40 – سوئال:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مەن توردا سودا قىلىدىغان تىجارەتچى بولىمەن. خېرىدارلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرسام دۇرۇس بولامدۇ؟ پەتۋا بەرگەن بولسىلا. ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن، ۋاقىتلىرىغا بەرىكەت بەرسۇن! «4 قۇتا كاپسۇل سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرچە سىستېمىلىق 3200 لىرا قىممىتىدىكى 7 لىتىرلىق خېمىر يۇغۇرۇش ماشىنىسى چەك تاشلاش پائالىيىتىگە قاتنىشىۋېلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. سىزگە چىقمىسا يەنە كۆڭلۈمدىن چىقىرىپ خېرىدارلارنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىپ كەلگەن چاچ سوپۇنىدىن بىرنى ھەدىيە قىلىمەن، ئىشقىلىپ زىيان تارتمايسىز. يېڭى ئىشلەپچىقىرىلغان كاپسۇل 2 يىللىق ساقلاش ۋاقتى بار. بۇنداق پۇرسەت ھەردائىم كەلمەيدۇ. پۇرسەتنى قولدىن بەرمىگەيسىلەر. 20 سان بىلەن چەكلىنىدۇ».

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. سىز بۇ چەك تاشلاش پائالىيىتىنى قىلغاندا مەھسۇلاتنىڭ ئادەتتىكى باھاسىنى ئۆرلىتىۋېلىپ ساتىدىغان بولسىڭىز _ مەسىلەن، بىر قۇتىنى ئادەتتە 450 لىرادىن 4 قۇتىنى 1800 گە ساتىدىغان بولسىڭىز، بۇ پائالىيەتنى قىلغاندا ھەر قۇتىسىنىڭ باھاسىنى 500 لىراغا ئۆرلىتىپ 4 قۇتىنى 2000 گە ساتسىڭىز _ بۇنداق سېتىشىڭىز توغرا ئەمەس. خېرىدارنىڭمۇ بۇ تۈردە تاۋار سېتىۋېلىشى توغرا ئەمەس. چۈنكى، ئۇ بۇ تاۋارنى مۇكاپات ئۇتۇش ئۈچۈن سېتىۋالغان بولۇپ، ئۇ ئارتۇق تۆلىگەن _ 200 لىرا _ پۇل مۇكاپات ئۇتۇش ئۈچۈن بولىدۇ. ئۇتالامدۇ – ئۇتالمامدۇ؟ بۇ نامەلۇم. شۇڭلاشقا بۇ تەلەي سىناشقا ۋە قىمارغا ياتىدۇ.

مەھسۇلات سېتىۋېلىش مەھسۇلاتنى ئىشلىتىش ياكى باشقىلارغا پايدىسىغا سېتىش ئۈچۈن بولۇشى، ھەرگىزمۇ ئېتىبارلىق پائالىيەتلەر، مۇكاپاتلار ۋە ئۇتۇشلار ئۈچۈن بولماسلىقى لازىم. بولمىسا، سودىدىن تاۋار سېتىۋېلىپ ئىستېمال قىلىش ياكى ئۇنى سېتىپ پايدا ئېلىش كۆزلەنمەي، ئېتىبارلىق پائالىيەتلەر، تەلەي سىناش مۇسابىقىلىرى، مۇكاپاتلار كۆزلەنگەن بولىدۇ – دە، بۇمۇ يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى چەكلەنگەن دائىرىگە كىرىپ قېلىشى ئېھتىمالدىن يىراق بولمايدۇ. بۇ تۈرلۈك سودىنى بەزى ئالىملار مۇتلەق چەكلەيدۇ. چۈنكى، بۇ سودا گەرچە كۆرۈنۈشتە نورمال سودا شەكلىنى ئالسىمۇ، نىيەت جەھەتتىن تاۋار سېتىۋېلىپ پايدىلىنىشتىن تەلەي سىناش ۋە ئۇتۇش دائىرىسىگە ئۆتۈپ كەتكەن. يەنە بەزى ئالىملار يۇقىرىقى پائالىيەتتە: «باھا ئۆستۈرۈۋالماسلىق ۋە مۇكاپاتلا كۆزلەپ سېتىۋالماسلىقتىن ئىبارەت ئىككى شەرت بىلەن مۇباھ» دەپ قارىغان بولسىمۇ، بۇ خىل قىزىقتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى ياخشى ئەمەس. خېرىدارلارمۇ بۇ ئەھۋالدا مۇكاپاتنىلا كۆزلەپ بۇ سودىغا كىرسە توغرا بولمايدۇ. بۇنىڭ ئورنىغا تاۋار ئىگىسى يا تاۋارنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ ئەرزان سېتىش، يا تاۋارنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرمەي تاۋارغا بىرەر مۇكاپات قېتىپ سېتىشى ھارامدىن ۋە شۈبھىدىن يىراق قىلىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ