(ھ. 1345 – ؟ / م. 1927 – ؟)
ئۇ – رۇستەم. … بىز بار بولغان ئۇچۇرلاردىن دادىسىنىڭ ئىسمىنى تاپالمىدۇق. ئۇ مىلادىيە 1345 – يىلى ئارتۇشتا تۇغۇلغان ۋە ئۇ يەردە قۇرئاننى ئۆلچەملىك ئوقۇش (تەجۋىد) قائىدىلىرى بىلەن يادلىغان. ئۇ مىلادىيە 1968 – يىلدىن باشلاپ قۇرئان كەرىم يادلاتقۇزۇش بىلەن شۇغۇللانغاچ دىنىي ئىلىملەرنى ئۆگەنگەن. مائارىپ ۋە تەلىم – تەربىيەدە ئوننەچچە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، فىقھ، ھەدىس، تەفسىر ۋە ئەرەب تىلى ئۆگىنىپ، ئىلىم ئەھلى قاتارىغا قوشۇلغان. ئۇ ھىجرىيە 1378 – يىلى قۇرئان يادلاتقۇزۇشنى توختىتىپ، دىققىتىنى ئىلىم ۋە ئەدەبىياتقا مەركەزلەشتۈرگەن. ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ ھىجرىيە 1399 – يىلىغا كەلگەندە يەنە ئاستا – ئاستا قۇرئان يادلاتقۇزۇشنى باشلىغان. ئۇ ياش ئوغۇل – قىزلارغا قۇرئان كەرىمنى يادلاشنى ئۆگەتكەچكە، ھىجرىيە 1402 – يىلى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە دىن ئۆگىتىش «جىنايەت»ى بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان ۋە سەككىز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئەمما ئاللاھنىڭ لۇتفى بىلەن ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە قويۇپ بېرىلگەن ۋە ھىجرىيە 1405 – يىلى ئوقۇغۇچىلار تۇرالغۇسىمۇ بار چوڭ مەسجىد سالغان.
ھازىر ئۇ بىر مەكتەپ قۇرۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ (بۇ مۇئەللىپنىڭ بۇ تەرجىمىھالنى يازغان ۋاقتىدىكى گەپ _ تەرجىماندىن).
ئۇ ئىجادچانلىق روھىغا ۋە ساغلام تەلىماتقا ئىگە دەۋەتچىلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. بىز ئاللاھتىن ئۇنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن، ياخشىلىق ۋە خەيرى – ئېھسانلىرىنى ئۇتۇقلۇق قىلىشىنى، ئۇنى نىجاتلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە يېتەكلىشىنى تىلەيمىز. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر شەيئىگە قادىردۇر.
ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.
تەرجىمىدە: بىلىميار
ئەسكەرتىش: مەرھۇمنى تونۇيدىغانلارنىڭ ئېيتىشىچە: رۇستەم قارىھاجىمنىڭ ئەسل ئىسمى مۇھەممەد ئەلى قارىھاجىم، خەلق ئارىسىدا رۇستەم قارىھاجىم نامى بىلەن تونۇلغان. ئاتىسىنىڭ ئىسمى تالىب ئىمىش، 2012 – يىلى دېكابىردا سۇلتانىم مازارلىقىغا قويۇلغان.