43 – سوئال:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئايال كىشى پەرز ھەج ياكى ئۆمرە قىلغان ۋاقىتتا پۇتىمىزغا نورمال ئاياغ كىيسەك بولامدۇ؟ پۇتىمىزنىڭ ئۈستىنى يېپىپ تۇرىدىغان ئاياغ كىيىمىزمۇ ياكى ئىسلام دىنىمىزدا چەكلىمە يوقمۇ؟ شۇنىڭغا جاۋاب بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ئاياللار ئىھرام باغلىغاندا يۈزى بىلەن قولىدىن باشقا يەرلىرىنى يۆگەيدىغان، ئادەتتىكى، خۇشبۇي پۇرىقى يوق كىيىملىرىنى كىيىدۇ. كىيىمگە مەلۇم رەڭمۇ شەرت ئەمەس. ئاياغ ۋە پايپاق كىيىشمۇ چەكلەنمەيدۇ. بۇنىڭدا ئاياللار ئەرلەردىن پەرقلىنىدۇ. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىستە، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما سۆزلەپ بەرگەنكى: «بىر ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ:

— ئى رەسۇلۇللاھ! بىزنى ئىھرام باغلىغاندا قانداق كىيىم كىيىشكە بۇيرۇيلا؟ — دېگەنىدى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— كۆينەك، سەللە، ئىشتان، دوپپىلىق جىلبابلارنى كىيمەڭلار! پەقەت قونچسىز كەش تاپالمىغان ئادەم قونچلۇق كەشنىڭ قونچىنى ئوشۇقىدىن تۆۋەن قىلىپ كېسىۋېتىپ كىيسۇن. زەپەر ۋە زەرچىۋە بىلەن بويالغان كىيىمنى كىيمەڭلار! ئىھراملىق ئايال يۈزىنى ياپمايدۇ، پەلەي كىيمەيدۇ، — دېدى»(بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي، (1838)؛ مۇسلىم، (1177)).

دېمەك، بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىھرامدىكى ئاياللارنىڭ تاكى ئىھراملىق ھالەتتىن چىقىپ بولغۇچە يۈزىنى يۆگىۋېلىشىنى ۋە پەلەي كىيىۋېلىشىنىلا چەكلىگەن. قونچسىز كەشنى ئاياللارغا ئەمەس، ئەرلەرگىلا چەكلىگەن.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئاياللار ئۈچۈن ئىھرام باغلىغاندا ئالاھىدە ئىھرام كىيىم – كېچەكلىرى ياكى پۇتىغا كىيىدىغان قونچسىز كەش شەرتى يوق. پايپاق بىلەن ئۈستى ئوچۇق كەش ياكى قونچسىز ئاياغ كىيسىمۇ ياكى ئادەتتە كىيگەن ئاياغ ۋە كىيىملىرىنى كىيسىمۇ بولىۋېرىدۇ، ۋەللاھۇ ئەئلەم.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ