Mujahid_alim_abdullah_ezzam

مۇجاھىد ئالىم — ئابدۇللاھ ئەززام

(ھ. 1360 – 1410 / م. 1941 – 1989)

 

تونۇلغان دەۋەتچى – ۋائىز، جەڭگىۋار ئەسكەر – مۇجاھىد، زەبەردەست قوماندان، پەلەستىن ۋە ئىسلام ئالەمىنىڭ پەخرى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئەجەللىك دۈشمىنى، سوۋېت تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئافغانىستان ئازادلىق جىھادىغا قاتناشقان ۋە «‹يەرشارىۋى جىھاد›نىڭ ئاتىسى» دەپ نام ئالغان مۇجاھىد ئالىم، شەھىد ئۇستاز ئابدۇللاھ ئەززام ھ. 1360 / م. 1941 – يىلى پەلەستىننىڭ جەنىن ۋىلايىتىگە تەۋە سىيلە ھارىسىييە يېزىسىدا تۇغۇلۇپ، ھ. 1410 – يىلى 24 – رەببىيۇلئاخىر/ م. 1989 – يىلى 24 – نويابىر پاكىستاننىڭ پىشاۋەردە شەھىد بولغان.

ياشلىقى ۋە پىشىپ يېتىلىشى
پەلەستىن كونتروللۇقىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقى رايونىنىڭ غەربىي شىمالىغا، ئىسرائىلىيە چېگراسىغا جايلاشقان سىيلە ھارىسىييە يېزىسىدا تۇغۇلغان ئابدۇللاھ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇشلىرىنى يېزىلىق مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۇ بالىلىق چاغلىرىدا يۇرتىنىڭ يايلاقلىرىدا كېزىشنى ياخشى كۆرەتتى، ئانچە يىراق بولمىغان يەردە يەھۇدىيلەر تۈرلۈك ھىيلە – مىكىرلەر بىلەن بۇلۇۋالغان، ئىسلامنىڭ تۇنجى ئەسىرىدىن بېرى مۇسۇلمان زېمىنىغا ئايلانغان ئىبنى ئامىر يايلىقى، ئەمدىكى ئەمەك ئىزائېل (ئىسرائىل ۋادىسى) ياتاتتى. بۇ مەنزىرە ئۇنى كەلگۈسى كۈرەشلەر ئۈچۈن ئۆزىنى ئىمان بىلەن تەييارلاشقا ئۈندەيتتى.

ئابدۇللاھ كىچىكىدىن تارتىپلا نامازغا ئەھمىيەت بېرەتتى، دائىم «قۇرئان» ئوقۇيتتى ۋە يېزا مەسجىدىدىن ئايرىلمايتتى. بالاغەتكە يەتكەندىن باشلاپ، سىيلە ھارىسىييەدە پېشقەدەم ئۇستاز شەفىق ئەسئەد ئابدۇلھادىينىڭ تەسىرى بىلەن «ئىخۋانۇل مۇسلىمىن (مۇسۇلمان قېرىنداشلار)»غا قاتناشتى. شەفىق ئەسئەد يېزىدىكى بىر بۆلۈك بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مەسئۇل بولۇپ، ئۇلارنى مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ئەخلاق – پرىنسىپ، پىكىر ۋە ئىدىيەلىرى بىلەن تەربىيەلەيدىغان كىشى ئىدى. ئابدۇللاھ ئەززاممۇ يېزىدىكى بىرىنچى سەپ دەۋەتچىلەرنىڭ قاتارىدا ئىدى.

ئابدۇللاھ جەنىن شەھرىدە يەنە دەۋەتچى ۋە تەربىيەچى شەيخ فەرىز جەررار (ھ. 1330 — 1409 / م. 1911 — 1989) بىلەنمۇ تونۇشقان. شەيخ فەرىزمۇ ئۆز دەۋرىدە ياشلارنى تەربىيەلەشتە ئەڭ ئاكتىپ دەۋەتچىلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇستاز شەفىق ئەسئەد بىلەن جەنىن شەھرىدىكى جامائەت مەركىزىدە پات – پات لېكسىيە ۋە يىغىنلار ئۇيۇشتۇراتتى.

ياش ئابدۇللاھ ئەززام جامائەت مەركىزىگە كۆپ كېلەتتى ۋە شەيخ فەرىز جەررار يېتەكچىلىكىدىكى كېڭەش ۋە يىغىلىشلارغا قاتنىشىپ، ئەڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچى ياشلاردىن بىرى بولۇپ قالغانىدى. ئۇ شەيخ فەرىزنى يوقلاپ تۇرۇشنى ئادەت قىلغان ۋە كۆپ چاغلاردا ئۇنىڭ بىلەن ئۈلپەتلىشەتتى.

ئۇ تېخنىكومىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، جەنۇبىي ئىئوردانىيەنىڭ كەرەك رايونى ئەدەر يېزىسىدا ئوقۇتقۇچىلىققا ئىشقا چۈشۈپ، بىر يىل تۇرغاندىن كېيىن جەنىن شەھرىگە يېقىنراق بەرقىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىگە يۆتكىلىدۇ.

ئابدۇللاھ ئىككى دەۋەتچى قېرىندىشى بىلەن «جامائەت يۇرتى»دىكى بىر ياتاقتا تۇرىدۇ. بۇ ئۇنىڭغا ھەر تۈرلۈك پىكرىي، تەربىيەۋى ۋە ئەمەلىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئوبدان پۇرسەت بولىدۇ. ئۇ دەۋەت كىتابلىرىنى، بولۇپمۇ ئىمام ھەسەن ئەلبەننا، ئابدۇلقادىر ئۇۋدە، سەييىد قۇتۇب ۋە مۇھەممەد قۇتۇبلارنىڭ كىتابلىرىنى كۆپ ئوقۇيدۇ.

ئابدۇللاھ ئەززام باكلاۋۇرلىق ئوقۇشىنى دەمەشق ئۇنىۋېرسىتېتى شەرىئەت فاكۇلتېتى شەرىئەت كەسپى بويىچە 1966 – يىلى تاماملايدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا ئايرىم شام ئالىم – ئۆلىمالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇلارغا شاگىرت بولىدۇ.

1967 – يىلى يەھۇدىيلەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە غەززە رايونىغا تاجاۋۇز قىلىپ، سىيلە ھارىسىييە يېزىسىغا كىرگەندە ئابدۇللاھ ئەززام يېزىدىكى بىر بۆلۈك ياشلار بىلەن بىرگە باسقۇنچى يەھۇدىي تانكىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. ياشلارنىڭ تانكىغا تاقابىل تۇرۇشقا قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلگەن بەزى يېزىداشلار ئۇلارغا ئېغىر – بېسىق بولۇش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئابدۇللاھ ئەززام بىر قىسىم يېزىداشلىرى بىلەن پىيادە مېڭىپ ئىئوردانىيەگە چىقىپ كېتىدۇ. ئابدۇللاھ ئەززامنىڭ بۇ ھىجرىتى ئۇنىڭ جىھادقا بولغان ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىدۇ ۋە ئۇنى يەھۇدىيلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قوراللىق مەشىق قىلىش ئويىغا ئېلىپ بارىدۇ.

ئابدۇللاھ ئەززام «فەتىھ جىھاد مەشىقى» ھەرىكىتىنى چۆرىدىگەن ئىسلامىي تەشكىلاتلارنىڭ باشلامچىلىرىدىن ئىدى. ئۇ جىھادىنى ۋە جىھاد مەشىقىنى مىسىر ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇسۇلۇلفىقھ بويىچە ماگىستىرلىق ئوقۇشى بىلەن تەڭ ئېلىپ بارغانىدى.

1969 – يىلى شەيخ ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. شۇ مەزگىلدە ئۇ بىرنەچچە جىھاد ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان بولۇپ، «يېشىل بەلباغ ئۇرۇشى» (1969) ۋە «5 – ئىيۇن ئۇرۇشى» (1970) قاتارلىقلار بۇ كۈرەشلەردىن ئەڭ مۇھىملىرىدۇر. يەھۇدىيلەرگە قاقشاتقۇچ زەربىلەر بېرىپ، نۇرغۇن ئەسكەرىي چىقىمغا ئۇچراتقان بۇ جىھادلار ئىسلام ھەرىكىتى ياشلىرى ئۈچۈن ئىپتىخار ۋەسىلەسى بولۇپ قېلىپ، ئۇلارنى ماختىنىش ۋە مىللىيەتچىلىك شوئارلىرىغا مۇپتىلا قىلىپ قويمىدى، بەلكى ئۇلار بۇ ئەمەللەرنى ئاللاھ يولىدا قىلغانىدى.

1971 – 1973 – يىللار ئارىسى ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇسۇلۇلفىقھ كەسپى بويىچە ئالىي دەرىجە بىلەن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىكەن ئابدۇللاھ ئەززام بۇ جەرياندا مىسىر ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ تۈرلۈك توسقۇنلۇقلىرىغا پەرۋا قىلماي، ئۆز ئىختىيارى بىلەن يەنە بىر مۇھىم خىزمەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇ بولسىمۇ مۇسۇلمان قېرىنداشلاردىن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئائىلىلىرىگە ياردەم قولىنى سۇنۇشتۇر.

شەيخ ئابدۇللاھ ئەززام ئىئوردانىيەگە قايتقاندىن كېيىن، دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىكى تەشۋىقات بۆلۈمى مۇدىرى بولىدۇ. ئۇ بۆلۈمىنى دەۋەتچى ياش پىداكارلار بىلەن بېيىتىپ، مەسجىدلەر ۋە ۋەزخانلارنى جانلاندۇرۇشقا ھەسسە قوشۇش، ئىسلامىي ئاڭنى ئومۇمىيۈزلۈك كۈچەيتىش ئۈچۈن تۈرلۈك تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ 1973 – 1980 – يىللىرى يەتتە يىل ئىئوردانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى شەرىئەت فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەريانىدا، فاكۇلتېتتا دەۋەت ئىشلىرىنىمۇ بىرگە ئاتقۇرىدۇ. ئۇ دىن دەۋىتىدە ئۆزگىچە يول تۇتىدۇ. شۇڭا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سىرتىدىنمۇ نۇرغۇن ياشلار ئۇنىڭ لېكسىيەلىرىگە ناھايىتى ئامراق ئىدى. لېكسىيەلەردە قىز – ئوغۇللارنى ئايرىشتىمۇ ئۇنىڭ تۆھپىسى بار ئىدى. شەيخ ئابدۇللاھ ئەززام 1980 – يىلى ئىئوردانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىزمىتىدىن توختىتىلغاندىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستان جىددە شەھىرىدىكى پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىشقا چۈشتى. ئافغان جىھادىغا يېقىن تۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئىستىكى بىلەن پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتىكى خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىغا مېھمان ئوقۇتقۇچى سۈپىتىدە ئەۋەتىلدى. كېلىشىم مۇددەت توشقاندىن كېيىن پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كېلىشىمنى ئۇزاتىشنى رەت قىلىشى بىلەن ئابدۇللاھ ئەززام ئۇنىۋېرسىتېتتىن ئىستىپا بەردى.

ئانا ۋەتىنى پەلەستىن، قوشنا ئىئوردانىيە، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە يىراق ئىسلام دىيارى پاكىستان قاتارلىق ئەللەر ئارىسىدا مۇجاھىد، ئۆگەنگۈچى ۋە مۇئەللىم سۈپىتىدە كېزىپ، ھاياتىنى جىھاد ۋە پىدائىيلىق ئۈزرە مەنالاندۇرغان ئابدۇللاھ ئەززام نىھايەت پەرۋەردىگارى بىلەن شەھىدلىك مەقامى بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن، قىزىل رۇسقا قارشى جىھاد قىلىپ ئافغانىستاندا تۇرۇپ قالغان.

ئەخلاق پرىنسىپلىرى
دۇبەي مەركەزلىك ئەلئەرەبىييە (العربية) قانىلى ئۇيۇشتۇرغان بىر سۆھبەتتە ئابدۇللاھ ئەززامنىڭ ئوغلى ھۇزەيفە دادىسىنىڭ ئەخلاق پرىنسىپلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «دادامنىڭ جىھاد سەپىرى ئۇ سىيلە ھارىسىييەدىن ئىئوردانىيەگە ئۆتكەن چاغدىن باشلانغان. ئۇلار ئىئوردانىيە ۋادىلىرىدا لاگېر، بازىلارنى قۇرغان. سىز پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىدىن پەرقلىق يول تۇتقان تەشكىلاتلارغا قاراپ بېقىڭ، ئۆز ۋاقتىدا بەزى تەشكىلاتلار ئىئوردانىيە زېمىنىدىن ئىسرائىلىيەگە قارىتىپ ئوق چىقىراتتى. بۇنىڭغا جاۋابەن ئىسرائىلىيە كۈچلىرىمۇ ئوت ئېچىپ، نۇرغۇن بىگۇناھ، قورالسىز پۇقرانى قىرغىن قىلاتتى. مەرھۇم دادام بولسا ئىئوردانىيە زېمىنىدىن بىر پاي ئوق ئېتىشقىمۇ قارشى ئىدى. ئۇلارنىڭ بارلىق ئىشلىرى ئىئوردانىيە ئارمىيەسىنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا، دەريانىڭ نېرىدا بولغان. ئۇلار ئىئوردان دەريا ۋادىسىدىكى يېزا ئاھالىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق پۇقرالارنى ئۇرۇشنىڭ بالايىئاپەتلىرىدىن يىراق قىلىش ئۈچۈن، پائالىيەتلىرىنى دەريانىڭ نېرىدىكى جەڭ مەيدانىدا ئېلىپ باراتتى. چۈنكى، ئاددىي خەلقنىڭ بۇ ئۇرۇشنىڭ بەدىلىنى تۆلىگۈدەك ھېچقانداق گۇناھى يوق ئىدى. بۇ بىرىنچى دەيدىغىنىم.

ئىككىنچى قىلىپ دەيدىغىنىم: ئۇلار بىگۇناھلارنىڭ قېنىنى تۆكمەيتتى. دادام ئۆزىنىڭ ‹فلسطين من القلب إلى القلب حتى لا تضيع فلسطين وإلى الابد / (پەلەستىن قەلبتىن قەلبكە، پەلەستىن مەڭگۈلۈك زايە بولماسلىقى ئۈچۈن)› ئاتلىق كىتابىدا بۇ ھەقتە سۆزلەپ: ‹ئىئوردانىيە ئارمىيەسى پۈتۈن قىسىملار ئىچىدە بىزنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيتتى. چۈنكى، باشقىلار لۈكچەك مىجەز كىشىلەر بولۇپ، ئاممىغا زىيانكەش، يېزىلىقلارغا بالا بولغان ئىدى. قولىدا قورال يوق كىشىلەرگە ئەزىيەت بېرىشەتتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى بۇلاڭچىلىق قىلسا، بەزىسى خەقنىڭ پۇل – ماللىرىنى ئوغرىلايتتى› دەيدۇ. دەرۋەقە، داداملار جىھادقا ماڭسا، ئىئوردانىيە ئارمىيەسى تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ئۇلارنى توختىتىپ تەكشۈرگەندە، ئۇلارغا سالام بېرەتتى ۋە: ‹شەيخلەر! بىز سىلەرنى بېشىمىزغا ئېلىپ ھۆرمەتلەيمىز. چۈنكى، سىلەرنىڭ راستچىل، ئىخلاسمەن ئىكەنلىكىڭلارنى ۋە ئىئوردانىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بولسۇن ياكى بىگۇناھ كىشىلەر بولسۇن ھېچكىمگە زىيان يەتكۈزۈش نىيىتىڭلارنىڭ يوقلۇقىنى بىلىمىز› دەيتتى».

قاتناشقان مۇھىم ئۇرۇشلىرى
بىز ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان كىشى ئافغانىستان تۇپراقلىرى گۇۋاھلىق بەرگەندەك، پەلەستىن تۇپراقلىرىمۇ گۇۋاھلىق بەرگەن مەشھۇر مۇجاھىدلاردىن بىرى، پەقەت قورال كۆتۈرۈپلا جىھاد قىلمىغان، بەلكى مۇسۇلمانلارغا بۇ كۆمۈلۈپ قالغان پەرزنى ئەسلىتىش ئۈچۈن، تىلى بىلەنمۇ جىھاد قىلىپ، دۇنيا ئەللىرىنى ئايلىنىپ چىققان دەۋەتچى. ئۇ بولسىمۇ دەل شەھىد ئابدۇللاھ ئەززامدۇر.

شەيخ پەلەستىن زېمىنىدا بەزى ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان بولۇپ، مۇھىملىرىدىن بىرى 1969 – يىلى ئىئوردانىيەنىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن «يېشىل بەلباغ ئۇرۇشى» بولۇپ، ياش قېرىنداشلاردىن كۈنىمىزدە ئەبۇ مۇسئەب ئەسسۇرىي (1958 -) ئېتى بىلەن مەشھۇر مۇستافا ئىبنى ئابدۇلقادىر تېخى 11 ياشتا ئىدى. يەنە بىرى، 1970 – يىلىدىكى «5 – ئىيۇن ئۇرۇشى» بولۇپ، بۇ ئۇرۇشقا ئەبۇ ئىسمائىل ھەمەۋىي، ئىبراھىم ئىبنى بەللە ۋە بىلال پەلەستىنىي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە مۇجاھىد قاتناشقان ئىدى. ئۇلار ئوچۇقچىلىقتا ئىككى تانكا ۋە مىنا تازىلىغۇچقا دۇچ كەلگەن. ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى موشى دايان پەلەستىن پىدائىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرسىتىش مەقسىتىدە كانادالىق ۋە ئامېرىكىلىق ئىككى نەپەر ئالاھىدە مۇخبىرنى چېگرا تەرەپكە ئەۋەتكەن ئىدى. ئۇشتۇمتۇت ئاللاھنىڭ قوشۇنلىرى گويا يەر ئاستىدىن چىققان مۇسۇلمان جىندەكلا پەيدا بولۇپ، ئوق – بومبىلارنى ياغدۇرىدۇ. ھېلىقى ئىككى مۇخبىر يارىلىنىدۇ، نۇرغۇن يەھۇدىي ئەسكەر – ئوفېتسېر ئۇجۇقتۇرۇلىدۇ، لېكىن ئىسرائىلىيە تەرەپ پەقەت 12 نەپەر ساقچى – ئوفېتسىرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. مۇسۇلمانلار تەرەپتىن ئۈچ نەپەر قېرىنداش شەھىد بولىدۇ. ئارىدىن ئۈچ ئايچە ئۆتۈپ، 1970 – يىلى سېنتەبىردە يۈز بەرگەن ۋەقە شەيخ شەھىد ئابدۇللاھ ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ پەلەستىن زېمىنىدا جىھادنى داۋاملاشتۇرۇشىغا توسالغۇ بولىدۇ، چېگرا تاقىلىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇلار يەھۇدىيلەرگە ئاشكارا يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ بالايىئاپەتلىرىنى تېخىمۇ تېتىتىپ قويغان بولاتتى.

جىھادى
شەيخ ئابدۇللاھ ئەززامنىڭ ئافغانىستان جىھاد ھەرىكىتىدە چوڭ رولى بار ئىدى. ئۇ ئافغان مۇجاھىدلىرى بىلەن ئەرەب ئەللىرىدىكى ئۇلارنى قوللىغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا ئالاقە ئۆزىكى بولغان ئىدى، شۇنىڭدەك مۇھاجىرلار، ئافغان مۇجاھىدلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى تەلىم – تەربىيە، ساغلاملىق ۋە ئەسكىرىي جەھەتلەردىن خىلمۇخىل ياردەم – مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن كۆپ پائالىيەتلەرگە سەپەرۋەرلىك قىلغانىدى. ئۇ يەنە جىھاد خەۋەرلىرىنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن، ئايلىق تەشۋىقات مۇنبىرى سۈپىتىدە «جىھاد رىسالەسى ژۇرنىلى»نى ھەمدە ھەپتىلىك «ئۇرۇش يالقۇنى خەۋەرلىرى»نى تەسىس قىلىپ، ئافغانىستان مىقياسىدا يۈز بەرگەن يېڭىلىقلارنى خەۋەر قىلىپ تۇراتتى.

شەيخ ئابدۇللاھ ئەززام رۇسقا قارشى نۇرغۇن ئۇرۇشلارغا قاتناشقان بولۇپ، بۇلار ئىچىدە ھ. 1408 / م. 1987 – يىلى مۇبارەك رامازان ئېيىدا يۈز بەرگەن «جاجى ئۇرۇشى» ئەڭ قاتتىق ئۇرۇشتۇر. بۇ ئۇرۇشتا نۇرغۇن ئەرەب مۇجاھىدلار ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتە بولۇپ، قاتتىق قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن. بەزىلىرى ئاللاھ يولىدا شەھىد بولۇپ يىقىلغان ئىدى. دوكتور ئابدۇللاھ ئەززام ئافغانىستاندىكى مۇجاھىدلار خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. ئۇ مۇجاھىد ئافغان قوماندانلىرىنىڭ ئىشەنچ ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپلا قالماي، جىھاد ئۈچۈن دۇنيا بويلاپ ئىسلام – ئەرەب دىيارلىرىدىن ئافغانىستانغا كەلگەن ياشلارنىڭمۇ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەنىدى.

مەشھۇر سۆزلىرى
1. ئەركەكلەرنىڭ قانچىلىكلىكى سۆز مۇنبەرلىرىدە ئەمەس، بەلكى كۈرەش مەيدانلىرىدا نامايان بولىدۇ.

2. جىھاد ھەقىقەتەن يەر يۈزىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە دىنىي سىمۋوللارنى قوغداشنىڭ بىردىنبىر كاپالىتىدۇر.

3. جىھاد ھاياتى ئەڭ شېرىن ھاياتتۇر، جاپالىق تۇرمۇشقا چىداپ بەرداشلىق بېرىش ھۇزۇر – ھالاۋەتلىك ياشاشتىن گۈزەلدۇر.

4. جىھاد ھاياتى روھنى تاۋلايدۇ، قەلبنى سۈزۈلدۈرىدۇ، نۇرغۇن ئۆلچەملەرنى ئۆزگەرتىدۇ.

5. ئەي مۇسۇلمانلار! جىھاد سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردۇر، جىھاد سىلەرنىڭ كۈچۈڭلاردۇر، سىلەرنىڭ كېلەچەكتىكى مەۋجۇدلۇقۇڭلار جىھادقا باغلانغان.

6. ئۆزىنىڭ جىھادقا چىقمىغانلىقىنى ئاقلاپ يۈرۈش ئويۇن – تاماشا ئوينىغانلىقتۇر.

7. «ئاللاھنىڭ دىنى جىھادسىز، ئۇرۇشسىز، قان تۆكمەي ۋە تەنلەر پارچىلانمايمۇ غەلىبە قىلالايدۇ» دەپ ئويلاپ قالغانلار خاتالاشقۇچىدۇر، بۇ دىننىڭ تەبىئىتىنى بىلەلمىگەنلىكتۇر.

ۋەسىيىتى
جىھاد سۆيگۈسى مېنىڭ ھاياتىم، روھىم، قەلبىم ۋە ھېس – تۇيغۇلىرىمنى ئىگىلىۋالدى. بۇ دىندىكى جىھادنىڭ تاكى قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان شەرىئەت ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن سۈرە «تەۋبە» ئۆزىنىڭ روشەن ئايەتلىرى بىلەن مېنى غەمگە تاشلىماقتا، قەلبىمنى پۇچىلىماقتا. ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىشقا ئۆزۈمنىڭ ۋە جىمى مۇسۇلمانلارنىڭ سەل قاراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرماقتىمەن.

تەييارلىقسىز، قۇرۇق ئارزۇلار بىلەن بەند بولۇش ھەقىقەتەن ئېگىز چوققىلارغا تەلپۈنمەيدىغان پەس كىشىلەرنىڭ ئىشىدۇر. بۈيۈك ئارمانلار بۈيۈك قۇربانلىقلارنى ئىستەر.

ئى مۇسۇلمانلار! جىھاد ھاياتىڭلاردۇر، جىھاد شان – شەرەفىڭلاردۇر، كەلگۈسى مەۋجۇدلۇقۇڭلار جىھادقا باغلىقتۇر.

ئى دەۋەتچىلەر! قىلىچىڭلارنى سۇغۇرۇپ چىقىرىپ، تاغۇتلار ۋە زالىم كافىرلارنى يىلتىزىدىن يوقاتمىساڭلار، بۇ ئالەمدە سىلەرنىڭ ھېچبىر قىممىتىڭلار بولمايدۇ.

دەۋەتچىلەرنىڭ ھەيۋىتى، دەۋەتنىڭ شان – شەۋكىتى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى ھەرگىزمۇ جىھادسىز ئىشقا ئاشمايدۇ. «ئاللاھ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قەلبىدىن سىلەرنىڭ ھەيۋىتىڭلارنى چىقىرىپ تاشلايدۇ، سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا ۋەھن سېلىپ قويىدۇ. بىر ئادەم:

ــ ئى رەسۇلۇللاھ! ۋەھن دېگەن نېمە؟ ــ دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ دۇنيانى ياخشى كۆرۈپ، ئۆلۈمنى يامان كۆرۈش، (يەنە بىر رىۋايەتتە) جىھادنى يامان كۆرۈش، ــ دەپ جاۋاب بەردى».

﴿ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغىن، سەن پەقەت ئۆزۈڭگىلا جاۋابكارسەن، مۇئمىنلەرنى (جىھادقا) قىزىقتۇرغىن، ئاللاھنىڭ كافىرلار كۈچىنى توسىدىغانلىقىمۇ ھەقىقەتتۇر، ئاللاھنىڭ كۈچى ئەڭ زوردۇر، ئاللاھنىڭ جازاسى ئەڭ قاتتىقتۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 84).

جىھاد بولمىغاندا شىرك ئېتىقاد جاھاندا ھۆكۈم سۈرىدۇ. ﴿فىتنە تۈگىگەن، دىن پۈتۈنلەي ئاللاھ ئۈچۈن بولغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار﴾(8/«ئەنفال»: 39). بۇ ئايەتتىكى فىتنە — شىركتۇر.

جىھاد ھەقىقەتەن زېمىننىڭ ياخشىلىنشىنىڭ بىردىنبىر كاپالىتىدۇر. ﴿ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا ئىدى، يەر يۈزى ئەلبەتتە پاساتقا ئايلىناتتى (يەنى خارابلىققا يۈزلىنەتتى) ﴾(2/«بەقەرە»: 251).

جىھاد ھەقىقەتەن دىنىي سىمۋوللار ۋە ئىبادەتخانىلارنى قوغداشنىڭ بىردىنبىر كاپالىتىدۇر. ﴿ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى بىر – بىرىگە قارشىلىق كۆرسەتكۈزمىگەن بولسا، راھىبلەرنىڭ ئىبادەتخانىلىرى، چېركاۋلار، يەھۇدىيلەرنىڭ ئىبادەتخانىلىرى ۋە ئاللاھنىڭ نامى كۆپ يادلىنىدىغان مەسجىدلەر ئەلبەتتە ۋەيران قىلىناتتى﴾(22/«ھەج»: 40).

ئى ئىسلام دەۋەتچىلىرى! ئۆلۈمگە ھېرىسمەن بولۇڭلار، سىلەرگە ھاياتلىق بېغىشلىنىدۇ. قۇرۇق ئارزۇلار سىلەرنى ئالداپ قويمىسۇن، شەيتاننىڭ سىلەرنى ئاللاھنىڭ كەچۈرۈمىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئالدىشىغا يول قويماڭلار. كىتاب ئوقۇش، نەفلە ئىبادەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار. راھەتلىك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش ئۇلۇغۋار ئىشلاردىن توسۇپ قويمىسۇن. ﴿سىلەر قورالسىز گۇرۇھنىڭ قولۇڭلارغا كەلتۈرۈلۈشىنى ياقتۇردۇڭلار﴾(8/«ئەنفال»: 7).

جىھاد ئىشىدا ھېچكىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىماڭلار، جىھادقا چىقىش بىراۋنىڭ رۇخسىتىگە قاراشلىق ئەمەس، جىھاد دەۋىتىڭلارنىڭ ئاساسىدۇر، دىنىڭلارنىڭ قورغانىدۇر، شەرىئىتىڭلارنىڭ قالقانىدۇر.

ئى ئىسلام ئالىملىرى! پەرۋەردىگارى تەرەپكە قايتقان بۇ ئەۋلادقا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئالدىغا چىقىڭلار، قورقۇپ ئارقاڭلارغا يانماڭلار، دۇنياغا بېرىلمەڭلار، زوراۋان زالىملارنىڭ داستىخىنىدىن يىراق تۇرۇڭلار.

ئى مۇسۇلمانلار! ئۇزۇن ئۇخلاپ كەتتىڭلار، زالىملار زېمىنىڭلاردا نوچىلىق قىلىدىغان بولۇپ كەتتى. شائىرنىڭ بۇ بېيىتلىرى نېمىدېگەن گۈزەل – ھە!

‏ئۇخلىدۇق زامانلار خارلىققا پېتىپ،

شىرمەتلەر ساداسى كەتتىكىن نەگە؟

دۈشمەنلەر توپلىرى ئېتىلار ھەيۋەت،

ۋە لېكىن، مانا بىز كىرگەنمىز يەرگە.

قۇللارنىڭ قۇللۇقى ئەگكەن بېشىدىن،

ئەمەستۇر ئۇ ھەرگىز زەنجىر – كىشەندىن.

قاچان چاقارمىز خارلىقنىڭ تاقاقلىرىنى؟!

قاچان تۇرارمىز چۆرۈپ ئىشكەللىرىنى؟!

ئى ئاياللار جامائىتى! راھەت – پاراغەتتىن ساقلىنىڭلار، راھەت – پاراغەت ئىنسان قەلبىنىڭ ھالاكىتىدۇر. زۆرۈر ئەمەس نەرسىلەردىن ساقلىنىڭلار، زۆرۈر نەرسىلەر بىلەن كۇپايىلىنىڭلار. بالىلىرىڭلارنى چىداملىق ئەركەك قىلىپ، باتۇر ۋە مۇجاھىد قىلىپ تەربىيەلەڭلار. ئۆيۈڭلار زالىملارنىڭ بوغۇزلىشى ئۈچۈن بوردىلىدىغان توخۇلارنىڭ كاتىكى ئەمەس، بەلكى يولۋاسنىڭ ئۇۋىسى بولسۇن. ئوغۇللىرىڭلاردا جىھاد سۆيگۈسى، چەۋەندازلىق مەيدانى ۋە شاۋقۇن – سۈرەن سەيناسىنىڭ مۇھەببىتىنى يېتىلدۈرۈڭلار. تۇرمۇشۇڭلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ مۈشكۈلاتلىرىغا باش قاتۇرۇش كەم بولمىسۇن، ئاز دېگەندە ھەپتىدە بىر كۈن بولسىمۇ، مۇھاجىر ۋە مۇجاھىدلارغا ئوخشاش قۇرۇق نان ۋە ئىككى ئوتلام چاي بىلەن ياشاپ بېقىڭلار.

ئى بالىلار! ئوق – بومبىلارنىڭ ناۋاسى، زەمبىرەكلەرنىڭ ساداسى، ئايروپىلانلارنىڭ گۈركىرەشلىرى ۋە تانكىلارنىڭ گۈرۈلدەشلىرى بىلەن تەربىيەلىنىڭلار. بايلارنىڭ نەغمىلىرىدىن، ھەشەمەتخورلارنىڭ مۇزىكىلىرىدىن، سېسىق كېكىرىپ ياشايدىغانلارنىڭ ساپا – ئورۇندۇقلىرىدىن ھەزەر ئەيلەڭلار.

ئەي ئايالىم ئۇممۇ مۇھەممەد! سىزگە كەلسەم، كۆڭلۈمدە سىزگە دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بار ئىدى، ئاللاھ سىزنى كۆپ ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلىغاي! سىز ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە بۇ يولنىڭ قىيىنچىلىقىغا ئۇزۇن ۋاقىت سەۋر قىلدىڭىز. مەن بىلەن بىرگە تۇرمۇشنىڭ شېرىن ۋە ئاچچىقلىرىنى تېتىدىڭىز. بۇ بەرىكەتلىك يولدا داۋام ئېتىشىمدە، جىھاد مەيدانىدا ئىشلىشىمدە ئەڭ ياخشى ياردەمچىم بولدىڭىز. 1969 – يىلى ئىككى قىزىمىز ۋە بىر ئوغلىمىز بىلەن ئۆينى سىزنىڭ زىممىڭىزگە تاشلاپ قويدۇم. سىز نە سەرەمجان ۋە نە ئاشخانىسى يوق ئاددىي بىر ئېغىزلىق ھۇجرىدا ياشىدىڭىز. يۈكىڭىز ئېغىرلاشقان، بالىلار كۆپىيىپ، چوڭ بولغان، تونۇش – بىلىشلىرىمىز ئاۋۇپ، مېھمانلىرىمىز جىقلىغان كۈنلەردە ئائىلىنى سىزگە تاشلاپ قويدۇم. سىز ئەۋۋەلا ئاللاھ ئۈچۈن، ئاندىن قالسا مېنى دەپ ئېغىر – يېنىك ھەممە يۈكنى ئۈستىڭىزگە ئالدىڭىز. ئاللاھ سىزگە ياخشىلىق ئاتا قىلغاي! ئاۋۋال ئاللاھ، ئاندىن قالسا سىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەت يوقلۇقۇمغا سەۋر قىلىشىڭىز بولمىغاندا، بۇ ئېغىر يۈكنى ئۆزۈم يالغۇز كۆتۈرەلمىگەن بولاتتىم.

مەن ھەقىقەتەن سىزنى ھاياتىڭىزدا زاهىدە دەپ بىلدىم، قىيىنچىلىق كۈنلەردە قول – ئىلكىمىزنىڭ قىسقىلىقىدىن داتلانمىدىڭىز. قولىمىزغا ئازراق پۇل – مال كىرگەن كۈنلەردە بولسا، بۇزۇپ چاچمىدىڭىز، چوڭچىلىق قىلمىدىڭىز. دۇنيا سىزنىڭ قەلبىڭىزدە ئەمەس، بەلكى قولىڭىزدا بولدى. جىھاد ھاياتى ئەڭ شېرىن ھاياتتۇر، جاپالىق تۇرمۇشقا چىداپ بەرداشلىق بېرىش ھۇزۇر – ھالاۋەت ۋە ھەشەمەت ئىچىدە ياشاشتىن گۈزەلدۇر. زاهىدلىقنى چىڭ تۇتۇڭ، ئاللاھ سىزنى ياخشى كۆرىدۇ، كىشىلەرنىڭ قولىدىكى پۇل – مالغا تەمەسىز بولۇڭ، شۇندىلا كىشىلەر سىزنى ياخشى كۆرىدۇ.

«قۇرئان» ئۆمۈرنىڭ قۇۋانچى، ھاياتلىقنىڭ ئۈلپىتىدۇر. كېچىلىك ناماز، نەفلە روزا ۋە سەھەرلەردە ئېيتىلغان ئىستىغفار قەلبكە سۈزۈكلۈك، ئىبادەتكە ھالاۋەت بېغىشلايدۇ. ياخشى ئەمەللەرنى دوست تۇتۇش، مال – دۇنياغا بېرىلمەسلىك، كۆز – كۆزچىلىك ۋە دۇنياپەرەستلەردىن يىراق بولۇش قەلبنىڭ راھىتىدۇر. ئاللاھنىڭ بىزنى دۇنيادا جەم قىلغاندەك، فىردەۋستىمۇ جەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەي بالىلىرىم! سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا كۆپ بولالمىدىم، سىلەرنى ئۆز قولۇم بىلەن پەرۋىش قىلالمىدىم. شۇنداق! مەن سىلەرگە قارىيالمىدىم. دەرۋەقە، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇسىبەتلىرى بەجايىكى ئانىغا ئەمچەكتىكى ئۆز بوۋىقىنى ئۇنتۇلدۇرغۇدەك؛ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان خەۋپ – خەتەرلەر بالىلارنىڭ چېچىنى ئاقارتىۋەتكۈدەك دەرىجىدە دەھشەتلىك بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، مەن قانداق قىلاي بالىلىرىم؟!

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ سىلەر بىلەن خۇددى توخۇ ئۆز چۈجىلىرى بىلەن بىر كاتەكتە ياشىغاندەك بىر ئۆيدە ياشاشقا رايىم بارمىدى. بالايىئاپەت ئوتلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ يۈرىكىنى پۇچىلاۋاتقان بۇ كۈنلەردە باغرى تاش بولۇپ ياشىيالمىدىم. مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئەھۋاللار ئازراق ۋىجدانى بارلارنى ۋە ئويغاق قەلبلەرنى تىتما – تىتما قىلىۋاتقان ئەھۋالدا سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا تۇرۇۋېلىشقا رازى بولمىدىم. سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا نازۇنېئمەت ئىچىدە، گۆش – ياغ ۋە تۈرلۈك شېرىنلىكلەر ئارىسىدا تەخسە بىكارلاپ ياشىشىم ئادىمىيلىككە ياتمايدۇ.

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەيلى كىيىم – كېچەك، مەيلى يېمەك – ئىچمەك ۋەياكى تۇرالغۇ جەھەتتىن بولسۇن، مەن ھاياتىمدا باياشات تۇرمۇشقا ئەڭ ئۆچ بولدۇم، مەن سىلەرنى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە زاهىدلىق ماقامىغا يەتكۈزۈشكە ۋە ھەشەمەتخورلارنىڭ ھەشەمىتىدىن يىراق قىلىشقا تىرىشتىم.

مەن سىلەرگە سەلەف سالىھلەرنىڭ ئەقىدىسىنى ۋەسىيەت قىلىمەن، چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىڭلار.

مەن سىلەرگە «قۇرئان» ئوقۇش ۋە يادلاش، تىلنى يامانلىقتىن ساقلاش، كېچىلىك ناماز، روزا، ياخشى دوستلۇق ۋە ئىسلام ھەرىكىتىگە ماس ئەمەل قىلىشنى ۋەسىيەت قىلىمەن. لېكىن، شۇنى بىلىڭلاركى، ھەرىكەت ئەمىرى سىلەرنى جىھادتىن توسقان ياكى ئەركەكچىلىك مەيدانى، چەۋەندازلىقنىڭ سەيناسى بولغان جىھادتىن يىراقلىشىپ، سىلەرگە دەۋەتكىلا ئاجرىلىشنى چىرايلىق كۆرسەتكەن چاغدا، ئۇنىڭ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا ھېچقانداق ھەق – ھوقۇقى قالمايدۇ. شۇ چاغدا ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ئۈچۈن ھېچكىمنىڭ رۇخسىتىنى ئالماڭلار، ئېتىڭلار، ئات مىنىڭلار. ئات مىنگىنىڭلاردىن ئوق ئاتقىنىڭلار ماڭا ئەلبەتتە سۆيۈملۈكتۇر.

ئى ئوغۇللىرىم! ئاناڭلارغا ئىتائەت قىلىشىڭلارنى، ھەدىلىرىڭلار ئۇممۇلھەسەن بىلەن ئۇممۇ يەھيانى ھۆرمەتلىشىڭلارنى ۋەسىيەت قىلىمەن. سىلەرگە پايدىلىق شەرئىي بىلىمنى ۋەسىيەت قىلىمەن، ئاكاڭلار مۇھەممەدكە ئىتائەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئۇنى ھۆرمەتلىشىڭلارنى ۋەسىيەت قىلىمەن، ئۆزئارا مېھرلىك بولۇشۇڭلارنى ۋەسىيەت قىلىمەن. بوۋاڭلار ۋە موماڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار، ئۇلارنى بەك ھۆرمەتلەڭلار، ھاممىلىرىڭلار ئۇممۇ فايىز بىلەن ئۇممۇ مۇھەممەدكە ياخشىلىق قىلىڭلار. ئاللاھتىن قالسىلا ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۈستۈمدە كۆپ ياخشىلىقى بار. ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمىزغا سىلە – رەھىم قىلىڭلار، يېقىنلىرىمىزغا ياخشىلىق قىلىڭلار، بىزنى دوست تۇتقانلارغا دوستانە بولۇڭلار. ئى ئاللاھ! سەن پاكسەن، جىمى ھەمدۇسانا ساڭا خاستۇر، گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، سەندىن مەغپىرەت تىلەيمەن.

— شەھىد قوماندان ئابدۇللاھ ئەززام

بۇ ۋەسىيەت جىھادنىڭ شەيخ ئابدۇللاھ ئەززامنىڭ قەلبىدىن قانچىلىك ئورۇن ئالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي! ئۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا شەھىد ھالدا كەتكەنگە قەدەر، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ، مۇجاھىد ۋە سەۋرچان بولۇپ ياشىدى.

شەھىد بولۇشى
شەيخ ئابدۇللاھ ئەززام ئافغانىستاننىڭ قىزىل رۇسقا قارشى جىھادىغا قاياشلىق بىلدۈرۈپ، ھ. 1401 / م. 1980 – يىلى پاكىستانغا كەلگەندىن كېيىن، ھ. 1404 / م. 1984/1985 – يىلى ئۇنىۋېرسىتېتتىن ئىستىپا بېرىپ، تامامەن ئافغان جىھادىغا ئۆزىنى ئاتىدى. ۋەز – تەبلىغنى ئوردۇچە ئېلىپ بارىدىغان دەرىجىگە يەتتى. «سۇ ئۇخلىسا ئۇخلايدۇ دۈشمەن ئۇخلىمايدۇ» دېگەندەك، ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى ئابدۇللاھ ئەززامدەك زەبەردەست مۇجاھىدنى كۆزلىرىگە قادالغان مىختەك يامان كۆرۈپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلاپ، ھ. 1410، 24 – رەبىيئۇلئاخىر / م. 1989 – يىلى 11 – ئاينىڭ 24 – كۈنى جۈمە نامىزى ئۈچۈن كۇۋەيت قىزىلئاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئەرەب مۇجاھىدلەر ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان پاكىستاننىڭ پىشاۋەر شەھىرىدىكى سابا ئەللەيل مەسجىدىگە كېتىۋاتقاندا، يولنى كولاپ قويۇلغان مىنانىڭ پارتلىشى بىلەن ئوغۇللىرى مۇھەممەد ۋە ئىبراھىم بىلەن بىرگە 48 يېشىدا شەھىد بولدى. مەرھۇم شەھىد بولغان كۈنى دەپنە قىلىندى. مېيىت ئۇزاتقۇچىلار ئۇنىڭ پاك قېنىدىن ئىپارنىڭ ھىدىنى سېزىشكەن ۋە 20 كىلوگراملىق پارتىلاتقۇچ دورا ماشىنىنى چۇل – چۇل قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، شەيخنىڭ تېنى ساق قالغانلىقىغا شاھىد بولۇشقان.

مەرھۇم نەشردىن چىققان بىرقانچە كىتابىدىن سىرت، نۇرغۇن كىتاب، لېكسىيە، گېزىت – ژۇرنال ماقالىلىرى ۋە جۈمە خۇتبىلىرىنى يادىكار قالدۇرۇپ كەتتى.

ئاللاھ شەيخ شەھىد ئابدۇللاھ ئەززامغا رەھمەت قىلسۇن! ئۇ دەۋەت قىلىپ راستچىل بولدى، جىھاد قىلىپ شەھىد بولدى. ئى ئاللاھ! ئۇنى پەيغەمبەرلەر، راستچىللار، شەھىدلەر ۋە سالىھلەر بىلەن بىرگە توپلىغىن. ئەنە شۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھ! ئامىن.

ئالىملارنىڭ ئابدۇللاھ ئەززام توغرۇلۇق بايانلىرى
شەيخ شەھىد ئابدۇللاھ ئەززام ۋە ئۇنىڭ پەلەستىندە يەھۇدىيلەرگە قارشى، ئافغانىستاندا قىزىل رۇسقا قارشى ئېلىپ بارغان جىھادى توغرۇلۇق يۈكسەك باھالار بىلەن قەلەم تەۋرەتكەن ئالىملار ئاز ئەمەس. ھاماس ھەرىكىتى مۇنداق دېگەن: «شەيخ ئابدۇللاھنىڭ ئۆزى سۆيگەن، ئازادلىقى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە جىھاد قىلغان، ئىسراﺋ زېمىنى بولمىش پەلەستىندە شەھىد بولماستىن، بەلكى جىھاد دىيارى ئافغانىستانغا يېقىن يەردە شەھىد بولغانلىقى يەھۇدىيلەرنىڭ پەلەستىن قامالىغا بېرىپ تاقىلىدۇ، ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى بولغان يەھۇدىيلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن پەلەستىن سىرتىدا تۇرۇۋاتقان مۇجاھىدلار بۇ قامالنىڭ دەردىنى ھالا بۈگۈنگىچە تارتىپ كەلمەكتە. 1968 -، 1969 -، 1970 – يىللىرى ئىسراﺋ زېمىنى شەيخ ئابدۇللاھنى ئىئوردانىيە ۋادىلىرىدىكى «شەيخلەر بازىلىرى»دا جىھاد قىلغان سادىق مۇجاھىد دەپ تونۇغان ئىدى. شەيخ چىن كۆڭلىدىن پەلەستىندە جىھاد قىلىشقا تەلپۈنگەن ھالدا شەھىد بولغان بولۇپ، ئۇ پەلەستىن ۋە پەلەستىن مۇجاھىدلىرىنى قەلبى، قەلىمى ۋە تىلى بىلەن ئەسلەپ تۇرغان ئىدى».

ئۇستاز ھەيدەر مۇستافا مۇنداق دېگەن: «ئابدۇللاھ ئەززام گەپ قىلغاندا، ماڭا گوياكى ئېگىز كۆتۈرۈلگەن دولقۇندەك بەھەيۋەت كۆرۈنەتتى، ئۇنىڭ ئىچىدە قورقماس بىر يۈرەك بار. ئۇنىڭ ياشاش مىزانى چىڭ تۇرۇش، مۇستەھكەملىك، تەڭپۇقلۇقنى ساقلاش ۋە ئوتتۇراھال بولۇشتۇر. ئۇ ئۆز نەپسىگە ھاكىم بولۇشقا تىرىشاتتى، دۇنيانىڭ ھۆكۈملىرىگە پەرۋا قىلمايتتى، ‹ھەقىقىي ھۇزۇز راھەت – پاراغەتتە ئەمەس، بەلكى ئىزچىل جىھاد قىلىش ۋە يەر يۈزىدە ئاللاھنىڭ دىنىنى جاپا – مۇشەققەت بىلەن بەرپا قىلىشتا› دەپ ئىشىنەتتى».

ئابدۇللاھ ئەززام پەقەت قىلىچى بىلەنلا جىھاد قىلغان ئەمەس، بەلكى قەلىمى بىلەنمۇ جىھاد قىلغان. ئۇ يىگىرمىگە يېقىن كىتاب يېزىپ قالدۇرغان بولۇپ، ئۇلاردىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. يات الرحمن في جهاد الأفغان / ئافغان جىھادىدا راھمان مۆجىزىلىرى؛

2. الإسلام ومستقبل البشرية / ئىسلام ۋە ئىنسانىيەتنىڭ كېلەچىكى؛

3. اِلْحَق بالقافلة / كارۋانغا يېتىشىۋېلىڭ؛

4. الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر / ئەمرىمەرۇپ ۋە نەھيىمۇنكەر؛

5. حكم العمل في جماعة / تەشكىللىنىشنىڭ ھۆكمى؛

6. حماس الجذور التاريخية والميثاق / ھاماس — تارىخىي يىلتىزلار ۋە نىزامنامە؛

7. الدفاع عن أراضي المسلمين أهم فروض الأعيان / مۇسۇلمانلارنىڭ زېمىنلىرىنى قوغداش پەرز ئەيننىڭ ئەڭ مۇھىمى؛

8. بشائر النصر المنارة المفقودة / غەلىبە بېشارەتلىرى — يوقىتىلغان ماياك؛

9. جريمة قتل النفس المؤمنة / مۇئمىن ئىنساننى قەتل قىلىش جىنايىتى؛

10. كلمات على خط النار / ئالدى سەپتىكى كەلىمەلەر.

 

مەنبە: عبد الله عزام – https://ar.islamway.net/article/6095/

ئۆزلەشتۈرمە تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ