كۇۋەيتلىك فاتىھ _ ئابدۇررەھمان سۇمەيت

(ھىجرىيە 1366 – 1434 / مىلادىيە 1947 – 2013)

 

«سىلەردىن كېيىن شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇ، بۇ كۈنلەردە دىندا مۇستەھكەم تۇرغان كىشىلەرگە سىلەردىن 50 كىشىنىڭ ئەجرى بېرىلىدۇ». ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇلاردىن ئەللىك كىشىنىڭدۇ؟ «ياق، سىلەردىن».

_ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى

 

ئىسلام ئۈممىتى بارلىق ئۈممەتلەردىن «مەڭگۈ يىقىلماس ئۈممەت»لىكى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. قېنى قاراپ باقايلى!

كۈچ قۇدرەتلىك پىرئەۋنلەر قېنى؟ ئاد ۋە سەمۇد قېنى؟ كورىيەدىن پولشاغىچە دۇنياغا ئىگىدارچىلىق قىلغان موڭغۇللار قېنى؟ بابىللىقلارنىڭ پارلاق مەدەنىيىتى قېنى؟ ئىنكا خەلقى نەگە غايىب بولدى؟ ۋىكىڭلەر نەگە كەتتى؟ رۇملارنىڭ مەدەنىيىتىدىن قۇللار بىلەن كۆڭۈل ئاچقان تىياتىرخانىلىرىدىن باشقا نېمە قالدى؟ يۇنانلىقلاردىن قەرزلەرگە بوغۇلغان، نامرات دۆلەتتىن باشقا نېمە قالدى؟ كىسرا يەزدېگىرىد قېنى؟ ئۇ ئۆزىدىن كېيىن ئاتەشپەرەسلەرنىڭ شان – شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىھۇدە ئۇرۇنغان بىر توپ ئەخمەقلەردىن باشقا نېمە قالدۇردى؟ پۈتكۈل ياۋروپانى ئىشغال قىلغان گېتلېرنىڭ سەلتەنىتى قېنى؟ قۇياش پاتماس ئىمپېرىيە دەپ ئاتالغان بېرىتانىيە ئىمپېرىيىسى قېنى؟ تۆت قىتئەدىن زېمىنلارنى ئىگىلىگەن پورتۇگالىيەگە نېمە بولدى؟ نېمىشقا ئۇلار توغرىسىدا توپ كوماندىلىرىدىن باشقا خەۋەر ئاڭلىمايمىز؟ ھىكسوسلار نەگە يوقاپ كەتتى؟ ئاتەشپەرەسلەرنىڭ قەسىرلىرى قېنى؟ شەرقىي رۇم ئىمپېرىيىسى قېنى؟ لاتىن، ھىروگلىف، ئارامى تىللىرى نېمىشقا مۇنقەرىز بولىدۇ؟ ھالبۇكى، «قۇرئان» تىلى بولغان ئەرەب تىلى ھېلىھەم مەۋجۇتتۇر. سوۋىت ئىتتىپاقى قېنى؟ گانا ئىمپېرىيىسى قېنى؟ چىن ئىمپېرىيىسى، ياپون ئىمپېرىيىسى قېنى؟ ئاۋسترالىيەدىكى ئابورجىن مىللىتى نەگە كەتتى؟ شەرقىي ئاسىيانى 600 يىل باشقۇرغان كامپۇزدا ئاڭكور ئىمپېرىيىسى قېنى؟ نېمىشقا ئۇلارنىڭ ھەممىسى يوقاپ پەقەت مۇسۇلمانلارلا قالىدۇ؟!

ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، ئىسلام ئۈممىتى تارىختا ئۆتكەن كاتتا ئىمپېرىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئارقىمۇئارقا ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغان بىردىنبىر ئۈممەتتۇر. بۇنىڭ قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئاشۇ ئىمپېرىيەلەرنىڭ ھەممىسى يوقاپ، پەقەت ئىسلام ئۈممىتىلا تارىخ سەھنىسىدە مۇستەھكەم قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا!

تارىختا زور قوشۇنلار بىلەن مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلغان ئىمپېرىيەلەر، دۆلەتلەر ۋە تېررورچى تەشكىلاتلار:

1.                  پارس ساسانىيلار ئىمپېرىيىسى

2.                   شەرقىي رۇم ئىمپېرىيىسى

3.                  مۇقەددەس غەربىي رۇم ئىمپېرىيىسى

4.                   موڭغۇل ئىمپېرىيىسى

5.                   ئافرىقا گانا ئىمپېرىيىسى

6.                   ھەبەشىستان (ئېفىئوپىيە) ئىمپېرىيىسى

7.                   ھىندىستان جۇپتا ئىمپېرىيىسى

8.                   چاررۇسىيە ئىمپېرىيىسى

9.                   ئىنگىلىز بېرىتانىيە ئىمپېرىيىسى

10.               فرانسىيە ئىمپېرىيىسى

11.               ئىسپانىيە ئىمپېرىيىسى

12.               ئاۋسترىيە – ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسى

13.               سىربىيە ئىمپېرىيىسى

14.               پورتۇگال ئەھلىسەلىپ ئىمپېرىيىسى

15.               گوللاندىيە خاندانلىقى

16.               ئەھلىسەلىپ رەزىل كۈچلەر ئىتتىپاقى

17.               ۋىكىڭلەر

18.               شىئە ئۇبەيدىي فاتىمىيلار سۇلالىسى

19.               شىئە قەرمەتىيلەر دۆلىتى

20.               شىئە ھەششاشىيلارغا تەۋە تېررورچى قەستلەش ئەترەتلىرى

21.               (بىرىنچى شىئە) سەفەۋىيلەر دۆلىتى

22.               (ئىككىنچى شىئە) سەفەۋىيلەر «خۇمەينى» دۆلىتى([1])

23.               شىئە بۇۋەيھىيلەر دۆلىتى

24.               غەربىي گوتلار ئىمپېرىيىسى

25.               مانجۇ ئىمپېرىيىسى

26.               ئىتالىيە پادىشاھلىقى

27.               سوۋىت ئىتتىپاقى

ئىسلامنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تارىخ ساھەسىدىن يوقىتىشقا ئۇرۇنغان ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن دۆلەت ۋە پادىشاھلىقلار بار.

ھەيران قالارلىق يېرى، گەرچە ئاشۇ دۆلەتلەر ئىسلام ئۈممىتىنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ۋەھشىي ئۆلتۈرۈش، ۋەيران قىلىش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەتكەن بولسىمۇ، ئىسلام ئۈممىتى ئۇلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا تەسلىم بولماي ھەر قېتىم ئىلگىرىكىدىنمۇ جەڭگىۋار ھالدا، بالايى – ئاپەتلەردىن ساق – سالامەت چىقىپ كەلدى. تاجاۋۇزچىلار قىرغىنچىلىقلار ۋە ھەرخىل جىنايەتلەر بىلەن ئىسلامنى پۈتۈنلەي يوق قىلالايمىز دەپ ئويلاپ، قىلغان ھەربىر ئۇرۇنۇشلىرىدىن كېيىن، ئىسلام ئۈممىتى خۇددى يارىلانغاندىن كېيىن ئەسلى ھالىتىگە قايتالايدىغان، دەخلىگە ئۇچرىغان جىمى ئەزالىرىنى يېڭىلالايدىغان «ماياكسىمان مېدۇزا»دەك، ئۆزىدىكى چاڭ – توزانلىرىنى قېقىپ، كۈچ – قۇۋۋىتىنى قايتىدىن يىغىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەلدى.

شۇ جەھەتتىن، ئۆتكەن ئەسىردىكى ئىسلام دۈشمەنلىرى مۇسۇلمانلارغا كارغا كەلمەيدىغان ئەسكىرىي ۋاسىتىلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى ئىچىدىن ۋەيران قىلىدىغان قەبىھ ۋاسىتىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتى. بۇ قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن ئەبۇ بەكرى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) نىڭ خەلىپىلىكىدىن بۇيانقى ئىسلام تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۈممەت ئىچىدىكى غالچىلىرى بىلەن ئىسلام خەلىپىلىكىنى يوق قىلىشقا قادىر بولالىدى. ئىسلام بىلەن ئالاقىسى بولغان ھەرقانداق نەرسىنى كىشىلەرگە خۇنۈك كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر توپ ياللانما كىشىلەردىن پايدىلاندى ۋە ئۇلارغا «زىيالىيلار» دەپ نام قويۇپ بەردى. مۇسۇلمانلار ھەقىقەتەن ئىسلام يولىدىن يىراقلىشىپ، ياشلار مەسجىدكە كىرمەيدىغان، ئاياللار شەرئى ھىجاپلارنى تاشلايدىغان بولۇشتى. ھەتتا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرى ھىجاپلانغان ئاياللارغا نۇرغۇنلىغان ئەرەب دۆلەتلىرىدە خۇددى باشقا يەردىن كېلىپ قالغاندەك مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ قالدى. مۇسۇلمان ياشلار بەزىدە لىبېرالىزمچى بولسا، بەزىدە كوممۇنىست بولۇشتى. ئۈممەت بەزىدە كاپىتالىزمنى سىناپ كۆرسە، بەزىدە سوتسىيالىزمنى سىناپ باقتى. شۇنىڭ بىلەن ئۈممەت تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەسكىرىي ۋە ئىلمىي قالاقلىق يۈز بېرىپ نۇرغۇنلىغان مەغلۇبىيەتلەرگە دۇچار بولدى.

ھەيران قالارلىق ئىش بولدى…

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىنىڭ ئاخىرى، 70 – يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، ئىسلام ئۈممىتىدە كىچىك كۆلەمدىكى ئويغىنىش ھەرىكەتلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇلار ئوخشاش بولمىغان مۇسۇلمان ئەللەردە بىر – بىرىگە ماسلاشقان شەكىلدە مەيدانغا چىقتى. مەسىلەن، مىسىردا 1977 – يىلى مىسىر ئارمىيىسى ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان كۈرەشتە مەغلۇپ بولۇشى ئارقىسىدا، مىسىر خەلقى نەچچە يىللىق كاپىتالىزمدىن كېيىن ئاستا – ئاستا ئىسلامغا قايتىشقا باشلىدى. تۈركىيەدە قەھرىمان نەجمىددىن ئەرباقان ئوتتۇرىغا چىقتى. تۈركىيە ياشلىرى «قۇرئان كەرىم» رادىئو پىروگراممىلىرىنى مەخپىي ئاڭلاشقا، كورد ئالىمى بەدىئۇززاماننىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇشقا باشلىدى. ھىندىنوزىيە ياشلىرى ئارىسىدا ئىسلامىي پائالىيەتلەر جانلىنىپ كىشىلەرنى دىنغا دەۋەت قىلىشقا باشلىدى. پاكىستاندا قايتىدىن شەرىئەت سوتچىلارنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ئاساسى بولدى. فرانسىيە ئالجىرىيىدە ئىسلامنى يوق قىلدۇق دەپ خىيال قىلىشقان بولسىمۇ، كېيىن شېھىتلەرنىڭ قانلىرى بىلەن بويالغان بۇ زېمىندا ئىسلامىي پائالىيەتلەر قايتا جانلىنىشقا باشلىدى. شام زېمىنىدا كىشىلەر شەرىئەتكە چىڭ ئېسىلىشقا قايتتى. ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا ئەرەب، تۈرك، ھىندى مۇسۇلمان كۆچمەنلەر ئارقىلىق ئىسلام دىققەتنى تارتىدىغان شەكىلدە تارقىلىشقا باشلىدى. ئەرەب قولتۇقى([2]) دۆلەتلىرىدە دۇنيا قاراڭغۇلۇقلىرىنى يورۇتۇش ئۈچۈن، ئىسلام مەشئىلىنى كۆتۈرگەن جەڭگىۋار ياشلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى.

ئەرەب قولتۇقىدىكى بىر كىچىك دۆلەتنىڭ ياشلىرى ئىسلام تارىخىدىكى بۇ بۈيۈك بىر ئەۋلادنىڭ ئىزىدىن ماڭدى. گەرچە بۇ دۆلەت كۆلەمدە كىچىك بولسىمۇ، ياخشى ئىشلاردا يولباشچى قەھرىمانلىرى بىلەن كاتتا بولغان كۇۋەيت دۆلىتىدۇر. بۇ دۆلەت خەلقئارا ئىسلام خەيرىيەت كارۋىنىنى يېتەكلىگەن بولۇپ، خەيرىيەت پائالىيەتلىرى پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنى قاپلىغان؛ مەسجىدلىرى بولسا قەھرىمانلارنى يېتىشتۈرىدىغان مەركەزگە ئايلانغان ئىدى. كۇۋەيت بالىلىرى ئارىسىدىن ئىسلام ئۈممىتىنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشتىن باشقا ھېچبىر ئارمىنى يوق بىر تۈركۈم ياشلار يېتىشىپ چىقتى. ئۇلار ئارىسىدا دۇنياغا ئىسلامنى تارقىتىش ئۈچۈن سەپەر قىلىشقان دەۋەتچىلەر، يېقىملىق ئاۋازلىرى بىلەن ئىسلامچە گۈزەل كۈيلەرنى ئېيتقۇچىلار، ئۆلىمالار، ئىسلاھاتچىلار بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ كىچىك نېفىت دۆلىتىنىڭ بايلىرى مىليونلاپ پۇللارنى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن سەرپ قىلدى. خەرىتىدە كۆزگە ئانچە چېلىقمايدىغان بۇ كىچىك دۆلەت ئاشۇ دەۋردە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ دەۋەت ۋە خەيرى – ساخاۋەت پائالىيەتلىرىگە يولباشچى بولغان ئىدى.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا كۇۋەيتنىڭ سالىمىيە شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن بالىلىق چاغلىرىم ھېلىھەم ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. مەسجىدلەردە دائىم «قۇرئان كەرىم» دەرسلىرى، دىنىي مۇسابىقە ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ تۇراتتى. كۇۋەيت دەۋەتچىلىرى مۇلايىم بولۇپ، كىشىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىدە، بولۇپمۇ، بالىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ئۆزگىچە ئىللىق ئىدى. شۇ ۋاقىتتا كىچىك بولساممۇ مېنىڭ دەسلەپكى ساۋاتىمنى چىقارغان ئاشۇ كۇۋەيتلىك ئۇستازلارنى ھازىرمۇ ئەسلەپ تۇرىمەن، ئاللاھ تائالا كۇۋەيت ئەھلىگە مۇشۇ قىلغانلىرى ئۈچۈن ياخشى مۇكاپاتلارنى بەرسۇن.

مانا مۇشۇنداق ساپ مۇھىتتا، ئۆزىنى ئاللاھقا دەۋەت قىلىش يولىغا ئاتاپ، ئافرىقا قىتئەسىنى دەۋەت ئورنى قىلىپ تاللىغان بىر قەھرىمان ياش ئۆسۈپ يېتىلدى. ئۇ بۇ قىتئەنىڭ تاغۇدەريا، چۆل – جەزىرە، باغۇبوستانلىرىنى كېزىپ چىقتى. ئۇنىڭ نىشانى پەقەت بىرلا بولۇپ، بۇ قىتئە ئەھلىگە ئىسلام دىنىنى يەتكۈزۈشلا ئىدى. بۇ كۇۋەيتلىك بۈيۈك دەۋەتچىنىڭ ئىسمى ئابدۇررەھمان سۇمەيتتۇر. كېيىنچە، ئۇنىڭ دەۋىتى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مۇسۇلمان بولغان بولۇپ، 30 يىلغا يېقىن ۋاقىتىنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىشقا سەرپ قىلغاچقا، ئابدۇررەھمان فاتىھ دەپ ئاتالغان ئىدى.

ئابدۇررەھمان سۇمەيت ھىجرىيە 1336 – يىلى، مىلادىيە 1947 – يىلى تۇغۇلغان. ئانىسى ئۇنى ئېغىر – بېسىق، تىرىشچان، دەرستە ئالدىدا، كەم سۆز، ئالتە يېشىدىن باشلاپ جامائەت نامىزىغا، بولۇپمۇ، بامداتنى جامائەت بىلەن ئوقۇشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن دەپ سۈپەتلىگەن. ئېيتىلىشىچە، ئۇ كىچىك چاغلىرىدا ئۆزىنى ئافرىقا ئورمانلىقىدىكى چوڭ تەۋەككۈلچى دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ، خۇشال ھالدا ئېكسپېدىتسىيىچىلەرنىڭ كالتەكلىرىگە ئوخشايدىغان كىچىك بىر كالتەكنى قولىدا كۆتۈرۈپ يۈرەتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇ كۇۋەيت چۆللۈكىدە زەھەرلىك يىلان تۇتۇش ئۈچۈن شۇنداق كالتەك كۆتۈرۈپ يۈرەتتى. خۇددى ئۇ بۇ ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى ئافرىقىدىكى چوڭ تەۋەككۈلچىلىككە تەييارلىق قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.

بۇ ئىسلام بۈيۈكى ھاياتىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىلا، كاتتا بىر مۇسۇلمان بولۇپ يېتىلىشىگە زۆرۈر بولغان تەلىم – تەربىيەلەر ئاساسىدا يېتىلگەن بولۇپ، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەھرىمانلىقلىرى ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنىڭ قەھرىمانلىقلىرى قىسسسىلىرىنى، شۇنداقلا سەلەف – سالىھلارنىڭ ھېكايىلىرىنى كۆپ ئاڭلايتتى. ئۆزىنىڭ سۆيگۈچىلىرىدىن ئىنسانىيەت تارىخى تىزىملىكىدە تەڭدىشى ئاز كۆرۈلىدىغان بۈيۈك قەھرىمانلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىۋاتقان بۇ دىنغا قارىتا غايەت زور ئىشتىياق بىلەن چوڭ بولغان. دېيىلىشىچە، ئۇ كىتاب ئوقۇشقا ساراڭلارچە ئامراق بولۇپ، ھەتتا بازارغا بارسىمۇ يولدا كىتاب ئوقۇپ مېڭىپ، بىر نەچچە قېتىم باشقىلارغا سوقۇلۇپ كەتكەن. دادىسى ئۇنىڭغا «ئەگەر يەنە مۇشۇنداق قىلساڭ سېنى ئىككىنچى بازارغا ئېلىپ بارمايمەن» دەپ تەھدىت سالغان ئىدى. ئۇ يەرگە تاشلىۋېتىلگەن گېزىت ياكى ژۇرنالنىڭ بىرەر بېتىنى كۆرسىمۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ، شۇنى تېرىۋېلىپ ماڭغاچ ئوقۇيتتى. شۇنىڭ بىلەن دىققەت قىلماي مېڭىپ كۆپىنچە ھالدا باشقىلارغا سوقۇلۇپ كېتەتتى.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىدا، نامرات ئىشچىلارنىڭ كۇۋەيتنىڭ پىژغىرىم ئاپتاپلىرىدا كوچا ئاپتوبۇسى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، دوستلىرى بىلەن پۇل توپلاپ كونا بىر ماشىنا سېتىۋېلىپ، ئۇلارنى كۈندە ھەقسىز توشۇغانىدى.

ئالىي مەكتەپنى بولسا، ئىراق، ئەنگىلىيە ۋە كانادالاردا دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇغان. ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن كۇۋەيتكە قايتىپ، دوختۇرلۇق بىلەن خاتىرجەم ھايات كەچۈرۈشنى ئويلىغان ئىدى، لېكىن ئۆمۈر يولداشى، مەڭگۈلۈك ھەمراھى بولغان ئىخلاسمەن ئايالى (ئۇممۇ سۇھەيب نۇۋرىيە ئەلبەداھ) كۇۋەيتكە قايتماي شەرقىي ئاسىياغا بېرىپ، ئۆزىنى ئاللاھ يولىغا دەۋەت قىلىشقا ئاتاش تەكلىپىنى بەردى. ئېرىنى يامانلىق ۋە ھالاكەتكە ئىتتىرىش ئورنىغا، ياخشىلىق ۋە دۇرۇسلۇققا ئۈندەيدىغان سالىھ ئايالنىڭ رولى مانا مۇشۇنداق يەردە ئايان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەر – خوتۇن ئىككىسى ئاللاھقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن شەرقىي ئاسىيادا ماكانلىشىشنى قارار قىلدى. لېكىن، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئۆز ھېكمىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ئاسىيانىڭ شەرقىدە ئەمەس، بەلكى غەربىدە ماكانلىشىشىنى تەقدىر قىلغان ئىدى.

ئۇنىڭ ئافرىقىدىكى تەۋەككۇلچىلىكى باشلاندى…

كۇۋەيتلىك مۆھتەرەم بىر ئايال يەنى، كۇۋەيتنىڭ سابىق ئەمىرى (شەيخ جابىر ئەھمەد ساباھ) نىڭ ئايالى ئۇنىڭ ئافرىقىغا بىر مەسجىد سېلىش ئۈچۈن ئافرىقىغا سەپەر قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. دوكتور ئابدۇررەھمان سۇمەيت بۇ تەكلىپكە قوشۇلۇپ، مالاۋى دۆلىتىگە مەسجىد سېلىش ئۈچۈن ئاتلاندى. ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرىنىڭ ئىنتايىن ئازلىقى، ھەتتا تاھارەت ئېلىشنىمۇ بىلمەيدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىقى ئۇنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغانىدى، ھالبۇكى، بۇ ۋاقىتتا ياۋروپادىن كەلگەن خىرىستىيان دىن تارقاتقۇچىلىرى نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلارنى ۋە مۇسۇلمان ئەمەسلەرنى خىرىستىيان دىنىغا دەۋەت قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىدى. بۇ دۆلەت ئىسلام دەۋىتىدىن ئاساسىي جەھەتتىن يىراق بولۇپ، ھەتتا بەزى ئىماملىرىمۇ پاتىھە سۈرىسىنى توغرا ئوقۇيالمايتتى.

مانا مۇشۇنداق خەتەرلىك ئەھۋالدا بۇ كۇۋەيتلىك ياش دوختۇر ئۆزىنىڭ تىرىشچان ئايالى بىلەن دىن دەۋىتىگە ئاتلاندى. ئەنگىلىيە، كانادا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى پۈتتۈرگەن بۇ كۇۋەيتلىك دوختۇر راھەتلىك تۇرمۇشىنى تاشلاپ، مادىغاسقار ئارىلى ئورمانلىقىدىكى ئەنتىمۇر قەبىلىلىرىنىڭ مۇناكارا كەنتىدە ماكانلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىسلامنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. ئايالى ئۆزىنىڭ بارلىق مۈلكىنى دەۋەت يوللىرىغا ئىئانە قىلىپ نۇرغۇنلىغان تەلىم – تەربىيە ۋە گۈللەندۈرۈش ئىشلىرىنى ئېلىپ باردى ھەم زور مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، شۇنداقلا ئافرىقىدىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن قاتناپ يۈرىدىغان ئېرى ئۈچۈن ياخشى ياردەمچى بولدى. ئاندىن شەيخ ئابدۇررەھمان سۇمەيت ۋە ئايالى بۇ نامرات قىتئەدىكى مۇسۇلمانلارغا مەسجىد، مەكتەپ بىنا قىلىش ئۈچۈن ئۆز دۆلىتىدىكى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى سېخىي كىشىلەردىن ئىئانە توپلاش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى.

بۇ مۇجاھىد ئىسلام بۈيۈكى ئىشىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇردى. ئۇ ئافرىقىدا نەچچە مىڭلىغان كىشىنى ئىسلامغا چاقىرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بۇ قىتئەدە ئىسلام تارقىتىدىغان ئىمام، دەۋەتچىلەر قوشۇنىنى بەرپا قىلدى. ئۇلارغا توغرا دەۋەت يوللىرىنى، كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئۇسلۇبلىرىنى بىلدۈردى. ئۇلارنى بۇ قىتئەدە دىنغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن تارقاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئافرىقا خەلقلىرى ئارىسىدا ئىسلام تارقىتىش ئۈچۈن يېزىمۇ – يېزا سەير قىلىدىغان ئىخلاسمەن دەۋەتچى ياشلار قوشۇنى بەرپا قىلىندى.

ئۇ، ئايالى ۋە شاگىرتلىرى 30 يىلغا يېقىن ۋاقىتنى ئافرىقىدىكى 40 نەچچە دۆلەتتە دەۋەت قىلىپ ئۆتكۈزدى. گەرچە يېشى چوڭىيىپ قالغان، كېسەلچان بولۇپ قالغان بولسىمۇ دوختۇرلارنىڭ ئارام ئېلىپ سەپەر قىلماسلىق نەسىھەتلىرىنى رەت قىلىپ، ئافرىقا ئورمانلىقلىرىدىكى تېببىي مۇلازىمەت كەمچىل، ھەتتا توك، ساپ سۇمۇ تېپىلمايدىغان شارائىتتا داۋاملىق تۇرىۋەردى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ بىزنى ئۇنىڭ بىلەن شەرەپلىك قىلغان ئىسلام دىنىمىز ئۈچۈن ئىدى.

ئۇ قوزغىلىشچان يۈرەك كېسىلى ۋە باشقا بىر نەچچە خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، كۇۋەيتتىكى «مۇبارەك» دوختۇرخانىسىنىڭ ئېغىر كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولدى. بۆرەك يۇيۇش ئوپېراتسىيىسى ۋە باشقا ئوپېراتسىيەلەردىن كېيىن سالامەتلىكى ناچارلىشىپ، پات – پات ھوشىدىن كېتىدىغان، كۆرەلمەيدىغان، ھەرىكەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى. بەزىدە ھوشىغا كېلىپ پەقەت ئافرىقىدىكى دەۋەت ئىشلىرى ۋە ئۆزى قاراۋاتقان يېتىملەرنىڭ ئەھۋاللىرى توغرىسىدا سورايتتى.

ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى پۈتكۈل كۇۋەيتكە تارقالدى. كىشىلەر كوچىلاردا، مەسجىدلەردە ۋە يىغىلىشلىرىدا ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىشتى، ئۇنى ھەممەيلەن ياخشى كۆرەتتى. ئاندىن بۇ چوڭ دەۋەتچىنىڭ كېسەللىك خەۋەرلىرى ئىسلام دۇنياسىغا تارقالدى. ھەرەم مەسجىدى، رەسۇلۇللاھ مەسجىدى، ئەقسا مەسجىدىدىكى مۇسۇلمانلار ئېغىر كېسەل چىرمىۋالغان بۇ ئىسلام قەھرىمانى ئۈچۈن دۇئاغا قول كۆتۈرۈشكەن ئىدى. بۇلار ئۇنى پەقەت ئاخىرقى يىللىرى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىقلا تونۇغان ئىدى.

بىر كۈنى ھوشىغا كېلىپ، يەنە بۇرۇنقىدەكلا كۆنۈپ كەتكەن سوئاللارنى سورىدى. ئەتراپىدىكىلەر ئۇنىڭغا كېنىيەدە ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەنلىكىنى خەۋەر قىلىۋىدى، يۈزى نۇرلىنىپ ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتتى ۋە يۈزىدە ئاجايىپ گۈزەل كۈلۈمسىرەش پەيدا بولدى. بۇ كۈلۈمسىرەش 60 يىل بۇرۇن ئۆزىنى خۇددى ئافرىقا ئورمانلىقىدىكى ئەڭ چوڭ ئېكسپىدىتسىيىچى دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ، كۇۋەيتنىڭ كوچىلىرىدا كالتىكىنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن چاغلىرىدىكى كۈلۈمسىرەشنىڭ دەل ئۆزى ئىدى. بەلكىم، ئاشۇ كۈلۈمسىرىگەن بالىنى كۆرگەندۇ ياكى ئۇ بالا بۇ كۈلۈمسىرىگەن ئادەمنى كۆرگەندۇ!

ھىجرىيەنىڭ 1434 – يىلى شەۋۋالنىڭ 8 – كۈنى، مىلادىيە 2013 – يىلى 8 – ئاينىڭ 15 – كۈنى، كۇۋەيتلىك ئىسلام بۈيۈكى دوكتور ئابدۇررەھمان سۇمەيت ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا سەپەر قىلدى. كۇۋەيت خەلقى ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك جىنازا نامىزىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەتىگەندىلا يولغا چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپلۈكىدىن ئاخىرىغا كۆز يەتمەيتتى.

شەيخ دوكتور ئابدۇررەھمان سۇمەيتنىڭ دەۋىتى بىلەن ئىسلامغا كىرگەن ئافرىقىلىقلارنىڭ سانى قانچە ئىدى؟

كۇۋەيتلىك بۇ قەھرىماننىڭ قولىدا 11 مىليون ئافرىقىلىق مۇسۇلمان بولغان ئىدى.

ئۇ ئافرىقىدا «دەۋەتچىلەر جەمئىيىتى»نى قۇرغان، «كەۋسەر ژۇرنىلى»نىڭ مۇھەررىرى بولغان. 5700 مەسجىد، 860 مەكتەپ، 4 ئۇنىۋېرسىتېت، 204 ئىسلام مەركىزى، 124 دوختۇرخانا، 840 قارىيخانا قۇرغان ۋە 9500 دانە قۇدۇق كولاتقان. 1500 يېتىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان، 95000 ئوقۇغۇچىنىڭ خىراجىتىنى تۆلىگەن، ئالتە مىليوندىن ئارتۇق «قۇرئان» تارقاتقان، 40 نەچچە دۆلەتتە 2 مىليوندىن ئارتۇق كىشىگە ئىپتارلىق بەرگەن.

ئاللاھ ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىرلەرنى بەرسۇن ۋە بىزنى ئۇنىڭ ئىزىنى بېسىپ مېڭىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن!

 

مەنبە: جىھاد تۇربانىينىڭ «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ» ناملىق كىتابى.

تەرجىمىدە: نۇرىددىن
————————
([1]) ھازىرقى ئىراننى دېمەكچى.
([2]) يەنە بىر ئاتىلىشى پارس قولتۇقى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ