15 – سوئال:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! ئەھۋاللىرى ياخشىمۇ؟ ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى، بەرىكىتى سىلىگە ۋە ئائىلىلىرىگە بولسۇن. بۇ ئۇلۇغ ئايدا قىلغان ئەمەل – ئىبادەتلىرىنى ئاللاھ فىردەۋس جەننەتلىك ياخشى ئەمەللەردىن قىلىپ بەرسۇن، ئامىن. ئۇستاز! دوللارنى لىرا ھېسابلاپ زاكات ئايرىمدۇق؟ ئازراق دوللار، ئالتۇن بىلەيزۈك زىننەتلىرىمنى لىراغا ھېسابلاپ، قولۇمدا 563587 لىرا پۇل بارتى. قانچە پۇل زاكات بەرسەم بولىدۇ؟ مۇشۇنى ئايرىپ بەرگەن بولسىلىرى ئۇستاز! ئاۋارە قىلىپ قالدىم، ھېساب چىقىرىشنى بىلەلمەي قالدىم. ئاللاھ ھەسسىلەپ ئەجىرلىرىنى بەرسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ، ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. سىلىگە قايسىسى قولايلىق بولسا شۇنى قىلسىلا بولىدۇ. ئالتۇننى، دوللارنى ھەممىنى لىراغا سۇندۇرۇپ، لىرا بويىچە بەرسىلە بولىدۇ. مۇشۇ 500 نەچچە مىڭ لىراغا قىرىقتىن بىر (2.5%) زاكات ئايرىيلا. بۇ ساننى قىرىققا بۆلسىلە، قىرىقتىن بىرى زاكات ئايرىيدىغان مىقدار شۇ بولىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ