ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاياللارنىڭ چېچىنى بويىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟ جاۋاب بەرگەن بولسىلا. ئۇستاز ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاياللار چېچىنى ئەنئەنىۋىي ياكى يېڭى پەيدا بولغان، سالامەتلىككە زىيانسىز بوياقلاردا بويىسا بولىدۇ. كۈچلۈك قاراشتا قارا رەڭدە بويىسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدا چەكلىمە يوق. ئەمما بوياش كافىر ئاياللارنىڭ ياسىنىش تەرزىنى دوراش ياكى تەگمەكچى بولغان يىگىتكە ئۆزىنى ياش كۆرسىتىشتەك ساختلىققا ياتىدىغان نىيەتتە بولماسلىقى كېرەك.

