ھەدىسلەردىكى دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپىنىڭ ئاياللاردىن بولىدىغانلىقى ﯞﻩ ئاياللارنىڭ ﺋﻪﻗﻠﯩﻨﯩﯔ قىسقىلىقى

ھەدىسلەردىكى دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپىنىڭ ئاياللاردىن بولىدىغانلىقى ۋە ئاياللارنىڭ ئەقلىنىڭ قىسقىلىقى

ﺋﻪﺑﯘ ﺳﻪﺋﯩﺪ خۇدرىي ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘ رىۋايەت قىلغانكى: «ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﮪﯧﻴﺘﺘﺎ — ﻳﺎﻛﻰ ﺭﻭﺯﻯ ﮪﯧﻴﺘﺘﺎ — ھېيتگاھقا ﭼﯩﻘﺘﻰ، (ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ) ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ:

— ﺋﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺳﻰ! ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﻭﺯﺍﺥ ﺋﻪﮪﻠﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ، — ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ (دىن بىرى):

— نېچۈن، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى؟! — ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﯟﯨﺪﻯ، ئۇ زات:

— ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﻻ ﻗﺎرﻏﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ، ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ياخشىلىقلىرىغا ﺗﺎﻧﯩﺴﯩﻠﻪﺭ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻘﺎﻥ ﺯﯦﺮﻩﻙ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭۇﯞﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ، ﺩﯨﻨﻰ ﻛﻪﻣﺘﯜﻙ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﻢ، — ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ:

— ئى رەسۇلۇللاھ! ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﻠﯩﻘﻰ، ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ كەمتۈكلۈكى ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟ — دېگەنىدى، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ:

— ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯘﯞﺍﮪﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﮔﯘﯞﺍﮪﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﻐﺎ ﺗﻪﯓ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟! — ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ:

— ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ، ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﻐﺎ ﺗﻪﯓ، — ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﻰ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ:

— ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺋﻪﻗﻠﯩﻨﯩﯔ قىسقىلىقىدىندۇر. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﮪﻪﻳﺰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻳﺪﯗ، ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﻤﺎﻳﺪﯗ، شۇنداق ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟! — ﺩﯦﯟﯨﺪﻯ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ:

— ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ، — ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﻰ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ:

— ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ كەمتۈكلىكىدىندۇر، — ﺩﯦﺪﻯ»(«سەھىھەين» ).

 

مەزكۇر ھەدىس شەرىفتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپىنىڭ ئاياللاردىن بولىدىغانلىقىنى خەبەر بەرگەن ۋە بۇنىڭ چارىسىنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘما رىۋايەت قىلغان ھەدىس («مۇسلىم»، 79) تە «ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ئىستىغفار ئېيتىڭلار!» دەپ كۆرسەتكەن. لېكىن، ھەدىستە دوزاخ ئەھلى ئىچىدە ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن قانچىلىك كۆپ ئىكەنلىكى بايان قىلىنمىغان. دەرۋەقە، دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئاياللاردىن بولىدىغانلىقى ھەرگىزمۇ جەننەت ئەھلىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئەرلەردىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 6/325. مۇھەققىق ئالىملار جەننەت ئەھلىنىڭ كۆپچىلىكىنىمۇ ئاياللارنىڭ ئىگىلەيدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولۇپ، جەننەتتە ھەربىر جەننەتىي ئەرنىڭ ھۆر پەرىلىرىدىن باشقا يەنە ئىنسانلاردىن ئىككىدىن ئايالى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىس («مۇسلىم»، 2834) مۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللارنىڭ دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلىشىگە «تولا قارغاش» بىلەن «نېئمەتكە تانغاقلىق»ىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن بولۇپ، دەرۋەقە مەزكۇر ئىككى يامان خىسلەت ئەرلەردىمۇ مەلۇم دەرىجىدە بار بولسىمۇ، ئاياللاردا ئېغىرراقتۇر. چۈنكى، ئاياللار يارىتىلىش ئېتىبارى بىلەن ئاجىز بولغاچقا، كۆپرەك تىلىغا كۈچەيدۇ. كۆپ تىللاش ئورۇنسىز قارغاشقا ئېلىپ بارىدۇ. نەتىجىدە گۇناھى ئۆزىگە قايتىپ قالىدۇ. يەنە كېلىپ تىلغا كۈچەش كۆپىنچە ئەھۋالدا ئەرنىڭ ياخشىلىقىدىن تېنىشقا ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭ ئائىلە بىخەتەرلىكى ۋە ئۆي ئىچى ھۇزۇرىغا چوڭ تەسىرى بولغاچقا، ياخشىلىقتىن تېنىشنىڭ ئۆزى چوڭ گۇناھ ھېسابلانغان. قارغاشنى كىچىك گۇناھ دېسەكمۇ، ئۇنىڭ كۆپ سادىر بولۇشى ئۇنى چوڭ گۇناھقا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ «ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ تەبىئىتى مۇشۇنداق» دېگەنلىك ئەمەس، ئەلبەتتە. چۈنكى، نۇرغۇن ئاياللار باركى، تەقۋادارلىق قىلىشقا تىرىشىدۇ ۋە ئاچچىقى كەلگەندىمۇ تىلىغا ئىگە بولالايدۇ. شۇڭلاشقا ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان ئىككى يامان ئىللەت ھەرگىزمۇ ئاياللارنىڭ ھەممىسىگە پۈتۈلۈپ كەتكەن، ھېچبىر ئايال زاتى قۇتۇلالمايدىغان ئىش ئەمەس. ئۇنداق بولمىسا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ ئورنى قالمايتتى. لېكىن، شۇنداق بىر ھەقىقەت باركى، ئادەتتە ئەرنىڭ كۆپ ياخشىلىقىنى كۆرگەن تۇرۇپمۇ، بىرەر خاتالىقىنى تۇتۇۋالسا، ئەردىن ھېچقانداق ياخشىلىق كۆرمىگەندەكلا ئەرنىمۇ، ئۆزىنىمۇ قارغاپ كېتىدىغان ئاياللار ئۇچراپ تۇرىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مانا مۇشۇ خىلدىكى قىلمىشتىن ئاياللارنى ئاگاھلاندۇرغان، بۇ ئاگاھلاندۇرۇش شەكسىزكى، ئائىلىنى قوغداش ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىمدۇر.

ھەدىستىكى «ئەقىلنىڭ قىسقىلىقى» ھەرگىزمۇ ئاياللارنى كەمسىتىش بولماستىن، بەلكى ئاياللاردىكى پۇل – مۇئامىلە ئىشلىرىغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەسلىك، جېدەل – ماجىرادا ئاسان ئۆزىنى تۇتالماسلىق ۋە ھېسسىياتىغا بېرىلىپ كېتىش كەبى تەبىئىتىگە ئالاقىدار دېيىشكە بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇنىڭ ۋەجىنى ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئەگەر ئىككى ئەر كىشى يوق بولسا، سىلەر رازى بولىدىغان كىشىلەردىن بىر ئەر ۋە ئىككى ئايالنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار! بۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرسى ئۇنتۇپ قالسا، ئىككىنچىسى ئېسىگە سالىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 282) دېگەن ئايەتىگە مۇۋاپىق ھالدا «ئاياللارنىڭ گۇۋاھلىقى ئەرلەرنىڭ گۇۋاھلىقىنىڭ يېرىمىغا تەڭ بولۇشى» دەپ ئىزاھلىغان. دېمەك، بۇ يەردىكى ئەقلى قىسقىلىق پۇل – مۇئامىلە ئىشلىرىنى ئەستە تۇتۇشتىكى كەمچىلىك بولۇپ، بۇ مۇتلەق ياكى يارىتىلىشتىكى قۇسۇر بولماستىن، نىسبىي قۇسۇردۇر. ئەلبەتتە بۇ خىل سۈپەتلەش جىمى ئاياللارغا بېرىلگەن ھۆكۈم ئەمەس، بەلكى كۆپىنچىسىگە بېرىلگەن ھۆكۈمدۇر. شۇڭلاشقا «ھەرقانداق ئايال زاتىدا تېپىلىدۇ» دېگىلى بولمايدۇ. ئاياللارنىڭ پۇل – مۇئامىلە ئىشلىرىنى ئەرلەرگە قارىغاندا كۆپرەك ئۇنتۇپ قالىدىغانلىقىغا يۇقىرىقى ئايەت يېتەرلىك دەلىل بولۇش بىلەن بىرگە، ھەيز، تۇغۇت، بالا ئېمىتىش قاتارلىقلارنىڭ ئۇنتۇشقا سەۋەب بولىدىغانلىقى زامانىۋى نېرۋا تەتقىقاتىدىمۇ ئىسپاتلانغان بىر ھەقىقەتتۇر. ئەلبەتتە ئاياللارنىڭ ئىچىدە زېرەكلىك ۋە بىلىمدە نۇرغۇن ئەرلەرنى بېسىپ چۈشىدىغانلىرى، ھەتتا قول ئاستىدا بىرمۇنچە ئەرلەر پەرمانبەردارلىق قىلىدىغانلىرىمۇ يوق ئەمەس. ئۇنتۇشقا ئالاقىدار بۇ قىسمەن ئەھۋال ھەرگىزمۇ ئاياللاردىكى ئەيىبلىنىدىغان نۇقتا بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئاياللىق تەبىئىتىدىكى مۇكەممەللىكتۇر. چۈنكى، ئۇلار ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىدا ئەرلەر بىلەن تەڭ بولسا ئىدى، ھېسسىيات تەرەپتىن ئاجىز بولاتتى – دە، بۇ ئۇلارنىڭ ئاياللىق تەبىئىتىنى زىدىلەيتتى ۋە بىر پۈتۈن ھاياتلىق مۇۋازىنىتى ئاستىن – ئۈستۈن بولۇپ كېتەتتى. قاراڭ: دوكتور مۇھەممەد فەرىد زەريوھ: «المعارضات الفكرية المعاصرة لأحاديث الصحيحين»، 3/1617.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «دىننىڭ كەمتۈكلۈكى»نى «ئاياللار ھەيز كۆرگەن چاغلىرىدا ناماز ئوقۇمايدۇ، روزا تۇتمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن بولۇپ، «بۇ ئېنىق ئىش. چۈنكى، ‹دىن›، ‹ئىمان› ۋە ‹ئىسلام› مەنىداش سۆزلەر بولۇپ، تائەت – ئىبادەتلەرمۇ ‹ئىمان› ۋە ‹دىن› دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، كۆپىنچە ھاللاردا، تائەت – ئىبادەتلىرى كۆپ بولغانلارنىڭ دىنى ۋە ئىمانى زىيادىرەك، تائەت – ئىبادەتلىرى كەم بولغانلارنىڭ دىنى ۋە ئىمانى سۇسراق بولىدۇ. تائەت – ئىبادەتلەرنى قىلالايدىغان تۇرۇقلۇق ئۆزۈرسىز قىلمىسا گۇناھكار بولسا، ۋاجىب بولمىغان ئەھۋاللاردا گۇناھكار بولمايدۇ. بەزىدە (شەرئىي) ئۆزرە سەۋەبلىك تائەت – ئىبادەت قىلماسلىققىمۇ بۇيرۇلىدۇ، ھەتتا ھەيزدار ھالەتتە روزا تۇتۇش ۋە ناماز ئوقۇش ھارامدۇر». قاراڭ: نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 1/176.

دېمەك، دىننىڭ كەمتۈكلۈكى ھەيز ۋە نىپاسدارلىق تۈپەيلى جىمى تائەت – ئىبادەتلەرنى ئەرلەر بىلەن تەڭ قىلالماسلىق جەھەتتىن بولۇپ، بۇ ھەرگىزمۇ ئاياللار ئۆز خاھىشىچە بېكىتىۋالالايدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ بۇ رېئاللىققا ئىشارە قىلغان ۋە بۇنىڭ ئورنىنى زىكىر – ئىستىغفار ۋە سەدىقە بىلەن، پاك بولغاندا كۆپلەپ تائەت – ئىبادەت قىلىۋېلىش بىلەن تولدۇرۇشقا چاقىرغان. شۇڭا، بۇ ھەدىستە بەزى دەۋر خاۋارىجلىرى ۋە دىن دۈشمەنلىرى چالۋاقىغاندەك «ئاياللارنى كەمسىتىش» بولماستىن، ئەمەلىي ئەھۋالنى سۈپەتلەپ بېرىش ۋە ئۇنىڭغا قارىتا يول كۆرسىتىش بولغان.

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1445، 14 – رەجەب / م. 2024، 26 – يانۋار

 

Please follow and like us: