60 – سوئال:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت قىلسۇن، ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن. مەقسەتكە كەلسەك. مەن نورۋېگىيەدە تۇرىمەن. قۇربانلىق قىلىش ئىقتىسادىم بولسىمۇ. قۇربانلىق قىلىش شارائىتىم يوق. نورۋېگىيە دىنىي ئىشلار مۇپتىلىكىدىن 1500 كۇرۇن يەنى 4300 لىراغا تەڭ كېلىدىغان پۇلنى ئېھتىياجلىقلارغا بەرسە قۇربانلىق ئادا تاپىدۇ دەپ پەتۋا چىقىرىپتۇ. بۇ پەتىۋانىڭ ئاساسى قۇربانلىق قىلىنغان گۆشنىڭ بىر قىسمىنى مېھمان ئۈچۈن، بىر قىسمىنى ئۆزى ئۈچۈن، بىر قىسمىنى ھەدىيە قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ چىقىرىلدىمۇ. بۇنى بىلمىدۇق، ئەمما قايىل بولمىدىم.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرىدىن بىر پەتىۋا سورىغۇم كەلدى. 1) جەزمەن قۇربانلىققا باش كېسىپ گۆش يېيىش ياكى شۇ گۆشتىن ئېھتىياجلىقلارغا بېرىش شەرتمۇ؟ 2) قۇربانلىق قىلماقچى بولغان پۇلنى ئېھتىياجلىقلارغا بەرسەم بولامدۇ؟ 3) قۇربانلىققا ئاتاپ قويغان پۇلنىڭ قانچە پىرسەنتىنى بېرىشىم شەرت ياكى ھەممىسىنى بەرسەم بولامدۇ؟ 4) مەندىن قۇربانلىق ئۈچۈن ئالغان ئېھتىياجلىق كىشى قۇربانلىق قىلماستىن، زۆرۈر بولغان ئېھتىياجلىرىغا ئىشلەتسە بولامدۇ؟ ھۆرمەت بىلەن ئابدۇقادىر.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھ ئىگەم ئۆزلىرىنى ۋە ياۋروپادىكى قېرىنداشلارنى سالامەت ۋە دىندا مۇستەھكەم قىلسۇن! سىز بۇ ئەھۋالدا باشقا دۆلەتلەردە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلارغا قۇربانلىق پۇلىنى ئەۋەتىپ ئۇلارغا قۇربانلىق قىلىشنى تاپشۇرسىڭىز مەسىلە ھەل بولىدۇ. سىز پۇلنى تاپشۇرغان ئېھتىياجلىق كىشى قۇربانلىق قىلماستىن، زۆرۈر بولغان ئېھتىياجلىرىغا ئىشلەتسە بولمايدۇ. چوقۇم قۇربانلىق قىلىشى كېرەك. قۇربانلىق قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ كىشى گۆشىنى سېتىپ خەجلىسە مەيلى. پۇلنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «سىز ئۈچۈن قۇربانلىق قىلدىم» دەپ يالغان ئېيتىپ قويۇپ، ئەمەلىيەتتە قۇربانلىق قىلمىسا، سىزنىڭ قۇربانلىقىڭىز ئادا بولىۋېرىدۇ. گۇناھىغا شۇ كىشى مەسئۇل.

قۇربانلىقنىڭ ھەممىسىنى ياكى كۆپ قىسمىنى ئۆزى يېسە، ياكى سەدىقە قىلىۋەتسە، ياكى ھەدىيە قىلىۋەتسىمۇ مەيلى. ئىمام مالىك ئايەت – ھەدىسلەردە مەلۇم چەك بېكىتمىگەن بولغاچقا: «قۇربانلىقىنىڭ گۆشىدىن ئۆزىمۇ يەيدۇ، باي – كەمبەغەللەرگە خاھلىسا خام بېرىدۇ، خاھلىسا پىشۇرۇپ يېگۈزىدۇ. ئۇلاردىن پەقەت مۇسۇلمانغىلا يېگۈزىدۇ. ئۆزى يەيدىغان، بېرىدىغان ۋە سەدىقە قىلىدىغان مىقدارنىڭ چېكى يوق» دېگەن.

بەزى ئالىملار ئۈچتىن بىرىنى ئۆزى يەپ، ئۈچتىن بىرىنى باشقىلارغا يېگۈزۈپ، ئۈچتىن بىرىنى سەدىقە قىلىشنى ئەڭ ئەۋزەل، دەپ قارىغان. بۇ مەزمۇندا ئىبنى ئابباس ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار قاتارلىق بەزى ساھابەلەرنىڭمۇ ئۈچ ئۈلۈش قىلىپ تەقسىم قىلغانلىقى ھەققىدە ئىش – ئىزلار كەلگەن. دېمەك، قۇربانلىقنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ئۈچتىن بىرىنى پېقىرلەرگە يېگۈزۈش شەرت ئەمەس. مۇستەھەب دەپ قارالغان ئىش.

نۇرۋىگىيە دىنىي ئىشلار مۇپتىلىكىنىڭ مەزكۇر پەتۋاسى بەلكىم نۇرۋىگىيەدە قوي سويۇش ئىمكانىيەتنىڭ يوقلۇقىغا ۋە «ئۈچتىن بىرىنى ئۆزى يەپ، ئۈچتىن بىرىنى باشقىلارغا يېگۈزۈپ، ئۈچتىن بىرىنى سەدىقە قىلىش ئەۋزەل» دېگەن قاراشقا تايانغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، بۇ پەتۋا ئايەت – ھەدىسلەرگە زىتتۇر. چۈنكى، قۇربانلىققا مال بوغۇزلىماي، مال ئالىدىغان پۇلنى نامراتلارغا سەدىقە قىلسا قۇربانلىق ئادا بولمايدۇ. گۆش سېتىۋېلىپ، نامراتلارغا تارقىتىپ بەرسىمۇ، ھەتتا تىرىك قوي سېتىۋېلىپ، سەدىقە بەرسىمۇ قۇربانلىق ئوخشاشلا ئادا بولمايدۇ. قىلغىنى پەقەتلا ئادەتتىكى سەدىقە بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئىبادەت قان ئېقىتىشتىن ئىبارەت.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿(كەئبەگە ھەدىيە قىلىنىدىغان) تۆگىلەرنى سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىن قىلدۇق، ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن پايدا باردۇر. شۇڭا، ئۇلارنى قاتار قىلىپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ، ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىڭلار. بېقىنلىرى يەرگە تەگكەندە، ئۇنىڭدىن ئۆزەڭلارمۇ يەڭلار، قانائەتچان موھتاج ۋە سائىلغىمۇ يېگۈزۈڭلار. سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ، ئۇلارنى بىز سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ياكى قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، بەلكى تەقۋادارلىقىڭلار يېتىدۇ. ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئەھكاملىرىغا يېتەكلىگەنلىكىدىن ئۇنى ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنى سىلەرگە ئاشۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش بېشارەت بەرگىن﴾(22/«ھەج»: 36، 37).

ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ ئېيتىدۇ: «چۈنكى، بوغۇزلاش بىلەن قان ئېقىتىشنىڭ ئۆزى ئالاھىدە مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئىبادەت ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرىدە ناماز بىلەن بىللە تىلغا ئېلىنغان: ﴿پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە ﺑﻮﻏﯘﺯلىغىن﴾(108/«كەۋسەر»: 2)؛ ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم) دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەت – ئىبادەتلىرىم) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر﴾(6/«ئەنئام»: 162). دېمەك، ھەربىر شەرىئەتتە ناماز بىلەن قۇربانلىق باردۇر. باشقا بىر ئىبادەت ئۇنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ھەج تەمەتتۇﺋ ياكى ھەج قىران قىلغاندا قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئورنىغا قۇربانلىقنىڭ پۇلىنىڭ نەچچە ھەسسىسىنى سەدىقە بەرسىمۇ، ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرالمايدۇ. قۇربانلىقمۇ شۇنداق».

دېمەك، كەئبەگە ھەدىيە قىلىنىدىغان قۇربانلىق، ھېيت قۇربانلىقى ۋە ئەقىقە قاتارلىقلار دىننىڭ ئالامەتلىرى، شوئارلىرى ۋە بەلگىلىرىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدۇر. ئەگەر قۇربانلىققا مال سويماي، نامراتلارغا پۇل ياكى گۆش تارقىتىپ بېرىش ئەۋزەل بولىدىغان بولسا ياكى قۇربانلىقنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان بولسا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەلبەتتە شۇنداق قىلغان بولاتتى.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ