بۈيۈك ئىسلام قوماندانى خالىد ئىبنى ۋەلىد

(ھ. بۇرۇن 30 – ھ. 21 / م. 592 – 642)

 

خالىد ئىبنى ۋەلىد ئىبنى مۇغىرە مەخزۇمىي بولسا ئىسلام قوماندانى ۋە غازى چەۋەندازى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا «ئاللاھنىڭ قىلىچى» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەرگەن. ئۇ ئىمران، رىم ئەللىرىدە ۋە شامدا جىھاد قىلغان. كېيىن ھۇمۇستا ۋاپات بولۇپ، شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان.

تۇغۇلۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى

خالىد ئىبنى ۋەلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ م. 592 – يىلى مەككىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ۋەلىد ئىبنى مۇغىرە مەخزۇم جەمەتىنىڭ ئاقساقىلى ۋە قۇرەيشنىڭ كاتتىلىرىدىن بىرى بولۇپ، باي، ئابرويلۇق ۋە نوپۇزلۇق كىشى ئىدى. شۇ جەھەتتىن، ئۇ ھەج مەۋسۇملىرىدا ۋە ئۇكاز بازىرىدا كىشىلەرنى غىزالاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىدىن باشقا ئادەملەرنىڭ قازان ئېسىشىنى خالىمايتتى. ئۇ (ئەتراپتىكى كىشىلەرگە كۆپ خەير – ساخاۋەت قىلىدىغان بولغاچقا) «قۇرەيشنىڭ مۇشك – ئەنبەرى» دەپ ئاتالغان ئىدى. چۈنكى، كەبىگە بىر يىلى پۈتۈن قۇرەيشلىكلەر بىرلىشىپ يوپۇق ياپسا، يەنە بىر يىلى ئۇ ئۆز ئالدىغا ياپاتتى. خالىدنىڭ ئانىسى بولسا لۇبابە بىنتى ھارىس ھىلالىيەدۇر.

خالىدنىڭ ئالتە ئوغۇل ئىككى قىز قېرىندىشى بار بولۇپ، ئۇ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە باياشات ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئىدى. خالىد كىچىكىدىن تارتىپلا چەۋەندازلىقنى ئۆگىنىشكە باشلىغان بولۇپ، ئۆزىدە قالتىس چەۋەندازلىق ماھارەتلىرىنى يېتىلدۈرگەنىدى. ئاتنى چۇلۋۇرىنى تۇتماستىن چاپتۇرۇپ، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى قىلىچ بىلەن تەڭ جەڭ قىلالايدىغان ئىككى كىشىنىڭ بىرى خالىد، يەنە بىرى زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام ئىدى. شۇڭا، ئۇ چەۋەندازلىقتىكى يۇقىرى ماھارىتى بىلەن قۇرەيش چەۋەندازلىرىنىڭ قوماندانلىرىدىن بىرى بولغان.

مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇنقى ھالىتى

خالىد ئىبنى ۋەلىد بەدر ئۇرۇشىغا قاتناشمىغان. چۈنكى، مۇسۇلمانلار بىلەن قۇرەيش مۇشرىكلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن بۇ تۇنجى جەڭ بولغان ۋاقىتتا، ئۇ شام دىيارىدا ئىدى. ئۇ ئوھۇد ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ مۇسۇلمانلارغا قارشى جەڭ قىلغان بولۇپ، ئۇرۇشنىڭ ئاخىرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ غەلىبىسىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئايلىنىشىدا ئاساسلىق رول ئوينىغانىدى. ئۇ تاغنىڭ ئۈستىدە قالغان مۇسۇلمان كاماندارلارنى ئۆلتۈرۈپ، مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ، ئارقا تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلغان ۋە بۇ چاغدا مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ ھەرقايسى سەپلىرى نېمە قىلارىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغان بولۇپ، ئۇ بۇلاردىن نۇرغۇنلىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئىدى.

ئەھزاب ئۇرۇشىدا، ئۇ، مۇشرىكلارنىڭ بىر ئاتلىق قىسمىغا قوماندانلىق قىلىپ، مۇسۇلمانلار مەدىنىنى قوغداش ئۈچۈن كولىغان خەندەكلەردىن بۆسۈپ ئۆتمەكچى بولىدۇ. مۇشرىكلارنىڭ ئۇرۇنۇشلىرى كارغا كەلمەي چېكىنىپ قايتقاندا بولسا، ئەمر ئىبنى ئاس بىلەن بىرلىكتە ئارقا سەپنى قوغداپ ماڭىدۇ. ھۇدەيبىيە ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلارنىڭ مەككىگە كىرىشىنى توسۇش ئۈچۈن، قۇرەيش ئاتلىق قوشۇنىغا باش بولىدۇ.

مۇسۇلمان بولۇشى

خالىد ئىبنى ۋەلىد ئىسلامغا كىرىشتە كۆپ ئىككىلەنگەن ئىدى. بىراق، ئۇنىڭ كۆڭلى ئىسلامغا مايىل بولغاچقا، ھىجرىيەنىڭ 8 – يىلى سەپەر ئېيىدا، مەككە فەتىھ قىلىنىشتىن ئالتە ئاي، مۇئتە غازىتىدىن تەخمىنەن ئىككى ئايچە بۇرۇن، كېچىكىپ بولسىمۇ مۇسۇلمان بولىدۇ. خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ مۇسۇلمان بولۇش قىسسىسى ھۇدەيبىيە سۈلھىسىدىن كېيىن بولغان بىر قاتار ئىشلار بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، ئۇنىڭ قېرىندىشى ۋەلىد ئىبنى ۋەلىد مۇسۇلمان بولىدۇ ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قازا ئۆمرەنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەككىگە كىرگەندە، ۋەلىدتىن ئۇنىڭ قېرىندىشى خالىدنى سوراپ: «خالىد قېنى؟» دەيدۇ، ۋەلىد: «ئاللاھ ئۇنى ھازىر قىلىدۇ» دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «خالىدتەك بىر كىشى ئىسلامنى چۈشەنمەي قالمايدۇ. ئەگەر ئۇ مۇسۇلمانلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ مۇشرىكلارغا قارشى كۈرەش قىلغان بولسا، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى بولغان بولاتتى» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋەلىد قېرىندىشى خالىدنى ئىزدەيدۇ – يۇ، تاپالمايدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا بىر مەكتۇپ قالدۇرىدۇ. ئۇ، مەكتۇپتا مۇنداق دەيدۇ:

«ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن. مەن سېنىڭ ئىسلامدىن باش تارتقانلىقىڭدىن ئانچە ھەيرانلىق ھېس قىلمايمەن، سەن ئەقىللىق ئادەم، ئەقىللىق ئادەم ئىسلامنى چۈشەنمەي قالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەندىن سېنى سوراپ: ‹خالىد قېنى؟› دېدى، مەن ئۇنىڭغا: ‹ئاللاھ ئۇنى ھازىر قىلىدۇ› دېدىم. ئۇ: ‹ئۇنىڭدەك بىر كىشى ئىسلامنى چۈشەنمەي قالمايدۇ. ئەگەر ئۇ مۇسۇلمانلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ مۇشرىكلارغا قارشى كۈرەش قىلغان بولسا، ئەلۋەتتە، ئۆزى ئۈچۈن ياخشى بولغان بولاتتى، بىزمۇ ئۇنىڭغا ئۈستۈن نەزەردە قارىغان بولاتتۇق› دېدى. ئەي قېرىندىشىم! سەن قولدىن بېرىپ قويغانلىرىڭنى تېپىۋېلىشقا تىرىشقىن، سەندىن كۆپلىگەن ياخشى پۇرسەتلەر كېتىپ قالدى».

خالىد رەزىيەللاھ ئەنھۇ ئىسلام توغرۇلۇق ئويلىنىپ تۇراتتى، قېرىندىشىنىڭ خېتىنى ئوقۇپ ناھايىتى خۇرسەن بولدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىدىن تەسىرلەندى. نەتىجىدە، ئۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ، مۇسۇلمان بولدى([1]).

چۈش

خالىد ئىبنى ۋەلىد بىر چۈش كۆرىدۇ، چۈشىدە ئۆزىنىڭ قاقاس، تار بىر جايدا تۇرغانلىقىنى، ئاندىن بىپايان يېشىللىققا پۈركەنگەن بىر جايغا چىققانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ كۆڭلىدە: «ئەجەب بىر ياخشى چۈش كۆردۈم» دەيدۇ. ئۇ مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن چۈشىنى ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا سۆزلەپ بېرىدۇ. ئەبۇبەكرى ئۇنىڭغا: «يېشىللىققا پۈركەنگەن بىپايان جايغا چىققانلىقىڭ بولسا، ئاللاھنىڭ سېنى توغرا يولغا باشلىغانلىقىدۇر. قاقاس، تار جاي بولسا سېنىڭ ئىلگىرىكى مۇشرىك ھالىتىڭدۇر» دەيدۇ([2]).

مەدىنىگە سەپەر قىلىشى

خالىد ئۆزىنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە قىلغان سەپىرى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىرەر دوستۇمنىڭ ئۇچراپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىپ تۇرسام، ئوسمان ئىبنى تەلھە ئۇچراپ قالدى. مەن ئۇنىڭغا مەقسىتىمنى ئېيتسام، ئۇ تېزلا ماڭا قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز بىرلىكتە ئاتلىنىپ، يوشۇرۇن ھالدا، كەچتە يولغا چىقتۇق، تۈزلەڭلىكتە تۇرساق ئەمر ئىبنى ئاس چىقىپ كەلدى. ئۇ:

_ مەرھابا! قارشى ئالىمىز، _ دېدى. بىزمۇ:

_ قارشى ئالىمىز! _ دېدۇق. ئۇ:

_ سەپىرىڭلار قاياققا؟ _ دەپ سورىۋىدى، بىز ئۇنىڭغا مەقسىتىمىزنى ئېيتتۇق. ئۇمۇ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ماڭغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن ھەممىمىز بىللە مېڭىپ، ھىجرىيەنىڭ 8 – يىلى سەپەر ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى مەدىنىگە كەلدۇق».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى كۆرۈپ، ساھابىلىرىگە: «مەككە ئۆزىنىڭ ئېسىل كىشىلىرىنى سىلەرگە ئەۋەتىپتۇ» دەيدۇ. خالىد مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا سالام قىلدىم. ئۇ ئىللىق چىراي ھالدا سالىمىمنى ئىلىك ئالدى، ئاندىن مەن شاھادەت ئېيتىپ، مۇسۇلمان بولدۇم. شۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹سېنى ھىدايەتكە باشلىغان ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇن! مەن ئەقلىڭنى سېنى پەقەت ياخشىلىققىلا باشلايدۇ، دەپ قاراپ كەلگەنىدىم› دېدى. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلىپ: ‹ئاللاھنىڭ يولىغا قارشى چىقىپ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىم ئۈچۈن ئاللاھدىن مەغپىرەت تىلىگەن بولسىلا› دېسەم، ئۇ: ‹ئىسلام كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنى يوق قىلىدۇ› دېدى. مەن: ‹ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن شۇنىڭغا بەيئەت قىلدىم› دېدىم. ئۇ: ‹ئى ئاللاھىم! خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ سېنىڭ يولۇڭغا قارشى چىقىپ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغىن› دېدى. ئەمر ئىبنى ئاس ۋە ئوسمان ئىبنى تەلھەلەرمۇ ئالدىغا چىقىپ مۇسۇلمان بولدى ۋە بەيئەت قىلدى»([3]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خالىد توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «خالىد ئىبنى ۋەلىد نېمىدېگەن ياخشى بەندە – ھە! ئۇ ئاللاھنىڭ قىلىچلىرىدىن بىر قىلىچتۇر»([4]).

مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىنكى ھالىتى

خالىد ئىبنى ۋەلىد تۇنجى قېتىملىق غازىتى ھېسابلىنىدىغان غەساسىنە پادىشاھلىقى بىلەن رىمغا قارشى مۇئتە غازىتىغا قاتناشقان. بۇ غازاتتا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈچ قوماندانى – زەيد ئىبنى ھارىسە، جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىب، ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە قاتارلىقلار شېھىد بولۇپ كېتىدۇ. ئاندىن بايراقنى سابىت ئىبنى ئەرقەم دەرھال قولىغا ئېلىپ، ئېگىز كۆتۈرىدۇ ۋە خالىدنىڭ قېشىغا تېز بېرىپ، ئۇنىڭغا:

_ ئەي ئەبۇ سۇلايمان! بايراقنى سەن تۇت، _ دەيدۇ. خالىد ئۆزىنى بايراقنى تۇتۇشقا لايىق كەلمەيمەن دەپ ئويلاپ:

_ ياق! بايراقنى مەن تۇتمايمەن، ئۇنىڭغا سەن لايىق. سېنىڭ يېشىڭمۇ مېنىڭكىدىن چوڭ ھەم سەن بەدر ئۇرۇشىغا قاتناشقان، – دەپ ئۆزرە ئېيتىدۇ.

سابىت جاۋابەن:

_ بايراقنى سەن تۇت، ئۇرۇش قىلىشنى ماڭا قارىغاندا ياخشى بىلىسەن. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن بايراقنى پەقەت سەن ئۈچۈن قولۇمغا ئالدىم، _ دەيدۇ ۋە ئاندىن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا: خالىدنىڭ ئەمىر بولۇشىغا رازى بولامسىلەر؟ _ دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار:

_ شۇنداق، رازى بولىمىز! _ دېگەندىن كېيىن خالىد بايراقنى قولغا ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇ سەۋەبلىك مۇسۇلمانلارنىڭ قوشۇنىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. خالىد مۇنداق دەيدۇ: «مۇئتە كۈنى توققۇز دانە قىلىچ سۇنۇپ كەتكەن بولۇپ، قولۇمدا پەقەت يەمەننىڭ بىر قىلىچى قالغان ئىدى»([5]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرگە ئۇشبۇ ئۇرۇشتىن خەۋەر بەرگەندە مۇنداق دېگەن: «بايراقنى زەيد كۆتۈردى، ئۇ يېقىلدى. ئاندىن جەئفەر كۆتۈردى، ئۇمۇ يىقىلدى. ئاندىن ئىبنى رەۋاھە كۆتۈردى، ئۇمۇ يىقىلدى، _ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار تاراملاۋاتاتتى _ ئاخىرىدا بايراقنى ئاللاھنىڭ قىلىچلىرىدىن بىرى تۇتتى – دە، ئاللاھ ئۇلارغا نۇسرەت ئاتا قىلدى»([6]). خالىد شۇ كۈندىن باشلاپ «ئاللاھنىڭ قىلىچى» دەپ ئاتالغان ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى مەككىنى فەتىھ قىلىش ئۈچۈن ئاتلانغان ئىسلام قوشۇنلىرىنىڭ بىرىگە ئەمىر قىلغانىدى. ئۇندىن باشقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى تەبۇك غازىتى ئارىلىقىدا دەۋمەتۇل جەندەل پادىشاھى ئۇكەيدىرنى تۇتۇپ كېلىش ئۈچۈن، بىر قوشۇنغا باش قىلغان ئىدى. شۇنداقلا يەنە، خالىد ھۇنەين غازىتى([7]) كۈنى مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە يارىلانغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى يوقلاپ كېلىپ، ئۇنىڭ جاراھىتىگە سۈفلەپ قويغان، ئاندىن ئۇنىڭ جاراھىتى ساقىيىپ قالغانىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى دەۋمەتۇل جەندەل پادىشاھى ئۇكەيدىر ئىبنى ئابدۇلمەلىكنى تۇتۇپ كېلىشكە ئەۋەتكەندە، خالىد ئۇنى ئەسىرگە ئېلىپ رەسۇلۇللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرگەن. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام ئۇكەيدىر بىلەن ئۇنىڭ جىزيە تاپشۇرۇشى توغرۇلۇق سۈلھىلەشكەن، سۈلھىدىن كېيىن ئۇنى ئۆز شەھرىگە قايتۇرۇۋەتكەن ئىدى.

خالىد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن بەنى ھارىس ئىبنى كەئب ئىبنى مەدھىج قەبىلىسىگە (ئىسلام دەۋىتى ئۈچۈن) ئون يىللىق ئەۋەتىلگەن. بۇ قەبىلىدىن بىر قىسىم كىشىلەر (مەدىنىگە) خالىد بىلەن بىللە كېلىپ مۇسۇلمان بولغان، ئاندىن ئۇلار نەجراندىكى قەۋمى يېنىغا قايتىپ كەتكەن.

مۇرتەدلەر ئۇرۇشىدىكى رولى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات تاپقاندىن كېيىن، خەلىپە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خالىدنى مۇرتەدلەرگە قارشى ئۇرۇشقا قوماندان قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خالىد ئىبنى ۋەلىد ئۆز قوشۇنى بىلەن پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلغان ئايال _ سەجاھ بىلەن ئېلىشىدۇ. شۇنداقلا يەنە، پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ خەتەرلىكى، قوللىغۇچىلىرى ۋە قوشۇنلىرى ئەڭ كۆپ بولغان مۇسەيلىمە كاززاپ بىلەن ئېلىشىدۇ. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قاتتىق جەڭ بولۇپ، بۇ جەڭ بەنى ھەنىيفە قەبىلىسىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى ۋە مۇسەيلىمە كاززاپنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن ئاياغلىشىدۇ. ئۇ يەنە، مۇرتەد دەپ ئەيىبلەنگەن مالىك ئىبنى نۇۋەيرە بىلەنمۇ ئۇرۇشىدۇ. لېكىن، كىشىلەر مالىك ئىبنى نۇۋەيرەنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى توغرۇلۇق ھەرخىل پىكىردە بولۇپ، بەزىلىرى: «خالىد ئۇنى خاتا گۇمان بىلەن، ئۇنىڭدىن ئاڭلىغان بىر گەپكە ئاساسەن ئۆلتۈرۈۋەتتى» دېيىشكەنىدى. ئەبۇ قەتادە خالىدنىڭ بۇ ئىشىنى ئەيىبلەپ، ئەمدى ئۇنىڭ بايرىقى ئاستىدا ئۇرۇش قىلمايدىغانلىقىغا قەسەم ئىچكەن. ئۆمەر ئىبنى خەتتابمۇ ئۇنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

پارس ئېلىنى فەتىھ قىلىشتىكى رولى

ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۈممەتنى پارچىلاپ ئىسلامنى بەربات قىلغىلى تاس قالغان مۇرتەدلىك پىتنىسىنى يوقاتقاندىن كېيىن، ئىسلام دۆلىتى چېگرالىرىنى ئەمىن قىلىش ۋە ئىسلامغا يامانلىق ئارزۇ قىلىدىغان پارسلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇش مەقسىتىدە ئىراققا يۈزلىنىدۇ.

ئەبۇبەكرى ئەنە شۇ ۋەزىپە ئۈچۈن ئەۋەتكەن قوماندانلار قاتارىدا خالىد ئىبنى ۋەلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ بار ئىدى. خالىد پارسلار ئۈستىدىن بىر قاتار غەلىبىلەرنى ئوڭۇشلۇق روياپقا چىقىرىدۇ. خالىد ئالغا ئىلگىرىلەپ ۋە فەتىھلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئىراقنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىنى فەتىھ قىلىدۇ. ئاندىن ئەنبارنى فەتىھ قىلىشقا ئاتلىنىدۇ. بىراق، ئەنبارلىقلار قورغانلىرى بىلەن قوغدانغان بولۇپ، ئەنبارنىڭ ئەتراپىدا ئۆتۈش قىيىن بولغان چوڭ خەندەكلەر بار ئىدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ بۇ چارە – تەدبىرلىرى خالىدنى بوشاشتۇرالمايدۇ. خالىد قوشۇنلىرىنى قورغانلىرى بىلەن قوغدىنىۋالغان دۈشمەن قوشۇنلىرىنىڭ كۆزلىرىگە ئوق ئېتىشقا بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭ بىلەن دۈشمەن تەرەپتىن مىڭچە كىشىنىڭ كۆزى يارىلىنىدۇ. ئاندىن خالىد ئاجىز ۋە ئورۇق تۆگىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرىدۇ. خالىدنىڭ ئوقياچىلىرى مۇستەھكەم ۋە ئېگىز قورغاننىڭ تاملىرى ئۈستىدىن ئۆزلىرىگە يامانلىق كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان دۈشمەنلەردىن خالىدنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن ئوقلارنى ياغدۇرۇپ تۇرۇۋاتقان پەيتتە، ئۇ تۆگىلەرنى خەندەكنىڭ ئەڭ تار يېرىگە تاشلاپ، مۇسۇلمانلارنىڭ چەۋەندازلىرى ئۆتكۈدەك كۆۋرۈك ھاسىل قىلىدۇ. پارس قوماندانى خالىد ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى كۆرۈپ سۈلھىلىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەنبار مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلكىگە ئۆتىدۇ.

كېيىن خالىد ئەينتەمرگە قاراپ ئاتلىنىدۇ. ئۇ يەردە زور ساندىكى پارسلار توپلىشىپ تۇرغان بولۇپ، ئۇلارغا بەزى ئەرەب قەبىلىلىرى ياردەمگە كەلگەنىدى. ئۇلارغا خالىدنىڭ كەلگەنلىك خەۋىرى يەتكەندە كۆپىنچىسى قېچىپ كېتىدۇ، قالغانلىرى قورغانغا بېكىنىۋالىدۇ. خالىد قورغاننى قورشىغاندىن كېيىن قورغاندىكىلەر تەسلىم بولىدۇ. ئاندىن خالىد ئەينتەمرگە ئۇۋەيم ئىبنى كاھىل ئەسلەمىينى ئورۇنباسار قىلىپ تەيىنلەپ، ئۆزى قوشۇننى باشلاپ دەۋمەتۇل جەندەلگە قاراپ ئاتلىنىدۇ ۋە ئۇ يەرنىمۇ فەتىھ قىلىدۇ.

شام دىيارىنى فەتىھ قىلىشتىكى رولى

خالىد ئىبنى ۋەلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىراقنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىم قىلىپ، پارسلار ئۈستىدىن نۇسرەت قازانغاندىن كېيىن، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ فەتىھ يۈرۈشلىرىنى شامغا قارىتىشنى توغرا تاپىدۇ. خالىد ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ شۇنداق سادىق قوماندانى ئىدىكى، ئۇ ھەرقانداق ئورۇندىكى دۈشمەنلەرگە خالىد بىلەن زەربە بېرەتتى. ئۇ خالىد توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن خالىد ئارقىلىق رىمغا شەيتاننىڭ ۋەسۋەسەلىرىنى ئۇنتۇلدۇرىمەن»([8]).

خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەبۇبەكرىنىڭ ئۆزىدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويماي، شامدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قوشۇنىغا تېزلىكتە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، سەماۋە چۆلى ئارقىلىق ئەڭ يېقىن يولدا مېڭىپ، قىسقا ۋاقىتتا شامغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ بارىدۇ.

خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شامغا يېتىپ بېرىپلا، دۈشمەنگە ئوڭۇشلۇق تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ قوشۇنلىرىنى بىر بايراق ئاستىغا توپلايدۇ ۋە قايتىدىن رەتلەپ چىقىدۇ، ئاندىن قوشۇننى دۈشمەننىڭ كۆزىگە كۆپ كۆرسىتىپ، دۈشمەننىڭ يۈرىكىگە قورقۇنچ سېلىش ئۈچۈن، قوشۇننى تۆت بۆلۈككە بۆلىدۇ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قومانداندانلىرىدىن ھەربىرىنى بىردىن بۆلۈككە باش قىلىدۇ. ئەبۇ ئۇبەيدەنى 18 مىڭغا باش قىلىپ، ئۇنى ئوتتۇرىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئىكرەمە ئىبنى ئەبۇ جەھل ۋە قەئقا ئىبنى ئەمرلەر ئەبۇ ئۇبەيدە بىلەن بىر سەپتە بولىدۇ. ئەمر ئىبنى ئاسنى 10 مىڭغا باش قىلىپ، ئۇنى ئوڭ قاناتقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. شۇرەھبىل ئىبنى ھەسەنە ئەمر بىلەن بىر سەپتە بولىدۇ، يەزىد ئىبنى ئەبۇ سۇفياننى مىڭغا باش قىلىپ، ئۇنى سول قاناتقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

مۇسۇلمانلار بىلەن رىملىقلار يەرمۇك ۋادىسىدا ئۇچرىشىدۇ. مۇسۇلمانلار رىملىقلارغا قاتتىق ھۇجۇم قوزغاپ، ناھايىتى پىداكارلىق كۆرسىتىدۇ ۋە ئاخىرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ پىشانىسىگە غەلىبە پۈتۈلىدۇ. ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئازراق بۇرۇن ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات تېپىپ كېتىدۇ ۋە خەلىپىلىكنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۈستىگە ئالىدۇ. ئاندىن ھەزرىتى ئۆمەر كىشىلەرنىڭ «خالىدنىڭ قوماندانلىقىسىز غەلىبە قازانغىلى بولمايدۇ» دەپ ئويلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھنى قوشۇننىڭ ئەمىرلىكىگە تەيىنلەپ، خالىدنى مەنسەپتىن قالدۇرغانلىقى توغرىسىدا ئەبۇ ئۇبەيدەگە مەكتۇپ يوللايدۇ. لېكىن، ئەبۇ ئۇبەيدە خالىدنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا نۇسرەت قازىنىپ ئۇرۇش ئاياغلاشقۇچە مەكتۇپنى يوشۇرۇن تۇتۇشنى مۇناسىپ كۆرىدۇ. بۇ جەڭدە مۇسۇلمانلار تەرەپتىن نۇرغۇن ساھابىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ مىڭچە كىشى شېھىد بولىدۇ.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خالىد ئىبنى ۋەلىدنى مەنسەپتىن قالدۇرۇپ، ئەبۇ ئۇبەيدەنى قوشۇننىڭ ئەمىرى قىلىپ تەيىنلىشى بىلەن خالىدنىڭ ئىسلام فەتىھلىرىدىكى رولى تۈگەپ قالمايدۇ، بەلكى خالىد جەڭگاھ چەۋەندازلىرى ئىچىدىكى بىر چەۋەنداز ۋە بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەك جەڭ قەھرىمانلىرى ئىچىدىكى بىر قەھرىمان بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ سەپلىرىدە داۋاملىق ئۇرۇش قىلىدۇ.

ئۇنىڭ دەمەشق، ھۇمۇس ۋە قىننىسرىن قاتارلىق جايلارنى فەتىھ قىلىشتا كۆرۈنەرلىك رولى بولغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىسلام ئەسكەرلىرى ئىچىدىكى بىر لەشكەر بولۇپ قېلىشى ئۇنىڭ بېلىنى بوشاشتۇرۇپ قويالمايدۇ. ئۇنىڭ قوماندان ۋە ئەمىرلىكتىن ئاددىي بىر ئەسكەرگە ئايلىنىپ قالغانلىقى ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئاجىزلىتىپ قويالمايدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ بۈيۈك غايىسى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش بولۇپ، ئۇ نەدە بولمىسۇن، جىھادنى كۈيلەيتتى.

ئۇنىڭ دۇبۇلغىسى

خالىد ئىبنى ۋەلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دۇبۇلغىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئازراق چېچى بار بولۇپ، خالىد ئۇرۇش قىلغاندا شۇ چاچنىڭ بەرىكىتى بىلەن ئاللاھنىڭ نۇسرەت بېرىشىنى تىلەيتتى. نەتىجىدە، ئۇ ھەمىشە نۇسرەت قازىناتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەجىدە چېچىنى چۈشۈرگەندە ماڭلاي چېچىنى خالىدقا بەرگەن بولۇپ، شۇندىن بېرى بۇ چاچ خالىدنىڭ دۇبۇلغىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدە ساقلاقلىق ئىدى. يەرمۇك غازىتى كۈنى ئۇ دۇبۇلغىسىنى چۈشۈرۈپ قويغاندا، دۇبۇلغىسىنى ئىزدەپ ئۆزىنىمۇ ۋە باشقىلارنىمۇ ھالسىرىتىۋەتكەن ئىدى. شۇ سەۋەبلىك باشقىلار ئۇنىڭغا كايىغاندا، ئۇ: «ئۇنىڭ ئىچىدە رەسۇلۇللاھنىڭ ئازراق ماڭلاي چېچى بار ئىدى، مەن شۇ ئارقىلىق ئۈمىدۋار بولاتتىم ۋە شۇ ئارقىلىق نۇسرەت تىلەيتتىم» دېگەنىدى.

ئۇنىڭ ئۆلۈش ئالدىدا دېگەن سۆزى

خالىد ئىبنى ۋەلىد ھ. 21 – يىلى 18 – رامىزان / م. 642 – يىلى 20 – ئاۋغۇست ھۇمۇستا ۋاپات تاپتى. ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىدىن چىققان قايغۇلۇق ۋە ئىسسىق ياش تامچىلىرى مەڭزىنى بويلاپ تۆۋەنگە سىرغىدى. ئۇ ئۆلۈمدىن قورققانلىقتىن ياش تۆكمىگەن ئىدى. چۈنكى، ئۇ ئۆمۈر بويى جەڭلەردە ئۆتكۈر قىلىچى ئارقىلىق ئۆلۈم بىلەن ئېلىشىپ، جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ، ئۆزىنى ئۆلۈم نەيزىلىرىنىڭ ئۇچىغا تەڭلىگەن زات ئىدى. ئۇنىڭ قايغۇسى ۋە يىغىسى شېھىدلىككە تەلپۈنگەنلىكى ئۈچۈن بولۇپ، تۆشەك ئۈستىدە ئۆلۈش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلگەن ئىدى. ئۇ جەڭ مەيدانلىرىنى ئىزدەپ يۈرىدىغان، ئۇنىڭ سۈر – ھەيۋىسىدىن دۈشمەنلىرىنىڭ يۈرىكى تىترەپ ئۆزلىرىنى قويغۇدەك يەر تاپالماي قالىدىغان زات ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ قايغۇسى ۋە ھەسرىتىنى ئىپادىلەپ، ئاخىرقى نەپەسلىرىدە قاتتىق ئەلەم بىلەن مۇنداق دېگەن: «شۇنچە كۆپ جەڭلەرگە قاتناشتىمكى، بەدىنىمدە قىلىچ، نەيزە ۋە ئوق يارىسى بولمىغان ھېچقانداق بىر يەر قالمىدى، لېكىن كۆرۈۋاتىسىلەركى، مەن خۇددى تۆگىلەرگە ئوخشاش ياتقان جايىمدا جان ئۈزۈۋاتىمەن. قورقۇنچاقلار دۇنيادا راھەت يۈزى كۆرمىگەي، ئىلاھىم!»([9]).

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلىغان چاغدا مۇنداق دېگەن: «مەخزۇم جەمەتى ئاياللىرىنى ئەبۇ سۇلايمانغا([10]) يىغلىغىلى قويۇڭلار. چۈنكى، ئۇلار يالغان – ياۋىداق ئارىلاشتۇرمايدۇ. مەرسىيە ئوقۇيدىغان ئاياللار ئەبۇ سۇلايماندەك بىر كىشىگە مەرسىيە ئوقۇپ يىغلىسۇن».

 

مەنبە: تامىر بەدرنىڭ «ئۇنتۇلماس قوماندانلار (قادة لا تنسى)» ناملىق ئەسىرى.

تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي

———————————————————
([1]) ئىبنى كەسر: «سىيرە نەبەۋىييە»، 451/3 ، بەيھەقىي: «دەلائىلۇ نۇبۇۋۋە»، 350/4.
([2]) ئىبنى كەسر: «سىيرە نەبەۋىييە»، 451/3 ، بەيھەقىي: «دەلائىلۇ نۇبۇۋۋە»، 350/4.
([3]) ئىبنى كەسر: «سىيرە نەبەۋىييە»، 453/3 ، بەيھەقىي: «دەلائىلۇ نۇبۇۋۋە»، 351/4.
([4]) «تىرمىزىي»، 3846 – ھەدىس، تىرمىزىي «ھەسەن » دەپ باھالىغان.
([5]) «بۇخارىي»، 4265 – ھەدىس.
([6]) «بۇخارىي»: «ساھابىلەرنىڭ پەزىلەتلىرى بۆلۈمى»نىڭ «خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ خىسلەتلىرى» قىسمى، 3547 – ھەدىس.
([7]) «ھۇنەين غازىتى»: م. 630 – يىل 8 – ئايدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن تائىفتىكى ھاۋازىن مۇشرىكلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش. بۇ غازات قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان.
([8]) تەبەرىي: «تارىخۇررۇسۇل ۋەلمۇلۇك»، 3/408. يەنى ئۇلارغا ئارام بەرمەيمەن دېمەكچى.
([9]) ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 129/7.
([10]) ئەبۇ سۇلايمان: خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كۇنيەسى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز