سەھرا شىرى _ ئۆمەر مۇختار

چۆل ئارسلانى — ئۆمەر مۇختار

(ھ. 1275 – 1350 / م. 1858 – 1931)

 

ئۆمەرگە قارىغىنىمدا، ئۇنىڭ ئۈست – بېشىدىن يېقىندىكىلەرمۇ، يىراقتىكىلەرمۇ كۆرەلەيدىغان دەرىجىدە نۇر يېغىپ تۇرغانلىقىنى بايقىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئىككى لېۋىم تىترەشكە باشلىدى. مەن قەلبىمنى ئورىۋالغان بۇ قورقۇنچنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەيتتىم. ئۆز – ئۆزۈمگە: «بۇ بىر مۇقەددەس روھكەن» دېدىم.

— ئىتالىيە قىسىملىرىنىڭ قوماندانى گېنېرال گرازىيانى

 

ئىسلام ئۈممىتىدىكى بىر بۈيۈك شەخس بولۇشىڭىز ئۈچۈن، سىزنىڭ ياش بولۇشىڭىز شەرت ئەمەس. چۈنكى، ئىسلامدىكى بۈيۈك شەخسلەر ھەر ياشتىكىلەردىن چىققان. مۇھىمى سىزنىڭ بۇ دىنغا ياردەم قىلالىغۇدەك چوڭ بىر دەۋانى قەلبىڭىزدە كۆتۈرۈپ يۈرۈشىڭىزدۇر. لىۋىيە قەھرىمانى ئۆمەر مۇختارنىڭ قىسسەسى بۇنىڭ جانلىق دەلىلىدۇر.

ئۇشبۇ قىسسەمىز نەسەبى ئەدنان – قۇرەيش قەبىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدىغان بەدەۋىي قەبىلىلەرنىڭ بىرىنىڭ چېدىرىدىن باشلىنىدۇ. ئۇ يەردە مۇختار ئىبنى ئۆمەر دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىشى ئاللاھنىڭ ئۆيى ھەرەمگە بىرلىكتە ھەج قىلىش ئۈچۈن ئايالى (ئائىشە بىنتى مۇھارىب) نى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىۋالىدۇ. مۇختار مەككەگە كېتىۋىتىپ، ساھابە ئۆمەرنىڭ ئىسمى تەۋەررۇك قىلىپ قويۇلغان بىر بوۋاقنى قالدۇرۇپ، يولدا ۋاپات تاپىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىچىك ئۆمەر ئىلگىرى قەھرىمان ساھابەلەرنى چىقارغان بەدەۋىي سەھرا مۇھىتىدا يېتىم ھالدا چوڭ بولۇپ، مىسلىسىز چەۋەندازغا ئايلىنىدۇ.

19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆمەر مۇختار فرانسىيە باسقۇنچىلىرىغا قارشى چاد مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى بىلەن بىرگە جىھاد قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئافرىقىغا باردى ۋە ئۇ يەردە فرانسىيە گېنېراللىرىغا تاجاۋۇزچىلارغا قارشى جىھادتىكى ئىسلامىي تاكتىكىلاردىن ئازراق دەرس بېرىپ قويۇشتىن بۇرۇن، ئۇلارغا ئەرەب جەڭ ماھارەتلىرىدىن ساۋاق بېرىپ قويدى. شۇ چاغدىلا ئۆمەر مۇختارنىڭ داڭقى ئافرىقىنىڭ ھەرجايلىرىغا تارالدى. ئاندىن ئۇ بالىلارغا ئاللاھنىڭ كىتابىنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىنى ئۆگىتىدىغان بىر مۇئەللىم بولۇشقا ئۆزىنى بېغىشلاشتىن بۇرۇن، ئافرىقا قەبىلىلىرى ئارىسىدا يۆتكىلىپ يۈرۈپ ئىسلام تارقاتتى.

لېكىن، 1911 – يىلى 29 – سېنتەبىر كۈنى ئىتالىيە لىۋىيەنى، بېسىۋىلىش ئۈچۈن دېڭىز فلوتلىرىنى ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر مۇختار ئىتالىيانلارغا قارشى يەنە بىر قېتىم تەلىم – تەربىيەدىن جىھادقا يۆتكەلدى، مۇجاھىدلارنىڭ سەپلىرىنى تەشكىللەپ، تاجاۋۇزچىلارنىڭ سەپلىرىگە قارشى ئارقا – ئارقىدىن ھۇجۇملارنى قوزغىدى. نەتىجىدە، ئىتالىيانلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسكەرلىرىگە پات – پات تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدىغان، ئاشۇ ياشانغان ئاقساقاللىق كىشىنىڭ سالاھىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدى. ئۆمەر مۇختارنىڭ ئىسمى رۇم گېزىت – ژۇرناللىرىدا كۆپ تىلغا ئېلىنىشقا باشلاپ، ئۆمەر مۇختار ۋە مۇجاھىد سەپداشلىرىنىڭ قولىدا ئىتالىيە ئارمىيىلىرىنىڭ ئارقا – ئارقىدىن مەغلۇپ بولۇشى نەتىجىسىدە، ئىتالىيەدە تۆت ھۆكۈمەت ئالماشتى. نەتىجىدە، ئۆمەر مۇختار ئىتالىيەلىكلەرنى خاتىرجەم ئۇخلاتمايدىغان قورقۇنچلۇق بىر قارا كۆلەڭگىگە ئايلاندى. مۇجاھىد شەيخ ئۆمەر مۇختارنىڭ ئىسمى ئىتالىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قەلبلىرىدە قورقۇنچ قوزغايدىغان بىر ئىسىمگە ئايلاندى.

بۇ ئەسنادا لىۋىيەلىك چوڭ بىر ئارسلان لىۋىيەنىڭ قىزىق سەھرالىرىدا ھەرىكەتكە ئۆتتى…

ئۇنىڭ ئىسمى شەيخ ئۆمەر مۇختار بولۇپ، بالىلارغا ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئۆگىتىدىغان، ياشتا چوڭ بىر مۇئەللىم ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ پېشقەدەم كىشى چوڭ بىر مۇجاھىدقا ئايلاندى ۋە مۇجاھىدلار بىلەن بىرگە لىۋىيەنىڭ قىزىق سەھراسىدا يۆتكىلىپ يۈرۈپ، ئىتالىيە ئەسكەرلىرىگە تۇزاقلارنى قۇردى. ئۇ ۋاقتىنى جىھاد بىلەن كېچىلىك تەھەججۇدقا بۆلەتتى. ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم «قۇرئان»نى تۈگىتەتتى، كۆپ بولغاندا ئىككى ياكى ئۈچ سائەتلا ئۇخلايتتى. ئۇ فاشىسىت ئىتالىيە كۈچلىرى ئالدىدا ئۈزلۈكسىز غەلىبە قازاندى.

لىۋىيە تارىخىدىكى ئاشۇ قىيىن مەزگىلدە ئۆمەر مۇختار رۇم باسقۇنچىلىرىغا قارشى لىۋىيە جىھادى ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئۈچۈن، بىر «قۇرئان» ئۆگەتكۈچىدىن ئىسلام يولىدىكى چوڭ بىر مۇجاھىدقا ئايلاندى. ئۇ چادتا فرانسۇزلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش جەريانىدا سەھرا ئۇرۇشلىرى ئۇسلۇبى ۋە تاكتىكىلىرى جەھەتتە كۆپ تەجرىبە ئىگىلىگەن ئىدى. ئۇ سەھرا يۇرتىنىڭ جۇغراپىيىسىنى، چوڭ – كىچىك يوللىرىنى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى بۇرۇندىنلا ياخشى بىلەتتى. شۇڭا، ئۇ تاجاۋۇزچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىپ تېزلا سەھرا ئىچىگە يوشۇرۇنىۋالىدىغان پىدائىي ئەترەتلەرنى قۇرۇپ چىقتى. لىۋىيەلىك مۇجاھىدلار ھەرىكەتكە كېلىپ چۆللۈك ئەتراپلىرىغا جايلاشقان ھەربىي گازارمىلارغا ھۇجۇم قىلدى، ماشىنا ئەترەتلىرىنى ئارقا – ئارقىدىن تۇزاققا چۈشۈردى، ئىتالىيە ئارمىيىسىگە كېلىۋاتقان ياردەم تەمىناتلىرى ۋە ئالاقە يوللىرىنى ئۈزۈۋەتتى. بۇ ھۇجۇملار ئىتالىيە ھەربىي مەسئۇللىرىنى نەچچە قېتىم ھەيرەتتە قالدۇردى. ھەربىي جەھەتتىن تەربىيەلەنمىگەن ئاشۇ بىر قىسىم بەدەۋىي ئىنقىلابچىلارنىڭ ھەرىكىتىنى بېسىقتۇرۇلمىغاندىن كېيىن، ئىتالىيە ئارمىيىسى دۆلەت ئىچىدە جامائەت پىكرى ئالدىدا ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. بىر قېتىم ئىتالىيەلىكلەر ئۆمەر مۇختارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىپ، ئۇنى يوقىتىش ۋە ئىنقىلابنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈشنىڭ بىرىنچى پۇرسىتىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتاتتى، تۇيۇقسىز چوڭ مۇجاھىد ئۆمەر مۇختار ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى «دۆتنىڭ قۇدۇقى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر جايدىن ئۆتۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئىتالىيەنىڭ بىر ھەربىي قىسمى ئۇلارغا ئېتىلىپ كېلىپ ئۇلارنى قورشىۋالدى. نەتىجىدە، لىۋىيە مۇجاھىدلىرى ئاشۇ ئىتالىيە قىسمىنى پۈتۈنلەي يىمىرىپ تاشلىدىكى، ئۆمەر مۇختاردىن ئىبارەت بۇ چوڭ كۆلەڭگىنىڭ ھېكايىسىنى كاتتىۋاشلىرىغا سۆزلەپ بېرىشى ئۈچۈن قېچىپ كېتەلىگەن بىرلا بىرونېۋىكتىن باشقىسى قۇتۇلالمىدى.

بۈيۈك لىۋىيە مۇجاھىدلىرى 1927 – يىلى رەھىبە ئۇرۇشىدا رۇم كۈچلىرى ئۈستىدىن نۇسرەت قازانغاندىن كېيىن، ئىتالىيەگە بۇ مەغلۇبىيەتلەر ناھايىتى ئېغىر كەلدى، ئۆزلىرىنىڭ ئارمىيىسى باشقا ياۋروپا ئارمىيىلىرى ئالدىدا مەسخىرە ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغاندىن كېيىن، ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدى ھېچقانداق بىر مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلىشقا تاقىتى قالمىغانىدى. شۇنىڭدەك، لىۋىيەدىكى ئىتالىيەلىك ھاكىملارمۇ بۇ تەكرار مەغلۇبىيەتلەرگە چىدىيالمايدىغان يەرگە كېلىپ قالغانىدى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىناۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ۋە چۈشكۈنلەشكەن ئەسكەرلىرىنىڭ مەنىۋىيىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىتالىيە فاشىزم رەھبىرى مۇسسولىنى ئۈزلۈكسىز غەلىبىلىرى ئىتالىيەنىڭ ياۋروپادىكى نامىنىڭ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولغان «ئۆمەر مۇختار ئەپسانىسى»نى يوقىتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى – دە، لىۋىيەگە گرازىيانى دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئۇرۇش جىنايەتچىسىنى ئەۋەتتى. بۇ جىنايەتچى گرازىيانى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن قىرغىنچىلىق پىلانىنى يۈرگۈزدى. ئۇنىڭ تۇنجى بولۇپ قىلغان ئىشى لىۋىيە – مىسىر چېگرالىرىدا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن سىم تور تېمى ياساش بولدى. شۇنىڭ بىلەن مىسىردىن لىۋىيە مۇجاھىدلىرىغا كېلىدىغان ياردەم – تەمىناتلار ئۈزۈلدى. ئاندىن بۇ ئۇرۇش جىنايەتچىسى تارىختىكى ئەڭ چوڭ قاماق لاگىرى قۇرۇپ چىقتى ۋە ئۇنىڭغا مۇسۇلمان لىۋىيە خەلقى سانىنىڭ يېرىمىغا يېقىنىنى قامىدى. يەنى ئەسلىدە ئون مىڭ كىشى سېغىدىغان بۇ لاگىرغا سەكسەن مىڭ ئەر، ئايال لىۋىيەلىكنى سولىدى. گرازىيانى بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماستىن، ئۇلارنىڭ چارۋىلىرى ۋە تۆگىلىرىنىمۇ بۇ تار لاگىرغا سولىدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر گويا قىيامەت كۈنىنى باشتىن كەچۈرۈشىۋاتقاندەك ھالەتكە كەلگەنىدى. نەتىجىدە، لىۋىيەلىكلەر ئادەمنى كۆيدۈرىدىغان ئىسسىقتا ئاستا – ئاستا ئۆلۈشتى، 80 مىڭ لىۋىيەلىكتىن پەقەت كېسەل ۋە ئاجىزلىقتىن تولغىنىۋاتقان 15 مىڭىلا قالدى. ئاندىن گرازىيانى لىۋىيەنىڭ كەفەرە شەھرىدە پۇقرالارنىڭ بالىلىرىغا يېرىم توننا بومبىلارنى تاشلىدى. ياشانغان پۇقرالارغا كەلسەك، بۇ قاتىل ئەھلىسەلىبلەر ئۇلارنى پۇت – قوللىرى باغلاقلىق ھالدا ئايروپىلانلارغا چىقىرىپ، ئايروپىلانلاردىن بىر – بىرلەپ تاشلايتتى ۋە ئۇلارغا: «بەدەۋىي پەيغەمبىرىڭلار مۇھەممەدتىن سىلەرنى قۇتقۇزۇشىنى تىلەشنى ئۇنۇتماڭلار» دەيتتى. بۇ قاتىللار ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ يۈرىكىگە قورقۇنچ كىرگۈزۈش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ باشلىرى بالىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا يېرىلسۇن دەپ، ئۇلارنى 400 مېتىر ئېگىزلىكتىن شەھەرنىڭ قورام تاشلىرى ئۈستىگە تاشلايتتى. بۇ ھوقۇق دەۋاچىلىرى بالىلارنى ئۇلارنىڭ ئانىلىرىنى بۇلاپ ئەكەلگەندىن كېيىن ئانىلىرىنىڭ قۇچاقلىرىدىن تارتىپ ئالاتتى، ئاندىن فاشىزم پەردىسى ئارقىسىغا يوشۇرۇنىۋالغان بۇ ئەھلىسەلىبلەر مۇسۇلمانلارنىڭ بالىلىرىنى خىرىستىيانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ۋاتىكانغا ئەۋەتىشەتتى.

بۇ ۋاقىتتا، لىۋىيەلىك بۈيۈكىمىز ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي، تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئىسلام جىھاد ھەرىكىتىگە قوماندانلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇردى ۋە فاشىسىت كۈچلەرنى ئارقا – ئارقىدىن مەغلۇبىيەتلەرگە دۇچار قىلىپ كېلىپ، ئاخىرىدا تۇيۇقسىز ئىتالىيەلىكلەرنىڭ بىر تۇزىقىغا چۈشۈپ قالدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئېتىنى يارلاندۇرغاندىن كېيىن، ئۇ قولىچە يىقىلىپ، قولى سۇنۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چۆللۈكنىڭ قىزىق قۇمىدا ئۆمىلەشكە باشلىدى. ئىتالىيانلار ئۇنى بايقاپ قېلىپ، ئەسىرگە ئالدى ۋە «ئىتالىيەنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمىنى ئەسىرگە چۈشتى» دېگەن خەت بىلەن ئۇنى گرازىيانىغا يوللىدى. گرازىيانى سەھرا شىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئالدىرىدى. گرازىيانىنىڭ ئۆزىنىڭ «برقة المهدأة» ناملىق كىتابىدا ئاشۇ ئۇچرىشىشنى قانداق سۈپەتلىگەنلىكىگە قاراپ باقايلى: «ئۇ مېنىڭ ئىشخانامنىڭ ئالدىغا كەلگىنىدە، ئۇنىڭ قولى زەنجىرلەر بىلەن باغلانغان ئىدى. قىسقىچە قىلىپ ئېيتسام، ئالدىمدا تۇرۇۋاتقان كىشىنىڭ باشقا ئەرلەرگە ئوخشىمايدىغان بىر ئەر ئىكەنلىكى خىيالىمدىن كەچتى، ئۇ گەرچە ئاسارەتنىڭ ئاچچىقىنى تېتىغان بولسىمۇ، ئۆزىگە خاس كۆرۈنۈشى ۋە ھەيۋىتى بار ئىدى. مانا ئۇ ئىشخانامنىڭ ئالدىدا تۇرماقتا، مەن سوراۋاتىمەن، ئۇ تەمكىن ۋە روشەن ئاۋازدا جاۋاب بېرىۋاتاتتى:

— سەن نېمىشقا فاشىسىت ھۆكۈمىتىگە ئىزچىل قاتتىق قارشى تۇرىسەن؟ — شەيخ:

— دىنىم ۋە ۋەتىنىم ئۈچۈن.

— سەن يەتمەكچى بولغان نەرسە نېمە؟ — شەيخ:

— ھېچنەرسە، پەقەتلا سىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش. چۈنكى، سىلەر بۇلاڭچى. ئۇرۇش قىلىش بولسا بىزگە پەرزدۇر. غەلىبە پەقەت ئاللاھتىندۇر.

— ئەگەر سەن بەدەۋىي قوزغىلاڭچىلارنى قوراللىرىنى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇساڭ، بىرنەچچە كۈن ئىچىدە نوپۇزۇڭ ۋە يۈز ئابرويۇڭ ئەسلىگە كەلسە بولماسمۇ؟

گرازىيانى قوشۇمچە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭدىن بۇ سوئالنى سورىشىمغىلا ماڭا قورقۇتۇۋەتكۈدەك نەزەر بىلەن قارىدى ۋە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىشەنچ بىلەن: ‹بىز ھەرگىزمۇ تەسلىم بولمايمىز، يا ئۆلىمىز، يا نۇسرەت قازىنىمىز› دەپ جاۋاب بەردى».

گرازىيانى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئېيتىدۇ: «ئۇ قايتىشقا ھازىرلىنىپ تۇرغىنىدا، ئۇنىڭ پېشانىسى گويا بىر نۇر ئۇنى قورشىۋالغاندەك يورۇپ كەتكەن ئىدى. شۇئان بۇ ھالەتنىڭ ھەيۋىتىدىن قەلبىم تىترىدى. مەن خەلقئارالىق ۋە چۆللۈك ئۇرۇشلارغا قاتناشقان كىشى بولساممۇ، ئىككى لېۋىم تىترەۋاتاتتى ۋە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، كەچقۇرۇندا ئۇنىڭ سوتقا تارتىلىشى ئۈچۈن تۈرمىگە قايتۇرۇلۇشقا بۇيرۇدۇم. ئۆمەر مۇختار ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا ئالدىنئالا ئۆلۈم جازاسىنى قارار قىلىپ بولغان بىر مەھكىمىدە سوتلاندى».

1931 – يىلى 75 ياشتىن ئاشقان بۇ شەيخكە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى. ئۆمەر مۇختار خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا شەھىد قىلىندى، لېكىن ئۇ خۇددى ئىبنى بادىس كېتىشتىن بۇرۇن ئالجىرىيەلىكلەرنىڭ قەلبلىرىگە جىھاد روھىنى تىككەندەك لىۋىيەلىكلەرنىڭ قەلبلىرىگە جىھاد روھىنى تىككەن ئىدى. لېكىن، ھەر ئىككىلىسى ئۇلارنىڭ جىھادلىرىنىڭ نەتىجىسىدە قولغا كەلگەن ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى كۆرەلمىدى. ساڭا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، ئەي سەھرا شىرى، ئەي مۇجاھىدلار شەيخى!

مەنبە: جىھاد تۇربانىي: «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ (تارىخ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن ئىسلام ئۇلۇغلىرىدىن 100 شەخس)».

 تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ