ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئايالىمنىڭ ئاغزى بەك يامان. ماڭا گەپ – سۆزلەردە بەك ئازار بېرىدۇ، ئاغزىدىن پەقەت ياخشى گەپ چىقمايدۇ. توي قىلغاندىن بېرى ئوخشاش ئوڭشالمىدى. مەن سەبىر قىلىپ بولالماي، پەتىۋا سورىماقچى سىلىدىن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. تالاق قىلىشقا ئالدىرىماي، ئالدى بىلەن نەسىھەت قىلىپ بۇ يامان ئىشتىن ئاگاھلاندۇرش، بۇ قىلىقنىڭ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش لازىم. بۇمۇ كار قىلمىسا، ياتاقنى ئايرىپ بىر مۇددەت تۇرۇش. بۇمۇ كار قىلمىسا، ئىككى ئائىلەنىڭ چوڭلىرىنى ئارىغا سېلىش لازىم. ئوڭشالسا ئوڭشالدى، ئوڭشالمىسا ئايالنى تالاق قىلىۋەتسە بولىدۇ.

