ئىسلام مەدەنىيىتى سەرخىللىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھاللىرى

ئىسلام مەدەنىيىتى سەرخىللىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھاللىرى

204.   ئىمام ئەبۇلھەسەن ئەلى ئىبنى ئۆمەر ئەددارەقۇتنىي ئەلباغدادىي (الإمَامُ أَبُو الْحَسَنِ عَلِيُّ بنُ عُمَرَ بنِ أَحْمَدَ الدَّارَقُطْنِيُّ البَغْدَادِيُّ، ھ. 306 – 385 / م. 918 – 995) — ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس، قىرائەتشۇناس، شافىئىي فەقىھ. ھەدىس ئىلىملىرىدە «ئەلئىلزاماتۇ ۋەتتەتەببۇﺋ (الإلزامات والتتبع)»، «سۈنەنۇددارەقۇتنىي (السنن)»، «ئەلئىلەل (العلل الواردة في الأحاديث النبويّة)»، «ئەززۇئەفاﺋ (الضعفاء)» ۋە «ئەلمۇئتەلەفۇ ۋەلمۇختەلەف (المؤتلف والمختلف)» قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.

205.   ئىمام ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇرراھمان ئەددارىمىي ئەسسەمەرقەندىي (الإمَامُ عَبْدُ اللَّه بنُ عَبْدِ الرَّحْمَنِ بنِ الفَضل الدَّارِمِيُّ السَّمَرْقَنْدِيُّ، ھ. 181 – 255 / م. 797 ياكى 798 – 869) — سەمەرقەندلىك مەشھۇر ھەدىس ئالىملىرىدىن. مەشھۇر «كۇتۇبۇ سىتتە (ئالتە كىتاب)» ئىچىدىكى «تۆت سۈنەن» ھەدىس كىتابلىرىنىڭ بىرى «سۈنەنۇددارىمىي» (بەزىلەر ئۇنىڭ ئورنىغا «سۈنەنۇ ئىبنى ماجە»نى ياكى «ئەلمۇۋەتتا»نى قويىدۇ) نىڭ مۇئەللىفى.

206.   ئەبۇ سۇلايمان داۋۇد ئىبنى نۇسەير ئەتتائىي ئەلكۇفىي (دَاوُدُ الطَّائِيُّ أَبُو سُلَيْمَانَ بنُ نُصَيْرٍ الكُوْفِيُّ، ھ. 100 – يىلدىن كېيىن – 162 / م. 719 – يىلدىن كېيىن – 779) — مەشھۇر زاھىد، تەقۋادارلىقى بىلەن تونۇلغان تەبەئى تابىئىن، كاتتا فەقىھ، ھەدىسشۇناس. ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتى. ئىلىم ئېلىش ۋە ئوقۇتۇش بىلەن بولۇپ، كېيىن ئۇزۇن مۇددەت خىلۋەتتە ئىبادەت قىلغان زات. — ت.

207.   ئەبۇ سۇلايمان داۋۇد ئىبنى ئەلى ئىبنى خەلەف ئەلكۇفىي ئەلئەسبەھانىي ئەلباغدادىي ئەززاھىرىي (دَاوُدُ بنُ عَلِيِّ بنِ خَلَفٍ الكُوْفِيُّ الأَصْبَهَانِيِّ البَغْدَادِيُّ الظَّاهِرِيُّ، ھ. 200 ياكى 202 – 270 / م. 815 ياكى 817 – 884) — ئابباسىيلارنىڭ ئۈچىنچى خەلىفەسى مۇھەممەد ئەلمەھدىينىڭ ئازادگەردىسى. ھەدىس ۋە فىقھ ئىماملىرىنىڭ بىرى، شافىئىي مەزھەبكە تەۋە بولۇپ، كېيىن قىياسنى ئىنكار قىلىپ «زاھىرىييە مەزھىبى»نىڭ ئاساسچىسى بولغان. «ئەلئىيزاھ» قاتارلىق ئەسەرلىرىدىن بىرىمۇ بىزگە يېتىپ كەلمىگەن.

208.   ئەبۇلھەيسەم / ئەبۇ لەيلا دۇخەين ئىبنى ئامىر ئەلھەجرىي ئەلمىسرىي (أَبُو الْهَيْثَم دُخَيْن بْنُ عَامِرٍ الْحَجْرِيِّ المِصْرِيُّ، ھ. ؟ – 100 / م. ؟ – 719) — تابىئىن. ھەزرىتى ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كاتىبى.

209.   ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ فەخرۇددىن مۇھەممەد ئىبنى ئۆمەر ئەررازىي (الإمَامُ فَخْر الدِّيْنِ مُحَمَّدُ بنُ عُمَرَ بنِ الحَسَنِ بنِ الحُسَيْنِ التَّيْمِيُّ البَكرِي الرَّازِيّ، ھ. 544 – 606 / م. 1150 – 1210) — «فەخرۇررازىي» دەپ تونۇلغان، «سۇلتانۇل مۇتەكەللىمىن (كالامچىلارنىڭ سۇلتانى)» دەپ نام ئالغان ئاتاقلىق مۇفەسسىر، كاتتا شەرىئەتشۇناس ئالىم، ئاسترونوم، ماتېماتىك ۋە تېۋىپ. «تەفسىرۇ فەخرۇررازىي» (تەفسىرۇ مەفاتىيھۇل غەيب – ئەتتەفسىرۇل كەبىر، 32 توم)، «ئەجائىبۇل قؤرئان»، «ئەلمەھسۇل» (ئۇسۇلى فىقھ)، «ئەلمەباھىسۇششەرقىييە» (فىزىكا)، «مەئالىمۇ ئۇسۇلىددىن»(ئىلمى كالام) ۋە «تەئسىيسۇتتەقدىس» (ئىلمى كالام)، قاتارلىق كۆپلىگەن مەشھۇر ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.

210.   ئىمام راغىب ئەبۇلقاسىم ھۈسەين ئىبنى مۇھەممەد ئەلئەسفەھانىي (الإمَامُ الرَّاغِبُ الحُسَيْنُ بنُ مُحَمَّدٍ الأَصْبَهَانِيُّ، ھ. ؟ – 502 / م. 1108) — «راغىب» نامى بىلەن تونۇلغان. ئەرەب تىلى ئالىمى، مۇفەسسىر ۋە شەرىئەت ئىلىملىرىدە يېتۈك ئالىم. ئىسلام دانىشمەنلىرىدىن سانالغان زات. «ئەلمۇفرەدات فىي غەرىبىل قۇرئان» («قۇرئان» كەلىمىلىرى ئىزاھاتى)، «مۇھازەراتۇل ئۇدەباﺋ» (ئەدەبىيات)، «ئەززەرىئە» (ئەخلاق) ۋە «تەفسىلۇننەشئەتەين» (ھېكمەت، پىسخولوگىيە) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

211.   ئەبۇ ئابدۇللاھ راﻓﯩﺌ ئىبنى خەدىج ئىبنى راﻓﯩﺌ ئەلئەنسارىي ئەلخەزرەجىي (رَافِعُ بنُ خَدِيْجِ بنِ رَافِعِ بنِ عَدِيِّ بنِ تَزِيْدَ الأَنْصَارِيُّ، ھ. بۇرۇن 12 – ھ. 74 / م. 610 – 694) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — «بەدر»دىن كېيىنكى بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان ساھابە.

212.   رەﺑﯩﯿﺌ ئىبنى ئەنەس ئىبنى زىياد ئەلبەكرىي ئەلخۇراسانىي ئەلمەرۋەزىي ئەلبەسرىي (الرَّبِيْعُ بنُ أَنَسِ بنِ زِيَادٍ البَكْرِيُّ الخُرَاسَانِيُّ الْمَرْوَزِيُّ الْبَصْرِيُّ، ھ. ؟ – 139 ياكى 140 / م. ؟ – 757 ياكى 758) — ساھابە ۋە تابىئىنلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان مەشھۇر مۇھەددىس، تەفسىرشۇناس، بەسرەلىك تابىئىن. ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇز يىل زىنداندا يېتىپ ۋاپات تاپقان. رىۋايەت قىلغان ھەدىسلىرى «تۆت سۈنەن» ھەدىس كىتابلىرىغا ئېلىنغان زاتتۇر.

213.   ئەبۇ مۇھەممەد رەﺑﯩﯿﺌ ئىبنى سۇلايمان ئىبنى ئابدۇلجەببار ئەلمۇرادىي (الرَّبِيْعُ بنُ سُلَيْمَانَ بنِ عَبْدِ الجَبَّارِ الْمُرَادِيُّ، ھ. 174 – 270 / م. 791 – 884) — مۇھەددىس، فەقىھ. ئىمام شافىئىينىڭ شاگىرتى، كىتابلىرىنى يادقا ئېلىپ تەلىم بەرگەن زات، شافىئىي مەزھەبنىڭ ئاساسلىق تارقاتقۇچىلىرىدىن بىرى.

214.   ئەبۇ يەزىد رەﺑﯩﯿﺌ ئىبنى خۇسەيم ئىبنى ئائىز ئەسسەۋرىي ئەلكۇفىي (الرَّبِيْعُ بنُ خُثَيْمِ بنِ عَائِذٍ أَبُو يَزِيْدَ الثَّوْرِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. 65 / م. 685 – يىلدىن بۇرۇن ۋاپات تاپقان) — كاتتا تابىئىن، ھەزرىتى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شاگىرتى ۋە كۇفە مۇھەددىسى. تەقۋادارلىقى ۋە ئىبادەتگۇيلىقى بىلەن تىللاردا داستان بولغان زات.

215.   ئەبۇ مۇھەممەد رۇكانە ئىبنى ئەبد يەزىد ئىبنى ھاشىم ئىبنى ئەلمۇتتەلىب ئىبنى ئابدۇماناف ئەلقۇرەشىي ئەلمۇتتەلىبىي (رُكَانَةُ بْنُ عَبْدِ يَزِيدَ بْنِ هَاشِمٍ بْن الْمُطَّلِبِ بن عبد منافٍ الْقُرَشِيُّ الْمُطَّلِبِيُّ، ھ. ؟ – 42 / م. ؟ – 663) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ئەرەب پالۋانلىرىدىن بىرى بولۇپ، بوۋىلىرىدىن ئابدۇمانافتا رەسۇلۇللاھ بىلەن تۇتىشىدۇ. مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن چېلىشىپ ئۈچ مەرتە يېڭىلگەن ۋە مەككە فەتھىدە مۇسۇلمان بولغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

216.   شاتىلۇنلۇق رېينالد (رينالد دي شاتيون Raynald of Châtillon، م. 1125 – 1187) — ئىككىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپىنىڭ شەرققە يۈرۈشىگە قاتناشقان. كېيىن مۇقەددەس زېمىنلاردا قېلىپ قالغان چەۋەندازلاردىن. تارىختا مۇسۇلمان يازغۇچىلار تەرىپىدىن «ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ كاتتىسى» دەپ تەرىپلەنگەن.

217.   رىچارد (Richard the Lionheart، م. 1157 – 1199) — ئەنگىلىيەنىڭ 1189 – 1199 – يىللار ئارىلىقىدىكى پادىشاھى. «شىر يۈرەك» دەپ نامى بار.

218.   ئىمام بەدرۇددىن مۇھەممەد ئىبنى باھادىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەتتۈركىي ئەززەركەشىي (الإمَامُ بَدْرُ الدِّيْنِ مُحَمَّدُ بنُ بَهَادِر الزركشِيُّ، ھ. 745 – 794 / م. 1344 – 1392) — مىسىردا تۇغۇلغان تۈركىستانلىق ئالىم، ئۇسۇلىفىقھشۇناس، تەفسىرشۇناس، مۇھەددىس ۋە شافىئىي مەزھەبكە مەنسۇپ كاتتا فەقىھ. «ئەلبەھرۇل مۇھىت فى ئۇسۇلىلفىقھ»، «ئىئلامۇسساجىد» ۋە «ئەلبۇرھان فى ئۇلۇمىلقۇرئان» قاتارلىق كۆپ ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.

219.   مەھمۇد ئىبنى ئۆمەر ئىبنى مۇھەممەد ئەلخارەزمىي ئەززەمەخشەرىي (أَبُو القَاسِمِ مَحْمُوْدُ بنُ عُمَرَ بنِ مُحَمَّدٍ الخُوَارِزْمِيُّ الزَّمَخْشَرِيُّ، ھ. 467 – 538 / م. 1075 – 1144) — ئاتاقلىق مۇفەسسىر، لۇغەتشۇناس ۋە فەقىھ. مۇئتەزىلە پېشۋالىرىدىن. مەككەدە بىر مۇددەت ئىستىقامەت قىلىپ تۇرغاچقا، «جارۇللاھ» دەپ نام ئالغان. «تەفسىرۇ كەششاف»، «رۇئۇسۇل مەسائىل»(سېلىشتۇرما فىقھ)، «ئاساسۇل بەلاغە»، «رەبىئۇل ئەبرار» ۋە «ئەلمۇفەسسەل» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.

220.   ئىمام شەمسۇددىن ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ئوسمان ئىبنى قايماز ئەززەھەبىي (الإمَامُ شَمْسُ الدِّيْنِ أَبُو عَبْد اللَّهِ مُحَمَّدُ بنُ أَحْمَدَ بنِ عُثْمَانَ بنِ قَايْمَازَ الذَهَبِيُّ، ھ. 673 – 748 / م. 1274 – 1348) — دەمەشقتە تۇغۇلغان تۈركمەن، زەرگەر زات. ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس، قىرائەت ئالىمى ۋە تارىخچى ئالىم. ھەدىس، تارىخ، تەرجىمىھال ساھەلىرىدە «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلاﺋ (سير إعلام النبلاء)» (25 توم)، «تارىخۇل ئىسلام (تاريخ الإسلام)»، «مىيزانۇل ئىئتىدال (ميزان الاعتدال فى نقد الرجال)»، «مىيزانۇل ئىئتىدال (ميزان الاعتدال فى نقد الرجال)»، «مەئرىفەتۇل قۇررائىل كىبار(معرفة القراء الكبار)»، «مۇختەسەرۇل مۇستەدرەك (مختصر الْمُسْتَدْرك)» ۋە «تاباقاتۇل ھۇففاز (طبقات الحفاظ)» قاتارلىق قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يازغان. نامى تارىخ بەتلىرىگە ئالتۇن ھەل بىلەن نەقىشلەنگەن مەشھۇر ئالىم.

221.   ئەبۇ ئابدۇللاھ زەيد ئىبنى ئەسلەم ئەلئەدەۋىي ئەلئۆمەرىي (زَيْدُ بْنُ أَسْلَمَ أَبُو عَبْدِ اللهِ العَدَوِيُّ العُمَرِيُّ، ھ. ؟ – 136 / م. ؟ – 754) — تابىئىن. ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئازادگەردىسى. ھەدىس رىۋايەت قىلغان ئالىم، فۇقاھالاردىندۇر.

222.   ئەبۇ ھۈسەين زەيد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب ئەلئەلەۋىي ئەلھاشىمىي (زَيْدُ بنُ عَلِيِّ بنِ الحُسَيْنِ بنِ عَلِيِّ بنِ أَبِي طَالِبِ بْنِ عَبْدِ الْمُطَّلِبِ الْعَلَوِيُّ الْهَاشِمِيُّ، ھ. 76 – 122 / م. 695 – 740) — رەسۇلۇللاھنىڭ چەۋرىسى، كاتتا ئالىم ۋە «زەيدىييە مەزھىبى»نىڭ ئىمامى. ساھابەلەرگە تىل تەگكۈزۈشنى شىئەلەرگە چەكلىگەن. «ئۇمەۋىيلەر»گە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ۋە ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن. باشقىلار تەرىپىدىن جەملىنىپ نەشرگە تەييارلانغان «فىقھ توپلىمى» ۋە «ھەدىس توپلىمى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرغان. «زەيد ئىبنى ئەلى قىرائىتى» دەپ تونۇلغان ئايرىم بىر قىرائىتى بار.

223.   ئەبۇ ئابدۇرراھمان زەيد ئىبنى خالىد ئەلجۇھەنىي ئەلمەدەنىي (أَبُو عَبْدِ الرَّحْمَنِ زَيْدُ بْنُ خَالِدٍ الْجُهَنِيُّ الْمَدَنِيُّ، ھ. ؟ – 78 / م. ؟ – 697) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ھۇدەيبىييەدىكى «رىزۋان بەيئەتى»گە قاتناشقان. مەككە فەتىھ كۈنى جۇھەينە قەبىلىسىنىڭ تۇغىنى كۆتۈرگەن قوماندان ساھابە.

224.   ئەبۇ سەئىد زەيد ئىبنى سابىت ئىبنى دەھھاك ئىبنى زەيد ئەلئەنسارىي (زَيْدُ بنُ ثَابِتِ بنِ الضَّحَّاكِ بنِ زَيْدٍ الأَنْصَارِيُّ، ھ. بۇرۇن 12 – ھ. 45 / م. 610 – 665) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — قىرائەت ۋە مىراس ئىلمىدە پېشۋا كاتتا ساھابە. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋەھيى كاتىبلىرىدىن بىرى. خەلىفە ئەبۇبەكرى ۋە خەلىفە ئوسمانلار ئۇنى «قۇرئان»نى جەملەپ كىتاب ھالىغا كەلتۈرۈش بىلەن ۋەزىپىلەندۈرگەن.

225.   ھەزرىتى ئۇممۇلھەكەم زەينەب بىنتى جەھش ئىبنى رىياب ئەلقۇرەشىييە (أُمُّ المُؤْمِنِيْنَ زَيْنَبُ بِنْتُ جَحْشِ بنِ رِيَابٍ القُرَشِيَّةُ، ھ. بۇرۇن 33 – ھ. 20 / م. 590 – 641) رەزىيەللاھۇ ئەنھا — «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرىدىن بىرى ۋە ھاممىسىنىڭ قىزى. مەدىنەگە ھىجرەت قىلغان، قولى ئوچۇق، خەير – ساخاۋىتى بىلەن «مىسكىنلەرنىڭ ئانىسى» دەپ نام ئالغان زات.

226.   زۇبەير ئىبنى ئەلئەۋۋام ئىبنى خۇۋەيلىد ئەلئەسەدىي ئەلقۇرەشىي (الزُّبَيْرُ بْنُ الْعَوَّامِ بنِ خُوَيْلِدٍ الأَسَدِيُّ، ھ. بۇرۇن 28 – ھ. 36 / م. 594 – 656) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — تۇنجى مۇسۇلمان بولغان سەككىز كىشىنىڭ ۋە «ئەشەرەئى مۇبەششەرە (جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە)»نىڭ بىرى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاممىسىنىڭ ئوغلى. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنى خەلىفە تاللايدىغان ئالتە كىشىلىك «شۇرا ھەيئىتى»گە تاللىغان.

227.   ئەبۇ ھاجىب زۇرارە ئىبنى (ئەبى) ئەۋفا ئەلھەرەشىي ئەلئامىرىي (زُرَارَةُ بْنُ أَوْفَى الْحَرَشِيُّ، ھ. ؟ – 93 / م. ؟ – 712) — تابىئىن. بەسرەنىڭ قازىسى. ئەبۇ ھۇرەيرە، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. سەجدە قىلغان ھالەتتە ۋاپات بولغان.

228.   ئەبۇلھۇزەيل زۇفەر ئىبنى ھۇزەيل ئىبنى قەيس ئەلئەنبەرىي ئەتتەمىمىي (زُفَرُ بنُ الهُذَيْلِ بنِ قَيْسِ بنِ سَلْمٍ العَنْبَرِيُّ، ھ. 110 – 158 / م. 728 – 775) — ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ چوڭ شاگىرتى ۋە ئورۇنباسارى. قىياس ئۇستىسى، مۇجتەھىد، ئىلىمگە ئەمەل قىلىدىغان ئابىد، زاھىد ۋە ھەدىس رىۋايىتىدە ئىشەنچلىك، ئۇستازىغا ئوخشاش قازىلىق مەنسىپىنى رەت قىلغان زات. دۇنياغا بېرىلمەي، مەنسەپ قوغلاشماي، ئىلىم ئۆگىتىش بىلەن 48 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

229.   ئەبۇلفەيز زۇننۇن سەۋبان ئىبنى ئىبراھىم ئەلمىسرىي (أَبُو الفَيْضِ ذُوْ النُّوْنِ ثَوْبَانُ بنُ إِبْرَاهِيْمَ المِصْرِيُّ، ھ. 155 – 245 / م. 771 – 859) — «زۇننۇن ئەلمىسرىي» دەپ تونۇلغان مۇھەددىس، فەقىھ، تەسەۋۋۇف پېشۋاسى. زامانىدىكى مىسىر دىيارىنىڭ شەيخى. ئىمام مالىكتا ئوقۇپ «ئەلمۇۋەتتا»نى رىۋايەت قىلغان. ئىمام لەيس، ئىبنى لەھىيئە قاتارلىق كاتتا ئىماملاردىنمۇ ئىلىم ئالغان. كىمياگەرلىك ۋە تېبابەتتىمۇ ئوقۇپ يېتىشكەن ۋە «ئەررۇكنۇل ئەكبەر (الركن الأكبر)»، «ئەسسىقەتۇ فىسسەنئەتى (الثقة في الصنعة)» ۋە «ئەلئەجائىبۇ (العجائب)» قاتارلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرغان. جاھان كېزىپ زاھىدلىقنى ۋە تەسەۋۋۇفنى يايغان. مىسىر قەدىمى يېزىقى ھىيروگلوفىي يازمىلىرىنى ئوقۇغان ۋە شىفىرلىرىنى يەشكەن شۇنداقلا بۇ ھەقتە «ھەللۇررۇمۇزى (حل الرموز وبرء الأرقام في كشف أصول اللغات والأقلام)» ناملىق ئەسەرىنى يازغان.

230.   ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبنى مۇسلىم ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى شىھاب ئەززۇھرىي (مُحَمَّد بنُ مُسلِمِ بنِ عُبَيْدِ اللَّهِ بنِ عَبْدِ اللَّهِ بنِ شِهَابٍ الزُّهْرِيُّ، ھ. 51 – 124 / م. 671 – 742) — تابىئىن، «ئۇمەۋىيلەر» خەلىفەسى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ ئەمرى بىلەن ھەدىسلەرنى رەسمىي توپلىغان ئالىم ۋە فەقىھ. «ئىبنى شىھاب» دەپمۇ تونۇلغان كاتتا زات.

231.   ئەبۇ مۇتەررىف زىررۇ ئىبنى ھۇبەيش ئىبنى ھۇباشە ئىبنى ئەۋس ئەلئەسەدىي ئەلكۇفىي (زِرُّ بنُ حُبَيْشِ بنِ حُبَاشَةَ بنِ أَوْسٍ الأَسَدِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. ؟ – 81 / م. ؟ – 701) — تابىئىنلەردىن بولۇپ نۇرغۇن ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان، مۇھەددىس، قىرائەتشۇناس، تىلشۇناس. قىرائەت ئىلمىنى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملەردىن ئۆگەنگەن.

232.   ئەبۇ مۇھەممەد سابىت ئىبنى ئەسلەم ئەلبۇنانىي (ثَابِتُ بنُ أَسْلَمَ أَبُو مُحَمَّدٍ البُنَانِيُّ، ھ. 41 – 127 / م. 662 – 745) — قىرىق يىل ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىلىم سۆھبىتىدە بولغان، نۇرغۇن ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان مۇھەددىس، ئىبادەتگۇي، ئىشەنچلىك زاتتۇر. — ت.

233.   ئەبۇ ئابدۇرراھمان سابىت ئىبنى قەيس ئىبنى شەمماس ئەلئەنسارىي ئەلخەزرەجىي (أَبُو عَبْدِ الرَّحْمَنِ ثَابِتُ بنُ قَيْسِ بنِ شَمَّاسِ بنِ زُهَيْرِ بنِ مَالِكٍ الأَنْصَارِيُّ الخَزْرَجِيُّ، ھ. بۇرۇن ؟ – 12 / م. ؟ – 633) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ئەنسارلارنىڭ ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خەتىبى. «ئۇھۇد غازىتى» ۋە ئۇندىن كېيىنكى بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان زات. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى زامانىدا «يەمامە ئۇرۇشى»دا ئەنسارلارنىڭ قوماندانى بولۇپ شەھىد قىلىنغان.

234.   ئەبۇ ئابدۇللاھ سالمان ئەلفارسىي (سَلْمَانُ الْفَارِسِيُّ، ھ. بۇرۇن 44 – ھ. 36 / م. 578 – 656) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ئەسل ئىسمى روزبە ئىبنى خۇشبۇزان بولۇپ، تېگى پارس مىللىتىدىن. مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنى «سالمان ئىبنۇل ئىسلام (ئىسلام ئوغلى سالمان)» دەپ تونۇشتۇرغان مەشھۇر ساھابە. «خەندەك غازىتى» ۋە ئۇندىن كېيىنكى بارلىق غازاتلارغا، شۇنداقلا «ئىراق فەتھى»گە قاتناشقان زات.

235.   ئەبۇ ئۆمەر سالىم ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئەلئەدەۋىي ئەلقۇرەشىي (سَالِمُ بنُ عَبْدِ اللهِ بنُ عُمَرَ بنِ الخَطَّابِ العَدَوِيُّ القُرَشِيُّ، ھ. ؟ – 106 / م. ؟ – 728) — خەلىفە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نەۋرىسى. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىفەلىك دەۋرىدە تۇغۇلغان. تابىئىن، مۇھەددىس، تابىئىنلار دەۋرىدىكى مەدىنەنىڭ يەتتە فەقىھىنىڭ بىرى ۋە مەدىنە مۇفتىسى.

236.   سالىم ئىبنى مەيمۇن ئەلخەۋۋاس (سالِم بن مَيْمُون الخَوَّاص) — ھ. 3 / م. 10 – ئەسىردە ياشىغان زاھىد، ئىبادەتگۇي زات. مەشھۇر ئابىد سەلم ئەلخەۋۋاسنىڭ قېرىندىشى.

237.   ئەبۇ بىشر سالىھ ئىبنى بەشىر ئەلمۇررىي ئەلقاص (صَالِحٌ المُرِّيُّ أَبُو بِشْرٍ بنُ بَشِيْرٍ القَاصُّ) — تابىئىن دەۋرىدە بەسرەدە يېتىشكەن مەشھۇر مۇھەددىس ۋە فىقىھ ئالىملىرىدىندۇر. بەسرەدە توغۇلۇپ، ھ. 176 / م. 792 – يىلى ئابباسىيلار پايتەختى باغدادتا ۋاپات ئەتكەن.

238.   ئەبۇ رەﺑﯩﯿﺌ سەبرە ئىبنى مەئبەد ئەلجۇھەنىي (سَبْرَةُ بْنُ مَعْبَدٍ الْجُهَنِيُّ) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — «خەندەك غازىتى» ۋە ئۇندىن كېيىنكى غازاتلارغا قاتناشقان ساھابە.

239.   ئەبۇ مەنسۇر ناسىرۇددىن ۋەددەۋلە سەبۇق تېكىن ئىبنى جوق (قارابېگىم) ئىبنى قارا ئارسلان (942 – 997) — غەزنەۋىيلەر دۆلىتىنىڭ م. 977 – 997 – يىللاردىكى ھۆكۈمدارى. نەسەبى ئۈچۈن قاراڭ: قازى مىنھاجۇسسىراج ئەلجۇزجانىينىڭ «تەبەقات ناسىرىي»، 1 – توم، 226 – بەت. گوستاف لوبۇن «ھىندىستان مەدەنىيىتى» ناملىق ئەسەرىدە (ئەرەبچە تەرجىمىسى) 217 – بەتتە سەبۇق تېكىننىڭ بۇتپەرەس تۈركلەرنىڭ ئاپاق قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكىنى يازىدۇ.

240.   ئەبۇلھەسەن سەرىي ئىبنى مۇغەللىس ئەسسەقەتىي ئەلباغدادىي (السَّرِيُّ بنُ الْمُغَلِّسِ السَّقَطِيُّ البَغْدَادِيُّ، ھ. 160 – 251 / م. 777 – 865) — مۇھەددىس. زامانىدىكى تەقۋادار، ئىبادەتگۇي، زاھىد زات. تەسەۋۋۇپ پېشۋالىرىدىن. جۇنەيد باغدادىينىڭ ئانا تەرەپ تاغىسى ۋە ئۇستازى.

241.   ئەبۇ ۋەھب سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە ئىبنى خەلەف ئەلجۇمەھىي ئەلقۇرەشىي (صَفْوَانُ بنُ أُمَيَّةَ بنِ خَلَفٍ الجُمَحِيُّ القُرَشِيُّ، ھ. ؟ – 41 / م. ؟ – 662) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — «ھۇنەين» ۋە «تائىف» غازاتلىرىغا مۇشرىك ھالىتىدە قاتناشقان ۋە كېيىن مۇسۇلمان بولغان ساھابە، كېيىنچە «يەرمۇك ئۇرۇشى»دىكى قوماندانلاردىن بىرى.

242.   ھۇيەي ئىبنى ئەھتابنىڭ قىزى ھەزرىتى سەفىييە (أُمُّ المُؤْمِنِيْنَ صَفِيَّةُ بِنْتُ حُيَيِّ بْنِ أَخْطَبَ، ھ. بۇرۇن 12 – ھ. 50 / م. 610 – 670) رەزىيەللاھۇ ئەنھا — نەسەبى ھارۇن ئەلەيھىسسالامغا تۇتىشىدۇ. بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن بولغان ئاتىسى بىلەن يولدىشى «خەيبەر غازىتى»دا ئۆلتۈرۈلگەن. ئەسىرگە چۈشكەن سەفىييە ئىسلامىيەتنى تاللىغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى نىكاھىغا ئالغان. شۇنىڭ بىلەن «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» بولغان. ئىبادەتگۇيلىقى ۋە كەڭ قورساقلىقى بىلەن مەشھۇر. ۋاپات بولۇش ئالدىدا ھەزرىتى ئائىشەگە مىڭ تىللا ۋەسىيەت قىلغان.

243.   ئەبۇ مۇھەممەد سەلەمە ئىبنى ئاسىم ئەننەھۋىي (أَبُو مُحَمَّدٍ سَلَمَةُ بْنُ عَاصِمٍ النَحوِي، ھ. ؟ – 270 / م. ؟ – 883 – يىلىدىن كېيىن) — قىرائەتشۇناس، تىلشۇناس ئالىم. رىۋايەتلىرى ئالىملار ئارىسىدا ئىشەنچلىك دەپ قارالغان زاتتۇر. «غەرىبۇل ھەدىس» ۋە «مەئانىل قۇرئان» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

244.   ئەبۇ مۇسلىم سەلەمە ئىبنى ئەمر ئىبنى ئەلئەكۋەﺋ ئەلئەسلەمىي (سَلَمَةُ بْنُ عَمْرِو بْنِ الْأَكْوَعِ الأَسْلَمِيُّ، ھ. بۇرۇن 6 – ھ. 74 / م. 616 – 693) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — يۈگۈرۈك، مەرگەن، شىجائەتلىك ساھابە. ھۇدەيبىييەدىكى «رىزۋان بەيئەتى»دە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئۈچ قېتىم بەيئەت قىلغان ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە يەتتە غازاتقا قاتناشقان. مەدىنەدە پەتۋا بېرىپ ئىلىم يايغان زات.

245.   ئەبۇ سەئىد سەللام ئىبنى ئەبى مۇﺗﯩﺌ ئەلخۇزائىي (سَلاَّمُ بنُ أَبِي مُطِيْعٍ الخُزَاعِيُّ، ھ. ؟ – 164 / م. ؟ – 781) — تەبەئى تابىئىن، مۇھەددىس، زامانىدىكى ئەڭ مەشھۇر خاتىب. ئىشەنچلىك تەقۋادار زات.

246.   سەلم ئىبنى مەيمۇن ئەلخەۋۋاس ئەررازىي (سَلْمُ بنُ مَيْمُوْنٍ الخَوَّاصُ الرَّازِيّ، ھ. ؟ – 213 / م. ؟ – 828 – يىلىدىن كېيىن) — شامنىڭ مەشھۇر ئابىدلىرىدىن بىرى. قىرائەتشۇناس، تابىئىنلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان زات. سالىم ئەلخەۋۋاسنىڭ قېرىندىشى.

247.   ئەبۇ مۇھەممەد سەمۇرە ئىبنى جۇندۇب ئىبنى ھىلال ئەلفەزارىي (سَمُرَةُ بنُ جُنْدُبِ بنِ هِلاَلٍ الفَزَارِيُّ، ھ. ؟ – 58 / م. ؟ – 678) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — راستچىل ۋە ئامانەتكە ئەمەل قىلىشى بىلەن تونۇلغان ساھابە. كىچىك يېشىدا «ئۇھۇد غازىتى»غا قاتناشقان، ھەدىسلەر رىۋايەت قىلغان مۇھەددىس، ئۆز ئەۋلادلىرىغا رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرى خاتىرىلەنگەن بىر كىتاب قالدۇرۇپ كەتكەن زاتتۇر.

248.   ئەبۇ مۇھەممەد سەھل ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى يۇنۇس ئەتتۇستەرىي (أَبُو مُحَمَّدٍ سَهْلُ بنُ عَبْدِ اللهِ بنِ يُوْنُسَ التُّسْتَرِيُّ، ھ. 200 – 283 / م. 818 – 896) — ئىراننىڭ خۇزىستان ۋىلايىتى تۇستەر شەھرىدىن. مەشھۇر ئابىد، زاھىد. تەفسىرشۇناس، ۋەز – نەسىھەتچى. مەشھۇر ئەسەرلىرى «قۇرئان تەفسىرى (تفسير القرآن)»، «رەقائىقۇل مۇھىببىيىن (رقائق المحبين)» «جاۋاباتۇ ئەھلىل يەقىن (جَوَابَاتُ أَهْلِ الْيَقِيْن)» قاتارلىقلار.

249.   ئەبۇلئابباس سەھل ئىبنى سەئد ئىبنى مالىك ئەسسائىدىي ئەلئەنسارىي (سَهْلُ بنُ سَعْدِ بنِ مَالِكٍ السَّاعِدِيُّ الْأَنْصَارِيُّ، ھ. ؟ – 88 ياكى 91 / م. ؟ – 707 ياكى 710) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما — 15 يېشىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرگەن ساھابە. ئاتىسى سەئد ھەم ساھابە. ساھابەلەردىن مەدىنەدە ئەڭ ئاخىرىدا ۋاپات تاپقان زات.

250.   ئەبۇ سابىت سەھل ئىبنى ھۇنەيف ئىبنى ۋاھىب ئەلئەنسارىي ئەلئەۋسىي (سَهْلُ بنُ حُنَيْفِ بْنِ وَاهِبٍ أَبُو ثَابِتٍ الأَنْصَارِيُّ الأَوْسِيُّ، ھ. ؟ – 38 / م. ؟ – 659) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — «بەدر» ۋە بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان شىجائەتلىك ساھابە. «ئۇھۇد غازىتى»دا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا سەباتلىق بىلەن تۇرغان زات.

251.   سەھنۇن ئەبۇ سەئىد ئابدۇسسالام ئىبنى ھەبىب ئەتتەننۇخىي (سَحْنُوْنُ أَبُو سَعِيْدٍ عَبْدُ السَّلاَمِ بنُ حَبِيْبٍ التَّنُوْخِيُّ، ھ. 160 – 240 / م. 776 – 854) — مەراكەشلىك ئىمام، قازى. مالىكىي مەزھىبىنىڭ مەشھۇر فەقىھلىرىدىن بىرى. مالىكىي مەزھىبىنى ماراكەش ۋە ئەندەلۇس دىيارلىرىغا يايغان ۋە «ئەلمۇدەۋۋەنەتۇل كۇبرا» ناملىق فىقھىي ئەسەرنى يازغان ئالىم، ھېكمەتلىك سۆزلىرى بىلەن مەشھۇر زات.

252.   ئەبۇ ئابدۇللاھ سەۋبان ئىبنى بۇجدۇد ئەلھاشىمىي ئەلھىميەرىي (أَبُو عَبْدِ اللهِ ثَوْبَانُ بْنُ بُجْدُدٍ الْقُرَشِيُّ الْهَاشِمِيُّ، ھ. ؟ – 54 / ؟ – م. 674) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — رەسۇلۇللاھ تەرىپىدىن ئەسىر ھالدا سېتىۋېلىنىپ ئازاد قىلىنغان ساھابە. سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن 127 ياكى 128 ھەدىس نەقىل قىلغان.

253.   ھەزرىتى سەۋدە بىنتى زەمئە ئىبنى قەيس ئەلقۇرەشىييە (أُمُّ المُؤْمِنِيْنَ سَوْدَةُ بِنْتُ زَمْعَةَ بنِ قَيْسٍ القُرَشِيَّةُ، ھ. ؟ – 23 ياكى ھ. 54 / م. ؟ – 644 ياكى 674) رەزىيەللاھۇ ئەنھا — «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىككىنچى ئايالى. دەسلەپتە مۇسۇلمان بولۇپ، ھەبەشىستانغا ۋە مەدىنەگە ھىجرەت قىلغانلاردىندۇر.

254.   ئەبۇ ئىسھاق سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس مالىك ئىبنى ئەھيەب ئەلقۇرەشىي (سَعْدُ بْنُ أَبِي وَقَّاصٍ مَالِكِ بْنِ أَهْيَبَ القُرَشِيُّ، ھ. بۇرۇن 23 – ھ. 55 / م. 599 – 674) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — تۇنجى مۇسۇلمان بولغان يەتتە كىشىنىڭ ۋە «ئەشەرەئى مۇبەششەرە (جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە)»نىڭ بىرى. تۇنجى بولۇپ ئاللاھ يولىدا ئوق ئاتقان زات. «قادىسىييە ئۇرۇشى»دا ۋە «ئىراق فەتھى»دە زەپەر قۇچقان باھادىر قوماندان. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنى خەلىفە تاللايدىغان ئالتە كىشىلىك «شۇرا ھەيئىتى»گە تاللىغان.

255.   ئەبۇ سابىت / ئەبۇ قەيس سەئد ئىبنى ئۇبادە ئىبنى دۇلەيم ئەسسائىدي ئەلخەزرەجىي ئەلئەنسارىي (سَعْدُ بنُ عُبَادَةَ بنِ دُلَيْمِ الأَنْصَارِيُّ الخَزْرَجِيُّ السَّاعِدِيُّ، ھ. بۇرۇن؟ – ھ. 14 ياكى 13 م. ؟ – 635) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — خەزرەج قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى. ئەقەبە بەيئىتى، بەدر ۋە باشقا غازاتلارغا قاتناشقان مۇجاھىد، سېخىي، ئېسىل زات.

256.   ئەبۇ ھەمزە سەئد ئىبنى ئۇبەيدە ئەسسۇلەمىي ئەلكۇفىي (أَبُو حَمْزَة سَعْدُ بْنُ عُبَيْدَة السُّلَمِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. ؟ – 101 / م. ؟ – 720) — فەقىھ تابىئىن. ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان، رىۋايەتلىرى ئىشەنچلىك دەپ قارالغان مۇھەددىس.

257.   سەئد ئىبنى رەﺑﯩﯿﺌ ئەلئەنسارىي ئەلخەزرەجىي (سَعْدُ بنُ الرَّبِيْعِ بنِ عَمْرِو بنِ أَبِي زُهَيْرٍ الأَنْصَارِيُّ الخَزْرَجِيُّ، ھ. ؟ – 3 / م. ؟ – 625) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ئىككىنچى «ئەقەبە بەيئەتى»دىكى ئەنسارلارنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى. «بەدر غازىتى»غا قاتناشقان ۋە «ئۇھۇد غازىتى»دا شەھىد بولغان ساھابە.

258.   بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسىي (Bediüzzaman Said Nursî، ھ. 1295 – 1379 / م. 1878 – 1960) — تۈركىيەلىك ئىسلام ئالىمى. مۇتەپەككۇر. نۇرچىلار ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئاتىسى مىرزا ئەپەندىم. ئانىسى نۇرىيە خانىمدۇر. «رەسائىلى نۇر»، «كەلىمات»، «ئىشاراتۇل ئىئجاز» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

259.   ئەبۇ مۇھەممەد سەئىد ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئەبى يەھيا ئەتتەنۇخىي (سَعِيْدُ بنُ عَبْدِ العَزِيْزِ بنِ أَبِي يَحْيَى التَّنُوْخِيُّ، ھ. 90 – 167 / م. 709 – 784) — شام دىيارىدا ئۆتكەن مەشھۇر مۇجتەھىد ئىمام، مۇھەددىس، ئىبادەتگۇي، ئىشەنچلىك زات.

260.   ئەبۇ ئوسمان سەئىد ئىبنى ئاس ئىبنى سەئىد ئىبنى ئاس ئىبنى ئۇمەييە ئىبنى ئابدۇشەمس ئىبنى ئابدۇمەناف ئەلقۇرەشىي ئەلئۇمەۋىي (سَعِيْدُ بنُ العَاصِ بنِ أُمَيَّةَ بنِ عَبْدِ شَمْسٍ بنِ عَبْدِ مَنَافٍ القُرَشِيُّ الأُمَوِيُّ، ھ. 2 – 58 / م. 624 – 678) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — مەككەلىك ساھابە. ئاتىسى بەدر غازىتىدا مۇشرىكلەر سېپىدە قەتل قىلىنغان، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خىلافەت زامانىدا قۇرئاننى جەملەپ كىتاب ھالىتىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشقان، كۇفە شەھىرىگە ۋالىي بولغان، تەبەرىستان شەھىرىنى فەتىھ قىلغان زات.

261.   سەئىد ئىبنى ئەبۇلھەسەن يەسار ئەلبەسرىي (سَعِيْدُ بنُ أَبِي الحَسَنِ يَسَارٍ البَصْرِيُّ، ھ. ؟ – 100 / م. ؟ – 719) — زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئازادگەردىسى، تابىئىن. ھەسەن ئەلبەسرىينىڭ ئىنىسى. ھەدىس رىۋايەت قىلغان ئىبادەتگۇي زات.

262.   سەئىد ئىبنى ئەلقەمە (سَعِيْدُ بنُ عَلْقَمَةَ) نەخەئىي قەبىلىسىنىڭ ئابىدلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى بولسا تائىي قەبىلىسىدىن ئىدى.

263.   ئەبۇ مۇھەممەد سەئىد ئىبنى ئەلمۇسەييەب ئىبنى ھەزن ئەلقۇرەشىي ئەلمەخزۇمىي (سَعِيْدُ بنُ الْمُسَيِّبِ بنِ حَزْنٍ القُرَشِيُّ المَخْزُوْمِيُّ، ھ. 15 – 94 / م. 636 – 713) — زامانىدىكى تابىئىنلەرنىڭ كاتتىسى. «مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئالىمى» ۋە مەدىنەدىكى «يەتتە فەقىھ»نىڭ بىرى. ئاتىسى بىلەن بوۋىسى ساھابە زات.

264.   ئەبۇ مۇھەممەد / ئەبۇ ئابدۇللاھ سەئىد ئىبنى جۇبەير ئىبنى ھىشام ئەلۋالىبىي ئەلكۇفىي (سَعِيْدُ بنُ جُبَيْرِ بنِ هِشَامٍ الوَالِبِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. 46 – 95 / م. 665 – 714) — ئازادگەردە تابىئىن. ھەدىس ۋە تەفسىر ھەققىدىكى رىۋايەتلىرى بىلەن تونۇلغان كاتتا زات. «ئۇمەۋىيلەر ھۆكۈمرانلىقى»غا قارشى قوزغىلاڭغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، زالىم ھەججاج تەرىپىدىن شەھىد قىلىنغان.

265.   ئەبۇلئەئۋەر سەئىد ئىبنى زەيد ئىبنى ئەمر ئىبنى نۇفەيل ئەلئەدەۋىي ئەلقۇرەشىي (سَعِيْدُ بنُ زَيْدِ بنِ عَمْرِو بنِ نُفَيْلٍ العَدَوِيُّ القُرَشِيُّ، ھ. بۇرۇن 22 – ھ. 51 / م. 600 – 671) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — «ئەشەرەئى مۇبەششەرە (جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە)»نىڭ بىرى. ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىلا مۇسۇلمان بولغان ۋە نۇرغۇن غازاتلارغا قاتناشقان كاتتا زات.

266.   ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبنى داۋۇد ئىبنى مۇھەممەد داۋۇدىي سەيدەلانىي (أَبُو بَكْرٍ مُحَمَّدُ بنُ دَاوُدَ بْنِ مُحَمَّدٍ الداودي الصَّيْدَلانِيِّ، ھ. ؟ –437 / م. ؟ – 1046 ئەتراپى) — «ئەسسەيدەلانىي» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر شافىئىي فەقىھ. ئەبۇبەكرى قەففال شاشىينىڭ شاگىرتى. «شەرھۇ مۇختەسەرىل مۇزەنىي (شرح مختصر المزني)»، «شەرھۇل مۇھەززەبى (شرح المهذب)» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.

267.   سەيفىددىن قۇتۇز (سيف الدِّيْنِ قطز) — تېگى تۈرك بولۇپ، خارزەمشاھلاردىن جالالىددىن مەڭگۈبەردىنىڭ جىيەنىدۇر. مىلادىيە 1259 – يىلى نويابىردىن 1260 – يىلى ئۆكتەبىرگىچە مەملۇك سۇلتانى بولغان. ئۆز ۋاقتىدا بىر قوماندان بولغان قۇتۇز «ئەين جالۇت ئۇرۇشى»دا بايبارس بىلەن بىرگە جەڭ قىلىپ غەلبە قىلغاندىن كېيىن، تۆھپە كۆرسەتكەن قوماندان بايبارسنىڭ ھالەپنى سۇيۇرغال قىلىپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئۆز يېقىنلىرىدىن باشقا بىرىگە بەرگەن. بايبارس بىلەن قۇتۇز ئوتتۇرىسىدا بۇرۇنلا ئاز – تولا ئاداۋەت بار بولۇپ، بۇ ئىشتىن كېيىن بايبارس غەزەپلىنىپ، مىسىرغا قايتىش يولىدا چۈشكۈن قىلغان بىر يەردە سۇيىقەست بىلەن مىلادىيە 1260 – يىلى 22 – ئۆكتەبىردە سۇلتان قۇتۇزنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا مىسىرغا سۇلتان بولغان.

268.   ئەبۇ ئابدۇللاھ سۇفيان ئىبنى سەئىد ئىبنى مەسرۇق ئەسسەۋرىي ئەلكۇفىي (سُفْيَانُ بنُ سَعِيْدِ بنِ مَسْرُوْقٍ الثَّوْرِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. 97 – 161 / م. 715 – 778) — خۇراساندا تۇغۇلۇپ، بەسرەدە ۋاپات بولغان. شەيخۇلئىسلام، مۇھەددىسلەر پېشۋاسى، مۇجتەھىد، مۇستەقىل مەزھەب ساھىبى بولۇپ، مەزھىبى ھىجرىيە 7 – ئەسىرلەردىن كېيىن يوقالغان. تەقۋادارلىقى ۋە زاھىدلىقى بىلەن تونۇلغان زات. ھەقنى سۆزلىگەنلىكتىن خەلىفە مەھدىي (م. 775 – 785) دىن قېچىپ يوشۇرۇنغان ھالدا ئالەمدىن ئۆتكەن. «ئەلجامىئۇل كەبىر»، «ئەلجامىئۇسسەغىر» قاتارلىق ھەدىس توپلاملىرىنى قالدۇرغان.

269.   ئەبۇ مۇتەررىف سۇلايمان ئىبنى سۇرەد ئەلخۇزائىي (سُلَيْمَانُ بْنُ صُرَدٍ الْخُزَاعِيُّ، ھ. بۇرۇن 28 – ھ. 65 / م. 594 – 685) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان ساھابە. خەلىفە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سەركەردىسى بولغان.

270.   ئەبۇ ئەييۇب سۇلايمان ئىبنى يەسار ئەلمەدەنىي (سُلَيْمَانُ بنُ يَسَارٍ الْمَدَنِيُّ، ھ. 34 – 107 / م. 655 – 725) — «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئازادگەردىسى. مۇھەددىس، تابىئىنلار دەۋرىدىكى مەدىنەدىكى «يەتتە فەقىھ»نىڭ بىرى ۋە مەدىنەنىڭ مۇفتىسى.

271.   ئەبۇ سەلەمە سۇلەيم ئىبنى ئىتر ئەتتۇجىيبىي (سُلَيْمُ بنُ عِتْرٍ التُّجِيْبِيُّ المِصْرِيُّ، ھ. ؟ – 75 / م. ؟ – 694) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — تابىئىنلارنىڭ چوڭلىرىدىن. ئابىد زات. ھەزرىتى ئۆمەر، ئەلى قاتارلىق ساھابىلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. فەقىھ، ۋائىز، مىسىرغا قازى بولغان ۋە ھۆكۈملىرى يېزىپ قالدۇرۇلۇپ، ئابباسىيلار دەۋرىدە فىقھىي قائىدىگە ئايلاندۇرۇلغان.

272.   ئىمام جالالۇددىن ئەبۇلفەزل ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبۇبەكرى ئىبنى مۇھەممەد ئەلخۇزەيرىي ئەسسۇيۇتىي (جَلاَلُ الدِّينِ أَبُو الْفضل عَبْدُ الرَّحْمَنِ بنُ أَبِي بَكْرِ بنِ مُحَمَّدٍ الخُضَيرِي السُّيُوطي، ھ. 849 – 911 / م. 1445 – 1505) — ئانىسى تۈرك. مىسىرلىق ئېنسىكلوپېدىك ئالىم. شافىئىي فەقىھ، مۇھەددىس، مۇفەسسىر، تارىخشۇناس، تىلشۇناس. «ئەلئىتقان فى ئۇلۇمىلقۇرئان (الاتقان في علوم القرآن)»، «تەفسىرۇل جەلالەين (تفسير الجلالين)»، «ئەلئەشباھۇ ۋەننەزائىر (الأشباه والنظائر)»، «تارىخۇل خۇلەفاﺋ (تاريخ الخلفاء)»، «ئەلجامىئۇسسەغىر (الجامع الصغير)»، «ئەلمىزھەر (المزهر)» ۋە «ئەددۇررۇل مەنسۇر (لدر المنثور في التفسير بالمأثور)» قاتارلىق چوڭ ۋە كىچىك ئەسەرلىرى ئالتە يۈز پارچىغا يېتىدۇ.

273.   ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس ئىبنى ئەلئابباس ئەششافىئىي ئەلمۇتتەلىبىي (الإمَامُ أَبُو عَبْدِ اللهِ مُحَمَّدُ بْنُ إِدْرِيسَ بنِ الْعَبَّاسِ بْنِ عُثْمَانَ بْنِ الشَّافِعِ الشَّافِعِيُّ الْمُطَّلِبِيُّ، ھ. 150 / م. 767، غەززە – ھ. 204 / م. 820، مىسىر) — مەشھۇر «تۆت مەزھەب»نىڭ بىرى بولغان «شافىئىي مەزھىبى»نىڭ ئىمامى. بۈيۈك مۇجتەھىد ئالىم. «ئەلئۇم (الأُمُّ)»، «ئەررىسالە (الرسالة)»، «ئەھكامۇل قۇرئان (أحكام القرآن)»، «جىمائۇل ئىلىم (جماع العلم)»، «ئەلمۇسنەدۇ (المسند)»، «ئەلمۇسنەدۇ (المسند)»، «ئەسسۈنەنۇ (السنن)»، «فەزائىل قۇرەيش (فضائل قريش)» ۋە «ئىختىلافۇل ھەدىس (اختلاف الحديث)» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

274.   شاھ ۋەلىيۇللاھ ئەھمەد ئىبنى ئابدۇررەھىم ئەددىھلەۋىي (شاه وليُّ الله أَحْمَدُ بنُ عَبدِ الرَحِيمِ الدِهلَوِيُّ، ھ. 1114 – 1176 / م. 1703 – 1762) — ئىسلاھاتچى ئالىم. ھىندىستاندىكى ھەدىسشۇناسلارنىڭ پېشۋاسى. «شاھ ۋەلىيۇللاھ» دەپ تونۇلغان مول ھوسۇللۇق ئالىم. تەفسىر، ھەدىس، تارىخ، شەرىئەت ۋە سۇلۇك ئىلىملىرىدە «ھۆججەتۇللاھ ئەلبالىغە» قاتارلىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.

275.   ئەبۇ ئابدۇللاھ شەمسىددىن مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى ئەبۇبەكرى ئەلجەزەرىي (مُحَمَّدُ بْنُ إِبْرَاهِيْمَ بْنِ أَبِيْ بَكْرٍ الجَزَرِيُّ، ھـ. 658 – 738 / م. 1259 – 1338) — مۇھەددىس ۋە تارىخشۇناس، «ھاۋادىسۇززامان (تارىخى ئىبنۇلجەزەرىي)» ناملىق ئەسەرى مەشھۇردۇر.

276.   ئەبۇ ئەمر ئامىر ئىبنى شەراھىيل ئىبنى ئەبد ئەششەئبىي (عَامِرُ بنُ شَرَاحِيْلَ بْنِ عَبْدٍ الشَّعْبِيُّ، ھ. 21 – 104 / م. 641 – 723) — تابىئىنلارنىڭ چوڭلىرىدىن. كۇفەلىك مۇھەددىس، فەقىھ، قازى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە قاتارلىق كۆپ ئىماملارنىڭ ئۇستازلىرىدىن بىرى. خەلىفە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز تەرىپىدىن قازى بولۇپ تەيىنلەنگەن ئالىم. ئۇمەۋىي خەلىفە ئابدۇلمەلىك ئۇنى ۋىزانتىيەگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن.

277.   شەيخ مەھمۇد ئىبنى مۇھەممەد شەلتۇت (الشيخ مَحْمُوْدُ بْنُ مُحَمَّدٍ شَلتُوت، ھ. 1310 – 1383 / م. 1893 – 1963) — «ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ سابىق شەيخلىرىدىن بىرى. پەتۋا ۋە تەفسىر ساھەلىرىدە تونۇلغان، «شەيخ شەلتۇت پەتۋالىرى» ۋە «ئىسلام ئەقىدە ۋە شەرىئەتتۇر» قاتارلىق بىرقانچە كىتابى نەشر قىلىنغان.

278.   شەيخ تاجۇددىن ئەبۇلفەزل ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلكەرىم، ئىبنى ئەتائۇللاھ سەكەندەرىي (تَاجُ الدِّيْنِ أَبُو الفَضْلِ أَحْمَدُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ عَبْدُ الكَرِيْمِ بنِ عَطَاءِ اللهِ الإِسْكَنْدَرِيُّ، ھ. 658 – 709 / م. 1219 – 1287) شازىلىييە تەرىقەتىگە مەنسۇپ مۇتەسەۋۋىف ۋە تۈرلۈك ئىلىملەردە يېتىشكەن ئاتاقلىق ئالىم ۋە مۇرشىد. مالىكىي فەقىھ ۋە ۋائىز. شەيخ ياقۇت، شەيخ ئەبۇلئابباس مۇرسىيلەردىن تەلىم ئالغان. ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئەشەددى رەقىبلىرىدىن بىرى ئىدى. «ئۇنۋانۇتتەۋفىق فى ئادابىتتەرىق» (ئۇستاز ئەبۇ مەديەن ئەتتىلمىسانىينىڭ قەسىدەسىنىڭ شەرھى)، «ئۇسۇلۇ مۇقەددىماتىل ۋۇسۇل»، ۋەز – نەسىھەتتە «تاجۇل ئەرۇس ئەلھاۋىي لىتەھزىيبىننۇفۇس»، «ئەتتەنۋىرۇ فى ئىسقاتىتتەدبىر»، تەسەۋۋۇفتا «ئەلھىكەمۇل ئەتائىييە ئەلا لىسانى ئەھلىتتەرىقە»، «ئەلقەسدۇل مۇجەررەد فى مەئرىفەتى ئەلئىسمىل مۇفرەد»، «ئەتتەرىقۇل جاددە فى نەيلىسسەئادە»، «ئەلمەرقا ئىلەل قەدىر ئەلئەبقا»، «مىفتاھۇ فەلاھى ۋە مىسباھۇل ئەرۋاھى فى زىكرىل كەرىمىل فەتتاھى»، «مۇختەسەرۇ تەھزىيبىل مۇدەۋۋەنە» (فىقھ) ۋە ئۇستازلىرى ئەبۇلھەسەن شازىلىي بىلەن ئەبۇلئابباس مۇرسىيلەرنىڭ پەزىلەتلىرى ھەققىدە «لەتائىفۇل مىنەن» قاتارلىق كۆپ ئەسەرلەرنى قالدۇرغان. قاھىرەدە ئالەمدىن ئۆتكەن.

279.   شەيخ تەقىييۇددىن ئەبۇلھەسەن ئەلى ئىبنى ئابدۇلجاببار ئىبنى يۈسۈف ئەششازىلىي ئەلھەسەنىي ئەلئىدرىيسىي (أَبُو الحَسَنِ عَلِيّ بْنُ عبدِ اللهِ بْنِ عبدِ الجَبَّارِ بن يوسف الْحَسَنِيُّ الإِدْرِيسِيُّ الشَّاذلِيُّ، ھ. 593 – 656/ م. 1196 – 1258) — تەسەۋۋۇفتىكى مەشھۇر شازىلىييە تەرىقەتىنىڭ پىرى، ئاتاقلىق زاھىد ۋە مۇتەسەۋۋىف. مالىكىي فەقىھ، ۋائىز. ماراكەشتە تۇغۇلۇپ، قۇرئاننى يادلاپ، باشلانغۇچ ئىلىملەرنى ئۆز يېزىسىدا ئالغان. تۇنىستا ئوقۇپ تەسەۋۋۇفقا يۈزلەنگەن. دەسلەپتە تۇنىسنىڭ شازىلە دېگەن يېرىگە جايلاشقان بولغاچقا، شۇ يەرگە نىسبەت بېرىلگەن. ھەجگە بېرىپ، ئىراقنى كېزىپ، مىسىرنىڭ ئىسكەندەرىيە شەھرىدە ئولتۇراقلاشقان. كۆزى ئەما ئىدى. ئەبۇ مەديەن ئەتتىلمىسانىي، ئەبۇل ئابباس ئەلۋاسىتىي، ئابدۇسسالام مەشىش، ئابدۇلقادىر گەيلانىيلاردەك كاتتا تەسەۋۋۇف پىرلىرىدىن تەلىم ئالغان. مۇھيىددىن ئىبنى ئەرەبىي، ئەبۇلئابباس ئەلمۇرسىيلەر ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغان. ئۇ ئىنتايىن چوڭ تەسەۋۋۇف مەدرىسەسىنى قۇرغان بولۇپ، ئۇ مەدرەسەدە يېتىشىپ چىققان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا شازىلىييە تەرىقەتىدىن شاخلاپ چىققان تۈرلۈك تەرىقەتلەرنى قۇرغان. ئۇ «ھىزبى شازلىي» دەپ ئاتالغان مەشھۇر ۋىرد، تەسەۋۋۇف ئادابىدا «ئەلئەمىن رىسالەسى»، «نۇزھەتۇل قۇلۇب ۋە بۇغيەتۇل مەتلۇب» (قوليازما) ۋە «ئەسسىررۇل جەلىل فىي خەۋاسسى ھەسبۇنەللاھۇ ۋە نىئمەل ۋەكىل» قاتارلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرغان. ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئۇنىڭ ھىزبىگە رەددىيە يازغان. ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەيياد ئۇنىڭ تەرجىمەھالى ھەققىدە «ئەلمەفاخىرۇل ئەلىييە فىلمەئاسىر ئەششازىلىييە» ناملىق كىتاب يازغان.

280.   شەيخ شىھابۇددىن ئەبۇلئابباس ئەھمەد ئىبنى ئۆمەر ئەلمۇرسىي ئەلخەزرەجىي ئەلبەلەنسىي (شِهَابُ الدِّيْنِ أَبُو العَبَّاسِ أَحْمَدُ بنُ المُرْسِيُّ الخَزْرَجِيُّ البَلَنْسِيُّ، ھ. 616 – 686 / م. 1219 – 1287) ئەندەلۇستىكى مۇرسىيەدە تۇغۇلۇپ، مىسىر ئىسكەندەرىيەدە ياشىغان ئاتاقلىق مۇتەسەۋۋىف ۋە مالىكىي فەقىھ، ۋائىز. قۇرئاننى يادلاپ تۈرلۈك ئىلىملەرنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، تۇنىستا شەيخ ئەبۇلھەسەن ئەششازىلىيدىن تەلىم ئالغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىسكەندەرىيەگە بېرىپ، شەيخ تەقىيۇددىن ئەبۇلئھەسەندىن كېيىن شازىلىييە تەرىقەتىگە پىر بولغان. ئىبنى ئەتائۇللاھ سەكەندەرىي، ياقۇت ئەلئەرشىي ۋە ئىمام بۇسايرىيلەر ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغان. ئىسكەندەرىيەدە ۋاپات بولغان.

281.   ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ بەدرۇددىن مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئەششەۋكانىي (الإمَامُ بَدْرُ الدِّيْنِ مُحَمَّدُ بْنُ عَلِيِّ بْنِ مُحَمَّدِ بْنِ عَبْدِ اللهِ الشَّوْكَانِيُّ، ھ. 1173 – 1250 / م. 1760 – 1834) — سانئادا قازى ۋە ھاكىم بولغان يەمەن ئەللامەلىرىدىن بىرى، كۆپ قىرلىق ئالىم، مەشھۇر مۇجتەھىد، «ئىرشادۇفۇھۇل» (ئۇسۇلى فىقھ)، «نەيلۇل ئەۋتار» (ھەدىس ئەھكاملىرى)، «فەتھۇل قەدىر» (تەفسىر)، «ئەسسەيلۇل جەررار» (فىقھ)، «ئەلفەۋائىدۇل مەجمۇئە (الفوائد المجموعة في الأحاديث الموضوعة)» ۋە «ئەلبەدرۇتتاﻟﯩﺌ» (تەرجىمىھال) قاتارلىق نۇرغۇن كىتابلارنى يېزىپ قالدۇرغان.

282.   شەيخ ئەبۇ ئۇسامە شۇئەيب ئىبنى مۇھەررەم ئەلئەرنائۇت (شُعَيْبُ بْنُ مُحَرَّمٍ الأَرنَؤُوط، ھ. 1346 – 1438 / م. 1928 – 2016) — تېگى ئالبانىيەلىك، سۈرىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ھازىرقى زاماندىكى مەشھۇر مۇھەددىس، تىلشۇناس، ئەدىب. «مۇسنەدۇ ئەھمەد» (50 توم)، «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلاﺋ» (25 توم) ۋە «شەرھۇسسۈننە» (16 توم) قاتارلىق چوڭ ھەجىملىك كۆپلىگەن ھەدىس كىتابلىرىنى نەشرگە تەييارلىغان ۋە ھەدىسلىرىنى تەخرىج قىلغان.

283.   ئەبۇ ئۇبەيدۇللاھ شۇمەيت ئىبنى ئەجلان ئەششەيبانىي ئەلبەسرىي (أَبُو عُبَيْدِ اللَّهِ شُمَيْطُ بْنُ عَجْلاَنَ الشَّيْبَانِيُّ الْبَصْرِيّ، ھ. ؟ – ؟ / م. ؟ – ؟) — ئىبادەتگۇي، زاھىد، ۋەزخان تەسەۋۋۇف ئالىملىرىدىن بىرى.

284.   ئەللامە ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىبنى ئىبراھىم ئەلئەلەۋىي ئەششىنقىيتىي (عَبْدُ اللَّه بنُ إِبْرَاهِيْمَ الْعَلَوِيُّ الشِنقِيطِي، ھ. ؟ – 1233 / م. ؟ – 1818) — ماۋرىتانىيەلىك تىلشۇناس ۋە شەرىئەتشۇناس ئەللامە. شەرئىي ئىلىملەردە نەزمىي ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇسۇلى فىقھ ئىلمىدە «مەراقىسسەئۇد» ناملىق نەزمە ئەسەرنىڭ مۇئەللىفى.

285.   شىھابۇددىن ئەبۇلئابباس ئەھمەد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى سەلامە ئەلقەليۇبىي (شِهَابُ الدِّيْنِ أَبُو الْعَبَّاسِ أَحْمَدُ بْنُ أَحْمَدَ بْنِ سَلَامَةَ القَلْيُوْبِيُّ، ھ. ؟ – 1069 / م. ؟ – 1659) — شافىئىي فەقىھ ۋە مۇھەددىس. شەمسۇددىن رەملىينىڭ شاگىرتى. كۆپ ئەسەرلەرگە ھاشىيە يازغان. مەشھۇر ئەسەرى «ھاشىيەتۇل قەليۇبىي (حاشيتا قليوبي على شرح المحلى على منهاج الطالبين)»دۇر. يەنە «تۇھفەتۇرراغىب (تحفة الراغب)»(ئەھلى بەيت تەرجىمەھاللىرى)، «تەزكىرەتۇل قەليۇبىي (تذكرة القليوبي)»( تېبابەت)، «فەزائىلۇمەككە ۋەلمەدىنە (فضائل مكة والمدينة وبيت المقدس وشئ من تاريخها)» ۋە «تەئبىرۇل مەنامات (تعبير المنامات)» قاتارلىق رىسالىلىرى بار.

286.   ئىمام ھۆججەتۇل ئىسلام ئەبۇ ھامىد مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئەلغەززالىي (الإمَامُ حجَّةُ الإِسْلاَم أَبُو حَامِدٍ مُحَمَّدُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ مُحَمَّدٍ الغَزَّالِيُّ، ھ. 450 – 505 / م. 1058 – 1111) — «ھۆججەتۇل ئىسلام» دەپ نام ئالغان شافىئىي فەقىھ، مۇتەسەۋۋىف. پەيلاسوپلارغا بەرگەن تەنقىدىي باھالىرى بار ئەشئەرىي ئالىم. ئەسەرلىرىدىن «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن (إحياء علوم الدين)»، «ئەلمۇستەسفا (المستصفى)»، «ئەلئىقتىساد فىل ئېئتىقاد (الاقتصادفي الاعتقاد)»، «تەھافۇتۇل فەلاسىفە (تهافت الفلاسفة)»، «ئەلمۇنقىزۇ مىنەززالال (المنقذ من الضلال)»، «ئەلقىستاسۇل مۇستەقىم (القسطاس المستقيم)»، «ئەلۋەسىت (الوسيط)»، «ئەلۋەجىز (الوجيز)»، «ئەلبەسىت (البسيط)»، «ئەلمەنخۇل(المنخول)»، «مىئيارۇل ئىلىم (معيار العلم)» ۋە «كىميائۇسسائادە (كيمياء السعادة)» قاتارلىقلار مەشھۇردۇر.

287.   ئىمام نەجمىددىن ئەبۇ رەجاﺋ مۇختار زاھىدىي ئەلغەزمىنىي (مُخْتَار بن مَحْمُود بن مُحَمَّد الزَّاهدِيّ أَبُو الرَّجَاء الغَزمِينِي، ۋاپاتى ھ. 658 / م. 1260): ھەنەفىي مەزھەبتىكى مەشھۇر كاتتا فۇقەھائلاردىن. خارەزمنىڭ غەزمىن يېزىسىدىن. بۇرھانۇلئەئىممە تۈركىستانىي، سىراجۇددىن يۈسۈف سەككاكىي ۋە «ئەلمۇغرىب»نىڭ مۇئەللىفى مۇتەررىزىي قاتارلىقلاردىن ئىلىم ئالغان. «ئەلقۇنيە»، «تۇھفەتۇلمۇنيە»، «زادۇلئەئىممە»، «كىتابۇلھاۋىي»، «رىسالە ناسىرىييە»(ناسىرىددىن بېركە خاننىڭ نامىغا ئاتاپ يازغان ئەقىدە رىسالەسى)، «مۇختەسەرۇلقۇدۇرىي»غا يازغان شەرھىسى «ئەلمۇجتەبا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. قاراڭ: ئابدۇلھەي لەكنەۋىي: «ئەلفەۋائىدەل بەھىييە»، 212 -، 213 – بەتلەر.

288.

289.   قەيس ئىبنى خالىدنىڭ قىزى فاتىمە ئەلفىھرىييە ئەلقۇرەشىييە (فَاطِمَةُ بِنْتُ قَيْسٍ الْفِهْرِيَّةُ القُرَشِيَّةُ، ھ. ؟ – 50 / م. ؟ – 670 – يىلدىن كېيىن) رەزىيەللاھۇ ئەنھا — دەسلەپتە ھىجرەت قىلغان مەشھۇر ساھابە زاتلاردىن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تەگكەن. ھەزرىتى ئۆمەر شەھىد قىلىنغاندا، «شۇرا ھەيئىتى» ئۇنىڭ ئۆيىدە توپلانغان.

290.   پەيغەمبىرىمىز ئەبۇلقاسىم مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزى ۋە جىگەرپارىسى ھەزرىتى فاتىمە (فَاطِمَةُ بِنْتُ رَسُولِ اللهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، ھ. بۇرۇن 18 – ھ. 11 / م. 604 – 632) رەزىيەللاھۇ ئەنھا — ئانىسى ھەزرىتى خەدىجەدۇر، ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئايالى، ھەزرىتى ھەسەن ۋە ھۈسەيننىڭ ئانىسى ۋە جەننەتى ئاياللارنىڭ گۈلتاجىسى، «فاتىمە زەھراﺋ» دەپ تونۇلغان زات.

291.   فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد خان ئىبنى مۇرادخان (ھ. 835 – 886 / م. 1432 – 1481) — ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ 4 – پادىشاھى. 1453 – يىل 29 – ماي كۈنى كونىستانتىنوپولنى فەتىھ قىلىپ ئوسمانلىلار بايرىقىنى ئىستانبۇلغا قادىغان.

292.   فازىل قازى ئابدۇررەھىم ئىبنى ئەلى ئىبنى ھەسەن ئەللەخمىي ئەلبەيسانىي (عَبْدُ الرَّحِيْمِ بنُ عَلِيِّ بنِ الحَسَنِ اللَّخْمِيُّ البَيْسَانِيُّ، ھ. 526 – 596 / م. 1131 – 1199) — «فازىل قازى» دەپ نام ئالغان. فاساھەت ۋە قەلەم كۈچى بىلەن تونۇلغان ئۆتكۈر يازغۇچى ئالىملاردىن. سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ ۋەزىرى. سالاھىددىن ئەييۇبىي ئۇنىڭ ھەققىدە: «مەن دىيارلارنى ئەسكەر بىلەن ئەمەس، فازىل قازىنىڭ قەلىمى بىلەن فەتىھ قىلدىم» دېگەن. دۆلەت ئىشلىرىدا ۋە تۈرلۈك مەزمۇنلاردا يازغان مەكتۇپ ۋە رىسالىلىرى يۈز تومغا يېتىدۇ. «دىۋان فازىل قازى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى بار.

293.   فەرۋە ئىبنى نەۋفەل ئەلئەشجەئىي (فَرْوَة بن نَوْفَل الْأَشْجَعِيّ، ھ. ؟ – 41 / م. ؟ – 662) — ئاتىسىدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان تابىئىن. شائىر. ھەزرىتى ئەلى زامانىدا تەرەپ تۇتمىغان، لېكىن ھەزرىتى ئەلى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ھەزرىتى مۇئاۋىيەگە قارشى چىققان ئىنقىلابچى.

294.   فەرىد ئەلئەنسارىي (فريد الأنصاري، ھ. 1380 – 1430 / م. 1960 – 2009) — ماراكەشلىك ئەدەبىياتشۇناس، شەرىئەتشۇناس ئاكادېمىك، پروفېسسور. شەرىئەت ۋە ئەدەبىياتقا ئالاقىدار نۇرغۇن ئەسەر، ماقالە، دەرس ۋە خۇتبىلىرى بار.

295.   ئەبۇ مۇھەممەد فەزالە ئىبنى ئۇبەيد ئىبنى نافىز ئەلئەنسارىي (فَضَالَةُ بنُ عُبَيْدِ بنِ نَافِذٍ الأَنْصَارِيُّ، ھ. ؟ – 53 / م. ؟ – 673) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — «رىزۋان بەيئىتى»گە ۋە ئۇھۇد قاتارلىق غازاتلارغا قاتناشقان كاتتا ساھابە. ھەدىس رىۋايەت قىلغان ئالىم زات. مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنى باش ھەربىي قوماندانلىققا ۋە دەمەشىقنىڭ قازىلىقىغا تەيىنلىگەن.

296.   ئەبۇننەزر فۇزەيل ئىبنى ئەمر ئەلفۇقەيمىي (فُضَيْلُ بْنُ عَمْرو الْفُقيْمِيُّ، ھ. ؟ – 110 / م. ؟ – 728) — كۇفەلىك مۇھەددىس. ئىبراھىم نەخەئىي، سەئىيد ئىبنى جۇبەير قاتارلىق تابىئىنلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان ئىشەنچلىك زات.

297.   ئەبۇ ئەلى فۇزەيل ئىبنى ئىياز (الْفُضَيْلُ بن عِيَاضٍ، ھ. 107 – 187 / م. 726 – 803 – يىلى ئەتراپىدا) — تېگى ئەرەبلەردىن بولۇپ، ياشلىقىدا ئۆزى تۇغۇلغان يۇرتى ئەبيۇرد / ئەبىۋەرد (ئۆزبېكىستان سەمەرقەند) بىلەن سەرەخس (تۈركمەنىستان – ئىران چېگرىسىغا جايلاشقان قەدىم يۇرت) ئارىسىدىكى چۆلدە يول توسار قاراقچىلىق قىلغان. فۇزەيل ئىبنى ئىياز زالالەتتە يۈرگەن كۈنلىرىدە بىر قېتىم مەشۇقەسىنىڭ يېنىغا كېتىۋېتىپ، بىر كىشىنىڭ: ﴿مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە (يەنى قۇرئان ئايەتلىرىگە) ئېرىيدىغان ۋاقىت يەتمىدىمۇ؟﴾(ھەدىد: 16) دېگەن ئايەتنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالىدۇ. بۇ ئايەتنى ئاڭلىغان فۇزەيل: «شۇنداق، ئەي پەرۋەردىگارىم! دىللىرىمىزنىڭ ئېرىيدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى!» دەۋېتىدۇ ۋە شۇندىن كېيىن ئىسلامغا ئۆزىنى ئاتاپ خۇراسان رايونىنىڭ بۈيۈك زاھىدلىرىدىن، ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس ئالىملىرىدىن بولۇپ قالىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ مەككەدە ۋاپات بولغان.

298.   فىرىدرىك باربارۇسا (I Friedrich Barbarossa، م. 1122 – 1190) — 1152 – يىلى گېرمانىيە پادىشاھى، 1155 – يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى بولغان.

299.   فىلىپ ئاۋغۇست (II Philippe Auguste، م. 1165 – 1223) — فىرانسىيىنىڭ پادىشاھى(1180 – 1223). «تەڭرىنىڭ لۇتفى» دەپ نامى بار.

300.   فلاۋىيۇس ھېراكلىيۇس ئاۋگۇستۇس (Flavius Heraclius Augustus، م. 575 – 641) — شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىمپېراتورى(610 – 641).

Please follow and like us: