ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ قانداق ئەھۋاللىرى؟ دوكتور! ئاللاھ ئىلملىرىنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن. بىرقانچە سوئاللىرىم بار ئىدى. 1) پۇلنى بۇلتۇر رامازاننىڭ ياقى ماشىنا ئېلىپ – سېتىشقا دەسمىي سېلىپ، بۇ يىلغا قەدەر لىراغا قارىسا پايدا چىققاندەك، دوللارغا سۇندۇرسام زىيان بار. بۇ پۇلغا زاكات كېلەمدۇ؟ 2) بەش، ئالتە يېتم بالسى بار ئايالغا شۇ ئايالنى ئېلىپ بالىلىرىنى بېقىشىپ بېرىشنى ئويلىغان ئاساستا (تېخى ئالماقلىق) زاكاتنى بەرسەك، ئەجىر كەملەپ كېتەمدۇ؟ ياكى ياخشى شۇمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. 1) بۇ تىجارەتكە سالغان مەبلەغ بولغاندىكىن، پايدا چىقسۇن ياكى زىيان چىقسۇن، سالغان مەبلەغگە 2.5 پىرسەنت زاكات كېلىدۇ. 2) تېخى نىكاھلاپ ئالمىغان بولسا دۇرۇس بولىدۇ. ھەتتا نىكاھلاپ ئالغاندىن كېيىنمۇ، ئۇ يېتىم بالىلار ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرى بولمىغاندىكىن، ئۇ بالىلارغا زاكاتلىرى دۇرۇس كېلىشى مۇمكىن.

