41 – سوئال:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۈزۈك سالدۇرغان ئىدىم. پەرز ھەج ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان. شۇڭا، ئۈزۈكنى ئالدۇرۇۋەتمەي بارسام ھەجىم توغرا بولامدۇ؟ شۇنىڭغا پەتۋا بەرگەن بولسىلىرى. ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن! مەن بۇ پەتۋالىرىنى ئاللاھنىڭ ئالدىغا ھۆججەت قىلىپ بارىمەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ئۈزۈكنىڭ ھەج ياكى باشقا ئىبادەتلەرنىڭ توغرا – خاتا بولۇشى بىلەن ئالاقىسى يوق. پەقەتلا ئۈزۈك سەۋەبلىك ھەيز قالايمىقانلىشىش كېلىپ چىققاندا، ھەج مەزگىلىدە سەپەر قىستاپ قالغان چاغدا ئىفازەت تاۋاپىنى قىلىشتا كېچىكىشكە تەسىرى بولۇشى مۇمكىن. ھەيز قالايمىقانلاشمىسا تەسىرى بولمايدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ