ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ يولدىشىم بىلەن بىللە پەرز ھەجگە مەككەگە كەلگەن ئىدۇق. بۇ يىل تەكشۈرۈش قاتتىق بولغاچقا، يولدىشىم ئەنسىرەپ ھەجگە چىقماي مەككەدە قالماقچى بولدى. مەن يولدۇشىمسىز چىقماقچى. بۇ ئەھۋالدا مەھرەمسىز ھەج قىلغان بولىمەنمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. مەھرەم سەپەر ئۈچۈن شەرت. سەپەر قىلغان ئايال كىشى بىلەن چوقۇم ئېرى ياكى مەھرەمى بىللە بولۇشى كېرەك. ئەمما، مەككەگە بېرىپ بولغان ئايال، مىنا، ئەرافات ۋە مۇزدەلىفە قاتارلىق ھەج يەرلىرىگە ئېرى ياكى مەھرەمى بىللە چىقمىسىمۇ يالغۇز ياكى باشقا ئايال ۋە ئائىلىلىك ھەمراھلار بىلەن چىقىپ ھەج قىلسا ھەجى توغرا بولىدۇ. چۈنكى، مەككەدىن ئۇ جايلارغا چىقىش سەپەر ھېسابلانمايدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ قىيىن ئىبادەت جەريانىدا ھەرەج تارتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن مىنا، ئەرافات ۋە مۇزدەلىفەلەرگە يالغۇز چىقماي، خاتىرجەم بولىدىغان ھەمراھلار بىلەن چىققىنى ئەۋزەل.

