكشۈرۈش ياكى ئوپېراتسىيە قىلىش ئۈچۈن قورساققا لاپاروسكوپ (تەكشۈرۈش ئەينىكى) كىرگۈزۈش.

14. سۇيۇقلۇق كىرگۈزمەستىن جىگەر ۋە باشقا ئەزالاردىن بىر پارچە كېسىپ ئېلىش.

15. سۇيۇقلۇق ياكى باشقا ماددا كىرگۈزمەستىن ئاشقازانغا ئاشقازان ئەينىكى كىرگۈزۈش.

16. مېڭە ياكى يۇلۇنغا ئوخشىغان يەرلەرگە دورا ياكى سايمان كىرگۈزۈش.

17. ئىختىيارسىز قۇسۇش.

18. يۇقىرىقى داۋالىنىش ۋە تەكشۈرۈشلەر كېچىكتۈرۈلسە زىيىنى بولمايدىغان ئەھۋالدا، مۇسۇلمان دوختۇر بىمارغا داۋالىنىشنى ئىپتاردىن كېيىنگە كېچىكتۈرۈش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىشى كېرەك.

 

داۋامى بار.

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

————————————————
1. «بەقەرە» سۈرىسى، 187 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
2. «ئەلمەبسۇت»، سەرەخسى، 3/71؛ «ئەلمەجمۇ»، 6/342؛ «سۇبۇلۇسسالام»، 2/164؛ «نەيلۇلئەۋتار»، 4/294.
3. سەھىھەين: «بۇخارى»، 1936 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1111 – ھەدىس.
4. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھەدىسنى بىۋاستە رىۋايەت قىلغۇچى ساھابە بولماي تابىئىن بولسا، بۇ ھەدىس «مۇرسەل» دەپ ئاتىلىدۇ.
5. «ئەلمۇۋەتتا»، 658 – ھەدىس؛ «ئەبۇ داۋۇد»، 2393 – ھەدىس، مۇرسەل.
6. «ئەلمەبسۇت»، سەرەخسى، 3/71؛ «ئەلمەجمۇ»، 6/344؛ «ئەلمۇدەۋۋەنە»، 1/284؛ «ئۇمدەتۇل قارى»، 11/28.
7. «تامامۇل مىننە»، 425، 426 – بەتلەر.
8. «ئۇمدەتۇل قارى»، 11/28؛ «ئەلمۇغنى»، 3/32.
9. «ئەلمەجمۇ»، 6/345؛ «ئەلمۇغنى»، 3/28.
10. «ئەلمەبسۇت»، سەرەخسى، 3/65؛ «ئەلمەجمۇ»، 6/324؛ «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 25/226؛ «سۇبۇلۇسسالام»، 2/160؛ «ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين»، 2/34.
11. سەھىھەين: «بۇخارى»، 1933 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1155 – ھەدىس.
12. «تىرمىزى»، 721 – ھەدىس.
13. «بەقەرە» سۈرىسى، 225 – ئايەت.
14. «مائىدە» سۈرىسى، 89 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
15. «ئەھزاب» سۈرىسى، 5 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
16. «بەقەرە» سۈرىسى، ئاخىرقى ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
17. «بۇخارى»، 2993 – ھەدىس.
18. «بۇخارى»، «روزا تۇتقان ئادەم ئۇنتۇپ قېلىپ يەپ – ئىچكەن بولسا، قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا» بابى.
19; «بەقەرە» سۈرىسى، 172 -، 173 – ئايەتلەر.
20. «مائىدە» سۈرىسى، 3 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
21. «ئەنئام» سۈرىسى، 145 – ئايەت.
22. «نەھل» سۈرىسى، 114 – ئايەت.
23. «كۇۋەيت فىقھى ئېنسىكلوپىديىسى»، 28/58.
24; «پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – تومغا قاراڭ.
25. «ئەلمەجمۇ»، 6/389؛ «ئۇمدەتۇل قارىي»، 11/15.
26. سەھىھەين: «بۇخارى»، 1927 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1106 – ھەدىس.
27. «سەھىھۇل بۇخارى»، «روزا تۇتقۇچى قان ئالدۇرسا ۋە ياندۇرسا قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا» بابى.
28. «سەھىھۇل بۇخارى»، 1939 – ھەدىس.
29. «سەھىھۇل بۇخارى»، 1940 – ھەدىس.
30. «ئۇمدەتۇل قارى»، 11/39.
31. «سەھىھۇل بۇخارى». «مصنف ابن أبي شيبة»، 4/73،  سەنەدى «ھەسەن».
32. «تىرمىزى»، 720 – ھەدىس. ئالبانى «سەھىھ» دېگەن.
33. ئىمام بۇخارى: «سەھىھ ئەمەس» دېگەن. «ئەتتارىخۇل كەبىر»، 1/91 «سۈنەنۇل بەيھەقى»، 4/219.
34. «المغني»، 3/22.
35. «المغني»، 3/33؛ «مجموع الفتاوى»، للإمام ابن تيمية، 25/264.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز