غەربتە تۇرۇپ شەرقنىڭ غېمىنى يېگۈچى ئىسمائىل ئەلفارۇقى

(ھىجرىيە 1339 – 1406 / مىلادىيە 1921 – 1986)

دوكتور ئىسمائىل ئەلفارۇقى 1921 – يىلى پەلەستىننىڭ يافا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئىسلامى بىلىملەرنى شەرئى مەھكىمىدە قازى بولۇپ ئىشلىگەن دادىسىنىڭ قولىدا ۋە مەسچىتتە ئۆگىنىشكە باشلىغان. دومىنىكا فرانسۇز تىلى مەكتەپلىرىدە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئوقۇغان. 1942 – يىلى بىيرۇتتىكى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن باكلاۋۇرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. بېرىتانىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئەلجەلىل رايونىغا سىئونىزم دۆلىتى قۇرۇلغانغا قەدەر رايون باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. سىئۇنىزىم دۆلىتىگە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە ئازغىنە مۇددەت قاتناشقان. كېيىن ئامېرىكىغا بېرىپ، ئۇ يەردە دىنلار پەلسەپىسىدە ئىككى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. بۇ ئىككى ئۇنۋاننىڭ بىرىگە 1949 – يىلى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن، يەنە بىرىگە 1951 – يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئېرىشكەن. 1952 – يىلى «ياخشىلىق نەزىرىيىسى: قىممەت قاراشلارنىڭ مېتافىزىكىلىق ۋە ئېپىستېمولوگىيىلىك تەرەپلىرى» ناملىق دوكتورلۇق دىسسىرتاتسىيىسى بىلەن ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئامېرىكىدا ئوقۇش جەريانىدا غەرب پەلسەپىسى، يەھۇدىي ۋە خىرستىئان دىنلىرىنىڭ تارىخى ۋە مائارىپىنى پۇختا ئىگىلىگەندىن كېيىن ئىسلام دىنىنى چوڭقۇر بىلىشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ مىسىرغا كەلگەن، 1954 – يىلدىن 1958 -يىلغىچە ئەزھەردە تۆت يىل ئوقۇغان ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئوبدان ئۆگەنگەندىن كېيىن غەربكە قايتىپ، كانادا ماك گىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا دەرس ئۆتكەن ۋە شۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىلاھىيەت فاكولتېتىدا تەتقىقاتچى بولغان، ئۇ بۇ فاكولتېتتىكى تەتقىقاتلىرى بىلەن «خىرستىئان ئەخلاقى: ئۇنىڭ ھۆكۈمران پىكىرلىرىنىڭ تارىخ ۋە مېتود خاراكتېرلىك تەھلىلى» ناملىق قىممەتلىك كىتابىنى تۈزگەن. 1961 – يىلى كاراچىدا «ئىسلام تەتقىقات ئىنىستىتوتى» قۇرۇشقا ھەسسە قۇشۇش ئۈچۈن پاكىستانغا بارغان. كېيىن ئامىرىكىغا قايتىپ، 1963 _ 1964 – يىللىرى چىكاكو ئۇنىۋېرسىتېتىدا، 1964 _ 1968 – يىللىرى سىيراكۇسې ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولغان، ئاندىن تېمپلي ئۇنىۋېرسىتېتىغا مۇقىملىشىپ، ئۇ يەردە 1968-يىلدىن تارتىپ تاكى 1986 – يىلى شېھىت بولغانغا قەدەر 18 يىل ئىشلىگەن.

سۇيىقەستكە ئۇچرىغان ئەلچى

قەدىمىي پادىشاھلارنىڭ ئۆزئارا خەت-چەكلەرنى ئېلىپ كېلىدىغان ئەلچىلەرنى ئۆلتۈرمەسلىكى ئۇلارنىڭ بىر ئادىتى ئىدى. ئۇلار بۇ سىياسىي ئادەتنى ئالىيجانابلىق ۋە ئادەمگەرچىلىكنىڭ سىمۋولى دەپ قارايتتى. بىراق، مۇسۇلمان شەرق دۇنياسىنىڭ خىرستىئان غەرب دۇنياسىغا ئەۋەتىلگەن ئەلچىسى ئىسمائىل ئەلفارۇقى سۇيىقەست بىلەن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى. ئىسمائىل ئەلفارۇقى غەربكە ئۇنىڭ ناھەقچىلىكلىرىگە چىداپ شەرقتىن كەلدى. ھالبۇكى، ئۇ ئىسرائىلىيىگە قۇلچىلىق قىلىشنى ئۆزلىرىگە راۋا كۆرىدىغان غەربتە زۇلۇمنىڭ ئۆزىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلەتتى. ئىسمائىل ئەلفارۇقى ئىسلام ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ مەسىلىسىنى قوغداش، سىئونىزم ئىدىئولوگىيىسى ۋە ئۇنىڭ ئەسلى ئاساسلىرىدىكى ئەيىب نۇقسانلارنى ئېچىپ تاشلاشتىكى پولاتتەك مەيدانى، شۇنداقلا ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىگە ئىزچىل دەۋەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، ھىجرىيە 1406-يىلى رامىزاننىڭ 18-كۈنى، يەنى، مىلادى 1986-يىلى 27-ماي كىچىسى ئايالى لەميا (لەميا ئىسلام سەنئىتى ۋە بىناكارلىقى ساھەسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىمە بىر ئايال ئىدى) بىلەن بىرگە پىچاقلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى. ئىسمائىل ئەلفارۇقى ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۆز قاراش ۋە ئوي پىكىرلىرى ئۆلتۈرۈلگىنى يوق، بەلكى ئۇلار ئۇ كۆزلىگەن يولدا، يەنى، زالىم ئالدىدا ھەقنى سۆزلەش يولىدا باشقىلارغا تۈرتكە بولماقتا.

ئېنسىكلوپېدىك ئالىم

ئىسمائىل ئەلفارۇقى ئېنسىكلوپېدىك مۇسۇلمان ئالىمنىڭ مىسالى ئىدى. ئۇ پەلسەپە، دىنلار، تارىخ ۋە باشقا خىلمۇخىل ئىجتىمائىي پەنلەرنى پۇختا ئىگەللىگەن بولۇپ، ئەرەب تىلى، فرانسۇز تىلى، ئىنگلىز تىللىرىنىڭ ھەربىرىنى خۇددى ئانا تىلىدەك پىششىق بىلەتتى ۋە بۇ ئۈچ تىل بىلەن ئەسەر يازالايتتى. دوكتور جامال ئەلبەرزەنجىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ 1972-يىلى ئىسمائىل ئەلفارۇقىنى ئۆيىگە كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلىدۇ. ئىسمائىل ئەلفارۇقى ئۇنىڭ ئۆيىدە خىلمۇخىل دىندىكى كىشىلەرنىڭ ئالدىدا بىر سائەت سۆزلىشىدۇ، سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا بىر پوپ پىكىر بايان قىلماقچى بولۇپ قولىنى كۆتۈرىدۇ، ئۇ پوپ پىكرىنى بايان قىلىپ: «مەن ھەقىقەتەن بۇ كېچە، بۇ سورۇندا خىرستىئان دىنى ھەققىدە ئوتتۇز يىل جەريانىدا ئۆگەنگەنلىرىمدىنمۇ كۆپرەك نەرسە ئۆگەندىم» دەيدۇ.

ئىسمائىل ئەلفارۇقى بىزگە 25 پارچە كىتاب، يۈزدىن ئارتۇق ئاكادىمىك ماقالە ۋە تەتقىقاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاھىدە پىكرى بايلىقلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ كىتابلىرىنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا ئىنگلىز تىلىدا تۇرماقتا. ئۇنىڭ كىتابلىرى ئىسلامىي پىكىرلەرنى يىڭىلاش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقلىنى ساغلاملاشتۇرۇش جەھەتلەردە مۇئەييەن دەرىجىدە ھەسسە قوشماقتا. ئۇنىڭ «ئىسلام مەدەنىيىتى ئاتلىسى» قاتارلىق بىر قانچە كىتابلىرى ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇنىڭ قولىدا دىنلار ساھەسىدە نۇرغۇنلىغان كەسپىي ئالىملار يېتىشىپ چىققان. ئىسمائىل ئەلفارۇقىنىڭ يىڭىلىق يارىتىش ساھەسىدىكى تۆھپىلىرىنى تۆۋەندىكىدەك تۆت نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن.

1. ئىسلام مەدەنىيىتى

ئىسمائىل ئەلفارۇقى ئايالى لەميا بىلەن بىرگە ئىسلام مەدەنىيىتى ساھەسىدە چوڭ ھەجىملىك، ناھايىتى قىممەتلىك «ئىسلام مەدەنىيىتى ئاتلىسى» دېگەن كىتابنى تۈزۈپ چىققان. بۇ كىتابنى نەشردىن چىقىرىش ئارقىلىق بىزگە تەقدىم قىلغۇچى دوكتور ھىشام: بۇ كىتاب ئاتا-ئانىسىدىن يېتىم ھالەتتە دۇنياغا كەلگەن، دېگەن. چۈنكى، دوكتور ئىسمائىل ئەلفارۇقى ئايالى لەميا بىلەن بىرگە شېھىت بولغان چاغدا بۇ كىتاب مەتبەدە بېسىلىشىنى كۆتۈپ تۇرغان ئىدى. بۇ كىتاب ئۇلارنىڭ ئوي پىكرىنىڭ پىشىپ يېتىلىپ، ۋايىغا يەتكەن باسقۇچىدىكى خۇلاسىسى بولۇپ، بۇ كىتاب ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە جىھادى سۈپىتىدە ئۇلارغا شاھىت بولۇپ نەشردىن چىقىشى ئاللاھنىڭ نېمىتى ئىدى. بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىپ ساقلىنىپ قېلىشى بەرۋىز مەنسۇرنىڭ ئىسمائىل ئەلفارۇقىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە: «ئالىمنىڭ سىياھى سۇيىقەست قىلغۇچىنىڭ پىچىقىدىنمۇ كۈچلۈكرەكتۇر» دەپ يازغان قارىشىغا دەلىل بولسا كېرەك. بۇ كىتاب ئاپتورنىڭ نەزەر دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، زامان ۋە ماكان ھەققىدىكى مەلۇماتىنىڭ موللۇقى بىلەن ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئىسمائىل ئەلفارۇقىنىڭ دىنلار، بولۇپمۇ، يەھۇدىي ۋە خىرستىئان دىنلىرى تارىخى ساھەسىدىكى كەڭ دائىرىلىك بىلىم مەرىپىتى ۋە ئايالى لەميانىڭ ئىسلام سەنئىتى ۋە بىناكارلىقى ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن چوڭقۇر تەجرىبىلىرى ئىسلام مەدەنىيىتىنى بۇ ھەقتە يېزىلغان كىتابلاردا ئوخشىشى تېپىلمايدىغان دەرىجىدە ئىپادىلەشكە ئاساس بولغانىدى. ئۇلار «ئىسلام مەدەنىيىتى ئاتلىسى» دېگەن كىتابىدا يېڭىچە بىر ئۇسۇل قوللىنىپ، ئىسلام مەدەنىيىتى مەيدانغا كەلگەن جەرياننى، بۇ مەدەنىيەت مەركەزلەشكەن تەۋھىد جەۋھىرىنى، بۇ مەدەنىيەتتە ئىپادىلەنگەن ئەھۋاللارنى ۋە بۇ مەدەنىيەت بىلەن مەيدانغا كەلگەن ئىشلارنى بايان قىلغان بولۇپ، مانا بۇلار بۇ كىتابنىڭ تۆت ئاساسىي نۇقتىسى ئىدى.

2. دىنلار سېلىشتۇرۇلمىسى

ئىسمائىل ئەلفارۇقى دىنلار سېلىشتۇرۇلمىسى تەتقىقاتى ساھەسىدە «دۇنيادىكى دىنلار تارىخى ئاتلىسى» دېگەن كىتابنى تۈزۈپ چىققان، بۇ كىتابنىڭ بىر بابىنى مەخسۇس ئىسلام دىنى ئۈچۈن ئاجرىتىپ، ئۇنىڭغا تەپسىلىي بىر مۇقەددىمە يازغان ۋە ئۇ مۇقەددىمىدە ئىسلام دىنىنىڭ ئۇلۇغلۇقى، بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى، ئىلگىرىكى ساماۋى دىنلار ئېلىپ كەلگەن بارلىق پەزىلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، ئەقىل ۋە لوگىكىغا تايىندىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئىسمائىل ئەلفارۇقى يەنە «خىرستىئان ئەخلاقى» دېگەن كىتابنىمۇ تۈزگەن، ئۇنىڭدا خىرستىئان دىنىنىڭ نەزەرىيىۋى ۋە تارىخى ئاساسلىرىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى خىرستىئان دىنىنىڭ دەسلەپكى مەنبەلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ بۇ كىتابىنى ماك گىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا دەرس ئۆتۈۋاتقان چاغلىرىدا يازغان بولغاچقا، شۇ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى نۇرغۇنلىغان پوپلار بۇ كىتابنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىدىكى خىرستىئان دىنىغا بولغان ئىمانىنى تەۋرىتىپ قويىدۇ دەپ قاراپ، نەشر قىلىشنى چەكلەشكە ئۇرۇنغان. ئىسمائىل ئەلفارۇقى يەنە دىنلار ھەققىدە «ئىسلام دىنى ۋە باشقا دىنلار»، «يەھۇدىي، خىرستىئان ۋە ئىسلام دىنلىرىنىڭ ئۈچ تەرەپلىك دىئالوگى» قاتارلىق كىتابلارنى تۈزگەن ۋە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ «ئاسىيادىكى چوڭ دىنلار» دېگەن كىتابنى تەييارلىغان، بۇلاردىن باشقا يەنە «تەۋھىد ۋە ئۇنىڭ ئوي – پىكىر ۋە ھاياتتىكى تەقەززالىرى» دېگەندەك ئىسلام دىنىغا ئائىت كىتابلارنىمۇ يازغان.

3. ئىلىم – مەرىپەتنىڭ ئىسلامىيلاشتۇرۇلۇشى

ئىسمائىل ئەلفارۇقى ھازىرقى ئىجتىمائىي پەنلەرنى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى، مەدەنىيىتى، كىملىكى ۋە ئۆزلىرىگە بولغان ئىشەنچىلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەستىن، بەلكى ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغان شەكىلدە ئىسلامىيلاشتۇرۇشنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ پىكرىي ۋە ئىلمىي تۈزۈلمىلىرىدىكى ئىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيىتىدىكى كۈچلۈك تۈرتكە ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ پىكىرلەرنىڭ يوقالغانلىقىنى ئېنىق بايان قىلغان ۋە تەقلىدىي دىنىي مائارىپ بىلەن زامانىۋى مەدەنىي مائارىپنى تەقلىدىي ھالەتتە بىللە ئېلىپ بېرىشنى ئەيىبلىگەن، ئۇنىڭ قارىشىدا، بۇنداق قىلىش مۇسۇلمانلارنىڭ يا ئۆتكەن ئەجدادلىرىغا، يا دىن ۋە مەدەنىيەتتە ئۆزلىرىگە ئوخشىمايدىغان غەربلىكلەرگە تەقلىد قىلىشتىن باشقىسىغا ئەسلا يارىمايدىغان مەيدانسىز شەخسلەرنى مەيدانغا چىقىراتتى. ئەمما، ئۇنىڭ ئۈمىد قىلىدىغىنى بولسا ئىسلام مەدەنىيىتى دەرسلىكىنى بارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ھەممە قىسىملىرىدا دەرسلىك قىلىش ئارقىلىق ئىسلام روھىنى سىڭدۈرىدىغان مائارىپنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەكلىكى ۋە ئىسلام تەتقىقاتلىرى ساھەسىدە كەسپىي بىلىم ئالغۇچىلارنىڭ چوقۇم زامانىۋى ئەقلىي مەدەنىيەت سەۋىيىسىدە بولۇشى ئۈچۈن، ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئوبدان ئۆگىنىپ، نەزەرىيىۋى ئىقتىدارلىرىنى ئاشۇرۇشى ۋە نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشى زۆرۈر ئىكەنلىكىدۇر. ئىسمائىل ئەلفارۇقى يەنە دوكتور ئابدۇلھەمىد ئەبۇ سۇلايمان بىلەن بىرگە بۈگۈنكى مۇسۇلمانلار ئېھتىياجلىق بولىۋاتقان مەدەنىيەتنىڭ نەزەرىيە ۋە پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئىلمىي مەركەز بولۇشى ئۈچۈن خەلقئارا ئىسلامىي پىكىر تەتقىقات مەركىزىنى قۇرغان.

4. سىئونىزم ھادىسىسى

ئىسمائىل ئەلفارۇقى سىئونىزم ھادىسىسىنى تونۇشتۇرۇش ھەققىدە «ئىسلام ۋە ئىسرائىلىيە مۈشكۈلىسى»، «سىئونىزمنىڭ يەھۇدىي دىنىدىكى ئاساسلىرى»، «يەھۇدىي دىنىدىكى زامانىۋى پىرقىلەر» دېگەن ئۈچ پارچە كىتاب يازغان. ئىسمائىل ئەلفارۇقىنىڭ بايانلىرى بىلىم مەرىپىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە نەزەر دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئالاھىدە ئىدى. ئىسمائىل ئەلفارۇقى يەھۇدىي دىنىنىڭ تارىخى ۋە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ناھايىتى پىششىق بىلەتتى. سىئونىزمنى ئاشۇ تارىخىي جەريانغا قويۇپ تۇرۇپ، شۇنداق قاراشقا كەلگەنكى، مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئەڭ مۇھىم دۈشمىنى ئىسرائىلىيەنى، پەقەت غەرب جاھانگىرلىكىنىڭ بىر ھادىسىسى ياكى ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشىنىڭ تەكرارلىنىشى دەپ قاراپ خاتا چۈشىنىپ قالغان، ئەمەلىيەتتە، بولسا ئىسرائىلىيە بۇلارنىڭ ھەممىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىنتايىن خەتەرلىك دۈشمەندۇر، ئىسرائىلىيەنىڭ مەيدانغا كېلىشى خىرىستىيان دىنىدىكى «خاتالاشقۇچىنىڭ سۇبىستانسىيىلىك ئۆزگىرىش» ئەقىدىسى، ياۋروپا نۇر ئەسىرىنىڭ يەھۇدىيلارغا باراۋەرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن چېكىنىشى، يەھۇدىي دىنىدىكى ئىرقىي مەركەزچىلىك قاتارلىق مۇھىم ئۈچ پىكىر جەريانى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يەھۇدىيلار يىلتىزىنى مانا مۇشۇنداق ياۋروپادىن قومۇرۇپ، پەلەستىنگە تىككەن. ھالبۇكى، بۇ ئېغىر يۈكلەرنىڭ ھەممىسى پەلەستىنگە تاشلانغان. لېكىن، ھەقىقەت شۇكى، بۇ ئىش ناھايىتى يېقىنقى ۋاقىتلاردا بولغان، بۇنداق قىلىش يەھۇدىي مەسىلىسىنى ۋاقىتلىق ۋە نەتىجىسىز ھەل قىلىش بولۇپ، ھەل قىلغۇچ ھەل قىلىش ئەمەس. بۇ مەسىلە غەرب خىرستىئان مەسىلىسى بولۇپ، بۇ مەسىلىنى يېڭىدىن تارىخ سەھنىسىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان ئۇلۇغ بىر ئۈممەتنىڭ زىيىنى بەدىلىگە قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.

غەربتە تۇرۇپ شەرقنىڭ غىمىنى يېگۈچى شېھىت ئىسمائىل ئەلفارۇقىغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

مەنبە: دوكتور مۇھەممەد مۇختار شىنقىيتىنىڭ «خيرة العقول السليمة في القرن العشرين» دېگەن كىتابچىسى.

تەرجىمىدە: ئىمران

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ