پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بالىلارغا بولغان مېھىر - شەپقىتى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بالىلارغا بولغان مېھىر – شەپقىتى

دوكتور راغىب سەرجانىي

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناھايىتى رەھىمدىل، خۇشپېئىل زات ئىدى(1).

ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، ھەر يىلى بىر مىليون بالا ئىشرەتخانىلاردا شەھۋانىي مەزمۇنلارنى ئىشلەش ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان پائالىيەتلەردە پايدىلىنىپ كېتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مەجبۇرلانغان، بۇلاپ كېلىنگەن، ئالداپ ئېلىپ كېلىنگەن ۋەياكى بالا بېدىكلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن.

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتقان سۆز نېمىدېگەن ئورۇنلۇق – ھە! ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بالىلارغا بولغان مېھىر – شەپقىتىنى سۈپەتلەپ: «مەن بالىلارغا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىنمۇ بەكراق كۆيۈنىدىغان بىرەر كىشىنى كۆرۈپ باقمىدىم» دەيدۇ(2).

‏كىشىلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بالىلارغا قىلغان مېھىر – شەپقەتلىك مۇئامىلسىنى كۆرۈپ ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆز زىممىسىگە ئالغان مەسئۇلىيىتىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىغا قارىغان ۋاقتىڭىزدا بۇ خىل ھەيرانلىق تېخىمۇ ئېشىپ بارىدۇ.

‏ئۇ زات دۆلەتنى ئىدارە قىلىدۇ، قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىدۇ، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئەلچىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ، ھەمراھلىرى بىلەن بېرىش – كېلىش قىلىدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىدىكى چوڭ – كىچىك بارلىق ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن ۋەھيى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ، ۋەھيىنى يەتكۈزۈشكە قادىر بولالىغان بارلىق كىشىلەرگە يەتكۈزىدۇ، ھەتتا دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى، كاتتىلىرىغا ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىپ مەكتۇب ئەۋەتىدۇ.

‏بۇ خىل ئېغىر مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان زات ئۆز ئۈممىتىنىڭ ئەۋلادلىرىغا، گەرچە ئۇلار كىچىك، گۆدەك بالىلار بولسىمۇ، ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇنى پەقەت پەيغەمبەر بولغان كىشىلا قىلالايدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مېھىر – شەپقىتى كىچىك بالىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقى تېپىلمايدىغان، بەلكى «ئۇ ئاجىزلىقنىڭ بىر تەرىپى» دەپ قارىلىدىغان، ھەتتاكى بىر كىشى بالىلارغا مېھىر – شەپقەت قىلماسلىق بىلەن پەخىرلىنىدىغان بىر مۇھىتتا بولغانلىقىنى بىلگىنىڭىزدە، ھەيرانلىقىڭىز ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ.

‏پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەسەن ئىبنى ئەلىنى سۆيۈپ قويدى. ئۇنىڭ قېشىدا ئەقرەئ‍ ئىبنى ھابىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ بار ئىدى. ئەقرەئ‍ ئىبنى ھابىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

— مېنىڭ ئون بالام بار، ھېچبىرىنى سۆيۈپ باقمىدىم، — دېگەنىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ:

— باشقىلارغا مېھىر – شەپقەت قىلمىغان كىشى مېھىر – شەپقەتكە ئېرىشەلمەيدۇ، — دېدى(3).

ئەقرەئ‍ ئىبنى ھابىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قەلبىنىڭ قېتىپ تاش بولۇپ كېتىشىنى باتۇرلۇق، قەھرىمانلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ ئويلاپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ كىچىكلەرگە مېھىر – شەپقەت قىلمايتتى ۋە بالىلارنى سۆيۈپمۇ قويمايتتى. بىراق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا كەسكىن رەددىيە بەردى. بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەقرەئ‍ ئىبنى ھابىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىشىغا قارىتا خاس رەددىيە بولماستىن، بەلكى ئىسلامنىڭ ئۆزگەرمەس پرىنسىپلىرىدىن بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن بېرىلگەن رەددىيەدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا ئىخچام قىلىپ: «باشقىلارغا مېھىر – شەپقەت قىلمىغان كىشى مېھىر – شەپقەتكە ئېرىشەلمەيدۇ» دېدى.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىچىك بالىلارنىڭ يىغىسىغا ۋە ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمەيتتى. ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىزى زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قىزى ئۇمامەنى كۆتۈرۈۋېلىپ ناماز ئوقۇيتتى. سەجدە قىلغاندا ئۇنى يەرگە قويۇپ قوياتتى، سەجدىدىن تۇرغاندا كۆتۈرۈۋالاتتى»(4). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىسلامنىڭ ئەڭ كاتتا ئەمەللىرىدىن بىرى بولغان نامازدا بولغان بولسىمۇ كىچىك نەۋرە قىزى ئۇمامەنىڭ يىغىسىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ناماز ئارىلىقىدا ئۇنى كۆتۈرۈۋالدى.

يەنە تېخى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مېھىر – شەپقىتى بالىلارنىڭ تىنچ تۇرۇشى ياكى تۇرماسلىقىغا قاراپ نامازنى ئۇزارتاتتى ياكى قىسقارتاتتى. بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىر بالىنى پاراكەندە قىلماسلىق ئۈچۈن، جامائەت نامىزىدا ئادەتتىكى ۋاقىتتىن باشقىچە سەجدىنى ئۇزۇن قىلغان ھەيران قالارلىق ھالىتىنى كۆرىمىز.

شەدداد ئىبنى ھاد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خۇپتەن نامازلىرىنىڭ بىرىدە ھەسەن ياكى ھۈسەيننى كۆتۈرۈپ چىقتى ۋە ئۇنى (مېھراپقا) قويۇپ، قۇلاق قېقىپ نامازغا تۇردى. سەجدىدە شۇنداق ئۇزۇن تۇردىكى، (تەخىر قىلالماي) بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەجدە قىلىۋاتقىنىدا دۈمبىسىدە بىر كىچىك بالا ئولتۇرۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن سەجدىگە قايتتىم. نامازدىن كېيىن جامائەت:

— ئى رەسۇلۇللاھ! بەك ئۇزۇن سەجدە قىلدىلىغۇ؟ بىز بىر ئىش بولغانمىدۇ ياكى ۋەھيى نازىل قىلىنغانمىدۇ؟ دەپ ئويلىدۇق، — دېگەنىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ياق ئېيتقانلىرىڭلارنىڭ ھېچبىرى يۈز بەرمىدى. بەلكى سەجدە قىلىۋاتسام، بالام (نەۋرەم) ئۈستۈمگە مىنىۋالدى، شۇڭا، ئۇ ئۆزى چۈشۈپ كەتمىگۈچە بېشىمنى كۆتۈرۈشنى خاھلىمىدىم، — دەپ جاۋاب بەردى»(5).

‏بۇنىڭ ئەكسىچە، بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى يەنە بىر بالىغا مېھىر – شەپقەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، باشقا بىر ئورۇندا نامازنى تېز ئوقۇغانلىقىنى كۆرىمىز.

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «مەﻥ ئۇﺯﯗﻥ ئوقۇشنى نىيەﺕ قىلىپ نامازنى باشلىساممۇ، كىچىك بالىنىڭ يىغىسى سەﯞﻩبىدىن ئانىسى بىئاﺭﺍﻡ بولۇﭖ قالمىسۇﻥ، ﺩﻩﭖ يەڭگىل ئوقۇيمەﻥ»(6).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىچىك بالىلارغا ۋە بالىنىڭ ئانىسىغا مېھىر – شەپقەت قىلغانلىقتىن، (ئۇزۇن ئوقۇۋەتمەستىن) ئۆزىنىڭ نامىزىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ نامىزىنى تەڭشەپ ئوقۇيتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تارىخىدىن يەنە بىر كۆرۈنۈشتە سىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بالىلار بىلەن ئويناش ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجراتقانلىقىنى كۆرىسىز.

ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دېدىكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى ۋە ھەسەننى ئېلىپ، ئىككىمىزنى ئىككى يوتىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ، قۇچاقلاپ تۇرۇپ: ‹ئى ئاللاھ! بۇ ئىككىسىگە رەھىم قىلغايسەن، چۈنكى مەنمۇ بۇ ئىككىسىگە مېھرىبانلىق قىلىمەن› دەيتتى»(7).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مېھىر – شەپقىتىگە قاراڭ. ئۇ زات ئوينايدىغان كىچىك قۇشى ئۆلۈپ كەتكەن بىر كىچىك بالىغا تەسەللى بەرمەكتە. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇممۇ سۇلەيم رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قېشىغا كىرەتتى. ئۇممۇ سۇلەيم رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بولغان ئەبۇ ئۇمەير ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ بىلەن چاقچاقلىشاتتى. بىر كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنىڭ غەمكىن ھالدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ:

— نېمىشقا ئەبۇ ئۇمەير غەمكىن كۆرۈنىدۇ؟ — دەپ سورىدى. ئۇلار:

— ئوينايدىغان تۇمۇچۇقى ئۆلۈپ كەتتى، — دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئەي ئەبۇ ئۇمەير! تۇمۇچۇقۇڭغا نېمە بولدى؟ — دەپ تەسەللى بەردى(8).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ ھېس – تۇيغۇلىرىنى مەسخىرە قىلماستىن، قايغۇسىنى نادانلىق دەپ بىلمەستىن، بەلكى ئۇنىڭ قايغۇسىغا ئورتاق بولدى ۋە ئۇنى كۈلدۈردى.

سىز بۇ كىچىك بالىنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان خادىمى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېرىندىشى ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋاقتىڭىزدا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەلبىدىكى كەمتەرلىك ۋە مېھىر – شەپقىتىنىڭ قانچىلىكلىكىنى بىلەلەيسىز.

يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئەرەبلەرنىڭ (ئاشۇ خىل مۇھىتىدىكى كىشىلەرنىڭ) زور دەرىجىدە ئوغۇللارغا مايىل بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن قىزلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىزلارنى تەربىيەلىگەنلىك ئەجرىنى بەك كاتتا كۆرسەتتى.

‏پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئىككى قىزىنى بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر بېقىپ چوڭ قىلسا، قىيامەت كۈنى كەلگەندە ئۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز مانا مۇشۇنداق بولىمىز» دەپ، بارماقلىرىنى جۈپلەپ كۆرسەتتى(9).

‏پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بالىلارنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا تەكلىپ قىلمايدىغانلىقى بالىلارغا بولغان مېھىر – شەپقەتلىرىدىندۇر.

ئوھۇد كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە ئۇرۇشقا چىقىشنى ئارزۇ قىلغان بالىلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كەلدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى يېشىنىڭ كىچىكلىكى سەۋەبلىك قايتۇرۇۋەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئۇسامە ئىبنى زەيد، ئۇسەيد ئىبنى زۇبەير، زەيد ئىبنى سابىت، زەيد ئىبنى ئەرقەمە، ئەرابەتە ئىبنى ئەۋس، ئەمر ئىبنى ھەزم، ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي، سەئد ئىبنى ھەببە ۋە ئۇلاردىن باشقا ساھابەلەر بار ئىدى(10).

‏پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ مېھىر – شەپقىتىنى دۇنيانىڭ نۇرغۇنلىغان جايلىرىدا مەجبۇرىي ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇلۇۋاتقان بالىلارنىڭ نۇرغۇن سانى بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ!

«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى» 20 دۆلەتتە ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان 300 مىڭدىن ئارتۇق بالىلارنىڭ ئۇرۇشقا مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكتە(11).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بالىلارغا كۆيۈنۈش ۋە كۆڭۈل بۆلۈش ئەھۋالى ئاندا – ساندا يۈز بېرىپ قالىدىغان ئۆتكۈنچە ئەھۋال بولماستىن، بەلكى ھەردائىم شۇنداق قىلاتتى. بۇ ئىزچىللىق شۇ دەرىجىدە بولغانكى، بالىلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەردىن قايتىپ كەلگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆزلىرى بىلەن ئوينىشى ۋە بىرگە چاقچاقلىشىشى ئۈچۈن كۈتۈۋالغىلى ئالدىغا چىقاتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۇلاردىن باشقا ھېچقاندەك ئىشى ۋە غېمى يوقتەك تۇيغۇ بېرەتتى.

ئابدۇللا ئىبنى جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىب مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەردىن قايتىپ كەلگەندە، ئەھلى بالىلىرى ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالاتتى. ئۇ زات بىر قېتىم سەپەردىن قايتىپ كەلگەندە، مەنمۇ باشقىلار بىلەن بىرگە ئۇنى كۈتۈۋالغىلى چىقتىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى ئالدىغا مىندۈرۈۋالدى. ئاندىن فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ بىرى (ھەسەن ياكى ھۈسەين) كەلتۈرۈلگەن ئىدى، ئۇنى كەينىگە مىندۈرۈۋالدى. شۇنداق قىلىپ، ئۈچىمىز بىر ئۇلاغقا مىنگەشكەن ھالدا مەدىنەگە كىردۇق»(12).

بۇ مەنزىرىنى تەسەۋۇر قىلىپ بېقىڭ! ‏دۆلەتنىڭ قوماندانى بىر بالىنى ئالدىغا مىندۈرۋالغان، يەنە بىرىنى كەينىگە مىندۈرۋالغان ھالدا، ئۇلىغىغا مىنىپ ئۆز شەھىرىگە كىرىپ كېتىۋاتىدۇ.

‏‏يەنە تېخى مەككەنى فەتىھ قىلغىلى كىرگەن ۋاقىتتا، بالىلار بۇ قېتىممۇ ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالىدۇ. ئاشۇنداق سۈرلۈك ۋەزىيەت، خەتەرلىك ھەربىي ھالەتمۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۇلارغا مۇلايىم بولۇشتىن توسۇپ قالالمىدى، بەلكى ئۇلارنى كۆتۈرۈۋالغان ئىدى.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس مۇنداق دەيدۇ: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككەگە كەلگەندە، ئابدۇلمۇتتەلىب جەمەتىنىڭ كىچىك بالىلىرى ئۇ زاتنى قارشى ئېلىشقا چىققان ئىدى، رەسۇلۇللاھ بالىلاردىن ئالدىغا بىرنى، كەينىگە بىرنى مىندۈرۈۋالدى»(13).

يۇقىرىقىلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بالىلىرىغا قىلغان مېھىر – شەپقىتى. بۇ خىل مېھىر – شەپقەتلەرنىڭ ھەممىسى بارلىق بالىلارغا بولسا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېتىم بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدىغانلىقى ئېنىقتۇر.

تۆۋەندىكىلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇسۇلمانلارنى يېتىم بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ئىلھاملاندۇرغان بىر قىسىم سۆزلىرىنىڭ قاتارىدىن:

«مەن يېتىمنى باققۇچى ئادەم بىلەن جەننەتتە مۇشۇنداق يېقىن تۇرىمەن» دەپ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى ئىشارە قىلىپ كۆرسەتتى(14).

«كىمكى مۇسۇلمان ئاتا – ئانىدىن يېتىم قالغان بالىنىڭ يىمەك – ئىچمىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، شۇ يېتىمنى ئۇنىڭدىن بىھاجەت قىلسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن جەننەت ۋاجىب بولىدۇ»(15).

‏بىر ئادەم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كېلىپ، قەلبىنىڭ قاتتىقلىشىپ كەتكەنلىكىنى شىكايەت قىلغان ئىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: «قەلبىڭنىڭ يۇمشاق بولۇشىنى، ئارزۇ قىلغان نەرسەڭگە ئېرىشىشنى ياخشى كۆرەمسەن؟! (ئۇنداقتا) يېتىملەرگە مېھىر – شەپقەت قىلغىن، بېشىنى سىلىغىن، تاماق بەرگىن، شۇ ۋاقىتتا قەلبىڭ يۇمشايدۇ. ئارزۇ قىلغىنىڭغا ئېرىشىسەن» دېگەن ئىدى(16).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېتىم – يېسىرلارغا زۇلۇم قىلىشتىن، ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىشتىن، ماللىرىنى يەۋېلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ:

— يەتتە خىل ھالاكەتلىك گۇناھتىن ساقلىنىڭلار! — دېۋىدى، بەزىلەر:

— ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇلار قايسى گۇناھلار؟ — دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا:

— ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈش، سېھىرگەرلىك قىلىش، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش، يېتىملارنىڭ مېلىنى يەۋېلىش، ئۆسۈم يېيىش، جەڭدىن قېچىش، ئىپپەتلىك پاك مۇسۇلمان ئاياللارغا بوھتان چاپلاش، — دەپ جاۋاب بەردى(17).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېتىمنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئۇنىڭ مېلىنىڭ زاكات يەپ تۈگەپ كېتىشىدىن ياكى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنىدى.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاگاھ بولۇڭلاركى، مېلى بار يېتىمغا ئىگىدارچىلىق قىلغانلار ئۇ مال بىلەن تىجارەت قىلىپ قويسۇن، بولمىسا ئۇ مال زاكات يەپ تۈگەپ كېتىدۇ»(18) دېگەن.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بالىلارغا بولغان مېھىر شەپقىتىنىڭ ئاز بىر قىسمى. كىمكى تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشمەكچى بولسا سەھىھ سۈننەت كىتابلىرىغا، ئۇنىڭدىن باشقا ھەدىس كىتابلىرىغا مۇراجىئەت قىلسۇن. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بالىلارغا بولغان مېھىر – شەپقىتىنى يۇقىرىقىلار بىلەنلا تولۇق چۈشىنىش بەكلا قىيىندۇر.

﴿(ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 25) دېگەن ئۇلۇغ ئاللاھ راست ئېيتتى.

 

مەنبەسى: رحمة الرسول بالأطفال/ https://ar.islamway.net/article/26751/

تەرجىمدە: ئەپەندى

 

 


1. كارىن ئارمستروڭ / Karen Armstrong (ئەنگىلىيەلىك يازار): «پەيغەمبەر مۇھەممەدنىڭ سىيرىتى/Muhammad a biography of the prophet»، ئەرەبچە تەرجىمەسى: فاتىمە نەسر/ مۇھەممەد ئەنانىي ـ كىتاب ستور نەشرىياتى، 2 – باسمىسى، ھ. 1397 / م. 1998.
2. مۇسلىم، (2316).
3. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي، (5997)؛ مۇسلىم، (2318).
4. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي، (516)؛ مۇسلىم، (543).
5. نەسائىي، (1141).
6. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي، (709)؛ مۇسلىم، (470).
7. بۇخارىي، (6003).
8. ئەبۇ داۋۇد، (4971)
9. مۇسلىم، (2631).
10. سەفىييۇراھمان مۇبارەكفۇرىي: «رەھىقۇل مەختۇم»، 228 – بەت.
11.«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى» ئېلان قىلغان 2005 – يىلدىكى ئىجتىمائىي ھالەت دوكلاتى. 121 – بەت.
12. مۇسلىم، (2428).
13. بۇخارىي، (1798).
14. بۇخارىي، (5304).
15.ئەھمەد، (19047).
16. بەيھەقىي، «شۇئەبۇلئىمان»، (10174).
17. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي، (2766)؛ مۇسلىم، (89).
18. تىرمىزىي، (641).

Please follow and like us: