قوليازمىنىڭ ئىسمى: تارىخى جەرىدەئى جەدىدە (يېڭى سەھىپە تارىخى) / تاريخ جريدة جديدة.
تۈر: تارىخ. ساياھەتنامە.
ۋاراق سانى: 134 (268 بەت)
قوليازمىنىڭ سۈپىتى: قوليازما تولۇق، ھەر بىر بەت 12 قۇر ئېنىق خەت بىلەن تۈركچە / چاغاتايچە يېزىلغان.
باشلىنىشى: الحمد لله رب العالمين، والعاقبة للمتقين، والصلاة والسلام على رسوله محمد وعلى آله وأصحابه أجمعين، بعد بو كتاب أطراف طرفان يورتيدا بولغان عزيزلارنينك و اولارنينك مناسبت ليك ديارغا بارادورغان زايره لارنينك يوليدا بولغان زيارت نينك زكرينى ايتورلار معلوم بولغايكه…
ئاخىرى: بلا فصل يوركنده ايرته دىن كج كه آزر يتيب آيسته راق يوروليب يتيب بولمايدور. تمت الكتاب بعون الملك الوهاب. سنه 1301 ماه ذالقعده نينك يكرمه بشي چهارشنبه كونى تامام بولغان.
قوليازما ساقلانغان ئورۇن: بېرلىن ھۆكۈمەت كۇتۇپخانىسى
Staatsbibliothek zu Berlin
PPN746828837
سانت باترىسبورگ (Sankt-Pétérburg) ئازىئاتسىكىي (Aziatskiy) مۇزېيى، C 578 (oid 590) نومۇردا ئۇيغۇر مەجمۇئەسىدە يەنە بىر نۇسخا ساقلانغانلىقى مەلۇم.
مۇئەللىفنىڭ تولۇق ئىسمى ۋە نىسبىتى: قارىي قۇربان ئەلى خالىد ھاجى بەگ ئوغلى ئاياگۆزىي چۆچەكىي. ئىمام قۇربان ئەلى خالىدىي دەپمۇ تونۇلغان.
مۇئەللىفنىڭ ئاتىسى خالىد بەگ قازاننىڭ ئورناشباشى يېزىسىدىن چىققان نوغاي بولۇپ، 1842 – يىلى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ شەرقىدىكى، قازاقىستاننىڭ تارباغاتاي ۋىلايەتىنىڭ (ئۆز ۋاقتىدا رۇسىيە باشقۇرۇشىدىكى) ئاياگۆز ناھىيەسىگە يەرلەشكەندىن كېيىن بىبى ئەفىفە خانىمغا ئۆيلىنىدۇ ۋە قۇربان ئەلى ئاياگۆزدە ھ. 1245/ م. 1830 – يىلى دۇنياغا كېلىدۇ. ئاياگۆزدە 30 يىل تۇرغان خالىد بەگ ئالدى بىلەن مىلادىيە 1879 – يىلى قازاقىستان چېگرىسىدىكى باكتە شەھرىگە، كېيىن شەرقىي تۈركىستان تارباغاتايدىكى چۆچەككە بارىدۇ ۋە 1887 – يىلى ۋاپات تاپىدۇ.
ئۇ ئاياگۆزدىكى ياش ؤاقتىدا مەدىنەدە ئىلىم تەھسىل قىلغان موللا ئابدۇللاھ ئاچقان مەدرىسەدە ئوقۇغان قارىي قۇربان ئەلى 1874 – يىلى چۆچەككە يەرلىشىدۇ ۋە ئۇ يەردە 36 يىل ئىماملىق ۋە مۇدەررىسلىك قىلىدۇ. 1886 – 1887 – يىللىرى ئارىسىدا قەشقەرگە قىلغان بىر ساياھىتى ئەسناسىدا تەقرىبەن 45 يېشىدا قەشقەرلىك ھاجى ئىسمائىل ئەفەندى تەرىپىدىن ئۆيلەندۈرۈلگەن. 1910 – يىلى قازىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ تاكى ھ. 1333/ م. 1913 – يىلى 84 يېشىدا تارباغاتاي ۋىلايەتىنىڭ چۆچەك ناھىيەسىدە ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر بۇ خىزمەتنى قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ئىلمىي تەتقىقاتلار ئېلىپ بارىدۇ. مائارىپنى ئىسلاھات قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ.
تارىخچى، فىلولوگ، ئىنسانشۇناس، سەيياھ ۋە ئۆلىما قارىي قۇربان ئەلى ئەرەب تىلىنى پىششىق بىلگەندىن سىرت، فارسچە، رۇسچە ۋە تۈرك شېۋەلىرىنى تولۇق بىلەتتى. ئاتىسىنىڭ تىجارەت ئىشلىرى بىلەن تۈرك دۇنياسىنىڭ كۆپ قىسمىنى، بىر قىسىم ياۋروپا دىيارلىرىنى، رۇسىيەنى ۋە ئوسمانىيلار دىيارلىرىنى كۆرگەن.
مۇئەللىفنىڭ بۇ ئەسەرى بىر ساياھەتنامە بولۇپ، ھ. 1301، 25 – زۇلقەئدە/ م. 1884، 30 – مايدا (قوليازمىدا ھىجرىيە يىل سانى 13101 يېزىلغان بولۇپ توغرىسى ھ. 1301، 25 – زۇلقەئدە/ م. 1884، 30 – ماي بولۇشى كېرەك. چۈنكى قازان باسمىسى قوليازما تارىخىدىن كېيىن نەشر قىلىنغان) تاماملىنىپ، 1889 – يىلى قازان ئۇنىۋېرسىتېتى باسمىخانىسىدا نەشر قىلىنغان ۋە بۇ نەشرگە ئاساسەن 1989 – يىلى «شىنجاڭ» خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن تاتارچە نەشر قىلىنغان. بۇ ئەسەر ئومۇمەن 19 – ئەسىردىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى ۋە سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بۇ ئەسەر 3 ئاساسىي بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، 1 – بۆلۈمدە مۇئەللىف مەرقەبە ۋە مەبدە ئىسمىدا مۇقەددىمە يازغاندىن كېيىن كۆپلىگەن شەھەر ۋە يېزىلار ئۈستىدە توختالغان. 2 – بۆلۈمدە ئەسھابۇل كەھف تېمىسى ئاستىدا بەزىبىر مەزمۇنلاردا توختالغان. 3 – بۆلۈمدە تۇڭگانلار بىلەن بولغان ئۇرۇشلار ھەققىدە توختالغان.
مۇئەللىف يەنە تارىخى خەمسەئى شەرقىي/ شەرقنىڭ بەش تارىخى ئاتلىق چوڭ ھەجىملىك بىر ئەسەرنىمۇ قالدۇرغاندۇر.
تەۋەللۇدى: قازاقستان / ئاياگۆز ھ. 1245/ م. 1830.
ۋاپاتى: شەرقىي تۈركىستان، تارباغاتاي / چۆچەك. ھ. 1333/ م. 1913.
(بۇ زات ئاستىدىكى ئەرەبچە تەرجىمىھالنىڭ ئىگىسىدۇر.)
***
اسم المخطوطة: تاريخ جريدة جديدة
الفن: التاريخ. أدب الرحلات.
عدد الأوراق: 134 (268 صفحة)
وصف المخطوطة: هذه النسخة المخطوطة كاملة، مكتوبة بخط واضح، في كل صفحة 12 سطر.
أولها: الحمد لله رب العالمين، والعاقبة للمتقين، والصلاة والسلام على رسوله محمد وعلى آله وأصحابه أجمعين، بعد بو كتاب أطراف طرفان يورتيدا بولغان عزيزلارنينك و اولارنينك مناسبت ليك ديارغا بارادورغان زايره لارنينك يوليدا بولغان زيارت نينك زكرينى ايتورلار معلوم بولغايكه…
آخرها: بلا فصل يوركنده ايرته دىن كج كه آزر يتيب آيسته راق يوروليب يتيب بولمايدور. تمت الكتاب بعون الملك الوهاب. سنه 1301 ماه ذالقعده نينك يكرمه بشي چهارشنبه كونى تامام بولغان.
مكان المخطوطة: مكتبة برلين الحكومية
Staatsbibliothek zu Berlin
PPN746828837
كما توجد نسخة أخرى في متحف Aziatskiy بمدينة سانت بطرسبرغ (Sankt-Pétérburg) برقم: 578 C (oid 590) ضمن مجموعة الأويغور.
الاسم المؤلف الكامل: القاري قربان علي بن خالد الحاج بيك آياكوزي مولدا، الجوجكي مقاما. وهو معروف باسم الإمام قربان علي الخالدي.
مكان الولادة: قازاقستان / آيا كوز. ھ. 1245/ م. 1830.
مكان الوفاة: تركستان الشرقية، تارباغاتاي / جوجك. ھ. 1333/ م. 1913.
وهو صاحب هذه الترجمة:
العلامة المؤرخ الأديب
قربان علي آيا كوزي
(من رجال القرن التاسع عشر)
هو قربان بن علي، من مواليد قازاقستان من أصل تتاري من جبال أورال. وقد انحدرت أسرته إلى أواسط تركستان العظيم واستوطن منطقة قازان. ولم يعرف عن تاريخ ولادته شيء يذكر غير أنه من رجال القرن المنصرم (القرن التاسع عشر) ، حيث إنه كان منكبا على تأليف كتابه «تاريخ خمسة شرقي» في النصف الثاني من ذلك القرن. وإنه كان يستقي أخبار الفتوحات والمعارك الفاصلة «لقوش بِكي يعقوب بك» الذي تسمى فيما بعد بـ«بَدَوْلَتْ»، ولذلك يجوز أن نخمن ولادته ووفاته في ذلك القرن ولعله ولد في أوائل القرن، وتوفي في أواخره على أكثر تقدير. ويقول الرواة: «إنه أخذ تعليمه الابتدائي في مدينة طراز، ثم انتقل إلى مرغلان وطاشكند حتى أكمل تعليمه العالي فيها. وكان متخصصا في التاريخ. وقد ألمحنا إلى أنه كان ينقد «بارتولد» المؤرخ الروسي الشهير، ويتهمه بعدم التثبت والسطحية. ومهما يكن من أمر تخصصه فقد كان عالما ضليعا في العلوم العربية والفارسية علما وأدبا، فضلا عن أنه كان من أكبر نقّاد زمانه في الأدب والتاريخ.
وفي الثمانينيات من القرن التاسع عشر خرج برحلة سياحية إلى قازان في تتارستان ثم عرج إلى إسطنبول، ثم إلى دول البلقان ودول شرق أوروبا فمصر القاهرة وفلسطين ودمشق الشام وحلب ولبنان وزار القدس الشريف، ثم الحجاز لأداء الحج والعمرة ثم أقام مدة من الزمن بالديار المقدسة.
ثم عاد إلى بلاده عن طريق الهند وآفغانستان وقد دون انطباعاته عن كل بلد من البلدان التي زارها. وقد كان شغوفا بالأخبار والأحداث العالمية، ولم يسمع عن جريدة أو مجموعة جرائد أو كتب إلا وسعى إلى جلبها مع الاشتراك فيها. ومن شغفه بالأخبار والجرائد سمى تاريخه الثاني بـ«تاريخ جريدة»، كتبها باللغة العربية وطبع كليهما في مدينة قازان. ومن هنا يتبين لنا أنه كان يتردد إلى تتارستان بسبب من الأسباب
وأهم ما استفدنا من مؤلفاته تقويم بلدان تركستان الكبرى وبحثه وتحقيقه في حقل التاريخ. وبالرغم من أنه عاصر أو التقى بالفيلسوف الإسلامي الكبير المعلم موسى جار اللّه لم ينوه الأخير في مؤلفاته إلى صاحب الترجمة قربان علي آيا كوزي لا بقليل ولا بكثير. ولعل في فارق السن أو حقل التخصص دخلا في ذلك.
وباستقصائنا عنه في أخريات حياته لم نعثر على أثر له في التسعينيات غير كتابه الأخير «تاريخ جريدة» المطبوع في قازان 1896م. فمن هذا أمكننا التخمين بأنه توفي في العقد العاشر من القرن التاسع عشر على أكثر تقدير. وأما مؤلفاته القيمة تعتبر بحق تحفة نادرة وتراثا قيما من تراث تاريخ أمتنا الإسلامية في شرقنا الإسلامي الكبير. وإن قربان علي آيا كوزي يعد من أهم وأبرز شخصيات قازاق المؤمنين باللّه المصدقين برسوله محمد عليه أفضل الصلاة وأزكى التسليم.
انظر: الإعلام ببعض رجالات تركستان، تأليف محمد قاسم بن أمين بن مؤمن بن هاشم الكاشغري التركستاني المكي، تحت الطبع، أعده للنشر وهذبه مركز ساجية للبحوث والدراسات الإسلامية.
«ساجىيە»دىن دەرھال چۈشۈرۈۋېلىڭ! حمل الآن Download now
بۇ يەردىن:
بېرلىن نۇسخىسى:
«شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (20) ئىمام قۇربان ئەلى خالىدىي – تارىخى جەرىدەئى جەدىدە / تاريخ جريدة جديدة» pdf
قازان باسمىسى:
«شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (20) ئىمام قۇربان ئەلى خالىدىي – تارىخى جەرىدەئى جەدىدە قازان باسمىسى» pdf
شەرقىي تۈركىستان تاتارچە باسمىسى:
«شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (20) ئىمام قۇربان ئەلى خالىدىي – تارىخى جەرىدەئى جەدىدە قازان باسمىسى» pdf

