ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھەجنى نىيەت قىلغان ھالدا ھەرەمگە بېرىپ مىيقاتتا ئىھرامنى باغلاپ مەككەگە كىرگەندىن كېيىن، ساقچىلار تۇتۇۋېلىپ ئەرافاتقا چىقالماي ھەج قىلالمىدىم. ئەمدى قانداق قىلىشىم كېرەك؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەجگە ياكى ئۆمرەگە ئىھرام باغلىغان كىشى تاكى تاماملىغانغا قەدەر ئىھرامدىن چىقمايدۇ. ئىھرامنى سېلىۋەتسە، ئەلبەتتە گۇناھكار بولىدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿ھەج بىلەن ئۆمرەنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق تاماملاڭلار، توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار، نېمە ئوڭاي بولسا شۇنى قۇربانلىق قىلىڭلار، قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال جايىغا يەتمىگىچە بېشىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار﴾(2/«بەقەرە »: 196) دېگەن.
شۇڭا، ھەجگە ئىھرام باغلىغان كىشى دۈشمەن ياكى كېسەللىك ياكى ساقچى توسۇۋېلىشى دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلى ئەرافاتقا چىقالمىغان بولسا، ئەرافات قولدىن كەتكەن بولسىمۇ ھەجنىڭ باشقا تاش ئېتىش، تاۋاپ، سەئيى ۋە ھەدىيە قۇربانلىقلار دېگەندەك پائالىەيتلەردىن قىلالىغىنىنى قىلىشى، شۇنداقلا ھەجنى قىلالمىغانلىقىغا قارىتا ئايرىم بىر قوي قان قىلىشى كېرەك. قان قىلىپ ئاندىن چېچىنى چۈشۈرۈپ ئىھرامدىن چىقالايدۇ. قان قىلماستىن ئىھرامدىن چىقىپ كەتسىمۇ، ئىھرامنى سېلىۋەتسىمۇ، يەنىلا ئىھرام ھالىتىدە بولىدۇ. يەنى «ئىھرامدىن چىقىپ كەتتىم» دېگەن خىيالى ئۆزىنىڭ خىيالى خالاس. ئەمەلىيەتتە ئۇ كىشى ئىھرامدا. ئۇ كىشى يەنىلا ئىھرامدا بولغاچقا، ھەجنى تاماملىغانغا قەدەر ئىھراملىق ھالەتتىكى چەكلىمىگە رىئايە قىلمىغان ھەر بىر قىلمىشى ئۈچۈن ئايرىم – ئايرىم جازا / فىديە كېلىدۇ. مەسىلەن، ئايالى بىلەن بىرگە بولسا بىر قان. چاچ چۈشۈرگەنگە ئايرىم فىديە. بېشىنى يۆگىۋالسا ئايرىم فىديە. خۇشپۇراق ئىشلەتسە، كىيىم كېچەكلىرىنى كىيىۋالغانغا ئايرىم… ۋەللاھۇ ئەئلەم.

