ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ھازىر تۈركىيەنىڭ «گاز»، «ماي» دېگەندەك ئايروپىلان ياسايدىغان يەرگە مەبلەغ سالساق شەرىئەتتە بولامدۇ ياكى جازانىگە كىرەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. بۇ تۈرلۈك گاز ۋە ئايروپىلان شىركەتلىرىگە ياتىرىم ئېلانلىرى قويمىچىلىقتىن ئىبارەت. سوراپ ئېنىقلاش نەتىجىسىدە تەبىئىي گاز شىركىتىنىڭ ئۇنداق ياتىرىم ئىشى يوقلۇقى مەلۇم بولدى. بۇ ئىنتايىن پۇختا قۇرۇلغان تۇزاق. شۇڭا، جىمى قېرىنداشلارنىڭ قويۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك.

