مۇجاھىدلار شەيخى ئەھمەد ياسىن

مۇجاھىدلار شەيخى ئەھمەد ياسىن

(ھ. 1355 – 1425 / م. 1936 – 2004)

 

مۇجاھىد شەيخ ئەھمەد ياسىن (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) كۈرەشنىڭ سىمۋولىدۇر، پالەچلىك ۋە ھەرخىل كېسەللىكلەردىن قىينىلىۋاتقان ھالەتتىمۇ كۈرەشنىڭ جۇشقۇنلۇقىنى ئۇرغۇتقان ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى «ھاماس»نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە پەلەستىندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ يېتەكچىسىدۇر.

ئۆسۈپ – يېتىلىشى

ئۇ ھ. 1355 / م. 1936 – يىلى ئىيۇن، رەبىئۇلئاخىر ئېيىدا غەززەنىڭ جەنۇبىي بۆلىكىدىكى ئەسقەلانغا يېقىن جۇۋرە كەنتىدە تۇغۇلغان. شۇ يىلى پەلەستىن زېمىنىدا زورىيىۋاتقان يەھۇدىي باسقۇنچىلىرىنىڭ نوپۇزىغا قارشى تۇنجى قوراللىق قوزغىلاڭ پارتلىغان بولۇپ، ئۇ بەش ياشتىن ئاشماستا دادىسى ۋاپات بولغان.

شەيخ گۆدەكلىكىدە «ئەھمەد ياسىن» ئىسىملىك كۆپلىگەن تەڭتۇشلىرىدىن پەرقلەندۈرۈلۈش ئۈچۈن، پەزىلەتلىك ئانىسى (سەئدە ئابدۇللاھ ئەلھۇبەيل) گە نىسبەت بېرىلىپ، «ئەھمەد سەئدە» دەپ ئاتالغان.

ئوقۇش جەريانى

ئەھمەد ياسىن جۇۋرە باشلانغۇچ مەكتىپىگە كىرىپ، ئوقۇشنى بەشىنچى سىنىپىغىچە داۋاملاشتۇردى. 1948 – يىلدىكى ئۇرۇشتىن كېيىن پەلەستىننىڭ ھەممە يېرىنى مۇسىبەت قاپلاپ ئاھالىسى سۈرگۈن بولۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئائىلىسى بىلەن غەززە رايونىدا پاناھلاندى. شۇ چاغدا ئۇ 12 ياشتا ئىدى. ئەھمەد ياسىننىڭ ئائىلىسى ئاشۇ چاغدىكى كۆپىنچە مۇھاجىرلارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاش قىينىلىپ پېقىرلىق، ئاچلىق ۋە مەھرۇملۇقنىڭ دەردىنى تارتتى. 1949 – يىلى ئەھمەد ياسىن غەززەدىكى پۇرچاق ئاشخانىلىرىنىڭ بىرىدە ئىشلەش ئارقىلىق يەتتە جاندىن تەركىب تاپقان ئائىلىسىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بىر يىل دەرسىنى تاشلاپ ئاندىن قايتا ئوقۇدى. ئۇ ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا يېمەك – ئىچمەك تېپىپ كېلىش ئۈچۈن، بەزى تەڭتۇشلىرى بىلەن پەلەستىندە تۇرۇشلۇق مىسىر ئارمىيە گازارمىلىرىغا بېرىپ، ئەسكەرلەردىن ئاشقان – تاشقان نەرسىلەرنى تېرەتتى.

مۇسىبەت ساۋىقى

ئەھمەد ياسىن 1948 – يىلدىكى مۇسىبەت دەپ ئاتالغان زور ئەرەب مەغلۇبىيىتىنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى يەھۇدىي باندىتلىرى قوغلىۋەتكەن ئون مىڭلىغان ئائىلىلەر بىلەن بىللە غەززەگە ھىجرەت قىلدى. ئۇ بۇ مۇسىبەتتىن كېيىن ئۇنىڭ پىكرىي ۋە سىياسىي ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن شۇنداق بىر ساۋاقنى يەكۈنلىدىكى، ئاللاھتىن قالسا مەيلى قوشنا ئەرەب دۆلەتلەرگە بولسۇن ياكى خەلقئارا جەمئىيەتكە بولسۇن، باشقىلارغا تايىنىشتىن بەكرەك خەلقنى قوراللاندۇرۇش ئارقىلىق پەلەستىنلىكلەر ئۆزىگە تايىنىش كېرەك.

شەيخ ئەھمەد ياسىن ئاشۇ مەزگىل توغرۇلۇق سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇرۇشقىلى كەلگەن ئەرەب ئارمىيىلىرى ئۆزلىرىنىڭ كۈچىدىن باشقا كۈچ بولسا بولمايدۇ دېگەن باھانە بىلەن قوللىرىمىزدىكى قورالنى تارتىۋېلىپ، ئاقىۋىتىمىز ئۇلارغا باغلىنىپ، بىزمۇ تەڭ مەغلۇپ بولدۇق. يەھۇدىي قىساسچىلىرى ئامان قالغۇچىلارنى چۆچۈتۈش ئۈچۈن قىرغىنچىلىق ۋە قەتلىئام ئېلىپ باردى. ئەگەر قوللىرىمىزدا قوراللىرىمىز بولغان بولسا، ئەلبەتتە، ھادىسىلەرنىڭ يۆنىلىشى ئۆزگەرگەن بولاتتى».

پالەچلىككە گىرىپتار بولۇشى

شەيخ ئەھمەد ياسىن 16 يېشىدا پۈتۈن ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن بىر خەتەرلىك ھادىسىگە يولۇقتى. 1952 – يىلى تەڭتۇشلىرى بىلەن ئويناۋاتقاندا، بويۇن ئومۇرتقىسى سۇنۇپ يارىلاندى. شەيخ ئەھمەد ياسىن ئۆز ھەمراھلىرىنىڭ بىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىش جەريانىدا يارىلانغانلىقىنى ئىككى ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ماجىرا يۈز بېرىشتىن ئەنسىرەپ بىرەرسىگە ھەتتا ئائىلىسىگىمۇ خەۋەر قىلمىدى. بۇ ئىش 1989 – يىلى ئايدىڭلاشتى.

ئۇنىڭ گەدىنى گىپىسقا ئېلىنىپ 45 كۈندىن كېيىن، قالغان ئۆمرىدە پالەچ ھالدا ياشايدىغانلىقى ئېنىقلاندى.

شەيخ ئەھمەد ياسىن تولۇق پالەچلىكىكە قوشۇلۇپ، تۈرمە مەزگىلىدە ئىسرائىلىيە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ بىر قېتىملىق سورىقىدا زەربە بىلەن يارىلانغاندىن كېيىن ئوڭ كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى يوقىتىشى، سول كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ بەك ئاجىزلىقى، قۇلىقىدىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغ، ئۆپكىسىدىكى سەزگۈرلۈك ۋە باشقا ئۈچەي ياللۇغى… قاتارلىق بىرنەچچە كېسەللەردىن قىينىلاتتى.

ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشى

شەيخ ئەھمەد ياسىن 1957 – 1958 – يىللىرى تولۇق ئوتتۇرىنى 500 دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى ئىچىدە ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، گەرچە دەسلىپىدە ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى سەۋەبلىك ئېتىرازلار بولغان بولسىمۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق كەسىپىدىن كىرگەن كىرىمىنىڭ كۆپىنچىسى ئائىلىسىنى قامداشقا كېتەتتى. كېيىن غەززە مەسجىدلىرىدە خەتىب ۋە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەپ، دەلىلىنىڭ كۈچلۈكلۈكى، ھەقىقەتنى جاكارلاشتىكى جاسارىتى ئۈچۈن، مۇستەملىكە ئاستىدىكى غەززە رايونى تونۇغان ئەڭ مەشھۇر خەتىب بولۇپ قالدى.

سىياسىي پائالىيەتلىرى ۋە قولغا ئېلىنىشى

شەيخ 20 ياش چېغىدا، 1956 – يىلى مىسىرنى نىشانلىغان ئۈچ تەرەپ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى غەززەدە پارتلىغان نارازىلىق نامايىشىغا قاتناشتى ھەمدە ئۆزىنىڭ تەشكىللەش ۋە نۇتۇق قۇدرىتىنى نامايان قىلىپ، ھەمراھلىرى بىلەن بىرگە بۇ رايوننىڭ مىسىرنىڭ باشقۇرۇشىغا قايتىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىگە، خەلقئارالىق باشقۇرۇشنى رەت قىلىشقا چاقىرىپ پائالىيەت قىلدى.

ئەھمەد ياسىننىڭ نۇتۇق تالانتى تازا جىلۋىلىنىشكە باشلاپ، ئۇنىڭ يۇلتۇزى غەززە دەۋەتچىلىرى ئارىسىدا چاقنىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش ئۇ يەردە ئىشلەۋاتقان مىسىر ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ دىققىتىنى تارتقاندىن كېيىن، مىسىر سىياسىي ساھەسى شاھىد بولغان تۇتقۇن قىلىشلار دولقۇنى ئىچىدە ئۇمۇ قولغا ئېلىندى. بىر ئايغا يېقىن ئايرىم كامېردا قامالغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن «مۇسۇلمان قېرىنداشلار» تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدا تەشكىلىي ئالاقە يوقلۇقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلدى. تۇتقۇن قىلىش مەزگىلى ئۇنىڭ كۆڭلىدە مۇھىم تەسىرلەرنى قالدۇردى. ئۇ مۇنداق دېگەنىدى: «تۇتقۇنلۇق مەزگىلى قەلبىمدە زۇلۇمنى يامان كۆرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقانداق ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكى ئۇنىڭ ئادالەت ئۈستىگە ۋە ئىنساننىڭ ئەركىن ياشاش ھەققى بارلىقىغا ئىشىنىشى ئۈستىگە بەرپا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ بەردى».

پەلەستىندىكى «مۇسۇلمان قېرىنداشلار»نىڭ يېتەكچىسى بولۇشى

1928 – يىلى مۇجاھىد شەيخ ئەھمەد ياسىن مىسىردا ئىمام ھەسەن بەننانىڭ قولىدا تەسىس قىلىنغان «مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتى»نىڭ ئىسلامنى توغرا چۈشىنىشكە، ئۇنى ھاياتنىڭ تۈرلۈك تەرەپلىرىدە ئومۇميۈزلۈك تەتبىقلاشقا چاقىرىدىغان پىكىرلىرىنى قۇچاقلىدى. شەيخ بۇ جامائەتنىڭ پەلەستىندىكى رەھبىرى ھېسابلىناتتى.

1968 – يىلى شەيخ ئەھمەد ياسىن پەلەستىندىكى ھەرىكەتنىڭ رەھبەرلىكىگە تاللىنىپ، ھەرىكەتنىڭ گەۋدىسىنى قۇرۇشقا باشلاپ «ئىسلام جەمئىيىتى»نى، ئاندىن «ئىسلام بىرلەشمىسى»نى قۇردى. ئۇنىڭ «غەززە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى»نى قۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك رولى بار ئىدى.

1983 – يىلى شەيخ ئەھمەد ياسىن «قورال ئېسىش»، «ھەربىي تەشكىلات قۇرۇش» ۋە «ئىبرانىي دۆلىتىنى مەۋجۇدلۇقتىن يوقىتىشقا قۇترىتىش»… قاتارلىق تۆھمەتلەر بىلەن تۇتۇلدى. شەيخ ئىسرائىلىيە ھەربىي مەھكىمىسىدە سوتلىنىپ 13 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى، لېكىن 1985 – يىلى «پەلەستىن خەلق ئازادلىق ھۆكۈمىتى» بىلەن مۇستەملىكە ھۆكۈمەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش رامكىسى ئىچىدە قويۇپ بېرىلدى.

بۈيۈك ئىنقىلاب شەيخى ۋە ھاماس ھەرىكىتىنى قۇرۇش

1987 – يىلى ئەھمەد ياسىن ئىسرائىلىيە مۇستەملىكىسىگە قارشى پەلەستىننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن، غەززە رايونىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلغان بىر تۈركۈم ئىسلام خىزمىتى يېتەكچىلىرى بىلەن ئىسلامىي تەشكىلات قۇرۇشقا ئىتتىپاقلاشتى، ئۇنىڭغا قىسقارتىپ، «ھاماس» ئىسمى بىلەن تونۇلغان «ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى» دەپ ئىسىم قويدى. ھاماس ھەرىكىتى ۋە ئىززۇددىن قەسسام ئەترەتلىرى ھەممىسى تەڭ بايقىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، زىچ ھەرە كۆنەكلىرىدەك ئەمەس، بەلكى يىپسىمان، بىر – بىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنگەنىدى. بۇ ئۇسلۇبنى ئىسرائىلىيە گېزىتلىرىنىڭ ئۆزى بايان قىلغان ئىدى. دەسلەپكى پائالىيەتلىرى يەھۇدىيلارغا پىچاق تىقىش، ماشىنىلار بىلەن سوقۇشتىن تەرەققىي قىلىپ، ئىسرائىل ئەسكىرىنى ئېلىپ قېچىشىغىچە بولدى. ئۇلار پارتىزانلىق ئۇرۇش شەكلىگە تايىنىپ، ئاتوم بومبىلىق ئىسرائىلىيىگە ئادەم بومبىسى بىلەن ئۆزىنى شەھىد قىلىش ھۇجۇملىرىنى يۈرگۈزدى. شەيخ ئەھمەد ياسىننىڭ ئاشۇ چاغدا پارتلىغان، «مەسجىدلەر ئىنقىلابى» دەپ مەشھۇر بولغان پەلەستىن ئىنقىلابىدا مۇھىم رولى بولغان ئىدى.

ئاشۇ ۋاقىتتىن تارتىپ، شەيخ ئەھمەد ياسىن شۇ ھەرىكەتنىڭ مەنىۋىي داھىيسى دەپ قارالدى.

1988 – يىلى ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئىسرائىلىيە مۇستەملىكە ئارمىيىسى ئۇنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ تەكشۈردى ۋە ئۇنى چاقلىق ئورۇندۇقى بىلەن چېگرادىن ئىتتىرىۋېتىپ لىۋانغا سۈرگۈن قىلىمىز دەپ تەھدىت سالدى. 1989 – يىلى 5 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئىسرائىل مۇستەملىكە ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ مۇستەملىكە ئارمىيىسىغا، پۇقرالىرىغا ۋە ئىشپىيونلىرىغا قارىتىلغان قوراللىق كۈرەشنى توختىتىشقا ئۇرۇنۇپ، شەيخ ئەھمەد ياسىن بىلەن «ھاماس» ھەرىكىتىنىڭ يۈزلىگەن ئوغلانلىرىنى قولغا ئالدى.

1991 – يىلى 16 – ئۆكتەبىردە ھەربىي مەھكىمىلەرنىڭ بىرى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى ھۆكمىنى چىقاردى. قارىلاش قارارىدا ئىسرائىل ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىشقا قۇترىتىش، ھاماس ھەرىكىتىنى قۇرۇش، ئۇنىڭ ھەربىي ۋە خەۋپسىزلىك ئورگىنىنى قۇرۇش… قاتارلىق تۆھمەتلەر بار ئىدى.

1997 – يىلى ئۆكتەبىردە ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ پايتەخت ئومماندىكى ھاماسنىڭ سىياسىي ئىشخانىسى رەئىسى خالىد مەشئەلنى قەستلەشكە ئۇرۇنۇشى مەغلۇپ بولۇپ، ئىئوردانىيە بىخەتەرلىك تارماقلىرى موسادنىڭ ئىككى ئىشپىيونىنى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن، ئىئوردانىيە بىلەن ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا ئەسىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ شەيخ ئەھمەد ياسىننى قويۇپ بېرىشى باراۋېرىگە ئىئوردانىيە ئىككى ئىشپىيوننى قويۇپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئەركىنلىكى ئەسلىگە كەلدى. شۇنىڭ بىلەن شەيخ ئىئوردانىيەگە داۋالىنىش ئۈچۈن باردى، بىرنەچچە ئەرەب دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئەرەب ۋە مۇسۇلمان رەھبەرلىرى، ئامما يېتەكچىلىرى تەرىپىدىن قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋېلىندى. شۇ قاتاردا سەئۇدى، ئىران، سۇرىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىفەلىكىنى زىيارەت قىلدى.

مۇبارەك ئەقسا ئىنقىلابىنىڭ شەيخى

ھاماس ھەرىكىتى شەھىدلەر ئەمىرى شەيخ ئەھمەد ياسىن باشچىلىقىدا سەپلىرىنى قايتا تەشكللەپ، ئەسكىرىي ئاپپاراتىنى قايتا قۇرغاندىن كېيىن، 2000 – يىلى سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدا قوزغالغان ئەقسا ئىنقىلابىدا پەلەستىن كۈرىشىگە پائال قاتناشتى. ئىسرائىل مۇستەملىكە ئارمىيىسى ھەمىشە خەلقئارا دۆلەتلەرنى ھاماسنى تېررورچى دەپ ساناش ۋە ماللىرىنى توڭلىتىشقا چاقىردى. ياۋروپا 2003 – يىلى 6 – سېنتەبىردە ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ بېسىملىرىغا بوي ئېگىپ، مەزكۇر ھەرىكەتنى سىياسىي قانىتى بىلەن بىللە تېررورچى تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە قوشتى.

شەيخنىڭ نەزەربەند قىلىنىشى

ھاماسنىڭ سىياسىتى پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىدىن پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت كۆپىنچە ھاماسقا بېسىم قىلاتتى. پەلەستىن ھۆكۈمىتى شەيخ ئەھمەد ياسىننىڭ پەلەستىننىڭ سىياسىي ھاياتى كۈرىشىدىكى ئەھمىيىتىنى ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا كۆپ قېتىم نەزەربەندلىكنى تاڭغانىدى.

ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن

ھاماس مەۋجۇدتۇر، داۋاملاشقۇچىدۇر. قۇرۇق تەشكىلات ۋە بىرەر پىكىر بولۇپ قالماستىن، ھەقىقەتتۇر ۋە ئەمەلىيەتتۇر، پەلەستىن خەلقىگە ۋە ئەرەب – ئىسلام ئۈممىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان زور ۋە بۈيۈك خەلق ئېقىمىدۇر. ھەر كۈنى ھاماس كېڭىيىدۇ، ئاللاھ خاھلىسا، ئۇنىڭ كېلەچىكى غەلىبە ۋە قۇدرەت تېپىشتۇر.

دۈشمەن ئىسرائىل پەلەستىن خەلقىگە بىرلا تاللاشتىن باشقا تاللاشنى قويمايدۇ. ئۇ بولسىمۇ كۈرەش، جىھاد ۋە شەھىدلىكتۇر.

بىز ھەقىقەتەن شەھىدلىكنى تەلەپ قىلغۇچىلارمىز. ھاياتقا ھېرىس ئەمەسمىز. بۇ ھايات ئەرزان، تايىنلىقتۇر، بىز ئەبەدىي ھاياتلىققا چاپىمىز.

ئارزۇيۇم ئاللاھنىڭ مەندىن رازى بولۇشىدۇر.

دۈشمەن ھەممىمىزنى تېررورچى دەپ قارايدۇ. ناۋادا قادىر بولالىسا پۈتۈن پەلەستىن خەلقىنى قەستلەيدۇ. چۈنكى، ئۇ خەلقسىز زېمىننى كۆزلەيدۇ. بىزنى قايسىبىر تۈرگە ئايرىشى مۇھىم ئەمەس… ئۇلار ئىسلام تارىخىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم توغرۇلۇق يالغانچى، سېھىرگەر دەيتتى. بۇ سۈپەتلەر ئۇنىڭدا بولغانمىدى؟ لېكىن، ئۇ سەۋر قىلدى، كۆتۈردى، جىھاد قىلدى، ئاخىرىدا ئىسلام غەلىبە قىلدى.

ئەي خەلقىمىز ئوغلانلىرى! شۇنى ئېنىق بىلىۋېلىڭلاركى، بىز سىلەر ئۈچۈن، ۋەتەننىڭ مەنپەئەتىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش يولىدا مېڭىۋاتىمىز. مەنپەئەت كېلىشىمدە بولسا، كېلىشىم تۈزىمىز، مەنپەئەت داۋاملىق قارشىلىق كۆرسىتىشتە بولسا، داۋاملىق قارشىلىق كۆرسىتىمىز.

تاش ۋە قوراللار بىلەن جەڭ ئېلان قىلغان پەلەستىن ياشلىرىنى بۈگۈن مەن «ئۆزگەرتىش ئەۋلادلىرى» دەپ ئاتايمەن. چۈنكى، ئاللاھ تائالا: ﴿ھەرقانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ﴾(13/«رەئد»: 11) دېگەن.

بۇرۇن پەلەستىنلىك ئانا ئۆز ئوغلى ياكى يولدىشىنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى كەلسە، ۋايساپ كىيىملىرىنى يىرتاتتى. ئەمدى بۈگۈن ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ياكى شەھىد بولغانلىق خەۋىرى كەلسە، خۇشاللىقىدىن تەنتەنە قىلىشىپ، شەھىدلەرنىڭ ئۆيلىرى تاتلىق تۈرۈملەرنى تارقىتىدۇ. ئېنىقكى، ئەھۋال ئۆزگەردى، مانا بۇ – ئالەم تارازىلىرىنى ئۆزگەرتكەن، پەلەستىن خەلقىگە مەۋجۇدلۇقىنى قايتۇرغان «ئۆزگەرتىش ئەۋلادلىرى»دۇر. كىمكى بىر خەلق يەنە بىر ئويغاق خەلقنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئۆچۈرىۋېتەلەيدۇ دەپ خام خىيال قىلغان بولسا، خاتا ئويلىغان بولىدۇ. ئاللاھ خاھلىسا، خەلقىمىز ئۆزىنىڭ دىنى، ئىمانى، جىھادى ۋە قۇربانلىقلىرى بىلەن ھايات ھالدا قالىدۇ.

شەيخ ئەھمەد ياسىننىڭ شەھىد بولۇشى

2003 – يىلى ئالتىنچى سېنتەبىردە شەيخ ئەھمەد ياسىن ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ ھەمراھلىقىدا، غەززەدىكى ئۆيلەرنىڭ بىرىدە تۇرغىنىدا، ئىسرائىل ئۇرۇش ئايروپىلانى قويۇپ بەرگەن راكىتا ئۇ تۇرغان ئۆينى نىشانلاپ، ئۇنىڭ ۋە 15 پەلەستىنلىكنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، لېكىن ئۇنىڭ يارىسى ئانچە خەتەرلىك بولمىغانىدى.

2004 – يىلى 22 – مارت، ھ. 1425 – يىلى سەپەر ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى دۈشەنبە ئەتىگىنى جىنايەتچى كۈچلەر ئۇنىڭدىن ئارام تاپالماي، ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم سۇيىقەست قىلىشقا ئۇرۇندى. ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان شەيخنى غەززەدىكى «ئىسلام بىرلەشمىسى»نىڭ مەسجىدىدىن بامدات نامىزىنى ئوقۇپ چىقىشى ئارىلىقىدا، ئۈچ راكىتا بىلەن بومباردىمان قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئاللاھ يولىدىكى شەھىدلىك مۇھەببىتى بىلەن تەربىيەلەنگەن كۈرەشچان ئەۋلادلارنى ئارقىسىدا قالدۇرغان ھالدا، شەھىدلىككە نائىل بولدى.

ئاجىز تەندىن كۈچلۈك روھ ۋە سۇنماس ئىرادە يېتىلدۈرگەن باھادىر

شەيخ ئەھمەد ياسىننىڭ سۇيىقەستكە ئۇچراش ھادىسىسى ئاددىي ھادىسە بولماستىن، بەلكى ئۇ دۇنيا ھۆرلىرىنىڭ ئوغىسىنى قايناتقان چوڭ بىر ھادىسە ئىدى، شۇنداقلا ئۇ ھادىسە ئەرەب – ئىسلام ئۈممىتىنى ئىسرائىل ئىشغالىيىتى پەلەستىن زېمىنىدا شەكىللەندۈرگەن ھەقىقىي خەتەردىن ئاگاھلاندۇردى.

دوختۇرلار ئۇ سۇيىقەستكە ئۇچرىغان تۇنجى سائەتلەردە، ئاز دېگەندە بەش بوۋاققا ياسىن ئىسمى قويۇلغانلىقىنى بىلگەن.

شەيخ ياسىننىڭ شەھىد بولۇشى پەلەستىن دائىرىسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئەرەب ۋە ئىسلام ئۈممىتى مىقياسىدا ھاماس ھەرىكىتىگە قارىتا زور قوللاش كەلتۈردى.

شەيخ ئەھمەد ياسىننىڭ شەھىد بولۇشى توغرىسىدا يۈسۈف قەرەداۋىي مۇنداق دېگەن: «شەيخ ئەھمەد ياسىننىڭ قېنى ھەرگىز بىكارغا كەتمەيدۇ، بەلكى مۇستەملىكىچىلەرگە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا ئوت ۋە لەنەت بولىدۇ. ئەھمەد ياسىننىڭ شەھىدلىكى مۇستەملىكىچىلەر گۇمان قىلغاندەك، كۈرەشنى ھەرگىزمۇ ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ، بەلكى ئۇلار ئوتنىڭ تېخىمۇ يالقۇنلاۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرىدۇ».

«پالەچ كىشىگە سۇيىقەست قىلىش جىنايەت. بۇ ئىسرائىل دۆلىتىنىڭ تېررورچىلىقىنى، ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ ھالاكىتىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئىسرائىل بۇ جاللاتلىقنى ئامېرىكىنىڭ قورالى، پۇل – مېلى ۋە قوللىشى بىلەن قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ جىنايەتكە ھۆكۈم قىلىدىغان، قاتىللارنى سوتلايدىغان قازى بولغان بولسام، مېنىڭ قارىشىمدا بىرىنچى گۇماندار بوش بولغان بولاتتى».

شەھىد دوكتور ئابدۇلئەزىز رىنتىيسى: «شەيخ ياسىندىنمۇ سەۋرچان كىشىنى كۆرمىدىم، ئۇ ئۆز ھاياتىدا بۈيۈك ئىسلام نەمۇنەسى بولغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ شەھىدلىكى بىلەن بۇ كاتتا ئۈممەتنىڭ تارىخىدا كۆزگە كۆرۈنگەن يېگانە مۇئەللىم بولغانىدى».

«مۇستەملىكىچىلەر ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئالمايدۇ. ئۇلار بۇرۇن پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەن، لېكىن پەيغەمبەرلەر ئەكەلگەن نۇرنى ئۆچۈرۈشتە مەغلۇپ بولغان. بۇ قاتىللار مۇجاھىد شەيخ ئەھمەد ياسىننىڭ ئورۇق تېنىدىن چىققان نۇرنى ئۆچۈرەلمەيدۇ، بەلكى بۇ زور ھادىسە توقۇنۇشنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن بىر باسقۇچقا يۆتكەيدۇ» دېگەن.

 

مەنبە: www.islamstory.com

تەرجىمىدە: ۋەتەنپەرۋەر

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ