يىگىرمىنچى ئەسىردىكى «نۇسەيبە» زەينەب غەززالىي

يىگىرمىنچى ئەسىردىكى «نۇسەيبە» زەينەب غەززالىي

(ھ. 1335 – 1426 / م. 1917 – 2005)

ياسىر مەھمۇد

 

مۇھەممەد جۇبەيلىي قىزى زەينەب غەززالىي م. 1917، 1 – ئاينىڭ 20 – كۈنى مىسىرنىڭ دەقھىلىيە ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى بولسا ئەزھەر شەيخلىرىدىن بىرى ئىدى. زەينەب غەززالىينىڭ دادىسى ئۇنى ئەدەب – ئەخلاقلىق، راستچىل ۋە ئادالەتپەرۋەر قىلىپ يېتىشتۈرگەن ۋە ئىماندىن ئىبارەت كۈچلۈك قورالغا ئىگە قىلىپ تەربىيەلىگەن ھەمدە ئۇنى جۈرئەت ۋە شىجائەتتە مەشھۇر بولغان ئايال ساھابە — نۇسەيبە بىنتى كەئب ئەلئەنسارىي نامى بىلەن «نۇسەيبە» دەپ ئاتىغان ئىدى ۋە زەينەب غەززالىينى ئاشۇ ساھابە ئايالدەك يېتىشتۈرۈشنى كىچىكىدىنلا باشلىغانىدى. ئۇ قىزىغا ياغاچتىن ياسالغان قىلىچنى تۇتقۇزۇپ يەرگە بىر يۇمىلاق دائىرە سىزاتتى ۋە زەينەب غەززالىينى ئىچىگە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭغا:

— ئۇرۇڭە قىزىم! پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دۈشمەنلىرىنى چېپىڭ! — دەيتتى. بۇ ۋاقىتتا كىچىك زەينەب غەززالىي دائىرىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، كىچىك ياغاچ قىلىچىنى ئوڭ – سول، ئالدى – ئارقىسىغا شىلتىيتتى. دادىسى ئۇنىڭدىن:

— ئىسلامنىڭ ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دۈشمەنلىرىدىن قانچىنى ئۆلتۈردىڭىز؟ — دەپ سورىغىنىدا ئۇ:

— بىرنى — دەپ جاۋاب بېرەتتى. دادىسى ئۇنىڭغا:

— يەنە ئۇرۇڭە — دېگىنىدە، ئۇ قىلىچىنى ھاۋاغا شىلتىپ:

— ئىككى… ئۈچ… تۆت… — دەپ ساناشقا باشلايتتى.

ئۇ كىچىكىدىن جۈرئەتلىك ئىدى

زەينەب غەززالىي كىچىكىدىن ناھايىتى جۈرئەتلىك ئىدى. ئۇ يەتتە ياش ۋاقتىدا جۇبەيلىي ئائىلىسىنىڭ بىر يېقىنىنىڭ زەينەب غەززالىي بىلەن بىللە ئوقۇيدىغان قىزى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ. مەكتەپ مۇدىرى بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ قىزلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايدۇ. مۇدىر ئۇلارنىڭ ئالقانلىرىغا ئۇرغىنىدا، ھەممە قىزلار يىغلىشىپ كېتىدۇ. ئەمما، زەينەب غەززالىي مۇدىرنىڭ بۇ ئىشلىرىغا مەسخىرىلىك قاراپ تۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئالقىنىغا تاياق تەگكىنىدە بولسا يىغلاش ئەمەس، ۋايساپمۇ قويمايدۇ. مۇدىر ئۇنىڭغا:

— نېمىشقا ماڭا بۇنداق قارايسەن؟ — دېگىنىدە بولسا گەپ قىلماي جىم تۇرىۋالىدۇ. مۇدىر ئۇنىڭ بۇ ئىشىدىن قاتتىق چۆچۈپ كېتىدۇ ۋە ئۇنىڭ دادىسى بىلەن كۆرۈشۈپ بولغان ئىشلارنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بېرىدۇ، شۇنداقلا ئۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى زەينەب غەززالىيدىن سوراپ بېقىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. دادىسى زەينەب غەززالىيدىن سورىغىنىدا، ئۇ:

— خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئەسلى مەن ئەمەس، پالانى ئىدى، لېكىن ئۇ خاتالىق ئۆتكۈزگەنلەرگە قوشۇپ خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن مېنى ئۇرسا بۇلامدۇ؟ — دەيدۇ.

دادىسى يەنە ئۇنىڭغا:

— شۇنداقتىمۇ، ئۇنىڭغا ئۇنداق نەزەر بىلەن قارىماسلىقىڭىز كېرەك ئىدى، — دېگىنىدە ئۇ:

— ئۇ ماڭا راستتىنلا زۇلۇم قىلغان ئىدى دادا! ئەجىبا سىز ماڭا «ئەقلى – ھوشى جايىدا، ئەقىللىق كىشى ئۈچۈن تاياق دۇرۇس ئەمەس» دەپ ئۆگەتمىگەنمۇ؟! — دەپ جاۋاب قايتۇرىدۇ.

مۇدىر بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن:

— ۋاي، سىز ئۇنىڭغا پەلسەپە ئۆگەتكەنمىدىڭىز، شەيخ غەززالىي! — دەپ ھەيران قالىدۇ.

دادىسى:

— شۇنداق! مەن ئۇنىڭغا ئىسلام پەلسەپەسىنى، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنى رازى قىلىدىغان ئەمەللەرنى ئۆگەتكەنىدىم، — دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

ئاللاھ تائالا ئۇنى قوغداپ قالىدۇ

زەينەب غەززالىي يېڭى زامان پەننىي بىلىملەر بىلەن ئۆزى بىۋاسىتە ئەزھەر شەيخلىرىدىن ئالغان دىنىي بىلىملەرنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئىدى. زەينەب غەززالىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ۋاقىتلىرىدا، بىر كۈنى گېزىت كۆرىۋېتىپ، ھۇدا شەئراۋىي قۇرغان «ئاياللار بىرلەشمىسى»نىڭ ئۈچ قىزنى تاللاپ فرانسىيەگە ئەۋەتمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە ئاياللار بىرلەشمىسىگە بېرىپ ھۇدا شەئراۋىي بىلەن كۆرىشىدۇ. ھۇدا شەئراۋىي ئۇنى تېزلا جەمئىيىتىگە قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇنى تەربىيەلەشكە باشلايدۇ. ئۇ زەينەب غەززالىينىڭ جەمئىيەتتە ئازادە ھەرىكەت قىلىشىغا شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىدۇ ھەمدە ئۇنى نۇتۇق سۆزلەشكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

ھۇدا شەئراۋىي ئۇنى ئۆزىگە ئورۇنباسار قىلىشنى ئويلاشقان ئىدى. زەينەب غەززالىي ناھايىتى تېزلا ئۆز ئىسمىنى فرانسىيىگە بارىدىغانلار قاتارىدا كۆرىدۇ. لېكىن، بىر كۈنى چۈشىدە ۋاپات بولغان دادىسىنى كۆرىدۇ، دادىسى چۈشىدە ئۇنىڭدىن فرانسىيىگە بارماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ مىسىردا فرانسىيىگە بارغاندىنمۇ بەكرەك ياخشى ئىشلارغا مۇيەسسەر قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ دادىسىدىن:

– قانداق ئىشلارغا؟ – دەپ سورىغىنىدا، دادىسى:

– كېيىن بىلىپ قالىسىز، سەپەرگە چىقماڭ! بۇ سەپىرىڭىزدىن مەن رازى ئەمەس، – دەيدۇ. ئۇ چۈشىدىن ئويغىنىپلا، ئۆزرە قويۇپ سەپىرىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ.

ناتىقلىقى

زەينەب غەززالىي ئاياللار بىرلەشمىسىدە، ئۇ يەردىكى بىر قىسىم ئەزالارنىڭ ئۇنىڭ بەزى ئىسلامىي پىكىرلىرىگە بولغان قارشىلىقىغا قارىماي، ناھايىتى ئاۋانگارت ئەزا بولۇپ ئىشلەۋاتاتتى. گەرچە ئۇنىڭ چاقىرىقلىرىغا قارشى چىققۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ چولتا ئەقلى بىلەن ئۇنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ئارقىدا قېلىش ۋە چېكىنىشنىڭ ئالامىتى دەپ چۈشەنسىمۇ، دەرھەقىقەت، بۇ چاقىرىقلار ئىسلامىي گۈللىنىشتىن خالىي ئەمەس ئىدى.

زەينەب غەززالىي ھۇدا شەئراۋىينىڭ «ئاياللار بىرلەشمىسى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ» دېگەن شوئارلىرىنى توۋلاپلا قالماستىن، يەنە ئەزھەرگە پىكرىي جەھەتتىن قاتتىق ھۇجۇم قوزغايدۇ. ئۇ بۇ مەزگىللەردە دەبدەبىلىك ساختا شوئارلارغا ئىشىنىپ قالىدۇ، ھەتتا بىر قېتىم ئونغا يېقىن ئەزھەر شەيخلىرى بىلەن مۇنازىرىلىشىپ، ئۇلارنى يېڭىۋالىدۇ.

زەينەب غەززالىينىڭ ھەقكە ياردەم بېرىشكە ئەھدە قىلىشى

شەيخ مۇھەممەد نەججار دېگەن كىشى زەينەب غەززالىيغا ھېكمەت ۋە گۈزەل ۋەز – نەسىھەتلەر بىلەن يېقىنلىشىشقا بەل باغلايدۇ ۋە ئاياللار بىرلەشمىسىگە بېرىپ زەينەب غەززالىينىڭ ھۇدا شەئراۋىي ۋە ئۇنىڭ جەمئىيىتىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان نۇتۇقلىرىنى ئاڭلايدۇ. ئۇ زەينەب غەززالىي تاكى سۆزىنى تۈگەتكەنگە قەدەر ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى، سۆزلىرىدىكى پاساھەت ۋە قايىل قىلىش كۈچىنى مۇلاھىزە قىلىپ ئولتۇرىدۇ.

زەينەب غەززالىي سۆزىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئالدىغا بارىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىنتايىن مۇلايىملىق بىلەن:

— قىزىم! مېنىڭ سىزگە ئىسلام توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگۈم بار ئىدى، بولامدۇ؟ — دەپ سورىغىنىدا، زەينەب غەززالىي بۇ ئۇستازنىڭ تەلىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالىدۇ. شۇ چاغدا شەيخ قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشقا باشلايدۇ ۋە «ئى ئاللاھ! سېنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىڭنىڭ ھەققى – ھۆرمىتى ئۈچۈن، ئۇنى ئىسلامغا خىزمەت قىلغۇچىلاردىن قىلغىن، سەن ھەممىگە قادىر. مۇبارەك كىتابىڭ ‹قۇرئان كەرىم›نىڭ بەرىكىتى بىلەن ئۇنى ئىسلامغا خىزمەت قىلغۇچىلاردىن قىلغىن، ئالەملەرگە رەھمەت بولۇپ كەلگەن پەيغەمبىرىڭگە سالام ۋە رەھمىتىڭ بولسۇن!» دەيدۇ.

زەينەب غەززالىي شەيخنىڭ دۇئالىرىنى ئاڭلاپ كۆز ياشلىرىنى تۇتۇۋالالماي قالىدۇ. بۇ ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلىدۇ. ئۇ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ، شەيختىن:

— مېنى نېمىشقا ئاللاھ بىلەن ئەمەس دەپ ئويلىدىڭىز؟ مەن ناماز ئوقۇيمەن، روزا تۇتىمەن، «قۇرئان» ئوقۇيمەن ۋە ئاللاھ خاھلىسا، ئەگەر قادىر بولسام پات يېقىندا ھەجگە بارىمەن. مەنمۇ ئاللاھ يولىدا شەھىد بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن ئەمەسمۇ؟! – دەيدۇ.

شەيخ ئۇنىڭغا:

— مەنمۇ سىزنى شۇنداق دەپ ئويلايمەن، — دەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئاخىرىدا بولسا ئۇنىڭدىن:

— سىز بۇ يەردىن چىققاندىن كېيىن يەنە ھۇدا شەئراۋىينىڭ قېشىغا بارامسىز ياكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلەن قالامسىز؟ — دەپ سورايدۇ.

زەينەب غەززالىي:

— مەن ھازىر ھۇدا شەئراۋىي بىلەن بولساممۇ، ئۆزۈمنى يەنىلا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلەن بىللە دەپ بىلىمەن، — دەپ جاۋاب بېرىدۇ ھەمدە ھەقنى قوغداشقا ئەھدە قىلىدۇ. شۇندىن كېيىن ئۇنىڭ شەيخ بىلەن بولغان ئالاقىسى قويۇقلىشىدۇ ۋە بۇ جەريانلاردا ئۇ بۇرۇن ئۆزى خاتا چۈشىنىۋالغان نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى بىلىۋالىدۇ.

ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بۇرۇلۇش

زەينەب غەززالىينىڭ ھاياتىدا يۈز بەرگەن بىر ۋەقە ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ. بىر كۈنى ئۇ ئاشخانا ئۆيىدە تاماق ئېتىۋاتقان ۋاقتىدا، گاز تۇڭى پارتلاپ كېتىدۇ ۋە بەدىنىگە ئوت تۇتىشىپ ئېغىر يارىلىنىپ، چالا ئۆلۈك بولۇپ قالىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئاللاھقا دۇئا قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«ئى رەببىم! ئەگەر سەن بۇلارنى ماڭا ھۇدا شەئراۋىينىڭ جەمئىيىتىگە قاتناشقانلىقىم تۈپەيلى جازا قىلىپ بەرگەن بولساڭ، مەن سېنىڭ مۇبارەك ھۆرمىتىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن ئىستىپا بىرىمەن، ئەگەر سەن بۇلارنى مېنىڭ ھىجابىمنى ئېلىپ تاشلىۋەتكەنلىكىم ئۈچۈن بەرگەن بولساڭ، بۇندىن كېيىن ياغلىقىمنى قايتىدىن بېشىمغا ئارتىمەن. ساڭا شۇنداق ئەھدە بېرىمەنكى، ئەگەر بەدىنىم بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتسا ئاياللار بىرلەشمىسىدىن قول ئۈزۈپ، ئىسلام دەۋىتى ئېلىپ بارىدىغان جەمئىيەت قۇرۇپ، مۇسۇلمان ئاياللارنى ساھابە كىراملەردەك بولۇشقا دەۋەت قىلىمەن ھەمدە دەۋەت ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ پۈتۈن كۈچ – قۇۋۋىتىمنى سېنىڭ يولۇڭغا سەرپ قىلىمەن».

ئاللاھ تائالا بۇ ۋەدىلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا رەھمەت ئاتا قىلىدۇ ۋە مۆجىزىلىك ھالدا مەجرۇھ ھالىتىدىن ساق – سالامەت ساقىيىپ كېتىدۇ.

ئۇنىڭ ئىمان يولىدىكى كۈرىشى

زەينەب غەززالىي مېھرىبان رەببىنىڭ شىپالىق بېرىشى بىلەن ساقايغاندىن كېيىن ئۆز ۋەدىسىدە تۇرۇپ ھىجابلىنىدۇ ۋە ئاياللار بىرلەشمىسىدىن ئىستىپا بېرىپ، 1937 – يىلى «مۇسۇلمان خانىم – قىزلار جەمئىيىتى»نى قۇرۇپ چىقىدۇ.

بۇ جەمئىيەت قۇرۇلۇپلا، ئۇنىڭ ياخشى نامى تاراشقا باشلايدۇ ھەم مىسىرنىڭ ھەممە يېرىگە يېتىپ بارىدۇ ۋە بۇ جەمئىيەتنىڭ شۆبىلىرى 199 غا يېتىدۇ.

زەينەب غەززالىي بۇ ۋاقىتلاردا نۇرغۇنلىغان ۋەز – نەسىھەت ۋە نۇتۇقلارنى سۆزلەيدۇ. ئۇ پۇقرالارنىڭ داۋالىنىشى، يېتىم – يېسىرلارنىڭ تەربىيەلىنىشى، ئائىلىلەرنىڭ ئىسلاھ بولۇشى، ئىشسىز ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەم باشقا دىنىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە باشچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ.

باتىلغا قارشى تۇرۇشى

شۇ ۋاقىتلاردا تاھا ھۈسەين مىسىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرى ئىدى. ئۇ بىر فرانسىيىلىك داڭلىق شەرقشۇناسنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن، ئەھمەد ئىبنى تولۇن مەسجىدىنىڭ مەيدانىدا بىر مەيدان ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزمەكچى بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا زەينەب غەززالىي ئەھمەد ئىبنى تولۇن مەسجىدىدە بەش مىڭغا يېقىن ئايالغا دەرس ئۆتۈۋاتقان بولۇپ، بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلىنىدۇ. ئۇ شۇ كۈنلۈك دەرسنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئاياللارغا شۇنداق خىتاب قىلىدۇ:

— ئارىمىزدا شەھىد بولۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان، جەننەتكە پەقەت ئۆلۈمدىن ئىبارەت بىرلا يول قېپقالغان بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار بارمۇ؟

شۇ يەردىكى ھەممە ئاياللار:

— ئاللاھۇ ئەكبەر! ئاللاھۇ ئەكبەر!…

مانا مەن بار! مانا مەن بار! مانا مەن بار! — دېيىشىپ كېتىدۇ.

زەينەب غەززالىي تاھا ھۈسەيننىڭ قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى ئۇلارغا سۆزلەپ بېرىدۇ ھەمدە ئۇلاردىن بۇ كېچىلىكنى توسۇپ قېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاياللار شۇ ھامان ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ كېچىلىك ئۈچۈن تەييارلانغان چېدىر ۋە باشقا بارلىق ئەسلىھەلەرنى بۇزۇشقا باشلايدۇ. شۇ ۋاقىتتا ساقچىلار كېلىپ زەينەب غەززالىينى قولغا ئالماقچى بولغاندا بولسا، نۇرغۇنلىغان ئاياللار مەسجىد ئالدىدا ئولتۇرۇۋالىدۇ ۋە ساقچىلارغا:

— ئەگەر زەينەب غەززالىينى مەسجىدتىن ئېلىپ چىقىپ كەتمەكچى بولىدىكەنسىلەر، بىزنىڭ جەسەتلىرىمىزمۇ تەڭ چىقىدۇ! — دېيىشىپ، پارتلاش ئالدىدىكى يانار تاغدەك بولۇشۇپ كېتىشىدۇ.

بۇ ئىشلار يوغىناپ ھەتتا ئەينى ۋاقىتتىكى باش مىنىستىر مۇستاپا پاشا نەھھاسقىمۇ يېتىدۇ. ئۇ بۇ كېچىلىكنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىدۇ ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

ياخشىلىققا كۈچ قوشۇشى

ھ. 1357 / م. 1937 – يىلى زەينەب غەززالىي «مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى» بىلەن ئالاقە باغلايدۇ. ئەسلى ئۇ «مۇسۇلمان خانىم – قىزلار جەمئىيىتى»نى قۇرۇپ ئالتە ئايدىن كېيىنلا، «مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى»نىڭ قۇرغۇچىسى شەھىد ھەسەنۇلبەننا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ بىللە ئىشلەش تەكلىپىنى بېرىدۇ، لېكىن زەينەب غەززالىي ئۇ چاغدا بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئەمما، ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا زەينەب غەززالىي «مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى» بىلەن بىرلىشىدۇ ۋە 1948 – يىلنىڭ بېشىدىكى «مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى»نى تارقىتىۋېتىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئىسلامغا بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇش ئۈچۈن، تېلېگرامما ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بەيئەتنامىسىنى ئەۋەتىپ، ئۆزىنى ئاللاھ يولىدا دەۋەت خىزمەتلىرىگە ئاتىۋېتىدۇ ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەڭ غوللۇق ئەزاسىغا ئايلىنىدۇ.

قەيسەرلىكى

1952 – يىلىدىكى يانۋار ۋەقەسىدە ئۇ باشتىن ئاخىر قەيسەرلىك بىلەن تۇرىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا مىسىرنىڭ ھەربىي ھوقۇقى مۇھەممەد نەجىبنىڭ قولىدا بولۇپ، بۇ ۋەقەدىن كېيىن زەينەب غەززالىي بەزى ئىشلارنىڭ ئۆزى ئويلىغىنىدەك ئۇنداق ئاسان ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى. بولۇپمۇ، ئۇ بەزى ئالىم – ئۆلىمالار قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن تېخىمۇ شۇنداق بولدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ شۇ چاغدىكى سىياسەتكە قاتتىق قارشى تۇرىدۇ ھەمدە تۈرمىگە تاشلىنىپ قاتتىق قىيىن – قىستاققا ئېلىنىدۇ. ئۇ تۈرمىدە توكقا سوقتۇرۇلۇش، ئىززەت – ئابرويى تەھدىتكە ئۇچراش، قامچىلىنىش، غالجىر ئىتلارغا تالىتىلىش، چاشقان ۋە ھاشارەتلەر بىلەن بىللە سولاپ قويۇلۇش، يېمەكسىز ۋە ئۇسسۇز قالدۇرۇلۇش، قەبىھ تىللار بىلەن ھاقارەتلىنىش… قاتارلىق بېسىملارغا قارشى قەتئىي ئىرادىسى ۋە قەيسەرلىكى بىلەن تىك تۇرىدۇ. ئۇنىڭ: «يا رەببىم! ماڭا خاھلىغىنىڭنى بەرگىن» دېگەن دۇئاسى بىلەن تاكى ئۇ 1970 – يىلى ئەنۋەر سادات ھاكىمىيەت بېشىغا چىققانغا قەدەر ئاللاھ ئۇنىڭ سەۋرىنى سىنايدۇ.

ۋاپاتى

زەينەب غەززالىي تۈرمىدىن چىققاندا تېخىمۇ قەيسەرلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ چىقىپلا دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىگە ئارىلىشىشقا باشلايدۇ، ئونلىغان دۆلەتلەرگە زىيارەتكە بارىدۇ، كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئالاھىدە ئىززەت – ئىكرامغا نائىل بولىدۇ. ئۇ يەنە «زىندان خاتىرىسى»(ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان)، «تىرىلىش»، «ئاللاھنىڭ كىتابىغا نەزەر»، «قىز – ئوغۇللار ئوتتۇرسىدىكى مۇشكىلاتلاردىن بالىلىرىمغىچە» قاتارلىق كىتابلارنى يېزىپ چىقىدۇ. مۇشۇنداق شانلىق تارىخنى قالدۇرغان بۇ ئىسلام قىزى 2005 – يىلى 8 – ئاينىڭ 3 – كۈنى پەيشەنبە 88 يېشىدا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدۇ.

ئۇ بىزگە ھەقىقەت ئۈچۈن ياشاشنىڭ نېمىلىكىنى بىلدۈرۈپ، باتىلغا قارشى ھەقتە چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرسىتىپ قويغان ئىدى.

 

مەنبە: http://woman.islammessage.com/article.aspx?id=5822

تەرجىمىدە: خۇشپىئىل

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ