پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «پەرۋەردىگارىمىز پاچىقىنى ئاچىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بارلىق مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئايال ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ. پەقەت دۇنيادىكى چاغدا كۆز – كۆز ۋە رىيا قىلىپ سەجدە قىلغانلار سەجدە قىلالماي قالىدۇ. ئۇلار سەجدە قىلىشقا ھەرقانچە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق دۈمبىلىرى تۈپتۈز تاياقتەك قېتىپ قالىدۇ». بۇ ھەدىس سەھىھمۇ؟
جاۋاب: سەھىھ.

