زامان ئاخىردا زاماننىڭ يېقىنلىشىپ كېتىدىغانلىقى

زامان ئاخىردا زاماننىڭ يېقىنلىشىپ كېتىدىغانلىقى

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغانكى: نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىلىم كۆتۈرۈلۈپ، يەر تەۋرەش كۆپىيىپ، زامان يېقىنلىشىپ، فىتنەلەر ئاۋۇپ، ھەرج يەنى قىرغىنچىلىق جىقلاپ، مال – مۈلك كۆپىيىپ ئېشىپ – تاشمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ».(«سەھىھەين»).

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زاماننىڭ يېقىنلىشىش ھادىسەسىنىڭ قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنىڭ بىر ئالامىتى ئىكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن. ئىمام بۇخارىي «سەھىھ»ىدە «چۈشكە تەبىر بېرىش بۆلۈمى» (7018) دە رىۋايەت قىلغان بۇنىڭغا يېقىن مەزمۇندىكى يەنە بىر ھەدىستە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قىيامەت يېقىنلىشىپ زامان يېقىنلاشسا، مۇئمىننىڭ چۈشى يالغان چىقماسلىققا تاس قالىدۇ» دېگەن. ھەدىس شارىھلىرى: «زامان يېقىنلىشىپ كېتىدۇ» دېگەن سۆزىنى تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە خىل چۈشەنگەن:

1. ئىلگىرىكىلەر بىرەر سائەتتە قىلىپ تۈگىتىدىغان ئىشلارنى كېيىنكىلەرنىڭ بىرنەچچە سائەتتىمۇ قىلىپ بولالمايدىغان دەرىجىدە ۋاقىتنىڭ بەرىكىتىنىڭ مەنىۋى جەھەتتىن كېمىيىپ كېتىشى؛ بۇ ئىماننىڭ زەئىفلىشىشىگە ئەگىشىپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغان گۇناھ – مەئسىيەتلەر ۋە ھارام يېمەك – ئىچمەك سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن. بۇ قازى ئىياز، ئىمام نەۋەۋىي، ئىبنى ھەجەر ۋە ھافىز ئىراقىيلارنىڭ قارىشى.

2. ئومۇم ۋاقىتقا خاس ۋاقىت بولغان قىيامەت زاماننىڭ يېقىنلاشقانلىقى؛ بۇمۇ قازى ئىياز، ئىمام نەۋەۋىيلەرنىڭ قارىشىدۇر. لېكىن، بۇ ئىزاھات ھەدىسنىڭ ئاخىرىدىكى «قىيامەت قايىم بولمايدۇ» دېگەن ئىبارە بىلەن قىممىتىنى يوقىتىدۇ.

زامان ئاخىردا زاماننىڭ ھەقىقەتەنمۇ تېز ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقى. يەنى كۈننىڭمۇ، كېچىنىڭمۇ قىسقىراپ كېتىشى؛ بۇ قاراشنى «دەججال چىقىپ قىرىق كۈن تۇرغاندىكى بىر كۈن بىر يىلدەك، يەنە بىر كۈن بىر ئايدەك، يەنە بىر كۈن بىر ھەپتىدەك، يەنە بىر كۈن سىلەرنىڭ كۈنىڭلاردەك» دېگەن ھەدىس («مۇسلىم»، 2937) بىلەن «زاماننىڭ يېقىنلىشىپ، ھەتتا بىر يىل بىر ئايدەك، بىر ئاي بىر ھەپتىدەك، بىر ھەپتە بىر كۈندەك، بىر كۈن بىر سائەتتەك، بىر سائەت ئوت تۇتاشتۇرغۇچىلىك ۋاقىتتەك بولۇپ كەتمىگۈچە قىيامەت بولمايدۇ» («تىرمىزىي»، 2332) دېگەن ھەدىسمۇ كۈچلەندۈرىدۇ. ئىلگىرىكى ھەدىستە ساھابەلەر:

ــ يا رەسۇلەللاھ! بىر يىلدەك ئاشۇ بىر كۈندە بىزگە بىر كۈنلۈك ناماز كۇپايە قىلامدۇ؟ ــ دەپ سورىغاندا، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز:

ــ ياق، ئۇنىڭ (ئۇ كۈندىكى بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلىش) ئۈچۈن (ئادەتتىكى كۈنلەردەك) ۋاقىت مۆلچەرلەڭلار، ــ دېگەن. دېمەك، كۈنلەر ھەقىقىي ئۇزىرايدۇ ھەم قىسقىرايدۇ. بۇ خىل ھېسسىي يېقىنلىشىش تېخى يۈز بەرمىدى. بۇ ئىبنى ئەبى جەمرەنىڭ قارىشى. ئۆتكەن ئەسىردىكى ئالبېرت ئېينىشتېيننىڭ زاماننىڭ سوزۇلۇشى ياكى ئاستىلىشى Time dilation (نۇر تىزلىكىگە يېقىن سۈرئەتتە كېتىۋاتقان جىسىملار ئۈچۈن زاماننىڭ ئاستىلىشى) كەبى نەزەرىيەسى بۇنىڭغا يېقىن كېلىدۇ. يەنى زامان ئىنساننىڭ تۇرۇۋاتقان جايى، يىلى، جازىبىيەت مەنبەسىدىن يىراق – يېقىنلىقى ۋە سۈرئىتىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. بۇ ئالبېرت ئېينىشتېيننىڭ ئوتتۇرىغا قويغان نىسبىيلىك نەزەرىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىدىن بىرىدۇر. دېمەك، بۇنى ئىنساننىڭ ئىچكى تۇيغۇسىغا مۇناسىۋەتسىز ھەقىقىي يېقىنلىشىش دېيىشكە بولىدۇ.

3.     ئۇرۇشلارنىڭ ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ كۆپىيىشى تۈپەيلى دۆلەتلەرنىڭ، پادىشاھلارنىڭ تېز مۇنقەرز بولۇپ، دەۋرلەرنىڭ تېز ئۆتۈپ كېتىشى؛ بۇ ئىمام بەيزاۋىينىڭ قارىشى.

4.     بىر ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ ئۆمرىنىڭ يەنە بىر ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ ئۆمرىدىن قىسقىراپ كېتىشى؛ بۇ ئىمام خەتتابىينىڭ قارىشى. يۇقىرىقى ئۈچ قاراشنى بىرلەشتۈرۈپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى، شەخسلەرنىڭ ئۆمرىنىڭ قىسقىلىقى دۆلەتلەرنىڭ ۋە دەۋرلەرنىڭ قىسقىلىقىغا چېتىشلىق بولغىنىدەك، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ھەقىقىي قىسقىرىشىغىمۇ چېتىلىدۇ.

5.    راھەت – پاراغەت، ئويۇن – تاماشا ۋە پاراۋانلىق زامانى بولغىنىدا ۋاقىت تېز ئۆتۈپ كەتكەندەك ھېس قىلىش؛ بۈگۈنكى كىنو، تېلېۋىزور، تور ۋە ئۇچۇر قاتارلىق ئىنساننىڭ دىققىتىنى مەشغۇل قىلىدىغان ئىشلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى بۇنى كۆرسەتسە كېرەك. بۇ ئىمام خەتتابىينىڭ قارىشى بولۇپ، ئالبېرت ئېينىشتېيننىڭ زاماننىڭ نىسبىيلىكىگە دائىر نەزەرىيەلىرى بۇنىڭغا يېقىن كېلىدۇ. دېمەك، بۇنى ئىنساننىڭ ئىچكى تۇيغۇسىغا مۇناسىۋەتلىك دېگەن قاراش دېيىشكە بولىدۇ.

6.    شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ دىيانەتتە سۇسلۇق، نادانلىق، فىسقى – فۇجۇر ۋە ناچارلىقتا ئاساسەن پەرقلەنمەيدىغان دەرىجىدە بىر – بىرىگە يېقىن بولۇشى. بۇ ئىبنى بەتتال، ئىمام تاھاۋىيلەرنىڭ قارىشى؛

7.    يىراقنى يېقىن قىلىدىغان ئۇچۇر – ئالاقە ۋە قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ يېقىن بولۇپ كېتىشى. بۇ شەيخ رەشىد رىزا ۋە شەيخ بىن بازدەك دەۋرىمىزدىكى بەزى ئالىملارنىڭ قارىشى.

بۇ ھەقتە باشقا قاراشلار بار بولسىمۇ، يۇقىرىقىلار كۇپايە. قارايدىغان بولساق، ئاخىرقى قاراش توغرا بولۇش بىلەن بىرگە، زامان ئاخىردا يەرشارىنىڭ ئايلىنىشىنىڭ تېزلىشىشى سەۋەبلىك ۋاقىتنىڭ ھەقىقەتەنمۇ قىسقىراپ كېتىشى باشقا سەھىھ ھەدىسلەرگە ماس كېلىدىغان ئەڭ توغرا قاراش بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، بۇ خىل ھادىسە ئاللاھ تائالا ﴿شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتقان، ئاندىن ئەرشتە قارار ئالغان، كېچىگە كۈندۈزنى تېز قوغلىتىپ يۆگىگەن، قۇياشنى، ئاينى ۋە يۇلتۇزلارنى ئەمرىگە بويسۇندۇرۇلغۇچى قىلىپ ياراتقان ئاللاھتۇر. دىققەت قىلىڭلاركى، يارىتىش ۋە ئەمر قىلىش ئۇ زاتنىڭ ئىشىدۇر. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنىڭ دەرىجىسى كاتتىدۇر﴾(7/«ئەئراف»: 54) دېگەن ئايەتتە بايان قىلغىنىدەك، يارىتىشنىڭ دەسلىپىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، ئاياغلىشىشىدىمۇ يۈز بېرىدۇ. مانا بۇ ئايەت ۋە ھەدىسلەر ئىسپاتلىغاندىن سىرت ئىلمىي ھەقىقەتلەر ۋە يېڭى فىزىكا نەزەرىيەلىرى ھەم ئىنكار قىلالمايدىغان بىر مۇئجىزەدۇر. ۋاقىتنىڭ بۇ خىل قىسقىرىشى يەرشارىنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە قۇياشنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئاخىرىدا يەرشارىنى پاچاقلاپ تاشلايدىغان گېئولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. يۇقىرىقى ھەدىستە كەلگىنىدەك، «دەججال چىقىپ قىرىق كۈن تۇرغاندىكى بىر كۈن بىر يىلدەك، يەنە بىر كۈن بىر ئايدەك، يەنە بىر كۈن بىر ھەپتىدەك، يەنە بىر كۈن سىلەرنىڭ كۈنىڭلاردەك»، مۇشۇ تەرىقىدە قىسقىراپ مېڭىپ ئاخىرى يەنە بىر ھەدىستە كەلگىنىدەك، «بىر كۈن بىر سائەتتەك، بىر سائەت ئوت تۇتاشتۇرغۇچىلىك ۋاقىتتەك» بولۇپ كېتىدۇ. كۈن قىسقىراشنىڭ ئىلمىي ئىزاھاتىغا كەلسەك، قۇياشنىڭ جازىبىيەت كۈچى زورىيىپ يەر شارىنىڭ قۇياشقا يېقىنلىشىشى ۋە قۇياش ئەتراپىدا تېز ئايلىنىشىدىن قىسقىراش كېلىپ چىقىدۇ. بۇ سۈرئەت، مۇساپە ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېكىتىدىغان زاماننىڭ نىسبىيلىكىگە قاراپ بولىدۇ. ئىمام قۇرتۇبىي بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەدىستىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئاللاھ تائالا ئاشۇ كۈنلەردە ئادەتنى بۇزۇۋېتىدۇ – دە، ئاشۇ كۈنلەرنىڭ دەەسلەپكى كۈندە قۇياشنى ئادەتتىكى سەيرىدىن ئاستىلىتىپ ئۇ كۈننى ئادەتتىكى بىر يىلدەك ئۇزارتىۋېتىدۇ. يەنە بىر كۈننى ئادەتتىكى بىر ئايدەك، يەنە بىر كۈننى ئادەتتىكى بىر ھەپتىدەك ئۇزارتىۋېتىدۇ. بۇ تامامەن مۇمكىندۇر. بولۇپمۇ ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلار يۈز بېرىدىغان ئاشۇنداق كۈنلەردە تېخىمۇ مۇمكىن». كۈننىڭ ئۇزىرىشى ۋە قىسقىرىشى ئەنە شۇنداق بولىدۇ. ئالبېرت ئېينىشتېيننىڭ زاماننىڭ سوزۇلۇشىغا ۋە زاماننىڭ نىسبىيلىكىگە دائىر نەزەرىيەلىرى بۇنى رەت قىلمايدۇ. دېمەك، زامان ئاخىردا كېچە بىلەن كۈندۈز ئۇزىراپ، ئاندىن يەرشارىنىڭ ئايلىنىشىنىڭ تېزلىشىشى نەتىجىسىدە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ سائەتلىرى قىسقىرايدۇ. مانا بۇ ۋاقىتنىڭ يېقىنلىشىشىدۇر. يەرشارىنىڭ ئايلىنىشى ئاستىلىسا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ سائەتلىرى ئۇزىرايدۇ. كۈن ۋە سائەتلەرنىڭ ئۇزىراپ – قىسقىرىشى تەپسىلىي جەھەتتىن قانداق بولىدۇ؟ بۇنى ئاللاھ ئۆزى بىلۇر.


قاراڭ: خەتتابىي: «مەئالىمۇسسۈنەن»، 4/341؛ خەتتابىي: «غەرىبۇلھەدىس»، 1/94؛ قۇرتۇبىي: «ئەلمۇفھىم»، 23/116؛ ھافىز ئىراقىي: «تارھۇتتەسرىب»، 4/388؛ ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 13/16 -، 17؛ شەيخ رەشىد رىزا: «تەفسىرۇل مانار»، 9/485؛ شەيخ بىن باز: «فەتھۇلبارىيغا ئىزاھاتلار»، 2/522؛ دوكتور سائىر باسمەجى: «القاموس الفلكي الحديث (ئاسترونومىيە يېڭى قامۇسى)»، 458 – بەت، «دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە»، بېيرۇت، م. 2017.

 

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1445، 10 – رەجەب / م. 2024، 22 – يانۋار

Please follow and like us: