ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! مېنىڭ ئالدىمدا چوڭى 7 ياش، كىچىكى 5 ياش ئىككى بالام بار، ئۈچىنچىسى تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. يولدىشىم ياۋروپادا ياشايدۇ، كېتىپ – كېلىپ تۇرىدۇ. ئىككى ئاي بولدى، ئۆينىڭ ئىجارىسىنىمۇ دادام تۆلەپ بېرىۋاتىدۇ، بالىلىرىمنىڭ، مېنىڭ چىقىمىمنىمۇ ھەم دادام قىلىپ بېرىۋاتىدۇ. يولدىشىمغا پۇل توغرىسىدا ئېغىز ئاچسام: «مېنىڭ تاپقان پۇلۇمدا سېنىڭ ھەققىڭ يوق، داداڭنىڭ بالىسى بولغاندىكىن داداڭ باقسۇن» دەپ تاشلاپ قويدى. ئۇنىڭ ئالدىدىمۇ بىرنەچچە قېتىم ئۆزىنىڭ ئىشلەپ تاپقان پۇلىسىدا ھەققىم يوقلۇقىنى ئېيتىپ، يېنىمدا ئۆزى بەرگەن پۇل بارتى شۇنىمۇ ئېلىۋالغان، ھازىر ئىقتىسادتىن پۈتۈنلەي ئۈزۈۋەتتى، دادامغا قاراشلىق ئۆتۈۋاتىمەن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا قانداق قىلىشىم كېرەك؟ سۆزۈمنى بېرىشىنى تەلەپ قىلسام بولامدۇ؟ ئەر كىشىنىڭ مەندە (تاپقان پۇلۇمدا) ھەققىڭ يوق دېيىشى توغرا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تىنچلىق. بۇ ئەھۋالدا سۆزىڭىزنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ.

