مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئايرىم دۆلەت قۇرۇش تەشەببۇسكارى _ مۇھەممەد ئىقبال

مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئايرىم دۆلەت قۇرۇش تەشەببۇسكارى _ مۇھەممەد ئىقبال

(ھىجرىيە 1294 – 1357 / مىلادىيە 1877 – 1938)

 

دۇنياغا كېلىشى ۋە تەربىيىلىنىش ئەھۋالى

مۇھەممەد ئىقبال پاكىستاننىڭ پەنجاب رايونىنىڭ سىئالكوت شەھىرىدە ھىجرىيە 1294 – يىلى زۇلقەئدەنىڭ 3 – كۈنى (مىلادىيە 1877 – يىلى نويابىرنىڭ 9 – كۈنى) دۇنياغا كەلگەن.

مۇھەممەد ئىقبالنىڭ ئائىلىسى ئەسلى ھىندى دىنى براھمانلىرىنىڭ يۇقىرى تەبىقىسىگە تەۋە كىشىلەردىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەجدادى ئۇ دۇنياغا كېلىشتىن 300 يىل بۇرۇنلا ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغانىدى.

مۇھەممەد ئىقبال ئىماندىن نېمەتلىنىپ، ئۇنىڭغا مەھكەم ئېسىلغان ھالدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ھەمدە كىچىكىدىنلا «قۇرئان»نى يادلىغان ئىدى. ئۇ باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنى ئۆز شەھىرىدە ئوقۇپ تاماملىغاندىن كېيىن قانۇن فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ ۋە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆزىنىڭ ئوقۇشتىكى ئالاھىدە ئىقتىدارى بىلەن 1905 – يىلى لوندوندىكى كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدۇ. ئۇ يەردە پەلسەپە ۋە ئىقتىساد پەنلىرىنى ئالىي دەرىجىدە تاماملاپ، پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئېلىش ئۈچۈن گېرمانىيەدىكى ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا بارىدۇ ھەمدە قانۇنچىلىق كەسپىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بېرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئىمتىھان ئۈچۈن لوندونغا قايتىپ كېلىدۇ.

ئۇ لوندوندىكى ۋاقىتتا ئۆزى ئوقۇۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېتتا ئەرەب تىلى دەرسى بېرىشكە باشلايدۇ ھەمدە ئىسلامنى چۈشەندۈرۈش ۋە دەۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلىدۇ. ئۇ يەنە مۇسۇلمان پەيلاسوپلاردىن ئىبنى سىنا، ئىبنى رۇشد، ئىبنى ئەرەبى ۋە جالالىددىن رۇمى قاتارلىقلار بىلەن غەرب پەيلاسوپلىرىدىن ھېگېل، نىچىشې، شوپىنھاۋرلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا سېلىشتۇرما ئېلىپ بارىدۇ. شۇندىن كېيىن ئۇنىڭ نامى ھەر تەرەپلەرگە تارىلىپ تۈركىيە، رۇسىيە، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە مەشھۇر بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى بولسا ھەرخىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنىدۇ، غەرب پەيلاسوپلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى نىچىشې بىلەن سېلىشتۇرغىنىدەك گوتە بىلەنمۇ سېلىشتۇرىدۇ، ھەتتا شۇندىن كېيىن گېرمانىيىدە «ئىقبال جامائىتى» نامىدا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىدىغان مەخسۇس ئورگان قۇرۇلىدۇ. شۇنداقلا بۇنداق ئورۇننى ئىتالىيەدە مىيسۇ ئىسكارىيا، ئامېرىكىدا نىكلوسۇن، مىسىردا ئابدۇلۋاھھاب ئەززام قاتارلىقلار قۇرۇپ چىقىدۇ.

ئىسلامنى قوغدىشى

مۇھەممەد ئىقبالنىڭ پۈتۈن ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئىسلامنى دۈشمەنلەرنىڭ زەربىسىدىن قوغداش نىشانى بىلەن قىلىنغان ئىدى. ئۇ ئەللامە شەيخ ئەبۇلھەسەن نەدۋى ۋاپات بولۇشتىن ئالتە ئاي ئىلگىرى ئۆزىنىڭ پەلسەپىۋى كۆز قاراشلىرىنى ئۇنىڭغا بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «تەبىئىي پەنلەر بىلەن ئىسلام تىرىشچانلىقتا، ئەمەلىيەتچانلىقتا ۋە مەنپەئەتسىز ئىدىيەلەردىن يىراق تۇرۇشتا بىردەكلىككە ئىگە. بۇ خىل روھ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدە، ئەمەل، ئەدەپ – ئەخلاق ۋە باشقا ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا تاكى مۇسۇلمانلار يۇنان پەلسەپىسىگە غەرق بولۇپ كەتكەنگە قەدەر كەڭرى تەتبىقلانغان ئىدى…».

ئۇ يەنە ئىلاھىيەت پەلسەپىسى توغرىسىدا سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: «شەرقلىقلەر ئىلاھىيەت پەلسەپىسىگە قانداق پېتىپ قالدى، بۇلارنىڭ كۈچ – قۇۋۋىتى پەلسەپىنى دەپ قانداق خوراپ تۈگىدى. ياۋروپالىقلار بولسا پەلسەپە بابىدا تەبىئىي پەنلەردىن كېيىن پۈتكۈل دۇنيانى بويسۇندۇردى. ئۇلار شۇندىن بۇيان تەبىئىي پەن بىلىملىرىگە ئالاھىدە قاراپ، ئۇنىڭغا باشچىلاپ كىرىپ كېتىشتى. لېكىن، شەرقلىقلەر بولسا بۇنىڭغا قاراپلا: ياۋروپالىقلار بۇ ئەسىردە ۋەيران بولىدۇ، دېيىشتى. ئەمەلىيەتتە، بولسا ئەقلى – ھوشى جايىدا بىر ئەرەب ئىسلامنى ھەقىقىي چۈشىنىشكە ۋە بۇ بۈيۈك ئامانەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا ھەممىدىن بەكرەك ھەقلىق ئىدى».

ئىقبالنىڭ شېئىرلىرى بولسا پۈتۈن ئالەمگە نۇر ۋە ھارارەت ئاتا قىلغان ئىسلام مەشئىلىنىڭ سايىسىدا ئۇنىڭ پۈتۈن ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ ھاياتى ئاشۇ ئۆتكەن شان – شەرەپ ۋە قەدىمنىڭ زۇلمەتلىك باياۋانلىرىدا ياشاپ ئۆتكەن قەھرىمانلارنى ئىزدەش بىلەن ئۆتكەن([1]).

ئۇ شېئىرلىرىغا كۆز ياشلىرىنى ۋە قان – تەرلىرىنى ئېقىتىپ ئۇنىڭغا روھىنى ۋە دۇئالىرىنى قاتقان ئىدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئەقىلنى ئويغىتىپ، ئىززەت – غۇرۇرنى قوزغىتاتتى. قەلبلەردىكى ئۆچەيلا دەپ قالغان ئارزۇ – ئارمانلارنى جانلاندۇرۇپ، قەلبنى ئىمانغا مايىل قىلاتتى ۋە قەھرىمانلىققا قىزىقتۇراتتى.

مۇھەممەد ئىقبال ئۆز نۆۋىتىدە يەنە پۈتكۈل ھاياتىنى ئىسلامىي پىكىرلەر ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان ناھايىتى ئاز ساندىكى شائىرلارنىڭ بىرى ۋە قەلىمىدىن تۆكۈلگەن بايانلىرى بىلەن ئىسلامنىڭ بۈيۈكلۈكى ۋە ئۇنىڭ نۇرانە قىياپىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن شائىرلارنىڭ ئىچىدىكى تەبىئىي پەنلەردىن تولۇق خەۋەردار بولغان بىردىنبىر ۋەكىلى بولۇپ قالغان ئىدى([2]).

ئىقبالنىڭ شېئىرلىرى كۈچلۈك ئىمانى قۇۋۋەت بىلەن يۇغۇرۇلغان بولۇپ، ئوقۇرمەنگە ئىماندىن خەۋەر بېرىپ، ئۇنى گۈزەل، نەپىس شېئىرىي تىللار بىلەن ئوقۇرمەننىڭ تەپەككۇرىنى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە ئۇلاشتۇراتتى.

ئۇ بىر شېئىردا مۇنداق دەيدۇ:

قېنى زۇلمەت؟ شۇ تۈنلەرنىڭ دوستلىرى قېنى؟

مېنىڭ كۆرگىنىم بۇ ھال قەلبىمدىكى ئاللاھنىڭ نۇرى.

مۇھەببەت بىلەن ماڭماقتىمىز نۇرلۇق يوللاردا،

كارۋانمىز باشچىمىز ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى.

ئىقبال ئۆزىنىڭ «شكوى (شىكايەت)» ناملىق قەسىدىسىدە كۆز ياشلىرىنى ئاقتۇرغان ھالدا، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز دىنى، پەيغەمبىرى ۋە بۈيۈك ئامانەتلىرىدىن يىراقلاشقانلىقلىرىدىن ئاللاھقا شىكايەت قىلىدۇ. ھەمدە ئىسلام ئالەمى ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا غەلىبە – نۇسرەتنىڭ پەقەتلا ئىمانىنى قەلبلىرىدە ھەقىقىي تۈردە ئورۇنلاشتۇرغاندىلا ئاندىن قولغا كېلىدىغانلىقىنى، ئىنسانلارنىڭ بولسا پەقەتلا ئىمان ئارقىلىقلا ئىسلاھ بولىدىغانلىقىنى، دۇنيانىڭ بولسا پەقەتلا ئاخىرەت بىلەنلا ئىسلاھ بولىدىغانلىقىنى، مەسجىدلەرنىڭ بولسا جامائەتلەر بىلەن، جامائەتلەرنىڭ بولسا مەسجىد ئارقىلىق ئىسلاھ بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ئۇ بىر شېئىردا كىشىلەرگە مۇنداق خىتاب قىلىدۇ:

ئىمان يوقالسا تىنچلىق بولماس،

دىنسىز ئىنساننىڭ دۇنياسى بولماس.

دىنسىز ھاياتقا رازى بولسا كىم،

ھالاكەت يېقىنلا، ئۇنى بوش قويماس.

يۇلتۇزلار ياردىمىدە جىم تۇرار زېمىن،

تارتىش كۈچىسىز ياشىيالماس ھېچكىم.

ئىرادىلەر بىرلىشىپ تاپار تەۋھىدنى،

چېچىلساق شان – شەرەپ قېنى، نەدىكىن؟!

ئۇ يەنە كاپىرنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ:

كاپىر ئۇ مىسلى بىر باياۋاندۇر،

ئۇنىڭدا بۇ ئالەم ھەم خاراباندۇر.

مۆمىن بولسا بىر ئالەم ئۆزى،

پۈتكۈل كائىنات ئۇنىڭدا ھەيراندۇر.

مۇھەممەد ئىقبالنىڭ ئەبۇلھەسەن نەدۋى نەسرىي شەكىلدە ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلغان «سېنىڭ شەھىرىڭدە، يا رەسۇلۇللاھ!» دېگەن قەسىدىسى ئادەمنىڭ ھېس – تۇيغۇلىرىنى ئاجايىپ قوزغىتىدۇ.

يا رەسۇلۇللاھ! سېنى چۈشۈمدە كۆردۇم ۋە ساڭا ھىندىلارنىڭ زۇلۇملىرىدىن، سېنىڭ دىنىڭگە قىلغانلىرىدىن ساڭا دەرد تۆكىمەن. يا رەسۇلۇللاھ! ئۇلار ئەنە ئۇلار! سېنىڭ دىنىڭنى تىلتۇمارلارغا، تەسبىھلەرگە ۋە رەققاسلارنىڭ ناخشىلىرىغا ئۆزگەرتىۋەتتى. يا رەسۇلۇللاھ! سېنىڭ دىنىڭ سېنىڭ شەھىرىڭدە تارقىلىپ مېنى ۋە ماڭا ئوخشاشلارنى ھاياجانلاندۇرسا، ئۇلار ساڭا ئاۋاز قوشۇشتىن باش تارتىشتى. يا رەسۇلۇللاھ! دىنىڭ مەدىنىدىن چىقىپ ئىراققا، ئاندىن تۈركلەرگە، ئاندىن كېيىن ھىندىلارغا يەتتى، ئۇندىن كېيىن ئۇ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن پۈتكۈل ئالەمنى قاپلايدۇ.

بەردى نۇر بىزلەرگە، جىمى مەۋجۇداتلارغا،

مەڭگۈلۈك رەڭلەندۇق ئىلاھىي نۇردا.

ئىماننىڭ ھېكمەتلىرى مەككە، مەدىنە، ئىراق تامان،

يەتتى تۈركلەرگە ھەم ئۇندىن ھىندىلارغا.

ئۇنىڭ مەشھۇر شەخسلەر ۋە دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى

كىشىلەرنىڭ ئىمان ئېيتىشى مۇھەممەد ئىقبال ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم مەسىلە ھېسابلىناتتى. ئۇ شۇ زاماننىڭ داڭلىق شەخسلىرىدىن بولغاچقا، ئۇنى شۇ چاغدىكى داڭلىق شەخسلەر ۋە دۆلەت ئەربابلىرى تونۇيتتى. ئەلۋەتتە، ئۇ لېنىن ۋە باشقا غەربپەرەس كىشىلەرگىمۇ تونۇشلۇق ئىدى. ئۇ لېنىنغا بىر پارچە مەكتۇپ يوللىغان بولۇپ مەكتۇپىدا: «لېنىن! ئاللاھتىن قورق، سەن كاپىتالىستىك تۈزۈمنى بىكار قىلىپ ياخشى قىلدىڭ. ئەمدى ئىمان ئېيتقىن» دەپ ئۇنى ئىسلامغا دەۋەت قىلغان ئىدى. شەخسلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كاپىتالىستىك تۈزۈمگە قارشى تۇرغان بۇ مەلئۇن ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، دۇنيانى ۋەيران قىلغان ئىدى.

مۇھەممەد ئىقبال يەنە شۇ چاغدىكى ئافغانىستاننىڭ پادىشاھى نادىر شاھنىڭ «بىز تەرەپلەرگە كەلسىڭىز» دەپ ئەۋەتكەن مەكتۇپى بىلەن كابۇلغا كېلىدۇ. ئۇ كابۇلغا كىرگىنىدە ئۇنى پۈتۈن ئافغانىستان خەلقى كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ قارشى ئېلىپ كۈتۈۋالىدۇ. ئۇ شاھنىڭ ئالدىغا قوبۇلغا كىرگەندە بولسا شاھقا «قۇرئان»دىن بىرنى سۇنۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەي نادىر شاھ! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن بۇ كىتابنى چىڭ تۇتمىغىچە ئافغان خەلقىنى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈرەلمەيسەن. ساڭا بۇنى ئاللاھتىن ئەكەلدىم».

ئۇنىڭ ئەرەبلەرنى ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى ياخشى كۆرۈشى

مۇھەممەد ئىقبال ئەرەبلەرنى ياخشى كۆرەتتى. بولۇپمۇ، ھىجازلىقلارنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرەتتى. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ يەردىن ئىدى. بۇ يەر نۇر ۋە ئەبەدىيلىك دىن تارقالغان باتۇرلار ماكانى، تەۋھىد ۋە شانلىق تارىخنىڭ بۆشۈكى ئىدى. مۇھەممەد ئىقبالنىڭ «مېنىڭ ھىجازدىكى تۆگەم» ناملىق قەسىدىسى بار بولۇپ، ئۇ قەسىدىدە كۆز ياشلىرىنى تۆككەنچە مۇنداق دەيدۇ: «كاشكى، قايتا تۇغۇلغان بولسامچۇ!…».

مۇھەممەد ئىقبالنىڭ پەلسەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇشى ۋە مۇتەنەببىينىڭ شېئىرىي دىۋانلىرىنى شەرھىلىشى ئاسانغا توختىغان ئەمەس. ئۇ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ۋە نۇرغۇنلىغان لېكسىيەلەرنى سۆزلىگەن ئىدى. ئۇ ھەتتا ئۆمرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيىتلىرىدىمۇ كۈنىگە نەچچە قېتىم لېكسىيە سۆزلىگەن ئىدى([3]).

ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا ئېچىناتتى. ئۇ قۇرتۇبەگە زىيارەتكە بارغاندا، قۇرتۇبە مەسجىدى ئالدىدا تۇرۇپ بىرمۇ مۇسۇلمان ئۇچرىتالمايدۇ ۋە مەسجىدنىڭ ئەتراپىنىڭ ھاراقكەشلەر بىلەن تولغانلىقىنى، مەسجىد مېھرابلىرىدا بولسا يېرىم يالىڭاچ ئاياللارنىڭ ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مەسجىد ئىشىكىدە ئولتۇرۇپ قالىدۇ ۋە كۆز ياشلىرىنى تۆككىنىچە قۇرتۇبە مەسجىدى ھەققىدە ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان مەشھۇر قەسىدىسىنى ئوقۇيدۇ:

مەڭدىدى تەپەككۇر خىيالىم مېنىڭ،

كۆيدى ئىرادەم بۇ قان مۇسىبەتتە.

نۇرى يوق ۋەز – نەسىھەتنى ئاپارغىن نېرى،

ئاڭلىماققا يوق قۇلاق ئۇشبۇ ھالەتتە.

ھەممىدە پەلسەپە پىكىر زىيادە،

ئەمما، مەن غەزالىنى تاپالمايمەن.

ھەرتەرەپتىن ياڭرايدۇ ئەزان ئاۋازى،

بىلالنىڭ ساداسىنى ئاڭلىيالمايمەن.

مەسجىدنىڭ مۇنارلىرى بولسىمۇ ھەيۋەت،

بوش شۇنداق، بىر بەندە تاپالمايمەن.

مۇھەممەد ئىقبال مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا ئىمان ۋە روھىي مەنىۋىيەتلەردىن خالىي بولغان ياۋرو – ئامېرىكا مەدەنىيىتى بىلەن مۇسۇلمانلاردىكى دىن بىلەن دۆلەت بىرلەشكەن مەدەنىيەتنىڭ پەرقىنى ئەڭ ئوچۇق شەكىلدە چۈشەندۈرگەن ۋە ھەرقانداق ئىنسان ھەر زامان موھتاج بولىدىغان روھىي تەرەپلەر بىلەن «قۇرئان» تىلغا ئالغان زېمىن گۈللەپ ياشنايدىغان ماددىي تەرەپلەرنىڭ ئوتتۇرىدىكى باغلىنىشىنى چۈشەندۈرۈپلا قالماي، مۇسۇلمانلارغا مەدەنىيەتنىڭ مۆمىننىڭ ئىمانىغا، مۇسۇلمانلارنىڭ نامىزىغا ۋە راستچىللارنىڭ راستچىللىقىغا ھەم ئۇلارنىڭ سەمىمىيىتىگە موھتاجلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇ بۇ توغرىدا بىر قەسىدىسىدە مۇسۇلمانلارغا مۇنداق دەيدۇ:

پۈتۈن دۇنيا بىلمىسە مەيلى،

لېكىن، دۇرى – ياقۇت كانىدۇرسەن.

ئەۋلادلار ئاۋازىڭنى ئاڭلىيالمىسىمۇ،

لېكىن، ئۆچمەس بىر سادادۇرسەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئالەمدە سەنلا ھەق ئۈستىدە، ساڭا بۇ ۋاراڭ – چۇرۇڭلار، بۇ پەلسەپە تەشۋىقاتلار زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. چۈنكى، لوس ئانجېلىستا تۇغۇلغان، سىتەنفورددا دەرس ئۇقۇغان دۇنياپەرەسلەر بولسا ‹قۇرئان›نى، زەمزەمنى ۋە سۇدا تاھارەت ئېلىشنى بىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئەقلىگە يۈگەن سېلىنغان بولۇپ، ئۇلار دىننى خۇراپاتلىق ۋە قالاقلىق دەپ چۈشىنىدىغانلاردۇر».

مۇھەممەد ئىقبال ھاياتىنىڭ پۈتۈن قىسمىنى ئىسلام جامائىتى ئۈچۈن سەرپ قىلغان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ شان – شەرىپى، مەدەنىيىتىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سالغان ئىدى.

ئۇ يەنە ئەينى ۋاقىتتا مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ خىلاپەتنى ئۆرۈگەنلىكىگە قارشى «شەرق مەكتۇپلىرى» دىۋانىغا كىرگۈزۈلگەن مەشھۇر قەسىدىسى «مۇستاپا كامال پاشاغا خىتاب» ئارقىلىق رەددىيە قايتۇرغان ھەمدە ئۆزىنىڭ تۈرك جەمئىيىتىگە بولغان غەم – قايغۇسىنى ۋە ئاتاتۈرك «ئىسلاھات» دەپ ئاتىۋالغان غەربلىشىش پىكرىنى تەنقىدلەپلا قالماستىن، يەنە شۇ ۋاقىتتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىمۇ قاتتىق تەنقىدلىگەن ئىدى. چۈنكى، مۇستەملىكە زېمىنىدا ياخشى كۈن مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.

چەيلىگەنلەر ئادىللىقنى پايخان قىلىپ،

يازدى نېمە ئادىللىقنىڭ بايانلىرىغا.

تەبىر ئېيتتى شۇنداق يېڭى تونلار بىلەن،

كىشەن لازىم ھۆرلۈك ئۈچۈن بويۇنلىرىغا.

مىسالى بىر قۇش سوراپ كەلسە ئامانلىق،

كۆرسىتىشتى ئوۋچى ئۆيىنى ماكان قىلىپ.

دېدى: قۇشقا ئامانلىق يوق ئاسمانلاردا،

قاچماق لازىم لاچىنلاردىن بوزقىرلاردا.

شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇھەممەد ئىقبال رەھىمەھۇللاھ ئىسلام ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىي قائىدە – قانۇنىيەتلىرىنىڭ تەرتىپلىنىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە تۇنجى بولۇپ بۇنى ھىندى يېرىم ئارىلىدا پارلىتىپ، ئىسلامنىڭ ئەسلى مۇددىئاسىنى ۋە ئىسلامدىكى ماھىيەتلىك چاقىرىقلارنى تېپىپ چىقىپ ئۆزىنىڭ ئەدەبىي خىتابلىرىدا ئىسلام ئەدەبىياتىنىڭ ئەسلى مەنبەسى ۋە مۇددىئاسىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، ئۇسلۇبتا «قۇرئان»غا ئوخشاش گۈزەل تىل، مەزمۇنلۇق بايان، پىكىرلەردە بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پاك سۈننەتلىرى، پىكىرلىرى ۋە خۇشبۇي تارىخلىرىنى ھەم ئىنسانىيەت مۇساپىسىنىڭ بايانى ۋە تەجرىبە قانۇنىيەتلىرىنى مەنبە قىلىدۇ([4]).

ئەرەب ئەدىبلىرىنىڭ ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشى

ئەرەب ئەدىبلىرىدىن ئابدۇلۋاھھاب ئەززام، شەيخ ساۋى شەئلان، مۇھەممەد ھەسەن ئەئزەمىي قاتارلىقلار مۇھەممەد ئىقبالنىڭ شېئىر ئۇسلۇبىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەرەبچىگە ھەرخىل ژانىردا تەرجىمە قىلغان ئىدى. شەيخ ساۋىي شەئلان ئەرەبچە شېئىرىي شەكىلدە تەرجىمە قىلغان «بۇ دۇنيا بىزنىڭ مۈلكىمىز» ناملىق قەسىدىسىدە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ شانۇشەۋكىتىنى گۈزەل ئۇسلۇبتا بايان قىلىپ بەرگەن بولۇپ، قەسىدىنىڭ ھەربىر مىسراسى قەلبتە ئورناپ كەتكەن، ئىسلام ئۈممىتى بېسىپ ئۆتكەن ھازارەت باسقۇچلىرىنى سەمىمىي ئۇسلۇبتا ئىپادىلىگەن ئىدى.

ئەسىرلەر دۇنيانىڭ شاھى بولغان بىز،

ئاللاھ يولىدا قان كەچكەچ ئەجدادىمىز.

باققىن! ئەنە نۇر بىلەن پۈتۈلگەن پۈتۈك،

ئۆتسىمۇ زامانلار بىز ئۇنۇتالمايمىز.

گەر قاينىسا دۈشمەننىڭ زۇلۇم قازىنى،

دۈم كۆمتۈرىمىز ھەم شۇئان ئۆرۈيمىز.

ئىمان ۋە ھىدايەتكە تولغاچ قەلبىمىز،

قىلچىلىك زۇلۇمغىمۇ بويۇن ئەگمەيمىز([5]).

ئۇ ئۆزىنىڭ شېئىرلىرىدا يەنە ئىسلامىي بىرلىك، كۈچ – قۇۋۋەت، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ يولىغا مەھكەم ئېسىلىشتىن ئىبارەت ئىسلامىي مەنىلەرگە كەڭرى ئورۇن بەرگەن ۋە ئۆز قەسىدىلىرىدە ئىنساننىڭ ئۆز ئەتراپلىرىغا نەزەر سالسا، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە باقسا، ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىنلىشىدىغانلىقىدەك مەنىلەرنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئىدى.

ئۇنىڭ دوكتور ئابدۇلۋاھھاب ئەززام «تەئەممۇلات» نامىدا تەرجىمە قىلغان تۆۋەندىكى قەسىدىسىدە ئۆتمۈش بىلەن ھازىرنى سېلىشتۇرغان بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆتمۈشى ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ تەپەككۇرىنى قوزغايدىغان نەرسىلەر بىلەن لىق تولغان ئىدى. لېكىن، ھازىرقى مۇسۇلمانلار بولسا ئۆزىنىڭ يوقىتىۋاتقان مەدەنىيىتى توغرىسىدا سوئال سوراش بىلەن ئاۋارە ئىدى. ئىقبال ئۆزىنىڭ پەلسەپىگە تويۇنغان بېيىتلىرىدە ئىسلامغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت تەلپۈنۈشلىرىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئىقبال ئۆزىدىن كېيىن كەلگەن مۇسۇلمان شائىرلارنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالدى.

مەنە ئىستىگەن ھالغا لەۋزىلەر ئاجىز كەلدى،

ھەم شۇندا ئەقىل – ئىدراك چەتتە قالدى.

دېدىمكى، لەۋزىلەر مەنىدىن خېجىل،

مەنىلەر ھەم كەلىمىلەردىن شىكايەت ئالدى.

ئۆلدى مەنە كەلىمىلەر ئىسكەنجىدە،

ئۇنىڭ ئوتى كۆيدۈرۈپ يۈرەك ئالدى.

بارلىق ھەم يوقلۇقنىڭ سىرلىرى قەلبتىدۇر،

ھەم ئول ۋاقىتنىڭ ئۆتمىكى ئۇنىڭدىدۇر.

ھەر قەلبنىڭ شۇنچە مەخپىي سىرلىرى بار،

تەقدىر بولسا شۇ ۋاقىتنىڭ قىلىچىدۇر.

دىننى تىكسەڭ پاك قەلب ئېتىزىغا،

ھەقىقەتلەر بولار نامايان ئەيىبلىرى قايدىدۇر.

ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ جەمئىيەتكە كۆرسەتمە بېرىشتىكى رولى

ئىقبالنىڭ قارىشىدا، ئەدەبىيات ئاللاھ بەرگەن چوڭ تالانت ۋە بۈيۈك بىر كۈچكى، ئەدىب شۇ ئارقىلىق جەمئىيەتتە قوزغىلاڭ ۋە پىكرىي ئىنقىلابلارنى پەيدا قىلالايدۇ، چىرىك تۈزۈم، قائىدە – قانۇنلارغا زەربە بېرەلەيدۇ، شۇنداقلا قەلبلەردە ناچار ئىشلارغا قارىتا غەزەپ ۋە نەپرەت ئوتلىرىنى يېقىپ، كۆڭۈللەرنى يامانلىقتىن سەسكىنپ، ياخشىلىققا تەلپۈنىدىغان قىلالايدۇ. ئەدىب – شائىرلارنىڭ قەلىمى مۇسانىڭ ھاسىسىدەك تەسىر قوزغىشى ۋە دۇنيادىكى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئەدىبلەر ماددىزمغا دۈم چۈشسە، بايلىققا بېرىلىپ شەھۋەتكە ئۆزىنى ئۇرسا، ئۇنداقتا، ئۇ ئەدىبنىڭ تالانتى ئۆلگەن بولىدۇ، مەخلۇق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇ بىر بېيىتتا مۇنداق دەيدۇ: «مەن گۈزەللىكلەردىن ھۇزۇرلىنىشنى ئەيىب سانىمايمەن، چۈنكى بۇ تەبىئىي بىر ئىش. لېكىن، مۇسانىڭ ھاسىسىنىڭ تاش ۋە دېڭىزغا قىلغان تەسىرىچىلىك، جەمئىيەتكە ھېچبىر تەسىرى بولمىغان ئىلىمنىڭ جەمئىيەتكە نە پايدىسى؟!».

مۇھەممەد ئىقبال يەنە شەرق ئەدەبىياتىنىڭ ماددىزمدىن باشقا يەنە ئاياللارنى چۆرىدەپ ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدى.

ئۇنىڭدا پەقەت ئاياللار توغرىسىدا گەپ بولاتتى، شۇ ئايال توغرىسىدا ئىزدىنىش بولاتتى ۋە شۇنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينايتتى، پەقەت شۇ ئايالنىلا سۈرەتلەيتتى، ئۇنىڭ جامالىنى، ماڭغان-تۇرغىنىدىن باشقىنى كۆرمەيتتى. مانا بۇ «ۋەھدەتۇل ۋۇجۇت» بابىدىكى «ئەدىبلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى» دەپ ئاتالغان يېڭى ئەقىدىدۇر. بۇ خۇددى ھازىرقى زامان ئەدىبلىرى دەۋاتقان «دۇنيادا پەقەت ئاياللارلا مەۋجۇت» نىداسىدۇر([6]).

بۇ ھەقتە ئىقبال: «شەھىرىمىزدىكى شائىرلار، رەسساملار ۋە ھېكايەتچىلەرگە ئەپسۇسلىنىمەن، بۇلارنىڭ پۈتۈن سەزگۈسىنى ئاياللار ئىگەللىگەن» دېگەن ئىدى.

بىز بۇ ئىسلام شائىرى مۇھەممەد ئىقبالنىڭ بۇ قىسقىغىنە تەرىپلىرىدىن ئۇنىڭ پۈتۈن تۇيغۇلىرىنىڭ ئىسلامدىن يىراقلىشىپ كەتمىگەنلىكىنى بىلەلەيمىز ھەمدە ئۇنىڭ ئىسلامنىڭ ھېچقانداق بىر چېگرىسىدىن ھالقىپ كەتمىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەتراپىنىڭ ئىسلام بىلەن قورشالغانلىقىنى، ھىچبىر شېئىرنىڭ باشقا ياققا قېيىپ كەتمىگەنلىكىنى، ئىسلامنىڭ بولسا ئۇنىڭ ھېس – تۇيغۇلىرىنى ئەمىن تاپقۇزغۇچىسى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلەلەيمىز. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن «پاك زېمىن»دا بۈيۈك بىر ئىسلام دۆلىتى بەرپا بولغان ئىدى. ئۇ دۆلەت بولسا «پاكىستان»دۇر.

ئىقبال ئۆزىنىڭ ئىسلامىي شېئىرلىرى ئارقىلىق پۈتۈن ئىسلام ئۈممىتىنى يېڭى بىر بۈيۈك ئىسلامىي بىرلىككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشقان ئىدى.

بۇ ئىسلامىي دەۋەت بولسا دۇنيانى دىن بىلەن ئىسلاھ قىلىشتىكى ئەڭ توغرا مەقسەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنىڭدا ئىسلامىي مەنىلەر لازىم تۇتۇلۇشى ۋە كەلتۈرۈلگەن دەلىللەر «قۇرئان كەرىم»دىن كەلگەن ھەقىقەتكە ئۇيغۇن كېلىشى لازىم بولاتتى. ئەگەر قەۋمىنىڭ ئاللاھ يولىدا پارچىلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندە، ئۇلارغا سېنىڭ ھەق، سېنىڭ باتىل دېمەستىن، بەلكى ئۇلارغا ئۇلارنىڭ كىتابلىرىنى زىكىر قىلىپ بېرىشى ۋە ئۇلارغا ھەقنى چۈشەندۈرۈپ، ئازگالدىن تارتىپ چىقىرىشى ھەمدە ئاللاھ يولىغا چاقىرىشى لازىم بولاتتى.

بىز ھېچ كىشىنىڭ ئەرەبچە، پارسچە ۋە تۈركچە شېئىرلىرىدا ئىقبالنىڭ ئۆز شېئىرلىرىدا قىلغىنىدەك ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئۆزىگە مەنزىل قىلغانلىقىنى بىلمىسەكمۇ، ئەمما ئىقبالدەك پىكىر قىلغانلىقىنى ياكى چۈشەندۈرگەنلىكىنى ۋە ئۇنى ئۇنىڭدەك داۋاملاشتۇرغانلىقىنى بولسىمۇ كۆرەلمەيمىز.

ئىقبال بولسا قاپقاراڭغۇدا يولدىن ئازغان كىشىنى قۇتۇلدۇرىدىغان قەھرىمانلاردەك بىر ئىشنى قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ دېڭىز كەبى شېئىرلىرىدا بىر مەقسەت ئۈچۈن چەكلىنىپ قالمىغانىدى.

چىراغ ئۆچۈپ قالسا كارۋان يول تاپالمايدۇ، كارۋان پەقەت مەشئەل كۆتۈرۈۋالغان كىشىنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغۇچىلاردۇر. نەقىل بىلەن ئەقىلنى تارازىغا قويساق تەڭ كېلىدۇ. سەۋەبى ھەر ئىككىلىسى «قۇرئان»غا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقىدىندۇر. «قۇرئان»دىن كەلگەن نەقىل ئەقىلنى كۈچلەندۈرسە، ئەقىل «قۇرئان» ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرۈيدۇ. ئەقىل ئۇنى ئىگىلىيەلمەيدۇ ھەم ئۇنىڭدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ([7]).

ۋاپاتى

ئىسلام شائىرى مۇھەممەد ئىقبال 1938 – يىلى 4 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتتى. بۇ كۈن پۈتۈن ھىندىستان خەلقىگە ۋە ئۇلاردىكى مۇسۇلمانلارغا ئەڭ ئېغىر مۇسىبەتلىك كۈن بولدى.

بۇ كۈندە ھۆكۈمەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ئىش تاشلاپ، تىجارەتچىلەر دۇكانلىرىنى تاقىدى، كىشىلەر ئۇنىڭ نامىزىغا ئۆيلىرىدىن توپ – توپ بولۇپ چىقىپ كېلىشتى. ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ئۈچۈن ھىندى رەھبەرلەر ۋە ئەدىبلەر، ھىندى دىنىدىكىلەر ۋە مۇسۇلمانلار ئوخشاشلا قايغۇرۇشتى.

مەشھۇر ھىندىستان شائىرى تاگور ئۇ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: مۇھەممەد ئىقبالنىڭ ۋاپاتى بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا شۇنچىلىك زور بوشلۇقنى پەيدا قىلدىكى، بۇ بوشلۇق خۇددى ئىنتايىن ئۇزۇن مۇددەت داۋالىمىسا ساقايمايدىغان ئەجەللىك جاراھەتكە ئوخشاپ قالدى. چۈنكى، ئۇنىڭدەك دۇنياۋىي شائىرنىڭ ئۆلۈمىنى ھىندىستاندەك دۇنيادىكى ئورنى يۇقىرى بولمىغان بىر دۆلەت قانداقمۇ كۆتۈرەلىسۇن؟!([8]).

مەنبەسى: http://islamstory.com/ar

تەرجىمىدە: خۇشپېئىل


([1]) أبو الحسن الندوي: روائع إقبال ص6، 7.
([2]) عبد اللطيف الجوهري: مع إقبال شاعر الوحدة الإسلامية ص99.
([3]) http://audio.islamweb.net/audio/index.php?page=FullContent&audioid=20548، والمقال للشيخ عائض القرني بعنوان: «محمد إقبال شاعر الإيمان والحب والطموح».
([4]) مجلة أقلام الثقافية الإليكترونية، مقال بعنوان «الأدب الإسلامي العلامة محمد إقبال أنموذجًا»، الرابط: http://www.aklaam.net/forum/showthread.php?t=11495
([5]) عبد اللطيف الجوهري: مع إقبال شاعر الوحدة ص132، 133، والقصيدة ترجمة د. عبد الوهاب عزام.
([6]) أبو الحسن الندوي: شاعر الإسلام، الدكتور محمد إقبال ص80 – 81، ملحق مجلة الأزهر المصرية، عدد صفر 1429هـ، فبراير 2008م.
([7]) حسين مجيب المصري: إقبال والقرآن ص158.
([8]) انظر موقع إسلام أون لاين، مقال بعنوان (محمد إقبال.. شاعر الهند والإسلام).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ