ھەدىسلەردىكى تۆگە سۈيدۈكلىرىنىڭ دورا سۈپىتىدە ئىشلىتىلىنىشى

ھەدىسلەردىكى تۆگە سۈيدۈكلىرىنىڭ دورا سۈپىتىدە ئىشلىتىلىنىشى

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغانكى: «ﺋﯘﻛﻠﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﺭﻩﻳﻨﻪ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﻣﻪﺩﯨﻨﻪﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﻪﺩﯨﻨﻪﻧﯩﯔ ﮪﺎﯞﺍﺳﯩﻐﺎ ﻛﯚﻧﻪﻟﻤﻪﻱ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ، پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ تۇياق ﺳﯜﺗﻠﯜﻙ ﺗﯚﮔﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯘﻳﺮﯗﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﯚﮔﯩﻠﻪﺭ ﺑﯧﻘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺗﯚﮔﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ، ﺳﯜﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﺩﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺳﺎﻗﺎﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ تۆگىچىسىنى ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﯞﯦﺘﯩﭗ، ﺗﯚﮔﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﭼﺘﻰ، ئەتىسى ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﯞﻩﺗﺘﻰ، ﭼﯜﺷﻜﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﻨﯩﯟﯦﺪﻯ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﺕ – ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﻛﯧﺴﯩﻠﺪﻯ، ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ مىل تارتىلىپ ﺋﻪﻣﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯘ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﻪﻱ سايلىققا ﺗﺎﺷﻼﻧﺪﻯ». ﺋﻪﺑﯘ ﻗﯩﻼﺑﻪ: «ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺩﻯ، ﺋﯩﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﺎﻧﺪﻯ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺭﻩﺳﯘﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ئېلان ﻗﯩﻠﺪﻯ» ﺩﯦﺪﻯ(«سەھىھەين»).

ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ بۇ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﯞﻩﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪستۇر. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺋﯘﻻﺭ (سەككىز ﻛﯩﺸﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ — ت) ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎﺗﯩﻠﻼﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺗﯚﮔﯩﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ، تەن ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﭖ، تىرىك پېتى ئۆلۈمگە تەرك قىلغان ھەمدە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪمنىڭ ﺗﯚگىلىرىگە قوشۇپ بەيتۇل مالغا (ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ) ﺗﻪﯞﻩ ﺗﯚﮔﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯘﻟﯩﻐﺎﻥ، شۇنداقلا ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎن ﺟﺎمائىتىگە ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭻ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﻣﯘﺭﺗﻪﺩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ، ﺋﺎﻟﻼﮪ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺭﻩﺳﯘﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ئاچقان، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎندۇر. ﺑﯘ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﺪﺍ ﻗﯩﺴﺎﺱ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺭﻩﺳﯘﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ئاچقاﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍغا تارتىلىشى ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺧﺎﮪﻠﯩﺴﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ھەر ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ – ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺟﺎﺯﺍ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ، يىغىپ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ بېرىش ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯘﭘﺎﻳﯩﻠﻪﻧﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. قاراڭ: ﻛﻪﺷﻤﯩﻴﺮﯨﻲ: «ﻓﻪﻳﺰﯗﻟﺒﺎﺭﯨﻲ»، 1/487. دېمەك، رەسۇلۇللاھ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ بۇ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺪﻩ ﺟﺎﺯﺍﻟﯩﺸﻰ ﻗﯩﺴﺎﺳﻨﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺟﺎﺯﺍ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺟﺎﺯﺍ 5/«ﻣﺎﺋﯩﺪﻩ»:33 – ﺋﺎﻳﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ 16/«ﻧﻪﮪﻞ»: 126 – ﺋﺎﻳﻪﺗﻜﻪ ﮪﻪﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﻧﺪﯗﺭ، ھەم ﺑﻪﺯﻯ ﮪﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﺩﻩ (ﺋﻪﺑﯘ ﺩﺍﯞﯗﺩ 4359) 5/«ﻣﺎﺋﯩﺪﻩ»: 33 – ﺋﺎﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻨﻰ قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە ﻧﺎﺯﯨﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺑﯘ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻓﻪﺳﺴﯩﺮﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﺪﯗﺭ. قاراڭ: «ﺗﻪﻓﺴﯩﺮﯗ ﻗﯘﺭﺗﯘﺑﯩﻲ»، 6/148. ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﯘ ﻗﯩﺴﺎﺱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻧﻪﺱ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘ: «ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯚﮔﯩﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﻣﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻥ (ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ 1671). ﺑﯘ ﯞﻩﻗﻪﻟﯩﻚ كىشىنىڭ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺟﺎﺯﺍﻻﺵ ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ يۈز بەرگەن ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﺎﺯﺍﻻﺵ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻤﯘ؟ بۇ ھەقتە ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﺎﺭ. ﺑﯩﺮﻯ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﯞﻩﻗﻪﻟﯩﻚ بولسا ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﯞۋﺍﻝ ﺋﯩﺪﻯ. ﻗﻪﺗﺎﺩﻩ: «ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﻪﺩﯨﻘﯩﮕﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﺘﯘﺭﯗﭖ، كىشىنىڭ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﺸﺘﯩﻦ ﭼﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﻪﺗﺘﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ (ﺑﯘﺧﺎﺭﯨﻲ 4192). ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺳﯩﺮﯨﻨﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ: ﺑﯘ ﯞﻩﻗﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺟﺎﺯﺍﻻﺭ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﺪﻯ (ﺑﯘﺧﺎﺭﯨﻲ 686)؛ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ، ﺑﯘ ﻗﯩﺴﺎﺱ ﯞﻩ ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺟﺎﺯﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﯩﺴﺎﺳﺘﺎ ﺟﺎﺯﺍ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮪﯚﻛﯜمدۇر. سۈرە 5/«ﻣﺎﺋﯩﺪﻩ» 33 – ﺋﺎﻳﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ 16/«ﻧﻪﮪﻞ»: 126 – ﺋﺎﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﮪﯚﻛﻤﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻗﯩﺴﺎﺱ ﯞﻩ ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻼﺭﺩﺍ گۇماندارنىڭ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺟﺎﺯﺍﻻشقا ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

ﮪﻪﺩﯨﺴﺘﯩﻜﻰ 2 – ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺗﯚﮔﻪ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﻭﺭﺍ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪۇر. ﮪﻪﺩﯨﺴﺘﻪ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﯚﮔﻪ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻣﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗلغان ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﮪﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﺩﻩ «ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻳﺎﺩﺍﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ» ﺩﯦﻴﯩﻠﺴﻪ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﮪﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﺩﻩ: «ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﺮﻯ ﺳﺎﺭﻏﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ» ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﮪﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﺩﻩ («ﻣﯘﺳﺘﻪﺧﺮﻩﺟﯘ ﺋﻪﺑﻰ ﺋﻪﯞﺍﻧﻪ»، 4936 – 4939) ﺑﻮﻟﺴﺎ: «ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﻳﻮﻏﯩﻨﺎﭖ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ، ﻣﻪﺩﯨﻨﻪنىڭ ﮪﺎﯞﺍﺳﻰ ﻳﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ» ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ. كۈچلۈك ئېھتىمالدا ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﻳﻮﻏﯩﻨﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ، ﺳﯘ ﭼﯜﺷﯜﺵ (ﺳﯘﻟﯘﻕ ﺋﯩﺸﺸﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﭘﺎﺭﻣﺎ) ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ (Edema) ﺑﻮﻟﯘشىمۇ مۇمكىن. ﮪﻪﺩﯨﺴﺘﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯚﮔﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻯ ﯞﻩ ﻳﻪﻡ – خەشىكى ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ. ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﻣﯘﺑﺘﯩﻼ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﯚگىنىڭ ﺳﯜﺗﻰ ﯞﻩ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﯩﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻏﺎﻥ ﯞﻩ دەرۋەقە ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯚﮔﻪ ﺳﯜﺗﻰ ﯞﻩ تۆگە ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﯩﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺳﺎﻗﺎﻳﻐﺎﻥ. ئۆتمۈشتىكى يېتۈك ﺗﯧﯟىپلەﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺳﯩﻨﺎ ﺗﯚﮔﻪ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﯩﻨﯩﯔ ﺳﯘ چۈشۈش (Edema) كە ﺷﯩﭙﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ «ﺋﻪﻟﻘﺎﻧﯘن»دﺍ: «ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻘﻰ ﺗﺎﻕ ﻟﻮككىلىق ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺗﯚﮔﯩﺴﯩﻨﯩﯖﺪﯗﺭ… ﺗﯚگە ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺗﯚﮔﻪ ﺳﯜﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺳﯘ چۈشۈش ﯞﻩ ﺗﺎل ﻗﯧﺘﯩﺸﯩﺸﻘﺎ مەنپەئەت ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﮪﻪﺩﯨﺴﺘﻪ ‹ﺗﯚگە ﺳﯜﻳﺪﯛكى ۋە تۆگە ﺳﯜﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﭽﺴﻪﯕﻼﺭ ﺳﺎﻗﯩﻴﯩﺴﯩﻠﻪﺭ› ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺳﺎﻗﺎﻳﻐﺎﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻥ. قاراڭ: «ﺋﻪﻟﻘﺎﻧﯘﻥ ﻓﯩﺘﺘﯩﺐ»، 2/6 – 7. ﺋﻪﺑﯘﺑﻪﻛﺮﻯ ﺋﻪرراﺯﯨﻴﻤﯘ ﺗﯚگە ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﺒﯩﺮ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﮕﻪﻥ. قاراڭ: «ﺋﻪﻟﮭﺎﯞﯨﻲ ﻓﯩﺘﺘﯩﺐ»، 1/401. ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺋﯩﺒﻨﯘلقەﻳﻴﯩﻤﻤﯘ ﺑﯘﻧﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺗﯧﯟىپلەﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ كىتابلىرﯨﺪﺍ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. قاراڭ: «ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ تېبابىتى»، 65 – ﺑﻪﺕ؛ «زادۇلمەئاد»، 4/42. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯚﮔﻪ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻳﻨﻪﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻛﯚﺗﯜﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻤﯩﺰدىن ﻛﯧﭽﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﻪﻟﺒﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻛﯚﺗﯜﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﻪﺯﻯ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﻪﮪﯟەلەر ﻣﯜﺷﯜﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﻪﺯﻯ ﮪﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻳﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺸﺘﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻛﯚﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯩﻤﯘ ﺯﻭﺭﻟﯩﻨﯩﺶ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻛﯚﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺳﺎﻗﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﺷﺘﯩﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﻳﺎخشىدۇر. ﺗﯚﮔﻪ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻳﻨﻪﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ، ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﮪﻪﺩﯨﺴﻨﻰ ﮔﯚﺷﻰ ﮪﺎﻻﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮪﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﺠﯩﺲ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺩﻩﻟﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ قىسمەن ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻪﻳﻨﻪﺕ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﯘ ﮪﻪﺩﯨﺴﺘﯩﻜﻰ ﯞﻩﻗﻪﻟﯩﻜﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺋﯘ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﻣﻪﻟﯘﻡ بولۇشىچە، ﺳﻪﮪﺮﺍﺩﺍ ﺑﯧﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﯚﮔﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮪﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭ ﻳﯧﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺗﯚﮔﻪ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﺍﯞﺍ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻏﻪﺭﺏ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭ ﺗﯚﮔﻪ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻏﺎ ﺳﯘ ﭼﯜﺷﯜﺵ (Edema)، ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺗﺎﻻﻟﯩﺸﯩﺶ (Liver fibrosis)، ﺑﻪﺯﯨﺒﯩﺮ ﺳﺎﻗﺎﻳﻤﺎﺱ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ، ﺩﺍﻧﯩﺨﻮﺭﻩﻙ، ﻧﻪﭘﻪﺱ ﯞﻩ ﮪﻪﺯﻡ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﻙ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪﻟﯩﺮﻯ، ﺗﯧﺮﻩ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪﻟﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺷﯩﻔﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻐﺎﻥ. قاراڭ: ﺩﻭﻛﺘﻮﺭ ﺳﻪﻣﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﮭﻪﻟﯩﻢ: «الموسوعة العلمية الشاملة (ئومۇمىي ئىلمىي ئېنسىكلوپېدىيە)»، 23 – ﺑﻪﺕ؛ ﻳﯜﺳﯜﻑ ﺋﻪﻟﮭﺎﺝ: «موسوعة الإعجاز العلمي (ئىلمىي ئىئجاز ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 991 – ﺑﻪﺕ. ﺗﯚگە ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺷﯩﻔﺎلىق ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭ:

https://www.ncbi.nlm.nih.gov/pubmed/22922085; http://www.jbc.org/content/64/3/615.full.pdf;

http://archive.arabic.cnn.com/2009/scitech/12/26/Camel.Urine; http://news.bbc.co.uk/2/hi/middle_east/1702393.stm

ﺗﯚﮔﻪ ﺳﯜﺗﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺷﯩﻔﺎ ئىكەنلىكىمۇ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﯓ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻘﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﮪﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﺩﻩ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﻳﯧﯖﻰ ﺑﻮﺗﯩﻼﻗﻠﯩﻐﺎﻥ قايمالنىڭ 3 ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺳﯜﺗﯩﺪﯗﺭ.

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1445، 12 – رەجەب / م. 2024، 24 – يانۋار

Please follow and like us: