مۇنازىرىچىلەرنىڭ پىرى ئەھمەد دىدات

مۇنازىرىچىلەرنىڭ پىرى ئەھمەد دىدات

(ھىجرىيە 1336 – 1426 / مىلادىيە 1918 – 2005)

شەئبان ئابدۇررەھمان

 

بىز كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى پەقەت شۇ دۆلەتلەرنىڭ مەشھۇر كىشىلىرى بىلەنلا تونۇشىمىز مۇمكىن. شەكسىزكى، جەنۇبىي ئافرىقا دېگەن سۆزنى تىلغا ئالغىنىمىزدا، دەرھال ئېسىمىزگە «نىلسۇن ماندىلا» دېگەن ئىسىم كېلىدۇ؛ يالغۇز ئۇلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ تەبىئىي ھالدا «ئەھمەد دىدات» دېگەن ئىسىممۇ ئېسىمىزگە كېلىدۇ. بىرىنچىسى كامىر ئىچىدە تۇرۇپ، دۆلەتنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن سىياسىي كۈرەش قىلغان بولسا، ئىككىنچىسى ئەقىللەرنى ئازغۇنلۇق ۋە خاتالىقتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئەقىدىۋىي كۈرەش قىلغان ئىدى.

مەن دىداتنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىپ چىققاندىن كېيىن، ئىككىلەنمەستىن شۇنداق دېيەلەيمەنكى، ئەھمەد دىدات 70 – يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ كەڭ تارالغان مەشھۇر مۇنازىرىلىرى بىلەن غەربتە غۇلغۇلا قوزغىدى. ئۇنىڭ مۇنازىرىلىرىنىڭ ساداسى تاكى بۈگۈنگىچە جاراڭلاپ كەلمەكتە. دىداتنىڭ ئىنجىللارنىڭ ئۆزئارا زىتلىقلىرى توغرىسىدىكى بايانلىرى چېركاۋلارنىڭ ۋە چېركاۋ قارمىقىدىكى تەتقىقات مەركەزلىرى ھەمدە غەربتىكى نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئۆز كۇتۇپخانىلىرىدىن ئۇنىڭ مۇنازىرىلىرى ۋە كىتابلىرى ئۈچۈن مەخسۇس بىر بۆلۈم ئاجرىتىپ، ئۇنىڭ تەسىرىنى يوقىتىش مەقسىتىدە ئۇنىڭ كىتابلىرى ۋە مۇنازىرىلىنى تەتقىق قىلىشقا ئېلىپ بارغان ئىدى.

1996 – يىلىدىن تارتىپ بۇ بۈيۈك دەۋەتچى بىر مېڭىسىدىن باشقا، بەدىنىنىڭ ھەممە يېرى پۈتۈنلەي پالەچ بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۆز دەۋىتىنى داۋاملاشتۇردى. كۈندە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن خۇددى سەلدەك ئۇچۇرلار ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇراتتى. ھەر كۈنى تېلېفۇن، فاكس، ئىنتېرنېت ۋە پوچتا ئارقىلىق نورمالدا 500 دانە ئۇچۇر كېلەتتى.

ئۇنىۋېرسىتېت كەبى دۇكان

دىدات باشلانغۇچ ئوقۇشىنى تولۇق تاماملايدۇ. لېكىن، تولۇقسىز ئوتتۇرا 2 – يىللىقنىڭ ئاخىرى بولغاندا ئوقۇشتىن توختاپ قالىدۇ، تۇرمۇش شارائىتى ئۇنى تىرىكچىلىك قىلىپ، ئائىلىسىنى قامدىغۇدەك بىر خىزمەت ئىزدەشكە قىستايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر كىچىك دۇكاننى تېپىپ، ئۇنىڭدا ئايلىقچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مەكتەپ بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ، خىزمىتىگە بېرىلىپ كېتىدۇ. ئۇ كەلگۈسىدە بۇ كىچىك دۇكاننىڭ چوڭ بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ. نەتىجىدە، ئۇ تۈرلۈك ئىنجىل نۇسخىلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئۇلارنى بىرمۇبىر ئوقۇپ چىقىدۇ. ئاندىن ئىنجىل نۇسخىلىرىدا كەلگەن مەزمۇنلارنى سېلىشتۇرىدۇ – دە، يوچۇن زىتلىقلارنى بايقايدۇ ۋە ئۆز – ئۆزىدىن: «بۇ ئىنجىللارنىڭ قايسىسى توغرىدۇ؟» دەپ سوئال سوراشقا باشلايدۇ ھەمدە ھەر كۈنى دۇكاندا ئۆزى بىلەن كەسكىن مۇنازىرىلىشىدىغانلارنىڭ ئالدىغا تاشلاش ئۈچۈن، زىتلىقلارنى بىر – بىرلەپ ئىگىلەپ ئىزچىل خاتىرىلەيدۇ.

دەۋەت يولىدىكى ھەمراھلىق

مەلۇم بولۇشىچە، دىدات چوڭ بولۇپ، قىران بىر يىگىتكە ئايلانغان ۋە مەدەنىيەت ساپاسى يۇقىرىلاپ، تەپەككۇرى پىشىپ يېتىلگەن ھەمدە ئۆز ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان پەيتتە، ئىسلامنى قوغداشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. مەلۇم بىر كۈنى دىدات تۇنجى ئۆمۈرلۈك دوستى غۇلام ھەسەن فىنكا بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. ئۇمۇ جەنۇبىي ئافرىقىدىن بولۇپ، قانۇن كەسپىدە باكلاۋۇرلۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن ئاياغ سودىسى قىلغان ئىدى. بۇ ئىككى دوستتا نۇرغۇن ياخشى سۈپەتلەر جەملەنگەن بولۇپ، مۇھىمى سەزگۈر بولۇش ۋە ئىسلامنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىقلار.

دىدات «دىنلارنىڭ سېلىشتۇرمىلىرى» ھەققىدىكى چوڭقۇر ئىزدىنىشى ۋە تەتقىقاتى داۋامىدا غۇلام ئۇچراپ قېلىپ، ئۇنىڭ ئىلىم تەھسىل قىلىشىغا ۋە ئۆزىنى تاۋلىشىغا كۆپ ياردەم بېرىدۇ.

جەنۇبىي ئافرىقا ئىچىدىكى كىچىك شەھەر – يېزىلاردا پوپلار بىلەن تار دائىرىدە مۇنازىرە قىلىشلارغا تەرەققىي قىلغان كۈندىلىك مۇھاكىمىلىرى ئارقىلىق ئەھمەد دىداتنىڭ مۇنازىرە تالانتى شۇ چاغلاردىلا يېتىلىپ بولغان ئىدى. دەۋەت مۇھەببىتى غۇلامنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ 1956 – يىلى دەۋەت ئىشلىرىغا تولۇق ئاجراشنى قارار قىلىدۇ. ئىككىسى شۇ يىلى دۇربان شەھىرىدە ئاددىي بىر ئۆيدە «دەۋەت ئىشخانىسى» قۇرۇپ چىقىشقا كېلىشىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككى دوست شۇ ئىشخانىسىدىن چىقىپ، جەنۇبىي ئافرىقا ئىچىدىكى چېركاۋ ۋە خىرىستىيان مەكتەپلىرىگە بارىدۇ ۋە شۇ يەرلەردە ئەھمەد دىدات قارشى تەرەپنى زۇۋان سۈرەلمەس قىلىۋېتىدىغان قالتىس مۇنازىرىلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.

ئەھمەد دىدات ئۆزىنىڭ مەسلەكدىشى غۇلام بىلەن بىرگە، مەزكۇر دۆلەتنىڭ ھەر ياقىلىرىنى كېزىپ يۈرۈپ، چېركاۋلار ئارىسىدا ئاندىن پۈتۈن جەمئىيەتتە ھەقىقەتەن داۋالغۇش قوزغايدۇ ھەمدە بېكىپ كەتكەن مۇقەددەس ئەقىدە ۋە چۈشەنچىلەرنى تەۋرىتىپ، ئۇنى ئۆزگەرتىشكە قادىر بولىدۇ. شۇنداقلا نەچچە يۈزلىگەن كىشى ئۇنىڭ مۇنازىرىلىرىگە قاتنىشىشى نەتىجىسىدە ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسى بىلەن مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ياكى ھەر يەردىن كەلگەن زىيارەتچىلەر ئۇنىڭ ئىلىم مۇنبىرىگە ئايلانغان ئىشخانىسىدا زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، چېركاۋلارنىڭ ئىچىدىن بىر يوچۇق پەيدا قىلىدۇ.

«كاپېتاۋن» ياكى «ئەھمەد دىدات تاۋن» شەھىرى

شۇنىڭدىن كېيىن دىدات چوڭ مۇسۇلمان كارخانىچىلاردىن بولغان سالىھ مۇھەممەد بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. كاپېتاۋن ئۆزگىچە تەبىئەتكە ئىگە شەھەر بولۇپ، مۇسۇلمان ئاھالىلەرنىڭ زىچلىقى بىلەن ئالاھىدە پەرقلىنەتتى. لېكىن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ قارشىسىدا ناھايىتى تەشكىللىك ۋە كۈچلۈك بولغان كۆپ ساندىكى خىرىستىيانلار بار بولۇپ، ئۇلار مۇھىم ئورۇن تۇتاتتى ۋە تىجارەت، سىياسەت جەھەتلەردە ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىدى.

مۇشۇ سەۋەبلەردىن سالىھ مۇھەممەد دىداتنى ئۇشبۇ شەھەرنى زىيارەت قىلىشقا چاقىرىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن شەھەردىكى پوپلار بىلەن نۇرغۇن مۇنازىرە ئۇيۇشتۇرىدۇ. پوپلارنىڭ سانى كۆپەيگەنلىكى ۋە مۇنازىرىگە قىزىققانلىقى ئۈچۈن، كاپېتاۋن دىداتنىڭ دائىم تۇرىدىغان ئورنىغا ئايلىنىدۇ. دىدات ئۆزىنىڭ مۇنازىرىلىرى ئارقىلىق مۇنازىرىگە سەلدەك ئېقىپ كەلگەن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئارىسىدا زور ئالقىشقا ئېرىشىدۇ. ھەتتا كاپېتاۋن شەھىرى «ئەھمەد دىدات تاۋن» شەھىرى دەپ ئاتىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن غۇلام ھەسەن بىلەن سالىھ مۇھەممەد دىداتنىڭ ماڭغان – تۇرغان ھەممە ھالەتلىرىدە ئۇنىڭدىن ئايرىلمايدۇ. خۇددى قۇش بوشلۇققا ئىككى قانىتى بىلەن كۆتۈرۈلۈپ، كۆكتە پەرۋاز قىلغاندەك، دىداتمۇ نەچچە ئون مىڭ دىللارنى ۋە ئەقىللەرنى ئىسلامغا باشلىغان مۇنازىرىلىرىدە بۇ ئىككى دوستىنىڭ ياردىمى بىلەن جەۋلان قىلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى، دىداتنىڭ ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش ۋە مۇتالىئەلىرىدە ئۇنىڭدىن ئايرىلماي، ئۇنىڭ ئۈچۈن چىراغ بولغان غۇلام ھەسەندۇر. ئىككىنچىسى، دىداتنىڭ يۈكلىرىنى كۆتۈرۈپ، باشتىن – ئاخىرىغىچە مۇنازىرىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولۇپ، دىداتقا يول ھازىرلىغان سالىھ مۇھەممەدتۇر.

كەمتەرلىك – قەلبكە بارىدىغان ئەڭ قىسقا يولدۇر

دىداتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ كەمتەرلىكىدۇر. ئۇ شۇنچە شۆھرەت قازانغان بولسىمۇ، كىيىم كىيىشلىرىدىن تارتىپ، كونا پاسۇندىكى ۋولكس ۋاگېن ماركىلىق كىچىك ماشىنىسىنى ھەيدەشلىرىگىچە، ھەربىر ئىشتا كەمتەرلىكى ۋە ئاددىي – ساددىلىقىنى ساقلاپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن ياكى ئۇنىڭ بىلەن يېقىندىن مۇئامىلە قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بۇ قىياپىتىگە زەن سالاتتى. بۇنىڭدا ئۇنىڭ ئىجتىمائىي زېرەكلىكى قوشۇلۇپ، دەۋىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق ۋە جەلپكار بولۇشىغا ياردىمى بولاتتى. ئۇ ئىشلارنى ئىنچىكە كۆزىتىدىغان بولۇپ، ھەرقانداق بىر ئىشقا ھوشيار تۇرۇپ، ئىنچىكە كۆزىتەتتى.

دىداتنىڭ بۇ شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي ئالاھىدىلىكلىرى ئۇنىڭ دەۋەت سەپىرىدە ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ ئارقا تېرىكى بولۇشقا ئاتىۋەتكەن دوستلىرىنىڭ ۋاپادارلىقى ۋە ئىخلاسمەنلىكى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ تاۋلىنىپ پىشىپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولغان ۋە ئۇنى مۇسۇلمان دەۋەتچىلەرنىڭ نەمۇنىسى قىلغان ئىدى. شۇڭا، ئۇ 1977 – يىلى لوندۇننىڭ «ئالبېرت ھال» چوڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق خەلقئارالىق مۇنازىرىدە خەلقىئالەم ئالدىغا چىقىشتىن بۇرۇنلا، پۈتۈن جەنۇبىي ئافرىقا ئۇنىڭدىن تەڭداشسىز بىر مۇنازىرىچىنىڭ سىماسىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنى ياخشى تونۇپ يەتكەن ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇنىڭ ئىككى ھەمراھى غۇلام ھەسەن بىلەن سالىھ مۇھەممەد ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق لوندۇن سەپىرىدە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولالماي، بۇرۇنلا بۇ ئالەمدىن ۋىدالىشىدۇ. لېكىن، ئۇ ئىككىسى دىداتنىڭ يېنىدا كۆپلىگەن شاگىرتلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ شاگىرتى ئىبراھىم جادات ئۇنىڭ ئەڭ يېقىنى ھېسابلىنىدۇ.

جان چىققانغا قەدەر دەۋەت قىلىش

ئۇنىڭ دۇرباندىكى ئىشخانىسىغا كۆپىنچە ئۇنىڭ مۇنازىرىلىرى ۋە كىتابلىرىنى تەلەپ قىلىپ، كۈندە 500 پارچە خەت كېلەتتى. شۇنداقلا دۇرباندىكى ئۇنىڭ چوڭ مەسجىدىنى زىيارەت قىلغىلى كەلگەن چەتئەللىكلەرنىڭ سانىمۇ كۈندە 400 سەيياھقا يېتەتتى. ئۇلار دىداتنىڭ شاگىرتلىرى تەرىپىدىن كۈتىۋېلىنىپ مېھمان قىلىناتتى. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە دىداتنىڭ كىتابلىرى، لېكسىيەلىرى ۋە مۇنازىرىلىرى سوۋغا قىلىناتتى.

دىدات ئۆزىنىڭ تۇتقان خاس مەسلىكى بويىچە، ئۆزىنىڭ «مۇنازىرە ئارقىلىق ئاللاھقا دەۋەت قىلىش» يولىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىدىن كېيىنكىلەرگە مىراس قالدۇرۇشقا كۈچەيتتى. شۇڭا، ئۇ دۇرباندا خەلقئارا ئىسلام دەۋەت مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە ۋەخپە ئورۇننى قۇرۇپ چىقتى. بۇ مەركەز ئۇنىڭ ئۇسۇلى بويىچە دەۋەت قىلىشنى ئاساس قىلاتتى ھەمدە سەككىز كۇرسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى يىللىق سىنىپلارنى ئاچقان ئىدى، ئۇنىڭدا ئالىم ۋە دەۋەتچىلەر دەرس ئۆتەتتى، شۇنداقلا بۇ مىسلىسىز ئۇسۇلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىدىن ئەر – ئايال تەتقىقاتچىلار ئىشتىراك قىلاتتى.

ئۇنىڭ يەنە بىر ۋەخپە ئورگىنى بار بولۇپ، كەسپىي ئىنىستىتوتلارنىڭ ھىدايەت تاپقانلارنى ئائىلىسىنى قامدىيالىغۇدەك ياغاچچىلىق ۋە توكچىلىققا ئوخشاش يېڭى كەسىپلەردە چېنىقتۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلاتتى.

دىداتنىڭ ئارزۇسى

دىداتنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئۆزى بايان قىلغاندەك: «بايلىقلىرىڭىزنى ماڭا بەرسىڭىز، مەن دۇنيانى ئىسلامىي رىسالىلەر بىلەن، بولۇپمۇ، «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمىلىرى بىلەن تولدۇراتتىم».

دىدات «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەرجىمىلىرى، تەپسىر ۋە شەرھىلىرىنى بېسىپ تارقىتىشقا كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۇ بۇ ئىشنى مەركەزدىكى كاتىپلار ھەيئىتى ئەزالىرىنى ئاخىرقى قېتىم زىيارەت قىلغاندا ئۇلارغا جىكىلىگەن بولۇپ، ئۇلارنى «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەرجىمىلىرىنى بېسىپ تارقىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئىنسانىيەتكە تارقىتىشتا بار كۈچۈڭلارنى چىقىرىڭلار، بۇ، ھاياتىمدا ئۆزۈمگە يۈكلىگەن ۋەزىپىدۇر».

شەيخ ئەھمەد دىدات ئۆزىنىڭ دائىم ئىنگىلىزچە «قۇرئان كەرىم» تەرجىمىلىرىنى بېسىپ تارقىتىش ئىشىدا چېركاۋلارنىڭ ئىنجىلنى 2000 تىلغا تەرجىمە قىلىپ تارقاتقانلىقىدەك تىرىشچانلىقلىرىنى دەلىل قىلاتتى. شەيخ كەلگۈسىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز كۈچلىرى ۋە ئىمكانىيەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «قۇرئان كەرىم» تەرجىمىلىرىنى مىليونلاپ بېسىپ، ئالەمگە تارقىتىدىغانلىقىدىن ئۈمىدۋار يۈرەتتى.

بىشارەت ئەمەلىيلەشتىمۇ؟

دىدات بىر چۈش كۆرگەندىن باشلاپ مۇشۇ نىشانغا ئېسىلغان ئىدى. بۇ چۈشنى ئۇنىڭ ھەمراھى ئىبراھىم جادات مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «شەيخ دىدات بىر چۈش كۆرۈپ، چۈشىدە ئۆزى بىلەن ئىسلام توغرىسىدا مۇنازىرىلەشكەن ھەممە كىشىگە ئۆز قولى بىلەن مىليون نۇسخا «قۇرئان كەرىم»نى سوۋغا قىلغان ئىكەن. ئۇ چۈشىدىن ئويغانغاندىن كېيىن، مىليون نۇسخا «قۇرئان كەرىم» تەرجىمىلىرىنى بېسىپ، دۇنيادىكى ئۆزى بارغان جايلارغا تارقىتىش ھەققىدە قەسەم ئىچكەنلىكىنى 1976 – يىلى بىزگە سۆزلەپ بەرگەن ئىدى».

شەيخ 1996 – يىلى كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا، چاقنىغان ئالىم، ئاتاقلىق «قۇرئان كەرىم» تەرجىمانى يۈسۈف ئەلىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن «قۇرئان كەرىم» تەرجىمىسىدىن 400 مىڭ نۇسخىنى تارقىتىپ بولغان ئىدى. ئىبراھىم جادات ئەپەندىم ئېيتىدۇ: «شەيخ دىدات كېسەل بولۇپ قالغىنىدىن كېيىن مېنى چاقىرتىپ، بۇ ۋەزىپىنى تاماملاشنى ماڭا يۈكلىگەن ئىدى. ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇن! ئۇستاز ئەھمەد سەئىد مەۋلانىڭ رىياسەتچىلىكىدە خەلقئارا ئىسلام دەۋەت مەركىزى بىلەن ھەمكارلىشىپ ۋەزىپەمنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتىمەن. ئۇستاز ئەھمەد مەركەزنىڭ چوقۇم «قۇرئان كەرىم» تەرجىمىلىرىنى ئۈزلۈكسىز كەڭ كۆلەمدە تارقىتىدىغانلىقى ھەققىدە شەيخ دىداتقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى نەچچە قېتىم تەكىتلىگەن ئىدى».

ياخشى يېرى، شەيخ دىدات ئىسلام دەۋىتى خىزمىتىدە زامانىۋى ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، پۈتكۈل مۇنازىرىلىرىنى سىنغا ئېلىپ خاتىرىلىگەن ئىدى. بۇ ۋىدىئولار ئىسلام دۇنياسىدا ھىندىنوزىيەدىن سېنېگالغىچە كەڭ تارقالغان بولۇپ، youtube تورىدا كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان مۇنازىرىلىرى بار.

ۋاپاتى

ھىجرىيە 1426 – يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 3 – كۈنى، 2005 – يىلى 8 – ئاۋغۇست دۈشەنبە ئەتىگەندە، ئىسلام ئۈممىتى جەنۇبىي ئافرىقىلىق ئىسلام ئارسلانى، بۈيۈك ئىسلام دەۋەتچىسى شەيخ ئەھمەد دىداتتىن ئايرىلدى. ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ مول رەھمەتلىرى ۋە چەكسىز مەغپىرەتلىرى بولغاي!

 

مەنبە: http://www.islamicfinder.org

تەرجىمىدە: قاراخانىي

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ