14 – سوئال:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مېنىڭ ئىككى يىللىق 30 گرامغا توشقان ئالتۇنلىرىم بار ئىدى، ئۈچ ئاي بولدى مىقدارى كۆپىيىپ 52 گرام بولدى ھەم 4 مىڭ دوللار پۇلۇم بار. بۇ پۇلغىمۇ بىرنەچچە ئاي بولدى. «زاكاتنى يىلغا توشقۇزۇپ بېرىش كېرەك» دەپ ئوقۇغانىدىم. مەن بۇ يىل زاكات بېرىمەنمۇ ياكى كېلەر يىلى بەرسەم بولامدۇ؟ «ئايالى زاكاتنى ئېرىگە بەرسە بولىدۇ» دەپ ئاڭلىدىم. بۇ توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. 85 گرام مىقداردىكى ئىقتىساد مەيلى دوللار بولسۇن، مەيلى ئالتۇن بولسۇن، قولغا كىرىپ بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن زاكات ئايرىش كېرەك بولىدۇ. ئەگەر 30 گرام ياكى 50 گرام ئالتۇن بولسىمۇ بىر يىل ئۆتسە زاكات كەلمەيدۇ. ئەمما، 4 مىڭ دوللار بىلەن قوشۇپ بىللە شۇ ھالەتتە بىر يىل ئۆتكەن بولسا زاكات كېلىدۇ. زاكاتنى ئەرگە (ئەر زاكاتقا لايىق بولغان تەقدىردە) بەرسە بولىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ