ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بەدخەجلىك قىلىدىغان (قەرزى تۈگىسە يەنە قىلىشى مۇمكىن) ۋە شۇ سەۋەبلىك بانكىنىڭ ئۆسۈملۈك قەرزىگە كىرىپ قالغان كىشىگە قەرزىنى تۆلىۋېلىشى ئۈچۈن زاكاتتىن بېرىشكە بولامدۇ؟ زاكات يىغىدىغان كىشىلەرگە مانداق يەرگە (زاكات ئىشلىتىش جائىز بولىدىغان ئىشلار قاتارىدىكى) ئىشلىتىڭلار دەپ بېرىشچۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بەدخەجلىكتىن ياكى قىمار ئويناش، جازانە سودا قىلىش، گۇناھ – مەئسىيەت قىلىش سەۋەبلىك قەرزگە كىرىپ قالغان كىشىگە قەرزىنى زاكاتتىن تۆلىۋېتىشكە، تۆلىۋېلىشى ئۈچۈن زاكاتتىن بېرىشكە بولمايدۇ. زاكات يىغىپ تارقاتقۇچىلارغىمۇ بۇ ھەقتە ئەسكەرتىپ تەلىمات بېرىش كېرەك.

