كاۋكاز بۈركۈتى _ شەيخ شامىل

(ھىجرىيە 1212 – 1287 / مىلادىيە 1797 – 1871)

تامىر بەدر

 

شەيخ شامىل رۇسىيەنىڭ كاۋكازدا ھۆكۈم سۈرۈشىگە كەسكىن قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ ئەڭ مەشھۇرىدۇر. شۇنداقلا كاۋكازنىڭ دىنىي، سىياسىي قوماندانى بولۇپ، كاۋكاز ئۇرۇشىدىكى رۇسلارغا قارشى يولباشچىدۇر. ئۇ داغىستان ۋە چېچىنىيەنىڭ مىلادىيە 1834 – يىلىدىن مىلادىيە 1859 – يىلىغىچە بولغان ئىماملىرىنىڭ ئۈچىنچىسى ئىدى. ئۇ «كاۋكاز يولۋىسى» ۋە «تاغ بۈركۈتى» دەپ مەدھىيىلەنگەن. ئايال پادىشاھ ۋىكتورىيە شەيخ شامىلغا ئۈچ يۇلتۇز چۈشۈرۈلگەن بايراق ئەۋەتكەن بولۇپ، بايراقتىكى يۇلتۇزلار چەركەس، داغىستان ۋە گرۇزىيە قاتارلىق رايونلارغا ۋەكىللىك قىلاتتى.

ئۆسۈپ – يېتىلىشى

شەيخ شامىل نامى بىلەن تونۇلغان ئەلى دىنگوۋ مىلادىيە 1797 – يىلى (ھىجرىيە 1212 – يىلى) داغىستاننىڭ گىمرى يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئاۋار مىللىتىدىن ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى باھۇ مېسادۇۋمۇ شۇ مىللەتتىن ئىدى. شەيخ شامىل كىچىكىدىن كېسەلچان بولغاچقا، كاۋكاز ئادىتى بويىچە شامىل دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى يامان روھلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن «شامىل» ياكى «ساموئېل» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ كۆناك ئىسىملىك جان – جىگەر بىر دوستى بار ئىدى، ئۇ كىشى شەيخ شامىلدىن بىر نەچچە ياش چوڭ بولۇپ، كېيىنچە، شەيخ غازى مەۋلا نامى بىلەن مەشھۇر بولغان.

شەيخ شامىل بۇغداي ئۆڭ، ئېگىز بويلۇق ئادەم بولۇپ، بوي ئېگىزلىكى بىر مېتىر 90 سانتىمېتىر كېلەتتى. ئۇنىڭ بىر نەسىللىك قارا تۇلپارى بار ئىدى، ئۇ ئاق كۆينىكىنى، قارا تونىنى كىيىپ، قىزىل سەللىسىنى يۆگەپ، باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇراتتى. ئۇ ئەرەب تىلى، پەلسەپە، ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى ۋە ئەرەب ئەدەبىياتى قاتارلىقلارنى ئۇستاز جامالىدىندا پۇختا ئىگىلىگەنىدى ۋە سوپىزمغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەتقىق قىلغانىدى.

شەيخ شامىل داغىستانلىقلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ھايات، ئۇنىڭ سۈرىتى داغىستاننىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. ئۇلار شەيخ شامىلغا ئوخشىتىپ بالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى شامىل نامى بىلەن ئاتىشىدۇ، شۇنداقلا ئۇلار شامىلنى رۇسىيەنىڭ كاۋكاز مۇسۇلمانلىرى زېمىنىغا قىلغان ھەربىي يۈرۈشىگە قارشى جەڭ قىلغۇچى يولباشچى، داھىيسى ۋە چەۋەندازى دەپ تەرىپلىشىدۇ ۋە ھۆرمەتلىشىدۇ.

بەزى كىشىلەر مۇھەممەد شامىلنىڭ ئۇرۇشلىرىنى نامراتلارنىڭ بايلارغا قارشى قىلغان ھۆرلۈك جېڭى دەپ چۈشەندۈرگۈدەك دەرىجىدە يوقسۇل ئائىلىدە تۇغۇلغان ئەمەس. مىليونلىغان رۇس دېھقانلىرى مىلادىيە 18 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى رۇسىيەدە فېئوداللارنىڭ قۇل قىلىشىغا ئۇچراۋاتقان چاغلاردا، شەيخ شاملنىڭ دادىسى دىنگوۋ ھۆر دېھقانلاردىن ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى بولسا ئاۋارلارنىڭ ئاقساقىلىنىڭ قىزى ئىدى.

غازى مەۋلا

ئىمام مەنسۇر ئاشۇرما مىلادىيە 1794 – يىلى (ھىجرىيە 1209 – يىلى) قاماقتا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، چېچىنىيە تراگېدىيىسى پەقەت 20 نەچچە يىللا تىنچلاندى، شۇنىڭدىن كېيىن غازى مەۋلا ئىمام مەنسۇر باشلىغان يولنى تاماملاش ئۈچۈن ئەگەشكۈچىلىرىگە قوماندان، يولباشچى بولدى. ئۇ مىلادىيە 1829 – يىلى (ھىجرىيە 1224 – يىلى) كاۋكاز خەلقىنى رۇسىيەگە قارشى مۇقەددەس ئۇرۇشقا قوزغىغان. گەرچە ئۇنىڭ ئۇرۇشقا قاتناشمىغانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ قوشۇنلىرىنى پاساھەتلىك سۆزلىرى بىلەن جەڭگە ئاتلاندۇرغانلىقى بىلەن مەشھۇردۇر. شۇنداقلا ئۇ چېچىنىيە تاغ ئاھالىلىرىنى بۇتپەرەسلىكتىن ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن، داغىستانلىق دەۋەتچىلەرنى ئەۋەتىپ زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغانىدى.

ئەگەشكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىشى ئاستىدا، رۇسىيە ئۇلارنى سىرتقا چىقىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۆي – تۇرالغۇلىرىغا ئوت قويۇش ئۇسۇلىنى قوللاندى ۋە شەيخ غازى مەۋلانى يوقىتىش ئۈچۈن، كەڭ كۆلەملىك گىمرى ئۇرۇشىنى قوزغاپ، ئازغىنە كىشىلەردىن باشقا مىڭلىغان ئەگەشكۈچىلەرنى يوقاتتى. شۇ قېتىملىق ئۇرۇشتا ھايات قالغانلارنىڭ ئىچىدە ئىككى كىشى يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى، جەڭدە يارىلىنىپ نىمجان بولۇپ قېلىپ، يوشۇرۇنۇپ يۈرۈش جەريانىدا كېسىلى شىپا تاپقان، شەيخ شامىل ئىدى.

قوماندان ھەمزەبەگ

غازى مەۋلا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، يۇرت ئاقساقاللىرى مەسلىھەتلىشىپ، ھەمزەبەگنى غازى مەۋلانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە قوماندان قىلىپ سايلىدى. ھەمزەبەگ قوماندان بولغاندىن كېيىن قوشۇنلارنى رەتكە سېلىش ۋە ئەسكىرىي كۈچلەرنى مەشىقلەندۈرۈش قاتارلىق تەييارلىقلارنى ئېلىپ باردى. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇ ھىيلىگەر ئىشغالىيەتچى رۇسلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى. كېيىنچە، ئۇ داغىستاننىڭ ھونزادىكى قارشىلىق كۆرسىتىش قورغىنىدا چوڭ جامەدە ئىماملىق قىلىۋاتقاندا، دۈشمەنلەر تەرىپىدىن سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلدى.

شەيخ شامىلنىڭ قوماندانلىققا تەيىنلىنىشى

مىلادىيە 1834 – يىلى (ھىجرىيە 1250 – يىلى) ھەمزەبەگنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەگەشكۈچىلەر شەيخ شامىلنى قوماندان قىلدى. شەيخ شامىل ئەگەشكۈچىلىرىنى دۈشمەنلىرىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە مۇنتىزىملاشقان زامانىۋى ئارمىيە قىلىپ تەييارلىدى، شۇنداقلا دۆلىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پوچتا ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈردى. شەيخ شامىل ئارمىيەنىڭ راسخوتىنى مەسجىدكە ۋەخپە قىلىنغان تېرىقچىلىق يەرلەرنىڭ دارامىتىدىن يىغدى، شۇنىڭدەك قوشۇن تەييارلاش ئۈچۈن زاكات توپلاشنى يولغا قويدى.

شەيخ شاملنىڭ دۆلەتنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى:

1. دۆلەت ئۇل – ئەسلىھەلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈشى

شەيخ شامىلنىڭ چېچىنىيە ۋە داغىستان، شۇنداقلا باشقا رايونلاردا تەسىر دائىرىسى كېڭىيىشكە باشلىدى، تەسىر دائىرىسى شەرقتە قەزۋىن دېڭىزىدىن غەربتە قارا دېڭىزغىچە كېڭەيدى.

ئۇ مىللەتلەر ئارا تىل، ئىرق ۋە تەبىقە ئايرىماي باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. رۇسىيەدە شۇ ۋاقىتقا قەدەر قۇلچىلىق تۈزۈمى ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بولۇپ، شەيخ شامىل ئىسلام قانۇنلىرىدىن تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەسىگە چېتىلغان بىر پىروگرامما تۈزۈپ چىقتى، دۆلەت ئەركانلىرىنى پۇختىلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى ۋە مۇستەھكەملىدى، شۇنداقلا دۆلىتىنىڭ ئەركانلىرىنى ئاسراش ئۈمىدىدە بەزى ئىسلام مەزھەپلىرىدىكى بەكرەك ئوتتۇرھال بولغان بىر قىسىم قانۇنلارنى چىڭىتتى.

2. قوشۇننى رەتلەپ تەرتىپكە سېلىشى

ئۇ ئارمىيەنى، يىگىرمە نىزام بويىچە تەرتىپكە سالدى. بىرىنچى قەدەمدە يۈز ۋەكىل شەيخ شامىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى بولدى. ئاندىن يېتەكچى ئوفىتسېرلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى مىڭ ئەتىراپىدا ئىدى. شەيخنىڭ يېنىدا قوغدىغۇچىسى بولاتتى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇنىڭ مۇرتلىرى([1]) تەشكىل قىلاتتى. ئەسكەرلەر ئوندىن، يۈزدىن ۋە بەش يۈزدىن قىلىنىپ قىسىملارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەربىر ئەترەت ئۈچۈن يېتەكچى تۇرغۇزۇلاتتى. ئەسكەرلەر قوڭۇر رەڭلىك ھەربىي فورما، ساقچىلار بولسا قارا رەڭلىك فورما كىيەتتى، بەزىلىرى قارا ئۇزۇن چاپان، يېشىل سەللىسىنى يۆگەپ قارا بايراق كۆتۈرۈۋالاتتى.

3. رازۋېدكا قىلىشى ۋە مىسىر بىلەن ئالاقىلىشىشى

شەيخ شامىل ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەن رۇس ئەسكەرلىرىدىن ۋە رۇسلار بىلەن ھەمكارلىشىشتىن يانغان كىشىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى، ئۇلارنىڭ تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئەسكەرلىرىنى زامانىۋى قوراللار بىلەن قوراللانغان ياۋروپانىڭ ئۇسلۇبىدا تەرەققىي قىلدۇردى. ئۆزىنىڭ پىلانى ئەمەلگە ئاشماي قالغاندا، رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن قىلچە تەۋرىنىپ قالماي كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشتى. بىراق ئۇرۇش قىلىنىدىغان مەيداندا يېتىم قالغانلىقى ئۇنىڭ پىلانىنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا توسالغۇ بولغانىدى. 19 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۈركىيە، ئەنگىلىيە، فرانسىيە قاتارلىقلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە ئالاقە يولىنى ئېچىشقا تىرىشتى.

4. ئۈزلۈكسىز قارشىلىق ھەرىكەتلىرى

شامىلنىڭ قوماندانلىقى بىلەن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ قېچىشتەك زەنجىرسىمان قارشىلىق كۆرسىتىش پارتىزانلىق ئۇرۇشلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتى. ئۇلار تاكتىكىلىق قېچىشنى تاغلاردا ئېلىپ بېرىپ رۇسلارنى قويۇق ئورمانلىقلارغا قوغلاپ كىرىشكە قىزىقتۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇرۇن رۇسلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ كېيىن ئۇنىڭدىن يانغان كونا ئەسكەرلەر پۇرسەت تېپىپ ھەر تەرەپتىن رۇسلارغا ھۇجۇم قىلاتتى. ئىككىلا تەرەپ ئۇرۇش دۇمباقلىرىنى چالاتتى ۋە دۇمباق ئاۋازلىرى بىلەن ئۇرۇشقا ئاتلىناتتى. رۇس قوشۇنلىرى ئۇرۇشقا باشچىلاپ كىرىپ كېتەتتى – دە، شۇنىڭ بىلەن رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئۆلتۈرۈلۈپ تارمار قىلىناتتى ۋە گاڭگىراپ قالغان رۇس ئەسكەرلىرىگە ئارقا – ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىپ پەقەت بەشتىن بىر قىسمىلا ھايات قالاتتى. تارىخچىلار بۇ ئورمانلىقتا داۋاملاشقان تۆت يىللىق ئۇرۇش ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، رۇسلارنىڭ ئون مىڭلىغان ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەن، دەيدۇ.

5. توپ – زەمبىرەكلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى

شامىل رۇسلاردىن غەنىيمەت ئالغان تۆت زەمبىرەكتىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ سېپىللىرىنى توپقا تۇتتى. ئىككى يىلدا مىڭلارچە دۈشمەننى ئۆلتۈرۈپ ئون تۆت زەمبىرەك غەنىيمەت ئالدى. شۇنىڭ بىلەن رۇسلارنىڭ زەمبىرەكلىرى بىلەن قوراللانغان ئارمىيە ھازىرلىدى. ئۇلاردا ئىلگىرى بۇ خىل قوراللار بولۇپ باقمىغان ئىدى. ئەمەلىي ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر رۇس گېنېرالى خاتىرىسىگە: «ۋاي ئىسىت! ئېغىر تالاپەت تارتتۇق، بۇ يەردىكى ئۈچەي – باغلىرى چۇۋۇلۇپ نىمجان ياتقان كىشىلەر ئەسلىدە ياپونىيەدىن ئوكرائىناغىچە سوزۇلغان كەڭرى زېمىنلارنى ئازاد قىلالايتتى» دەپ يازغانىدى.

6. ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشى

شامىل ئەسكەرلەرنىڭ غەنىيمەتلەر ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغانلىقىنى سەزگەندە، غەنىيمەتلەرنى تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى بىر كۆلگە تاشلىۋىتەتتى. كەنت ئاھالىلىرى ھازىرمۇ تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى كۆلچەك سۈيىنىڭ ئاستىدا ئالتۇن تەخسىلەر، تۈگمىلەر، ئالتۇن غىلاپلىق قىلىچلار، زۇمرەت بىلەزۈك، زىبۇ – زىننەتلەر ۋە مارجان – كەھرىۋالاردىن ياسالغان جاملار بار، دەپ قارايدۇ. كاۋكاز ئۇرۇشلىرىنىڭ غەنىيمەتلىرى بىرلىكنى ساقلاش ئۈچۈن كۆلچەكلەردىكى بېلىقلارغا تاشلاپ بېرىلەتتى.

شامىلنىڭ كاللىسىنى ئالغانلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپات

رۇسىيە شەيخ شامىلنى تۇتۇپ بەرگەنلەرگە 45 مىڭ رۇبلى مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنى ئاڭلىغان شەيخ شامىل رۇس گېنېرالىغا خەت يېزىپ: «كاللامنىڭ بۇنچە كۆپ پۇلغا يارايدىغانلىقىنى بىلگىنىمدە ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلدىم، لېكىن، سېنىڭ يەنى، چار پادىشاھنىڭ كاللىسىنىڭ بىر كۇبىك (بىر رۇبلى يۈز كۇبىكقا تەڭ) قىمۇ يارىمايدىغانلىقىنى بىلگىنىڭدە ھەرگىزمۇ ئۆزۈڭنى بەختلىك ھېس قىلالمايسەن» دەيدۇ.

گېنېرال بارياتىنسكىنىڭ ئىستراتېگىيىسى

شەيخ شامىل خەلقئارالىق تەرتىپنىڭ قۇربانى بولدى. مىلادىيە 1856 – يىلى (ھىجرىيە 1272 – يىلى) ئوسمانلى – رۇسىيە ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى. ئۇرۇشتىن كېيىن رۇسىيە كۈچىنى كاۋكازنىڭ ئالدىنقى سەپلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ياش گېنېرال ئالېكساندىر ئىۋانوۋىچ بارياتىنىسكىنى 200 مىڭ كىشىلىك قوشۇنغا باش قىلىپ كاۋكازغا ئەۋەتتى، بۇ ۋاقىتتا شەيخ شامىل ئاللىقاچان 60 ياشلاردىن ئېشىپ قالغانىدى. بارياتىنىسكى شەيخ شامىل بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن، ئۇزۇن مۇددەت ئۇرۇش جۇغراپىيىسىنى تەتقىق قىلىپ ئۆگەندى. ئاخىرىدا شەيخ شامىلنىڭ غەلىبىلىرىنىڭ ئوچۇقچىلىق جايلاردا ئەمەس، بەلكى تاغلىق، ئورمانلىق قاتارلىق رايونلاردا ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى يەكۈنلەپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىلگىرىكىلىرىگە قارىغاندا، ئاقىلانە سىياسەت قوللىنىپ، ئاھالىلەر بىلەن يېقىنلىشىپ ئۇلارغا سىلىق مۇئامىلە قىلدى. ئەسكەرلىرىنى ئاياللارغا، ئۇرۇشقا قاتناشمىغان ئاھالىلەرگە زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈشتىن توستى. شۇنداق قىلىپ، شەيخ شامىل بىلەن بولغان ئۇرۇشتا پۇقرالارنىڭ ئۇنىڭغا مايىل بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

گېنېرال بارياتىنىسكىنىڭ بېسىمى ئاستىدا شەيخ شامىلنىڭ ئەسكەرلىرى ئورمانلىقتا پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولدى، بۇ ۋاقىتتا گېنېرال بارياتىنىسكى بىر دىۋىزىيە ئەسكىرىنى تاغدىكى دەرەخلەرنى كېسىشكە بۇيرۇدى، ئەسكەرلەرنىڭ قولىغا قورال ۋە پالتا تۇتقۇزۇپ، چېچىنىيە ۋە داغىستان ئورمانلىقلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ۋەيران قىلدى. بۇ ئورمانلىقلار دەل رۇسىيەنىڭ قەلئە – قورغانلىرىغا يېقىن يول بويىدا ئىدى. بارياتىنىسكى قەلئە مۇداپىئەسىنى كۈچەيىتكەچكە ۋە قاراۋۇللار ھەردائىم ھوشيار تۇرغاچقا، شەيخ شامىلنىڭ ئەسكەرلىرى ھۇجۇمدا مەغلۇپ بولدى. شۇنداق قىلىپ، بارياتىنىسكى پەيدىنپەي شەيخ شامىلغا قاراشلىق رايونلارغا مەزمۇت قەدەملەر بىلەن يۈرۈش قىلدى ۋە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان ئون نەچچە قەبىلىنى ئۆزىگە مايىل قىلىپ كۆڭلىنى ئالدى. نەتىجىدە، بۇ قەبىلىلەر ئۆزلىرىنىڭ نامراتلىق ۋە مۇساپىرلىقىنى شەيخ شامىلدىن كۆرۈشكە باشلىدى.

ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىشى

ياشىنىپ قالغان شەيخ شامىل ھەربىي ئىشلاردا ئەجەللىك خاتالىقلارنى سادىر قىلىشقا باشلىدى. شەيخ شامىل مۇئەييەن بىر مەنبەدىن رۇس ھۇجۇمى توغرىسىدا ئاخبارات كېلىشىنى كۈتۈپ تۇردى، ۋەھالەنكى، بۇ ۋاقىتتا رۇسلار ئاللىقاچان ئاخباراتنىڭ مەخپىيلىكىنى چىڭىتقانىدى. رۇسلار بىر قىسىم ئەسكەرلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ قويۇپ، شەيخ شامىلنى رۇسلار تېخى يېرىم يولدا ئىكەن دېگەن ئويغا كەلتۈردى – دە، باشقا تەرەپتىن تېز ھۇجۇم قوزغىدى. ھۇجۇمدا تەدبىركار بۇ كىشى ئويلىمىغان يەردىن ھىيلىگەر رۇسلارغا ئالدىنىپ ئەسىرگە چۈشۈپ قالدى. شەيخ شامىل ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ موسكىۋاغا ئېلىپ بېرىلدى. بۇ سەپەر جەريانى قەھرىماننى كۆزدىن كەچۈرىدىغان ھەربىي پاراتقا ئوخشاپ قالغانىدى. سىتارپولدىن موسكىۋاغىچە بولغان بۇ ئۇزۇن مۇساپىدە يول بويىدىكى ئەسكەرلەر بۇ «قورقۇنچلۇق دۈشمەن»دىن گەپ سورىۋېلىشنى ئارزۇ قىلاتتى.

 

مەنبە: http://islamstory.com/ar/

تەرجىمىدە: ئۇدۇنىي
——————————-
([1]) سوپى تەرىقىتىدىكى ئەگەشكۈچىلىرى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ