59 – سوئال:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ياخشى تۇرۇۋاتاملا؟ ئاللاھ ئىلىملىرىنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن. مەقسەتكە كەلسەك، تۈركىيەنىڭ ئىقتىساد ئىشلىرى كۈندىن – كۈنگە چېكىنىپ كېتىپ بارغان بۇ كۈنلەردە بەزى نەق پۇللارنى دوللار قىلىپ ساقلاشقا توغرا كەلدى. ھازىر دۇنيا ۋەزىيىتىگە نەزەر سالساق، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىر – بىرسىدىن چوڭ بولۇش قارا نىيىتى بىلەن دوللار كۈچىنى يوقىتىپ قويىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ شۇنداق بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى. خىتتاي، رۇس ۋە ئىراندەك دۆلەتلەر مۇناسىۋەت ئىشىدا دوللارنى ئىشلەتمەسلىكتەك بىر نىشانغا قاراپ كېتىپ بارىدۇ. ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن لىراغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ. دوللارنىڭمۇ كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىپ بارىدۇ. پۇلغا ئالتۇن ئېلىپ قويساق، ئوغرىلار ئالتۇن تونۇيدىغان سايمان بىلەن ئوغرى ئېلىش خەتىرى تېخى يامان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ پۇل تاپماقنىڭ تەسلىكىدە ئىسلام بۇ خەتەرگە قاراپ تۇرمايدۇ. «بىرەر يول بولۇپ قالارمۇ» دەپ سوئال بېرىلدى. مەسىلەن «ئالتۇن – كۈمۈش ئۆزىنى تۇتۇپ تۇرىدۇ» دېگەندەك بىر مۇلاھىزەلەر بولۇۋاتىدۇ. ئەمدى ئالتۇن – كۈمۈشنى ساقلاش مەسىلىسى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالتۇن – كۈمۈشنى پەقەت پۇلىمىزنىڭ قىممىتىنى تۇتۇپ تۇرۇش مەقسەتتە بانكىدىن ئېلىپ قويساق شەرىئەتتە رۇخسەت بارمىدۇ؟ يەنە بىر گەپ «ئەمىن ئەۋىم»نى توختاتتۇق، پايچەكنى توختاتقان بولدۇق. مۇسۇلمانلارنىڭ مۇشۇنداق ئىقتىسادىي چىقىش يولى ئېتىلىپ كېتىپ قالارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئالتۇننى ئۆيدە ساقلاش ئوغرىغا بېرىش خەۋپى سەۋەبلىك بىخەتەر بولمىسا بانكىدىن كاسا ئىجارىلاش بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ. ئەمما، بانكا ھەقىقىي (فىزىكىي) ئالتۇن – كۈمۈش ساتمىغاچقا، مەيلى قايسى مەقسەتتە بانكىدىن ئالتۇن – كۈمۈش سېتىۋېلىش جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ سودا ئوبيېكتى ئالتۇن – كۈمۈش ئەمەس. پەقەت ئىسىمدا شۇنداق ئاتىلىدۇ. بۇ يوق نەرسىنى سېتىش ھەم جازانە دائىرىسىگە كىرىدۇ. مۇبادا بانكا سىزگە ھەقىقىي ئالتۇن – كۈمۈشنى نەق سېتىپ ئۇنى سىز ئۈچۈن سېرىيال نومۇرى بىلەن شۇ پېتى ساقلاپ بەرسە ئىدى. جائىز بولاتتى. ئەپسۇسكى، بۇ خىل تىجارەت بانكىلاردىكى مەۋجۇد سىستېمىدا يوق. بانكىلاردا ئەمەلىيەتتە يوق ئالتۇن – كۈمۈشنى «ئېلىپ – ساتتۇق» دەيدىغان مەۋھۇم تىجارەت سىستېمىسى بار. بۇ شەرىئەتتە ئېغىر قىلمىش بولغان جازانە ھېسابلىنىدۇ. «ئەمىن ئەۋىم»، پايچەك، فورىكىس، شاخلىتىپ سېتىش … بۇلار ھەممىسى ئىسلام ھالال قىلغان تىجارەت ئەمەس، ھارام قىلغان جازانە. «ئاللاھ ئېلىم – سېتىمنى ھالال قىلىپ، جازانەنى ھارام قىلغان». شۇڭا، بۇلاردىن توختاش ئەقەللىي مۇسۇلمانلىق تەقەززاسى. بۇلار ھېلىغۇ مۇسۇلمانلاركەن، كافىرلار ئۈچۈنمۇ ئىقتىسادىي چىقىش يولى ئەمەس. ئەكسىچە، خانىۋەيرانلىق يولىدۇر. ئېلىم – سېتىم، تىجارەت يولى ھېچقاچان ئېتىلىپ قالغىنى يوق. جاپاسىز، خەۋپسىز، مېھنەتسىز ساپلا ھارام ئىشقا كىرىۋېلىپ ئۇنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئەسكەرتىلسە، «يول تاقىلىپ قالدى» دېسەك بولمايدۇ. چۈنكى، ئەسلىدىلا ئۇ يول «مۇسۇلمان»غا تاقاق يول ئىدى.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ