ئىسلام مەدەنىيىتى سەرخىللىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھاللىرى

ئىسلام مەدەنىيىتى سەرخىللىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھاللىرى

101.   ئەبۇ ئۇسەيد مالىك ئىبنى رەبىيئە ئەلئەنسارىي ئەسسائىدىي (أَبُو أُسَيْدٍ مَالِكُ بنُ رَبِيْعَةَ الأَنْصَارِيُّ السَّاعِدِيُّ، ھ. بۇرۇن 38 – ھ. 40 / م. 585 – 661) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان ساھابە. مەككە فەتىھ قىلىنغان كۈنى جەمەتى بەنى سائىدەنىڭ تۇغىنى كۆتۈرگەن قوماندان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان زات.

102.   ئەبۇ ئۇمامە سۇدەي ئىبنى ئەجلان ئەلباھىلىي (أبُو أُمَامَة صُدَيُّ بنُ عَجْلاَنَ الْبَاهِلِيُّ، ھ. بۇرۇن 21 – ھ. 86 / م. 602 – 705) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ھۇدەيبىييەدىكى «رىزۋان بەيئەتى»گە قاتناشقان ساھابە. كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان زات.

103.   ئەبۇ ئۆمەر مۇھەممەد ئىبنى يۈسۈف ئىبنى يەئقۇب ئەلكىندىي (أَبُو عُمَرَ مُحَمَّدُ بْنُ يُوسُفَ بْنِ يَعْقُوبَ الكِنْدِيُّ، ھ. 283 – 355 / م. 896 – 966) — مىسىردا ياشىغان تارىخشۇناس، مۇھەددىس، نەسەبشۇناس. مەشھۇر ئەسەرلىرى «مىسىر قازىلىرى»، «مىسىر ۋالىلىرى».

104.   ئەبۇ ۋائىل شەقىق ئىبنى سەلەمە ئەلئەسەدىي ئەلكۇفىي (أَبُو وَائِلٍ شَقِيْقُ بنُ سَلَمَةَ الأَسَدِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. 1 – 82 / م. 623 – 702) — ئەبۇ ۋائىل شەقىق ئىبنى سەلەمە ئەلئەسەدىي ئەلكۇفىي (أَبُو وَائِلٍ شَقِيْقُ بنُ سَلَمَةَ الأَسَدِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. 1 – 82 / م. 623 – 702) — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا ياشىغان، لېكىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرمىگەن. نۇرغۇن ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان، فەقىھ، مۇھەددىس تابىئىن. ــ ت.

105.   ئەبۇ نۇئەيم ئەھمەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەھمەد ئەلئەسبەھانىي (أَبُو نُعَيْمٍ أَحْمَدُ بْنُ عَبْدِ اللَّهِ بْنِ أَحْمَدَ الأَصْبَهَانِيُّ، ھ. 336 – 430 / م. 948 – 1038) — ئىران ئىسفاھاندا تۇغۇلغان. مۇھەددىس، تارىخشۇناس. رىۋايىتى ئىشەنچلىك زات. مەشھۇر ئەسەرلىرى «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ (ئەۋلىيائلار زىننىتى)» (10 توم)، «ئىسفاھان تارىخى»، «دەلائىلۇننۇبۇۋۋەت» ۋە باشقىلار.

106.   ئەبۇ ئىدرىس ئەلخەۋلانىي ئائىزۇللاھ ئىبنى ئابدۇللاھ (أَبُو إِدْرِيْسَ الخَوْلاَنِيُّ عَائِذُ اللّهِ بنُ عَبْدِ اللّهِ، ھ. 8 – 80 / م. 630 – 700) — تابىئىنلەرنىڭ پېشۋالىرىدىن بىرى. ئاتىسى ساھابە، مۇھەددىس، فەقىھ، دەۋەتچى زات. ئۇمەۋىيلەر خەلىفەسى ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋان دەۋرىدە دەمەشق قازىسى بولغان.

107.   ئەبۇ ئىسھاق ئەمر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەسسەبىئىي ئەلكۇفىي (عَمْرُو بْنُ عَبْدِ اللهِ أَبُو إِسْحَاقَ السَّبِيعِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. 33 – 127 / م. 654 – 745) — كاتتا تابىئىنلەردىن. كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان ئىبادەتگۇي، ئىشەنچلىك راۋىيلەردىن بىرى.

108.   ئەبۇ ئىسھاقنىڭ ئايالى ئالىيە بىنتى ئەيفەﺋ ئىبنى شاراھىل (الْعَالِيَةُ بِنْتُ أَيْفَعَ بْنِ شَرَاحِيلَ) — ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ھەدىس ئاڭلىغان تابىئىن ئايال.

109.   ئەبۇ ئىسھاق ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئەسسەئلەبىي ئەننىشاپۇرىي (أَبُو إِسْحَاقَ أَحْمَدُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ إِبْرَاهِيْمَ الثَّعْلَبِيُّ النَّيْسَابُوْرِيُّ، ھ. ؟ – 427 / م. ؟ – 1035) — مەشھۇر تەفسىرشۇناس، مۇھەددىس، تارىخشۇناس. مەشھۇر ئەسەرى «سەئلەبىي تەفسىرى»دۇر.

110.   ئەبۇ ئىمران ئەلجەۋنىي ئابدۇلمەلىك ئىبنى ھەبىب ئەلبەسرىي ئەلئەزدىي (أَبُو عِمْرَانَ الجَوْنِيُّ عَبْدُ المَلِكِ بنُ حَبِيْبٍ الْبَصْرِيُّ الْأَزْدِيُّ، ھ. ؟ – 123 / م. ؟ – 741) — تابىئىن. ساھابەلەردىن ئىلىم ئالغان. مۇھەددىس، زاھىد ئالىملاردىن.

111.   ئەبۇ يەئلا ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەلمۇسەننا ئەتتەمىمىي ئەلمەۋسىلىي (أَبُو يَعْلَى أَحْمَدُ بنُ عَلِيِّ بنِ الْمُثَنَّى التَّمِيْمِيُّ الْمَوْصِلِيُّ، ھ. 210 – 307 / م. 826 – 919) — ئىشەنچلىك، پەزىلەتلىك، مەشھۇر ئالىم. ئىراق مۇسۇللۇق مۇھەددىس. «مۇسنەدۇ ئەبى يەئلا» ناملىق 13 توملۇق (نەشر قىلىنغان) ھەدىس كىتابىنىڭ مۇئەللىفى. باشقا ئەسەرلىرىمۇ بار.

112.   ئىمام ئەبۇ يۈسۈف يەئقۇب ئىبنى ئىبراھىم ئەلئەنسارىي ئەلكۇفىي (الإمَامُ أَبُو يُوسُف يَعْقُوب بْن إِبْرَاهِيمَ الأَنْصَارِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. 113 – 182 / م. 731 – 798) — مۇھەددىس ۋە مۇجتەھىد فەقىھ. ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتى ۋە ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ ئىككىنچى ئىمامى. ئابباسىي خەلىفەسى ھارۇن رەشىد دەۋرىدە (786 – 809) تۇنجى بولۇپ «قازىلقۇزات (باش قازى)» ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. دۆلەت مالىيەسىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن «ئەلخەراج» (كتاب الخراج) ناملىق كىتابىنى يازغان. يەنە فىقھ ۋە ھەدىس ساھەسىدە باشقا ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.

113.   ئەبۇ مۇھەممەد ئەتاﺋ ئىبنى ئەبى رەباھ ئەسلەم ئەلقۇرەشىي (عَطَاءُ بنُ أَبِي رَبَاحٍ أَسْلَمَ القُرَشِيُّ، ھ. 27 – 114 / م. 648 – 732) — مەشھۇر تابىئىن، فەقىھ، ھەدىسشۇناس. ئۆز زامانىدىكى ھەرەم مۇفتىسى.

114.   ئەبۇسسائىب ئەتاﺋ ئىبنى ئەسسائىب ئەسسەقەفىي ئەلكۇفىي (عَطَاءُ بنُ السَّائِبِ الثَّقَفِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. ؟ – 136 / م. ؟ – 754) — ئازادگەردە تابىئىن، كۇفە مۇھەددىسى.

115.   ئەتىييە مۇھەممەد سالىم (عطية بن محمد سالم، ھ. 1346 – 1420 / م. 1927 – 1999) — سەئۇدى ئەرەبىستاندا يەرلىشىپ قالغان مىسىرلىق ئەدەبىياتشۇناس، شەرىئەتشۇناس، قازى، ئاكادېمىك، پروفېسسور. مۇھەممەد ئەمىن ئەششىنقىيتىينىڭ شاگىرتى. شەرىئەت ۋە ئەدەبىياتقا ئالاقىدار نۇرغۇن ئەسەر، ماقالە ۋە لېكسىيەلىرى بار.

116.   ئەبۇلخەتتاب ئەخفەش ئەكبەر ئابدۇلھەمىد ئىبنى ئابدۇلمەجىد (الأَخْفَشُ الكَبِيْرُ عَبْدُ الحَمِيْدِ بنُ عَبْدِ المَجِيْدِ، ھ. ؟ – 177 / م. ؟ – 793) — گرامماتىكىشۇناس ئالىم. بەھرەيندىكى ھەجەردە تۇغۇلۇپ، بەسرەگە يەرلىشىپ قالغان ئازادگەردە كىشى. ئەبۇ ئۇبەيدە مەئمەر ئىبنى مۇسەننا، ئەسمەئىي، سىيبەۋەيھ قاتارلىقلارنىڭ ئۇستازى.

117.   ئەبۇ مۇھەممەد ئەدداھھاك ئىبنى مۇزاھىم ئەلھىلالىي (الضَّحَّاكُ بنُ مُزَاحِمٍ الهِلاَلِيُّ، ھ. ؟ – 105 / م. ؟ – 723) — تابىئىن، مەشھۇر مۇفەسسىر. رىۋايەت قىلغان ھەدىسلىرى «تۆت سۈنەن» كىتابلىرىدا كەلگەن.

118.   ئەبۇ ۋەھب ئەدىي ئىبنى ھاتىم ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى سەئد ئەتتائىي (عَدِيُّ بنُ حَاتِمِ بنِ عَبْدِ اللهِ بنِ سَعْدٍ الطَّائِيُّ، ھ. ؟ – 67 / م. ؟ – 686) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — مەشھۇر شائىر ۋە سېخىي ھاتىم تايىنىڭ ئوغلى، «تاي» قەبىلىسىنىڭ رەئىسى ئىدى. مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇن مۇتەئەسسىب بىر خرىستىيان ۋە قەبىھ بىر ئىسلام دۈشمىنى ئىدى. ھ. 7 ياكى 9 – يىلى / م. 628 ياكى 630 – يىلى ئەتراپىدا مۇسۇلمان بولغان.

119.   ئەرتەبۇن (Tribune): م. 634 – يىل 7 – ياكى 8 – ئايلاردا ئىسلام قوشۇنلىرى بىلەن شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسى ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئەجنادىن جېڭىگە قاتناشقان رىم قوشۇنلىرى قوماندانى. ھېراكلىيۇسنىڭ ئىنىسى. ئىسلام تارىخىدا ئەرتەبۇن ياكى ۋاردار.

120.   ئەبۇلمەھاسىن ئابدۇلۋاھىد ئىبنى ئىسمائىل ئىبنى ئەھمەد ئەررويانىي (عَبْدُ الوَاحِدِ بنُ إِسْمَاعِيْلَ بنِ أَحْمَدَ الرُّويَانِيُّ، ھ. 415 – 502 / م. 1025 – 1108) — ئىراننىڭ تەبەرىستان ۋىلايىتى رويان ناھىيىسىدىن. ئۆز زامانىدىكى شافىئىي ئۆلىمالار پېشۋاسى. بۇخارادا ئوقۇپ، يۇرت كېزىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان ھەدىسشۇناس فەقىھ. قازى، ۋەزىر نىزامۇلمۇلك (م. 1018 – 1092) ئۇنى قاتتىق ھۆرمەتلەيتتى. جۈمە كۈنى جامەدە رافىزىيلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. شافىئىي فىقھ كىتابلىرىنىڭ ئەڭ چوڭى بولغان «ئەلبەھر فىلمەزھەبىششافىئىي (شافىئىي مەزھىبىنىڭ دېڭىزى)» نىڭ مۇئەللىفىدۇر.

121.   ھەزرىتى ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئۇممۇ ئابدۇللاھ ھەزرىتى ئەسماﺋ (أَسْمَاءُ بِنْتُ أَبِي بَكْرٍ الصِّدِّيقِ، ھ. بۇرۇن 27 – ھ. 73 / م. 595 – 692) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما — ساھابە. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئىگىچەسى ۋە زۇبەير ئىبنى ئەلئەۋۋامنىڭ ئايالى. دەسلەپكى چاغلاردا مۇسۇلمان بولغان ۋە «زاتۇننىتاقەين (قوش بەلۋاغلىق ئايال)» دەپ نام ئالغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان ۋە «يەرمۇك ئۇرۇشى»غا قاتناشقان. ئەدىبە ۋە فەقىھە زات.

122.   ئەبۇ ئەمر ئەسۋەد ئىبنى يەزىد ئىبنى قەيس ئەننەخەئىي (الأَسْوَدُ بنُ يَزِيْدَ بنِ قَيْسٍ أَبُو عَمْرٍو النَّخَعِيُّ، ھ. بۇرۇن؟ – ھ. 75 / م. ؟ – 694) — جاھىلىيەت دەۋرىدە تۇغۇلۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن كۆرۈشەلمىگەن تابىئىن. زامانىدىكى كۇفە ئەللامىسى. فەقىھ، مۇھەددىس ۋە قىرائەتشۇناس. ھەزرىتى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شاگىرتى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى، ئۆمەر قاتارلىق زاتلاردىنمۇ ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

123.   ئەبۇ ئوسمان ئەففان ئىبنى مۇسلىم ئەلبەسرىي ئەلئەنسارىي (عَفَّان بن مُسلم أَبُو عُثْمَان الصفار الْبَصْرِيّ، ھ. 134 – 220 / م. ؟ – 835) — باغداد مۇھەددىسى دەپ تونۇلغان ۋە ئابباسىيلار خەلىفەسى مەئمۇن دەۋرىدە باشلانغان مىھنە ئىشكەنجىلىرىدە تۇنجى بولۇپ سوراققا تارتىلغان ئالىمدۇر.

124.   ئىمام سالاھۇددىن ئەبۇ سەئىد خەلىل ئىبنى كەيكەلەدىي ئەلائىي (الإمَامُ صلاحُ الدّينِ خَلِيلُ بْنُ كَيْكَلَدي العَلائِيُّ، ھ. 694 – 761 / م. 1295 – 1360) — ھەدىسشۇناس ھافىز، مۇفەسسىر، ئەدىب، شافىئىي فەقىھ. «مۇرسەل ھەدىس»لەر ھەققىدە «جامىئۇتتەھسىل» ناملىق ئەسەرى بار.

125.    ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبنى ھۈسەين ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلئاجۇررىي ئەلباغدادىي (أَبُو بَكْرٍ مُحَمَّدُ بنُ الحُسَيْنِ بنِ عَبْدِ اللهِ الآجُرِّيُّ البَغْدَادِيُّ، ھ. 280 – 360 / م. 894 – 971) — ئەقىدە، قىرائەت، ھەدىس ۋە فىقھتا تونۇلغان ئالىم. «سۈننەتتىكى شەرىئەت (الشَّريعَةِ فِي السُّنَّةِ)»، «ئالىملارنىڭ ئەدەب – ئەخلاقلىرى (آدَابِ العُلَمَاءِ)» قاتارلىق ئەسەرلىرى مەشھۇر.

126.   ئەبۇ مۇھەممەد سۇلايمان ئىبنى مىھران ئەلئەئمەش ئەلكاھىلىي (سُلَيْمَان بن مهْرَان الْأَعْمَش الْكَاهِلِي، ھ. 61 – 148 / م. 680 – 765) — كۇفەدە ياشىغان تابىئىن. مۇھەددىسلەرنىڭ، قارىيلارنىڭ شەيخى. ئەنەس ئىبنى مالىك قاتارلىق ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. كۆزى ياشانغۇراپ تۇرغانلىقتىن «ئەئمەش» دەپ تونۇلغان.

127.   ئىمام ئەبۇ ئەمر ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەمر ئىبنى يۇھمەد ئەلئەۋزائىي (عَبْدُ الرَّحْمَنِ بنُ عَمْرِو بنِ يُحْمَدَ الْأَوْزَاعِيُّ، ھ. 88 – 157 / م. 707 – 774) — ھەدىسشۇناس ۋە مۇجتەھىد ئىماملارنىڭ بىرى. ئۆز زامانىدىكى شام دىيارىنىڭ ئىمامى. قازىلىق مەنسىپىنى رەت قىلغان. غازاتلار تارىخى ۋە ئەھكاملىرىدا «ئەسسىيەر»، فىقھتا «ئەسسۈنەن» ۋە 70 مىڭ مەسىلىگە جاۋاب بەرگەن «ئەلمەسائىل» دېگەن ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.

128.   ئەبۇ شىبل ئەلقەمە ئىبنى قەيس (عَلْقَمَةُ بنُ قَيْسِ بنِ عَبْدِ اللهِ أَبُو شِبْلٍ النَّخَعِيُّ، ھ. بۇرۇن 28 – ھ. 62 / م. 591 – 681) — جاھىلىيەت دەۋرىدە تۇغۇلۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن كۆرۈشەلمىگەن تابىئىن. ھەزرىتى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئەڭ چوڭ شاگىرتى. كۇفە ئەللامىسى. ئىلىم يايغان ۋە ئىلىمگە تەرغىب قىلغان رەببانىي ئالىم. ھەزرىتى ئىبنى مەسئۇد، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن كېيىن پەتۋا ۋە ئىماملىق ئەلقەمەگە قالغان. ئۇنىڭدىن ساھابەلەرمۇ پەتۋا سورايتتى.

129.   ئەبۇلھەسەن ئەلى ئىبنى ھەمزە ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلئەسەدىي ئەننەھۋىي ئەلكىسائىي (أَبُو الحَسَنِ عَلِيُّ بنُ حَمْزَةَ بنِ عَبْدِ اللهِ الأَسَدِيُّ الكُوْفِيُّ الكِسَائِيُّ، ھ. 119 – 189 / م. 737 – 805) — كۇفەلىك ئازادگەردە. كۇفە مەدرەسەسىدە ئەرەب تىلى گرامماتىكىسىغا ئاساس سالغۇچى تىلشۇناس، مەشھۇر «يەتتە قىرائەت ئالىمى»نىڭ بىرى. «كىتابۇن فىلقىرائات»، «مەسادىر»، «ئەلھۇرۇف» ۋە «مەئانىل قۇرئان» قاتارلىق قىممەتلىك ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفىدۇر.

130.   ئەلمۇئەييەد بىللاھ ئەبۇلھۈسەين ئەھمەد ئىبنى ھۈسەين ئىبنى ھارۇن ئەلھارۇنىي ئەلھەسەنىي ئەززەيدىي (المؤَيَّدُ بِاللهِ أَحْمَدُ بْنُ الْحُسَيْنِ بْنِ هَارُونَ الأقطع الهَارونِيُّ الزَّيْدِيُّ، ھ. 333 – 411 / م. 945 – 1021) — ئەھلى بەيتكە مەنسۇپ. «زەيدىييە مەزھىبى» ئالىملىرىدىندۇر. «ئەلئەمالىي»، «ئەتتەجرىد» ۋە «سىياسەتۇل مۇرىيدىن» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.

131.   ھەزرىتى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىب (عَلِيُّ بْنُ أَبِي طَالِبِ بنِ عَبْدِ الْمُطَّلِبِ، ھ. بۇرۇن 27 – ھ. 23 – ھ. 40 / م. 599 – 661) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تاغىسى ۋە ھامىيسى ئەبۇ تالىبنىڭ ئوغلى شۇنداقلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزى ھەزرىتى فاتىمە (ئۆ. م. 632) نىڭ كۈيۆسى. راشىد خەلىفەلەرنىڭ تۆتىنچىسى (656 – 661). ئابدۇرراھمان ئىبنى مۇلجەم تەرىپىدىن كۇفە مەسجىدىدە يارىلاندۇرۇلۇپ، بىر كۈندىن كېيىن ۋاپات تاپقان.

132.   ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەلى ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلبارىقىي ئەلئەزدىي (عَلِيُّ بْنُ عَبْدِ اللَّهِ البارقي الْأَزْدِيّ، ھ. ؟ – ؟ / م. ؟ – ؟) — چوڭ تابىئىنلاردىن. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئىبنى ئۆمەر قاتارلىق ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

133.   شەيخ ئەلى ئىبنى مۇستافا ئىبنى مۇھەممەد تانتاۋىي (عَلِيٌّ بْنُ مُصطَفى بْنِ مُحَمَّدٍ الطَّنطَاوِيُّ، ھ. 1327 – 1420 / م. 1909 – 1999) — «فەقىھلەرنىڭ ئەدىبى، ئەدىبلەرنىڭ فەقىھى» دەپ نام ئالغان سۈرىيەلىك فەقىھ، بۈيۈك ئەدىب ۋە قازى. 20 – ئەسىردىكى ئىسلام دەۋىتى ۋە ئەرەب ئەدەبىياتى ساھەسىدە تونۇلغان، «ئىسلام دىنىنى ئومۇمىي تونۇشتۇرۇش (تعريف عام بدين الإسلام)»، «تارىختىن قىسسەلەر (قصص من التاريخ)»، «ئىسلاھات يولىدا (في سبيل الإصلاح)»، «تەنتاۋىي خاتىرىلىرى (ذكريات الشيخ علي الطنطاوي)» (8 توم)، «تارىختىن ھېكايەتلەر (حكايات من التاريخ)» (بالىلار ئەدەبىياتى، 7 قىسىم) ۋە «تارىختىكى مەشھۇر كىشىلەر (أعلام التاريخ)» (7 قىسىم) قاتارلىق كۆپ ئەسەرلەرنى قالدۇرغان. ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن ماقالىلىرى، مىڭلىغان رادىئو – تېلېۋىزىيە نۇتۇقلىرى ۋە مەسجىد خۇتبىلىرى بار.

134.   ئەلى ئىبنى فۇزەيل ئىبنى ئىياز ئەتتەمىمىي (عَلِيُّ بنُ الفُضَيْلِ بنِ عِيَاضٍ التَّمِيْمِيُّ، ھ. ؟ – 186 / م. ؟ – 803) — ئابىد، زاھىد، ئىشەنچلىك مۇھەددىس.

135.   ئەبۇ ھۈسەين زەينۇل ئابىدىن ئەلى ئىبنى ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب ئەلھاشىمىي (زَيْنُ العَابِدِيْنَ عَلِيُّ بنُ الحُسَيْنِ بنِ عَلِيِّ بنِ أَبِي طَالِبٍ الهَاشِمِيُّ، ھ. 38 – 95 / م. 659 – 714) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نەۋرىسى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى. كاتتا فەقىھ، پەزىلەتلىك تەقۋادار ئالىم، نۇرغۇن تابىئىنلەرگە ئىلىم ئۆگەتكەن، ئىبادەتگۇيلىقى ۋە كۆپ سەجدە قىلغانلىقى ئۈچۈن «زەينۇل ئابىدىن» ۋە «سەججاد» دەپ نام ئالغان. «ئەسسەھىفەتۇسسەججادىيە»، «رىسالەتۇلھۇقۇق» ناملىق ئەسەرلەرنى قالدۇرغان زاتتۇر.

136.   ئەبۇ ئەھمەد ئابدۇللاھ ئىبنى سالىھ ئىبنى مۇسلىم ئىبنى سالىھ ئەلئىجلىي (عَبْدُ اللّهِ بنُ صَالِحِ بنِ مُسْلِمِ بنِ صَالِحٍ العِجْلِيُّ، ھ. 141 – 211 / م. 759 – 827) — قىرائەتشۇناس، ھەدىسشۇناس، ئىبادەتگۇي ئالىم.

137.   ھەزرىتى ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەمر ئىبنى ئەلئاس ئىبنى ۋائىل ئەسسەھمىي ئەلقۇرەشىي (عَمْرُو بْنُ الْعَاصِ بْنِ وَائِلِ السَّهْمِي القُرَشِيُّ، ھ. بۇرۇن 50 – ھ. 43 / م. 573 – 674) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ئالاھىدە رەھبەرلىك تالانتىغا ئىگە ساھابە. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى قوشۇنلارغا قوماندان قىلىپ ئەۋەتكەن زات. پەلەستىن ۋە مىسىر زېمىنىنى فەتىھ قىلغان بۈيۈك ئىسلام قوماندانى. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنى «ئەرەبلەرنىڭ ئەرتەبۇنى» دەپ سۈپەتلىگەن.

138.   ئەبۇ نۇجەيھ ئەمر ئىبنى ئەبەسە ئىبنى خالىد ئىبنى ھۇزەيفە ئەسسۇلەمىي (عَمْرُو بنُ عَبَسَةَ بنِ خَالِدِ بنِ حُذَيْفَةَ السُّلَمِيُّ) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — دەسلەپتە مۇسۇلمان بولغان ساھابەلەردىن. ھەربىي قوماندان. «يەرمۇك ئۇرۇشى»دا قوماندان بولغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان ۋە خەلىفە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە (م. 644 – 656) شامدا ۋاپات بولغان زات. — ت.

139.   ئەبۇ مۇھەممەد ئەمر ئىبنى دىنار ئەلجۇمەھىي ئەلمەككىي (عَمْرُو بنُ دِيْنَارٍ أَبُو مُحَمَّدٍ الجُمَحِيُّ الْمَكِّيُّ، ھ. 46 – 126 / م. 666 – 744) — كاتتا تابىئىن. زامانىدىكى مەككە مۇفتىسى ۋە ھەدىشسۇناس.

140.   تەقىييۇددىن ئەبۇ ئەمر ئىبنى سالاھ، ئوسمان ئىبنى ئابدۇرراھمان ئىبنى ئوسمان ئەششەھرەزۇرىي (عُثْمَان بنُ عَبْدِ الرَّحْمَنِ بنِ عُثْمَانَ، أَبُو عَمْرٍو بنِ الصَلَاحِ الشَّهْرَزُورِيُّ، ھ. 557 – 643 / م. 1161 – 1245) — مۇھەددىس ۋە شافىئىي فەقىھ، ئەسەرلىرى: «مۇقەددىمەتۇ ئىبنى سالاھ»، « پەتۋالار»، «تاباقاتۇلفۇقاهاﺋ» ۋە باشقىلار.

141.   ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەمر ئىبنى قەيس ئەلمۇلائىي ئەلكۇفىي (أَبُو عَبْدِ اللَّهِ عَمْرِو بْنِ قَيْسٍ الْمُلائِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. ؟ – 146 / م. ؟ – 763) — ئىبادەتگۇي، كۇفەلىك قىرائەتشۇناس ئالىم ۋە ئىشەنچلىك مۇھەددىس.

142.   ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەمر ئىبنى مۇررە ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى تارىق ئەلمۇرادىي (عَمْرُو بنُ مُرَّةَ بنِ عَبْدِ اللهِ الْمُرَادِيُّ، ھ. ؟ – 116 ياكى 118 / م. ؟ – 734 ياكى 736) — كۇفەلىك تابىئىن. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ئەۋفا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان زات.

143.   ئەمر ئىبنى ھۇرەيس ئەلمىسرىي (عَمْرُو بنُ حُرَيْثٍ المِصْرِيُّ) — تابىئىن (ساھابە دېگەنلەرمۇ بار)، ھەدىسشۇناسلار نەزەرىدە ئىشەنچلىك راۋىي.

144.   ئەمر ئىبنى ئۇتبە ئىبنى فەرقەد ئەسسۇلەمىي (عَمْرُو بْنُ عُتْبَةَ بْنِ فَرْقَدٍ السُّلَمِيُّ) — ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان، ئىبادەتگۇي، تەقۋادار، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە (ھ. 23 – 35 / م. 644 – 656 يىللار ئارىسى) ئىراندا شەھىد بولغان كاتتا تابىئىن.

145.   ئەبۇ ھەمزە ئەنەس ئىبنى مالىك ئىبنى نەزر ئىبنى زامزام ئەلئەنسارىي (أَنَسُ بنُ مَالِكِ بنِ النَّضْرِ بنِ ضَمْضَمٍ الأَنْصَارِيُّ، ھ. بۇرۇن 10 – ھ. 93 / م. 612 – 711) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ياشلىقىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ 10 يىل خىزمىتىنى قىلغان خىزمەتچىسى، ئەڭ كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان (2286 ھەدىس) ساھابەلەردىن بىرى.

146.   ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھەنبەل ئەششەيبانىي ئەلمەرۋەزىي (الإمَامُ أَحْمَدُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ حَنْبَلٍ الشَّيْبَانِيُّ الْمَرْوَزِيُّ، ھ. 164 – 241 / م. 780 – 855) — باغدادتا ياشاپ ئۆتكەن بۈيۈك مۇھەددىس، فەقىھ. مەشھۇر «تۆت مەزھەب»نىڭ بىرى بولغان «ھەنبەلىي مەزھىبى»نىڭ ئىمامى. «ئەلمۇسنەد (المسند)» (چوڭ ھەجىملىك ھەدىسلەر توپلىمى)، «ئەززۇھد (الزهد)»، «ئەززۇھد («ئەنناسىخۇ ۋەلمەنسۇخۇ (الناسخ والمنسوخ)»، «ئەلمەسائىل (المسائل)» ۋە «ئەلئىلەل (العلل والرجال)» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.

147.   ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەھمەد ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى كەسىر ئىبنى زەيد دەۋرەقىي (أَحْمَدُ بنُ إِبْرَاهِيْمَ بنِ كَثِيْرٍ الدَّوْرَقِيُّ العَبْدِيُّ، ھ. 168 – 246 / م. 784 – 860) — مۇھەددىس، ئابىد. ئىمام مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزىي قاتارلىق ئىماملار ئۇنىڭدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. بەزى ئەسەرلەرنى يازغان.

148.   شەيخ ئەھمەد شاكىر

149.   ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەھمەد شەۋقىي (أَحْمَدُ شَوقِي بنُ عَلِيٍّ بْنِ أَحْمَدَ شَوقِي، ھ. 1285 – 1351 / م. 1868 – 1932) — مىسىرلىق ئەدىب ۋە شائىر. يېقىنقى ئەسىرلەردىكى ئەرەب شېئىرىيىتىنى ياشارتقۇچى، ئەرەب شېئىرىي دراماچىلىقىنىڭ باشلامچىسى ۋە ئەرەب شائىرلىرىنىڭ ئەڭ كاتتىسى ھېسابلىنىدۇ. 1927 – يىلى ئەرەب شائىرلىرى ئۇنىڭغا «شائىرلارنىڭ ئەمىرى» دەپ بەيئەت قىلغان. شېئىرلىرىدا ۋەتەن ۋە ئىسلامنى كۈيلىگەچكە «ئىسلام شائىرى» دەپمۇ نام ئالغان. «شەۋقىييات» (شېئىرلار توپلىمى 6 توم)، «ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئىسلام بۈيۈكلىرى (دول العرب وعظماء الإسلام)» (1726 بېيىتلىك داستان) يەنە «كلىيوپاترانىڭ ئۆلۈمى»، «لەيلا – مەجنۇن»، «ئورمان قانۇنى» قاتارلىق شېئىرىي درامالارنى، «ئاخىرقى پىرئەۋن» ۋە «ھىندىستان قىزى» قاتارلىق رومانلارنى ۋە باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.

150.   ئەبۇلھەسەن ئەھمەد ئىبنى ئەبۇلھەۋارىي ئابدۇللاھ ئىبنى مەيمۇن ئەسسەئلەبىي (أَحْمَدُ بنُ أَبِي الحَوَارِيِّ عَبْدِ اللهِ بنِ مَيْمُوْنٍ الثَّعْلَبِيُّ، ھ. 164 – 230 / م. 781 – 845) — تەسەۋۋۇف پېشۋالىرىدىن. مۇھەددىس، زاھىد، ئابىد زات. «رەيھانەتۇششام» (شام تۇتىياسى) دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدىن ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە قاتارلىق ئىماملار ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

151.   ئەھمەد ئىبنى سەئلەبە ئەلئامىلىي (أَحْمَدُ بْنُ ثَعْلَبَةَ العَامِلِي، ھ. ؟ – ؟ / م. ؟ – ؟) — تابىئىنلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان ئىبادەتگۇي، سالىھ كىشى.

152.   شىھابۇددىن ئەھمەد ئىبنى غۇنەيم (ياكى غانىم) ئىبنى سالىم ئىبنى مۇھاننا ئەننەفراۋىي (شِهابُ الدِّيْنِ أَحْمدُ بْنُ غُنَيْمٍ (أو غَانِمٍ) بن سَالِمٍ ابنُ مُهَنَّا النَّفْرَاوِيُّ الْأَزْهَرِيُّ الْمَالِكِيُّ، ھ. 1044 – 1126 / م. 1634 – 1714) — مىسىرلىق مالىكىي فەقىھ. مەشھۇر ئەسەرى «ئەلفەۋاكىھۇددەۋانىي (الفواكه الدواني على رسالة ابن أبي زيد القيرواني)»دۇر.

153.   ئەبۇ بەھر ئەھنەف زەھھاك ئىبنى قەيس ئەتتەمىمىي (الأَحْنَفُ الضَّحَّاكُ بنُ قَيْسِ بنِ مُعَاوِيَةَ بنِ حُصَيْنٍ التَّمِيْمِيُّ، ھ. بۇرۇن 3 – ھ. 72 / م. 619 – 691) — «تەمىم» قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى. لەقىمى ئەھنەف بولۇپ، ئەرەبلەردە ئاچچىقنى يېڭىشتە مەسەلگە ئايلانغان زات. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا ياشىغان بولسىمۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرمىگەن، ساھابەلەرنى كۆرگەن كاتتا تابىئىن. ئىراق ۋە خۇراسان فەتھىگە قاتناشقان قوماندان زات. خۇراسانغا ۋالىي بولغان.

154.   ئەبۇ ئىياس ئەۋس ئىبنى ھۇزەيفە ئەسسەقەفىي (أَوْسُ بْنُ حُذَيْفَةَ الثَّقَفِيُّ، ھ. ؟ – 59 / م. ؟ – 678) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — سەقىف قەبىلىسىنىڭ ئۆمىكى قاتارىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا مەدىنەگە كەلگەن ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان ساھابە زات.

155.   ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئەۋف ئىبنى مالىك ئىبنى ئەبى ئەۋف ئەلئەشجەئىي (أَبُو عَبْدِ الرَّحْمَنِ عَوفُ بنُ مَالِك بن أَبي عَوْف الأَشْجَعِيّ، ھ.؟ – 73 / م.؟ – 693) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ھىجرىيە ئالتىنچى يىللاردا مۇسۇلمان بولۇپ، نۇرغۇن غازاتلارغا قاتناشقان مۇجاھىد، ساھابەلەر ئىچىدىكى مۇھەددىس ساھابە.

156.   ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەۋن ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇتبە ئىبنى مەسئۇد ئەلھۇزەلىي (عَوْنُ بنُ عَبْدِ اللهِ بنِ عُتْبَةَ بنِ مَسْعُوْدٍ الهُذَلِيُّ، ھ. ؟ – 119 / م. ؟ – 737) — ئىبادەتگۇي تابىئىنلەرنىڭ بىرى، مەدىنە فەقىھى ئۇبەيدۇللاھنىڭ قېرىندىشى. ئىبنى ئابباس، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر، ئائىشە، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

157.   ئەبۇبەكرى ئەييۇب ئىبنى كەيسان ئەسسىختىيانىي ئەلئەنزىي (أَيُّوْبُ بنُ كَيْسَانَ السِّخْتِيَانِيُّ العَنَزِيُّ، ھ. 66 – 131 / م. 685 – 748) — ئازادگەردە تابىئىن. كاتتا مۇھەددىس. نام – ئاتاقتىن قاچىدىغان، ئىبادەتگۇي، زاھىد، سۈننەتنى چىڭ تۇتىدىغان زات. سۇفيان سەۋرىي، سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە، ئىمام مالىك ۋە نۇرغۇن ئالىملار ئۇ زاتتىن ئىلىم ئالغان.

158.   بايبارس I، تولۇق ئىسمى ئەلمەلىكۇززاھىر رۇكنۇددىن ئەبۇلفەتھ بايبارس ئىبنى ئابدۇللاھ ئەسسالىھىي ئەننەجمىي ئەتتۈركىي ئەلبۇندۇقدارىي (الملك الظاهر ركن الدين بيبرس البندقداري) — تېگى قىپچاقلاردىن بولۇپ، مىلادىيە 1233 – يىلى ئەتراپىدا قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدا تۇغۇلغان، تەخمىنەن 14 يېشىدا موڭغۇللار تەرىپىدىن ئەسر ئېلىنىپ، شامدا قۇل بازىرىدا ئەييۇبىي ئەمىرلىرىدىن ئايتېكىن ئەلبۇنداقدارىي تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىستىدادى سېزىلىپ، ئەييۇبىي سۇلتانى ئەسسالىھ ئەييۇبىي تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ، ئەسكەرىي بارىگاھقا ئەۋەتىلگەن، نۇرغۇن جەڭلەرگە قاتنىشىپ خىزمەت كۆرسەتكەن ۋە تېزلا ئەمىرلىككە يۈكسەلگەن. مىلادىيە 1260 – يىلى 3 – سېنتەبىردىكى «ئەين جالۇت ئۇرۇشى»دىن غەلىبە بىلەن قايتىۋاتقان مىسىر بەھرىيە مەملۇك ھاكىمىيىتىنىڭ سۇلتانى سەيفىددىن قۇتۇزنى ئۆلتۈرۈپ، مىسىر تەختىگە ئولتۇرغان ۋە بايبارس نامى بىلەن مىسىر ۋە سۇرىيە تۇپراقلىرىدا ھۆكۈم سۈرگەن شىجائەتلىك سۇلتان. ئىلخانىي موڭغۇللىرى ۋە ئەھلى سەلىب بىلەن كۆپ قېتىم ئۇرۇش قىلغان ۋە مىلادىيە 1277 – يىلى 1 – ئىيۇن كۈنى شامدا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان.

159.   ئەبۇ ئۇمارە بەراﺋ ئىبنى ئازىب ئەلئەنسارىي ئەلھارىسىي (البَرَاءُ بنُ عَازِبِ بنِ الحَارِثِ الأَنْصَارِيُّ الحَارِثِيُّ، ھ. بۇرۇن 22 – ھ. 71 / م. 600 – 690) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما — نۇرغۇن غازاتلارغا قاتناشقان ساھابە. ئاتىسىمۇ ئەنسارىي ساھابە. كۇفەدە يەرلىشىپ كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان زات.

160.   ئەبۇ مۇھەممەد ھۈسەين ئىبنى مەسئۇد ئىبنى مۇھەممەد ئەلفەرراﺋ ئەلبەغەۋىي (أَبُو مُحَمَّدٍ الحُسَيْن بن مَسْعُوْدِ بنِ مُحَمَّدٍ البَغَوِيُّ، ھ. 433 ياكى 436 – 516 / م. 1041 ياكى 1044 – 1122) — خۇراساننىڭ «بەغ» دېگەن يېرىدىن. رۇكنۇددىن، مۇهيىسسۈننە ناملىرىغا لايىق بولغان كاتتا مۇھەددىس، شافىئىي فەقىھ. «مەسابىيھۇسسۈننە (مصابيح السنة)»، «شەرھۇسسۈننە (شرح السنة)»، «ئەتتەھزىب في فىقھىل ئىمام ئەششافىئىي (التهذيب في فقه الإمام الشافعي)»، «تەفسىرۇ بەغەۋىي» نامى بىلەن مەشھۇر «مەئالىمۇتتەنزىل (معالم التنزيل)» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

161.   ئەبۇبەكرى ئەھمەد ئىبنى ئەمر ئىبنى ئابدۇلخالىق ئەلبەسرىي ئەلبەززار (أَبُو بَكْرٍ أَحْمَدُ بنُ عَمْرٍو بنِ عَبْدِ الخَالِقِ البَصْرِيُّ البَزَّارُ، ھ. 210 – 292 / م. 826 – 905) — كاتتا مۇھەددىس ئىمام. «مۇسنەدۇ بەززار» دەپ تونۇلغان چوڭ ھەجىملىك ھەدىس توپلىمى «ئەلبەھرۇززەخخار»نىڭ مۇئەللىفى.

162.   ئەبۇننۇئمان بەشىر ئىبنى سەئد ئىبنى سەئلەبە ئەلئەنسارىي (بَشِيرُ بْنُ سَعْدِ بْنِ ثَعْلَبَةَ الْأَنْصَارِيُّ، ھ. ؟ – 12 / م. ؟ – 633) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ئىككىنچى «ئەقەبە بەيئەتى»گە، «بەدر غازىتى» ۋە ئۇندىن كېيىنكى بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان ساھابە. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى قوشۇنلارغا قوماندان قىلىپ ئەۋەتكەن. «ئىراق فەتھى»دە شەھىد بولغان زات.

163.   ئەبۇ بەكرە بەككار ئىبنى قۇتەيبە ئىبنى ئەسەد ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى بەشىر ئەسسەقەفىي ئەلبەكراۋىي (بَكَّارُ بنُ قُتَيْبَةَ بنِ أَسَدِ بنِ عُبَيْدِ اللهِ بنِ بَشِيْرٍ الثَّقَفِيُّ البَكْرَاوِي، ھ. 182 – 270 / م. 798 – 884) — ئەللامەئى زامان دەپ تونۇلغان فىقھشۇناس ۋە مۇھەددىس. سالىھ ۋە زاھىد زات. ئىمام تاھاۋىينىڭ ئۇستازى. ئابباسىي خەلىفە مۇتەۋەككىل تەرىپىدىن مىسىرغا قازى قىلىنىپ 24 يىل بولغاندا، ئەھمەد ئىبنى تولۇننىڭ تەلىپىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى قاماپ قويغان ۋە زىنداندا ۋاپات بولغان. «ئەلۋەسائىقۇ ۋەلئۇھۇد»، «شافىئىيغا رەددىيە»، «ئەلمەھازىر ۋەسسىجىللات» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

164.   ئەبۇبەكرى بەككار ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى سىرىن ئەلبەسرىي ئەسسىيرىينىي (بَكَّارُ بْنُ مُحَمَّدِ بْنِ عَبْدِ اللَّهِ بْنِ مُحَمَّدِ بْنِ سِيرِينَ البَصْرِيُّ السِّيْرِيْنِيُّ، ھ. 130 – 224 / م. 748 – 839) — سۇفيان سەۋرى، ئىبنى ئەۋن، ئەبباد ئىبنى راشىد قاتارلىقلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

165.   ئەبۇ ئابدۇلمەلىك بەھز ئىبنى ھەكىم ئىبنى مۇئاۋىيە ئىبنى ھەيدە ئەلقۇشەيرىي ئەلبەسرىي (بَهْزُ بنُ حَكِيْمِ بنِ مُعَاوِيَةَ بن حَيْدَةَ القُشَيْرِيُّ البَصْرِيُّ، ھ. ؟ – 150 / م. ؟ – 767 – يىلدىن بۇرۇن) — ھەدىس راۋىيلىرىدىن بىرى. ئاتىسى ھەكىم تابىئىن. بوۋىسى مۇئاۋىيە ھەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ساھابەلەردىندۇر.

166.   ئىمام ئەبۇبەكرى ئەھمەد ئىبنى ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇسا ئەلخۇسرەۋجىردىي ئەلخۇراسانىي ئەلبەيھەقىي (أَبُو بَكْرٍ أَحْمَدُ بنُ الحُسَيْنِ بنِ عَلِيِّ بنِ مُوْسَى الخُسْرَوْجِرديُّ الخُرَاسَانِيُّ البَيْهَقِيُّ، ھ. 384 – 458 / م. 994 – 1066) — كاتتا مۇھەددىس، شافىئىي فەقىھ. ئەسەرلىرى: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا (السنن الكبرى)»، «شۇئەبۇل ئىمان (شعب الايمان)»، «مەئرىفەتۇسسۈنەن (معرفة السنن والآثار)»، «ئەلمەبسۇت (المبسوط في نصوص الشافعي)»، «ئەلبەئسۇ ۋەننۇشۇر (البعث والنشور)»، «مەناقىبۇششافىئىي (مناقب الشافعي المطلبي)»، «ئەلخىلافىييات (الخلافيات)» ۋە باشقىلار.

167.   ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئىسمائىل ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى ئەلمۇغىرە ئىبنى بەردەزبە ئەلجۇئفىي ئەلبۇخارىي (الإمَامُ أَبُو عَبْد اللَّهِ مُحَمَّدُ بْنُ إِسْمَاعِيلَ بْنِ إِبْرَاهِيمَ بْنِ الْمُغِيرَةِ بْنِ بَرْدِزْبَهْ الجُعْفِي البُخَارِيُّ، ھ. 194 – 256 / م. 810 – 870) — ئەڭ مەشھۇر ھەدىس ئالىمى. ھەدىس ئىلمىدە «ھەدىس ئىللەتلىرىنىڭ دوختۇرى»، «ئەمىرۇلمۇئمىنىن» دەپ نام ئالغان مۇھەددىسلەر سەردارى. «سەھىھۇلبۇخارىي» نامى بىلەن مەشھۇر، ئەڭ ئىشەنچلىك سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى «ئەلجامىئۇسسەھىھ ((صَحِيحُ الْبُخَارِيِّ/ الْجَامِعُ الْمُسْنَدُ الصَّحِيْحُ الْمُخْتَصَرُ مِنْ أُمُوْرِ رَسُوْلِ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ وَسُنَنِهِ وَأَيَّامِهِ)»نىڭ مۇئەللىفى. ئۇندىن باشقا «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد (جُزْءٌ فِي الأَدَبِ – الْأَدَبُ الْمُفْرَدُ)»، «ئەتتارىخۇل كەبىر (التاريخ الكبير)»، «ئەتتارىخۇسسەغىر (التاريخ الصغير)»، «ئەتتارىخۇل ئەۋسەت (التاريخ الأوسط)»، «خەلقۇ ئەفئالىل ئىباد (خلق أفعال العباد)» ۋە «ئەززۇئەفاﺋ (الضعفاء)» قاتارلىق قىممەتلىك كىتابلارنى قالدۇرغان. سەمەرقەندتە روزا ھېيت كېچىسى ھىجرىيە ھېسابىدا 62 يېشىدا ۋاپات تاپقان.

168.   ئەبۇ ئابدۇللاھ بۇرەيدە ئىبنى ئەلھۇسايب ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلئـەسلەمىي (بُرَيْدَةُ بْنُ الْحُصَيْبِ بْنِ عَبْدِ اللَّهِ الأَسْلَمِيُّ، ھ. بۇرۇن ؟ – 62 / م. ؟ – 682) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھىجرەت قىلىۋاتقاندا مۇسۇلمان بولغان ساھابە. ھۇدەيبىييەدىكى «رىزۋان بەيئەتى»گە ۋە كېيىنكى غازاتلارغا قاتناشقان، خۇراسانغا جىھادقا ئاتلىنىپ بۈگۈنكى تۈركمەنىستاندا ۋاپات تاپقان زات. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن 150 ئەتراپىدا ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

169.   ئىمام شىھابۇددىن ئەبۇلئابباس ئەھمەد ئىبنى ئەبۇبەكرى ئىبنى ئىسمائىل ئەلبۇسايرىي ئەلكەنانىي ئەششافىئىي (الإمَامُ شِهَابُ الدِّيْنِ أَحْمَدُ بنُ أَبِي بَكْرِ بنِ إِسْمَاعِيلَ البُوصَيرِيُّ، ھ. 762 – 840 / م. 1360 – 1436) — ھەدىس ئىلىملىرىدە يېتىشكەن مىسىرلىق ئالىم، «مىسباھۇززۇجاجە» ۋە «ئىتھافۇل مەھەرە» قاتارلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.

170.   شەرەفۇددىن مۇھەممەد ئىبنى سەئىد ئىبنى ھەمماد ئەسسىنھاجىي ئەلبۇسايرىي (شرف الدِّيْنِ محمد بن سعيد بن حماد الصنهاجي البوصيري، ھ. 608 – 695 / م. 1213 – 1295) — مىسىرلىق مۇھەددىس، مۇتەسەۋۋىف شائىر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى مەدھىيەلىگەن ئەڭ داڭلىق شائىر، ھەدىس ئىلىملىرىدە يېتىشكەن مىسىرلىق ئالىم. «مەجمەئۇززەۋائىد» «مەۋارىدۇززەمئان» قاتارلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.

171.   بۇسر ئىبنى سەئىد ئەلھەزرەمىي ئەلمەدەنىي (بُسْرُ بنُ سَعِيْدٍ مولَى ابْن الْحَضْرَمِيّ الْمَدَنِيُّ، ھ. ؟ – 100 / م. ؟ – 719) — ئازادگەردە. تابىئىن. ئىشەنچلىك ھەدىس راۋىيسى ۋە ئىبادەتگۇي زات.

172.   ئەبۇ مۇھەممەد بىشر ئىبنى مەنسۇر ئەلئەزدىي ئەسسەلىمىي ئەلبەسرىي (بِشْرُ بنُ مَنْصُوْرٍ أَبُو مُحَمَّدٍ الأَزْدِيُّ السَّلِيْمِيُّ البَصْرِيُّ، ھ. ؟ – 180 / م. ؟ – 796) — رەببانىي ئىمام. ئىبادەتگۇي، زاھىد، مۇھەددىس زات. ئەلى ئىبنى ئەلمەدەنىي قاتارلىقلار ئاللاھتىن قورقۇش ۋە كۆڭۈل بايلىقىدا ئۇنىڭدەك بىر زاتنى كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتقان.

173.   ئەبۇ ئابدۇللاھ بىلال ئىبنى رەباھ ئەلھەبەشىي (بِلالُ بْنُ رَبَاحٍ الحَبَشِيُّ، ھ. ؟ – 20 / م. ؟ – 641) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — دەسلەپتە مۇسۇلمان بولغان قارا تەنلىك قۇل ساھابەلەردىن. ئىسلامغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن، خوجايىنلىرى ئۇنى قاتتىق قىينىغان. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنى سېتىۋېلىپ ئازاد قىلىۋەتكەن. «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇئەززىنى»، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن جىمى غازاتلارغا قاتناشقان زات.

174.   تارسۇسلۇق پاۋلۇس ياكى پاۋىل (Paulos، م. 5 – 67) — چېركاۋ سىستېمىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرىدۇر. «يېڭى ئەھد»تە «پاۋلۇسنىڭ مەكتۇبلىرى» سۈپىتىدە 14 مەكتۇپ بار بولۇپ، پۈتۈن خرىستىيان ئالەمىگە خىتاب قىلسىمۇ، مەكتۇبلار ئومۇمىي خەلققە ئەمەس، ئوخشىمىغان توپلۇقلارغا، مەۋجۇد ھادىسىلەر ھەققىدە يېزىلغان.

175.   ئىمام ئەبۇ جەئفەر ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى سالامە ئەلئەزدىي ئەتتاھاۋىي ئەلمىسرىي (الإمَامُ أَبُو جَعْفَر أَحْمَدُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ سَلاَمَةَ الطَّحَاوِيُّ المِصْرِيُّ، ھ. 239 – 321 / م. 853 – 933) — مەشھۇر مۇھەددىس ۋە فەقىھ، ئۆز زامانىدىكى ھەنەفىي مەزھەب پېشۋالىرىدىن بىرى. مەشھۇر «ئەقىدە تاھاۋىييە (بيان عقيدة أهل السنة والجماعة / ھەنەفىي مەزھەب ئىماملىرىنىڭ ئېتىقادى بويىچە ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ئەقىدىسىنىڭ بايانى)» نىڭ ۋە «شەرھۇ مەئانىل ئاسار (شرح معاني الآثار)»(5 توم)، «شەرھۇ مۇشكىلىل ئاسار (شرح مشكل الآثار)» (15 توم)، «ئىختىلافۇل ئۆلەماﺋ (ختلاف العلماء)»، «ئەلمۇختەسەر (المختصر)»، «ئەھكامۇل قۇرئان (أحكام القرآن)» قاتارلىق ھەدىس ۋە فىقھ كىتابلىرىنىڭ مۇئەللىفى.

176.   ئەبۇ ئابدۇرراھمان تاۋۇس (ياكى زەكۋان) ئىبنى كەيسان ئەلفارسىي ئەلخەۋلانىي ئەلھەمەدانىي ئەليەمانىي (أَبُو عَبْدِ الرَّحْمَنِ طَاوُوْسُ بنُ كَيْسَانَ الفَارِسِيُّ الْخَولَانِيُّ الْهَمدَانِي الْيَمَانِىُّ، ھ. 33 – 106 / م. 653 – 725) — زاھىدلىقى ۋە ئىلمى بىلەن تونۇلغان كاتتا تابىئىن. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ شاگىرتى.

177.   ئىمام شىھابۇددىن ئەبۇلقاسىم سۇلايمان ئىبنى ئەھمەد ئەتتەبەرانىي (الإمَامُ شِهَابُ الدِّيْنِ أَبُو القَاسِمِ سُلَيْمَانُ بنُ أَحْمَدَ الطَّبَرَانِيُّ، ھ. 260 – 360 / م. 821 – 918) — ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس. «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر (المعجم الكبير)»، «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت (المعجم الأوسط)»، «ئەلمۇئجەمۇسسەغىر (المعجم الصغير)»، «ئەلئەۋائىل (الأوائل)» ۋە «مۇسنەدۇششامىييىن (مسند الشاميين)» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.

178.   ئىمام ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەد ئىبنى جەرىر ئىبنى يەزىد ئەتتەبەرىي (الإمَامُ مُحَمَّدُ بنُ جَرِيْرِ بنِ يَزِيْدَ الطَّبَرِيُّ، ھ. 224 – 310 / م. 839 – 923) — فەقىھ، مۇھەددىس، تارىخشۇناس، مۇجتەھىد ۋە كاتتا مۇفەسسىر. داڭلىق ئەسەرلىرى: 30 تومدا «جامىئۇل بايان (تەفسىرۇ تەبەرىي)»، 11 تومدا «ئەخبارۇررۇسۇل ۋەلمۇلۇك (تارىخۇ تەبەرىي)»، «ئىختىلافۇل فۇقاھاﺋ (اختلاف الفقهاء)»، «تەھزىبۇل ئاسار (تهذيب الآثار)» ۋە باشقىلار.

179.   ئەبۇ تالھە، تالھە ئىبنى مۇسەررىف ئەليامىي ئەلكۇفىي (طَلْحَةُ بنُ مُصَرِّفِ بنِ عَمْرٍو اليَامِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. ؟ – 112 / م. ؟ – 730) — تابىئىن، قارىي، مۇھەددىس. ئالىملار ماختىغان پەزىلەتلىك زات.

180.   ئەبۇ مۇھەممەد تالھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئوسمان ئەتتەيمىي (طَلْحَةُ بنُ عُبَيْدِ اللهِ بنِ عُثْمَانَ التَّيْمِيُّ، ھ. بۇرۇن 29 – ھ. 36 / م. 594 – 656) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — «ئەشەرەئى مۇبەششەرە (جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە)»نىڭ بىرى. ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىلا مۇسۇلمان بولغان ۋە نۇرغۇن غازاتلارغا قاتناشقان كاتتا زات. ھىجرىيە 36 – يىلى «تۆگە ئۇرۇشى»دا ئوق تېگىپ ئالەمدىن ئۆتكەن.

181.   تالق ئبىنى ھەبىب ئەلئەنەزىي (طَلْقُ بنُ حَبِيْبٍ العَنَزِيُّ، ۋاپاتى ھ. 100 / م. 719 – يىلدىن بۇرۇن) — تابىئىن. بەسرەلىك مۇھەددىس ۋە زاھىد.

182.   ئەبۇ رۇقەييە تەمىم ئىبنى ئەۋس ئىبنى خارىجە ئەددارىي ئەلفىلەستىينىي (تَمِيْمٌ بنُ أَوْسِ بنِ خَارِجَةَ الدَّارِيُّ الفِلَسْطِيْنِيّ، ھ. ؟ – 40 / م. ؟ – 660) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ھىجرىيە 9 – يىلى مۇسۇلمان بولغان ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن غازاتلارغا قاتناشقان ساھابە. خەلىفەلەر دەۋرىدىمۇ غازاتلارغا قاتناشقان، قارىي، ئابىد، مەشھۇر ساھابەلەرنىڭ بىرىدۇر.

183.   ئىمام ئەبۇ ئىيسا مۇھەممەد ئىبنى ئىيسا ئىبنى سەۋرە ئىبنى مۇسا ئەتتىرمىزىي (الإمَامُ أَبُو عِيسَى مُحَمَّدُ بنُ عِيسَى بن سَوْرة بنِ مُوْسَى التِّرْمِذِيّ، ھ. 209 – 279 / م. 824 – 892) — ئاتاقلىق ھەدىس ئىماملىرىدىن. بۈگۈنكى ئۆزبېكىستاننىڭ تىرمىز شەھرىدە تۇغۇلغان. «كۇتۇبۇ سىتتە (ئالتە كىتاب)»نىڭ بىرى بولغان «ئەلجامىئۇل كەبىر (الجامع الكبير)»نى توپلىغان. يەنە «ئەششەمائىلۇلمۇھەممەدىييە (الشمائل المحمدية)» ۋە «ئەلئىلەل (العلل)» قاتارلىق ھەدىس كىتابلىرىنىڭ مۇئەللىفى.

184.   ئەبۇلمۇنزىر جەبەلە ئىبنى ئەيھەم ئىبنى جەبەلە ئەلغەسسانىي (جَبَلَةُ بنُ الأَيْهَمِ الغَسَّانِيُّ أَبُو الْمُنْذِرِ، ۋاپاتى ھ. 53 / م. 673) — جەفنە جەمەتىدىن بولۇپ، شام غەسسانىيلەر ئەمىرلىكىنىڭ ئاخىرقى ئەمىرى ئىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ تاۋاپ ئەسناسىدا بىر پېقىر كىشىنى ئۇرۇپ قويغان، ھەزرىتى ئۆمەر دەۋاچىنى رازى قىلمىغان تەقدىردە، ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىنىشقا ھۆكۈم پىچقاندا، ئاچچىقىدا ئۇرۇش قوزغىغىلى تاس قالغان ۋە ئاخىرى رىمغا كېتىپ خرىستىيان بولۇپ كەتكەن دېگەن رىۋايەتكە ئاساسلانغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، جەبەلەنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك رىۋايەتلەر بولسىمۇ، ئەڭ كۈچلۈك قاراشتا ئۇ مۇسۇلمان بولمىغان. «يەرمۇك ئۇرۇشى»دىن كېيىن مەزكۇر مەغلۇپ غەسسانىي ئەمىرگە يا مۇسۇلمان بولۇپ زاكات تۆلەش، يا ئۆز دىنىدا قېلىپ جىزيە تۆلەش ۋەيا يۇرتىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىش تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ زاكات بېرىشنى، لېكىن ئۆز دىنىدا قېلىۋېرىشنى تاللىغان. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇ ھالدا جىزيە تۆلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ جىزيە تۆلەشنى نومۇس بىلىپ، 30 مىڭ ئادىمى بىلەن ۋىزانتىيەگە ئۆتۈپ كەتكەن. ھەزرىتى ئۆمەر بۇنىڭدىن سەل ئەپسۇسلانغان ۋە ھ. 21 / م. 642 – يىلى ئەتراپىدا ھەزرىتى ئۆمەر ۋىزانتىيەگە قوشۇن ئەۋەتكەندە، قوماندان ئۇمەير ئىبنى سەئد ئەلئەنسارىيغا جەبەلەنىڭ دوستلۇقىنى قازىنىشنى، ئۇنى قايتىشقا ۋە خاھلىسا ئۆز دىنىدا قېلىپ زاكات بېرىشكە ئۈندەشنى تاپىلىغان. ئەمما، جەبەلە بۇ دەۋەتنى قوبۇل قىلماي ۋىزانتىيە زېمىنىدا ئۆلگەن.

185.   جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئىبنى ئەمر ئىبنى ھـەرام ئەسسەلىمىي ئەلئـەنسارىي (جَابِرُ بنُ عَبْدِ اللهِ بنِ عَمْرِو بنِ حَرَامٍ السَّلِمِيُّ الْأَنْصَارِيُّ، ھ. بۇرۇن 16 – ھ. 78 / م. 607 – 697) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — «ئەقەبە بەيئەتى»گە ئاتىسى بىلەن قاتناشقان، كېيىن «رىزۋان بەيئەتى»گە ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن 15 غازاتقا قاتناشقان كاتتا ساھابە. ئەڭ كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان (1٫540 ھەدىس) ئالىم زاتلاردىن.

186.   ئەبۇ ئەييۇب جارىيە ئىبنى قۇدامە ئىبنى زۇھەير ئەسسەئدىي ئەتتەمىمىي (جَارِيَةُ بْنُ قُدَامَةَ السَّعْدِيُّ التَّمِيمِيُّ) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — يەزىد ئىبنى مۇئاۋىيە زامانىدا (ھ. 60 – 64 / م. 680 – 683) ۋاپات تاپقان. ساھابە ئىكەنلىكىدە قاراش ئوخشاش ئەمەس. لېكىن، ھافىز ئىبنى ھەجەر «ئەلئىسابە»دە ساھابە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. خەلىفە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قوماندانى.

187.   ئەبۇ ئابدۇللاھ جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى جابىر ئەلبەجەلىي (جَرِيْرُ بنُ عَبْدِ اللهِ بنِ جَابِرٍ البَجَلِيُّ، ھ. ؟ – 51 / م. ؟ – 671) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — يەمەندىن مەدىنەگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەن ساھابە. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا بەزى ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرغان ۋە ئۇنى ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن. «قادىسىييە ئۇرۇشى» ۋە «ئىراق فەتھى»دە زور تۆھپىلەرنى قوشقان باھادىر قوماندان.

188.   دوكتور جەمىل سالىبا (جميل صليبا، م. 1902 – 1976) — سۈرىيەلىك يازغۇچى ۋە پەيلاسوپ. سوربوندىن «ئىبنى سىنا نەزەرىدىكى مىتافىزىكا ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق تېمىسى بىلەن دوكتورلۇق ئالغان. پەلسەپىگە ئائىت ئەسەرلەرنى يازغان، تەرجىمە قىلغان ۋە نەشىرگە تەييارلىغان. غەززالىينىڭ «المنقذ من الضلال (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقۇزغۇچى)»نىمۇ نەشىرگە تەييارلىغان.

189.   ئەبۇ ئابدۇللاھ جەئفەر سادىق ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب (جَعْفَرُ الصَّادِقُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ عَلِيِّ بنِ أَبِي طَالِبٍ، ھ. 80 – 148 / م. 699 – 765) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم — كاتتا ئالىم. يالغان سۆز قىلىپ باقمىغاچقا، «جەئفەر سادىق» دەپ تونۇلغان زات. شىئەلەرنىڭ ئېتىقادىدا 6 – ئىمام دەپ قارالغان بۇ زات «نەقشىبەندىي تەرىقىتى»دىكىلەرنىڭمۇ ئالاھىدە ھۆرمىتىگە سازاۋەردۇر.

190.   ئەبۇ سۇلايمان جەئفەر ئىبنى سۇلايمان ئەززۇبەئىي ئەلبەسرىي (أَبُو سُلَيْمَانَ جَعْفَرُ بنُ سُلَيْمَانَ الضُّبَعِيُّ البَصْرِيُّ، ھ. ؟ – 178 / م. ؟ – 794) — بەسرەلىك ئازادگەردە. زاھىد، شىئە مەزھىبىگە مايىل مۇھەددىس. كۆپچىلىك ئالىملار «رىۋايىتى ئىشەنچلىك» دەپ قارايدۇ.

191.   ئەبۇ مۇھەممەد جۇبەير ئىبنى مۇتئىم ئىبنى ئەدى ئەلقۇرەشىي (جُبَيْرِ بنُ مُطْعِمِ بنِ عَدِيٍّ القُرَشِيُّ، ۋاپاتى ھ. 59 / م. 679) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ساھابە. قۇرەيشنىڭ نەسەبشۇناس ساھابە. قۇرەيشنىڭ ئېسىل زاتلىرىدىن. مەككە فەتىھ قىلىنغاندا مۇسۇلمان بولغان ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان زات.

192.   ئەبۇلقاسىم جۇنەيد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەلجۇنەيد ئەننەھاۋەندىي ئەلباغدادىي (أَبُو القَاسِمِ الجُنَيْدُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ الجُنَيْدِ النَّهَاوَنْدِيُّ البَغْدَادِيُّ، ھ. 215 – 298 / م. 830 – 910) — زامانىدىكى «قۇرئان» ۋە ھەدىسنى تۇتقان تەسەۋۋۇف پېشۋاسى زات. مۇھەددىس. فىقھىدا ئىمام ئەبۇ سەۋرنىڭ شاگىرتى. ئىلىم، ئىبادەت ۋە زاھىدلىقى بىلەن تونۇلغان، تەسەۋۋۇفنى «قۇرئان» ۋە ھەدىسكە بويسۇندۇرۇشنى، جەمئىيەتكە ئارىلىشىپ پائال بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان ئالىم. قالدۇرغان رىسالىلىرى 30 دىن كۆپ بولۇپ، «جۇنەيد رىسالىلىرى ۋە ھېكمەتلىك سۆزلىرى» دېگەن نامدا نەشر قىلىنغان.

193.   ئەبۇلمەئالىي ئابدۇلمەلىك ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى يۈسۈف ئەلجۇۋەينىي ئەننىشاپۇرىي (إِمَامُ الحَرَمَيْنِ أَبُو الْمَعَالِى عَبْدُ المَلِكِ بنُ عَبْدِ اللهِ بنِ يُوْسُفَ الجُوَيْنِيُّ النَّيْسَابُوْرِيُّ، ھ. 419 – 478 / م. 1028 – 1085) — «ئىككى ھەرەمنىڭ ئىمامى» دەپ تونۇلغان شافىئىي فەقىھ، كالامشۇناس، ئۇسۇلۇل فىقھشۇناس، تالانتلىق بۈيۈك ئالىم. ئىمام غەززالىي، ئىمام قۇشەيرىيلەرنىڭ ئۇستازى. ھىجرىيە 5 – ئەسىرنىڭ مۇجەددىدى دەپ تەرىپلەنگەن زات. «غىياسۇل ئۇمەمى فىلتىياسىل زۇلەم (غياث الأمم في التياث الظلم)»، «ئەششامىلۇ فى ئۇسۇلىددىن (الشامل في أصول الدين)»، «نىھايەتۇل مەتلەب (نهاية المطلب)»، «ئەلبۇرھان فى ئۇسۇلىلفقھ (البرهان في أصول الفقه)» قاتارلىق بىباھا ئەسەرلىرى كۆپ.

194.   ئەبۇ ئىمران خالىد ئىبنى ۋەلىد ئىبنى مۇغىرە ئەلمەخزۇمىي (خَالِدُ بنُ الوَلِيْدِ بنِ الْمُغِيرَةِ الْمَخْزُومِيُّ، ھ. بۇرۇن 30 – ھ. 21 / م. 593 – 642) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ئىسلامنىڭ تالانتلىق مەشھۇر ھەربىي قوماندانى ۋە غازىي چەۋەندازى. ئىراق ۋە شامنىڭ فاتىھى. مەككە فەتىھ قىلىنىشتىن ئالتە ئاي بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا «ئاللاھنىڭ قىلىچى (سەيفۇللاھ)» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەرگەن. خەلىفە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خالىدنى مۇرتەدلەرگە قارشى ئۇرۇشقا، ئۇندىن كېيىن رىملىقلارغا ۋە پارسلارغا قارشى ئۇرۇشلارغا قوماندان قىلغان.

195.   ئەبۇ ئابدۇللاھ خەبباب ئىبنى ئەرەت ئىبنى جەندەلە ئىبنى سەئد ئەتتەمىمىي (خَبَّابُ بنُ الأَرَتِّ بنِ جَنْدَلَةَ بنِ سَعْدٍ التَّمِيْمِيُّ، ھ. بۇرۇن 36 – ھ. 37 / م. 585 – 658) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — تۇنجى بولۇپ مۇسۇلمان بولغان ئالتە كىشىدىن بىرى. مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئېغىر سىناقلارغا دۇچار بولغان سەۋرچان، «بەدر غازىتى» ۋە ئۇندىن كېيىنكى بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان مۇجاھىد، رەسۇلۇللاھتىن ۋە ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

196.   ئىمام ھەمد ئىبنى مۇھەممەد ئەلخەتتابىي ئەلبۇستىي (الإمام أَبُو سُلَيْمَان َ حمْدُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ إِبْرَاهِيْمَ الخَطَّابِيُّ البُسْتِيُّ، ھ. 319 – 388 / م. 931 – 998) — ئافغانىستاندا تۇغۇلغان كاتتا فەقىھ، مۇھەددىس ۋە لۇغەتشۇناس. «مەئالىمۇسسۈنەن (معالم السنن)» (سۈنەنۇ ئەبى داۋۇد شەرھى)، «ئەئلامۇسسۈنەن (أعلام السنن في شرح صحيح البخاري)» (سەھىھۇلبۇخارىي شەرھى)، «ئىسلاھۇ خاتائىل مۇھەددىسىن (إصلاح غلط المحدثين)»، «غەرىبۇل ھەدىس (غريب الحديث)» ۋە «شەرھۇ ئەسمائۇللاھىل ھۇسنا (شرح أسماء الله الحسنى)» قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلىرى بار.

197.   ئەبۇبەكرى خەتىب ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى سابىت ئەلباغدادىي (أَبُو بَكْرٍ أَحْمَدُ بنُ عَلِيِّ بنِ ثَابِتٍ الخَطِيْبُ البَغْدَادِيُّ، ھ. 392 – 1002 / م. 463 – 1071) — «خەتىب باغدادىي» دەپ مەشھۇر. زامانىدىكى مەشھۇر مۇھەددىس، تارىخشۇناس. مەشھۇر ئەسەرى «باغداد تارىخى (تاريخ بغداد)» (14 توم) بولۇپ، «ئەلكىفايەتۇ فى ئىلمىررىۋايەتى (الكفاية في علم الرواية)»، «ئەلفەقىھۇ ۋەلمۇتەفەققىھۇ (الفقيه والمتفقه)»، «ئەلجامىئۇ لىئەلاقىرراۋىي ۋەئادابۇسسامىئى (الجامع لأخلاق الراوي وآداب السامع)»، «ئەھلى ھەدىسلەرنىڭ شەرەفى (شرف أصحاب الحديث)» ۋە «ئەلمۇتتەفىقۇ ۋەلمۇتەرىقۇ (المتفق والمفترق)» قاتارلىق كۆپ ئەسەرلىرى بار.

198.   ھەزرىتى خەدىجە بىنتى خۇۋەيلىد ئىبنى ئەسەد ئەلقۇرەشىييە (أُمُّ المُؤْمِنِيْنَ خَدِيجَةُ بِنْتُ خُوَيْلِدِ بنِ أَسَدٍ القُرَشِيَّةُ، ھ. بۇرۇن 68 – ھ. بۇرۇن 3 / م. 555 – 620) رەزىيەللاھۇ ئەنھا — «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۇنجى رەپىقىسى. ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ غەمگۈزارى ۋە يۆلەنچۈكى بولغان دانا، ئېسىل زات. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قاسىم، ئابدۇللاھ، زەينەب، رۇقىيە، ئۇممۇ كۇلسۇم ۋە فاتىمە قاتارلىق پەرزەنتلىرىنىڭ ئانىسى.

199.   ئەبۇ مۇھەممەد خەلەف ئىبنى ھىشام ئىبنى سەئلەب ئەلباغدادىي ئەلبەززار (خَلَفُ بنُ هِشَامِ بنِ ثَعْلَبٍ البَغْدَادِيُّ البَزَّارُ، ھ. 150 – 229 / م. 767 – 844) — مەشھۇر ئون قارىينىڭ بىرى ۋە كۇفەنىڭ قىرائەت پېشۋاسى. ھەدىسشۇناس ۋە زاھىد ئالىم.

200.   خەلىفە ئەبۇ ھەفس ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئىبنى مەرۋان ئىبنى ئەلھەكەم ئەلئۇمەۋىي ئەلقۇرەشىي (عُمَرُ بنُ عَبْدِ العَزِيْزِ بنِ مَرْوَانَ الأُمَوِيُّ القُرَشِيُّ، ھ. 61 – 101 / م. 681 – 720) — تابىئىن. «ئۇمەۋىيلەر»نىڭ 8 – خەلىفەسى (ھ. 99 – 101 / م. 717 – 720). خەلىفە ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ ئوغلى ئاسىمنىڭ قىزى لەيلانىڭ ئوغلىدۇر. ئادالەتنى تىكلەپ، شۇرانى بەرپا قىلغان، ئىلىم – مەرىپەت يېيىشقا، ھەدىسلەرنى توپلاشقا ئەھمىيەت بەرگەن زات. 2 يىل 5 ئايغا يېقىن خەلىفەلىك دەۋرىدە ئىسلامغا قىلغان خىزمىتى ۋە تۇتقان ئادالەتلىك ھاكىمىيەت يولى بىلەن «راشىد خەلىفەلەرنىڭ بەشىنچىسى» دەپمۇ تەرىپلىنىدۇ. زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە رىۋايەتلەر بار.

201.   ئۇممۇ ئەمر خەنساﺋ تۇمازىر (الخنساء تماضر بنت عمرو السلمية، ھ. بۇرۇن 46 – ھ. 24 / م. 575 – 645) — ئەرەب ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر شائىرەلىرىدىن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئۇچرىشىپ مۇسۇلمان بولغان. قېرىندىشى سەخرگە ئوقۇغان مەرسىيەلىرى بىلەن تونۇلغان.

202.   خەيسەمە ئىبنى ئابدۇرراھمان ئىبنى يەزىد ئىبنى مالىك ئەلجۇئفىي ئەلكۇفىي (خَيْثَمَةُ بنُ عَبْدِ الرَّحْمَنِ بْنِ يَزِيْدَ بنِ مَالِكٍ الجُعْفِيُّ الكُوْفِيّ، ھ. ؟ – 81 / م. ؟ – 700) — مەدىنەدە تۇغۇلۇپ، كۇفەدە ۋاپات بولغان تابىئىن. ئاتىسىمۇ، بوۋىسىمۇ ساھابە. ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان، غازاتلارغا قاتناشقان، سېخىيلىقى بىلەن تونۇلغان زات.

203.   ئەبۇ مۇتەررەف ئابدۇرراھمان داخىل ئىبنى مۇئاۋىيە ئىبنى هىشام ئىبنى ئابدۇلمەلىك ئەلئۇمەۋىي ئەلقۇرەشىي (عَبْدُ الرَّحْمَنِ بْنُ مُعَاوِيَةَ بْنِ هِشَامِ بْنِ عَبْدِ الْمَلِكِ الأُمَوِيُّ الْقُرَشِيُّ، ھ. 113 – 172 / م. 731 – 788) — «ئۇمەۋىيلەر بۈركۈتى»، «داخىل» دەپ نام ئالغان ئاتاقلىق ئەندەلۇس ئۇمەۋىي خەلىفەسى I ئابدۇرراھمان. شامدىكى ئۇمەۋىيلەر دۆلىتى (ھ. 132 / م. 749) يىقىلغاندىن كېيىن ئەندەلۇسقا بېرىپ، ئۇ يەردە (ھ. 138 / م. 755) ئۇمەۋىيلەر دۆلىتىنى قۇرغان.

Please follow and like us: