84 – سوئال:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر دوستىمىز ئائىلە ئىشلىرىدا ۋە باشقا ئىشلىرىدا بىر ئاز قىيىنچىلىق، كۆڭۈلسىزلىك بولۇپ قاتتىق ئىچى سىقىلىش ئىچىدە ئىكەن. بۇ ئىشلىرىنىڭ ئاسان بولىشى ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلايلى دېيىشىپتۇ. دۇئادىن بۇرۇن بىرقانچە يېقىنلار بىرلىشىپ: «لَا إِلَهَ إِلَّا أَنْتَ سُبْحَانَكَ إِنِّي كُنْتُ مِنْ الظَّالِمِينَ دېگەن دۇئانى 71 مىڭ قېتىم ئوقۇساق دېيىشىپتۇ. بۇنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى نېمە؟ مۇشۇنداق قىلساق جائىزمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ دۇئانىڭ پەزىلىتى ھەققىدە سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «يۇنۇس ئەلەيھىسسالام بېلىقنىڭ قورسىقىدا تۇرۇپ: «لَا إِلَهَ إِلَّا أَنْتَ سُبْحَانَكَ إِنِّي كُنْتُ مِنْ الظَّالِمِينَ / ئى ئاللاھ! سەندىن باشقا ئىلاھ يوق، سەن كەمچىلىكلەردىن پاكسەن، ھەقىقەتەن مەن زالىملاردىن بولدۇم» دەپ دۇئا قىلغانىدى. قانداق بىر مۇسۇلمان بۇنىڭ بىلەن قانداق بىر ئىشتا دۇئا قىلسا، ئاللاھ چوقۇم ئۇنى ئىجابەت قىلىدۇ»(تىرمىزى: 3505).

شەكسىزكى، ئاللاھنىڭ زىكرى، قۇرئان تىلاۋىتى ۋە دۇئا قاتارلىق ئەمەللەرنى بىر يەرگە يىغىلىپ ئوقۇش ئەڭ پەزىلەتلىك ئەمەللەردىن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى 71 مىڭ ئوقۇش ھەققىدە پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بىرەر كۆرسەتمە كەلمىگەن. شۇڭا، بۇ سانغا ئۆزىمىزنى باغلىۋالماستىن كۆپ قېتىم ئوقۇساق ۋە شۇ دۇئادا ئىخلاس بىلەن گۈزەل تىلەكلىرىمىزنى تىلىسەك بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ