ئىسلام مەدەنىيىتى سەرخىللىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھاللىرى

ئىسلام مەدەنىيىتى سەرخىللىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھاللىرى

500.   ئەبۇ ئابدۇلھەمىد ئىسمائىل ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئەبىلمۇھاجىر ئەقرەم (إِسْمَاعِيلُ بْنُ عُبَيْدِ اللَّهِ بْنِ أَبِى الْمُهاجِرِ أَقرَم، ھ. 61 – 132 / م. 681 – 750) — فىقھشۇناس، مۇھەددىس، ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدا ئافرىقىغا ۋالىي بولغان، شىمالىي ئافرىقىدىكى بەربەرىي مىللىتىنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشىدا بۈيۈك رول ئوينىغان تابىئىن.

501.   ئىسھاق ئەننەدىم ئەبۇ مۇھەممەد ئىبراھىم ئىبنى مەيمۇن ئەتتەمىمىي ئەلمەۋسىلىي (إِسْحَاقُ النَّدِيْمُ أَبُو مُحَمَّدٍ بنُ إِبْرَاهِيْمَ بنِ مَيْمُوْنٍ التَّمِيْمِيُّ الْمَوْصِلِيُّ، ھ. 150 – 235 / م. 767 – 850) — ئىمام مالىك ۋە سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە قاتارلىق تابىئىنلەردىن ئىلىم ئۆگەنگەن مۇھەددىس، شائىر، مۇزىكاشۇناس، تىلشۇناس، كۆپ قىرلىق ئەللامە.

502.   ئىكرىمە ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلبەربەرىي (عِكْرِمَةُ بْنُ عَبْدِ اللَّهِ البَرْبَرِيُّ، ھ. 21 – 105 / م. 642 – 723) — كاتتا تابىئىن. ھەزرىتى ئىبنى ئابباسنىڭ ئازادگەردىسى ۋە شاگىرتى، مۇفەسسىر ۋە فەقىھ زات.

503.   ئەبۇ رەجاﺋ ئىمران ئىبنى مىلھان ئەلئۇتارىدىي ئەتتەمىيمىي (أَبُو رَجَاءٍ عِمْرَانُ بنُ مِلْحَانَ العُطَارِدِيُّ التَّمِيْمِيُّ، ھ. بۇرۇن ؟ – ھ. 108 / م. ؟ – 726) — جاھىلىيەت دەۋرىدە تۇغۇلۇپ، مەككە فەتىھ قىلىنغان يىلى مۇسۇلمان بولغان، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن كۆرۈشەلمىگەن مۇخەدرەملەر (جاھىلىيەت ۋە ئىسلام ئىككى دەۋردە ياشىغانلار) دىن بىرى. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن قىرائەت ئۆگەنگەن ۋە كۆپ ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان زات.

504.   ئىياس ئىبنى ئامىر ئەلغافىقىي ئەلمىسرىي (إِيَّاسُ بنُ عَامِرٍ الْغَافِقِيُّ المِصريُّ، ھ. ؟ – ؟ / م. ؟ – ؟) — مۇھەددىس تابىئىن. ئۇنىڭدىن ئەبۇ داۋۇد، نەسائىي ۋە ئىبنى ماجە قاتارلىق ئىماملار ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

505.   ئەبۇ مۇسا ئىيسا ئىبنى مىينا قالۇن (قَالُوْنُ أَبُو مُوْسَى عِيْسَى بنُ مِيْنَا، ھ. 120 – 220 / م. 738 – 835) — قىرائەتشۇناس، تىلشۇناس ئالىم. تېگى رىملىق ئازادگەردە بولۇپ، قىرائىتىنىڭ گۈزەللىكى بائىس ئۇستازى ئىمام ناﻓﯩﺌ ئۇنىڭغا «قالۇن (رىمچىدا «ئېسىل» دېگەن مەنىدە)» دەپ نام بەرگەن.

506.   ئەبۇ ئەمر يەزىد ئىبنى ئەبان ئەررەقاشىي ئەلبەسرىي (يَزِيدُ بْنُ أَبَانَ الرَّقَاشِيُّ الْبَصْرِيُّ، ھ.؟ – 119 / م.؟ – 737) — كىچىك تابىئىنلاردىن. ئىبادەتگۇي زاھىد. ساھابە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، تابىئىن ھەسەن بەسرىيلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. لېكىن، مۇھەددىسلەرنىڭ نەزىرىدە ھەدىس رىۋايىتىدە ئاجىز كىشى، دەپ قارالغان.

507.   ئەبۇ خالىد يەزىد ئىبنى ئەبى سۇفيان (سەخر) ئىبنى ھەرب ئەلئۇمەۋىي (يَزِيْدُ بنُ أَبِي سُفْيَانَ بنِ حَرْبِ بنِ أُمَيَّةَ الأُمَوِيُّ، ھ. ؟ – ھ. 18 / م. ؟ – 639) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما — مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېرىندىشى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە خەلىفەلىرى دەۋرىدە ئەمەل تۇتقان قوماندان ساھابە.

508.   ئەبۇ زەكەرىيا يەھيا ئىبنى ئادەم ئىبنى سۇلايمان ئەلقۇرەشىي ئەلئۇمەۋىي (يَحْيَى بنُ آدَمَ بنِ سُلَيْمَانَ القُرَشِيُّ الأُمَوِيُّ، ھ. 140 – 203 / م. 758 – 819) — كۇفەلىك ئازادگەردە. تابىئىنلەردىن ئىلىم ئۆگەنگەن، فىقھشۇناس، قىرائەتشۇناس ئالىم. «ئەلفەرائىز»، «ئەلخەراج» ۋە «ئەززەۋال» قاتارلىق فىقھىي ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفىدۇر.

509.   ئەبۇ نەسر يەھيا ئىبنى ئەبى كەسىر سالىھ ئەتتائىي (أَبُو نَصْرٍ يَحْيَى بنُ أَبِي كَثِيْرٍ صَالِحٍ الطَّائِيُّ، ھ. ؟ – 129 / م. ؟ – 747) — ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان تابىئىن. فىقھشۇناس، مۇھەددىس، پەزىلەتلىك ئالىم.

510.   ئەبۇ زەكەرىيا يەھيا ئىبنى مۇئاز ئەررازىي (يَحْيَى بنُ مُعَاذٍ الرَّازِيُّ، ھ. ؟ – 258 / م. ؟ – 872) — تەسەۋۋۇف پېشۋالىرىدىن بولۇپ، ئىبادەتگۇي، زاھىد، تەبلىغچى، ھېكمەتلىك سۆزلىرى بىلەن مەشھۇر، «كىتابۇل مۇرىدىن» ۋە «جەۋاھىرۇتتەسەۋۋۇف» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفىدۇر.

511.   يەھيا ئىبنى مۇبارەك ئەسسەنئانىي (يَحْيَى بنُ مُبَارَكٍ الصَنْعانِيُّ، ھ. 211 – 220 / م. 826 – 835 – يىللار ئارىسىدا ۋاپات بولغان) — دەمەشقلىق ئالىم. رىۋايەتلىرى «زەئىف» دەپ قارالغان مۇھەددىس.

512.   يەھيا ئىبنى ۋەسساب بەزدەۋەيھ ئىبنى ماھەۋەيھ ئەلئەسەدىي ئەلكاھىلىي (يَحْيَى بنُ وَثَّابٍ بَزْدَوَيْه بنُ مَاهَوَيْه الأَسَدِيُّ الكَاهِلِيُّ، ھ. ؟ – 103 / م. ؟ – 722) — ھەزرىتى ئىبنى ئابباسنىڭ ئازادگەردىسى. كۇفەلىك قىرائەت پېشۋالىرىدىن بىرى. ساھابە ۋە تابىئىنلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان فەقىھ، مۇھەددىس.

513.   ئەبۇ ئىسھاق يەئقۇب ئىبنى يۈسۈف ئىبنى زىياد ئەددەببىي ئەلكۇفىي (يَعْقُوْبُ بنُ يُوْسُفَ بن زِيَادٍ الضَّبِّيُّ الْكُوْفِيُّ) — ھىجرىيە Ⅲ / مىلادىيە Ⅸ ئەسىردە ياشىغان ئىبادەتگۇي زاھىد. ئۇ ئەبۇ زەكەرىيا يەھيا ئىبنى يەھيا ئەسلەمىي، ئەبۇ جۇنادە قاتارلىق زەئىپ راۋىيلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

514.   ئەبۇ مۇھەممەد يۈسۈف ئىبنى ئەسبات ئىبنى ۋاسىل ئەششەيبانىي ئەلكۇفىي (يُوْسُفُ بنُ أَسْبَاطِ بنِ وَاصِلٍ الشَّيْبَانِيُّ، ۋاپاتى ھ. 195 / م. 811) — مۇھەددىس، زاھىد. سۇفيان سەۋرىي قاتارلىقلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ھېكمەتلىك سۆزلىرى مەشھۇردۇر.

515.   ئەبۇ يەئقۇب يۈسۈف ئىبنى ھۈسەيىن ئىبنى ئەلى ئەررازىي (أَبُو يَعْقُوْبَ يُوْسُفُ بنُ الحُسَيْنِ بنِ عَلِيٍّ الرَّازِيُّ، ۋاپاتى ھ. 304 / م. 917) — مۇھەددىس، زاھىد. زامانىدىكى رەي مۇتەسەۋۋىفى. ئىمام ئەھمەدتىن ۋە زۇننۇن ئەلمىسرىيدىن تەلىم ئالغان. جاھان كېزىپ زاھىدلىقنى يايغان زات.

516.   ئەبۇ ئىبراھىم ئىسھاق ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى ھۈسەين ئەلفارابىي (أَبُو إِبْرَاهِيمَ إِسْحَاقَ بنِ إِبْرَاهِيْمَ بنِ الحُسَيْنِ الفَارَابِيّ، ۋاپاتى ھ. 350 / م. 961) — فاراب (ئوترار) لىق تۈرك ئەدىب ۋە تىلشۇناس. ئۇ ئەرەب تىلىنىڭ پېشۋاسى ئىمام ئەبۇ نەسر ئىسمائىل ئىبنى ھەمماد جەۋھەرىينىڭ ئانا تەرەپتىن تاغىسىدۇر. جەۋھەرىي ئۇنىڭ «دىۋانۇل ئەدەب (ديوان الأدب)» كىتابنىنى ئۇنىڭ قولىدا ئوقۇغان. ئۇ يەنە «شەرھۇ ئەدەبىل كاتىب (شرح أدب الكاتب)» ۋە «بەيانۇل ئىئراب (بيان الإعراب)» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفىدۇر.

517.   ئىمام ئەبۇ نەسر ئىسمائىل ئىبنى ھەمماد جەۋھەرىي (أَبُو نَصْرٍ إِسْمَاعِيْلُ بنُ حَمَّاد الجَوهَري التركي الفَارَابي الأتراري (ھ. ؟ – 393 / م. ؟ – 1003) — ئەرەب تىلىنىڭ پېشۋاسى، فاراب (ئوترار) لىق تۈرك ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ۋە مەشھۇر خەتتات. ئىراقتا ئەبۇ ئەلى ئەلفارىسىي ۋە ئەبۇ سەئىد سىيرافىيلاردىن، يۇرتىدا تاغىسى ئەبۇ ئىبراھىم ئىسھاق ئىبنى ئىبراھىم ئەلفارابىيدىن ئىلىم ئالغان. ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئەرەب دىيارلىرىنى كېزىپ، رەبىئە ۋە مۇزەر قەبىلەلىرى ئارىسىدا تۇرغان. ئاندىن نىشاپۇرغا قايتىپ مۇدەررىسلىك، يېزىقچىلىق، خۇشخەت تەلىمى، «قۇرئان» ۋە كىتاب كۆچۈرۈش قاتارلىق ئىشلار بىلەن بولغان. جەۋھەرىينىڭ ئەڭ داڭلىق شاگىرتلىرى: ئەبۇ ئەلى ھۇسەين ئىبنى ئەلى، ئەبۇ ئىسھاق ئىبراھىم ئىبنى سالىھ ئەلۋەرراقدۇر. ئۇنىڭ «ئەسسىھاھ» دەپ مەشھۇر بولغان ئەرەب تىلنىڭ تاجى ۋە سەھىھ سۆزلۈكلىرى قامۇسى «تاجۇللۇغە ۋە سىھاھۇل ئەرەبىييە (الصحاح تاج اللغة وصحاح العربية)» دېگەن كىتابى ئۇنى ئەرەب تىلىنىڭ پېشۋاسى بولۇشقا لايىق قىلغان. ئۇنىڭ يەنە ئارۇز ئىلمىدە «ئارۇزۇلۋەرەقە (عروض الورقة)»، گىرامماتىكادا «مۇقەددىمە فىننەھۋ (مقدمة في النحو)» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. جەۋھەرىي ئىشىكنىڭ ئىككى قانىتىنى ئىككى بېقىنىغا ئارغامچا بىلەن تېڭىپ، نىشاپۇردىكى كونا بىر جامەنىڭ ئۆگزىسىگە چىققان ۋە ئۇچۇشقا ئۇرۇنۇپ، يىقىلىپ ئۆلگەن.

Please follow and like us: