ئەقىدە، ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن پۈتۈن ھاياتىنى ئاتىغان رەببانى كاتتا ئالىمىمىزغا مەرسىيە يېزىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە كاتتىلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالغىنىمىزدا، يۈرەكلىرىمىز يېرىلىپ، قوللىرىمىز تىترەپ، قەلەملىرىمىز گاچىلىشىپ كېتىشكە تاس قالىدۇ.
مەن پەقەت بۇ ئاددىيغىنا سۆزلىرىم ئارقىلىق بۇ بۈيۈك پىر – ئۇستاز، شېھىد ئوغلى شېھىد ھەققىدە كۆڭلۈمنى ئىپادىلەپ، قېرىنداشلىرىم بىلەن تۇيغۇلىرىمنى ئورتاقلىشاي دەپ ئويلىدىم.
شېھىد ئوغلى شېھىد، رەببانى ئالىم، ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتسۆيەر زات، ئابدۇلئەھەد بارات مەخسۇم ھاجىم مەشھۇر مۇجاھىدلار ئائىلىسىنىڭ بىزگە قالدۇرغان تەۋەررۈكى ئىدى. مانا بۇ تەۋەررۈكىمىزنىڭ تۈرمىدە شېھىد قىلىنىپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەتكەنلىك خەۋىرى پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى، شۇنداقلا پۈتۈن ئىسلام ئۈممىتىنى قايغۇغا سالدى.
ئادەتتە «ئالىم» ئاتالغانلار كۆپ بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۆگەنگەنگە ئەمەل قىلىدىغان، مەيدانى ئېنىق، ئىككىلىنىش ياكى چېكىنىش، بويۇن ئېگىش ياكى خورلۇقلارغا رازى بولۇشلار ئەسلا خىيالىغا كىرىپ باقمايدىغان ئەركەك ئالىملار تېپىلماس ئەڭگۈشتەرگە ئايلانماقتا.
مەرھۇم شېھىد ئوغلى شېھىد، ئابدۇلئەھەد بارات مەخسۇم ھاجىم مانا مۇشۇنداق ئەركەك ئالىملارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىمىز ئىچىدە مەن شەخسەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان، ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، ئىش- ئىزلىرى، مەۋقە-مەيدانلىرىدىن ئەڭ تەسىرلەنگەن، داۋاملىق ياد ئېتىپ دۇئالىرىمدا ئەسلەپ، كەلگەن- كەتكەنلەردىن ئەھۋالىنى سوراپ تۇرىدىغان سۆيۈملۈك ئۇستازلىرىمدىن بىرى ئىدى.
ئۇستازىمىز ئۆزىدىكى ساباتلىق، چىدامچانلىق، پىداكارلىق، تۈرلۈك سىناقلاردا تەۋرەنمەسلىك، توغرا يولدىن ئاداققىچە ئاداشماسلىق روھى بىلەن ھازىرقى ئەسرىمىزدە مىللىتىمىزدىن چىققان بارماق بىلەن سانىلىدىغان بۈيۈكلىرىمىزدىن بىرى ھېسابلىناتتى.
پۈتۈن دۇنيا 27 يىل تۈرمىدە ياتقان نېلسون ماندىللاغا ئوخشىغان دەۋا ئىگىلىرىنى، قەھرىمانلارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشىدۇ. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ 30-40 يىل ھاياتىنى تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن ۋە ئۆتكۈزۈۋاتقان، شېھىد قىلىنغان ۋە قىلىنىۋاتقان ئالىملىرى، ۋەتەنپەرۋەرلىرى، زىيالىيلىرى، ئوغلانلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئابدۇلئەزىز چىڭگىز داموللام، ئابدۇلھەمىد داموللام (قاراقاش)، پەتھىددىن مەخسۇم، ئابدۇلئەزىز مەخسۇم، ئابدۇنەبى قارىھاجىم، ئابدۇلخەبىر داموللاھاجىم، ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم، مۇھەممەد سالىھ قارىھاجىم، ئابدۇلھەمىد داموللاھاجىم (قەشقەر)، قەمبەر داموللام، ئابدۇلئەھەد بارات مەخسۇم ھاجىم، كېرەم قارىم… قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر، ئەلۋەتتە.
شېھىدلەر، پىداكارلار كارۋىنى ئەنە شۇنداق يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ مىللەت ئوغلانلىرىنىڭ قۇربان بېرىشلىرى توختاپ قالمايدۇ، ئىسلامىيەت چىرىقى ۋەتىنىمىزدە ئەسلا ئۆچمەيدۇ.
[مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىدە چىڭ تۇرغان شۇنداق ئەزىمەتلەر باركى، ئۇلاردىن ئەھدىگە ۋاپا قىلىپ ئۆلگەنلەرمۇ بار، ئۆلۈمنى كۈتىۋاتقانلارمۇ بار، ئۇلار ئەھدىسىنى قىلچە ئۆزگەرتمىگەن.]
ئۇستازىمىز تۈرمىدىكى چاغلاردا ئۇنى ئەسلىسەملا يۇقىرىقى ئايەت يادىمغا كېلەتتى. ئۇ چاغلاردا بۇ ئالىم ئۆلۈمنى كۈتىۋاتقانلار قاتارىدا بولسا، ئەمدىلىكتە نەچچە مىليون شېھىدلىرىمىز قاتارىدا ئىگىسى ئۇنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ كەتتى.
ئەپسۇس، بىز بۇ ئالىمىمىزنىڭ قاچان، قەيەردە، قانداق شارائىتتا شېھىد قىلىنغانلىقىنى بىلمىدۇق، ئۇنى ئۆز لايىقىدا قەدىرلىيەلمىدۇق. لېكىن ياراتقان ئىگىمىز ئۇنىڭ قەدرىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇنىڭ نەچچە ئون يىللاپ تۈرمىلەردە قانداق ئەزىيەتلەرنى تارتقانلىقىنى، سەرسان بولۇپ نەلەردە قېچىپ يۈرگەنلىكىنى، قانداق قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىنغانلىقىنى، قانداق شېھىد قىلىنغانلىقىنى… ئۇنىڭ پەرۋەردىگارى، پەرۋىشكارى، غەمگۈزارى تولۇق بىلىدۇ.
بۈيۈك ئۇستازىمىز ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىمنىڭ بىر پۈتۈن ھاياتى، ئىش-ئىزلىرى مىللىتىمىزنىڭ ئوغلانلىرىغا، ئۆلىمالىرىغا مەڭگۈلۈك ئۆرنەك، تارىخ سەھىپىلىرىگە ئۆچمەس ئىز بولغۇسى!
جانابى ئاللاھ ئۇستازىمىزنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلغاي! ئۇنىڭغا ۋە شېھىد ئاتىسىغا پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار، شېھىدلەر ۋە سالىھلار قاتارىدىن ئورۇن بەرگەي! ئائىلە تاۋابىئاتى، سەپداشلىرى، تالىپلىرى ۋە پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىگە سەۋر ئاتا قىلغاي! ئامىن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پىداكار، تەۋرەنمەس ئالىملىرىمىزغا ئالى ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن. ئابدۇلئەھەد بارات مەخسۇم ھاجىم، كېرەم قارى كەبى ئۇستازلارغا ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى، بەرىكىتى بولسۇن!
ئاخىرىدا، شېھىد ئۇستازىمىز ئابدۇلئەھەد بارات مەخسۇم ھاجىمنى يېقىندىن تونۇشىمىزغا ئازراق بولسىمۇ ياردىمى بولارمىكىن دېگەن ئۈمىدتە، ئۇستازىمىزنىڭ 2015-يىلى ئۆز قەلىمى بىلەن ئەرەبچە يازغان تەرجىمىھالىنىڭ تەرجىمىسىنى كەلتۈرۈش بىلەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.
شېھىد ئوغلى شېھىد ئابدۇلئەھەد خان بارات (مەخسۇم ھاجىم)نىڭ ئۆز قەلىمى بىلەن يېزىلغان تەرجىمىھالى
خەلقىنىڭ بەخت سائادىتى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلىۋاتقان، … ئاللاھ يولىدىكى بۇرادىرىم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
ۋەتىنىدە (تۇرۇپمۇ) غېرىب بولۇۋاتقان، زالىملارنىڭ قەدىمى ئاستىدا خارلىنىۋاتقان، خەلقى ئىچىدىكى مۇناپىقلار ئارىسىدا ئۆچ كۆرىلىۋاتقان بۇرادەرلىرى ئابدۇلئەھەد باراتتىن.
ئاللاھتىن بىزگە ۋە ھەرقايسىلىرىغا دۇنيادا ئەزىزلىك، ئاخىرەتتە نىجاتلىق، دۈشمەنلەرنىڭ خارلىشىدىن قۇتۇلۇش تىلەيمىز.
ئۆزلىرىمۇ ئاڭلىغان بولۇشلىرى مۇمكىن، مەن 1958-يىلى 27 ياش ۋاقتىمدا «تارىخ كىتابلىرىنى ئوقۇدۇڭ، ئۇنى مەدرىستىكى دەرسلىرىڭگە قاتناشقانلارغا يەتكۈزۈڭ» دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن تۈرمىگە سولاندىم. تۈرمىدىكى 14 يىل جەريانىدا ئىنتايىن ئېغىر ئىشلارغا سېلىندىم، چىدىغۇسىز ئاچلىقلارغا، داۋاملىق قىيناش ۋە خورلاشلارغا ئۇچرىدىم. ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا (قەتئىي) ئىمكانىيىتىم بولمىدى. ھەتتا 14 يىللىق قاماق مۇددىتىم توشقاندىن كېيىنمۇ، مېنى قويۇۋەتمەي، داۋاملىق خورلىدى ۋە ئىنتايىن ئېغىر ئىشلارغا سېلىشنى داۋاملاشتۇردى. بۇنىڭغا چىدىماي تۈرمىدىن قىچىپ، يۇشۇرۇنچە يۇرتۇمغا كەلدىم. بۇرادەرلىرىمنىڭ ئۆيلىرىدە بىرىنىڭ ئۆيىدىن يەنە بىرىنىڭ ئۆيىگە يۆتكىلىپ ئىنتايىن قىينىلىپ سەككىز يىل يۇشۇرۇنۇپ يۈردۈم. كېيىن كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان جايلاردا تۇرۇشۇم قىيىنلىشىپ كەتتى. دۈشمەنلەرنىڭ تۇتۇۋېلىشىدىن خاتىرجەم بولالماي تاغ-دالىلارغا چىقىپ كېتىپ، قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى قىلىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا ئېغىر ئىشلارنى قىلىپ يۈردۈم.
يىگىرمە يىلدىن كېيىن ئاللاھ زالىملارنىڭ چوڭىنىڭ جېنىنى ئالدى. خىتايدىكى كوممۇنىستلارنىڭ تۈزۈمى بىر ئاز ئۆزگىرىپ، ئوچۇق ئاشكارا يۈرەلەيدىغان بولدۇم، ئانام ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم بىلەن دىدارلاشتىم، يېزىدا بىر نەچچە يىل دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللاندىم. ئاللاھ ماڭا كىچىك بالىلار ۋە باشقىلارغا دەرس ئۆگىتىش شارائىتى يارىتىپ بەردى. دەرس ئۆگىتىش ئىشلىرىنى 18 يىل داۋاملاشتۇردۇم. 2004-يىلىغا كەلگەندە، زالىملارنىڭ ساقچىلىرى مېنى دەرس ئۆگىتىۋاتقان چېغىمدا تۇتۇۋىلىپ، سولاپ قويدى، مېنى «قۇرئان ئوقۇدۇڭ، بالىلارغا قۇرئان ئۆگەتتىڭ، جىھاد توغرىسىدا سۆزلىدىڭ، مۇنداق، مۇنداق گەپلەرنى قىلدىڭ، بۇ يۇرتتىكى ھاكىمىيىتىمىزنى ئاغدۇرۇشقا تەشۋىق قىلىش بىلەن شۇغۇللاندىڭ…» دېگەندەك نۇرغۇنلىغان تۆھمەتلەر بىلەن قارىلاپ، بەش يىللىق كەستى، مېنى يۇرتۇمدىن ئەڭ يىراق بولغان بىر تۈرمىگە يۆتكىدى، ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەردىن پۈتۈنلەي چەكلىدى ھەتتا ئاللاھنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن تىلىمنى مىدىرلىتىشقىمۇ، ئىشارەت قىلىشقىمۇ پۇرسەت بەرمىدى. ھەر كۈنى مېنى خورلاپ، دىنىمىزنى ھاقارەتلىدى ۋە ئەيىبلىدى، تارىخىمىزنى بۇرمىلىدى، بىزنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىمىزنى ۋە ئەبەدىل ئەبەد شۇنداق بولىدىغانلىقىمىزنى سۆزلىدى، كېچە-كۈندۈز زالىملارنىڭ قانۇنلىرىنى ئۆگىنىشكە سالدى.
ئاخىرى بەش يىل توشۇپ تۈرمىدىن چىققان بولدۇم، لېكىن تا ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ئىشپىيونلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ياشاۋاتىمەن. ماڭا خەلقىمىز ئارىسىدا دەرس ئۆگىتىش ۋە تەبلىغ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىمغا رۇخسەت قىلىنمىدى.
قانداقلا بولمىسۇن، ئاللاھقا شۈكرى، يۇرتىمىزدا مەيلى شەھەرلەردە بولسۇن، مەيلى يېزا – قىشلاقلاردا بولسۇن، كىچىك بالىلارغا دىن ئۆگىتىش ئىشلىرى ئۈزۈلۈپ قالمىدى. بۇ ئىشلار ئىشپىيونلاردىن ئېھتىيات قىلغان ئاساستا كۆپىنچە كېچىلىرى ئۆيلەردە، بەزى ياش ئۇستازلارنىڭ غەيرىتى بىلەن يۇرت مەھەللىلەردە ئېلىپ بېرىلدى. دىننى يەتكۈزۈش ۋە ئۆگىتىش ئىشلىرى، زالىملار خالىمىسىمۇ، تارقاق ھالەتتە ئۆيلەردە ئېلىپ بېرىلىشتىن توختاپ قالمىدى.
بىز ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، بىز چوقۇم ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز.
ئې ئاللاھ خەلقىمنى ھىدايەت قىلغىن، ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ دوزاخلىرىدىن قۇتقۇزغىن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ئابدۇلئەھەد (مەخسۇم ھاجىم).
سيرة الشهيد بن الشهيد عبد الأحد بارات
بقلم الشهيد نفسه
أخي في الله والساعي في سعادة الأمة….
السلام عليكم ورحمة الله وبركاته.
من أخيك الغريب في وطنه، والذليل تحت أقدام الطاغوت، والبغيض في منافقي قومه، عبد الأحد بن برات. نسأل الله لنا ولم العز في الدنيا والنجاة في الآخرة، والصلاح والفلاح من تذليل الأعداء. أما بعد:
أما أنا- أظن أنك سمعت- أني حبست سنة 1958م. وأنا في سبع وعشرين من عمري، باتهام قراءة كتب تاريخنا وتبليغهن إلى شركاء دروسنا في المدرسة. ومكثت أربع عشرة سنين في السجن بالأعمال الشاقة والمجاعة الفادحة والضرب والإيذاء الدائمة غير قادر لأداء الصلاة وغير ذلك من عبادة ربي.
حتى تم مدة حكم الحبس أربعة عشر سنين. ولم يسرحوني وأبقوا بي في التذليل والأعمال الشاقة حتى فررت من السجن وجئت بلدي خفية واختفيت ثمان سنين في داخل بيوت إخواني في ضيق العيش انتقالا من واحد إلى آخر حتى ضاق بقائي في الحضر فخرجت إلى الجبال والبيداء عاملا بين العاملين في بناء العمارة عملا شاقا وأنا في اضطراب خوفا من الأعداء.
فبعد عشرين سنة قبض الله طاغوتا أكبر فتبدل بعض نظام الشيوعيين في الصين فقدرت أن أمشي جهرا ولاقيت أمي وعشيرتي. ثم شغلت في الريف بالزراعة سنين. ثم يسر لي ربي أن أشتغل بتعليم الصبيان وغيرهم قدر ثمانية عشر سنين. ثم قبضني شُرُط الطاغوت وأنا مشتغل بالدرس 2004 وسجنوني وحاكموني باتهام كثير «قرأتَ وعلمتَ القرآن لأولاد الناس وتكلمتهم بالجهاد وقلت كذا وكذا واشتغلتَ بالدعوة لإسقاط حكمنا من البلد».
فحكم بالحبس خمس سنين ونقلني إلى أبعد السجن من بلدي. ومنعني منعا باتا من الصلاة وغيرها حتى لم أقدر على تحريك لساني بأي ذكر الله ولا بالإشارة. واذاني يوميا بتحقير ديننا وسب إسلامنا وتحريف تاريخنا وجعلنا من الصين من الأزل إلى الأبد. وتشغيلنا ليلا ونهارا بتعلم قوانين الطاغوت.
حتى تم خمس سنين ونجوت ولكن أنا تحت مراقبة عيونهم إلى الآن. لا يسمح لي للتعليم أو التبليغ بين قومنا.
ولكن – حمدا لله- لم ينقطع في بلدنا حضرا أو بدوا تعليم الدين للصبيان في حذر من عيونهم كثيرا في الليالي في داخل البيوت وداخل البلد والقرى بغيرة بعض شبابنا المعلمين، ولم ينقطع تبليغ الدين وتعليمه في البيوت أشتاتا رغم أنف الطاغوت…
فإنا لله وإنا إليه راجعون.
اللهم اهد قومي وأنقذهم من نار الدنيا والآخرة.
السلام عليكم.
عبد الأحد.